مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1392|ئىنكاس: 13

ئېچىۋېتىلگەن خاتىرە ( زىيالىينىڭ كۈندىلىك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياخشى دوست-بىباھا گۆھەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11523
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2271 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-3 04:13:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 كۈندىلىك خاتىرەمنىڭ 1-، 2- قىسمىنى ئېلان قىلىپ ئاز تولا قوللاشقا ۋە ئاچچىق گەپ،تاپا- تەنىگە ئۇچرىغان بولساممۇ، ئاخىرىنى يەنە داۋاملىق يوللاپ ئۆز ئىجادىيەت يولۇم ۋە مەيدانىمدىن ۋاز كەچمەسلىكىنى توغرا تاپتىم. دوستلار، قېرىنداشلار قوللىسۇن~ دۈشمەنلەر، نائەھلىلەر تىللىسۇن! مەيلى ......
   1. قىسىم ئادرىسى : https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-34688.0html

   2. قىسىم ئادرىسى :https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-34759.0html

ئەگەر بۇ كۈندىلىك خاتىرەمدىكى مەلۇم ئەسلىمىلەر سىزنىڭ ئەينى بىر گۈزەل ياشلىق ئەسلىمىڭىزنى ئەسكە سالسا ۋە ياكى سىزنى مەلۇم تۇرمۇش ھەقىقىتى توغرىسىدا ئويلاندۇرۇش، جەمئىيەت مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئويلىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتسە ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن!



3- قىسىم ئېچىۋېتىلگەن خاتىرە ( تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىق 2001- يىلى 9-ئايدىن،2002 -يىلى 9- ئايغىچە)
بۈگۈن مەن سىنىپتا كۈلكىگە قالدىم، مەكتەپتىن ئوچۇق دەرس ئاڭلىغان ئىدى، مەن سىنىپ باشلىقى بولغاچقا مۇئەللىم مەندىن جىقراق سوئال سورىدى. تۇيۇقسىز مەندىن چوڭ بولغاندىكى ئارزۇيىڭىز نېمە دەپ سورىغانتى، مەن گۈدەك خياللىرىم بىلەن < خا دەيفۇ لىقتا ئوقۇيمەن > دېدىم. شۇنىڭ بىلەن تەڭ پۈتۈن سىنىپتىكى ئون نەچچە ئوقۇتقۇچى كۈلۈپ كەتتى. مەندەك بىر سەھرا يېگىتى خا دەيفۇ دېگەننى قانداق چۈشەنسۇن؟ نېمىنى خاتا قىلغىنىمنى بىلمىدىم. دەرستىن چۈشسەم ،مالىم ماڭا< ئۇكا، خا دېگەن قاراقاش لوقمان دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى خالىق دوختۇر دېگەن گەپ، دەيفۇ دېگەن گەپ دوختۇر دېگەنلىك شۇ، بىز  يىشېڭ  دەپ ئۆگەنگەن. يەرلىك خەلق بۇ داڭلىق دوختۇرنى خا دەيفۇ دەپ ئادەتلەنگەن، ئۇ دېگەن ئۇنۋان نامى ئەمەس > دېدى. راس ئويلىسام بەك كۈلكىلىك ئىش قىپتىمەن. خەپ ، ئەمدى خەنزۇتىلى دېگەننى ئۈگەنمىسەم ، ئەمما مەن تېخىچە خەنزۇ خەتنىڭ ئۈستىگە پىننيچىنى تولدۇرۇپ يازىمەن، مەن ،سەن ، ئۇ دىن باشقىنى بىلمەيمەن. قانداق ئۆگىنەمەن. ئۆيدىكىلەر تېخى ساۋاتسىز، ئەجەپ بېشىم قاتتى. ....
2001-يىلى 9- ئاينىڭ 11. كۈنى سەيشەنبە.



بۈگۈن بىز قۇرت تەرگىلى ئۈژمىلىككە باردۇق. ھەممىمىز ئۈژمە غازاڭلىرىغا چۈشكەن قۇرتلارنى ئۈژمىگە يامىشىپ تېرىپ چىقتۇق، كىم جىق تەرسە شۇنىڭغا جىق مۇكاپات بېرىدىكەن، مەن سىنىپ بويىچە ئىككىنچى بولدۇم. بىز بارلىق ئۈجمە دەرەخلىرىنىڭ بېلىگە سۇليام چېگىپ چىقتۇق، ئاڭلىساق قۇرت چىقالمايدىكەن. بۇ قۇرتلارنى نېمىشقا تېرىمىز دېسەم، دەرەخلەرگە زېيانلىق دەيدۇ... بىز ياكى بىر توخۇ، قۇش بولمىساق قۇرت تېرىپ، قۇرت تازىلايدىغان، قىززىق ئىشتە...
2002- يىلى 6- ئاينىڭ 7- كۈنى جۈمە.
( ئەينى ۋاقىتتا ئۈجمە دەرەخلىرىدىكى قۇرت تازىلاشنىڭ سەۋەبىنى ئۇقمايتتىم، ھازىر چوڭ بولدۇم، ماتىرياللارغا قارىسام، خېمىيۋى دورىلارنىڭ چەكتىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىلىشى ۋە قۇشقاچنىڭ چەكتىن ئاشۇرۇلۇپ تۇتۇلۇپ دورىلىققا ئىشلىتىلىشى قۇشلارنىڭ سانىنىڭ كەملەپ كېتىشى ۋە ئۈژمە دەرىخىدىكى قۇرتلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پۈتۈن خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە يامرىغان ، جۈملىدىن ناھىيمىز قاراقاش ناھىيسىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە... ئەينى يىللاردا خوتەندە پىلە بېقىش دېھقانلارنىڭ ئاساسلىق قۇشۇمچە ئىقتىسادىي كىرىمى بولۇپ، پىلە قۇرتى ئۈژمە يوپۇرمىقىنى ئىستىمال قىلغاچقا، بۇ پىلە قۇرتى مەھسۇلاتىغا زور تەسىر يەتكۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئىشچى - خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئۈژمە دەرىخىدىكى قۇتلارنى تېرىش ۋە ئۈژمە دەرىخىگە سۇلياۋدىن بەللىك باغلاش پائاليتىگە سەپەرۋەر قىلغان ئىكەن.
تەبىئەتتىن ناتوغرا پايدىلىنىش، ئاچكۆزلۈك، تەبىئەت ئانىغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك بىزنى يامان ئاقىۋەتلەرگە دۇچار قىلىدۇ ۋە بىزنى دېشۋارچىلىققا سالىدۇ. )
_________ زىيالىي. كۈندىلىك خاتىرەمدىن
( كېلەركى ساندا ھاياتىمنىڭ ئەڭ چوڭ بۇرىلىش نۇختىسى بولغان تۇلۇقسىز ئۈچىنچى يىللىقتىكى مۇھەببەت ۋەسۋەسىسى ۋە ئۆگىنىش ، ئىمتىھان ئوتتۇرىسىدىكى سەبىي ئەسلىمىلەر ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ. چۈنكى مەن بىرسىنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ئۆزۈمنى ھەقىقىي تونۇغان ،ئۆزۈمنىڭ بۇ دۇنيادا ھايات ياشاۋاتقان بەندە ئىكەنلىكىمنى بىلگەن ئىدىم. بۇندىن كېيىنكى خاتىرەمدە ، تەپەككۇر قىلىش ، ئويلىنىش باسقۇچى بولىدۇ ، ئىمكان بار، مۇھەببەت ھەم ئۈگىنىش خاتىرىلىرىمنى چىن ھالد ا ئاشكارلاشقا تىرىشىمەن.)

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ». « سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولالماس قالغان كۆڭۈلنى». « لەيلىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك»

تـــۈن - شــامــ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 643
يازما سانى: 794
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13102
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 2609 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-3 05:32:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەبنەمدىكى ئىچىۋىتىلگەن خاتىرىمىكىن دەپتىمەن ،،،
ئەمما لىكىن خاتىردەكلا خاتىرە ئىدى ئۇ ...............................  [s:132]

تولدى بۈگۈن بارچە دىلغا ئىشقى پىراق ، لىكىن كەمدۇر بىر - بىرىگە مىھرى ۋاپا . تىپىلمايدۇ ھىچ كىشىدىن ئىنساپ بىراق ، تارقالدىغۇ ئەجەپ  بىر خىل نىجىس ۋابا . .....بەھرام

ياخشى دوست-بىباھا گۆھەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11523
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2271 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-3 06:44:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  bahram كە 2011-02-03 05:32 AMئەۋەتىلدى  :
شەبنەمدىكى ئىچىۋىتىلگەن خاتىرىمىكىن دەپتىمەن ،،،
ئەمما لىكىن خاتىردەكلا خاتىرە ئىدى ئۇ ...............................  [s:132]
بەھرام تورداش،  بىلىمەن، بۇ  كۈندىلىك خاتىرە  شەبنەمدىكى ئېچىۋېتىلگەن خاتىرىگە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى مەن بۇنى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە    خاتىرەمدىن تاللاپ يوللىدىم.  مەن چىنلىق ،ھەقىقىي ھېسيات ئۈچۈن  ئەينى دەۋردە نېمىنى يازغان بولسام شۇنى  مۇنبەرگە يوللىدىم، پەردازلىمىدىم، ئاھ  پاھ ، ۋاي ،،،دېگەندەك سۈنىي گەپلەرنى قوشمىدىم.  لېكىن بۇ خىل  ئاجايىپ لېرىكىلار  ئەمدى ئوتتۇرغا چىقىدۇ.  چۈنكى ئەمدى تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىق ۋە تولۇق ئوتتۇرا قىسمى بايان قىلىنىدۇ.  ئاخىرىدا ئۇنىۋېرستىت  بايانلىرى مېنىڭچە   مەن ۋە سىز ئاڭلىغان  شەبنەمدىكى  سۈنئىي توقۇلما     ئېچىۋېتىلگەن خاتىرىدىنمۇ       تەسىرلىك  ۋە مەزمۇنلۇق، ئەھمىيەتلىك چىقىدۇ.

  سىز ئۈچۈن قىلچىكىمۇ ئەھمىيەتسىز تويۇلغان بۇ  خاتىرىلەرنىڭ مەن ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم، تولىمۇ نازۇك ھېسلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟  سىزگە قىلچىلىكمۇ  ئەھمىيەتلىك تۇيغۇسى بېرەلمەي، ۋاقىت ئوغرىسى بولۇپ قالغىنىمدىن خىجىلمەن. كەچۈرۈڭ

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ». « سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولالماس قالغان كۆڭۈلنى». « لەيلىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك»

كۈنلىرىم قىممىت

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16384
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9312
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2012-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-3 11:09:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا كۈلكۈلۈك گەپقىپسىز  [s:138]  مەنمۇ كۈلۈپ كەتتىم      لىكىن سىز خاتا گەپ قىلماپسىز

ئالدىراپ كۈلمىگىن تەڭشەپ قۇيىدۇ، دەرد ـ ئەلەم كۈزۈڭنى ياشلاپ قۇيىدۇ . ئۇنۇتما ، بىرگە بىر تەڭشەلگەن جاھان ، نامەرتلەر سىنىمۇ ئالداپ قۇيىدۇ .

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-3 11:13:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
<<خوتەندىن خەت>> يادىمغا يەتتى قۇرىت تېرىشتىن، كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنىڭ ئەھمىيىتى زور. مۇھەببەتكە ئائىت خاتىرلەرنى ئاشكارلاپ سېلىپ بولغۇسى ئايالىڭىزدىن تاياق يەۋالماڭ -ھە! [s:166]

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

كۆكلەي دىسەڭ ئۇي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9318
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10603
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 1604 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-3 11:18:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشلا باشلىماي جىدەل ئويناۋاتامسىلەر نىمە ؟ ياقتۇرمىغانلارنى دۈشمەنلەر ( دۈشمەن دىگەن كىم ، قانداق بولسا دۈشمەن بولىدۇ ؟) نا ئەھلىلەر ( نا ئەھلى بوپ كەتتى دەڭ ) دىمەستىن ، ياقتۇرمىغانلار ئىنكاس يازمىساڭلار بولدى دەپ قويسىڭىز كۇپايىغۇ ساقام . پەقەت ماختاشلا كېرەك ئەمەستۇ ؟ ياخشى چىقىپتۇ . 9 - سىنتەبىر كۈنى سىشەنبە كۈنىكەن ھە .

نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر........~!~!~!

ئاھ مۇساپىرچىلى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28508
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5884
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 1091 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2014-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-3 12:36:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5-قەۋەت (sahar0999) نىڭ يازمىسىغا

[s:166]  [s:166]  [s:166]   ساقام.... [s:134]  [s:134]  [s:134]

پۇتبول تور ناخشا تارىخ مەن ئەڭ قىزىقىدىغان نەرسىلەر .. گەپ يوق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26826
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5048
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2011-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-3 02:20:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىيالىي  ئەپەندىنىڭ 1- ، 2- قىسىم كۈندىلىك خاتىرسىنى ئوقۇغان ۋە ئاخىرىغا تەلپۈنگەن ئىدىم.  ئىشىنىمەنكى سىزنىڭ بۇ ساپ قەلبتىن چىققان سادالىرىڭىز  نۇرغۇنلىغان توداشلىرىمىزنىڭ ئەسلىمىسى بولۇپ قالىدۇ .  

    سىز مەيلى قانداقلا  ئىنكاسلارغا  سازاۋەر بولۇڭ، يېزىڭ،  توختاپ قالماڭ.  كىشلەر سىزگە ئىلمىي نۇختىن باھا بېرىشنى تازا بېلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن.  ئەگەر ناچار تەرەپلىرى بولسا  كۆرسىتىپ،  ئالاھىدىلىك بىلەن ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقسا بولاتتى.

راست، ئادەم بىر ئىلىمنى بىلمىگەندە خاتا گەپ قىلىپ قويىشى تەبىئىي.  خەنزۇتىلىنى بىلمەي تۇرۇپ،  ئادەمنىڭ ئىسىمىنى  كەسىپ قىلىۋېلىشىڭىز تولىمۇ كۈلكىلىك ئىش بوپتۇ. بۇ سىزگە ساۋاق بولۇپ خەنزۇتلىنى ياخشى ئۆگىنىشڭىزگە ساۋاق بولغان بولسا كېرەك.

    ئىنسانلارنىڭ ۋەھشىيانىلىك بىلەن تەبئىەتكە  قىلغان ھوجۇمى  تەبىئەتنىڭ ئۆچ ئېلىشغا ئۇچرايدۇ.   ئاخىرىدا زىياننى ئۆزىمىز تارتىپ، يەنە ئۆزىمىز  ئۆز سەۋەنلىكلىرىمىزنى  تازىلايمىز.

سىزنىڭ مۇھەببەت ھەققىدىكى بايانلىرىڭىزغا قىزىقىمەن.   قېنى ئاخىرى....

تېنىم بۇلغانسىمۇ، قەلبىم بۇلغانمىدى

كىشى ئاخىر ئۆلۈپ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22
يازما سانى: 1127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15549
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 3128 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-3 06:26:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خام شوخلا شۇمىكىن دەپ يۈگۈرەپ كىرىپتىمەن ....

دائىم بىر ھەرپ چۈشۈپ قالىدۇ ھە....

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 3450
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 46023
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6911 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-3 09:47:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈندىلىك خاتىرىنىڭ ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى ئۇئوتمۇشنى ئەسلىتەلەيدۇ ۋەئادەمنىڭ قەلىمىنى ئىتتىكلەشتۇرىدۇ،بۇنىڭدا ئوتكەن ئىشلارنى ئەسلەشسىنڭ بىر ئەھمىيىتى شۇكى ئۇ ئادەمنى تۇرمۇشقا پىشۇرىدۇ.....ۋاقىت ئەزەلدىن ئادەمگە بوي سۇنغان ئەمەس ،بەلكى ئادەم ۋاقىتقا بوي سۇنىشى كىرەك دىمەك ۋاقىت ئوتتىمۇ كەلمەيدۇ..ئۇنى مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك خاتىرىلىرىمىز ئارقىلىق سېغىنىشنىڭ ئۈزىمۇ بىر بەخىت ....يەنە كىلىپ ھەممە ئادەم كۈندىلىك خاتىرە قالدۇرالمايدۇ .ئۇنىڭغىمۇ كوپ غەيرەت كىرەك....كوپ زىھنى كۈچ كىرەك......يەنە كىلىپ تالانتمۇ كېرەك...ياخشى بىر كۈندلىك خاتىرە بەلكىم كەلگۇسىدىكى ياخشى بىر ئەسەرنىڭ ۋە تارىخنىڭ ئاساسى بۇلۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ....ئەڭ قايىل بولدىغىنىم زىيالى ئىنىمنىڭ   ئوزىنىڭ كۈندلىك خاتىرىسىنى مۇنبەرگە سۇنىشى...چۈنكى ھەرقانداق بىر تەلىم تەربىيەنىڭ ئۇزى شۇ ئىنساننىڭ ئوز قەدىر قىممىتىنىڭ مەسھۇلىدىن ئايرىلالمايدۇ....بۇنى كوپ كىشىلەر چۈشىنەلمەسلىكى مۇمكىن ...ئالدىنقى  1-2- قىسىمدىكى خاتىرلەردىكى ئىنكاسلاردابەزى غەلىتە ئىنكاسلارمۇ بار بۇنىڭدىن ئاغرىنىشقىمۇ بولمايدۇ .چۈنكى ئادەملەرنىڭ ئۇسۇپ يىتىلىش ۋە تەربىلىنىش شارائىتى ئوخشىمايدۇ...شۇنىڭ ئۈچۈن زىيالى ئىنىمنىڭ ئالدىغا قاراپ مېڭىشىنى ...كەينىگە چىكىنمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
كۆزۈمدىن

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش