سەنسىزلىك يىراق
يىراق - يىراقلارغا نەزەر سېلىپ سېنى كۈتىمەن .مەيىن كەلگەن شاماللاردىن تىۋىشلىرىڭنى ئىستەيمەن .
سەنسىز كۈنلىرىم مانا شۇنداق تۈمەنلىگەن كۈتۈشلەرگە تولغان ...يەنە مىڭلىغان تەشۋىشلەرگە ھەمراھدۇر...
قاچانلاردىمۇ كېلەرسەن ، جېنىم كۈتكىن دېگەن سۆزلىرىڭ بىلەنلا شۇنچە ۋاقىت كۈتۈش بىلەن بىللە ئۆتتىغۇ ، سەنسىزلىكنىڭ قەلبىمنى قانچىلىك چارچاتقانلىقىنى بىلەمسەن ؟تېزراق كېلىپ مۇڭلىرىمغا مۇڭداش بولساڭ...
قۇشلارنىڭ سايراشلىرى ئارامىمغا ئاراپ قوشىدۇ ، پۈتۈن دېققىتىمنى يىغىپ سەنسىز دۇنيادىن كۈلكە ئىزدەيمەن . ئەمما ئالقانلىرىمغا ئۇرۇلغىنى يەنىلا سېنى سېغىنىشنىڭ ، سەنسىزلىكنىڭ ئازاپ ئوقۇبەتلىرى بولدى .
سەنسىز كۈنلىرىم مانا مۇشۇنداق ئۈمۈدسىزلىكلەرگە تولغان...يەنە مىڭلىغان ئۈمۈدلەرگە ھەمراھدۇر...
تىنىچ بول ،قەيەردە بولساڭ ،تىنىچ بولساڭلا ، سەنسىز كۈنلىرىم ھامان سەن بىلەن بەختكە ئىقبال ئاچىدۇ ...
چۈشلىرىمدىن چۆچۈپ ئويغىنىمەن . سېنى قەيەرلەردىدۇر جاپادا قالغاندۇ دەپ ، پىشانەمدىن سوغۇق تەر ئاقىدۇ .بىلىمەن سەن مېنىڭ چەبدەس ، قەيسەر ئارىسلانىم . باتۇرۇمسەن .ھېچ جاپا سېنى چارچىتالماس. يۈرەكلىرىڭنىڭ قات- قېتىغا مېنى تېڭىپ كېتىپ قالغان تۇرساڭ ، ماڭا ئېيتقىنىڭدەك ، مەنلا سېنى كۈتسەم ، سەن ھامان ، ھەممە يەردە زەپەرلەر بىلەن قۇچىقىمغا قايتىپ كېلىسەن...سەنسىز كۈنلەر مانا مۇشۇنداق قەتئىيلىككە تولغان ....يەنە مىڭلىغان ئىسيانلارغا تولغان...تۈمەنلىگەن ئارمانلارغا ھەمراھ...
قىشنى ، باھارنى ،يازنى،ھەممىنى سۆيىمەن ، ئەمما سەنسىزلىك ماڭا بۇلارنى گۈزەل كۆرسىتەلمەيۋاتىدۇ . ۋاقىت ئىستىرىلكىسىنى گاھ كۆزلىرىمدە قاتقان ياشتەك توختاپ قالدىمىكىن دەپ يېنىش يېنىشلاپ قارايمەن . يالغۇز كۈنلەرنىڭ گۇۋاھچىسى ، قەلبىمنىڭ تەسەللىسى بولغان يورۇق تولۇنئايغا قاراپ ، سېنىڭ قايسى جايلاردا ئايغا بېقىۋاتقىنىڭنى ، مېنى نەقەدەر سېغىنىپ ، تاتلىق-تاتلىق ئەسلىمىلىرىمىز قوينىدا تولغىنىۋاتقىنىڭنى خىيال ئېتىمەن...سەنسىزلىك مانا مۇشۇنداق بەختلەرگىمۇ تولغان...يەنە مىڭلىغان شېرىن ئارزۇلارغا ھەمراھ...
ئامان بول قەدرىم ! سەنسىزلىك مېنى گۈزەل قىلدى ، قەلبىمنى ساڭا يەنىمۇ مۇجەسسەم قىلدى .كۆزۈمنى يۇمىمەن، ھامان بەخت، ھامان ئىشەنچ سېنىڭ بىلەن بىللە يېتىپ كېلىدۇ ، يېتىپ كېلىدۇكى قايتا يىراق كەتمەيدۇ ...
only