مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6298|ئىنكاس: 68

ناتىۋان قىزنىڭ تەقدىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇھەببەت تۈگىگە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3630
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 17935
تۆھپە نۇمۇرى: 3604
توردا: 5182 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2011-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-1 05:37:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



بۇ جاھان نۇرغۇن مىھىرى-شەپقەت ۋە چەكسىز بەخىت سائادەتكە تولغان . ئەمما ئاشۇ بەخىت - سائادەتلەر ئارىسىغا يۇشۇرۇنغان قايغۇ ۋە ئازاپ-ئوقۇبەتلەرمۇ ئەلۋەتتە يوق ئەمەس . بەلكىم جاھاندا تەقدىر-قىسمەتسىز ھىچقانداق ئىش تەۋرىمىسە كىرەك . كىمنىڭ تەقدىرى قانداق بولىدۇ، ئۇنى ھىچ كىشى بىلىپ يىتەلىگەن ئەمەس . بىز پەقەت ئالدىىمىزغا بىر قەدەم تاشلساقلا ، ھامان بىر كۈنى نىشانىمىزغا يىتىپ ، ئۆز بەختىمىزنى تاپالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىشىمىز كىرەك. ئەلۋەتتە، بۇ جاھاندا ئۆز تەقدىرىدىن سۆيۈنۈپ شاتلانغانلارمۇ، ئۆكۈنۈپ زارلانغانلارمۇ بار.
تۇرمۇشتا بولىدىغان نۇرغۇن ئازاپ ئوقۇبەتلەرگە ئۇنچىلىك ھەيران قېلىش ھاجەتسىز. ھاياتتا ئازاپ بولماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ ھايات سان-ساناقسىز ئازاپتىن تىزىلغان بىر تىزىق تەسۋىدىن ئىبارەت. ئۇمۈدۋار كىشىلەر بۇ تەسۋىنى كۈلۈپ تۇرۇپ ساناپ بولىدۇ. ئازاپ بىزگە قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ياشاشنى باشقا بىلىمگە قارىغاندا ياخشى ئۈگىتىدۇ. بىزگە ئۆزىىمىزنى تېخىمۇ تونىتىدۇ. ھەقىقى ھەمدە كۈتۈلمىگەن تۇرمۇشنى تېخىمۇ ئېنىق تونىتىدۇ.
بۇ دۇنيادا ئاپتىپى بار سايىسى يوق ، خۇشاللىقلا بار قايغۇسى يوق ھاياتنى ھەقىقى ھايات دىگىلى بولمايدۇ. ئەڭ بەخىتلىك ھىسابلىنىدىغان ئادەمنى ئېلىپ ئېيتايلى، ئۇنىڭ بەختى چىگىلىشىپ كەتكەن بىر كاللەك يىپ. ھاياتتا قايغۇ بىلەن بەخىت قوشكىزەك. ئۇ بىزگە ئاچچىقنىمۇ، تاتلىقنىمۇ تېتىتىدۇ. بەزىدە ھەتتا ئۆلۈممۇ كىشىلىك ھاياتنى تېخىمۇ سۆيۈملۈك مەنىگە ئىگە قىلىدۇ. كىشىلەر ھاياتنىڭ جىددىيلىك ۋە تىرەنلىكىدە، قايغۇ-ئەلەم ۋە پىراق-ئازاپنىڭ سايسىدە ھەقىقى ئۆزلىكىگە يېقىنلىشالايدۇ.




ھايات ئۆزى ئېقىن بىر دەيا،
قاياققا باشلىساڭ ئاقار شۇ ياققا.
بەزىدە ئاقىدۇ تۇمانلىق باغقا،
بەزىدە ئاقىدۇ گۈلزارلىق باغقا.

بىلسەم باھارنىڭ كىتىشىنى بۇنچە بالدۇر،
ئالاتتىم تۆكۈلگەن چىچەكلەردىن ھوزۇر.
كۈلۈپ ئىنسان ئۆتىدىكەن دۇنيادا بەكمۇ ئاجىز،
شۇڭا ئۆتكۈزگۈلۈك ھاياتنى خۇشال يۈرۈپ.



(1)



ئىمتىھان ئېلىنىپ بىزنى يازلىق تەتىلگە قويۇپ بىرىشكە ئاز قالغانئىدى. تۇلۇق 2-يىللىققا چقىپ قالغاچقا ، بىزنى مۇئەللىم بەكلا چىڭ تۇتىۋاتاتتى. ئۆزىمىزمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگۈنۈش بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كەتتۇق. بۈگۈنمۇ مۇئەللىم بىزنى كەچلىك مۇزاكىرىگە ئېلىپ قالدى.6- ئاينىڭ ئاخىرلىرى بولغاچقا ھاۋا بەكلا ئىىسسىق ۋە دىمىق ئىدى. سىنىپتا بالىلار ئوغوللار جىق بولغاچقا ، بىر خىل تەر ۋە پۇت پۇراپ سىنىپتا ئولتۇرغىلىمۇ بولمايتى. بۇ چۇخەي پۇراپ كەتكەن سىنىپتىن بالدۇراق چقىپ، ھاۋاسى ساپ ، سالقىن ئۆيۈمگە قايتقۇللىرىم كىلىپ كەتتى. بۈگۈب ئۇنىڭ ئۈستىگە جۈمە بۇلۇپ ئەتە، ئۆگۈن مەكتەپكە بارمايتۇق. شۇڭا بەكلا خۇش ئىدىم. مۇزاكىردىن چىقىپلا ۋەلسىپىتىمنى ئالدىم. مەھەلىدىكى دوستلىرىم بىلەن ئۆيگە ئۇچقاندەك مېڭىپ كەتتۇق. شەھەردىكى بۇ مەكتەپ بىلەن بىزنىڭ يىزىنىڭ ئارلىقى 6 كىلومىتىرلارچە كىلەتتى. بىراق بىز بىر قانچەيلەن ، بۇ يولنى كۈلكە چاقچاق بىلەن قانداق تۈگەپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەي قالاتتۇق.
پاھ! مىنىڭ بۇ يىزام نىمانچە چىرايلىقتۇ؟ بىزنىڭ مەھەلىگە قايرىلغاندىكى يولنىڭ ئىككى ياقىسىدا مەجنۇنتاللار تاشلىنىپ تۇراتتى. يول ياقىسىدا جىگدىلىك ئورمان بۇلۇپ، ھەر يىلى جىگدە چىچەكلەيدىغان مەزگىل بولغاندا ، بۇ يەردىن چىققان جىگدە چىچىكىنىڭ مىزىلىك پۇرقى مەھەلىنى بىر ئالاتتى. بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدا ئېرىقتا سۇ ئېقىپ تۇردىغان بۇلۇپ ئېرىق قىرلىرى كۆپكۈك چملار بىلەن قاپلانغان، ئېرىق ياقىسىدا تىرەك، سۈگەتلەر كۆپكۈك سايە تاشلاپ تۇراتتى. كاككۇك، قوشقاچ، قارلىغاچ، سېغىزغان، پاختەك، ھۆپۈپ.....ئىشقىلىپ ھەممە قۇشلار توختىماي سايراپ، بۇ مەھەلىنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشۇۋىتەتتى.كىچىللىرى جىمجىت ئايدىك كىچىدە پاقا كوكىراشلىرىنى ئاڭلىغاچ ، سۈپسۈزۈك ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى ساناشنى، ھەر خىل تۈركۈمدىكى يۇلتۇزلارنى تېپىپ ئويناشنى ياخشى كۆرەتتىم. ئەتىگىنى سەھەردە بۇ يەرنىڭ ھاۋاسىدىن تويماي نەپەس ئېلىپ، ھويلا ئاراملارنى سۈپۈرۈپ ، ئېرىقتىكى سۇلاردىن سېپىپ پاك-پاكىز قىلىۋىتەتتم . ئۇكام كۈندە پاك-پاكىز تۇرغان ھويلىلارنى  كۆرۈپ داۋاملىق‹‹ئاللاھ قولۇڭغا دەرىت بەرمىسۇن تاتلىق ئاچا›› دەپ قوياتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ بۇ گىپىگە بەك ئامىراق بۇلۇپ ، بىرەر كۈن دىمەي قويسا ئۇنىڭدىن زورلاپ بۇ گەپنى ئاڭلايتىم. ئۇمۇ بەزىدە مەن بىلەن قېرشىپ بۇ كەپنى دىمەي قوياتتى. ئۇنىڭغا باشقا قېرىنداشلىىمغا قارىغاندا ئامىراق بۇلۇپ ، قانداق گىپىم بۇلسا بىر-بىرىمىزگە دىيشەتتىۇق.
_ئاچا ، نىمە قىلىۋاتىسەن؟
ھويلىدىكى باراڭ ئاستىدا خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتىم. تۇيۇقسىز ئۇكامنىڭ ئاۋازىدىن خىياللىرىم بۆلىنىپ كەتتى.
_نىمانچە خىيالغا پېتىپ كەتتىڭ؟ بىرەر دەردىڭ بار ئوخشىمامدۇ؟ بىرەرسىگە كۆيۈپ قالدىڭمۇ يا؟ ياكى يەنە بىرەر چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى ئويلاۋاتامسەن؟ شىركەت قۇراي دەۋاتامسەن ياكى ماشىنا ئالاي دەۋاتامسەن؟
ئۇكامنىڭ بۇ گىپىدىن كۈلۈپ كەتتىم.
_شۇنداق . شەھەرگە باشلىق بۇلۇپ، سىنى شوپۇرۇم قىلايمىكىن دىگەننى ئويلاتىمەن شۇمتەك.
ئۇنىڭ يۈزىنى چىمداپ قويۇپ ، چىلەكنى ئېلىپ بۇرۋايغا سۇغا مېڭىپ كەتتىم.
_ئۇ چاغدا ساڭا قوغدۇغۇچى بولىمەن ئاچا! سەندەك چىرايلىق شەھەر باشلىقىنى مەن قوغدىمىسام بولمايدۇ.
_.....
سۇغا ماڭغاچ يەنىلا شۇ خىيال . ئەتىگەن ئانام بىلەن كىچك ئاچامنىڭ تىلغۇندا پاراڭلاشقىنىنى ئاڭلاپ قالغان ئىدىم.
_بۇ يىل ئوقۇشۇڭغا يەنە نەچچە بۇل تاپشۇردىكەنمىز؟ نىمە نىمانچە جىق...4000 يۈەننى نەدىن تاپقۇلۇق؟ كالىنى ساتساق، ئۇنىڭ سۈتىدىن كىىۋاتقان كىرىمدە ئۆينىڭ چقىمىنى قامداۋاتساق، ساڭا يەنە ئايدا پۇل ئەۋەتمىسەك تېخى مىھرىبان بىلەن مۇتەللىپنى ئوقۇتمىساق بولمايدۇ. قانداقمۇ قىلارمىز؟ ...ياق سەن ئوقۇمىساڭ بولمايدۇ. يامىنى كەلسە مىھرىباننى ئوقۇتماسمىز...
ئىھتىمال ئاچام بولدى ئوقۇماي دىگەن بولسا كىرەك. ئانام ئۇنىڭغا ۋارقىراپ كەتتى. ئاچامنڭ ئالى مەكتەپكە ئۆتكىنىگە بىر يىل بۇلۇپ قالدى. بىر يىللىق پۇلىنى ئىككى كالىمىزدىن بىرنى سېتىپ بەرگەن ئىدۇق. ئەمدى كىلەر يىللىق ئوقۇش پۇلىنى دىمىسىمۇ قانداق قىلغۇلۇق؟...بىراق ئانامنىڭ‹‹يامىنى كەلسە مىھرىباننى ئوقۇتماسمىز›› دىگىنىدىن كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بۇلۇپ، يۈرىكىمنى بىرى سۇغۇرىۋالغاندەك بىئارام بۇلۇپ كەتتىم.
_مۇتەللىپ تېخى كىچك، مەجبۇرى مائارىپنى تۈگەتمىدى. ئوغول بالا بولغاندىكىن ئۇ ئوقۇمىسا بولمايدۇ. مىھرىبار قىز بالا بولغاندىكىن ئوقۇمىسىمۇ بولار. ئوقۇپ نەگىمۇ بارا. ئاكاڭ بىلەن ئاچاڭ ئوقۇپ نىمىش قىلۋاتىدۇ؟ خىزمەتمۇ يوق ئولتۇرمامدۇ. سەن بىر يىل ئوقۇپ بولدۇڭ. ئوقۇشۇڭنى تۈگەتمىسەڭ  بولمايدۇ. ياخشىراق ئوقۇپ بىرەر يەرلەردە قېلىشنىڭ ئىپىنى قىلارسەن.
ئانامنىڭ بۇ گەپلىرىدىن شۇنداق ئۈمۈدسىزلەندىمكى ، ئۇنىڭدىن نارازى بۇلۇۋاتاتتىم.ھەمىمىسىنى ئوقۇتۇپ مىنى ئوقۇتمامدىكەن؟ مەن قانداق بالىسىكەنمەن؟ تېخى ، قىز بالا بولغاندىكىن دەيدۇ، ئاچاممۇ قىز بالا بولماي نىمكەن؟ ئاچچىغىمدا ئۆز ئۆزۈمگە سۇئال قويۇپ كەتتىم.بۇ ئىشلار كاللامغا كىرىۋېلىپ، قولۇم ئىشقىمۇ بارماي، نۇرغۇن خىياللار كاللامنى چىرمىۋالدى. قانداق قىلارمەن؟ ئۆيدىىكىلەرنى ئويلايمۇ ياكى ئۆزۈمنىمۇ؟ ئەگەر مەن ئوقۇسام مەنمۇ بىر يىلدىن كىيىن ئالى مەكتەپتە بارىمەن. ئۇ چاغدا ئۆيدىكىلەرنىڭ بېسىمى ئېغىرلاپ ، ئاچام ئىككىمىزنى ئوقۇتۇشى كىرەك. ئۇلار ئىككىمىزنى قانداقمۇ ئوقۇتسۇن؟...بىراق مىنىڭ شۇنداق ئوقۇغۇم بار تۇرسا، ئوقۇپ دوختۇر بولغۇم بار تۇرسا.......ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ يىغلاپ كەتتىم. نىمانچىمۇ شور پىشانە بوپ قالغاندىمەن؟.........ياق، مەنمۇ ئوقۇيمەن، چۇقۇم ئوقۇيمەن!
چىلەككە سۇنى ئەپ قويۇپ ، سۈگەپ سايىسىدا مۇشۇلارنى خىيال قىلىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم.
_ئاچا! نىمە قىلىۋاتىسەن ؟! سىنى بىر دوستۇڭ ئىزەپ كەپتۇ.
مۇتەللىنىڭ يىراقتىن ۋارقىراشلىرى خىيالىمنى بۇزىۋەتتى.
ھەپتە ئۆتەپ كەتتى. ئانام مىنى ئوقۇتماسلىق توغىرسىدا ئېغىز ئاچمىدى. بىر كۈنى چۈشتە، چۈشلۈك دەپ ئېلىش قىلىپ ئۆيگە كىرسەم ئىچكىركى ئۆيدە دادام بىلەن ئانام مەن توغۇرلۇق پاراڭغا چۈشۈپتۇ. ئۇلارنىڭ گىپىنى ئىشىك تۈۋىدە ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاپ تۇردۇم.
_مىھرىبان شۇنداق ياخشى ئوقۇۋاتسا ئۇنى ئوقۇتمىساق قانداق بۇلار؟ ئۆزىمۇ ئۇنىمساسلىقى مۇمكىن.
_ئۆزى ئۇنىمىغانغا قويامتۇق، ئۇمۇ بىر يىلدىن كىيىن ئالى مەكتەپكە بارىدۇ. تېخى دوختۇر بۇلىمەن دەيدۇ. ئۇنداق مەكتەپكە چىقىم جىق كىتەرمىش. ئاچىسى ئىككىسىنى قانداق ئۇقۇتىمىز؟
_جاپا تارتساممۇ، قەرىز ئېلىپ بولسىمۇ مىھرىباننى ئوقۇتىمەن.
دادامنىڭ كەسكىنىك بىلەن دىگەن بۇ گىپىدىن، تەسىرلىنىپ يۈگىرەپ كىرىپلا ئۇنىڭ قوچىقىغا ئۆزۈمنى ئاتقۇللىرىم كەپ كەتتى.
_نىمىڭىز بىلەن ئوقۇتىسىز؟! بارى يوق شۇ بىر كالىمىز قالدى. دىھقانچىلىقتىن تۈزۈك كىرىم بولمايۋاتسا، ئاچىسى بىلەن ئاكىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز دەپ ساتمىغىنىمىز قالمىدى. ئالتۇندەك ئىككى جايلىقىمىزنىمۇ سېتىۋەتتۇق. مىنى ئوقۇتقۇسى يوق دەمسىزمەنمۇ ئۇنى باشقا بالىللىرىمدەك ئوقۇتسام دەيمەن. لىكىن ، يوتقانغا قاراپ پۇت ئۇزاتقۇلۇق. مىھرىباننىىڭ كاللىسى ئىشلەيدۇ. ئوقۇمىسىمۇ ئاللاھ بۇ بالامنىڭ بەختىنى بىرەر . بەكلا قىيلىنىپ كەتتۇق دادىسى.
ئەمدى ئانامنىڭ يىغا ئارلاش ئاۋازى ئاڭلاندى. ئانامنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتقان بۇ گەپلىرى يۈركىمنى مۇجىۋەتتى. يغلىغىنىمچە تۇيدۇرماي مەكتەپكە ماڭدىم. يول بويى كۆزۈمدىن ياش تۆكۈلۈپلا تۇردى. بولدىلا ئوقۇماي . دادام بىلەن ئانامنى بۇنداق قىيناپ ئۇقوپ نىمە قىلاي، ئۇلار ماڭا ئېغىز ئاچقۇچە ، ئۇلارنى خىجالەت قىلماي ئۆزەملا دەي. بىراق قانداق دىسەم بۇلار؟ بۇگۈن چۈشتىن كىيىنكى دەرىسنىڭ ھىچ قايسىسى كاللامغا چۈشمىدى. كىلەر ھەپتە ئىمتىھان باشلىناتتى ، تۇيۇقسىزلا كاللامغا بىر خىيال كەپ قالدى.
ئىمتىھان باشلاندى. ئىمتىھان قەغەزلىرىمنى ئاساسەن دىگۈدەك قۇرۇق يېزىپ چىقتىم. ئوقۇماسلىقنى قەتئى قارار قىلىپ بولغان ئىدىم. ئاللاھ چۇقۇم پىشانەمگە بىر تەقدىر پۈتكەن شۇلارنى كۆرمەي ئامال يوق. بەلكىم مۇشۇ كۈنمۇ تەقدىر-پىشانەمدە بۇلۇشى مۇمكىن. قېنى پىشانەمدە يەنە نىمە كۈنلەر باركىن كۆرۈپ باقاي. تەقدىرىمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم.
_مۇئەللىم سىنى چاقىرىۋاتىدۇ.
كەچتە سىنىپ تازلاۋاتسام، يېنىمدا ئولتۇرىدىغان رەناگۈل شۇنداق دىگىنىچە يېنىمغا كىرىدى.
_ نىمە قىلىدىغاندۇ؟ سىنىپنى سەن سۈپۈرۈپ تۇرە.
سۈپۈرگىنى رەناگۈلغا بىرىپ، مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىغا ماڭدىم. بىراق ، يۈركىم بىر خىل ئەنسىز سوقۇپ كىتىۋاتاتتى. ئىمتىھان بىرىپ بولغىلىمۇ بىر ھەپتە بولدى ، نەتىجىللىرىمۇ چقىپ بولغاندۇ ھەقىچان. مۇئەللىم مىنى مۇشۇ توغۇرلۇق ئىزدەمدىغاندۇ؟ ئىشخانا ئالدىغا كىلىپ، بىردەم تۇرۋالدىم. يۈركىم بەك تىز سوقۇپ كىتىۋاتاتتى. كىيىملىرىمنى بىر قور تۈزەشتۈرىۋىتىپ ئىشىكنى چەكتىم. ئىچىدىن‹‹كىرىڭ›› دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. ئىشخانىدا قەيسەر مۇئەللىمدىن باشقا ئوقۇتقۇچىلار يوق ئىدى.
_مۇئەللىم مىنى ئىزدەپتىكەنسىز،-دىدىم مەن بېشىمنى يەردىن كۆرۈرمەي.
_شۇنداق. قېنى كىرىڭ، ئولتۇرۇڭ.
مۇئەللىم شىرە ئالدىدىكى ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ مىنى ئولتۇرۇشقا بۇيرىدى. مەن ئاستا كىلىپ ئورۇندۇقنىڭ ئۇچىدىلا ئولتۇردۇم.
_مىھرىبان ،- مۇئەللىم قولىدىكى يېزىۋاتقان نەرسىسىنى قويۇپ ماڭا قارىدى،-بۇ قېتىمقى ئىمتىھان نەتىجىللىرى چىقتى. بىراق سىزنىڭ نەتىجىللىرىڭىز مىنى بەكلا ئۈمۈدسىزلەندۈردى ۋە ھەران قالدۇردى. نەتىجىللىزىڭىز سىنىپ بۇيىنچە ئەڭ ئارقىسىدا، سىزدەك بىر ياخشى ئوقۇغۇچىنىڭ بىرمۇ پەندىن ئۆتەلمەسلىكى ھەممە ئوقۇتقۇچىلارنى ھەيران قالدۇرىۋەتتى. نەتىجىللىرىڭىز نىمىشقا بۇنداق تۈۋەن، بۇنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلەمسىز؟ ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز، بىزنىڭ مەكتەپ بۇ قېتىملىق ئوتتىرا مەكتەپ ، بىر ئوقۇغۇچى ئۈچ پەندىن ئۆتەلمىسىلا مەكتەپتىن چىكىندۈرلىدۇ ياكى 3000 يۈەن پۇل تاپشۇرۇپ ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ھەممە پەندىن ئۆتەلمەپسىز.
مۇئەللىمنىڭ گەپلىرىدىن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم. ئىشخانىدا بىر دەم جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. مۇئەللىمگە نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەيۋاتاتتىم.
_مۇئەللىم مەن ئوقۇمايمىكىن دەيمەن.
دۇدۇقلاپ تۇرۇپ مۇشۇ گەپنى ئاران دىدىم. بۇ گەپنى دىگۈچە ئاۋازلىرىم تىتىرەپ ، گېلىمغا بىر نەرسە قاپلىىپ قالغاندەك بۇلۇپ كەتتىم.
_نىمىشقا ئەمدى؟ بىر ئوبداق ئوقۇپ كىلىۋېتىپ ، بىر يىل ۋاقتىڭىز قالغاندا ئوقۇمايمەن دىگىنىڭىز نىمىسى؟ سىزگە چۇقۇم بىر ئىش بوپتۇ، ماڭا ئېيتىڭە . ئوقۇمايمەن دىگەن گەپنى قىلماڭ. قانداق ئىش بولسا ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ. مەكتەپ رەھبەرلىرى بىلەن ئۆزۈم سۆزلىشىمەن.
مۇئەللىم ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىشخانىدا ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ قايناپ سۆزلەپلا كەتتى.
_ئامال يوق. ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ مىنى ئوقۇتۇشقا قۇربى يەتمەيدۇ. مەكتەپتىن چىكىنسەم ئۆيدىكىلەرنى قىيناپ قويغۇدەكمەن. بىر ئاچام بار ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ، مەنمۇ ئوقۇسام دادامغا بەك بېسىم بۇپ كىتىدىكەنمەن .
ئەمدىلىلىكتە يەرگە قارغىمىچە يىغلاپ كەتتىم.
_ سەۋەبى مۇشۇما؟...مىھرىبان يىراقنى ئويلاڭ. بىردەملىك قىيىنچىلىقنى دەپ ، كەلگۈسىڭىزنى ، ئىستىقابالىڭىزنى نابۇت قىلماڭ. ئالى مەكتەپتە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلى ئوقۇسىڭىزمۇ بولىدىغۇ؟ سىزنىڭ ئۈگۈنۈش نەتىجىللىرىڭىز ياخشى ، سىز چۇقۇم ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىپ ئوقۇيالايسىز.
_ئۇنى مەنمۇ ئويلىغان مۇئەللىم. لىكىن ، بەزى ئىشلار ئادەم ئىرادىسىگە باقمايدىكەن. ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالالىسامغۇ بىرگەپ ، ئەگەر ئالالمىسامچۇ؟...ئۇ چاغدا يەنىلا ئائىلىگە بېسىم بۇلۇپ قالىمەن. مەن قارار قىلىپ بولدۇم. ئوقۇمىساممۇ بىرەر ئىشتىن مۇۋەپىقىيەت قازىنالماسلىقىمغا ئىشەنمەيمەن.
_نىمىشقا ئۆزىڭىزگە ئىشەنمەيسىز؟ بەك يىنىكلىك قىلىۋاتىسىز. سىز تېخى كىچىك ، جەمىيەتنى چۈشەنمەيسىز. دادىڭىز بىلەن ئۆزۈم كۆرشۈپ باقاي.
_ياق، مۇئەللىم دادامغا ھەرگىز دىمەڭ. سىزدىن ئۈتۈنۈپ قالاي. دادام بۇ ئىشلارنى ئۇقسا چۇقۇم ئازاپلىنىپ كىتىدۇ. ئۇلارنىڭمۇ مىنى ئوقۇتقۇسى يوق، پەقەت شۇ ماڭا دىيەلمەيۋاتىدۇ.
_بىراق سىزدەك ئوقۇغۇچمغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلالمايمەن. ھىچ بولمىغاندا ئىمتىھان نەتىجىللىرىىڭىزنى ئائىلە باشلىقلىرىغا ئۇقتۇرمىساق بولمايدۇ. ئەتە دادىىڭىز مەن بىلەن كۆرۈشسۇن.
ئىشخانىدىن يىغلىغانچە يېنىپ چىقتىم. ھازىر ئادەم يوق بىر يەرگە بېرىپ ۋارقىراپ يىغلىغۇللىرىم كەپ كىتىۋاتاتتى. تەقدىرىمدە بۇرۇلۇش بۇلۇش ئالدىدا تۇرىدۇ. مىنى قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرىۋاتقاندۇ؟ ئەي ئۇلۇغ ئاللاھ ، ئۆزۈمنى ساڭا تاپشۇردۇم.
مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچلار ئاساسەن قايتىپ بولغاندەك قىلاتتى.سىنىپقا كىرسەم رەناگۇل تېخى كەتمەپتۇ.
_ئاداش ، مۇئەللىم نىمە دەيدىكەن؟ يىغلاپسەنغۇ؟ نىمە بولدۇڭ؟
_ھىچ نىمە. تېخى كەتمەپسەنغۇ؟ قايتساڭ يۈر بىللە كىتەيلى، بولمىسا مەن كىتىۋەردىم.
رەناگۇلغا جىق گەپ قىلغۇم كەلمىدى . سومكامنى ئېلىپ سىرىتقا ماڭدىم
_ھەي،توختاپ تۇر بىللە كىتەيلى. ئاتايتىن سىنى ساقلاپ تۇرسام مىنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كەتمەكچمۇ سەن.
رەناگۇل سومكىسىنى ئېلىپ كەينىمدىن يۈگۈرۈپ چقتى. مۇشۇ تاپ بىرسىگە گەپ قىلغۇم كەلمەيۋاتاتتى. يول بويى كەلگۈچە رەناگۇل ۋات ۋات قىلىپ كەلدى. ئۇنىڭ نىمىلەنى دەپ ، نىمىلەرگە كۈلىۋاتقانلىقى كاللامغا كىرمەيۋاتاتتى. پەقەت پۈتۈن خىيالىم ئەتىكى ئىشتا ئىدى. دادام بۇ ئىشلارنى ئۇقسا قانداق بۇلۇپ كىتەر؟

كەچلىك تاماقتىن كىيىن دادامغا ئەتە سىنىپ يىغىنى ئېچىلىدىغانلىقىنى ، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. ئەتىسى ئىككىنجى سائەتلىك دەرىستىن چىقىپ، دەم ئېلىشقا ماڭسام دادام مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىۋاتاتتى. دادامنى كۆرۈپ كۈركىم شۇنداق رىتىمسىز سوقۇپ كەتتىكى ، نەپەس ئېلىشىم قىيىنلىشىپ كەتتى. دەرھال دادامنىڭ ئالدىغا باردىم.
_دادا كەلدىڭىزما؟ نمانچە ئەتىگەندە كىلىۋالغانسىز؟
دادامنىڭ قولتىقىدىن يۆلەپ ئۇنىڭغا زورىغا ئەركىلەپ قويدۇم.لىكىن يۈركىم تاش ئاستىدا قالغاندەك بىر خىل بىئارام بۇلۇپ كىتىۋاتاتتى.
_شۇنداق مىنىڭ مەلىكەم ئىمتىھاندىن قانچە ئالدىكىن ، خوش خەۋەنى ئەتىگەندىلا ئاڭلاي دەپ كەلدىم.
دادامنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ قولۇم ئىختىيارسىز ئۇنىڭ قولتۇقىدىن ئاجىراپ شۇ جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم.
_نىمە بولدىڭىز قىزىم، بىرەر يېرىڭىز ئاغىرۋاتامدۇ؟
_ياقەي، سەل بېشىم قېيىپ، كۆزۈم قاراڭغۇلشىپ كەتتى. بەك چارچاپ كەتكەن بولسام كىرەك.
دادامنىڭ‹‹خوش خەۋەرنى››دىگىنىدىن يۈركىم تەتۈر ئۆرىلىپ كەتتى. توغىرا ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندا دادام نەتىجەمنى ئاڭلاپ ھەممە ئاتا – ئانىلارنىڭ ئالدىدا مەغرۇر ئولتۇرۇپ خۇشال بولغىنىدىن پىشانەمگە سۆيۈپ قوياتتى. بىراق بۇ قېتىم دادام نىمە بولۇپ كىتەر؟ ئاھ خۇدا، ساڭا ئامانەت!

دادامنى مۇئەللىمنىڭ ئىشىانىسىغا باشلاپ ئەكىرىپ قويۇپ ، ئۆزۈم ئۈچۈنجى سائەتلىك دەرىسكە كىرىپ كەتتىم. بىراق دەرىس ھىچ بىر كاللامغا چۈشمەيۋاتاتتى. خيالىمدا دادامنىڭ ئىمتىھان نەتىجىللىرىمنى ئاڭلاپ قانداق بۇلۇپ كەتكىنىنى پەرەز قىلىپ ئولتۇراتتىم. جېنىم دادا مىنى كەچۈر ، سىلەر ئۈچۈن شۇنداق قىلمىسام بولمايدۇ.
ئۈچۈنجى سائەتلىك دەرىستىن چۈشۈش قوڭغىرقى چېلىندى. سىنىپتىن مۇئەللىم چقماستىنلا، ئۇچقاندەك چىقپ مەيدانغا باردىم. دادام مەكتەپ بىناسى ئالدىدا ئولتۇراتتى.ئۇنىڭ قورۇق باسقان يۈرلىرىدىن ، نۇرسىز كۆزلىرىدىن ئۈمۈدسىزلىك مانا مەن دەپلا چقىپ تۇراتتى.ئۇ تېخى يىغلىغاندەك قىلاتتى.ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. ئىككى پۇتۇمداق قەتئى جان قالمايۋاتاتتى. ئىككى پۇتۇمغا تاش ئېسىۋالغاندەك قەدەملىرىم شۇنداق ئېغىر ئىدىكى ، ئاران يوتكەپ ئېلىپ مېڭىپ ، دادامنىڭ يېنىغا كەلدىم. ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە يۈرەك سوقۇشۇم شۇنداق تىزلىشىپ ، گۈپۈلدىگەن ئاۋازى ئۆزۈمگە ئاڭلىنىپ كەتتى.
_دا...دادا ، مۇ ئەللىم نىمە دەيدۇ؟
قورققىنىمدىنمۇ ياكى دادامنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن يۈركىم ئىزىلدىمۇ يىغلامسىراپ دۇدۇقلاپ كەتتىم.
_ قىزىم بۇنداق قىلماسلىقىڭىز كىرەكتى، مەن سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن. سىزگە دادا بۇلۇشقا لايىق ئەمەسكەنمەن. نىمىشقا بۇنداق ئەخمەقلىق قىلىدىڭىز؟
دادام يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ يىغىلىغىنىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتىمەن. ئۇنى بۇنداق دىيشىنى كۈتمىگەن ئىدىم. ئۇنى چۇقۇم مىنى تىللايدۇ دەپ ئۇيلىغان ، لىكىن ئۇنىڭ مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ يىغلىغىنىدىن ئۆزۈمنى ئەيپلەپ كەتتىم. ئۇ كۆزۈمگە بىراقلا 10 ياش قېرىپ كەتكەندەك كۆرنىپ كەتتى. دادامنى يىغلىتىۋەتتىم. بىر داداىنىڭ كۆزىدىن ياش چىقمىقى ئاسانمۇ؟! مۇشۇنچىلىك بولغۇچە دادامنىڭ يىغلىنىنى كۆرمىگەن ئىدىم. مەن ئەقىلسىز، ناداننىڭ سەۋەبىدىن دادام بۈگۈن يىغلاۋاتىدۇ.
_بۇنداق دىمەڭ دادا، ھەممىگە مەن ئەيىپلىك، سىلەرگە ئېغىرىمنى سالغۇم يوق. ئۇقۇمىساممۇ باشقا ئىش قىلسام بولىۋىرىدۇ. دادا سىلەرگە يۈز كىلەلمەيمەن. مىنى ئۇرۇڭ، مىنى تىللاڭ ، لىكىن بۇنداق قىلماڭ جېنىم دادا. منى كەچۈرۈڭ.
دادامنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم. ئۇنى قوچاقلىغىنىمچە ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتىم. دادام مىنى باغرىغا شۇنداق چىڭ بېسىۋالدىكى، ئەقلىمنى بىلگەندىن تارتىپ، ئۇنىڭ باغرىدا بۇنداق چىڭ قۇچاقلىنىپ باقمىغان ئىدىم.
_بولدى يىغلىماڭ قىزىم. مۇئەللىم ئېيتتى يەنە تۇلۇقلىما ئىمتىھان بەرسىڭىز بولىدىكەن.سىز ئوقۇشىڭىز كىرەك.
_ياق دادا، مەن ئوقۇمايمەن. مەن قارار قلىپ بولدۇم . ئەمدى ئوقۇساممۇ دىققىتىمنى يىغالىشىم، بۇرۇنقىدەك ياخشى ئوقۇيالىشىم مۇمكىن ئەمەس. بولدى قىلىڭ دادا، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارنى قىلىپ ، سىلەرنى رازى قىلسام ئاللاھ يەنىلا رىزقىمنى بىرىدۇ. بىراق بۇ ئىشلارنى ئانام ئۇقمىسۇن ئىككىمىزلا بىلىىپ قالايلى.
_جېنىم قىزىم،- دادام مىنى باغرىدىن ئاجىرتىپ پىشانەمگە سۆيۈپ قويدى،-ئاللاھ سىزنىڭ بەختىڭىزنى بەرسۇن. دەرىسكە كىرىش قوڭغىرقى چېلىنىۋاتىدۇ دەرىسىڭىزگە كىرىڭ. مەنمۇ ئۆيگە قايتاي.
دادام مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چقىپ كەتكۈچە ، ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم.دادام ئەمدىلا 50 ياشلارغا كىرگەن بولسىمۇ ، لىكىن بىز بەش بالىنى قاتارغا قوشىمەن دەپ، بەكلا قېرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنى بۈگۈنكىدەك ھالدا كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. ئۇنىڭ چاچلىرى پۈتۈنلەي ئاقىرىپ بۇلۇپتۇ. بەللىرى مۈكچيىپ ، قەدەملىرى ئېغىرلاشقىلى تۇرۇپتۇ. جېنىم دادا، سىزنى ئەمدى جاپا تارتقۇزمايمەن. ئۈنسىز يىغلىغانچە سىنىپقا ماڭدىم.
بىزنى تەتىل قويۇپ بەردى ، باشقا ئوقۇغۇچىلار 8- ئاينىڭ 26- كۈنى بارىدىغان بولدى. لىكىن مىنى مەكتەپ مەڭگۈلۈك تەتىل قويىۋەتتى. ياق، ئۆزۈم خالاپ مەڭگۈلۈك تەتىل قىلدىم. بىراق بۇ باغرى ئىللىق ، كۈلكە-چاقچاق قايناپ تۇرىدىغان باغچغا قىيالمايۋاتاتتىم.
ئاچاممۇ تەتىل قىلىپ قايتىپ كەلدى. ئۇ مىنىڭ ئوقۇمايدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ، بىر ھازا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدرۈپ سۆزلىدى ۋە مىنى دەرىستە چكىنىپ كىتىپسەن كالۋا دەپ ئەيىپلەپ كەتتى. ئانام بولسا ھىچ قانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. ئۇ پەقەت‹‹بوپتۇ ئوقۇمىسا، ئۆزى ئۆتەلمىگەندىكىن بىز قانداق قىلىمىز؟››دەپلا قويدى.
مەيلى بۇ تاللىشىم توغىرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن ئىشقىلىپ، بۇ يولدا مېڭىشنى ئۆزۈم قارار قىلغان ئىكەنمەن پۇشايمان قىلمايمەن. قانداقلا قىيىنچىلىق بولسا چۇقۇم يېڭىمەن.


(2)



مىنىڭ ئەركىن ، جاپالىق تۇرمۇشۇم باشلىنىپ كەتتى. تەتىل ۋاقىتلىرى بولغاچقا مەكتەپتە ئوقۇمىغىنىم تازا چېنىپ كەتمىدى. لىكىن تەتىل يىغىلىپ، مەھەلىدىكى بالىلارنىڭ توپ-توپ بۇلۇپ، كۈلكە چاقچاق بىلەن ماڭغىنىنى كۆرسەم ، سەل كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ ھەسەت قىلاتتىم. بولدى قىل مىھرىبان ئۇلارغا قاراۋەرمە، بۇ يولنى ئۈزۈڭ تاللىدىڭ، پۇشايمان قىلما. يېڭى تۇرمۇشۇڭنى باشلا.......شۇنداق پۇشايمان قىلمايمەن. لىكىن ھەسەت قىلىۋاتىمەن. يېڭى تۇرمۇشۇمنى باشلايمەن، مەن شۇنداق ياخشى . ئۇلارغا قارىمىدىم......
ھازىر كۈنلىرىم بىر خىل رىتىمدىلا يەنى ئەتىتىگەندە بازارغا سۈت ئېلىپ چقىپ سېتىپ كىرىش ، ئاندىن كىرىپ ھويلا ئاراملارنى جىمىقتۇرۇپ، قوي بېقىپ، دادامغا ياردەملىشىپ ئېتىز ئىشلرىنى قىلىش بىلەن زىرىكىشلىك ئۆتىۋاتاتتى.ئادەم بىر خىل تۇرمۇشتا ياشاۋەرسىمۇ پىسخىكىسىغا ، كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئۆيدە پات-پات ئانام بىلەن پېتىشماي ئۇرشىدىغان بۇلۇپ قېلىۋاتاتتىم. ئانامنىڭ بەزىدە يولسىزلارچە ‹‹سىنى بىر ئادەم ئوقۇتمىدىما، ئۈزۈڭ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيسەن، ئەمدى بىزگە دوق قىلىپ بەرسەڭ بىز قانداق قىلىمىز›› دىيىشلىرىدىن ، ئۇنىڭ يارامغا تۇز سىپىشلىرىدىن بىئارام بۇلۇپ، تويۇپ كىتىۋاتاتتىم. بۇنداق چاغلاردا نىمىشقىمۇ ئوقۇمىغاندىمەن؟ بۇنداقلىقىنى بىلگەن بولسام چۇقۇم ئوقۇيتىم . دەپ پۇشايمەن يەپ قالاتتىم. بىراق يەنىلا بۇ ئىككى بىچارىگە ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلالىغىنىمدىن خۇشالمەن.
كۈنلەر ئۆتكەنسىرى مەنمۇ ئەمدى كەچكىچە قوي بېقىىپ، ئانام بىلەن ئۇرشۇپ ئۆتۈشتىن زىرىكىپ ، بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى ئويلاۋاتقانلىقىمغا خېلى كۈنلەر بۇلۇپ قالدى. ۋە بۇ ئويۇمنى دادام ، ئاناملارغا ئېيتتىم.
_دادا ، مەن بىرەر ھۈنەر ئۈگىنەيمىكىن دەيمەن.
_نىمە ئۈگەنگۈڭىز بار قىزىم؟
_مىنىڭ پىچىنە-پىرەنىك ، تورىت پىشۇرۇشنى ئۈگەنگۈم بار. خېلى كۈنلەر بولدى، مۇشۇ ھۈنەرنى ئۈگۈنىپ چوڭىراق ئىش قىلغۇم بار. ئاللاھ خالىسا بۇ ھەقتە تېخى نۇرغۇن پىلانلىرىممۇ بار دادا.
_ بۇ قانداق بۇلار؟ ھازىر ھەممە ئادەم پۇلغا چدىماي، پىچىنە-پىرەنىك  دىگەنلەرنىڭ ئۆيدە سالىدىغان بوپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بازارنى زاۋۇت ، شىركەتلەرنىڭ تەييار پىچىنە، تورتلىرى قاپلاپ كەتتى. ئۇ ئىش ئاقارمۇ؟ سەن ئۈگەنگەن تەقدىردىمۇ ساڭا بىرەر دۇككان ئېچىپ بىرىشكە نۇرغۇن دەسمايە بولمىسا بولمايدۇ.
ئانامنىڭ بۇ گەپلىرىدىن ئاچچىغىم كىلىپ قوشۇمام تۇرلۈپ كەتتى.
_كەچكىچە پۇل، پۇللام دىگەن. بىر ئىشنى قىپ باقماي تۇرۇپ ، ئۇنى قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغىنىنى قانداقمۇ بىلسۇن. ھەر ئادەمنىڭ رىزقى ئايرىم بۇلىدۇ. مەنمۇ سىلەرگە ئېغىرىمنى سەپ كەتمەيمەن. ئەمسە سەن دەپ باقە، مەن نىمە ئىش قىلىمەن؟ بىر ئۆمۈر قوي بېقىپ، سۈت سېتىپ ئۆتسۇن دىمەيدىغانسەن؟
_سىنى كىم بۇنداق دىدى. بىر چرايلىق ئوقۇماي ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيسەن، ئەمدى نمىگە ۋارقىرايسەن؟!
ئانام كەچكىچە گەپتە ئۇتتۇرۇپ قويسىلا مۇشۇ كەپنى سۆرەپ چقاتتى. بىراق بۈگۈن ئۇنىڭ بۇ گىپى خۇددى يۈركىمگە بىرى پىپچاقنى سېلىپ قوچىۋەتكەندەك بىئارام قلىۋەتتى.
_بولدى بەس! نىمە تولا گەپ، بۇنىڭدىن كىين مىھرىباننىڭ ئوقۇماسلىقى توغۇرلۇق گەپ قىلغۇچى بولما!
دادام قولىدىكى قاچنى پاققىدە سۇپىغا قويۇپ سىرىتقا چىقىپ كەتتى. مەنمۇ يىغلىغىنىمچە ھوجىرا ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم. ئانام ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەپ قالدى. بۇنداق بىر-بىرىمىزىدىن قېيداپ مەسىلە ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. ئۆيدە بۇنداق ئولتۇرىۋەرسەم، ئانام بىلەن پىتىشالمىغۇدەكمەن، بىراق ئانامنىڭ بايامقى گىپى خېلىلا قاتتىق تەگكەن ئىدى. ئانام نىمىشقا ھە دىسىلا يارامغا تۇر سىپىدۇ؟ يوتقانغا كىركىپ پۇخادىن چققۇچە يىغلىۋالدىم.بۇنىڭ پۇشايمان يېشى ياكى ئاچچىق ھەسىرەت يېشى ئىكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.
ئەتىسىدىن باشلاپ پات-پات ئۆيدىكىلەرگە بىرەر ئىش قىلىش ھەققىدە سۆزلەپ قوياتتىم. ئانام بەزىدە تىللاپ قويسا ، بەزىدە گەپ قىلماي تۇرۋالاتتى.ئۇلارنىڭ بۇنداق سۈكۈت قلىپ تۇرىۋىرشىدىن زىرىكىپ ئانامغا سىلىق گەپلەر بىلەن ئېيتتىم.
_قارا جېنىم ئانا، مەن بۇنداق بىكار يۈرسەم بولمايدۇ. ھچ بولمىغاندا بىرەر ھۈنەر ئۈگۈنىۋالسام، سىلەردىن كىين قالساممۇ سىلەر خاتىرجەم بولسىلەر ئەمەسمۇ.....
_ مەن سىنى ئۈگەنمىسۇن دىمەيمەن، بىراق سەن دىگەن ئۇ ئىش ھازىر ئاقمايدۇ. مىنىڭ سىنى سەيپۇڭچىلىققا بەرگۈم بار. ئۆزىمۇ پاكىز ھۈنەر، كىيىن ھىچ بولمىغاندا بالاڭ بىلەن ئىرىڭنىڭ كىيىملىرىنى تىكىپ بەرسەڭمۇ بولىدۇ.
_ۋايجان ئانا ، نىمە دەيدىغانسەن. دۇنيادا نىمە بىلەن خوشۇم يوق بىلەمسەن؟ مۇشۇ سەيپۇڭچلىق بىلەن . خۇددى بۇنىڭدىن باشقا ھۈنەر يوقتەك. ئۇنىڭغا ئۇنمىساڭ باشقا ھۈنەر ئۈگەنسەم بۇلىدىغۇ، بۇ ھۈنەرنى ھەرگىزمۇ ئۈگەنمەيمەن.
_بۇ ھۈنەردىن باشقىنى ئۈگىنىمىەن دىسەڭ، ئەمسە ئۆيدە مۇشۇنداق بىكار ئولتۇر. كىيىنچە بىر ئاكامغا بىرىپ ئولتۇرساممۇ بولىدۇ سىنى.
ئانام يەنە سۆزلىگىلى تۇردى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولماي چقىپ كەتتىم. بىراق كۈندىن-كۈنگە ئانام بىلەن پىشمىغىلى تۇردۇق. دادام كۈندە كىىرپ ئىككىمىزنىڭ جىدىلىنى ئايرىيتى. بۇنىڭغا چىدىماي ئاخىرى سەيپۇڭچىلىقنى ئۈگۈنۈشكە ماقۇل بولدۇم . ھازىرچە شۇنى ئۈگۈنۈپ تۇرسام، كىيىنچە بىر گەپ بۇلار.

ئانام مىنى بازاردىكى ئۇستا ئاچا-سىڭىل سەيپۇڭلارغا شاگىرتلىققا بەردى. ئۇلارنىڭ بىرى27 لەرگە ، يەنە بىرى 29 لارغا كىرگەن بۇلۇپ، تېخى توي قىلمىغان ئىكەن.ئۇلارنىڭ قېشىدا مەندىن بۆلەك يەنە بىر شاگىرىت بار ئىدى.ھۈنەر ئۈگەنمەكمۇ قىيىن ئىكەن، دەسلەپ شۇنداق زىرىكتىم. يەنى ئۇستاملارنىڭ شاگىرىت بىلەن كارى بولمايدىكەن. بىز بولساق، ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قىلغىنىغا قاراپ تۇردىكەنمىز. بىر مەزگىل مانا مۇشۇنداق قاراپ تۇرۇش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. مىنىڭ بىر ئارتۇچلىقىم ، بىر كۆرگەن ئىشنى بەك تىزلا ئۈگۈنىۋلاتتىم.مەن بىر ئايغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تۈگمە قاداش، ئىشتاننىڭ ئايىغىنى ئىتىش، رەخىتلەرنى چولاش، دەزماللاش...قاتارلىق ئۇششاق ئىشلارنى قىلىشنى ئۈگۈنىۋالدىم. ئۇستاملارمۇ مەندىن ھەيران قېلىۋاتاتتى. ئاردىن ئۈچ ئاي ئۆتكەندە مەن پۈتۈنلەي پىچىپ ئەكىلىپ بەرسە تىكەلەيدىغان ھالغا يەتتىم. بىراق بۇ يەردە كۆڭلۈمگە ياقمايۋاتقان بىر ئىش بارئىدى. بۇ ئۇستاملار بەك پىخسىق بۇلۇپ، چۈشلۇك ۋاقىتتا بىزگە تاماق بەرمەي، بازاردىن گىردە نان ئەكىرىپ بىرەتتى. كۈندە نان يەپ قوسقۇم پەقەتلا تويمايۋاتاتتى.كەچلىرى ئۆيگە كىرىپ توڭلاتقۇنى ئاختۇرۇپ قوپقۇرۇق قىلىۋىتەتتىم.ئۇكام بۇ ھالىتىمنى كۆرۈپ‹‹ھەي تويماس، نەدە ئاچ قېلىۋاتىسەن؟ ئۇستاڭ ساڭا يەيدىغان نەرسىلەرنى بەرمەيۋاتامدۇ؟ بۇنداق يىسەڭ ساڭا تاغمۇ توشىمايدۇ››دەپ سوراپ قوياتتى. لىكىن ئۇلارغا ئۇستامنىڭ نان بىرىۋاتقانلىقىنى ئېيتمىدىم. ئۇلارغا چۈشلىكى تاماق يىدىم دەپ قوياتتىم.بۇ ھۈنەرنى ئۈگۈنىۋالساملا ، ئۆز ئالدىمغا بىر ئىش قىلغۇم بار ئىدى. شۇڭا ھەر قانداق چاپاغا چىداۋاتاتتىم.
_چمەنگۈل، بۇ پۇلغا دۇككاندىن تۈگمە، يىپ ۋە سىرىتما ئەكىرىڭە.تۈگمىدىن ئاۋۇ ئۈچ چاپانغا، يىپنى ماۋۇ رەخىتكە چۈشۈرۈپ ئىككىنى، سىرىتمنىڭ قارىسىنى ئېلىڭ.
كىچك ئۇستام يەنە بىر شاگىرتنى سرىتقا سودىللىققا بۇيرىدى. مەن بۇ يەرگە شاگىرتلىققا چققاندىن باشلاپ، ئۇششاق سودىلىق بولسا ئاساسەن چمەنگۇل قلىپ كىرەتتى. بىر دەمدىن كىين ئۇ كىرىدى.
_ئۇستام مانا ماللار.
ئۇ ئالغان نەرسىلەرنى ، كىيىم پىچىدىغان شىرە ئۈستىگە قويدى. ئۇستاپ قاراپ‹‹يەنە بىر چاپانغا تۈگمە ئالماپسىزغۇ؟››دىۋىدى. ئۇ بېشىنى تۈۋەن سېلىپ ، بوش ئاۋازدا‹‹پۇل يەتمىدى››دەپ ئۆزى ئاڭلىغۇدەك قلىپلا جاۋاپ بەردى.
_داۋاملىق يىتىدىغان پۇل، بۈگۈن ئەجەپ يەتمەپتا؟!
ئۇستام ئۇنىڭغا ئالايغىنىچە ئۇنى سىلكىۋەتتى. ئۇستامنىڭ بۇنداق ئاچچىغنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. چمەنگۈل يىغلامسىراپ يېنىمغا كىلىۋالدى. توۋا! ئۆزى يەتكۈدەك پۇل بەرمەي، ئەمدىلىكتە ئالالماپسەن دەپ بۇ بىچاردىن ئاچچىغىنى چقارغىنى نىمىسى؟ نامەردنىڭ ئىشىغۇ بۇ. ئۇستامغا بىر خىل ئۆچمەنلىك نەزىرىدە قاراپ قالدىم.كەچتە قايتىدىغان ۋاقىتتا چمەنگۇل بىلەن بىللە قايتتىم.ئۇ يولدا بىر ئاز جىمجىت ماڭغاندىن كىيىن، ئۆزىچلا ئۆكسىپ يىغلاپ ماڭا ئېسىلىۋالدى. تېخى ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن ، دادىسى يوق بۇ قىزنىڭ يىغىسى يۈركىمنى ئىزىۋەتتى.
_چمەنگۇل بولدى يغلىماڭ سىڭلىم. قانداق گىپىڭىز بولسا ماڭا دەڭ.
ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۈرتكەچ ئۆزۈمگە قاراتتىم.
_مەن بۇ يەردە تۇرمايمەن. بولدى ھلىمۇ بىر يىل بولدى . ئەمدى چىدىغۇچلىكىم قالمىدى. ئۇلار مانا مۇشۇنداق داۋاملىق ماڭا ئاز پۇل بىرىپ، مىنى ئوغۇرلۇق قلىشقا قىستايدۇ. نەچچە موچەننى دەپ ۋىجدانىنى ساتىدۇ. بۈگۈن ئوغۇرلۇق قلىشقا قولۇم بارمىدى. ھچكىم كۆرمىگەن بىلەن ئاللاھ كۆرۈپ تورىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ قلىۋىرىشكە ۋىجدانىم يول قويمىدى. ئۆيدىكىلەر بىلەن دىيىشتىم. ھۈنەرنى باشقا ئۇستاملاردىن ئۈگىنىمەن. سىزمۇ بۇ يەردە ۋاقتىڭىزنى ئىسىراپ قىلماڭ، قارسام كاللىڭىز بەك ئىشلەيدىكەن، بۇلار سىزگە ھەرگىزمۇ ھۈنىرىنى ئۈگۈتىپ قويمايدۇ. مانا مەن بىر يىل بولدى، شۇ ئۇششاق ئىشتىن باشقىنى قىلىپ باقمىدىم.
ئۇنىڭ كىرىپىكلىرى تۆكۈلۈپلا تۇرىدىغان قاپقارا كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاپ ئاقماقتا ئىدى.
_توۋا، قانداق دىگەن نائىنساپ بىر نىملەر بۇ، قىز بالا دىگەنمۇ شۇنداق بۇلامدۇ؟ شۇڭا ئەرگە تىگەلمەي يۈرۈپتىكەن. ئادەم دىگەننىڭ ئىچىدىكىنى بىلمەڭ تەس ئىكەن. كىممۇ ئۇلارنى ئۇنداق ئىش قىلىدۇ دەپ ئويلىسۇن. يىغلىماڭ، شۇنداق قىلىڭ. بۇنداق نائىنساپ، نامەرتلەرنىڭ يېنىدىن كىتىڭ، بۇ ھۈنەرنى باشقا يەردىن ئۈگىنىڭ. مەنمۇ بىر مەزگىل قاراپ باقاي.
ئۇنىڭغا بىر ھازا تەسەللى بىرىپ ئايرىلدۇق. يول بويى چمەنگۇلنىڭ گەپلىرى كاللامغا كىرىۋالدى. توۋا جاھاندا مۇنداقمۇ ئادەملەر بولىدىكەن دىسە. مۇناپىقكەنغۇ بۇلار، ئاللاھ كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ جاجىسىنى بىرەر. بىچارە چىمەنگۇلغا ئىچم ئاغىرىپ قالدى.ھلىمۇ بۇ دادىسى يوق بىچارە بىر يىل چىداپتۇ. مەن بولىدىغان بولسام، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا كۆتە كەشىڭنى دەپلا، ئۇنداق بىر نىملەرنىڭ يېنىدىن يېنىپ چقماي. ئىچم ئاچچقتىن ئېيچىشىپ كىتىۋاتاتتى. يولدا قۇشۇمىللىرىم تۈرىلىپ، قاپاقلىرىم ئېچىلماي كىتىپ باراتتىم. ئىككى كۈندىن كىين چمەنگۇل دىگىنىدەك مەن بىلەن خوشلىشىپ كىتىپ قالدى.بىراق ئۇ ئۇستاملارغا خوشمۇ دىمىدى. قارىغاندا ئۇ راستىنلا بۇلاردىن زىرىككەن بولسا كىرەك. چمەنگۇلنىڭ كىتىشى بىلەن شاگىرتتىن مەنلا قالدىم. ئۇششاق سودىلىققا مەن چقىدىغان بولدۇم.مەن دەسلەپ ئۇلار ماڭا نەچچە پۇل بەرسە ، ئۇ پۇلغا لايىق نەرسە كۆتۈرۈپ كىردىم. ئۇلارمۇ ئوشۇق گەپ قىلمىدى. لىكىن ۋاقىت ئۆتكەنسىرى كىچىك ئۇستام غودۇڭشىغىلى تۇردى.
_مىھرىبان ، سودا دىگەننى تالىشىپ تۇرۇپ قىلىش كىرەك. ئۇلار نەچچە پۇل دىسە شۇنى بەرسىڭىز كىيىن قانداق نان تېپىپ يەيسىز؟ بۇ پۇلنى ئېلىڭ ئاۋۇ پەلتۇغا تۈگمە ئەكىرىڭ.
ئۇستام شۇنداق دىگىنىچە قولۇمغا 2 يۈەن پۇلنى تۇتقۇزدى.
_ئۇستام بۇ پۇلغا ئۇ پەلتۇغا يەتكۈدەك تۈگمە كەلمەيدۇ. ئادەتتە ئۇ پەلتۇغا قاداشنى بۇيرىغان تۈگمىنىڭ بىر تېلى بەش موچەن ، بۇنىڭغا 6 تال تۈگمە كىتىدۇ. بۇنداق بولسا ماڭا 3 يۈەن بەرسىڭىز بولاتتى.
_بۇنى مىنى بىلمەيدۇ دەۋاتامسىز؟ بايام دىدىمغۇ، سودا دىگەننى تالشىپ تۇرۇپ قىلغۇلۇق دەپ. تالشىپ تۇرۇپ ئالسىڭىز بىرىدۇ.
مەن ئامالسىز 2 يۈەن پۇلنى ئېلىپ بازارغا ماڭدىم. دۇككان ئىگىسى ئۇ تۈگمىنى قانچە قىلساممۇ، 2 يۈەنگە ئالتە تۇرماق بەشنىمۇ بەرمىدى. مەن قانداق قىلاي؟ خەق بەرمىسە ، بىر يۈەننى دەپ ئەمدى ئۇلارغا تىزلىنامدىم ئەمدى. شۇنچە پۇلنى تېپىپ نىمە قلىدىكىنە بۇلار؟ يا ئەرگە تەگمىگەن...چمەنگۇل پىچارىنىڭ دەردىنى ئەمدى چۈشەندىم. بىچارىنىمۇ مۇشۇنداق قلىپ ، مۇشۇ يولغا ئەكىرىپ قويۇپتىكەندە بۇ نامەردلەر. تۈگمىنى ئالماي پۇلنى كۆتۈرگەنچە يېنىپ كىرىدىم.
_ئۇستام ئىككى يۈۋەنگە قانچە قىلساممۇ 6 تال تۈگمىنى بەرمىدى. يېنىمدىن قوشۇپ ئالاي دىسەم ، پۇلۇم يوقكەن. بولمىسىغۇ بىر يۈەن بۇلتى ئۇ.
تەنە ئارلاش قىلغان گىپىمدىن ئۇستام ساغىرىپ، تاتىرىپ كەتتى.
_بەرمىگەن بولسا مانا. بۇ پۇلنى ئېلىپ ئەكىرىڭ.
ئۇ بىر يۈۋەن پۇلنى ئېلىپ پاققىدە ئالدىمغا قويدى.مەن باشقا گەپ قىلمايلا ، بىر يۈەن پۇلنى ئېلىپ بۇرۇلۇپلا چقىپ كەتتىم.
_ئۇستام مانا تۈگمىلەر.
_مەن نىمە قىلىمەن؟! ئاپىرىپ ئاۋۇ پەلتۇغا قادىمامسىز، مەن قادامتىم يا! ھاڭۋاقتىدەك تۇماي ئېلىڭە!
ئۇ ماڭا شۇنداق قاتتىق تەگدىكى ، بايىقى ئاچچىقىنى چقىرۋاتقاندەك قىلاتتى. بىرەر ناھەقچلىككە ئۇچىرسام ھەرگىز چىدىمايتىم. ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ ، ھېلىقى تۈگمىلەرنى قادىۋەتتىم. بىردەمدىن كىيىن ئۇستام ماڭا ئۇچۇق قىلىپلا:‹‹مىھرىبان، سودا دىگەندە ھيلە بىلمىسىڭىز بولمايدۇ. ئۇنداق تۈگمىلەردىن بىرەر، ئىككىنى ئۇشۇق ئېلىۋالغانغا ھىچ نىمە بوپ كەتمەيدۇ. بەرمىدى دەپلا قورۇق قول يېنىپ كىرمەڭ››دەپ بىشارەت بەرىدى. ئۇستامنىڭ بۇ گىپى ئۇچۇقلا مىنى ئوغۇرلىق قىل دىگىنى ئىدى. بىراق مىنىڭ ۋىجدانىم يول قويمايدۇ دە ئەلۋەتتە.
_توۋا ئۇستام، قىزىقكەنسىز. ئۇلارمۇ سودا قىلىپ جان باقىدۇ. سىزلام سودا قىلىپ جان باقمايسىز بۇ جاھاندا. ئۇلارمۇ پايدا چقىدىغان يېرىدىن بىرىدۇ. ئەمدى بەرمىدى دەپ نەچچە موچەننىڭ كەينىگە كىرىپ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلامدۇ كىشى. مىنى ئوغۇرلا دىمەكچىغۇ سىز؟ مۇسۇلمانلار دىگەن ئوغۇرلۇقنى راۋا كۆرمەيدۇ. بۇ ھەم قىزلار ئەخلاقىغا يات بىر ئىش. مەن بۇ يەرگە ھۈنەر ئۈگىنەمەنمىكىن دەپ كەلگەن، ئوغۇرلۇق قىلامەنمىكىن دىمىگەن. چمەنگۇلنىڭ دىگىنى توغىركەن، بىچارە ھلىمۇ بىر يىل سىلەرنىڭ كەينىڭلارغا كىرىپ ، ئامالسىز گۇناھڭلارغا شىرىك بوپتۇ. بىراق مەن چمەنگۇل ئەمەس. مىنى ئوغۇرلۇق قىل دىسەڭلار مەن قىلالمايمەن. بولدى، ئۇگەنمىسەملا بولدىغۇ بۇ ھۈنەرنى ، سىلەردەك ئادەملەردىن ئۈگەنگەن ھۈنەرمۇ پاكىز بولمايدۇ. شۇنچە بۇلنى تېپىپ، بېسىپ يېتىپ نىمە قلىسىلەر؟ سېسىپ قالمىسۇن ئۇ پۇللىرىڭلار. ۋاقتى كەلگەندە پۇلنىڭ قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدۇ. بايامنىڭزى ئۆزۈمنى بېسىۋالدىم. بىر كوينىڭ كەينىگە كىرىپ، ماڭا قىلغان سوغوق مۇئامىلەڭلارگە چىدىمىدىم. شەيتانننىڭ كەينىگە كىرىپ كتىپسىلەر. ئاللاھ سىلەرنى توغىرا يولغا باشلىسۇن.
ئۇستامنىڭ بايىقى ناھەقچىلىكگە چىدىماي، ئۆزۈمنى تۇتالماي سۆزلەپ كەتتىم. بىر ئادەمگە بۇنچىۋالا گەپ قىلالايمەن دەپ ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. قارىغاندا مەندىمۇ يۈرەك خېلى يەردە بار ئىكەن. ئاخىردا ئۇلارغا‹‹سىلەر ئەڭ ياخشىسى ئەرگە تىگىۋېلىڭلار. خۇتۇن كىشى دىگەن ئەردە ياخشى، بولمىسا يەردە دىگەن گەپ بار. بۇنداق يۈرسەڭلار سىلەرگە ئەر چقماي ئولتۇرۇپ قالسىلەر››دەۋەتكىلى تاسلا قالدىم.
_قارا ما سېرىق تۈكنى، ئۇستىسىغىمۇ مۇشۇنداق گەپ قىلامدىكىنە!
چوڭ ئۇستام قولىدا قايچا كۆتۈرگىنىچە ئالدىمغا كىلىۋىدى. شۇنداق قورقۇپ كەتتىم. ئۇ كىلىپلا قايچنى كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئۈستىگە پاققىدە قويۇپ، قۇلقىمنى قاتتىق تولغۇۋەتتىكى ، ئۈزۈلۈپ كەتتىمىكىن دەپ تۇتۇپ باقسام خۇداغا شۈكىرى، جايدا بار ئىكەن. بىراق قۇلقىمدىن ئوت چقىپ كەتتى. ئاغىرىققا چدىماي ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتىم.
_ نىمە، كىچىك بالىنى بوزەك قىلىشامسەن نىمە؟ مىنى مۇشۇنچىلىك بولغۇچە دادام ، ئاناملارمۇ تاك ئىتىپ چكىپ باقمىغان. ئۇرساڭلارمۇ يوللۇق ئىش قىلمامسىلەر. سىلەردەكمۇ يولسىز ئادەملەر بۇلامدۇ! بولدى سىلەردەك پەس ئادەملەردىن ھۈنەر ئۈگەنمەيمەن. ھەم بۇنداق ھۈنەر قىلىدىغانلار سىلەردەك بولىدىغان بولسا، ئاللاھ تۇرۇپتۇ بۇ ھۈنەرنى ھەرگىز ئۈگەنمەيمەن.ۋىجدانى يوق نائىنساپلار، بىر ئۆمۈر ئەرگە تىگەلمەي ئولتۇرشارسەن.!
بۇ گەپلەرنىڭ ئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كىتىۋاتقانلىقىنى ئۆزۈممۇ بىلەلمەي قالدىم. قولۇمدىكى قايچنى يەرگە تاشلىغىنىمچە سىرىتقا قاراپ يۈگۈردىم. ئىشىكتىن چققىۇچە ‹‹ئەمدى بۇ نەس باسقان دۇككانغا ھەرگىزمۇ دەسسىمەيمەن››دەپ ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ كەتتىم.يولدا ماڭغاچ ئاۋازىمنى قويۇۋىتىپ يىغلاۋاتاتتىم. باشقىلارنىڭ ماڭا قاراشلىرىغۇمۇ پەرۋە قىلماي، ئۇدۇلدىكى دوختۇرخانىنىڭ گۈللىكىگە كىرىپ، ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بىر ھازا يىغلاپ ئىچمنى بوشتىۋالدىم. مۇئەللىمنىڭ ‹‹مىھىرىبان سىز تېخى كىچىك جەمىيەتنى چۈشەنمەيسىز››دىگىنى ئىسىمگە كىلىۋاتاتتى.شۇنداق مەن جەمىيەتنى راستىنلا چۈشەنمەيدىكەنمەن. جەمىيەتتە ھەر خىل ئادەملەر ۋە ھەرخىل ئىشلار بار ئىكەن ئەمەسمۇ. بىراق ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ ۋەدە بىرىۋەتتىم. ئەمدى بۇ ھۈنەرنى ئۈگەنمەيمەن. ھەم بۇنىڭدىن كىيىن ئۈگەنگۈممۇ كەلمەيدۇ. ھاياتىمدا بىر يول تاپتىم دەپتىكەنمەن ، لىكىن بۇ يولۇممۇ ئۈزۈلدى.ئەمدى قايسى يوللار مىنى كۈتىۋاتقاندۇ؟ ھەي ئاللاھ، ئۆزۈمنى ساڭا تاپشۇردۇم. ئۆزەڭ بىر ئاسانلىق يول بەرگەيسەن، ئۆزەك بىر يول كۆرسەتكەيسەن.
كەچقۇرۇن ئۆيدىكىلەرگە بولغان ئەھۋالنى بىر قۇر سۆزلەپ ، بۇ ھۈنەرنى ئۈگەنمەيدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.
_يولسىز كىشىلەركەنغۇ ئۇ، خەپ ئۆزۈم چقىپ كۆرۈشمىسەم . سىزنى مەنمۇ ئۇرۇپ باقمىغان تۇرسام.
دادام ئاچچىقتىن تىتىرەپ كەتتى.
_بولدى دادا ئۇ پەسلەرنىڭ ئەدىپىنى ئۆزۈم بەردىم. ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئاتايتىن چقىپ كۆرشىشىڭىزگە ئەرزمەيدۇ.
دادام بىلەن ئانام بولغان ئىشلارنى ئاڭلاپ ، مىنى ئەيپلەپ كەتمىدى. مەنمۇ يەنە بۇرۇنقى بىر خىل رىتىملىك تورمۇشۇمنى قايتا باشلاپ كەتتىم. بىراق كاللامدا باشقا بىر ئىشىنىڭ پىشىنى تۇتۇشنىڭ ئىپىنى قىلىۋاتاتتىم.


(3)
قەھرىتان قىش چقىپ، باھار كىلىپ ھەممە ياق ئىللىشقا باشلىدى. دەل-دەرەخلەر بىخ سۈرۈپ ئەتىراپ يىشىللىققا پۈركەندى. مەھەلىدىكىلەرمۇ ئېتىزلارغا مىدىرلاپ، تېرىقچىلىق ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى. مەنمۇ دادامغا ياردەملىشىپ، تېرىقچلىق ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرىدىم. ئۆزۈمنىڭ ئىشى ھەققىدە ئويلىنىدىغانمۇ ۋاقىت يوق ئىدى. ئەتىگىنى بازارغا سۈت ئاپارسام، كىلىپ قويلارنى بېقىپ، ئاندىن دادامغا ياردەملىشەتتىم. پات-پات ئانام بىلەن ئۇرشۇپ قالغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا، ئۇھ دىگۈندەكمۇ ھالىم قالماي كىچىسى يوتقانغا كىرىپلا ئۇخلاپ قالاتتىم.مۇتەللىپ 8- يىللىققا چقىپ قالغاچقا ، مەكتەپتە ياتاقلىشىپ ، ھەپتىنىڭ ئاخىر ئۆيگە كىلەتتى.چوڭ ئاچام يىراق يىزىدىكى مەكتەپتە توختاملىق بۇلۇپ ئىشلەپ تۇرىۋاتقان بۇلۇپ ، ئۇ يەردە ياتاقلىشىپ ئىككى ئۈچ ئايدا بىر ئۆيگە كەپ قوياتتى. ئۇنىڭ ئاشۇ ئازغىنە مۇئاشى ئۆزىگىمۇ تېخى بەزىدە يەتمەي ، ئۆيدىن ئېلىپ ماڭاتتى. ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئانام بىلەن يەنە پېتىشمىغىلى تۇردۇم.ئانام كۆرۈمگە شۇنداق كىرىۋالاتتىكى، نىمە ئىش قىلسام ئارلىشاتتى. بىراق مەن قىلغان ئىشىمغا ئارلاشقان ئادەمنى پەقەت ياقتۇرمىغاچقا ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئىش توغۇرلۇق تولا ئۇرشۇپ قالاتتۇق. ئانامنىڭ كۆزۈمگە كىرىۋېلىشى، ئۇنىڭ بىلەن پېتىشماسلىق بىلەن يەنە زىرىككىلى تۇردۇم ۋە بالدۇراق بىرەر ئىش قلىشنى ئويلىدىم. بەزىدە ئەتىگەندە سۈتلەرنى تارقىتىپ بىكار بولسام ئۇ يەر بۇ يەرلەردىن ئىش ئىزدەپ قوياتتىم . بىراق ھازىرقىدەك ئىشسىزلىق كىرزىسى ئېغىر بۇ جەمىيەتتە ئىش تاپماق تەس ئىدى.
_ مەن بىر ئىش قىلسام بۇلاتتى.
كەچلىك تاماقنىڭ قاچىللىرىنى يىغىشتۇرغاچ ئۇلارغا دىدىم.
_يەنە شۇ گەپمۇ؟ ھېلى ئۇنى قىلىمەن، ھېلى بۇنى قىلىمەن دەپ ، بىر ئوبداق ئۈگۈنىۋاتقان ھۈنۈرىڭنى ئۈگەنمەي، ئۇستاڭ بىلەن پېتىشماي كىرىۋالدىڭ . يا بىرەر ئىشنى ئاخىرغىچە قىلمىساڭ.
ئانام يەنە قايناپ سۆزلەپ كەتتى.
_بولدى قىلساڭچۇ ئانا، مىنىڭ ئىشىمغا كەلگەندىلا قايناپ ئۆزۈڭنىڭ دېپىنى چالىدىكەنسەن. بىر ئىشنى ئاخىرغا ئىېلىپ چىقمدىڭ دەيسەن. مەن قايسى بىر ئىشنى قىلىپ ئاخىرغا ئىېلىپ چقمايپتىمەن؟ ناھايتى شۇ سەيپۇڭچىلىقنى ئۈگەندىم. بىراق بۇنى ئۈگەنمەسلىكنىڭ سەۋەبىنى سىلەرگە شۇنداق ئېنىق قىلىپ دەپ بەردىمغۇ. سەن زادى مىنى چۈشەنمەيدىكەنسەن ئانا. مەن خەنزۇچە بىلىمەن بىرەر تاللا بازارلىرىدا ياكى بىرەر دۇككانلاردا ئىشلىسەممۇ بۇلىدۇ. ياكى  ھۈنەر دىگەن جىق شۇلاردىن بىرنى ئۈگەنسەممۇ بولىدۇ.
قاچلارنى يىغۇشتۇرمايلا ھويلىدا بىردەپ سەگىدەپ ئولتۇرۇپ، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قاراپ خىيالغا پېتىپ كەتتىم. ئانام مىنى نىمىشقا چۈشەنمەيدىغاندۇ؟ ئۇ نىمىشقا ماڭا بۇنچە يولسىزلىق قىلىدىغاندۇ؟ بەلكىم ئۇمۇ توغىرا ئويلايدىغاندۇ، بىراق نىمىشقا مىنىڭ تاللىشىمغا ھۆرمەت قىلمايدىغاندۇ؟........ ئۆز ئۆزمگە نۇرغۇن سۇئاللارنى قويۇپ كەتتىم. لىكىن ئۆزەممۇ قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپ بىرەلمىدىم. ئانام بىلەن مۇشۇنداق پېتىشماي ، ئۇرشۇپ يۈرسەم ، دادام كەچكىچە ئىككىمىزنىڭ جىدىلىنى ئايرىسا مۇشۇمۇ ئائىلە بولدىمۇ؟ نۇرغۇن خىياللار ئىچىدە، ئاسمانغا قاراپ ھويلىدىكى كارۋاتتا ياتسام ، تۇيۇقسىزلا يۇلتۇزلار ئارسىدىن بىر تال ئاقار يۇلتۇز ساقىپ چۈشۈپ كەتتى. مەكتەپتە ساۋاقداشلىرىمنىڭ‹‹ئاقار يۇلتۇز ساقىىۋاتقاندا، تىلەك – ئارزۇلىرىنى ئېيتسا ، ئۇ چۇقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ ››دىگىننى ئاڭلىغان ئىدىم. بۇنىڭغا ئىشەنمىسەممۇ لىكىن ئىچىمدە‹‹ئۇلۇغ ئاللاھ، مىنى بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتۇشۇمغا يۈلەك بولغايسەن، ھىچ بولمىغاندا بىرەر ئائىلنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ بەرسەممۇ مەيلى››دەپ كۆزۈمنى يۇمۇپ، دۇئا قىلىۋەتتىم. لىكىن قانداقلارچە بىرەر ئائىلىنىڭ خىزمىتىنى بولسىمۇ دىگەن خىيالغا كىلىپ قالغىنمنى ئۆزۈممۇ بىلەلمەي قالدىم. قانداقلارچە بۇنداق تىلەكنى تىلەپ قالغاندىمەن؟ ئاللاھ ساقلىسۇن ئۇنداق بوپ قېلىشنى. بوپتىلا بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكنمۇ؟ ئۆز قىلقىمغا ئۆزۈمنىڭ كۈلگىسى كىلىپ ، ھوجىرامغا كىرىپ كەتتىم.


(3)


مەھەلىدىكى ساۋاقداشلىرىم ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىنى تۈگۈتۇپ، بەس-بەستە مەكتەپ چاقىرىق قەغەزلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ خۇشاللىقىدا ئۇياقتىن بۇياققا جار سېلىپ يۈرەتتى. بۇنىڭدىن ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بۇلۇپ، بئارام بۇلۇپ كەتتىم. مەنمۇ ئوقۇغان بولسام ، مۇشۇلاردەك مەكتەپ چاقىرىق قەغىزىمنى يۈزۈمگە سۈرتىپ ، خۇشاللىقىمدا دادام ، ئاناملارنىڭ ئالدىدا سەكىرەپ، ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان مەكتەپكە مېڭىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلاتتىم ھەقىچان. ئالى مەكتەپ ھاياتى چۇقۇم بەك كۆڭۈللۈكتۇ ھە؟ مەھەلىدىكى بالىلار تاكى ئالى مەكتەپتە مېڭىپ بولغۇچە قولۇم ئىشقا بارماي ، مۇشۇنداق ئازاپلىق خىياللارنى قلىىپ ، ئانچە-مۇنچە ياش تۆكۈپ قوياتتىم.


ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 4 لەردە قوپۇپ ، بازارغا سۈت ئېلىپ ماڭاتتىم. بىراق بۈگۈن يەكشەنبە بۇلۇپ ، ئىشچى-خىزمەتلچىلەر ئاساسەن دىگۈدەك دەم ئالىدىغان كۈن بولغاچقا ، باشقا كۈندىكىدىن سەل ۋاقچىراق قوپتىم. ئانا ئاللىقاچان كالىنى سېغىپ ئەكىرىپ قويۇپتۇ. سۈت قاچىلايدىغان كىچىك تۇڭ ۋە بوتۇلكىلارنى يۇيۇپ سۈتنى قاچىلىدىم. 7- ئاينىڭ ئاخىرلىرى بولغاچقىمىكىن ئەتتىگەندە ھاۋا شۇنداق سالقىن ۋە ئادەمگە يېقىشلىق تۇيغۇ بىرەتتى. ئەتتىگەندە قۇشلارنىڭ سايراشلىرى ، پاقىلارنىڭ كوكىراشلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان يىزامدىن ، روھلۇق ۋە تىتىك ھالدا ئانامغا ‹‹ئاللاھقا ئامانەت›› دەپ خوشلاشقانچە ۋەلسىپىتىمنى مىنىپ بازارغا ماڭدىم. گەرچە بۈگۈن سەل ۋاقچىراق ماڭدىم دىگەن بىلەن، كوچلاردا ئاندا-ساندا كوچا سۈپۈرۋاتقانلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا كوچا جىمجىت ئىدى. سۈتلەرنى 9 ئائىلىلىككە تارقىتىدىغان بۇلۇپ ، بۇلارنىڭ ئۆيى بىرىنىڭ شەھەرنىڭ ئۇ چىتىدە بولسا، بىرىنىڭ بۇ چىتىدە ، يەنە بەزىللىرىنىڭ 6-7- قەۋەتلەردە ئىدى. شۇڭا ئالدىنقى 7 ئائىلىگە تارقاتقىچلىك ۋەلسىپىت مىنگۈدەكمۇ ھالىم قالمىدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئاپىرىدىغان ئىككى ئائىلىلىك ئۆز-ئارا ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل قوشنىلار بۇلۇپ ، بىرى ئۇيغۇر يەنە بىرى خەنزۇ ئىدى. خەنزۇنى مەن لى ئاچا دەپ چاقىراتتىم. بۇ شەھەرلىكلەرمۇ قىززىق بولىدىغان خەقئىكەن. بىزنىڭ يىزىلاردا ئۆيگە بىرەر مىھمان كەلسە ، ھەتتا تونۇمايدىغان بىرى كەلسىمۇ شۇنداق ئۇچۇق چىراي كۈتۈۋالىمىز. بىراق بۇلارنىڭ بەزىللىرى كەلسەم بەكلا قوپال مۇئامىلە قىلاتتى. بەزىللىرىنىغۇ مۇشۇ ۋاقىتقىچىلىك كۆرۈپ باققىنىممۇ يوق. پەقەت پۇل ئالىدىغان ۋاقىتلاردا كۆرمىسەم، باشقا چاغدا سۈتلەرنى ئىشىك ئالدىغا قويۇپ قوياتتىم.بىرەسى ئازىراق ئۇچۇق چىراي ئېچىپ قالسا، ھارغىنلىقىم يۇقاپ كىتەتتى. بەزىللىرىنىڭ مۇز يېغىپ تۇرغان قاپاقلىرىغا قارسام ، تەنلىرىم شۈركىنىپ ، ھېرىپ كەتمىگەن بولساممۇ ھېرىپ كۆڭلۈم باشقىچە بوپ قالاتتى.  لى ئاچام بۇلارنىڭ ھىچ قايسىسىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ماڭا ئامىراق بۇلۇپ ، مىنى كۆرسىلا ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ كەمپۈت دىگەندەك مەن ئامىراق نەرسىلەرنى بىرەتتى. بەزىدە تېخى ئۆيگە ئەكىرىپ بىرەر ئىستاكان چايمۇ بىرىپ قوياتتى. ئۇ مەلۈم بىر ئىدارىدە خېلى ھوقۇقى بار باشلىق بۇلۇپ ، ئۇ مۇناسىۋىتىگە تاينىپ بىزگە تۈۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ھەل قىلىپ بەردى. گەرچە بىزنىڭ شەرتىمىز تەبىيلا بۇنداق شەرتكە چۈشسىمۇ، لىكىن بىزىڭ بۇ شەھەردە بۇنداق بۇلنى يولى بارلار ئالاتتى. شۇڭا ئانام ئۇنىڭغا ئانچە مۇنچە قېتىق، نان يېقىپ چقارتىپ تۇراتتى. بۈگۈنمۇ ئۇنىڭغا قېتىق، قايماق ئېلىۋالدىم . ئۇنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلگەندە، ئاۋۋال ئۇنىڭ قوشنىسىنىڭ سۈتىنى بىرىۋىتىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم.
_ كەلدىڭىزما؟ كىرىڭ، كىرىڭ، ئۆيگە كىرىڭ.
لى ھەدەم شۇنداق دىگىنىچە ئىشىكنى ئاچتى. ئۇ ئوتتىرا بوي ، سەل سىمىزىرەك، چېچى كالتە ۋە بۈدىرە قىلىنغان، چىرايى سۈپسۈزۈك بۇلۇپ ، گەرچە 40 ياشلاردىن ئاشقان بولسىمۇ، شۇنداق ياش كۆرىنەتتى. ئۇنىڭ ئۆزى خەنزۇ بولغىنى بىلەن ئۇيغۇرچنى شۇنداق راۋان سۆزلەيتى. كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ بىردەم ئولتۇرۇپ، ئۇ بەرگەن تاتلىق تۈرۈملەردىن ئېلىپ ماڭغۇم بولسىمۇ ، لىكىن يەنىلا تارتىنغىنىمدىن:
_ بولدى. مەن مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇراي، خاپا بولماي بوتۇلكىلارنى ئەپ چقىپ بىرىڭ،-دىدىم مەن قىزىرىپ ، تاتىرىپ يەرگە قارىغىنىمچە.
_بولمايدۇ ، مەن سىزنى كىرىڭ دىگەندىكىن كىرىڭ. سىزگە دەيدىغان گىپىم بار.
ئۇ مىنىڭ قولۇمدىن تارتىپلا ئۆيگە ئەكىرىدى. مەن ئىشىكتىن كىرگەندىلا ئۇدۇلغا قويۇلغان ساپاغا كىلىپ ئولتۇردۇم. ئۆيدە ئۇنىڭ يولدىشى تىلىۋۇزۇر كۆرۋاتاتتى. ئۇمۇ ماڭا ئامىراق بۇلۇپ ، مىنى كۆرۈپلا خۇش بولۇپ ، ماڭا بىر ئىستاكان چاي ئەكىلىپ خەنزۇچە ئىچە دەپ شەرەتلىدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ قويۇپ چايدىن بىر ئوتلاپ قويدۇم. لى ئاچام بوتۇلكىلارنى ۋە قېتىق ئەكەلگەن قاچلارنى بىكار قلىپ ئېلىپ چقتى. ئۇ قولىدىكى نەرسىلەرنى سافانىڭ ئالدىغا قويۇقلۇق شىرە ئۈستىگە قويۇپ، مىنىڭ يېنىمغا كىلىپ ئولتۇردى. ئۇ ئاۋۋال ئۆيدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىر قۇر سورىۋەتتى.
_ ماڭا بىر ئىشتا ياردەم قىلالامسىز؟ ،- دىدى ئۇ قولۇمغا ئىستاكاننى تۇتقۇزغاچ.
_نىمە ئىش ؟ مەن ياردەم قىلالايدىغان ئىش بولسا چۇقۇم،-دىدىم مەن ئىستاكاننى قولۇمغا ئالغاچ.
_مۇنداق ئىش بىزنىڭ ئىدارىنىڭ بۇرۇنقى جۈجاڭى(ئىدارە باشلىقى دىمەكچى)، ئۇ ھازىر شەھەر باشلىقى بولدى. ئۇنىڭ ئايالى كىسەل بوپ قېلىپ ، ئۈرۈمچدە ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇپ ئەكەلگەن ، ھازىر ئۆيىدە ئۇنىڭغا قارايدىغان ئادەم يوق ئىكەن. شۇڭا ئۇلار ماڭا ئىشەنچىلىك، ياخشى ، ئەخلاقلىق قىز بالا بولسا ئۆي خىزمەتچىلىكىگە تېپىپ بىرىڭ دىگەن . ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ سىزنى لايىق كۆردىم. قانداق قىلىشنى خالامسىز؟ ئەگەر قوشۇلسىڭىز ئۇلار سىزگە ئايرىم تۈۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ھەل قىلىپ بىرىدىغان بولدى. سوممىسى خېلى كۆپ.
ئۇ مىنىڭ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇراتتى. بۇ ئۇشتۇمتۇت سورالغان سۇئالغا نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى بىلەلمەيۋاتاتتىم.
_مەن.....مەن...مەن ئاۋۋال ئۆيدىكىلەرگە دەپ باقاي، ئۇلار نىمە دەيدىكىن، سىزگە كەچتە تىلغۇندا خەۋىرىنى بىرەيلى.
ئۇنىڭغا مۇشۇنداق جاۋاپ بەردىم . لىكن، كۆڭلىم چىۋىن يەۋەلغاندەك بىر قىسما ئىدى. سۈت سېتىپ ، ئەتىگەندە قوپۇپ جاپا چكىشكە رازىتىمكى، پەقەت ئۆي خىزمەتكارى بولغۇم يوق ، يەنى خەخنىڭ كۆزىگە قاراپ ئىش قىلىش بىلەن خوشۇم يوق ئىدى. ئۇلار ماڭا ئالتۇن بەرسىمۇ قىلغۇم يوق. تۇيۇقسىزلا بىر چاغلاردا ھېلىقى ئاقار يۇلتۇز ساقىغاندا تىلىگەن دۇئايىم ئىسىمگە كەپ قالدى. توۋا خۇدايىم، بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىدىغىنىنى بىلگەن بولسا، ئۇ چاغدا سەندىن ھەرگىزمۇ بۇنداق تىلەكنى تىلىمىگەن بۇلاتتىم. ھەي ئۇلۇغ ئاللاھ، مىنى نىمانچە قىينايدىغانسەن؟ ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ تىلىگىنىڭنى بەردىم. بۇ ئىشنى بېشىڭدىن ئۆتكۈزۈپ كۆر، بۇ سىنىڭ تەقدىرىڭدە بار ئىدى. دىمەكچى ئوخشىمامسەن ؟
لى ئاچامنىڭ ئۆيىدىن خوشلىشىپ يېنىپ چىقتىم. ئۇ بۇرۇنقىدەك ماڭا كەمپۈت، پىچىنە-پىرەنىك دىگەندەك نەرسىلەردىن سىلياۋ خالتىغا سېلىپ بەرىدى. بۇرۇن بۇنداق نەرسىلەنى ئالسام بەكلا خوش بۇلۇپ كىتەتتىم. لىكىن بۈگۈن بۇلار مىنى خوش قىلالمىدى. يولدا كىرىگۈچە ئۆي خىزمەتكارى بۇلۇش كاللامنى چىرمىۋالدى. ئۇنى خىيال قىلىپ ماشىنىغا ئۇرۇلۇپ كەتكىلى تاس قېلىپ ، شوپۇردىن بىرمۇنچە تىلمۇ ئاڭلىدىم. ئۆيگە كىرىپلا، چرايىم سۇلغۇن ھالدا ھوجىرا ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم. ھويلىدا ئانام ھويلا سۈپۈرۋاتاتتى.
_ نىمە بولدۇڭ؟-دىدى ئۇ يېنىمغا كىرىپ سولغۇن ھالىتىمگە قاراپ.
_ھىچنىمە ، سەل ھېرىپ كەتتىم. بىردەم يېتىۋال.
ھوجىرامدىكى كۆپىنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈمنى تاشلاپلا خىيالغا چۆكتىم. بۇ گەپنى ئانامغا دەيمۇ، دىمەيمۇ؟ ئۇ يەرگە چقايمۇ، چقمايمۇ؟.....ئەگەر مەن ئۇ يەرگە چىقىشقا ئۇنىمىسام لى ئاچام بىلەن ئارىمىزغا سوغوقچلىق چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ چاغدا بىزمۇ تۈۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىدىن مەھرۇم قېلىشىمىز ئھتىمالغا بەك يېقىن. گەرچە ئۇ پۇل ئاز بولسىمۇ، لىكىن ئوقۇۋاتقان ئاچامنىڭ ھەر ئايلىق تۇرمۇش پۇلىغا يىتەتتى. سۈتتىن كىرگەن كىرىم ئاران ئۆينىڭ دەردىدىنى تارتاتتى. ئەگەر ئۇ مىنى گىپىمگە ئۇنىمىدى دەپ بۇ پۇلنى بىرىشنى توختىتىۋەتسە  ئۇچاغدا ئاچامنى قانداق ئوقۇتىمىز؟....بوپتىلا مەن يا بىر يامان ئىش قىلمىسام، ناھايتى كەلسە ئۆي خىزمەتكارى بولىدىكەنمەن. ھالال ئىشلەيدىغان ئىش تۇرسا ، مەن نىمىدىن قورقاتتىم. ئاللاھتىن تىلەپتىكەنمەن ، ئۇ بەرى. ئاللاھمۇ بۇ ئىشنى قىلىشىمنى راۋا كۆرگەن بولسا كىرەك.
ئانامغا بۇ گەپلەرنى ئېيتىش ئۈچۈن ماڭدىم. بىراق يەنە توختاپ قالدىم.ياق، مەن ئەمدى ‹‹بومو›› بوپ ئۆتەمدىم. دوستلىرىم ، مەھەلىدىكىلەر مىنى نىمە دەپ قالىدۇ. بىزنىڭ مەھەلىدە ھىچ كىم بۇنداق ئىشنى قىلمىسا، مەن قىلسام باشقىلار مىنى تۈۋەن كۆرمەمدۇ. بولدى مەن قىلمايمەن. بۇ گەپنىمۇ ئۆيدىكىلەرگە دىمەيمەن.
مۇشۇنداق ئىككىلىنىش بىلەن قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەيۋاتاتتىم. ئاخىرى بۇ گەپنى ئۆيدىكىلەرگە دەپ ئۇلارنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولدۇم. كەچتە تاماقتىن كىيىن دادام ، ئاناملارغا لى ئاچامنىڭ دىگەنلىرىنى قىسقىچە دەپ باقتىم.
_بولمايدۇ! سىز قىز بالا تۇرسىڭىز، مەن ئەمدى قۇلۇم-قوشنىلارنىڭ ئالدىدا ، قىزىنى باقالماي خەقنىڭكىگە بىرىۋىتىپتۇ دىگەن گەپنى ئاڭلاپ ئۆتەمدىم. ھەرگىز بولمايدۇ.
دادام چېچىلىپ كەتتى. دادامنىڭ بۇگىپى مىنى قەۋەتلا خوش قىلىۋەتتى. لىكىن خۇشاللىقىم ئانامنىڭ گىپى بىلەن نەلەگىدۇر غايىپ بولدى.
_ بۇ يابىر يامان ئىش ئەمەسكەن، ئەگەر بىز ئۇنىمىساق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويىمىز. بىزنىڭ قىزىمىزغا ئىشىنىپ مۇشۇنداق دەۋاتقاندىكىن بوپتۇ دەيلى. ئۇلارمۇ ھوقۇقلۇق ئادەملەر ئىكەن ، بۇ بانادا ئاكىسى ياكى ئاچىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىۋالساق ئەجەپ ئەمەس. ئەگەر مىھرىبان ئۇلارنىڭ دىگەن يېرىدىن چىقىپ ئۇلارغا ياراپ قالسا، ئۇلارمۇ مىھرىباننى يەردە قويمايدۇ. كىسەلگە قارايدىغان ئىش ئىكەن، بۇ دىگەن ساۋاپلىق ئىش.
دادام بىلەن ئانام بىر ھازا تاكاللىشىۋەتكەندىن كىيىن . ئەزەلدىن ئانامنىڭ دىگىنىنى ئاڭلايدىغان دادام يا ‹‹ياق›› يا ‹‹ماقۇل›› دىمەي جىملا تۇرىۋالدى. بۇنىڭ ئۆزىلا دادامنىڭ قوشۇلغانلىقىدىن دىرەك بىرەتتى. ئۇلار مۇشۇنداق تالاش-تارتىشتا ئولتۇرغاندا لى ئاچامدىن تىلغۇن كەلدى. تىلغۇننى ئانام ئالدى. ئۇ ئانام بىلەن بىر قۇر سالاملىشىۋەتكەندىن كيىن ھېلىقى ئىشنى سورىدى.ئانام بىر مۇنچە تەكەللۇپ گەپلىرى بىلەن مىنى چىقىرىدىنىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ ماڭا ئىشى تېپىپى بەرگىنىگە رەھمىتىنى بىلدۈردى. ئانامنىڭ بۇ قىلىقلىرى سەل غىدىقىمنى كەلتۈرۋەتتى. لى ئاچام ماڭا ئەتە سائەت 11 لەردە مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇشۇمنى،  ئەتە مىنى مىنى ئۇلار بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى. تىلغۇننى قويۇپ ئۇخلاش ئۈچۈن چىقىپ كەتتىم. كىچە بىر ۋاقىتقىچە ئۇيقۇم كەلمىدى. ئەتىدىن باشلاپ ھاياتىمنىڭ يېڭى قەدىمى باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. ھەي ، بۇ كۈنلىرىم نەدىن چىقار؟

ئەتىسى ئەتىگەندە ئەل ئۇيقۇدىكى چاغدا سۈتلەرنى ئېلىپ ماڭدىم. ئەتتىگەندە سىم-سىم يامغۇر چۈشۈۋاتاتتى. يامغۇردا كۈنلۈك تۇتماي مېڭىشنى ياخشى كۆرگەچكە ، ئانام ‹‹تۇتىۋالغان››دەپ بەرگەن كۈنلىكنى تۇتماي يامغۇردا كىتىۋاتاتتى. بۈگۈن دۈشەنبە بولۇپ، سۈتلەرنىڭ ئۇلار قوپۇشتىن بۇرۇن ئىشىك ئالدىغا قويۇپ قويشىم كىرەك. لى ئاچامنىڭ سۈتىنىمۇ ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىغا قويۇپ ياندىم. ئۆيگە كىرگۈچە، گەرچە يامغۇر سىمىلداپ ئاز يېغىۋاتقان بولسىمۇ، كۈنلۈك تۇتمىغاچقا خېلىلا ھۆل بۇلۇپ كەتتىم.
_ۋايجان نىمانچە ھۆل بوپ كەتتىڭ، كۈنلۈك تۇتىۋالمىغانمىدىڭ؟
_كۈنلۈك تۇتۇپ ۋەلسىپىت مىنەلمەيدىكەنمەن. يامغۇر ئانچە جىق ياغمىغاندىكىن دەپ تۇتمىغان ئىدىم.
ئانامغا شۇنداق دىگەچ ھوجىرامغا كىرىپ ، ھۆل كىيىملىرىمنى سېلىۋەتتىم. ھويلا ئاراملارنى جىمىقتۇرۇپ، چۈشلۈك تاماقنى ئېتىپ بۇلۇپ،  لى ھەدەم بىلەن دىيىشكەن بىلەن دىيىشكەن يەرگە چىقىش ئۈچۈن ماڭدىم. يامغۇرمۇ توختاپ بولغان بۇلۇپ، يامغۇردىن كىينكى ھاۋا بەكلا ساپ ئىدى. يامغۇر ياغقاندا بارچە قايغۇللىرىم يوقلا بۇلۇپ ، كۆڭلۈم ئېچلىپ باشقا ئىشلارنى ئويلىغۇم كەلمەيتى. مەن دىيىشكەن يەرگە بارغاندا سائەت تېخى 11 بولمىغان بۇلۇپ، ۋەلسىپىتىمنى يولنىڭ بويدىكى دەرەخ تۈۋىگە قويۇپ، لى ھەدەمنى ساقلىدىم. بىر ئازدىن كىيىن مەكتەپ بالىلىرى چۈشلۈك قىلىپ چقىشقا باشلىدى. بۇ ئومۇقلارنىڭ غەم-قايغۇسىز، خۇشال مەكتەپتىن قايتىش ھالىتىگە قاراپ‹‹ئادەم مەڭگۈ چوڭ بولماي، مۇشۇنداق غەمسىز ئۆتسە ھە›› دەپ ئويلاپ قالدىم. سائەت 11 يېرىم دىن ئۆتۈپ 12 بۇلاي دەپ قېلىۋاتسىمۇ لى ئاچام كەلمەيۋاتاتتى. ئۇ كەلمىگەنچە كۆڭلۈم خوش بۇلۇپ كەتتى. بۈگۈن ئۇ كەلمىسىكەن، باشقا بىرىنى تاپسىكەن، ئاللاھتىن تىلەۋاتاتتىم. بىر ئازدىن كىين ئالدىمغا بىر قارا ماشىنا كىلىپ توختىدى ، ئۇماشىنىغا قاراپلا تونۇۋالدىم . ئۇ لى ئاچامنىڭ ماشىنىسى ئىدى.
_مىنى ساقلاپ كەتتىڭىزمۇ؟ ئىدارىدە يىغىن ئېچىپ سەل ۋاقچى ئىشتىن چۈشتۇق. يۈرۈڭ كىرەمدۇق؟
_ياقەي. مەنمۇ تېخى ھازىر كىلىپ تۇرشۇم ئىدى. ماقۇل.
نىمىشقىكىن بىرسىگە گەپ قىلسام يۈزلىرىم قىزىرىپ، خىجىل بولغىنىمدىن، بېشىمنى يەردىن كۆتۈرەلمەيتىم. ئىككىمىز مەكتەپنىڭ ئائىللىكلەر قوروسىغا كرىدۇق. مەكتەپ بالىلىرى چۈشلۈك قلىپ بولغاچقا مەكتەپ جىمجىت ئىدى.بىز پاراڭلاشقاچ ئۇلارنىڭ ئىشىكى ئالدىغا چقتۇق. ئۇلارنىڭ ئۆيى 3- قەۋەتتە بۇلۇپ ، پەلەمپەيدىن چققاندىكى بىرىنجى ئۆي ئىدى. لى ھەدەم ئىشىكنى چەكتى ، ئىشىكنى خام سىمىز، ئاق پشقاق ، بەستلىك بىر بالا چىقىپ ئاچتىئ ئۇنىڭ ئۇستىخانلىرى ئۇنداق يوغىنىغان بىلەن ، چرايدىن كىچك ئىكەنلىكى چقىپ تۇراتتى. ئۇ بىزنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى. باشلىقنىڭ ئۆيى دىگەن يەنىلا باشقىچە بولىدىكەن.ئۇلارنىڭ ئۆيى شۇنداق ئىسىل زىننەتلەنگەن بۇلۇپ، ئىشىكتىن كىرگەندىلا مىھمانخانا ئۆي ياندا، مىھمانخانىغا كىرىدىغان ئىشىكنىڭ ئىككى تەرپىگە ئىككى تال يوغان لوڭقا قويۇلغان ، لوڭقىنىڭ ئىچىدە گۈل بار ئىدى. مىھمانخانا ئۆي خېلىلا چوڭ بۇلۇپ، سافا قويۇلغان ئىدى.بىز شۇ يەردىكى سافادا ئولتۇردۇق. سافا ئالدىدىكى ئەينەك شىرە ئۈستىدە، خىرۇستاللاردا ھەر خىل تاتلىق تۈرۈملەر تىزىقلىق ، مىھمانخانا ئۆيگە ھەر خىل سۈنئى گۈللەر ۋە خىرۇستاللار تىزىقلىق ئىدى.چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتى بولغاچقا ، ئۇلار چۈشلۈك ئارام ئېلىۋاتقان بولسا كىرەك. ھېلىقى سىمىز بالا دادىسىنى چاقىرىپ چقتى. مىھمانخانا ئۆيگە دىقماقىراق، پىۋا قورساق، قىزىل يۈز، كۆزلىرى كىچىك، چوققىسىدا چېچى يوق بۇلۇپ، ئىككى چكىسىدىكى چېچىنى چوقىسىغا تارىۋالغان بىر كىشى بىلەن ئورۇق ئىگىز ، چىرايى سارغىيىپ كەتكەن ، چېچىنى كەينىگە قىلىپ تۈگۈۋالغان، قېشىنى چەكتۈرۋالغان ، مۇز چىراي بىر ئايال چقتى. ئۇلار بىزگە سالام قلىپ ئالدىمىزدىكى سافاغا كىلىپ ئولتۇردى.
_كەلدىڭلارمۇ؟_دىدى ھېلىقى ئادەم لى ھەدەمگە خەنزۇچە قىلىپ .
ئۇلار بىز ھازا خىزمەت ئىشلىرى ھەققىدە پاراڭلاشتى. گەرچە مەكتەپتە تۈزۈك ئوقۇمىساممۇ، لىكىن مەھەلىدىكى خەنزۇ بالىلىرى بىلەن ئارلىشىپ خەنزۇچىنى خېلى بىلەتتىم. ئۇلارنىڭ قىلىشقان گەپلىرىنى ئاساسەن دىگۈدەك چۈشىنىپ ئولتۇردۇم. ئۇ كىشى مىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ، لى ھەدەمدىن سورىدى.
_ سىز دىگەن قىز شۇما؟
_ ھەئە شۇ.
ئۇلارنىڭ پارىڭى ماڭا يۆتكەلگەندە ، دەرھال خىجىللىقتىن يەرگە قارىۋالدىم.
_نەچچىگە كىرىدىڭىز؟
_18 گە.
بېشىمنى يەنىلا كۆتىرەلمىدىم. بۇ گەپنى قىلغۇچە يۈزۈمگە ئوت كەتتى. ئارلىقتا ھېلىقى خام سېمىز بالا قوغون-تاۋۇز پىچىپ چىقىپ ئالدىمىزغا قويۇپ، مەكتەپكە ماڭىدىغانلىقىنى ئېيتىپ چقىپ كەتتى.
_قېنى يەڭلار.
ئۇ باشلىق شۇنداق دىگەچ ئالدىمىزغا بىر تەخسە قوغۇننى قويدى. لى ھەدەم قوغۇندىن بىر تىلىم ئېلىپ قولۇمغا تۇتقۇزدى. قوغۇننىمۇ شۇنداق تەستە يىدىمكى ، تەمىنىمۇ بىلەلمىدىم. يۈركىم خۇددى يوغان بىر تاشنىڭ ئاستىدا قالغاندەك بئارام بۇلۇۋاتاتتىم.
_بۇ قىز شۇنداق ياۋاش ھەم كەم سۆز ، ئۆزىمۇ ئەخلاقلىق . ئىشقلىپ سىلەر دىگەن تەلەپكە چۈشىدۇ.
_مەنمۇ قارسام شۇنداقتەك قىلىدۇ. باياتىننىڭزى قارسام، بېشىنى يەردىن كۆتۈرەلمىدى. تارتىنىپلا ئولتۇردى. گەپ قلسىمۇ قىزىرىپ ، يەردىن ئۈستۈن قارىيالمايدىكەن.
ھېلىقى ئايال شۇنداق دىۋىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۈلۈشىپ كەتتى.
_قاراڭ خان،-ھېلىقى ئادەم ماڭا قاراپ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردى،-بىزنىڭ بۇ ئۆيدە باشقا ئىشمۇ يوق. مۇشۇ ئاچىڭىزنىڭ سەل مىجەزى يوق. ئاچڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، تامىقىمىزنى ئېتىپ بەرسىڭىز، ئاندىن بىزنىڭ ئۆيدە مىھمان ئۈزۈلمەيدۇ، شۇلارنىڭ كۈتۈپ بەرسىڭىزلا بولدى.
ئۇ يا خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغانمۇ ياكى تىلى شۇنداقمۇ ئىشقىلىپ ئۇيغۇرچىنى ئىلىپ بەكلا ئىتتىك سۆزلەيتى . گىپىنى ياخشىراق ئاڭلىمىسا ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىكەن.
_قالغان ئىشلارنى ئۆزىمۇ ئالدىرماي ئۈگۈنىۋالدۇ. ئۇ بەك ئەقىللىق. ئەمسە بۇ بالامنى سىلەرگە تاپشۇردۇم، چۈشتىن كىيىن تەكشۈرۈش بار ئىدى مەن ئىدارىغا بارمىسام بولمايدۇ.
لى ھەدەم شۇنداق دىگىنىچە مېڭىشقا تەمشەلدى.
_خاۋ خاۋ (ماقۇل ماقۇل دىمەكچى)
باشلىق لى ئاچامنى ئىشىك تۈۋىگىچە ئۇزتىىپ قويدى.ياققا يۇرتتا تونىمىسىمۇ بىرەر يۇرتلىقىنى ئۇچرتىپ قالسا ، ئادەم باشقىچە بۇلۇپ كىتىىدىغان ، لى ھەدەم چىقىپ كەتسە گەرچە ، ئۇ يات مىللەت بولسىمۇ ، لىكىن شۇ ياققا يۇرتتا ، بىر دىنبىر يۇرتلىقىمدىن ئايرىلىپ، بۇ ناتۇنۇش ئۆيدە يالغۇر قالغاندەك بۇلۇپ كۆڭلۈم يېرىم بولغىنىدىن كۆزۈمگە ياش كەپ كەتتى.
_قېىنى ئۇكام تارتىنماي بۇ نەرسىلەردىن يەڭە.
ھېلىقى مۇز چىراي خوتۇن ئالدىمغا بىر قانچە خىل گىزەكلەرنى سۈرۈپ قويدى.
_بولدى جىق يەۋەتتىم.
ئاۋازىم شۇنداق بوش چقىۋاتىدىكى ، يۈزۈمگە ئوت كەتكەندەك قىزىپ كىتىۋاتاتتى.
_بۇ ئۆيدە ئەمدى تارتىنماي، نىمە يىگۈڭىز كەلسە يەپ، ئىشلارنى جايى – جايىدا قىلىپ ماڭسىڭىز، مەن بىلەن ئانچە –مۇنچە باراڭلىشىپ بەرسىىڭىز بۇلىدۇ. ئىسمىڭىز نىمە؟
_مىھرىبان.
ئۇ مەندىن نىمە سورىسا ، شۇنىڭغا لايىق جاۋاپ بىرىىپ قوياتتىم. ھېلىقى يوغان قوساق باشلىق ، ئىشقا ماڭىدىغانلىقىىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى. ئۇ ماڭىدىغان ۋاقتىدا:
_ ئەمىسە ئۇكام ، مەن خىزمەتكە بارمسام بولمايدۇ.مۇشۇ ئاچىڭىز نىمە دىسە شۇنى قىلىپ ، تارتىنماي ئاچىڭىزنىڭ دىگەن يېرىدىن چىقىپ تۇرۇڭ.
_ ماقۇل.
مەن خۇددى بۇرۇنقى زامانلاردا خان ئالىيلىرى بۇيرۇق قىلسا، قول ئاستىدىكىلەر ‹‹لەببەي، خوش ئالىيلىرى››دىگەندەك مەنمۇ بۇلار نىمە دىسە ‹‹ماقۇل››دىگەن گەپنى ئىنتايىن بوش ۋە سىلىق دەيتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىشى باشلىق بولغاچقىمىكىن ، ھەر بىر ئېغز سۆزىدىن كەسكىنىك، بۇيرۇق چىقىپ تۇراتتى.
_بۇ يەرلەرنى يىغىشتۇرىۋىتەيمۇ؟
مەن ئاستا ئورنىمدىن تۇرۇپ، ھېلىقى ئاچاشقا سۇئال نەزىرىدە قاراپ تۇردۇم.
_ ماقۇل.
ئۇ ماڭا بىر خىل مەمنۇن بولغاندەك قاراپ مىيقىدا كۈلۈپ قويدى. مەن ھېلىنىڭزى بىز يىگەن تاۋۇز ، قوغۇن شاپاقلىرىنى، شىرە ئۈستىدىكى ئەخلەتلەرنى ، مىۋە شۆپۈكلىرىنى ئېلىپ ، ئەخلەت چىلىكىگە تاشلاپ ، ھېلىقى سافا ئالدىغا قويۇلغان ئەينەك شىرە ئۈستىنى رەتلەپ ، لاتا بىلەن سۈرتىۋەتتىم. ئۇ سافادا يانچە يېتىۋېلىپ ، قىلغان ھەر بىر ئىشلىرىمغا زەن قويۇۋاتاتتى. مەن پات-پات ئۇنىڭدىن ئۇ قەيەردە، بۇ قەيەردە؟ دەپ سوراپ قوياتتىم. سۈپۈرگىنى تېپىپ چقىپ ، مىھمانخانا ئۆينى سۈپۈرۈشكە باشلىدىم. مەن تازلىق قىلىشقا كەلگەندە بەك ئىنچىكە بۇلۇپ ، ھەربىر بۇلۇڭ-پۇشقاقلارغىچە تازلىمىسام كۆڭلۈم ئۇنىمايتى. بۇ ئۆيگە سۈپۈرگە تىگىپ باقمىغىنىغا خېلى بولغاندەك قىلاتتى.ئۆي جاھازىللىرىمۇ خېلىلا توپا بېسىپ كەتكەن ئىدى. ھەممە ئۆيلەرنى سۈپۈش خىيالىغا كىلىپ ، ئۇنىڭدىن سوراي دىگۈچە ئۇممۇ ‹‹مىھرىبان، ھەممە ئۆيلەرنى بىر قۇر سۈپۈرىۋىتىڭە››دىدى.

بۇ ئۆي ئۈچ ھوجىرا، بىر مىھمانخانا، ئاشخانا، ھاجەتخاندىن ئىبارەت ئىدى. ھوجىرا ئۆينىڭ بىرى باشلىقىنىڭ بولساكىرەك. ئۇ يەرگە كارۋات قويۇلغان، كارۋات ئۈستىگە ئۇلارنىڭ تويلۇق رەسىمى ئېسىقلىق بۇلۇپ، ئۇ رەسمگە چۈشكىنىگە ئانچە ئۇزاق بولمىغاندەك تۇراتتى. ئۇ ئۆينى بىر قور سۈپۈرۈپ ، ئېيتىشتۇردۇم. دەرىزە تەرەپكە نەرسە كىرەك تىزىدىغان ئورۇن چقىرىقلىق بۇلۇپ ، ئۇ يەردە ھەرخىل سۈنئى گۈللەر، بىر-بىرىدىن چىرايلىق سوۋغان بۇيۇملىرى تىزىقلىق ئىدى. قارىغاندا گۈللەرگە خلىلا ھەۋىسى بار ئايال بولساكىرەك. ئەڭ ئۈستىدىكى ئورۇندا رەسىم رامكىسىدا شۇنداق چرايلىق بىر بالىنىڭ رەسىمى تۇراتىتى. ئۇ ھېلىقى ئايالغا بەكلا ئوخشايدىكەن. ‹‹بالىسى بولسا كىرەك ›› دەپ ئويلىدىم. بودەك دادىسىغا ئوخشايدىكەن. بۇ بالا ئاپىسىغىلا ئوخشايدىكەن. ئوغول بالىمۇ مۇشۇنداق چىرايلىق بۇلامدىغاندۇ؟...ئۇنىڭغا بىر ھازا قاراپ قاپتىمەن. ئۇ ئۆينى تازلاپ چىقىپ ، قالغان ئۆيلەرنى تازلىدىم. تازلىق قىلغۇچە  پۈتۈن بەدىنىمدىن تەرلەپ سۇ چقىپ كەتتى. توۋا ، مۇشۇنچىلىك بوپ كەتكۈچە سۈپۈرگىمۇ تىگىپ باقماپتۇ. قىزى يوقمىكىنە بۇلارنىڭ؟

ئۆيلەرنى سۈپۈرۈپ بۇلۇپ ، بارلىق ئۆي جاھازىللىرىنى ئېيتىپ پارقىرتىۋەتتىم.ئاندىن ئاخىردا پولنى سۈرتىۋەتتىم.بىردەمدىلا ئۆينىڭ ئىچى باشقىچە ئېچىلىپ كەتتى. قىلغان ھەر بىر ئىشىمغا زەن قويۇپ ئولتۇرغان ھېلىقى خوتۇن مىنىڭ ئىنچىكىلىكىمدىن سۆيۈنۈپ كەتتى.
_قارىسام كىچك بولغىنىڭز بىلەن بەكلا ئىنچىكە ۋە ئەستايدىل ئىكەنسىز. مەن باشقا ئىشلارنى ئىتىبارغا ئەپ كەتمەيمەن. لىكن تازلىققا بەك ئەھمىيەت بىرىمەن. تازلىقنى مەن ئويلىغاندىنمۇ ياخشى قىلىۋەتتىڭىز. سىزنى ئەپ قېلىشنى قارار قلىپ بولدۇم.
ئۇ مىنى ماختاپ ئۇچىرىۋەتتى.ئۇنىڭ بۇ ماختاشلىرىدىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بۇلۇپ كەتتىم.
_ئاچا يەنە باشقا ئىشلار بارمۇ؟
_بولدى ئۇكام، قىلىدىغان ئىش يوق، ھېرىپ كەتتىڭىز ئۆيىڭىزگە كىرىپ كىتىپ ، ئەتە كەلسىڭىز بۇلىدۇ.
بىزنىڭ ئۆي يېقىن بولغاچقا ، ئۇلار بىلەن ئەتىگەن چىقىپ ، كەچ كىىرپ كىتىشنى دىيشىۋالغان ئىدىم.
ۋەلسىپىتىمنى ھېلىقى يول بويدىكى دەرەخ تۈۋىدىن ئەكىرمىگىنىم يادىمغا يىتىپ، بارمىدۇ، يوقمدۇ؟ دىگەن خىياللار بىلەن، ئۇچقاندەك مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا چىقتىم. خۇداغا شۈكىرى، ۋەلسىپىتىم شۇ جايىدا تۇراتتى.ۋەلسىپىتىمنى ئېلىپ ئۆيگە ماڭدىم. ھېرىپ كەتكەچكە ، ۋەلسىپىت مىنىشكىمۇ خوش ياقمايۋاتاتتى. بۇ ئائىلىنىمۇ كۆردۈم ، بىراق تېخى چۈشەنمىدىم. ئۇلار نەچچە بالىدۇ؟ قىزى يوقمىدۇ؟ ئۇ ئايال كىسەلنىڭ دەردىدە ئاشۇنداق بۇلۇپ كەتكەنمىدۇ؟ تويلۇق رەسىمىدە سىمىز ، چىرايلىق ئايالكەنتۇق، بىراق ھازىر ئۆزىگە قەتئىلا ئوخشىماي قاپتۇ.... ھېلىقى بالا نەدىدۇ؟ ئۇ ئەجەپ چىرايلىق بالىكەن...ئۇ ئايال قارىماققا سوغوق كۆرۈنگەن بىلەن، خېلى ياخشى ئايالدەك قىلىدۇ... ھېلىقى باشلىق نىمانچە سۈرلۈكتۇ؟ھېلىقى پور كۆتەك بالىچۇ تېخى......نىمانچە سەمىرىپ يوغىنىغان بالا ئۇ؟ باشلىقنىڭ بالىلىرى شۇنداق سىمىز بۇلامدىكىنە؟......
كاللامدا نۇرغۇن سۇئاللار پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى. ۋايجان نىمە بولسا بولمامدۇ. ھامىنى چۈشىنىمەن. سۇئاللىرىمغا شۇ بىرلا جاۋاپنى بىرىپ ئۆيگە ئالدىردىم. كۆڭلىمنىڭ بىر يەرلىرىدىن يەنىلا بۇ ئىشنى قىلىشقا قايىل بولمايۋاتاتتىم. لىكىن نىمە ئامال؟ بۇ ئىشنى باشلىدىم. ئاخىرنى چىقىرىىپ باقمايمۇ، ئاللاھ پىشانەمگە پۈتۈپتىكەن، قىلىپ كۆرۈپ باقاي. ئۆزۈم تىلەپ تاپتىم ئەمەسمۇ.
كەچتە ئۆيگە كىرىپ قورسىقىم بەكلا ئېچىپ كەتكەچكە ، تاماق پىشقۇچە قېتىققا ناننى سېلىپ ئىچىۋالدىم. توۋا، ئۇلار بىر نەرسە يەۋېلىڭمۇ دىمەپتا؟ پىخسىقلار......يا ئۇ خوتۇننىڭ يادىغا يەتمىگەن ئوخشايدۇ بوپتىلا..........
ئۆيدىكىلەرگە كەچلىك تاماقتىن كىيىن ، بۈگۈنكى ئىشلاردىن بىر قۇر دوكىلات بەرىدم.لىكىن ئارلىقتا ئۇلارنىڭ قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ ‹‹بۇ ئىشنى قىلغۇم يوق››دىۋىدىم. ئانام سۆزلەپ تىللاپ كەتتى.]

ئەتىسى ئەتىگەندە قوپۇپ سۈتلەرنى ئېلىپ ، تارقىتىپ بۇلۇپ باشلىقنىڭ ئۆيىگە ماڭدىم. مەن سۈتلەرنى تارقىتىپ بولغۇچە خېلى ۋاخ بۇلاتتى. ئىشىكنى چەكسەم ھېلىقى باشلىق چقىپ ئاچتى. ئۇ مىنى مىھمانخانا ئۆيگە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ھوجىرا ئۆيگە كىرىپ كەتتى ۋە ھايال بولمايلا كىيىملىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ماڭدى. ئۇ ماڭىدىغان ۋاقتىدا مىھمانخانا ئۆينى تازلىۋىتىشىمنى ئېيتتى. قارىغاندا كەچتە مىھانلار بولغان بولسا كىرەك، مىھمانخانا ئۆي بەكلا قالايمىقان ، مەينەت تۇراتتى. مىھمانخانىنى تازلاپ ، ئەينەك شىرە ئۈستىنى ئېيتىپ قويدۇم. ھوجىرا ئۆينىڭ يەنە بىرىدە ئادەم بارمىدۇ ، يوقمىدۇ؟ يوق بولسا تازلىۋىتەي دىگەن مەقسەتتە ئاستا ئىشىكنى ئېچىپ باقتىم. لىكىن ئاچقىنىمغا سەل پۇشايمان قىلىپ قالدىم.چۈنكى ئۇ ئۆيدە تۈنۈگۈنكى بالا بىلەن يەنە بىر بالا يالىڭاچ كالتە ئىشتىنى بىلەنلا، ‹‹بۇلاپ قالغان خېمىر››دەك ياتاتتى. شۇھامان ئىشىكنى يپىۋەتىتم ۋە ئىچىمدە كۈلگۈم كىلىپ كەتتى. چوشقىنىڭ ئۆزىكەنغۇ بۇلار.....كالىدەك پۇشۇلداپ يېتىشلىرىنى...نىمىشقىمۇ ئېچىپ باققاندىمەن؟ يەنە بىر بالا ھېلىقى سۈرەتتىكى بالا ئەمەسقۇ دەيمەن؟... ئۇمۇ بۇلارنىڭ ئوغوللىرىدىن بىرى بولسا كىرەك.
ئاشخانىدا بىر مۇنچە قاچىلار دۆۋلەنگەن ئىدى. ئۇلارنى يۇيىۋىتەي دەپ ئاشخانا تەرەپكە مېڭىشىم بىلەن ھېلىقى ئاچاش يۆتىلىپ، چۈشكۈرۈپ دىگەندەك ھوجىرا ئۆيدىن چىقتى. ئۇ ئۇخلاش كىيىمى بىلەن بۇلۇپ، چىرايى سارغىيىپ كەتكەن ئىدى.
_ كەلدىڭىزمۇ ئۇكام؟ بەكلا ئەتىگەندە كىلىۋاپسىزغۇ؟ بۇنىڭدىن كىيىن ۋاقچراق كەلسىڭىزمۇ بولدۇ.
_ئەتتىگەندە بازارغا سۈت ئېلىپ چىققان، شۇ يەردىن بىكار بۇلۇپلا كلىشىم. ئۆيگە بېرىپ يەنە كەلسەم بەك ئاۋارچىلىق بولىدىكەن.
ئۇنىڭغا مۇشۇ گەپنى دىگۈچە قىزىرىپ ، ئاۋازلىرىم تىتىرەپ كەتتى.
_بۈگۈن ئاچىللىرىم يوقلاپ كىلەتتى. شۇڭا مىھمانخانىدىكى نەرسىلەرنى تۇلۇقلاپ يوق نەرسىلەرنى تىزىپ قويۇڭ.
ئۇ ماڭا گىزەك، پىچىنە قويۇلغان يەرنى كۆرسىتىپ قويدى. ئۇ نەرسىلەردىن ئېلىپ ، ئەينەك شىرە ئۈستىدىكى خىرۇستاللارغا سېلىپ تۇلۇقلاپ قويدۇم. ئاندىن ئاچامغا ناشتىلىق تەييارلاپ بىرىپ، ئاشخانىدىكى قاچىلارنى يۇيۇش ئۈچۈن ئاشخانىغا كىرىدىم. قاچا يۇيىۋاتسام،ھېلىقى ئىككى‹‹بەگزادىلەر›› چقتى. تۈنۈگۈنكى بودەك ھاجەتخانىغا كىرىپ كەتتى. يەنە بىرى بولسا ئاشخانا ئۆيگە كىرىدى. ئۇ كىرىشىگە ئۇنىڭغا سالام بەردىم. لىكىن ئۇ گەپمۇ قىلماستىن ، كالىدەك كىرىپ بىر ئىستاكان قايناق سۇ قويۇپ ئېلىپ چقىپ كەتتى. باشلىقنىڭ بالىسى بولسا ، مۇشۇنداق ھاكاۋۇر بۇلامدىكىنە؟... ئۇنىڭ بۇ قىلىقى ماڭا شۇنداق ھار كەلگەن بۇلۇپ، كۆڭلۈم بىر خىل بۇلۇپ كەتتى. ئۇ تۈنۈگۈنكى بالىنىڭ چوڭىدەك قلاتتى.ئۇمۇ سىمىز، سەل دىقماقىراق، يۈزلىرىگە دانىخورەك چىقىپ كەتكەن، بەئەينى دادىسىنىڭ دىبىنى ئىدى. تۈنۈگۈنكى بودەك ھاجەتخانىدىن چىقىپ ناشتىمۇ قىلماي سىرىتقا ماڭدى. ئاكىسىمۇ ھېلىقى بىر ئىستاكان قايناق سۇنى ئىچىۋىتىپ سىرىتقا ماڭدى. ئۇلار ئاپىسىغا گەپمۇ قىلمايلا چقىپ كەتتى.تازىمۇ بىر بۇتمۇ نىمە بۇلار؟ ئەتىگەندە قوپقان ئادەم ، ئانسىدىن ئەھۋال سوراپ قويمامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈسىتىگە ئانىسىنىڭ مىجەزى يوق بولغاندىكىن تېخىمۇ شۇنداق قلىشى كىرەك تە...زادى ئوغول بالا دىگەن مۇشۇنداق كىلىدۇ...ھېلىقى چرايلىق بالا نەدىدۇ؟ ئۇمۇ مۇشۇلاردەك بۇتمىدۇ يا؟ 
_ مىھرىبان ئىشىكنى ئېچىۋىتىڭە ئۇكام!
_ ھە مانا.
مىھمانخانا ئۆيدىن چىققان ئاچامنىڭ ئاۋازى خىيالىمنى بۇزىۋەتتى. قارىغاندا بىرى ئىشكنى چەككەن بولسا كىرەك. مەن ھۆل قولۇمنى ، لۆڭگىگە سۈرتىۋىتىپ يۈگۈرۈپ چقىپ ئىشىكنى ئاچتىم. ئىشىك ئالدىدا بىر-بىرىدىن يوغان، سىمىز، سالاپەتلىك، بىر-بىرىگە ئوخشاپ كىتىدىغان تۆت خوتۇن تۇراتتى.
_ئەسسىلامۇ ئەلەيكۈم، قېنى ئۆيگە كىرىڭلار.
ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدىم. ئۇلار كىرىشى بىلەن ئاچام دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن يۈز يېقىشىپ كۆرۈشتى.ئۇلارغا بىر ھازا قاراپ قالدىم. ئۇ خوتۇنلار باشلىققا ئوخشاپ كىلەتتى. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئاچامنىڭ قېينى ئاچىللىرى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىدم.
_مىھرىبان ، چاي ئېلىپ چقىڭ.
ئۇ ماڭا شۇنداق دىۋىتىپ، ئۇلار بىلەن تەڭ ئولتۇردى. مەن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ چاي دەملەپ ئۇلارغا ئەپ چىقىپ ئۇلارغا سۇنىۋىتىپ، ئاشخانا ئۆيگە چىقىپ كەتتىم. ئاشخانا ئۆيدە ئۇلارنىڭ قىلىشقان گەپلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
_بۈگۈن قانداقىراق تۇرۇپسىز ئۇكام؟
-مىجەزىم سەل ئۆزگۈرىۋالدى. ئەسقەر ئەتىدىن باشلاپ بىر قانچە كۈن ئاسما ئاستۇرىۋەت دەيدۇ.
_شۇنداق قىلىڭ. سېستىرالار مۇشۇ ئۆيگە كىلىپ ئېسىپ قويسۇن.
_ئاخشام گىپىنى قىلغان خىزمەتكار قىز شۇما؟
_ھەئە تۈنۈگۈن كەلگەن. بۈگۈن رەسمى ئىشقا چۈشۈپ كەتتى.
_كىچىكلام قىز بالا ئىكەن، قارىسام كەم سۆز، ئىنچىكە ۋە ئەستايدىلدەك قىلىدۇ. ئۆزىمۇ يۈزى تۈۋەن ، تارتىنچاق قىزئىكەن.
_مىھرىگۇلغا ياخشى قاراپ كەتسىلا بۇلىدۇ. كىچىككەن كىسەل باقالارمۇ؟ تاماق ئىتەلەرمۇ؟ ھەممىدىن مۇھىمۇ شۇ.
ئۇلارنىڭ بەس-بەستە مەن توغۇرلۇق قىلغان گەپلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مىنى ‹‹خىزمەتكار قىز››دىگىنى جان-جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. مەن ئەمدى خىزمەتكار قىز بۇلۇپ قالدىممۇ؟ ئوقۇماي خىزمەتكار بۇلىمەن دىگەن بولغىيمىتىم؟...ئىچىم بىرخىل ئاچچىق بۇلۇپ، بىئاراملىقتىن، يۈرىكىمنى بىر نەرسە بېسىۋالغاندەك بۇلۇپ كەتتىم.
_ مىھرىبان ئۇكام بۇياققا چقىڭە.
مىھمانخانا ئۆيدىن ئاچامنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن دەرھاللا مىھمانخانا ئۆيگە چىقتىم.
_ئاشخانىدا قوغۇن بار ، بۇ يەرگە پىچىپ چىقىڭە.
_ماقۇل.
ئاشخانىغا كىرىپ ئىككى تەخسەقوغۇن پىچىپ ئېلىپ چقىپ بىرىپ، ئاشخانىدىكى قاچىلارنى يۇيۇپ ، تازلاپ تۇرسام ، باشلىق كەلدى. ئۇ مىھمانخانىدىكى مىھمانلار بىلەن كۆرشىۋەتكەندىن كيىن ئاشخانىغا كىرىپ كەلدى.
_نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟ تاماق ئەتمىدىىڭىزمۇ؟
ئۇ سىمىز قوساقلىرىدىن چۈشۈپ تۇرمايۋاتقان ئىشتان بېغىنى ئىگىزلەپ قويۇپ مەندىن سورىدى.
_ بۇ يەرنى تازلىۋىتەي دىگەن. تاماقنى مىھرىگۇل ئاچام، سىزنى كەلگەندە ئاندىن ئىتىمىز دىگەن.
گەپلىرىم قولاشماي ، شۇنداق بوش ۋە قورقىمسىراپ چىقىۋاتاتتى.
_قازانغا ئازىراق گۆش سېلىپ، نېرىن چۆپ قىلايلى. خېمىر يۇغۇرالايدىغانسىز؟
توڭلاتقۇنىڭ ئاستىدىكى تارمىسىدا لىق گۆشلەر بار ئىكەن. ئۇ گۆشلەردىن ئېلىپ، قازانغا سالدى. مەن چۆپكە خېمىر يۇغۇردۇم.    ئەزەلدىن ئانامغا تاماق ئىتىپ ياردەملىشىپ كۆنگەچكە، بۇ يەردە خېمىر يۇغۇرۇپ، تاماق ئىتىشتە زادىلا تەمتىرمىدىم. ئۇ ماڭا قازانغا گۆشنى سېلىپ ، ئوت يېقىپ بىرىپ مىھمانلارنىڭ قېشىغا چقىپ كەتتى. مەن خېمىرنى يۇغۇرۇپ، يېيىپ، كىسىپ تەييار قىلىپ قويدۇم.ئۇ پات-پات كىرىپ گۆشكە قاراپ قوياتتى. قارىغاندا ئۇنىڭ ئايالىنىڭ مىجەزى يوق بولغاچقا، تاماقنى ئانچە-مۇنچە ئۆزى ئىتىپ يىسە كىرەك، قازان بېشىغا بەك پىششىق ئىدى. ئۇ پىشقان گۆشلەرنى ئېلىپ، نېرىن قىلىشقا ئازىراق ئەپ قويۇپ قالغىنىنى مىھمانخانا ئۆيگە ئېلىپ چىقىپ كەتتى. مەن نېرىن قىلىپ ، ئاشنى سېلىپ ، چوڭ تەخسىگە سۈزۈپ راسلاپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چقتىم. ئەتكەن تامقىم شۇنداق ئوخشاپتىكى ، بۇ ئىسىل زادىلەر شۇنداق ماختاپ كەتتى.
_بۇرۇن رەھمەتلىك ئانام مۇشۇنداق چۆپ ئىتىپ بىرەتتى. شۇنىڭدەكلا بوپتۇ.
_ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنداق ئوخشىغان چۆپ يەپ باقمىغىلى.
_مۇشۇنداق كىچىك بالىنىڭ ، بۇنداق تاماق ئىتەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.
_تاماققا بەك ئۇستىكەنسىز جىمۇ.
ئۇلارنىڭ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاشلىرىدىن قۇلاقلىرىمغىچە قىزىرىپ كىتىۋاتاتتىم. بىرى ماختىسا خۇش بۇلىدىغان لىكىن مەن پەقەت خۇش بۇلالمايۋاتاتتىم. بۇلارغا قانچە ياراپ قالغانسىرى، بۇ يەردە قېلىش ئىھتىماللىقىم شۇنچە چوڭ بۇلاتتى.بىراق قانداق قىلىمەن؟ كىم مىنى بۇنچە ئەقىللىق، ئىشچان بوپ قالسۇن دەپتۇ. بۇ دىگەن تەقدىر!

مۇشۇ تەرىقىدە كۈنلەر ئۆتمەكتە. مەن ئەتىگىنى چقىپ ، كەچتە كىرىپ تۇراتتىم.باشلىق ئۆيى بولغاچقا بۇ ئۆيدە كۈندە مىھمان ئۈزۈلمەيتى. بۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ تۇرىۋاتقان ئارقا ئىشىكلەرنىڭ كۆپلىكىدىن بەزىدە توڭلاتقۇغا گۆشلەر پاتماي ، نەچچە پۈتۈن قوينىڭ گۆشلىرى يەر ئاستى ئۆيىگە ئېسىپ قويىلاتتى. يىشىك يىشىكلەپ كىرىۋاتقان ھاراق.....شۇڭا سەمىرىگەن بالىلاركەن ھېلىقى. بەزى كىشىلەر تېخى پۇلمۇ ئەكىرىپ قوياتتى. بىراق پۇلنى ئەسقەركام ئالغىلى ئۇنىمايتى. بەزى بىر مىھمانلار مىنى ماختاپ قوياتتى. راك كىسىلىمۇ ئادەم قىينايدىغان كىسەل ئىكەن. مىھرىگۇل ئاچام كىسەل ئازاۋىدىن شۇنداق قىيلىناتتىكى، ئۇنىڭغا بەكلا ئىچىم ئاغىرىيتى. ئاللاھ مۆمىن بەندىللىرىگە ھەرگىزمۇ بۇنداق كىسەل بەرمىسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشقازان راكى بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئاشقازنىنىڭ يېرىمىنى كىسىپ ئېلىۋىتىپتىكەن، شۇڭا تاماقنى ئاز ۋە پەرىز بىلەن يىيىشى كىرەك. ئۇنىمۇ ئۆزى رازى بولغۇدەك كۈتۈپ كىتىۋاتاتتىم. ئۇ ماڭا بەكلا ئامىراق بۇلۇپ ، ئۆز بالىسىدەكلا كۆرەتتى. ھەتتا بەزىدە ماڭا ئامىراقلىقى كىلىپ كەتسە، كىسەللىكىگە قارىماي ماڭا سىزگە تاماق ئىتىپ بەرگۈم بار دەپ ئۆزى بىر قوللۇق سەيلەرنى قورۇپ بىرەتتى. ئۇنىڭ ھەر قېتىم كىسەل ئازاۋىدىن قىيلىنىپ ، تولغۇنۇپ كىتشلىرىنى كۆرسەم بەك ئىچىم ئاغىريتى. ئۇنىڭ ھېلىقى ئ.ىككى بالىسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن زادىلا كارى يوق ئىدى. توۋا بالا دىگەنمۇ شۇنداق بۇلامدۇ؟ تازىمۇ بىر نائىنساپ بالىلاركەن بۇ.........بۇلارنى ئىچىمدە مۇشۇنداق تىللاپ قوياتتىم.بىراق بىر كۈنى كىچىك ئوغلىنىڭ دىگەن بىر گىپى مىنى گاڭگىرتىپ قويدى.
_مىھرىگۇل ئاپام قېنى؟
چۈشتە مىھمانخانا ئۆينى يىغىشتۇرۋاتسام، سىرىتقا مېڭىشقا تەمشلىۋاتقان مەۋلان(ئۇنىڭ ئىسمى)مەندىن سورىدى.
_ھوجىرا ئۆيدە ئارام ئېلىۋالاي دەپ كىىرپ كەتكەن ، ئۇخلاتامدىكىن.
قولۇمدىكى ئىشرە سۈرتىۋاتقان لاتىنى تۇتقىنىمچە تۇرۇپ قالدىم. ئاپىسىنى ئەجەپ ئىسمى بىلەن توۋلايدىكىنە؟ بۇ نىمە گەپتۇ ئەمدى؟ بۇلارنىڭ ئائىلىسى سەل مۇرەككەپمۇ نىمە؟
كۆڭلۈمدە بىر خىل گۇمانسىراشلار پەيدا بۇلۇۋاتاتتى.بولدىلا، بۇنداق بۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟ قالايمىقان خىيال قىلماي، ئىشلار ھامىنى ئاشكارە بۇلىدۇ.

كۈنلەر ئۆتكەنسىرى نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشىنىۋاتاتتىم.بۇلۇپمۇ مەن ئەڭ قىزىقىدىغان ھېلىقى چرايلىق ئوغولنىڭ دىرىكىنى ئالدىم. مىھرىگۇل ئاچامنىڭ ھوجىرا ئۆيىنى تازلاۋېتىپ ، ھېلىقى سۈرەتتىكى بالىغا يەنە قاراپ قويدۇم. ھەر قېتىم، ھوجىرىنى تازلىغىلىى كىرسەم ئۇسۈرەتكە بىر ھازا قارىۋالاتتىم.بۈگۈنمۇ شۇنداق قاراۋاتسام مىھرىگۇل ئاچام كىرىپ قالدى.
_ئەجەپ قاراپ كىتىپسىزغۇ؟ بۇ كىمدۇ، نىمىشقا ئۆيدە كۆرۈنمەيدىغاندۇ، دەپ قاراۋاتامسىز؟
ئۇ كۈلۈمسىرگىنىچە قولۇمدىن سۈرەتنى ئالدى.
_ياقەي، توپا بېسىپ كىتىپتىكەن ئېيتىپ قوياي دىگەن ئىدىم.
گەرچە مىھرىگۇل ئاچام دىگەندەك ئويلاۋاتقان بولساممۇ ، لىكىن ئىتىراپ قىلغۇم كەلمىدى. بىراق ئۇنىڭ ئۆزى قويغان سۇئاللارغا چاۋاپ بىرىىشىنى بەكلا ئۈمۈد قىلىۋاتاتتىم.
_بۇ مىنىڭ چوڭ ئوغلۇم، ئىسمى مۇستاپا. ئۈرۈمچىدە تۇلۇق كۇرۇس بۇيىنچە بىلىم ئاشۇرۋاتىدۇ.
ئۇ سۈرەتكە سېغىنىش بىلەن قاراپ قويۇپ ، ماڭا تۇتقۇزدى. مۇستاپا.......ئىسمى چرايلىقكەن ، ئۆزىمۇ چرايلىقكەن، كۆرۈشكىمۇ نىسىپ بۇلۇپ قالار بۇ بالىنى....ھەي توۋا، نىمىلەرنى خىيال قىلىپ كەتتىم. بۇ بالا بىلەن نىمە كارىم.

ۋاقىت ئاستا ئاستا ئۆتمەكتە. مەن بۇ ئائىلىگە كەلگىلىمۇ ئىككى ئاي بۇلاي دەپ قالدى.مىنىڭ بۇ ئائىلىگە كەلگەندىن بېرى كاللامدىن ئۆتمەي چۈشىنەلمەيۋاتقان بىرلا ئىشىم بار ئىدى. يەنى مەۋلان بىلەن مەردان(ھېلىقى ئاكىسى)نىڭ مىھرىگۇل ئاچامنى ئاپا دىمەسلىكى ۋە مەرداننىڭ ئۆيدىكى بىرمۇ ئادەمگە گەپ قىلماي خۇددى گاچىدەك يۈرىشى زادىلا كاللامدىن ئۆتمىدى. بۇبالىلار ئۈگەي بالىلارمىدۇ؟ ئۇنداق بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ  ئۈچ بالىنىڭ ئىسىملىرى شۇنداق ماس كىلىدىكەن. مۇستاپا، مەردان ، مەۋلان ھىچبىر ئۈگەي ئاكا-ئۇكىلارغا ئوخشىمايدۇ. لىكىن.......ئۆز سۇئاللىرىمغا بەرگەن جاۋاپلىرىمدىن قانائەتلەنمەيۋاتاتتىم. ئۇزۇنغا بارماي بۇ تۈگۈنلىرىممۇ يىشىلدى. بىر كۈنى ئۆيگە ئەسقەركامنىڭ سىڭلىسى ئولتۇرۇپ كەتكىلى كەلدى. ئۇ مىھرىگۇل ئاچام بىلەن بىر دەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىن كيىن مىھرىگۇل ئاچام چارچاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، ھوجىرا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. كىيىن ئىككىمىز بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق. كاللامدىكى بۇ چىگىش خىياللارغا جاۋاپ تېپىش مەقسىتىدە، ئۇنىڭدىن بۇ ئىشلارنى سوردىم.ئەسلىدە، مەۋلان بىلەن مەردان ئەسقەركامنىڭ باشتىكى خۇتۇنىدىن بولغان بالىلار بۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىزىمۇ بار ئىكەن . ئۇ قىز ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرىدىكەن. مۇستاپا بولسا مىھرىگۇل ئاچامنىڭ بالىسى بۇلۇپ ، ئەسقەركام ئۈچ بالىسىنى يىتىم قلىپ ، ئاللىقاچان يولدىشى ئۈلۈپ كەتكەن مىھرىگۇل ئاچامنى ئالىدىكەن. ئۇ چاغلاردا مەردان خېلىلا چوڭ بۇلۇپ ئىش ئۇققاچقا، مىھرىگۇل ئاچامنى ھازىرغىچە قوبۇل قىلماپتۇ ۋە دادىسىغىمۇ قېيداپ گەپ قىلمايدىكەن.بۇ ئايالنىڭ گەپلىرىدىن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مىھرىگۇل ئاچام ئۇلارنىڭ ئۆينى بۇزغان دەپ قارايدىغاندەك قىلاتتى. بىراق نىمىلا بولسۇن ئىشقىلىپ مەردان بىلەن مەۋلانغا ئىچم ئاغىرىپ قالدى. مەرداننىڭ نىمە ئۈچۈن ئۆيدە ئۇنداق گەپ قىلماي بۇتتەك ئولتۇردىغىنىنىڭ تېگىگە يەتتىم. ئانسى تۇرۇپ يىتىملىكتە قاپتۇ. ئىككى بالىغا مۇئامىلەمنى ئامالنىڭ بارىچە ياخشى قىلاتتىم. مەۋلان ماڭا بارغانچە ئامىراق بۇلۇپ قالدى. ئۇكام دىمەتلىك بۇ بالا ، مەن نىمە ئىش قىلسام ، تەڭ ياردەملىشىپ بىرەتتى ۋە مىنى ئاچا دەپ چاقىراتتى.

مىھرىگۇل ئاچامنىڭ كىسىلى كۈندىن – كۈنگە ئېغىرلىشىپ كەتتى. ئەسقەركام خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن بەك كەچ قايتقاچقا، مەنمۇ ئەتىگەن ئاخشامدا چقىدىغان ئىشنى توختىتىپ ، شۇ يەردە يېتىپ قوپىدىغان بولدۇم. مىھرىگۇل ئاچامنى كىسەل ئازاۋى ناھايتى قىيناۋاتاتتى. بىر نەرسە يىسىلا ئاشقازنىدىن يېنىپ چىقىپ، قاتتىق ھۆ قىلاتتى. شۇڭا ئاساسەن دورا، ئاسما ئوكۇللار بىلەن ئۆرە تۇرۋاتاتتى.
بۈگۈن ئەسقەركام مىھرىگۇل ئاچامنى دوختۇرخانىغا تەكشۈرتىپ بېقىشقا ئىېلىپ كەتتى. مەن ئۇلار كەلگۈچە دەپ ، مىھرىگۇل ئاچامغا شورپا قىلىپ بىرىۋاتاتتىم. ئۆيدىكى تىلغۇن جىرىڭلاپ، ئالىدىغان ئادەم يوقتەك قىلاتتى. مەن دەرھال ئاشخانىدىن چىقىپ، ئاچامنىڭ ھوجىرا ئۆيىگە قويۇقلۇق تىلغۇننى ئالدىم.
_ئەسىسىلامۇ ئەلەيكۇم.
_ۋە ئەلەيكۈم ئەسسالام. كىمۇ؟
تىلغۇندا بىر بالىنىڭ يېقىملىق جاراڭلىق ئاۋازى ئاڭلاندى.
_مەن مىھرىبان . سىزچۇ؟ كىمنى ئىزدەيسىز؟
_مەن مۇستاپا، ئاپام يوقما؟ ئاپامنىڭ تىلغۇنىغا تىلغۇن قىلسام ئالمايۋاتىدۇ، شۇڭا ئەنسىرەپ ئۆيگە تىلغۇن قىلغانتىم.
ئۇنىڭ ئەنسىزلاچە چىقىۋاتقان ئاۋازىدىن ، ئاپىسىغا بەكلا كۆيىنىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن بەكلا ئەنسىرگەنلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ مەن مۇستاپا دىگىنىدىن ، يۈركىمنىڭ سوقۇشى تىزلىشىپ، تىلىم گاچىلىشىپ دۇدۇقلاپ كەتتىم.
_مىھ...مىھرىگۇل ئاچام ،دوختۇرخانىغا كەتكەن...
گىپىمنىڭ ئاخىرى تۈگىمەستىنلا مۇستاپا تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتتى.
_نىمە، دوختۇرخانىغا، ئاپامغا نىمە بولدى؟ نىمىشقا دوختۇرخانىغا كەتتى؟ ئۇ ئۆزى ساقتۇ؟....
ئۇنىڭ كەينى كەيندىن سوراپ كەتكەن سۇئاللىرىنىڭ قايسى بىرىگە جاۋاپ بىرىشنى بىلەلمەي قالدىم. لىكىن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ گىپىنى بۆلىۋەتتىم.
_بولدى ئەنسىرمەڭ ، ھىچ ئىش يوق. ئەسقەركام تەكشۈرتىپ باقاي دەپلا ئېلىپ كەتكەن. مىھرىگۇل ئاچام شۇنداق ياخشى.
_ئۇھ، ئۇنداق بولسىغۇ مەيلى. بەكلا ئەنسىرەپ كىتىپتىمەن. ھە بوپتۇ، ئەمسە ئاپام كەلسە دەپ قويۇڭ كىلىپ ماڭا تلىغۇن قىلسۇن.
_ماقۇل، ئاللاھقا ئامانەت.
ئۇنىڭدىن جاۋاپسىزلا تىلغۇن قويلۇپ كەتتى. ئۇمۇ مىنى خىزمەتكار كۆرۋاتامدۇ نىمە؟ خوشمۇ دىمەي قويۋەتتى دىسە....قارا بۇنىڭ ھالىنى....كۆڭلىم بىر خىل چىۋىن يەۋەلغاندەك بۇلۇپ قالدى. بۇ بالا مىنى بىلەمدىغاندۇ؟...چۇقۇم بىلىدۇ. مۇنە بۇ يەرگە كەلگىلى 2 ئاي بۇلاي دەۋاتسا ، بىلمەي قالامدۇ....ئۇ بۇرۇن ئۆيگە تىلغۇن قىلماي ، ئاپىسىغىلا تىلغۇن قىلاتتى. ئەگەر ئاپىسى تىلغۇننى ئالغان بولسا، بۈگۈن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بۇلالمايدىكەنمەن. بۇ گۈزەل بالىنىڭ ئاۋاىنىمۇ ئاخرى ئاڭلىدىم. چىرايلىقنىڭ ھالى دەپ ، ھالى چوڭ بالا ئوخشايدۇ بۇ...
ئەسقەركام مىھرىگۇل ئاچامنى دوختۇرخانىدىن ئېلىپ كەلدى. دوختۇرلار ئۇنى يەنە ئۈرۈمچىگە ئىككىنچى باسقۇچلۇق داۋالىتىشقا ئاپىرىشنى ئېيتىپتۇ.
ئىككى كۈندىن كىيىن ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان بولدۇق. بىز مەستلىھەتلىشىپ، ئەسقەركام بىلەن مىھرىگۇل ئاچام ئايرۇپىلاندا ماڭىدىغان ، مەن مىھرىگۇل ئاچامنىڭ ئاچىسى ماينۇر ئاچام بىلەن ئۇلارنىڭ شەخسى ماشىنىسىدا ماڭىدىغان بولدۇق. ئارلىقتا مەن ئۆيگە كىرپ، ئانام داداملارغا ئۈرۈمچىگە باردىغانلىقىمنى ئېيتىپ، بىر قانچە قۇرلۇق كىيىملىرىمنى ئېلىپ ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ چقتىم. ئىككى كۈندىن كىيىن ئەسقەركام بىلەن مىھرىگۇل ئاچام يولغا چىقىتى. مەن شۇكۈنى چۈشتىن كيىن ماينۇر ئاچام بىلەن يولدىشى  ۋە ئۇنىڭ بىر ئاغىنىسى تۆتىمىز يولغا چىقتۇق.
ئەزەلدىن بۇ شەھەردىن باشقا يەرگە ئۆتۈپ باقمىغان بولغاچقا، يول بويى ھەممە نەرسىلەرگە قىزىقىش بىلەن قاراپ ماڭدىم.ماشىنا ئاقسۇدىن ئۆتۈپ ، يېرىم كىچە بولغاندا يەل قويۇپ بىرىپ، بىرەر سائەتتەك ھايال بۇلۇپ تۇرۇپ قالدۇق. بىز تۇرغان يەرنىڭ مەنزىرسى بەك چرايلىق ئىدى. ئۇلار ماشىنىىڭ چاقىنى ئالماشتۇرغىچە يول بويىدا ئولتۇردۇق.
_ماينۇر ئاچا، بۇ قەيەر؟ ئەجەپ چىرايلىق يەركىنا؟
_بۇ يەر تارىم ئويمانلىقى.
بۇ يەرنىڭ ئاسمىنى شۇنداق چىرايلىق ئىدى. سۈپسۈزۈك ئاسماندا يۇلتۇزلار شۇنداق ئېنىق، قولنى ئۇزاتسىلا ئۈزىۋالغىلى بولدىغاندەك كۆرنەتتى. ھاۋا شۇنداق ساپ ، نەپەس ئالغانسىرى ئالغۇسى كىلەتتى. توۋا، مەن يىزامنى چرايلىق دەپ يۈرۈپتىمەن. جاھاندا بۇنداق ساپ ، تەبىئى، گۈزەل يەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. نىمە دىگەن گۈزەل. مۇشۇنداق يەرلەرنى دادام، ئاناملارغا كۆرسىتىشكە پۇرسەت بۇلارمۇ؟ ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە چۇقۇم ئېلىپ كىلىمەن. ئۇلارنى چۇقۇم راھەتكە ئىرىشتۈرىمەن....
ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قارايتىم. قارىغانسىرى ئىلگىرى ھەركۈنى كەچلىكى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى ساناپ ئوينايدىغان ۋاقىتلىرىم ئىسىمگە كىلەتتى. ئاسماندىكى ئۈچ-تۆت ئاقار يۇلتۇز كەينى-كەينىدىن ساقىپ چۈشۈپ كەتتى. تىلەك تىلەيمۇ؟...ياق، ئالدىنقى قېتىم بىلمەيلا تىلەپ قويغان تىلىگىم سەۋەبىدىن ، ئۆزۈم خالىمىغان ئىشنى قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەمدى تىلىمەيمەن....لىكىن ، ئىچمدە يەنىلا ئاسمانغا قاراپ ، كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرۇپ‹‹ئەي مىھرى-شەپقەتلىك ئۇلۇغ ئاللاھ، ئاتا-ئانامنى ياخشى كۈنلەرگە ئىرىشتۈرگەيسەن. ئۇلارنىڭ تىنىنى سالامەت، ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلغايسەن››دەپ دۇئا قىلىۋەتتىم. بىراق ئۆزۈم توغۇرلۇق ھىچ نىمە دۇئا قىلمىدىم.يەنە خاتا دۇئا قىلىپ قويشۇمدىن ئەنسىرەۋاتاتتىم.
ماشىنا ئوڭشىلىپ ، بۇ تەبئى، گۈزەل يەردىن ئايرىلدۇق. لىكىن، مىنىڭ بۇ يەردە يەنە بىردەم تۇرغۇم بارئىدى. بۇ يەرگە يەنە كىلىشكە نىسىپ بۇلارمۇ؟...ئاللاھ تىنىمنى سالامەت قىلسا، چۇقۇم كىلىمەن. كۆزۈم ئارقىدا قېلىۋاتاتتى.
ئۈرۈمچىگە ئۈچ كۈندىن كىيىن ، چۈشكە يېقىن باردۇق. ھەيۋەتلىك بۇ چوڭ شەھەرگە كىرىش ئېغىزى بەك چرايلىق ئىدى. يولنىڭ ئىىككى ياقىسىدىكى دەل-دەرەخلەر يولغا سايە تاشلاپ تۇراتتى.بىر-بىرىدىن بوي تالاشقاندەك ئىگىز بىنالار. شەھرىمىزدە بىنالار 6،7 قەۋەتتىن ئاشمىغاچقا ، بۇ ئىگىز بىنالارغا قاراپ ساناپ كەتتىم. بىز ئۇدۇللا مىھرىگۇل ئاچام ياتقان، ئۆسمە كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا باردۇق. ماينۇر ئاچامنىڭ يولدىشى ئاغىنىسى بىلەن ‹‹ئازىراق سودا ئىشى بار ئىدى كەچتە كىلىمىز›› دەپ ماشىنىنى ھەيدەپ چقىپ كەتتى.
دوختۇرخانىغا كىرپ چقىۋاتقانلار شۇنداق جىق ئىدى. بىز يان تەرەپتىكى 20 نەچچە قەۋەتلىك كىسەللىكلەر بىناسىغا كىردۇق.دوختۇرخانا ئىچى شۇنداق پاكىزە ئىدى. ئادەم دوختۇرخانىغا قارىسا ، بىرمۇ ساق ئادەم يوق، ھەممىسى مۇشۇ يەرگە كرىىۋالغاندەك تۇيلاتتى.بىز لىغىت ئالدىغا كەلدۇق. لىغىت ئالدىدا ئادەملەر شۇنداق جىق ئىدى . لىغىتلارنى تىلىۋۇزوردا كۆرگەن ئىدىم. لىغىتقا چقىدىغىنىنمنى ئويلاپ ، خۇددى كىچىك بالا ھېيتلىق كىيىم كەيسە خوش بۇلۇپ كەتكەندەك خوش بۇلۇپ كىتىۋاتاتتىم. بىراق لىغىتقا چقىىپ ، قوزغالغاندا شۇنداق بېشىم قېيىپ، كۆڭلۈم ئېلىشىپ ، قۇسقۇللىرىم كەپ كەتتى. لىغىت دىگەن مۇشۇنداق بۇلىدىغان بولسا، چىقمايدىغان نىمكەن بۇ...قاچان چۈشۈۋالارمەن بۇنىڭدىن؟ لىغىت ھەر بىر قەۋەتكە كىلىپ توختاپ ، ھەر بىر قوزغالسا بېشىم قېيىپ ، يىقىلىپ كىتىدىغاندەك بوپ كىتىۋاتاتتىم.ماينۇر ئاچام مىنىڭ ھالىتىمنى كۆرۈپ ‹‹بېشىڭىز قېيۋاتامدۇ؟ ھېچقىسى يوق، كۆنۈپ كىتىسىز، دەسلەپتۇ شۇنداق بۇلىدۇ››دىگىنىچە مىنى تۇتىۋالدى. مىھرىگۇل ئاچاملار 14- قەۋەتتە ئىكەن. لىغىت 14- قەۋەتكە كىلىپ توختىدى. لىغىتتىن قۇسقۇللىرىم كىلىپ، ئۆزۈمنى ئاران تۇتىۋېلىپ چۈشتىم. بىز بۇلۇڭدىكى بىر كىشلىك ياتاققا كىرىدۇق. مىھرىگۇل ئاچام ئۈچ كۈننىڭ ئىچىىدلا باشقىچە بۇلۇپ كەتكەن ئىدى. بىز كىرگەن ۋاقتتا ئۇ كىسەل ئازاۋىدىن قىيلىنىپ قوسۇۋاتقان ئىكەن. بۇ تېخىمۇ ئۇرۇقلاپ ، كۆزۈمگە باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك كۆرنىپ كەتتى. مەن قولىمىزدىكى نەرسە كىرەكلەرنىڭ ياتاقتىكى ئىشكاپقا سېلىۋەتتىم. ياتاقتا تىلىۋۇزۇر، ھاجەتخانا، مۇنچا ھەممە نەرسە تۇلۇق ئىدى.
_ كەلگۈچە ھېرىپ كەتتىڭلارمۇ يا؟
مىھرىگۇل ئاچام ھەسىراپ ئاران گەپ قىلىۋاتاتتى
_ ئانچە بەك ھارمىدۇققۇ. ئۆزەڭچۇ، قانداقىراق تۇرسەن؟ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتىڭمۇ نىمە؟
ماينۇر ئاچام  مھرىگۇل ئاچامنىڭ تۇرىقىغا قاراپ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇردى.
_بۈگۈن بىر خىل ئوكۇل قوشقان، ئۇ ئوكۇل كۆڭۈلنى ئىلەشتۈرۈپ، قۇستۇردىكەن. شۇڭا سەل قىيلىنىپ كىتىۋاتىمەن.
دىمىسىمۇ مىھرىگۇل ئاچام ئورۇقلاپ ، خۇددى ئەرۋاھلارغىلا ئوخشاپ ، بىر تىرە بىر ئۇستىخان بوپ قالغان ئىدى.
_قوسقىڭلار قانداق؟ تاماق يىدىڭلارمۇ؟
_كىلىپلا مۇشۇ يەرگە كەلدۇق. ئەتىگەن ماشىنىدا ئازىراق نان يىۋالغان.
_ئەسقەر تاماققا كەتكەن. ئۇنىڭغا جىقىراق بۇيرۇپ قوياي ئالغاچ كەلسۇن. مىھرىبان سىزگە بەكلا كۆنۈپ قاپتىكەنمەن، 3 كۈن كۆرمىسەم كۆرگىللىرىم كىلىپ، بىر نەرسەم يوقتەك بىر قىسما بوپ قالدىم.
ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن خىجىل بۇلۇپ ، مىيقىمدا كۈلۈپ قويدۇم. لىكىن مەنمۇ يول بويى پات-پات ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قوياتتىم.ئىنساننىڭ يۈرىكى بىر پارچە گۆش تە ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۆيدە كىسەل ئازابىدىن قىيلىنىشلىرىنى كۆرسەم ئىچم ئاغىرىپ، ئاللاھتىن ئۇنىڭغا شىپاتلىق تىلەيتىم.ئۇنى ئۆز ئانامدەك كۆرەتتىم. شۇڭا ھازىرقى ئۇنىڭ ھالىتىدىن كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بوپ كەتتى. ئاللاھ نىمانچە سىزگە بۇنداق كىسەلنى بەگەن بولغىيتى؟...ئەي ئۇلۇغ ئاللاھ، مۆمىن بەندىللىرىڭنى يامان كىسەللەردىن خالى قىلغايسەن. ئۇلارغا ئاسان ئاغىرىق، ئاسان ئۆلۈم بەرگەيسەن.
بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئەسقەركام كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ قولىدا سلياۋ خالتا ۋە تاماق قاچىسى تۇراتتى. ئەسقەركام بىزدىن ئەھۋال سوراپ ، بىردەم سەپەر ھەققىدە پاراڭلاشتى. ئۇ بازاردىن كاۋاپ ، باچكا شورپىسى دىگەندەك نەرسىلەرنى ئەپ كەپتىكەن، ئۇنىڭ بىلەن قوساقلىرىمزنى تويغۇزىۋالدۇق. ‹‹يول ئازاۋى گۆز ئازاۋى›› سەپەردە شۇنداق ھارغىنلىق يەتكەن ئىدى. ئادەم ھېرىپ كەتكەندە بىر نەرسە يىگۈسىمۇ كەلمەيدىكەن. مۇشۇ تاپ پۇت قوللىرىمنى ئۇزالتىپ قېنىپ بىر ئۇخلىۋالغۇللىرىم كىلىۋاتاتتى.مەن قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ، تازلىق ئۆيىگە يۇيۇش ئۈچۈن كىرىپ كەتتىم. قاچا يۇيۋاتسام ، ھېلىقى سۈرەتتىكى بالا يەنى مۇستاپا كىرىپ كەلدى. ئىشىكتىن كىرسە تازلىق ئۆيى ، ئاندىن ياتاق ئۆيى بولغاچقا ئۇ مىنى كۆرمەيلا ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنى كۆرۈپ يۈرەكلىرىم تىز سوقۇپ، پۇتلىرىم تىتىرەپ كەتتى. قول يۇيدىغان ئورۇننىڭ ئالدىدىكى ئەينەككە ئىختىيارسىز قاراپ ئىككى تال ئۆرۈپ ئىككى تەرپىمگە چۈشۈرۋالغان چېچىمنى تۈزەشتۈرۈپ ، چىرايمغا قاراپ كەتتىم.سەپەرگە چىققاندىكىن دەپ پادىچىلار ئىشتىنى بىلەن ئۆزەم ئەڭ ياخشى كۆردىغان، ئاچام قايسى بىر تەتىلدە كەلگىنىدە ئۈرۈمچىدىن ئالغاچ كەلگەن سېرىق مايكامنى كىۋالغان ئىدىم. ئۆزۈم ئاق بولغاچقىمكىن ، سېرىق رەڭ ماڭا بەك يارشاتتى. قاچىلارنى ئېلىپ ياتاققا چقتىم. ئۇ ماڭا گەپ قىلارمۇ؟ مەن بىلەن كۆرىشەمۇ؟....
ئۇلار قېشىغا چىقىپ قاچىلارنى ئىشكاپقا سېلىۋەتىپ ، سافاغا كىلىپ ئولتۇردۇم. ئۇ بالا بولسا ئاپىسىنىڭ كارۋىتىغا چىقىۋالغان بۇلۇپ ، ئاپىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ قويۋاتاتتى.
_كۆرۈشمەمسەن؟ ساڭا گىپىنى قىلىپ بىرىدىغان ھېلىقى مىھرىبان سىڭلىڭ شۇ.
_ھوي، كۆرمەي قاپتىمەن. ياخشىمۇسىز؟
ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ سالام قىلىدى. ئۇماڭا شۇنداق قاراپ تۇرۇپ كەتتىكى، خىجىللىقتىن قىزىرىپ يەرگە كىرىپ كەتكۈدە بۇلۇپ كىتىۋاتاتتىم.
_ئاللاھقا شۈكىرى. ئۆزىڭىزچۇ؟
ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرغۇچە يۈركىم تىز سوقۇپ ، ئاغىزىمغا قاپلىشىۋالدى.
_ ئۆھۆ! قولۇمنى تۇتمامسەن بالام.
مىھرىگۇل ئاچام مۇستاپانىڭ ماڭا تىكىلىپ قاراپ ، مىنى خىجىل قىلىۋەتكىنىدىن ئوڭايسىزلىنىپ مۇستاپانى نوقۇپ قويدى. ئۇمۇ ماڭا قاراۋەرگىنىدىن خىجىل بولدى بولغاي ، ئۇزىنىڭمۇ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى.ئۇ ئوتتىرا بوي، ئۇرىقىراق، ئاق پىشماق، چاچلىرى دولقۇنسىمان بۇلۇپ، بەك يارشىملىق بۇرۇت قويۋالغان ئىدى.ئۇ ئاپىسىغا بەك ئامراقتەك قىلاتتى. بىردەم ئۇنىڭ قوچىقىدا يېتىۋالسا، بىردەم ئۇنىڭ پۇتلىرىنى تۇتۇپ قوياتتى. ئەسقەركام ئۈرۈمچىدىكى بىر باشلىق بىلەن كۆرشىتىم دەپ چقىپ كەتتى. مۇستاپامۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ مەكتەپكە بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىللە ماڭدى.ئۇ ئىشىكتىن چىققۇچە ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم.ئۇ ئىشىكتىن چىقىدىغان ۋاقىتتا قايرىلىپ ماڭا قارىۋىتى، ئۇنىڭدىن ئىتتىكلا كۆزۈمنى ئەپ قېچىپ باشقا ياققا قارىۋالدىم.توۋا ، بۇ بالىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىممۇ نىمە؟ مىھرىبان ھالىڭغا بېقىپ ئىش قىل. سەن كىم؟ ئۇ كىم؟ ئىككىڭلار ئاسمان زىمىن پەرىق قىلىسىلەر، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالما ھە. مۇمكىن بولمايدۇ ، ئۆزۈڭ ئازاپلىنىپ قالىسىەن........كىم ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ؟ ھەم ياخشى كۆرسەم نىمە بوپتۇ؟ ئۇ كىمكەن؟ ناھايتى شۇ باشلىقنىڭ بالىسىكەنغۇ، ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ؟ مۇھەببەت دىگەن پۇل، مەرتىۋە بىلەن ئۆلىچنەمتى، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالسام نىمىشقا بولمىغۇدەك.......شەيتىنىم مىنى ئۇنى ياخشى كۆرۈشكە قىستاۋاتاتتى.

كەچتە ماھىنۇر ئاچامنى يولدىشى كىلىپ ئېلىپ كەتتى.ئۇلارنىڭ ئۆيى مۇشۇ ئۈرۈمچىدە ئىدى.مھرىگۇل ئاچامنىڭ قېشىدا مەن ياتىدىغان بولدۇم. مۇستاپا كەچتە بىر قۇرلۇق كىلىپ كەتتى.ئۇنى ھەر قېتىم كۆرسەم ئۆزەمچلا قىزىرىپ ، يۈرەك سوقۇشلىرىم تىزلىشىپ كىتەتتى.ئۇ ئاپىسى دىققەت قىلمىغاندا، ماڭا بىزەڭلەرچە قاراپ مىنى شۇنداق خىجىل قىلىۋىتەتتى. ئادەمگە شۇنداقمۇ قارامدۇ؟ قېلىن بىر بالىكەن بۇ........
ئۈرۈمچىگە كەلگىلىمۇ ئون كۈنلەرچە بۇلۇپ قالدى. مىھرىگۇل ئاچامنىڭ يېىنىدىن ئايرىلمىغاچقا، دوختۇرخانىىنىڭ تېشىغۇمۇ چىقىپ باقمىدىم. ھەتتا ئاچام بىلەنمۇ كۆرشەلمەيۋاتاتتىم.مىھرىگۇل ئاچام تاماقتىن پەرىز تۇتقاچقا، ئۇنڭغا سىتىنىڭ تامىقى ياقمىغىلى تۇردى. بىز دوختۇرخانىدىن يۇشۇرۇن ياتاققا توكلۇق ئوچاقتىن بىرنى ئەكىرۋالدۇق. ئۇنىڭدا مىھرىگۇل ئاچامغا خولوپ ئاش، چۆپ، شورپا، شويلا ...دىگەندەك تاماقلارنى ئىتىپ بىرەتتىم. بەزى ۋاقىتلاردا مىھرىگۇل ئاچام بىلەن پەسكە چۈشۈپ كۈللۈكتە ئولتۇراتتۇق ياكى باشقا ياتاقلارغا چىقىپ باشقا بىمارلار بىلەن پاراڭلىشىپ كىرەتتۇق.

ئادەم كىسەل بولغاندىلا ئاندىن ھاياتنىڭ قەدىرىگە يەتسە كىرەك. دوختۇرخانىدىكى بۇ كىسەللەرنى كۆرسە ئادەم ھاياتنىڭ نەقەدەر قىسقا ۋە قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھس قلاتتى. بۇ ساقايماس كىسەلگە گىرىپتار بولغان ، بۇ بىمارلار بىر-بىرىگە تەسەللى بىرەتتى. يەنىلا ھاياتقا ئۈمۈد بىلەن قارايتى. ئۆزىنىڭ ئۆتۈپ كىتىۋاتقان بىر مىنوت ۋاقتىنىمۇ قەدىرلەيتى. ھاتتا بەرىدە ھاياتقا ئۈمۈد بىلەن قاراۋاتقان بىمارلار ، ئۆلۈپ كىتىپ يىغا زار بىلەن ئېلىپ چىقىپ كىتەتتى. بۇنداق مەنزىرلەرنى كۆرۈپ قالسام ، ئويلاپ كىتەتتىم. ئىنسان بۇ دۇنياغا قىسقىغىنە ئۆمۈر بىلەن كىلىدىكەن. ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئۆمۈر كۆرىشىنى ، قاچان رىزقىنىڭ تۈگەيدىغانلىقىنى بىلىپ بولالمادىكەنمىز. ھاياتىدا ئۆزىنى قانداق كىسەل، ئازاپ ۋە قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىپ يىتەلمەيدىكەنمىز. ھەممە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىلىكىدە ، ئاللاھنىڭ بۇيرىقى بۇيىنچە بۇلىدىكەن. مانا مۇشۇ يەردىكى كىسەللەرنىڭ ئىچىدە يەيدىغان رىزقى بولسا ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ساقىيىپ كىتىدۇ. رىزقى تۈگىگەن بولسا، قانچە قىلغان بىلەن ھامىنى ئاللاھ تەرپىدىن ئېلىپ كىتلىدۇ. ئەي ئۇلۇغ ئاللاھ ، ساڭا شۈكىرى ئېيتىمەن، جىمى ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇر. ھاياتىمنى قەدىرلەيمەن.
مىھرىگۇل ئاچام بۇرۇنقىدىن خېلى ياخىشى بوپ قالدى. ئەسقەركام مەسئۇل دوختۇر بىلەن كۆرشۈپ ، دوختۇرخاندىن ئېلىپ چىقىپ كىتىدىغان بولدۇق. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە بۇ يەردە بىر ھەپتە ئاراپ ئېلىپ، ئەھۋالنى كۈزەتكەندىن كيىن ئاندىن كىتىدىغان بولۇپ، ئەسقەركامنىڭ بىر ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىگە باردۇق. بۇ ئۆيدە ئولتۇردىغان ئادەم يوق بۇلۇپ، مالىيە-ئىقتىساد ئىنىستىتوتىنىڭ ئىچىدە ئىكەن. ئەسقەركام ، ئەسقەركامنىڭ ئاغىنىسى ، مىھرىگۇل ئاچام، مۇستاپا، مەن ئەسقەركامنىڭ ئاغىنىسىنىڭ ماشىنىسىدا بۇ يەرگە كەلدۇق. بۇ ئۆي ئەپچىللام ، كىچىك ئۆي بۇلۇپ،بىر مىھمانخانا، بىر ھوجىرا ، ئاشخانا ۋە ھاجەتخانىدىن ئىبارەت ئىىدى. بىز ئاۋۋال ئۆينى بىر قۇر تازلىۋەتكەندىن كىيىن ، نەرسە كىرەكلەرنى جايلاشتۇرۋالدۇق. مۇستاپا مىنىڭ كەينىمگە كىرىۋېلىپ ، نىمە ئىش قلسام ياردەملىشەي دەپ تۇرۋالاتتى.
_بولدى ئۆزۈم قىلاي، سىزنىڭ كىيملىرىڭىز مەينەت بوپ كەتمىسۇن.
ئۇنىڭغا مۇشۇنداق دەپ قويۇپ ئۆزۈمنى ئېلىپ قاچاتتىم. كەچتە تاماق يەپ بولغاندىن كيىن ئەسقەركام ئاغىنىسى بىلەن كەچتە كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ چقىپ كەتتى. ئۈچىمىز مەكتەپ ئىچىنى ئايلىنىش ئۈچۈن سىرىتقا چىقتۇق. ئالى مەكتەپ ھاياتى راستىنلا بەك كۆڭۈللۈكتەك قىلاتتى. مەكتەپ ئىچىدىكى توپ-توپ بۇلۇپ كۈللۈكتە ، مەكتەپ مەيدانىدا ئۈگۈنۈش قىلىۋاتقان بالىلارنى كۆرۈپ كونا يارام ئېچىشىپ كەتتى. مەنمۇ ئوقۇغان بولسام. ھازىر مۇشۇ بالىلاردەك مۇشۇنداق ئۈگۈنۈش قىلاتتىم ھە....ئۇلارغا ھەۋەس بىلەن قاراپ كەتتىم.مىنىڭ دىققىتىمنى ئەڭ بەك تارتقىنى ، مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى كىتاپخانا ئىدى. سىرىتتىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بۇ چوڭ كىتاپخانغا شۇنداق ھەۋەس بىلەن قاراپ ، تۇرغان جايىمدا قېتىپلا تۇرۇپ قالدىم. پاھ! بۇنداق كىتاپخانىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن. نىمە دىگەن يوغان كىتاپخانا بۇ.....بۇ كىتاپخانىنىڭ سىرتى ئەينەكلىك بۇلۇپ، ئىچى شۇنداق ئېنىق كۆرنىپ تۇراتتى. ئىچىدە كىتاپلار شۇنداق جىق، ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار كىتاپ كۆرىۋاتاتتى.
_كىرىپ باققۇڭىز كىلىۋاتامدۇ؟ كىتاپ ئوقۇشقا قىزىقىدىكەنسىز دە؟
مۇستاپا ئالدىمغا كلىپ مەندىن سورىدى.
_ياقەي، پەقەت بۇنداق ھەيۋەتلىك كىتاپخانىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. بىز كىرسەكمۇ بۇلامدۇ؟
_كارتىڭىز  بولسا كىرسىڭىز بولىدۇ.
_كارتا، قانداق كارتا؟
ئۇنىڭ گىپىنى تازا چۈشىنەلمىدىم.
_ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرىدىغان كارتا. بۇ مەكتەپتىكى ھەممە ئوقۇغۇچىلاردا بار. سىزمۇ مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچسى بولغان بولسىڭىز، كىرەلەيتىڭىز.
_ ھە مۇنداق دەڭ.
مىھرىگۇل ئاچاملار بىلەن گۈللۈكتە بىردەم ئولتۇرغاندىن كيىن كىرىپ كەتتۇق. بىراق ھېلىقى كىتاپخانا زادىلا ئسىمدىن چقمايۋاتاتتى. مۇستاپانىڭ‹‹سىزمۇ مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچسى بولغان بولسىڭىز كىرەلەيتىڭىز›› دىگەن گىپى كاللامغا كىرىۋالدى. ئەگەر مەنمۇ ئوقۇغان بولسام، مۇشۇنداق چوڭ كىتاپخانىلارغا كىرپ ، ھەممە كىتاپلاردىن تاللاپ خالىغىنىمنى ئوقۇپ چققان بۇلاتتىم....ئۇ كۈنى كەچتە شۇنداق شىرىن چۈش كۆردۈمكى، مۇستاپا بىلەن ھېلىقى كىتاپخانىدا يانمۇ يان ئولتۇرۇپ بەس-بەستە كىتاپ ئوقۇۋاتقۇدەكمىز. مىھرىگۇل ئاچام، قوسقۇڭلار ئاچتىمۇ؟ دەپ بىزگە تاماق ئەكىرگۈدەك. بىز بولساق تاماقمۇ يىمەي، كىتاپلارنى ئوقۇۋاتقۇدەكمىز....ئەتىسى چۈشۈمنى ئويلاپ، بىر خىل ئاچچىق لەززەتلىنىپ كەتتىم.

بۇ يەردە يەنە ھەپتە تۇرساق كىتەتتۇق. ئاچام بىلەن مۇشۇ ۋاقتقىچىلىك كۆرشەلمەيۋاتاتتىم.ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق كۆرۈشكۈم بولسىمۇ ، مىھرىگۇل ئاچامغا ئېيتالمىدىم. بۈگۈن كەچ ئۇلارغا دەپ ئەتە ئاچام بىلەن كۆرۈشىش قارارىغا كەلدىم ۋە ئەسقەركاممۇ بار ۋاقىتتا ئۇلارغا ئېيتتىم.
_ئاچىڭىز بارمىتى بۇ يەردە؟ نىمىشقا بالدۇراق دىمەيسىز؟ كالۋا قىز بالا. ماقۇل، ئەتە ئەتىگەندە ئۇنىڭ بىلەن كۆرشىپ كىلىڭ . قايسى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ؟
_شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىدا.
_ئەخمەق قىز ماڭىمۇ دىمىگىنىڭزنى.
مىھرىگۇل ئاچام بىلەن ئەسقەركام مىنى ئەيپلەپ كەتتى.
_سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز ياخشى بولالمىغاندىكىن ، سىزنى يالغۇز تاشلاپ ، يېنىڭىزدىن ئايرۇلغۇم كەلىمدى.
_ئەتە ئەسقەركىڭىز قارايدۇ. سىز بېرىپ كىلىڭ. بىز سىزى ئوينىتالمىدۇق، ئاچىڭىز ئۈرۈمچىنى ئايلاندۇرۇپ كۆرسىتىپ قويسۇن.
ئۇلارنى قوشۇلماسمىكىن دىگەن ئىدىم. بىراق بۇ كۈتۈلمىگەن جاۋاپ مىنى قەۋەتلا خۇش قىلىۋەتتى. ئەتىسى ئاچام تىلغۇن قىلىپ مىنى ئېلىپ كەتتى. مەن ماڭىدىغان چاغدا ئەسقەركام ئۇنىمىسام ئۇنىماي ماڭا خەجلەڭ دەپ 300 يۈەن بەردى. ئاچامنى كۆرۈپ خۇشاللىقىمدىن سەكىرەپ، ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ كەتتىم.
_قانداق ئەھۋالىڭ ئاچا؟
_ياخشى ئۈرەڭچۇ؟ كەلگىنىڭگە بىر ئاي بۇلاي دىدى. مەندەك ئاچاڭ بىلەن كۆرۈشەيمۇ دىمىدىڭ . خەپ سەندەك ئۇكىنى.
_ ھەي بۇ گەپنى كۆرەي. ئۇكاڭ ئالدىراش، سەن مىنىڭ كەلگىنىمنى ئاڭلىغاندىكىن ئىزدىسەڭ بولدى.
ئۇنىڭغا تۇمۇشۇقلىرىمنى ئۇشلاپ، ئالىيىپ ئەركىلەپ قويدۇم.
_ ئۈرۈمچى چىرايلىقمىكەن؟
_مەن نەدىن بىلەي ، بۇ يەرگە كەلگەن بىلەن سىرىتقا تۈزۈك چىقمىسام ، ھىچ يەرنى كۆرمىدىم تېخى.بىراق ئۆز يۈرتقا يەتمەيدىغاندەك تۇرىدۇ، بەكلا زىرىكىپ كىتۋاتىمەن دىگىنە.
_مەكتەپ دەرۋازىسى يېنىدا تۇرۇپ كەتتىڭ. نىمىگە شۇنچە قاراپ كەتتىڭ؟
_قارا ئاچا، بۇ مەكتەپتە شۇنداق ئىسىل ، يوغان كىتاپخانا بۇلۇپ، ئىچىدە نۇرغۇن كىتاپلار بار ئىكەن. شۇ يەردىن ئۆتسەملا ئىچىگە بەك كىرگۈم كەپ كىتىدۇ.
ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن ئاغزى ئاغزىمغا تەگمەي، قارا قۇشقاچتەك سايراپ كەتتىم.
_ئۇ دىگەن ئالى مەكتەپلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كىتاپخانا . سىنىڭ ئوقۇيالمىغىنىڭغا يەنىلا گۇمانى نەزەردە قارايمەن جىمۇ. قارسام ئۇقۇش ئارزۇيۇڭ بەك كۈچلۈكتەك قىلىدۇ. لىكىن ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگىنىڭ يەنىلا كاللامدىن ئۆتمەيدۇ.
_ ۋايجان نىملەرنى دەيدىغانسەن. ئۇقۇش دىگەننى ئاڭلىساملا بېشىم ئاغرىيدۇ. شۇ ئۆزۈمنىڭ كاللىسى ئىشلىمەيدىكەن. بولدى ئۇ كونا خاماننى سورىمىغىنە. مۇشۇنداق ماڭامدۇق؟ نەگە بارىمىز؟
گەپنى باشقا ياققا بۇرىۋەتتىم.
_سىنى ئاۋۋال بىزنىڭ مەكتەپكە ئاپىراي ، ئۇ يەرنىمۇ كۆرۈپ باق ئاندىن بارزارغا چىقىمىز.
_مەكتىپىڭگە مۇشۇنداق مېڭىپ بارامدۇق؟ مەكتىپىڭ يېقنما؟
_ياق دۆت، كوچا ئاپتۇبۇسىغا چۈشۈپ بارىمىز.
_ ھە.
بىز ئاچامنىڭ مەكتىپىگە كەلدۇق. ئۇ مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىغا چوڭ قىلىپ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتى دەپ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە قىلىپ يېزىقلىق ئىدى. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگىچە باشقىچە بىر خىل ھىسياتتا خۇددى ئۆزۈمنى بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسىدەك ھس قىلىپ قالدىم. مەكتەپ ئىچىدىكى كىتاپ قولتۇقلاپ كىتىۋاتقان بالىلارغا شۇنداق ھەۋەس بىلەن قاراپ ماڭاتتىم. ئاچام ماڭا ھەممىنى تونۇشتۇرۇپ ماڭدى. بىز ئاۋۋال ئاچامنىڭ ياتىقىغا كىرىۋىتىپ ، ئاندىن سىرىتقا تاماق يىگىلى چقتۇق.  بىز مەكتەپ ئالدىدىكى بىر ئاشخاندىن سومىيەن يەپ چىقىپ، ئاندىن مەكتەپ ئەتىراپىدىكى بازارلارنى ئايلاندۇق. كەچكە يېقىن ئاچامنىڭ ياتىقىغا كىرىپ كەتتۇق. ياتاقتا ئىككى قىز تۇراتتى.ئاچام مىنى ئۇلارغا تۇنۇشتۇرۇپ قويدى. ئۇلار بىلەن كۆرشىۋىتىپ كارۋاتقا كىلىپ ئولتۇردۇم.
_مىنەۋەر سىڭلىڭ بەك ئۇماق، چىرايلىقكەن ساڭا پەقەتلا ئوخشىمايدىكەن.
_ئەلۋەتتە . ئۇ ئۆيدىكى ھىچ قايسىمىزغا ئوخشىمايغان مەلىكەم.
ئۇلارنىڭ گىپىدىن قىزىرىپ يەرگە قارىۋالدىم. ئۇلار بىز ھازا ئۆزىنىڭ پارىڭىنى قىلشتى.
_قوسقۇڭ ئاچتىمۇ؟
_ياق، ئاچمدى.
ئادەم بار يەردە نىمىشقىكىن گەپ قىلسام، تارتىنغىنىمدىن قىزىرىپ كىتەتتىم.
_يالغان گەپ قىلما ، ئاچقان بولسا ئاچتى دە . چۈشتە يىگەن تاماق ھازىرغىچە تۇرمايدۇ. بۇلۇپمۇ سىنىڭ قوسقۇڭدا. يۈرە بىر نەرسە يەپ كىرىلى، قىزلار سىلەر چقمامسىلەر؟
ئاچام مىنى باشلىغاچ، ھېلىقى ئىككى قىزغا ئېيتتى . ئۇلار قوسقىنىڭ توقلىقىنى ئېيتىپ قېپ قېلىشتى.
_راست قوسقۇڭ ئاچمىدىما؟
_ ئاچتى.
_شۇنداقلىقىنى بىلەتتىم. ھېلى نىمىشقا ئاچمىدى دەيسەن.
_شۇ سىنىڭ دوستلىرىڭنىڭ ئالدىدا تارتىنىدىكەنمەن.
_نىمىشقا تارتىنىسەن. دادىل بول، باشقىلاردىن قورقما، گىپىڭ بولسا دەۋەر ، ئادەم دىگەن تارتىنچاق بۇلسا بۇلىدۇ ، لىكىن بەزى يەرلەردە تارتىنچاقلىق قىلىپ ئولتۇرسا زىيان تارتىدۇ. مەسىلەن سىنى مەن زورلاپ ئېلىپ چىقمىغان بولسام ، بۈگۈن ئاچ قالاتتىڭ.
_ئاچام يەلكەمگە ئۇرۇپ قويدى . ئۆزۈمنىڭ نىمىشقا بۇنداق تارتىنچاق بۇلۇپ قالىغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ئاچام مىنى مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى بىر تورتخانىدا تورىت بىلەن مىھمان قىلدى. تورتقا ئامىراق بولغاچقا ، ئۇ يەردە تورتتىن تويغۇچە يەپ چقتىم. ئۇ يەردىن چققاندا خېلىلا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ئاچام بىلەن ئاممىۋۋى تىلغۇنخانىدا ئۆيگە تىلغۇن قلىپ قويۇپ، ىككىمىز مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانىغا بېرىپ ئولتۇردۇق. مەكتەپ بىناسىنىڭ بىر دالدىسىدا بىر يىگىت بىلەن بىر قىز ئىرماش-چىرماش بۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
_ توۋا ئاچا ، ئاۋۇلارغا قارغىنە، نىمىش قىلىۋاتىدۇ ئۇلار؟!
ھەيران قالدىممۇ ياكى ئاچىغىم كەلدىمۇ ئىشقىلىپ ۋارقىراپ كەتتىم.
_بوشىراق. بولدى قاراۋەرمە، مەكتەپتە بۇنداق ئىشلار جىق. بۇنداق ئىشلار بىزنىڭ مەكتەپتە يىنىكىرەك تېخى.
دىمىسىمۇ بىر قانچە يەردە بۇنداق ئولتۇرۇپ كەتكەن قىز-يىگىتلەر جىق ئىدى.
_مەكتەپمۇ مۇشۇنداق بۇلامدۇ؟ تېخى يىنىڭ دىگىن. ئېغىر يەردە نىمىش قىلىدىغاندۇ ؟ ئەخلاق ، ئىمان، نۇمۇس دەيدىغان بىر نەرسە يوقكەنغۇ بۇلاردا، ئانىسى بىلەن دادىسى جاپا چىكىپ ئوقۇسۇن دەپ ئەۋەتسە، بۇلارنىڭ قلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنى. ئاچا سەن بۇنداق ئىش قىلما جىمۇ. بولمىسا سىنى ھەرگىز ئاچام دىمەيمەن.
ئاچامغا قاتتىق تەلەپپۇزدا گەپ قلىۋەتتىم.
_نىمە دەيدىغانسەن . ئاچاڭنى سەنمۇ چۈشەنمەمسەن؟ مەن ھەرگىز ئۇنداق قلمايمەن.
ھاۋا شۇنداق سالقىن ئىدى. ئاچام بىلەن ئاسمانغا قارىغانچە پاراڭغا چۈشتۇق.
_مىھرىبانىم، سىنىڭ نىمە ئارزۇيىڭ بار؟ سەن ئوقۇيالمىدىڭ. بىلمەن سەن مىنى دەپ ئوقۇمدىىڭ. ئاللاھ بۇيرىسا مەن خىزمەتكە چىققاندىن كىين، سەن نىمە قلىشنى خالىساڭ ساڭا شۇنى قلىپ بىرىمەن.
_رەھمەت ئاچا، مۇشۇ گىپىڭ كۇپايە، ياخشى ئوقۇپ ماڭا بىر ئىشى قلىپ بەرمىسىەڭمۇ، ئانام، دادامنىڭ سەندىن كۈتكەن ئۈمۈدىنى يەردە قويما. ئۇلارغا بىر ئىش قلىپ بەر.
_ئاپپاق سىڭلىم، سەن بەك ئاقكۆڭۈل. ئۆزڭنى ھەرگىز تۈۋەن كۆرمە. ئۆزۈڭنى خىزمەتكار دەپ ئويلىما، سەنمۇ ھالال ئىشلەۋاتقان ئادەم . سىنىڭ چۇقۇم بىر نىشانىڭ بولسۇن. سەن ئۆمۈرۋايەت خىزمەتكار بۇلۇپ ئۆتمەيسەن. كەچكىچە باشقىلارنى ئويلاۋەرمە، ئۆزۈڭنىمۇ ئويلاپ قوي. ئۆزۈڭ ئۈچۈن ياشا . بىر ئاللاھقا بىر ئۆزۈڭگە ئىشەن. چۈنكى بۇ دۇنيادا دوست يوق.
_بۇرۇن مەكتەپتىكى چاغدىكى ئارزۇيۇم باشقا ئىدى.بىراق ھازىرقى ئارزۇيۇم ، جىق پۇل تېپىپئانام بىلەن دادامنى راھەتكە ئىرىشتۈرسەم ، ئۇلارنى ھەرەمگە ئاپارسام دەيمەن.
ئاچام مىنى باغرىغا بېسىۋالدى. ئاچام شۇنداق ئۇرۇنلۇق گەپ قىلۋاتاتتى.دىمىسىمۇ مەن مۇشۇ ۋاقىتقىچىلىك ئۆزۈمنى ئويلاپ باقماپتىمەن.مانا ھازىرمۇ ئۆزۈم ئۈچۈن ياشىمايۋاتىمەن. باشقىلار ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن. ئاتا-ئانام، مىنى باغىرىغا بېسىپ تۇرغان مۇشۇ تاتلىق ئاچام، قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن ياشاۋېتىپتىمەن.
ئىككىمىز ئارزۇ ئارمان، ئاتا-ئانىمىزنىڭ پارىڭىنى قىلىپ ياتاققا كىرىپ كەتتۇق. ياتاقتا ھەممە قىزلار تۇلۇقتەك قىلاتتى. ياتار ۋاقتى بولۇپ قالغاچقا، بۇ قىزلار ئاساسەن ئىچ كىيىملىرى بىلەن يالىڭاچ ئىدى. ئۇلار بىلەن بىر قۇر سالاملىشىپ كۆرشىۋەتتىم.گەرچە ئۆزۈممۇ قىز بالا بولساممۇ ئۇلارغا قاراشتىن خىجىل بۇلۇپ يەرگە قارىۋالدىم. بۇ ھالىتىمنى كۆرگەن قىزلار‹‹مىنەۋەر سىڭلىڭ نىمانداق تارتىنچاق، يۈزى نىپىز. ھەمىمىزنىڭ ئوخشاش ئۇكام››دىگىنىچە كۈلۈشىپ كىتىىشتى.
_سىلەرمۇ كىچككىنە قىزنىڭ ئالدىدا يالىڭاچ تۇرىۋالغۇچە يوتقانغا كىرىۋېلىىشە.
ئاچام بىلەن بىر كارۋاتتا قۇچاقلىشىپ شۇنداق راھەت يېىتۋالدىم. بىر ئايدىن بېرى، مىھرىگۇل ئاچامغا قارايمەن دەپ كىچىللىرى ئۇيقۇسىز قېلىۋاتاتتىم. بۈگۈنكىدەك ئۇخلاپ باقمىغان ئىدىم. ئەتىسى ئاچام مىنى بازارغا ئېلىپ چقىتى. ئاچام بىلەن خەلىقئارا چوڭ بارزار، داشىمىن، شىياۋشىمن.....قاتارلىق يەرلەرگە بېرىپ ئايلىنىپ ، ئۆيدىكىلەرگە برەر قۇردىن كىيىم ئالدۇق. ئاچام ماڭا بىر كۆينەك ئېلىپ بەردى. ئاچام بىلەن خاتىرە بوپ قالسۇن دەپ خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ ئالدىدا سۈرەتكە چۈشىۋالدۇق. ئەسقەركام بەرگەن پۇلدىن 100 يۈەن ئاشقانتى ئۇنى ئاچامغا بەردىم. ئاچام بىلەن كەچلىك تاماق يېىۋىېلىپ ، ئاچام مىنى مالىيە ئىقتىساد ئىنىستىتوتىغا باردىغان ئاپتۇبوسقا سېلىپ ، چۈشىدىغان بىكەتنى دەپ بەردى. ئابتۇبوستىن چۈشىدىغاندا ئاچام دەپ بەرگەن بىكەتنى بىلەلمەي ئۆتۈپ كىتىپتىمەن.كيىنكى بىكەتتە چۈشۈپ قېلىپ ، ئارقامغا ياندىم.لىكىن يولنى پەرىق ئىتەلمەي، ئۇ مەكتەپنى تاپالمايۋاتاتتىم.كەچ كىرپ قالغان بۇلۇپ ، ھاۋا تۇتۇلۇپ يامغۇر ياغىدىغاندەك قىلاتتى.مەكتەپنى تاپالمىغانسىرى يىغلامسىراپ كەتتىم.ئالدى ئارقامغا تەمتىرەپ مېڭىپ يۈرسەم ئالدىمدا مۇستاپا پەيدا بۇلۇپ قالدى. ئۇنى كۆرۈپ ، ئۆزۈمنى تۇتالماي يېغلاپ كەتتىم.
_نىمە بولدىڭىز؟ يىغىلىماڭ، بۇ يەردە نىمىش قىلىپ يۈرىيسىز؟
_ ئۆيگە كىرىپ كىتەي دىگەن ، لىكىن مەكتەپنى تاپالمايۋاتىمەن.
مۇستاپاغا قاراپ قاتتىق يىغلاپ كەتتىم.
_ ئەخمەق قىز ، مەكتەپ ئاۋۇ يەردە تۇرمامدۇ. كىچك بالىدەك يىغلاپ كەتكىنىڭىزنى قاراڭ.
ئۇ يولنىڭ ئۇ چىتىدىكى دەرۋازىنى كۆرسىتىپ كۈلۈپ كەتتى. يولنىڭ ئۇ چىتىگە قارسام ، مەكتەپ راستىنلا شۇ تەرەپتە تۇراتتى.ئاپتۇبوستىن ئۆتۈپ كىتىپ چۈشكەچكە يولنى بىلەلمەي قالغان ئىدىم.مۇستاپا بىلەن يولنىڭ ئۇ چىتىگە ئۆتىدىغان پىيادىلەر كۆۋرىكىدىن ئۆتۈپ ، مەكتەپكە كىرىدۇق.
_سىرىتقا بۇنىڭدىن كىين يالغۇز چىقماڭ. ھېلىمۇ ماڭا ئۇچىراپ قاپسىز، يامان ئادەملەرگە ئۇچىراپ قالسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟
ئۇ مىنى ئەيپلەپ كەتتى. لىكىن ئۇنىڭ بۇ ئەيىپلەشلىرى مىنى خۇش قلىۋەتتى. مۇستاپا مەندىن ئەنسىرەۋاتىدۇ. دىمەڭ ئۇ ماڭا كۆيىنىدكەن. ئۇ مىنى خىزمەتكاردەك كۆرمەيدىكەن.....لىكىن دىمىسىمۇ ئاللاھ ئۇنى ئۇچىراشتۇردى، بولمىسا كۆز ئالدىمدا تۇرغان بۇ مەكتەپنى تاپالماي نەلەردە يىغلاپ يۈرەتتىم. كىرگۈچە ئۇنىڭغا ئۇشۇق گەپ قىلمىدىم.ئۇنىڭدىن يەنىلا تارتىنىۋاتاتتىم.
_يولدا ئېزىپ قالغىنىمىنى، مىھرىگۇل ئاچامغا دىمىسىڭز بوپتىكەن. ئۇلار ئەنسىرەپ قالمىسۇن.
_دەپ قويمەن تازا. سىزنى دۆت بىر قىزكەن، مەكتەپ ئالدىدا تۇرسا تاپالماي ، كىچىك بالىدەك ماڭقىسىنى ئېقىتىپ يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ دەيمەن.
ئۇ چاقچاق قلىپ مىنى مازاق قلىۋاتاتتى.
_بوپتۇ يوغان ئىش، دەڭ. ئەجەپ ئەسكىكەنسىز، تېخى ئادەمنى دۆت دەپ كەتكىنىنى.
ئۇنىڭ قولىدىكى سىلياۋ سومكىلارنى ئېلىپ، قېيدىغانچە بىناغا كىرىپ كەتتىم. ئۇ كەينىمدىن بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كىيىن، كۈلۈپ‹‹ھەي ئەخمەق، چاقچاق قلىپ قويدۇم››دىگىنىچە ئارقامدىن يۈگۈرۈپ كىرىدى. بىز ئۆيگە كىرسەك مىھرىگۇل ئاچام بىلەن ئەسقەركام بار ئىدى. ئۇلار بىلەن بىر قۇر سالاملىشىپ ئەھۋاللىشىۋەتكەندىن كيىن تىلۋۇزۇر كۆرۈپ ئولتۇردۇق.مۇستاپانى بايقى ئىشنى دەپ قويارمۇ دەپ ئەنسىرەپ پات-پات ئۇنىڭغا قاراپ قوياتتىم. بىراق ئۇ  ئاپىسىنىڭ تۈنۈگۈن سېتىۋالغان قول تىلغۇنىنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى بېسىپ خىيالى ئولتۇراتتى. بىر ئازدىن كىيىن ئەسقەركامغا تىلغۇن كىلىپ كەچتە كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى. مىھرىگۇل ئاچام مەن ئالغان كىيمنى كەيدۈرۈپ كۆرۈپ باقتى. بۇ گۈللۈك كۆينەكنى ئالغان ۋاقتىمدا كىيسەممۇ شۇنداق ياراشقان ئىدى. مىھرىگۇل ئاچام بەك ياراشتى دەپ ماختاپ كەتتى. مۇستاپا ئاغزىنى ئېچىپ، ماڭا تىكىلىپ قاراپ مىنى بەكلا خىجىل قىلىۋەتتى. مىھرىگۇل ئاچامغا يوتقان سېلىپ بىرىپ، ئۆزۈم ئىككى كۈندىن بېرى يىغىلىپ كەتكەن ئەخلەتنى تاشلىۋىتىش ئۈچۈن، ئۇچامدىكى كىيىممنى سالمايلا سىرىتقا چقتىم.
سىرىتتا سىم-سىم يامغۇر چۈشىۋاتاتتى. يامغۇرنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بۇلۇپ كەتتىم. يامغۇردا مېڭىشنى ياخشى كۆرگەچكە ، ئەخلەتنى ئەڭ يىراقتىكى ساندۇققا ئاپىرىپ تاشلاپ كەلدىم. كەلسەم مۇستاپا بىنانىڭ ئالدىدا تۇراتتى.
_بۇ يەرگە چۈشۈۋاپسزغۇ؟
_سىزنى ئەخلەت چىلىكىنى تاپالماي، يەنە ئېزىپ قالدىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ چۈشمەمدىم.
ئۇ باشتىن ئاياغ ماڭا قاراپ ھىجىيىپ تۇراتتى.
_ئەنسىرەشلىرىڭىز ئارتۇقچە بولۇپ قاپتۇ. ئادەمنى ئۇنچىۋالا دۆت كۆرمەڭ.
_ھوي قېيدىدىڭىزمۇ نىمە؟ چاقچاق قلىپ قويسام قاراڭ تۇمشۇقلىرىڭىزنى ئۇشلاپ كەتكىنىڭىزنى، قېيدىسىڭىز تېخىمۇ سەتلىشىپ كىتىدىكەنسىز.
ئۇنىڭ بۇ گىپىگە كۈلگۈم كىلىپ كەتتى.سەتلىشىپ كىتىدىكەنسىز؟ قارا بۇنى ، ئۆزۈم قانچىلىك دىمەي ئادەم زاڭلىق قىلىۋاتىدىغۇ. خەپ!
_ئۆزىڭىزگە قاراپ بېقىپ ئاندىن مىنى بىر نەرسە دەڭ. سىز كۈلسىڭىز مەندىنمۇ ئۆتە سەتلىشىپ كىتىدكەنسىز. ھەم ئوغول بالا جىق كۈلسە بولمايدۇ. بۇنىڭدىن كىين بۇنداق سەت ھېجايماڭ ھە...
_بۇلىدۇ خېنىم. سىز نىمە دىسىڭىز شۇ.
ئۇنڭ بىزەڭلەرچە دىگەن بۇ گىپىدىن خىجىل بۇلۇپ ، يەرگە قارۋالدىم.
_يامغۇرنى ياخشى كۈرەمسىز؟ مەن يامغۇرنى ياخشى كۆرىمەن. يامغۇردا ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بىلەن سەيلە قىلسام دەيمەن.
ئۇ يامغۇرغا قولنى چىقىرىپ تۇتقانچە مەندىن سوراۋاتاتتى.
_ مەن ياخشى كۆرمەيمەن.
ئۇنىڭدىن تېخىچە ، ئاچچىغىم كىلىۋاتاتتى.
_ مەندىن ئاچچىغىڭىز كەلدىمۇ نىمە. كەچۈرۈڭ ، سىزگە چاقچاق قىلىپ قويغان ئىدىم. كۆڭلىڭىزگە كەلگەن بولسا كەچۈرۈڭ.
ئۇنىڭ ئۇڭايسىزلانغانچە كەچۈرۈم سوراشلىرىدىن خىجىل بۇلۇپ كەتتىم.
_ ھچقىسى يوق. كۆڭلۈمگە ئالمىدىم.
_تېخى ئۇخلاشقا بالدۇر، مەن بىلەن بىرگە يامغۇردا ئايلىنىشىپ بىرەمسىز؟
_ئۇنىڭ بۇ سوئالىغا نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى بىلەلمىدىم. كۆڭلۈمدە خۇشاللىق بىلەن‹‹ماقۇل››دىگۈم بولسىمۇ، خجللىقتىن ئۇنىڭغا گەپ قىلماي تۇردۇم.
_ سۈكۈتنىڭ ئۆزىلا جاۋاپ. دىمەك قوشۇلدىڭىز يۈرىڭ.
ئۇ قولۇمدىن تارتىپلا مەكتەپ گۈللىكى تەرەپكە ماڭدى. ئۇ قولۇمىنى چىڭ تۇتىۋالغان بۇلۇپ، خىجىللىقتىن قولۇمنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋالدىم. ئۇنىڭ بىلەن مەكتەپ گۈللىكىدە ياندىشىپ كىتىۋاتاتتىم. گۈللۈكتە يامغۇرغا ئامىراق ئوقۇغۇچىلار بىردىن ئىكىكىدىن بۇلۇپ ئايلىنىپ يۈرەتتى.
_كىلىڭ بۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرايلى.
ئۇ گۈللىكتكى بىر تاش ئورۇندۇقنى، يانچۇقىدىن قولياغلىق ئېلىپ ئېيتىۋەتكەندىن كىين ، مىنى ئولتۇرغۇزىۋىتىپ  ئۆزى يەنە بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. ئۇنىڭ يانچۇقدىن قولياغلىق ئېلىشى دىققىتىمنى تارتتى. ئۇنداق بالىلار ئىنچىكە ، كۆيۈمچان كىلەتتى. ئۇنىڭ ھەر بىر ھەركىتىدىن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتقاندەك قىلاتتىم. ياق، ئۇنى ياخشى كۆرمە مىھرىبان، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالساڭ بولمايدۇ دەپ ئېيتتىمغۇ ساڭا.....شۇنداق لىكىن ،ئۇ يېنىمدا مۇشۇنداق تۇرسا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن كۈتكەندەك بالا تۇرسا، مەن قانداقمۇ ياخشى كۆرمەي تۇرالاي.....ياق، ئۇنى ياخشى كۆرمە، ئىككىڭلارنىڭ ئىشى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. كاللاڭنى سىلكىۋەت. مۇشۇ يەردە توختاپ قال....نىمىشقا؟ خىزمەتكار بولغىنىم ئۈچۈنما؟...
_گەپ قىلمايسىزغۇ؟نىمىلەرنى خىيال قىلىۋاتىسىز؟
[/مۇستاپانىڭ سۇئاللىرىدىن خىياللىرىم بۇزۇلۇپ كەتتى.
_ھىچنىمە، يامغۇرغا قاراپ ئولتۇرۇپ قاپتىمەن.
_يامغۇرنى ياخشى كۆرمەيمەن دەۋاتاتتىڭىزغۇ؟ يالغان دەپ قويۇپسىز دە ھە.
_بايام ئاچچىغىمدا شۇنداق دەپ قويغان ئىدىم.مەنمۇ يامغۇرنى ياخشى كۆرىمەن. يامغۇر ياغسا ھەر قانداق خاپىلىق ، قايغۇللىىرم يامغۇر سۈيى بىلەن تەڭ يۇيىلىپ كىتىدۇ. يامغۇردا كۈنلۈك تۇتماي مېڭىشنى ياخشى كۆرىمەن. يامغۇر يەنە تەبىئەتتىكى پۈتۈن مەينەتچلىكنى يۇيىدۇ. يامغۇردىن كىيىنكى ھاۋا شۇنداق ساپ بۇلۇپ ئادەمگە ھوزۇر ئاتا قلىدۇ. يەنە تېخى يامغۇر يېغىشنىڭ ئالدىدىكى ئاسمان شۇنداق ھەيۋەتلىك ۋە ئۆزگىچە ھەممە ياق قاپقارا بۇلۇتلار بىلەن قاپلىنىپ بىر خىل باشقىچە مەنزىرە ھاسل قلىدۇ. ئەڭ مۇھمى يامغۇر ياغقاندا ئۆزۈمنى شۇنداق خاتىرجەم ھىس قىلىمەن. ھەم يامغۇر ياغقاندا تۇغۇلۇپتىكەنمەن. شۇڭا ياخشى كۆرسەم كىرەك. مىنىڭچە يامغۇرنى ياخشى كۆرمەيدىغانلار يوقمىكىن دەيمەن. سىزچۇ؟
ئۇنىڭدىن سورىغاچ ئۇنىڭغا قارىۋىدىم. ئۇ ماڭا شۇنداق تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرۇپ كىتىپتىكى، ئۇنىڭدىن ئىتتىكلا كۆزۈمنى ئەپ قاچتىم. ئۇ مىنىڭ ئوڭايسىزلانغان ھالىتىمگە قاراپ ، بىرنى يۆتىلىپ قويۇپ‹‹مەنمۇ سىزگە ئوخشاش، سەۋەبىمىز ئوخشاپ كىتىدىكەن››دەپلا قويدى.
_توڭلىدىڭىزمۇ؟ بۇ چاپاننى كىيۋېلىڭ.
ئۇ ئۇچسىدىكى كاستۇم چاپىننى سېلىپ بەردى.
_ياقەي، مەن توڭلىمىدىم. سىز ئۆزىڭىز كىيىڭ. ئىچڭىز يېلىڭ ئىكەن . زۇكام بۇلۇپ قالماڭ يەنە.
_مەن دىگەن ئوغول بالا. توڭلىغانغا ھىچ نىمە بولمايمەن. سىزنىڭ بۇ يېڭى كىيمىڭىز ھۆل بۇلۇپ كەتسە، ماڭقىڭىزنى ئېقىتىپ يىغلىماڭ يەنە.
ئۇ ئۆزىنىڭ گىپىدىىن ئۆزى كۈلۈپ كەتتى.
_يەنە ئادەم مازاق قىلغىلى تۇردىڭىز، سىزگە دىدىمغۇ كۈلسىڭىز بەك سەتلىشىپ كىتىدىكەنسىز، ئوغۇل بالا بولغاندىكىن كۈلمەڭ دەپ . سەت چاپىنىڭزنى ئۆزىڭىز كىيىڭ.
_مانا مانا ، يەنە تۇمشۇقلىرىڭزىنى ئۇشلاپ ماڭقىڭزنى ئېقىتقىلى تۇردىڭىز. سەتلىشىپ كەتتىڭىز بولدى.
ئۇ قەستەن چىشىمغا تىگىۋاتاتتى.
_ بەك ئەسكىكەنسىز. مىنى بوزەك قلىۋاتىسىز. بولدى مەن كىىرپ كىتىمەن.
_مىھرىبان بولدى، چاق چاق قىلىپ قويدۇم. قاراڭ كۆتۈرەلمىگىنىڭىزنى، قېنى كىلىڭ بۇ چاپاننى كىيۋېلىڭ. راستىنلا زۇكامداپ ئاغىرىپ قالسىڭىز. سىزنى يامغۇردا سەيلە قىلىشقا ئېلىپ چىققىنىمغا تويغۇزماڭ.
ئۇ چاپىنىنى ماڭا كەيدۈرۈپ قويدى.
_مىھرىبان.
_ھە.
_سىزگە دىسەم ، بۇ كىيمىڭىز سىزگە بەك ياراشتى. بۇنى كىيىپ سىز تېخىمۇ ئۇماق، تېخىمۇ بەك چىرايلىق بۇلۇپ كەتتىڭىز.
ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن خىجىل بۇلۇپ، يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بۇلۇپ كەتتىم.بىراق ئىچمدە خۇش بۇلۇۋاتاتتىم.مەنمۇ قىز بالا دە، ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشى ‹‹چىرايلىق›› دەپ ماختىسا كىممۇ خوش بولمىسۇن. يامغۇر تۇيۇقسىزلا شاقىراپ يېغىپ كەتتى.
_يامغۇر قاتتىق ياغقىلى تۇردى. يۈرۈڭ كىرىپ كىتەيلى.
ئۇمىنىڭ بىلىكىمدىن تۇتىۋالدى. مەن ئۇچامدىكى چاپاننى سېلىپ ، ئىككىمىز تەڭ ئارتىپ ئۆي تەرەپكە يۈگۈدۇق. بۇ چاغدا ئۆزۈمنى شۇنداق بەخىتلىك ھس قىلىپ كەتتىم.بۇ چاپاننى تۇتىۋالغان، مەن ئۇنىڭ بىلىكىدىن چىڭ تۇتىۋالغان ئىدىم. ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ مۇشۇنداق تۇرسام نىمە دىگەن ياخشى ھە.......
بىنانىڭ ئاستىغا كەلگۈچە ، ئۇ چاپاننى ماڭىلا تۇتۇپ ماڭغاچقا ئۆزى ھۆل بۇلۇپ كىتىپتۇ. بىنانىڭ ئاستىدىكى دالدىدا يامغۇرغا قاراپ بىر ھازا تۇردۇق.
_يۈرۈڭ كىرىپ كىتەيلى، بىز بەك ھۆل بۇلۇپ كىتىپسىز. ئەتە زۇكامداپ ، مەكتەپكە بارالماي قالماڭ يەنە.
ئۆيگە كىرسەك ، مىھرىگۇل ئاچام ئاللقاچان ئۇخلاپ قالغان ئىدى. بىز تۇيدۇرماستىن كىرىپ يېتىۋېلىشتۇق. ئەتىسى ھەر ئىككىلىمىز زۇكام، لىكىن ئۇ خېلى ئېغىر زۇكام بۇلغاندەك تۇراتتى.

بۇ ئۆيدە بىر ھەپتە تۇرغاندىن كىيىن كىتىدىغان بولدۇق. بۇ جەرياندا مۇستاپا مۇشۇ يەردىلا قوندى. ئۇنىڭ بىلەن خېلىلا چقىشىپ، پاراڭلىشىپ ، چاقچاقلىشىپ قويىشاتتۇق. ھەپتىدىن كىين ، كىتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلدۇق. مىھرىگۇل ئاچام بىلەن ئەسقەركام يەنە ئايرۇپىلاندا ماڭدى . مەن ئەسقەركامنىڭ بىر ئاغنىسىنىڭ ئايالى بىلەن ئاپتۇبوستا ماڭدىم. يۇرتقا چۈشكە يېقىن كەلدۇق. بىكەتتىنلا تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئۆيگە ماڭدىم. بۇ يەردىن ئايرىلغىنىمغا ئانچە كۆپ ۋاقىت بولمىغان بولسىمۇ، ئۆينى بەكلا سېغىنغانئىدىم. ئۈرۈمچىدىن ماڭىدىغان ۋاقىتتا ئۆيدىكىلەرنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويغان بولساممۇ، بىراق ئۆيدە ھىچ كىم  يوق. بىر ئاز ۋاقىتتىن كىين ئاپام بىر چىلەك سۇ كۆتۈرۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى. قولۇمدىكى مومكىنى قويۇپ، ئاپامنىڭ ئالدىغا يۈگۈپ ئۇنىڭ قولىدىكى چىلەكنى ئالدىم.
_ئانا مەن كەلدىم. سىلەرنى شۇنداق سېغىندىم. قانداق ئەھۋالىلار؟ دادام بىلەن مۇتەللىپتچۇ؟
_بىز يامان ئەمەس. داداڭ ئېتىزلىقتا، مۇتەللىپ مەكتەپتە . كەلگەن بولساڭ تاماق ئەتكىنە ، ھېلى داداڭ كىرسە تاماق دەپلا كىرىدۇ.
ئانامدىن ‹‹ياخشى تۇردىڭمۇ؟ يولدا كەلگۈچە ھېرىپ كەتتىڭمۇ؟ قوسقۇڭ ئاچتىمۇ؟››دىگەن گەپلەرنى كۈتكەن ئىدىم. بىراق ئانام ئۇنداق دىمىدى. ئادەتتە ئاچام تەتل قىلىپ كەلسە، ياق، ئاددىيسى مۇتەللىپ ھەپتە ئاخىردا مەكتەپتىن كىرسە ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي مۇشۇنداق سوراپ كىتەتتى.بىراق ماڭا قىلغان بۇ مۇئامىلسى كۆڭلۈمنى بىر قىسما قلىپ قويدى....كۆڭلۈڭگە ئالما مىھرىبان، ئاناڭنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ئوخشايدۇ، ئۇ سىنىڭ ئاناڭ ئەمەسمۇ........ئۆز ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم.ئەسلى ئانامغا ئۈرۈمچىدە كۆرگەنلىرىمنى ئېيتقۇللىرىم بار ئىدى. بىراق ئانام مەن بىلەن كارى بولماي سىرىتقا چىقىپ كەتتى.
ئاھ خۇدا، ئانام ماڭا نىمىشقا بۇنداق مۇئامىلە قلىدۇ. يولدا تېخى ئانامنى چۇقۇم مىنى كىلىدۇ دەپ، ئۆيدە مەن ياخشى كۆرىدىغان گۆشلۈك شويلىنى ئېتىپ تۇرىۋاتىغۇ دەپ ئىشتىھا  بىلەن كىرگەن ئدىمغۇ. بىراق، شويلا تۇرماق ياخشىراق بىر مۇئامىلىگىمۇ ئىرشەلمدىم.  ئانام چقىپ كەتكەندىن كىيىن يۈركىم ئېيچىشىپ يىغلاپ كەتتىم. يولدا كەلگۈچە ھېرىپ كەتكەن بولساممۇ ئۆيدە ئۈگىرە ئەتتىم. ئۈگىرە پىشىشقا يېقىن دادام كىردى. دادام مىنى كۆرۈپ بايام ئانامدىن كۈتكەن سۇئاللارنى سوراپ ، پىشانەمدىن سۆيۈپ قويدى. دادامغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتىم.
كەچقۇرۇن كۆڭلۈم پەرىشان ھالدا ، سىرىتتا  ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قاراپ خىيالغا پېتىپ ئولتۇردۇم.ئانام نىمە ئۈچۈنماڭا مۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن كۆزۈمگە بۇنداق كىرىۋالىدۇ؟ نىمشقا مىنىڭ نىمىنى ئارزۇ قىلىدىغىنىمنى ئويلاپ باقمايدۇ؟ مۇشۇنچلىك بولغۇچە ئۇنىڭدىن ياخشىراق بىر مۇئامىلىگە ، ئىللىق بىر مىھرگە ئىرىشىپ باقماپتىمەن....مەن دىمەتلىك دوستلىرىم غەم-قايغۇسىز ئۇقۇۋاتىدۇ. بىراق مەنچۇ، مەن مۇشۇ ئائىلىنى دەپ ھازىرقى مۇشۇ يولدا مېڭىپ جاپا تارتىۋاتىمەن. بۇرۇن ئانام بىلەن پېتىشماي ئۇرشۇپ قالساممۇ، چاندۇرماي يەنىلا كۈلۈپ يۈرەتىتىم. بىراق بۈگۈن راستىنلا ھار كەلدى....بۇلار زادى نىمە ئۈچۈن؟....ئانام ئۈگەيمۇ يا؟...ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىن سوراپ كەتتىم. بىراق يۇلتۇزلار بىزمۇ بىلمەيمىز دىگەندەك كۈلۈپ ماڭا قاراپ تۇراتتى. ئۇنداق بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس. مەھەلىدىكلەر ئانامنىڭ مىنى تۇققان ۋاقىتلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ھەم ئايشەمخان ئاپا داۋاملىق‹‹سىنى مەن تۇغدۇرغان››دەيتى...بىراق نىمە ئۈچۈن...؟؟؟...كۆزلىرىمدىن ياش توختىماي تۆكۈلىۋاتاتتى. ئۇلۇغ ئاللاھ مەندىن مۇھەببىتىڭنى ئايىمىغايسەن، مىنى ئانامنىڭ مىھرى مۇھەببىتىدىن ئايرىمىغايسەن...
مىھرىگۇل ئاچامغا تىغۇن قلىپ ساق-سالامەت كەلگەنلىكىمنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويدۇم. ئۇلار كىلىپلار ئانىسىىنىڭ ئۆيىگە كىتىپتۇ. مەنمۇ ئەتىسى شۇ يەرگە بېرىشمىنى ئېيتتى. ئەتىسى ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ ئۇ يەرگە باردىم. مىھرىگۇل ئاچامنىڭ ئۆيى شەھەردىن 15-20 كىلومىتىر يىراقلىتا ئدى. مىنى ئەسقەركامىڭ شوپۇرى ئاپىرىپ قويدى. ئۇلارنىڭ ئۆيى شۇنداق يوغان ۋە ھەشەمەتلىك بۇلۇپ ئۇ ئۆيدە مىھرىگۇل ئاچامنىڭ ئانىسى بىلەن دادىسىدىن باشقا ئادەم يوق ئىكەن. ئۇلار خېلى ياشىنىپ قالغان بۇلۇپ، ھەرەمگە بېرىپ ھەج قلىپ كەلگەچكە ئۇلارنى مەن ھاجىم دادا، ھاجىم ئانا دەپ چاقىراتتىم . مەن پات-پات ھاجىم ئانامغا يادەملىشىپ باغقا چىقىپ ئوت ئورىشىپ، قويلارغا ھەلەپ ئىتىشىپ بىرەتتىم.ھاجىم دادام كىسەلچانىراق ئىكەن. بىكار ۋاقىتلىرمدا ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى تۇتۇپ قويغاچ، ئۇنىڭغا پاراڭ قىلىپ بىرەتتىم.. ئۇلار مىنى باشقا ئامىراقلىقتىن باشقا نەۋرىللىىرىدىنمۇ چارە كۆرەتتى.تېخى بەزىدە ھاجىم دادام ‹‹مىھرىبان قىزىمنى ، مۇستاپاغا ئەپ بىرىپلا بالا قىلىۋالساقمۇ بولىدىكەن››دەپ قوياتتى. بۇنداق چاغدا خىجىل بۇلۇپ قىزىرىپ كىتەتتىم.
بىز بۇ يەردىكى چاغدا ، بۇرۇن ئاپىسىنىڭ قولىغا تىلغۇن قلىدىغان مۇستاپا، ئۆيگە تىغۇن قىلىدىغان بولىۋالدى. بەزىدە مەن تىلغۇننى ئەپ قالسام، مەندىن ئەھۋال سوراپ، بەزىدە بىر قىسىم چاقچاقلارنى قىلىپ، گەپكە تۇتۇپ پاراڭلىشىۋالاتتى. بۇ ئەھۋاللاردىن مىھرىگۇل ئاچام سەل گۇمانلىنىپ قالدىمىكىن ئىشقىلپ بىر كۈنى مىنى ئاگاھلاندۇرغاندەك قىلىپ، مۇستاپاغا ئاكامنىڭ قىزىنى دىيىشىپ قويغانلىقىنى ، ئۇنىڭدىن باشقىنى ئەپ بەرمەيدىغانلىقىنى، مۇستاپا باشقا قىز تاپقان تەقدىردىمۇ قوشۇلمايدىغانلىقىنى چاندۇرماستىن ئېيتىپ قويدى.
ھەپتىدىن كىيىن، مۇستاپا مەكتەپتىن بىر ئايلىق رۇخسەت ئېلىپ كىلىدىغان بولدى. بىزمۇ شەھەردىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتۇق. كىرىپ كىتىدىغان ۋاقىتتا ھاجىم دادام بىلەن ھاجىم ئانام ماڭا پەقەتلا قېيمىدى. مەن ئۇلارغا پات-پات چقىپ تۇرىدىغانلىمنى ئېيتىپ خوشلاشتىم. مۇستاپانىڭ كىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ، خوش بۇلۇپ كىتىۋاتاتتىم.
مەردان بىلەن مەۋلان بىز ئۈرۈمچىكى چاغدا، ھاممىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرغاچقا ، ئۆيدە ئادەم يوق بەكلا مەينەت بوپ كەتكەن ئىدى. كىرىپ ئۆينى بىر قۇرلۇق تازلىۋەتتىم. ئەتىسى چۈشكە يېقىن  مۇستاپا كەلدى . ئۇنى كىلىدۇ دەپ لەغمەن ئىتىپ تۇردۇم. ئۇكۈنى ئۆيدە ھەمىمىز بولغاچقا، ئىككىمىز كۆزىمىز ئارقىلىق ئەھۋاللىشىۋالدۇق.
مىھرىگۇل ئاچام بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى ، مىجەزىدە يەنە ئۆزگۈرۈش بۇلۇپ كىتىۋاتاتتى. ھەتتا ھاجەتخانىغا كىرسىمۇ بىللە كىرمىسەم ئولتۇرۇپ قوپالمىغۇدەك دەرجىگە بېرىپ قالدى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ ، ئۇنىڭ ساقىيشىدىن ئۈمۈد توقلىقىنى ھىس قىلىپ قالدىم. مۇستاپا كەلگەندىن بېرى ئاپىسىنىڭ قېشىدىن بىر دەممۇ ئايرىلىپ باقمىدى. ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ قېشىدا ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ ئولتۇرۇپ كىتىشلىرگە قارسام ، ئىچم ئاغىرىپ قالاتتى. ھەي بىچارە ، ئەگەر ئاپىسى ساقايماي قالسا قانداق قىلار؟ ئەسقەركام ئۇنىڭغا مىڭ ئامىراق دىگنبىلەن، ئۇ يەنىلا ئۈگەي دادا، قېرىنداشلىرى ئۈگەي.
بۈگۈن بىزنى ئائىلە بۇيىچە، ئەسقەركامنىڭ ئاچىسى مىھماندارچىلىققا چاقىردى. بۇ يەرگە ھەممىمىز باردۇق. ئىككىى ئۆي ئارلىقى خېلى يېقىن بۇلۇپ، قايتىدىغاندا مىھرىگۇل ئاچام ماڭالمىغانلىقتىن ئەسقەركام بىلەن ماشىنىدا كەتتى.قالغىنىمىز سالقىندىغاچ پىيادە كىتىدىغان بۇلۇشتۇق. مەردان قايتماي ھاممىسىنىڭ ئۆيىدە قېپ قالدى. مەۋلان تورخانىغا كىرىمەن دەپ كىتىپ قالدى.
ئونىنىجى ئاينىڭ ئاخىرلىرى بولغاچقا كەچلىك ھاۋا سەل سوغوق ئىدى. مۇستاپا بىلەن خۇددى ئاشىق مەشۇقلاردەك مېڭىپ كىتىۋاتاتتۇق.
_مىھرىبان سىزگە رەھمەت.
مۇستاپا كىتىۋاتقاچ تۇيۇقسزلا شۇنداق دىدى. ئۇ يەرگە قارىۋالغان ئىدى.
_نىمىگە رەھمەت دەيسىز؟
_ئاپامغا قىلىپ بىرەلمەيۋاتقانلرىمنى سىزنىڭ قىلىپ بىرىۋاتقانلىقىڭىزغا رەھمەت. ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن ھەقىچان خەۋرىڭىز بار . ئۇ ئىككىسى  ئاپامنى ئۈگەي كۆرىدۇ. ئۆز بالىسى بولمىغاندىكىن ئاپامغا كۆيۈنمەيدۇ. مەن بىردىنبىر بالىسى بولسام يىراقتا. ئەسقەركام ئاپامنى ياخشى كۆرگەچكىلا، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ خاتىرجەم ئوقۇۋاتىمەن. بولمىسا ئاپامنىڭ يېنىغا كىلىۋالاتتىم. ئاپامنىڭ كىسىلى ساقايمايدۇ. بۇنى ئوبدان بىلىمەن. بىچارە ئاپام مىنىڭ راھەت-خولقىمنى كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن. ئاللاھنىڭ كۆزى يوقكەن، ئاپامغا بۇنداق كىسەلنى بەرگۈچە ، ماڭا بەرسە بولمامدۇ؟ ئاپامنىڭ سىزدەك قىزى بولغان بولسا...
_ئۇنىڭ ئاۋازلىرى تىتىرەپ كەتتى. ئۇ يىغلاۋاتاتتى. ئۇنىڭغا قاراپ ئىچم سيرىلىپ ، مەنمۇ يغلاپ كەتتىم.

_بۇنداق دىمەڭ. مىھرىگۇل ئاچامنى ئۆز ئانامدەك كۆرىمەن. ئۇ ياخشى ئايال . ئاللاھ ئاپڭىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ. ئۇ چۇقۇم ساقىيىپ كىتىدۇ. ئۇ تېخى سىزنىڭ تويىڭىزنى قىلىپ ، بالىڭىزنى باقىدۇ.
مىھرىگۇل ئاچامنىڭ ساقايمايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ لىكىن مۇستاپاغا تەسەللى بىرىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساۋاتاتتىم.
_ماڭا تەسەللى بەرمەڭ. بىراق ئاللاھ دىگىنىڭىزنى بەرسۇن. رەھمەت سىزگە . ھېلىمۇ ئاللاھنىڭ سىزدەك ياخشى قىزنى بىزگە ئۇچراتقىنىغا رەھمەت. ئاللاھقا شۈكرى.
ئۇ ئالدىمغا ئۆتۈپ ماڭا قاراپ تۇرىۋالدى. ئۇنىڭ ھازىرقى بۇ ھالىتىدىن قورقۇپ قالدىم. ئۇقولۇمدىن تارتىپلا يول بويىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزدى.
_بىلەمسىز مىھرىبان، سىزگە ئىچىمدە بىر گىپىىم بار، بىراق دىيەلمەي كىلىۋاتاتتىم. بىراق بۈگۈن دەۋالمىسام كۆڭلۈم ئارام تاپمىغۇدەك.
ئۇ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرىدىغان كۆزلىرىدىن كۆزۈمنى ئەپ قاچتىم. يۈرەك سوقۇشلىرىم تىزلىشىپ، يۈرۈكۈم ئاغزىمغا قاپلىشىپ قېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىگە، چىرايىغا قاراپلا نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغان ئىدىم.
_بۇنداق قىلماڭ. بۇ ئۈرۈمچى ئەمەس، بۇ يەردە ھەممە ئادەم بىزنى تونۇيدۇ. باشقىلار كۆرۈپ قالسا تەسىرى ياخشى بولمايدۇ.
ئۇنىڭ مۆرەمدىن تۇتىۋالغان ئىككى قولىنى چۈشۈرىۋەتتىم.
_مەيلى ، قارىسا قارسۇن. كارىم يوق. مىھرىبان، سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. بۇرۇن سىز يېڭى كەلگەن ۋاقىتلاردا ئاپام دائىم گىپىڭىزنى قىلىپ ماختاپ بىرەتتى. قانداق قىز بالىدۇ؟ دەپ قالاتتىم. كىيىن ھېلىقى بىر چاغدا ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاپ سىزگە نىسپەتەن باشقىچە بىر ھىسىياتتا بۇلۇپ قالدىم. ئۇ چاغدىكى ئاۋازىڭىز بەك ئۇماق ۋە يېقىملىق ئىدى.دائىم شۇ ئاۋازىڭىزنى ئويلايتىم. سىز ئۈرۈمچگە كەلگندىن كيىن سىزنى كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم. ئۇچاغدا سىزنىڭ ئىككى تال ئۆرۈپ ئىككى يانغا چۈشۈرىۋالغان چاچلىرىڭىز سىزگە شۇنداق ياراشقان، شۇنداق ساددا، سەبى كۆرۈنگەن ئىدىڭىز. سىزنىڭ كىچك تۇرۇپلا ئىنچىكە، ئەستايدىللىق بىلەن پۇختا قىلىدىغان ئىشلىرىڭىز، ئاپامغا خۇددى ئۆز ئاپىڭىزدەك كۆيۈنۈشلىرىڭز، سىزنىڭ ئېغىر بېسىق مىجەزىڭىز ، ئەقلىڭىز مىنى سىزگە رام قىلىۋالدى. بىراق سىزگە ئېيتالمىدىم. بۇ قېتىم كىلەشىمدە سىزگە چۇقۇم دەيمەن دەپ ۋەدە قىلغانمەن.
ئۇ شۇنداق ھاياجاندا ، جىدديلىشىپ سۆزلەۋاتاتتى. ئۇنىڭ گەپلىرىدىن ھەم خۇش بۇلۇۋاتاتتىم ھەم كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇۋاتاتتى.چۈنكى ئۇنى مەنمۇ ياخشى كۆرىمەن. ئاشۇنداق بىر يىگىتىم بولسىكەن دىگەننى ئارزۇ قىلغان ۋاقىتلىرىممۇ بولغان ئەمەسمۇ، شۇڭا خوش بۇلۋاتاتتىم. بىراق ، مەن ئۇنىڭ خىلى ئەمەس. ئۇنىڭ ئاپىسى، بىر چاغلاردا مۇستاپاغا ئاكامنىڭ قىزىنى ئېلىپ بىرىمەن دەپ ئېنىق ئېيتقان تۇرسا، مەندەك بىر نامىرات، سەھرالىق، خىزمەتكار قىزنى ئېلىپ بىرىشى مۇمكىنمۇ؟... ھەي تەقدىر سەن نىمانچە رەھمسىز. ئاھ خۇدا، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان يىگىتنىڭ كۆڭلىنى قۇبۇل قىلىشقا ئامالسىز قېلىۋاتىمەن. ئاچچىقتىن يۈركىم ئېيچىشىپ كەتتى. قانداق قىلاي؟ ئۇنىڭغا نىمە دەي؟ ئۇنى رەت قىلايمۇ؟...
_گەپ قىلمايسىزغۇ؟ مەيلى ماڭا ھازىرلا جاۋاپ بىرىڭ دىمەيمەن. سىز ئويلىشىپ ئەتىلەتىن جاۋاپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئۇنىڭ كۆزلىرى يەنىلا ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مەندىن بىر قانائەتلىنەرلىك چاۋاپ چىقىشنى كۈتۈۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
_ئويلانغۇدەك يېرى يوق مۇستاپا، ئىككمىز مۇمكىن ئەمەس. مەن كىم، سىزكىم؟ مەن سىزنى ئاكامدەك كۆرىمەن. سىزگە ماقۇل دىگەن تەقدىردىمۇ ، ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ قوشۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئاپىڭىز ماڭا سىزگە نەۋرە سىڭىلىڭىزنى ئەپ بىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئاپىڭىزنىڭ دىگەن يېرىدىن چىقىڭ. ئۇنىڭ 4 كۈنلۇكلا ئۆمۈرى قالدى.
_ئۇ دىگەن مىنىڭ سىڭلىم.. ھەر ئىككىمىز بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرمەيمىز. ئۇنى ئالمايمەن. نىمىشقا ئۆزىڭىزنى تۈۋەن كۆرىسىز؟!سىزنى قوغلاشقىنىم قوغلاشقان. خىزمەتكار بولسىڭىز نىمە بوپتۇ؟....ئۇلارنىڭ ئۆزى سۆيگەن ئادەمنى تاللاش ھوقۇقى يوقمىكەن.توغىرا سىزنى ئۇچىرتىشتىن بۇرۇن ئاپامغا كىمنى تاپساڭ شۇنى ئالىمەن دىگەن، لىكىن سىزنى ئۇچىراتقاندىن كىين بۇ قارارىمدىن يېنىۋالدىم. ئاپامنى ئۆزۈم قايىل قلىمەن. ئۇداۋاملىق كىلىنىم مىھرىباندەك قىز بولسىكەن دەيتى . ئۇ چۇقۇم قوشۇلىدۇ. ئۆمۈدۋار بۇلۇڭ.
ئۇنى رەت قلىۋەتكىنىمىدىن كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ، بىرى يۈركىمنى سۇغۇرۇپ ئېلۋالغاندەك بۇلۇپ كىتۋاتاتىتم. كەچۈرۈڭ مۇستاپا، سىزنى ياخشى كۆرسەممۇ لىكىن، سىزگە ئېيتالمىدىم. چۈنكى ئاپىڭىز ماڭا بىشارەت بەرگەن ...كۆزلىرىمدىن ئاچچىق ياشلار تۆكۈلىۋاتاتتى. ھاۋا تۇتۇلۇپ يامغۇر چۈشۈشكە باشلىدى.
_يۈرۈڭ، يامغۇر يېغىپ كەتتى كىتەيلى.
ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ پىشىدىن تارتتىم.
_مىھرىبان ، ئۈرۈمچىدە سىزنىڭ ماڭا يامغۇردا ھەمراھ بۇلۇپ ئايلىنىشىىپ بەرگىنىڭىز يادىڭىزدىمۇ؟ شۇ چاغدا سىزگە ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئادىمىم بىلەن يامغۇردا سەيلە قىلسام دىگەن . ھەم شۇ ئارزۇيۇمغىمۇ يەتكەن ئىدىم. چۈنكى ئۆزۈم ياخشى كۆردىغان سىز بىلەن يامغۇردا سەيلە قىلالىدىم. مانا ھازىرمۇ يامغۇر يېىغپ تۇرىۋاتىدۇ. ماڭا ھەمراھ بۇلۇڭ.
ئۇ قولۇمنى چىڭ تۇتقانچە مىنى تارتىپ ماڭدى. ئۇنىڭ قوللىرىدىن قولۇمنى تارتىۋالاي دىسەم ، ئۇ قولۇمنى قويۇپ بىرىشكە ئۇنىمىدى.
_قولىڭىزنى تارتىۋالماڭ. مىنىڭ مۇشۇنداق ماڭغۇم بار. ئالدىنقى قېتىم قولىڭىزنى تارتىۋالغان ئىدىڭىز. بىراق بۇ قېتىم قويۇپ بەرمەيمەن. بۇنداق پۇرسەت ئەمدى قاچان كىلىدۇ. بىلمەيمەن.
ئۇ خۇددى مەن قېچىپ كىتىدىغاندەك قولۇمنى تېخىمۇ چىڭ تۇتىۋالدى. ئىچ-ئچىمدىن شۇنداق ئازاپلىنىپ كىتىۋاتىمەن. يولدا كۆزلىرىمدىن ئاچچىق ياشلار تۆكۈلۈپ كىتىۋاتاتتىم.ئەي رەببىم، نىمىشقا ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئادىمىم بىلەن بىرگە بۇلۇشقا يول قويمايسەن؟ بۇ دۇنيادا قانچلىك ئاشىق-مەشۇقلارنى مۇرادىغان يەتكۈزگەنسەن؟ ھاياتىمدىكى ئاشىقىمنى تاپقان ئىدىمغۇ... سەن بەك ئادالەتسىز ئىكەنسەن....مۇستاپا ، يامغۇر مۇشۇ پېتى توختىمىسا، ئىككمىز مەڭگۈ مۇشۇنداق قول تۇتۇشۇپ ھاياتىمزنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىگە يەتسەك....ئىچمدە پىچرلاپ مۇستاپاغا قاراپ قويدۇم. ئۇ بولسا قولۇمنى خۇددى مەندىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورققاندەك ، چىڭ تۇتقانچە خىيال بىلەن كىتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئازاپ ، ئۈمۈدسىزلىنىش چىقىپ تۇراتتى. نىمىلەرنى خىيال قىلىۋاتقانسىز؟ مەندىن ئاغىرنىۋاتامدىغانسىز؟...چۇقۇم يۈركىڭىز يىغلاۋاتىدۇ.
ئۆيگە كەلگۈچە خېلىلا ھۆل بۇلۇپ كەتتۇق. بىنانىڭ ئالىدىدا بىردەم تۇرىۋەتتۇق. ئۆيگە كىرگۈچە مۇستاپا«مىھرىبان، مەن سىزنى ياخىشى كۆرىمەن، سىزدىن ئۈمۈدىمنى ئۈزمەيمەن»دەپ ئەسكەرتىپ قويدى. ئۆيگە كىرسەك مىھرىگۇل ئاچام بىزدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرۇپتىكەن.
_ئەجەپ ۋاقچى كەلدىڭلارغۇ بالام؟ يامغۇردا قاپسىلەر دە.
_ھەئە يامغۇردا قالدۇق.
مۇستاپا خوش ياقمىغاندەك شۇنداق دەپ ھوجىرا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى مىھرىگۇل ئاچام ئىككىمىزنىڭ ھالىتىگە قاراپ، سەل گۇمانلىنىپ قالغاندەك قلاتتى. ئۇ ماڭا ئۇشۇق گەپ قىلمىدى. ھەمىمىز يېتىش ئۈچۈن كىرىپ كىتىشتۇق. كىچىچە ئازاپلىنىپ، مۇستاپانى ئويلاپ يىغلاپ چقتىم. ئەتىسىدىن باشلاپ مۇستاپانىڭ چىرايىغا قارىيالمىدىم.بىراق ئۇ يەنىلا ئاشۇ مۇھەببەتلىك كۆزلىرىدە ماڭا تىكىلىپ قاراپ قوياتتى.
بۈگۈن ئەتتىگەندىلا مۇستاپا ئاغىنىللىرى بىلەن كۆرۈشكىلى چقىپ كەتتى.ئۆيدە مىھرىگۇل ئاچام ئىككىمىزلا قالدۇق. مىھمانخانا ئۆيدە ئۇنىڭ پۇتلىرىنى تۇتۇپ قويغاچ تىلىۋۇزۇر كۆرۈۋاتاتتۇق.
_مۇستاپا بىلەن مۇناسىۋىتىڭلار قانداقىراق؟ ئۇ سىزگە قانداق مۇئامىلە قلىدۇ؟
مىھرىگۇل ئاچامنىڭ تۇيۇقسىزلا سورىغان بۇ سۇئاللىرىغا، قانداق جاۋاپ بىرىشنى ، ئۇنىڭ نىمىنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلەلمىدىم.
_ھىچ قانداق ئەمەسقۇ.
بوش قىلىپ مۇشۇ گەپنى ئاران دىدىم.يۈرەك سوقۇشلىرىم تىزلىشىپ كىتىۋاتاتتى. مىھرىگۇل ئاچامنىڭ ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم.
_قاتتىق تەگسىمۇ دەۋىرەي. مۇستاپادىن ئۆزىڭىزنى تارتۋېلىڭ.ئىككىڭلار تېخى كىچىك ئىش ئۇقمايسىلەر . مىنىڭ ئاشۇ بىرتاللا ئوغلۇم بار . مەندىن كىيىن قالسا، يالغۇزسىراپ قالمىسۇن دەپ، ئاكام بىلەن ئۇنىڭ نەۋرە سىڭلىسىنى ئەپ بىرىشنى پۈتۈشۈپ بولغانمىز. شۇڭا ئۇ باشقىچە نىيەتتە بولسىمۇ، لىكىن سىز ئوبدانراق ئويلىشىڭ. گىپىمنى چۈشەندىڭىزغۇ دەيمەن؟
ئۇنىڭ چرايىدىن كەسكىنىڭ، قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ھەربىر قىلىۋاتقان گىپى يۈرىكىمگە پىچاق سانچىلغاندەك سانجىۋاتاتتى. كاللامغا ھىچ نىمە كىرمىدى.«مىنىڭ ئاشۇ بىر تاللا ئوغلۇم بار» بۇ ئۇنىڭ مىنىڭ ئاشۇ بىر تاللا ئوغلۇم بار، ئۇنىڭغا سىزدەك خىزمەتكار، نامىرات قىزنى ئېلىپ بەرمەيمەن دىگىنى ئىدى. بۇقانداق گەپ ئەمدى؟...مەن نىمە قىلغانغا مۇشۇنداق سېسىق گەپنى ئاڭلاي ... بىرنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشمۇ گۇناھمۇ ؟...
مىھرىگۇل ئاچامغا جاۋاپ قايتۇرمىدىم. ئۇ مىنى يالغۇر قويۇشنى ئويلاشتىمۇ، ماڭا گەپ قىلماستىنلا ھوجىرا ئۆيىگە كىرپ كەتتى. ئىچىمدىكى ئاچچىق ، ھەسىرەت پاتمايۋاتاتتى. تەقدىرىمدىن ئاغىرىندىم، نامىرات ئائىلىدە تۇغۇلۇپ ، بۇ ئائىلدە خىزمەتكار بۇلۇپ قالغانلىقىمدىن ئاغىرنىۋاتاتتىم. شۇنىڭدىن كىين ، ۋىجدانىم يول قويمسىمۇ ، مۇستاپاغا سوغوق مۇئامىلە قىلىدىغان بولدۇم.ئۇنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا لايىقىدىلا جاۋاپ بىرىپ قوياتتىم. بەزى بىر چاقچاقلىرىغا قاتتىق تىگىپ قوياتتىم.بىراق ئۇ بۇلارنى قىلچە پەرۋايىغا ئېىلىپ قويمىدى، ماڭا يەنىلا خۇش چىراي مۇئامىلە قىلىۋەردى.ئۇ بۇنداق قىلغانسىرى تېخىمۇ ئازاپلىنىپ كىتىۋاتاتتىم.
مۇستاپانىڭ بىر ئايلىق ۋاقتى تۇشۇپ قالغان ئىدى.ئۇ ئەتە ماڭىمەن دىگەن كۈنى كەچتە ، كەچلىك تاماقلارنىڭ قاچىللىرىنى يۇيۋاتسام ئاستا ئاشخانىغا كىرپ ، پىچىرلىغىنىچە«كەچتە ئۇخلاپ قالماڭ»دەپ قويۇپ چقىپ كەتىتى.ئۇنىمە قىلىدىغاندۇ؟ دىگەن خياللار بىلەن يوتقىنىمنى سېلىپ قويۇپ ، ئۇخلىماي ئولتۇردۇم. كەچتە ھەممىسى ئۇخلاپ بولغاندا ئىككىمىز ئوغۇرلىقچە سىرىتقا چقتۇق.
_ بۇ كەچتە مىنى نەگە ئاپىرسىز؟
ئۇنىڭ قولىىنى قويۋىتىپ ، بىنانىڭ ئالدىدا تۇرۋېلىپ ماڭغىلى ئۇنىمىدىم.
_سىزنى ئەپ قېچىپ كىتەي دەيمەن.
ئۇنىڭ پەرۋاسىزلارچە دىگەن بۇ گىپىدىن قورقۇپ كەتتىم.
_نىمىلەرنى دەيدىغانسىز؟ساراڭ بوپسىز، مەن كىرىپ كىتىمەن.
_توختاڭ. مەن ئەتە ماڭىمەن، سىز بىلەن بىر دەم يالغۇز پاراڭلاشقۇم بار ، بۇنىڭغىمۇ ئۇنىمامسىز؟
ئۇنىڭ بۇيرۇق ئارلاش ئۆتۈنىشىدىن گەپ قىلماي تۇرۇپ قالدىم. توغىرا ، ئۇ ئەتە كىتىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىۋالاي، ئۇنىڭ چرايىغان قېنىۋالاي......
ئۇنىڭ بىلەن مەكتەپ گۈللىكدە تاش ئۇرۇندۇقتا ئلتۇردۇق. كەچتە ھاۋا سەل سوغوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيدىكى يېلىڭ كىيىم بىلەنلا چققاچقا توڭلاۋاتاتتىم. ئىككىمىز بىر ئاز جىمجىت ئولتۇرشۇپ كەتتۇق. بۈگۈن ئاي تۇلۇق چققان بۇلۇپ، ئاسماننى يۇلتۇزلار قاپلىغان ، ئەتىراپ ئاي يۇرىقىدا خېلىلا يۇرۇپ تۇراتتى.
_توڭلاپ كەتتىڭىزمۇ؟ چاپىنىمنى كىۋالماپتىمەن. كىلىڭ ماڭا يېقىنراق ئولتۇرۇڭ.
ئۇ مەن تەرەپكە سۈرلۈپ ، ماڭا چاپلىشىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ بەدىنىدىن چقىۋاتقان ئىسسىق ھارارەت ۋە مىزلىك ئەتىر پۇرقىدىن باشقىچە بىر خىل ھىسىياتتا بۇلۇپ ، يۈرەك سوقۇشلىرىم ئۆزۈمگە ئاڭلىنىپ كەتتى.
_مىھرىبان ، مۇشۇ پېتى تاڭ ئاتمىسا نىمدىگەن ياخشى بۇلاتتى ھە.  سىز بىلەن مەڭگۈ مۇشۇنداق يانمۇيان ئولتۇرغۇم بار.
ئۇ قولۇمنى چڭ تۇتىۋالىدى. بىراق بۈگۈن قولۇمنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالمىدىم.گەرچە مىھرىگۇل ئاچامنىڭ قايسى كۈنى دىگەن گىپى يادىمغا كەلسىمۇ، بىراق بۈگۈن ھچنىمىنى ئويلىماي، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىشىنى، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم ئارزۇقىلغاندەك ئولتۇرۇپ، ھاياتىمدىكى ئەڭ بەخىتلىك بىر ئاخشامنى ئۆتكۈزۈشنى ئويلاۋاتاتتىم. ماڭا ئەمدى بۇنداق پۇرسەتنىڭ بار يوقلىقىنى بىلمەيتىم. مەنمۇ مۇشۇ پېتى تاڭ ئاتماسلىقنى ئۈمۈد قىلاتتىم.
_سىز يۇلتۇزلارغا قاراشنى ياخشى كۆرەمسىز؟
ئۇ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قارىغانچە مەندىن سورىدى.
_سىزمۇ يۇلتۇزلارغا قاراشنى ياخشى كۆرەمسىز؟ بۇرۇن مەن ئۆيدە، داۋاملىق كەچتە يۇلتۇزلارغا قاراپ ئولتۇراتىتم. دەردىمنى ئۇلارغا دەيتىم، ئۇلار بىلەن مۇڭدىشاتتىم. بىراق ، ھازىر بۇ سىرداشلىرىم بىلەن مۇڭداشقۇدەكمۇ ۋاقتىم يوق.
_شۇنداق . كىچك تۇرۇپلا جاپالارنى تارتىۋاتىسىز. رەھمەت سىزگە.
_يەنە شۇ رەھمەتمۇ، بۇنىڭدىن كىين ماڭا رەھمەت دىگۈچى بولماڭ.
_ماقۇل. سىز نىمە دىسىڭىز شۇ خانىش ئايىم.
ئۇ بىزەڭلەرچە ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى.ئۇنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇن كۆزى كۈلۈپ بۇلاتتى.بۇنىڭ بۇ گىپىگە مەنمۇ كۈلۈپ كەتتىم.
_ئېيتىڭە يېقىندىن بېرى ماڭا نىمىشقا ئۇنداق سوغوق مۇئامىلە قلىىسز؟ شۇ چاغلاردا قانچىلىك ئازاپلىنىپ كىتىدىغانلىقىمنى بىلەمسىز؟
ئۇ قولۇمنى قويۇۋېتىپ ماڭا قارىدى. بىراق ئۇنىڭ بۇ گىپگە سۈكۈت قىلىپ تۇرۋالدىم. ئۇنىڭغا نىمە دەيمەن؟....سىزنى ياخشى كۆرسەم بولمايدىكەن، بۇنىڭغا ئاپىڭىز يول قويمايدۇ، شۇڭا شۇنداق مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم دەمدىم....راق سىزنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرەتتىم.
_بۈگۈن كىچە نىمدىگەن چىرايلىق. 15 كۈنلۇك تۇلۇن ئاي. قاراڭ ئاقار يۇلتۇز.

گەپنى قەستەن باشقا ياققا بۇرىۋەتتىم
_ئاقار يۇلتۇز ساقىغاندا تىلەك تىلىسە ئەمەلگە ئاشارمىش . سىز بۇنىڭغا ئىشىنەمسىز؟-دىدى ئۇ ساقىپ چۈشۈپ كىتىۋاتقان يۇلتۇزغا قاراپ.
_ئىشىنىمەن كىلىڭە بىزمۇ دۇئا قىلىپ ، تىلەك تىلەيلى.
ئىككىمىز ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپ، كۆزۈمىزنى تۇمۇپ دۇئا قىلىۋەتتۇق.

_ بۇ راستىنلا ئەمەلگە ئاشارمۇ؟ سىز نىمە دەپ دۇئا قىلدىڭىز؟
_ئەلۋەتتە . بىراق سىزگە دەپ بەرسەم بولمايدۇ. بولمىسا ئۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
توغىرا بۇ چۇقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. چۈنكى بىر چاغلاردا قىلغان دۇئالىرىم رىئاللىققا ئايلىنىپ، ئالدىڭىزدا ئولتۇرمەن. ئۇ قېتىم «ئەي ئۇلۇغ  ئاللاھ، يېنىمدا ئولتۇرغان بۇ يىگىت سەندىن نىمە تەلەپ قىلغان بولسا، ئۇنى مۇرادىغا يەتكۈزگەيسەن»دەپ دۇئا قىلىۋەتتىم. ئۆزۈم توغۇرلۇق ھىچ نىمە دىمىدىم. ئاشۇ دۇئايىم ئەمەلگە ئېېشپ قالغاندىن بېرى، يەنە خاتا دۇئا قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ دۇئا قىلمايدىغان بۇلۇپ كەتتىم.
ئۇ مىنىڭ مۈرەمدىن قۇچاقلىۋالغان بۇلۇپ، مەن ئۇنىڭ مۆرىسىگە بېشىمنى قويۋالغان ئىدىم.بىز ئاي يۇرىقىدا ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قارىغانچە يانمۇ يان ئولتۇراتتۇق.
_مۇستاپا ماڭا ناخشا ئېيتىپ بىرىڭە.
ئۇ سەنئەت مەكتەپنىڭ مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇغاچقا، ناخشىنى شۇنداق يېقىملىق ئېيتاتتى.بەزىدە ئۆيدىكى ۋاقتىلىرىدا گىتتار چېلىپ مۇڭلىنىپ ناخشا ئېيتىپ قوياتتى.
_بولدۇ . سىزگە ئۆزۈم ياقتۇردىغان بىر ناخشىنى ئېيتىپ بىرەي.


 

ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردۇڭ ماڭا،
ئەسلەپ يەنە ئازاپلاندى يۈرەگىم پارە.
كۆزلىرىمدە كۆز ياش ئەمەس ئاقتى قانلىرىم،
ئۇنتاي دەپمۇ ئۇنتالمىدىم كۆيگەچكە ساڭا.

بۇ قەلبىمدە ئۇرۇن ئالماس سەندىن باشقا يار،
گۈل چىچەككە پۈركەپ سىنى سايە بولغۇم بار.
مەن كۈتكەندەك مۇھەببەتنى بىرەلمىسەڭمۇ،
نەدە بولساڭ ئۇنۇتمىغىن قىلماي مىنى زار.

قىيالمايمەن يار سىنىڭدىن ئۈمۈد ئۈزۈشكە،
كۆنەلمەيمەن يات كۆڭۈلنى سۆيۈپ ئۆتۈشكە.
مەن سۆيىمەن، سەن سۆيەمسەن مىنى ئەي نىگار،
ئېيتقىن جانىم يارالدىممۇ سىنى كۈتۈشكە.



ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپ كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياشلار تاراملاپ كەتتى. ئۇنىڭ ھەسىرەت، ئارمان، مۇھەببەت چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى ماڭا تىكىلىكلىك ئىدى. ناخشىنى ئاڭلىغۇچە يۈرەكلىرىم پارە-پارە بۇلۇپ كەتتى.ناخشىدىكى ھەربىر مىسىرا يۈرىكىمگە پىچاق سانچىلغاندەك، مىنى بەك ئازاپلىۋەتتى.
_بۇ ناخشامدا ، سىزگە دىمەكچى بولغان پۈتۈن يۈرەك سۆزۈم بار. مىھرىبان سىزنى ياخشى كۆرىمەن. سىزدىن ئۈمۈد ئۈزمەيمەن.
ئۇ مىنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى. ئۇنىڭ ئاشۇ كەڭ مۆرىللىرىگە بېشىمنى قويۇپ يىغلاپ كەتتىم. يۈرىكىمنى خۇددى بىرى سۇغۇرۋالغاندەك بئارام بۇلۇۋاتاتتىم.
_تەڭرى ئادالەتسىزكەن مۇستاپا، ئىككىمىزنىڭ رىزقىمىز قوشۇلمىغان بولسا كىرەك. بىزنى بۇنداق ئازاپلىغۇچە، ئىككىمىزنى ئۇچىراشتۇرمىسا بولمامدۇ؟
_سىزدىن پەقەت بىر ئېغىز گەپنى ئاڭلىغۇم بار. ئاللاھ تۇرۇپتۇ ، ماڭا چىن يۈركىڭىزدىكى راست گىپىڭىزنى ئېيتىڭ. مىنى ياخشى كۆرەمسىز؟
ھازىر ئۇنىڭغا يۈرەك سۆزلىرىمنى دەۋالغۇللىرىم بارئىدى. ئۇنىڭغا يالغان گەپ قىلمايمەن. ھىچ بولمىغاندا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئېيتىۋالاي ، ئارماندا قالماسلىقىم كىرەك. بۇ مۇھەببتىمنى يۈركىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا بەنىت قىلىۋەتكۈم كەلمىدى.
_ياخشى كۆرىمەن، سىزنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن. ئۆزۇمنىڭ سىلەرنىڭ ئۆيدە خىزمەتكار بۇلۇپ قالغىنىمدىن ئاغىرىنىمەن. سىزنى چىن يۈركىمدىن ياخشى كۆرىمەن. ئەمدى بۆلەكنى ياخشى كۆرشىم مۇمكىن ئەمەس مۇستاپا.
ئۇنىڭغا ئېسىلىپ ھۆركرەپ يىغلاپ كەتتىم. مۇشۇ تاپ يۈركىم لەختە-لەختە قان بىلەن تولغان ئىدى. ئۇمىنى باغرىغا چىڭ بېسىپ ئۆزىمۇ يېغلاپ كەتتى. بىراق ئۇنىڭ كۆزىدىن خۇشاللىق يېشى چىقىۋاتقاندەك قىلاتتى.
_رەھمەت. ماڭا مۇشۇ گىپىڭزلا كۇپايە. گىپىڭزدىن بېشىم كۆككە يەتتى. يغلىماڭ ئاللاھ بىزنى چۇقۇم مۇرادىمىزغا يەتكۈزىدۇ. سىزنى چۇقۇم ئالىمەن. سىز تېخى جىق كىچىك مۇستاپا بىلەن كىچك مىھرىبانلارنى تۇغۇپ بىرىسىز.
_قېلىن . نىملەرنى دەيدىغاندۇ.
ئۇنىڭ گەپلىرىدىن قىزىرىپ كۈلۈپ كەتتىم.ئۇ ئۆزىمۇ كۈلۈپ كەتتى.
_قېيدىسىڭز بەك ئۇماق بۇلۇپ ، ئادەمنى ئۆزىڭىزگە مەھلىيا قىلىۋالدىكەنسىز جىمۇ. مۇشۇ تاپ سىزنى سۆيۈپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ.
_ساراڭ بوپسىز. شۇنداق بىر قىلىپ بېقىڭە قېنى.
_ ھەي تېخى گىپمنىڭ ئاخىرى تۈگىمىدى. نىمىگە قورقىسىز. بىراق شۇنداق ئويلاۋاتقىنمدا مۇنۇ قوشاق يادىمغا كىلىپ بۇ نىيتىمدىن ياندىم. ئاڭلاپ باقامسىز؟
شاراقلايدۇ سەھەردە ،
دەرۋازامنىڭ ھالقىسى.
قىز بالىلارنى سۆيمەڭلار،
يۇقۇپ قالاي ماڭقسى.
ئۇ بۇ قوشاقنى ئوقۇپ بۇلۇپ شۇنداق قاقلاپ كۈلۈپ كەتتىكى ، خۇددى كىچىك بالىلارغىلا ئوخشاپ قالغانئدى.
_ساراڭ . نىملەرنى دەيدىغاندۇ. كىم ماڭقىكەن؟ نەلەردىن تاپىدىغانسىز مۇشۇنداق نىملەرنى.
_چاقچاق قىلىپ قويدۇم گۈلۈم. سىزنى ئەمىرىمگە ئالمىغۇچە ، تاك ئىتىپ چەكمەيمەن. ھەم باشقىلارغا بوزەك قىلدۇرمايمەن.
_كىم سىزگە تىگىمەن دەپتۇ تېخى.
ئۇنىڭ بىلەن چاقچاقلىشىپ ، كۈلۈشىپ بىر ھازا ئولتۇردۇق.
_تاللا بازارلىرىنى تاقىۋەتكەنمىدۇ؟
_قانداق قىلاتتىڭىز؟
_سىز مارۇژنىغا ئامىراق ئىدىڭىز بىرنى ئەكىرىپ بىرەي دىگەن.
_ھەي بولدى. بۇ كەچتە مىنى يالغۇز بۇ يەرگە قويۇپ قويۇپ چقىپ كەتسىڭز ، مەن قىز بالا تۇرسام قورقىمەن.
_ مەن چقىپلا ھازىر كىرىمەن مەلىكەم. قوقماڭ. يۈرۈڭ بولمىسا بىللە چىقايلى.
_بولمايدۇ. بۇنداق كىچىدە قىز بالا تۇرۇپ كوچىدا مېڭىپ يۈرسەم سەت تۇرمامدۇ. بولدى مەن يەنىلا قورقساممۇ ئولتۇرۇپ تۇراي. بىراق ئىتتىكىرەك كىرىك ھە.
_ماقۇل گۈلۈم.
ئۇ نىمىگە شۇنچە خوش بۇلۇۋاتىدىكىن ئشقىلپ، كىچىك بالىغا ھېيتلىق بەرسە خوش بۇلۇپ ، سەكرەپ دۇككانغا ماڭغاندەك يۈرگۈرۈپ چىقىپ كەتتى.ئۇنىڭ ئۇ خۇشال ھالىىتگە قاراپ ، كۆڭلۈم بىر خىل چىۋىن يەۋەلغاندەك بۇلۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاشۇنداق مەڭگۈ خۇشال يۈرشىنى ئاللاھتىن تىلەۋاتاتتىم. بۇ دۇنيامۇ قىزقكەن، ئادەم قانچىكى بىر نەرسىگە ئىرىششنى ئارزۇ قىلسا، ئاللاھ شۇ نەرسىنى ئۇنىڭدىن يىراقلارشتۇرىۋىتىدىكەن. بەلكىم ئاللاھ مۇشۇ ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ ئاچچىقىنى كىشىلەرگە تېتىتسا كىرەك. مۇشۇ تاپ مۇستاپا بىلەن مۇشۇ ئاخشام تاڭ ئاتمىسا، مەڭگۈ مۇشۇنداق ئولتۇرۇشقا رازى ئىدىم. بىراق ، تاڭ ئېتىشقا ئاز قېلىۋاتىدۇ. بۇ پەلەك يەنىلا چۆرگىلەۋاتىدۇ. ھاياتتا مۇرادىغا يەتكەنلەر يىتىدىكەن، يەتمىگەنلەر ئۆز تەقدىرىمىزدىن ئاغىرنىپ ئولتۇردىكەنمىز....مىھرىگۇل ئاچامنىڭ گەپلرى ئىسىمگە كىلىپ ئۈزۈمچە يىغلاپ كەتتىم.مىھرىگۇل ئاچا، سىز نىمانچە تاش يۈرەك. ياق، نىمىشقا مىھرىگۇل ئاچامدىن ئاغرىنىمەن؟ ئۆز تەقدىرىمدىن ئاغىرنىشىم كىرەك ئىچم ئاچچىق بۇلۇپ كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمىدىم. بىر چاغدا مۇستاپا قولىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆتۈرگىنىچە يۈگۈرۈپ يېنىمغا كەلدى.
_قوقتىڭىزمۇ؟ توڭلاپ كەتتىڭزمۇ نىمە؟ يىغلاپسىزغۇ؟
ئۇنىڭ كەينى كەينىدىن سورىغان سۇئاللىرى مىنى گاڭگىرتىۋتتى.
_نىمانداق تەستە كىلىسىز؟ قورققىنىمدىن يىغلىدىم. مۇشۇنداق كىچىدە مىنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كەتسىڭىز يىغلىمامدىم.
_كەچۈرۈڭ، سەل ھايالشىپ قالدىم.ئۇدۇلدىكى تاللا بازىرى تاقىلىپ كىتىپتىكەن. بۇنداق قورقىدىغانلىقىڭىزنى بىلگەن بولسام چىقمايتىم.
ئۇ مىنىڭ يىغلاپ ئولتۇرغان ھالىتىمدىن خىجىل بۇلۇپ ، ئۆز ئۆزىنى ئەيپلەپ كەتتى.ئۇ يېنىمدا ئولتۇرۇپ، ئۆزى ئەكەلگەن نەرسىلەرنى خۇددى كىچىك بالىلارنى ئالدىغاندەك مىنى بەزلەپ، كۆڭلۈمنى ياسال كەتتى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىىرىغا كۈلگۈم كىلىپ كىتىپ باراتتى.ئۇ ماڭا ئەكەلگەن نەرسىلەرنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئۆزى بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردى. مۇشۇ ۋاقىتقىچىلىك ئۇنىڭ تاماكا چەككىنىنى كۆرمىگەن ئىدىم. شۇڭا سەل ئاچچىغىم كەلدى.
_مۇستاپا نىمە قىلىۋاتىسىز؟ مۇنداقمۇ ھۈنىرىم بار دەڭ. مىنى سەل ئۈمۈدسىزلەندۈرۈپ قويدىڭىز.
_ھازىرقى بالىلارنىڭ ئىچىدە چەكمەيدىغىنى يوق. خاپا بولمىڭە. بەكلا خۇمارىم تۇتۇپ كەتتى.كەچۈرۈڭ.
ئۇ خىجىل بولغىنىدىن، ھېلىقى تۇتاشتۇرۋاتقان تاماكىسىن تاشلىۋەتتى.
_ ھازىرقى بالىلارنىڭ ھەممىسى چىكىدىكەن دەپلا تاماكا چىكەمسىز؟ بىلەمسىز تاماكا چىكىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاللاھ بىزگە ھاراق، تاماكا دىگەنلەرنى ھارام قلغان. ھارامنى بىلىپ تۇرۇپ قىلسا ئېغىر گۇناھ بۇلىدۇ. ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى مۇسۇلمان بولغان ئىكەنمز قىلماسلىقىز كىرەك. بولمىسا ئاللاھ كەچۈرمەيدۇ. ئاللاھنىڭ يولىدا مېڭىڭ. ئەگەر تاماكىنى تاشلىۋەتمىسىڭز سىزگە قارىمايمەن. ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكىڭزنى ئاسىرشىڭىز كىرەك. تاماكىنى تاشلاڭ بۇلامدۇ؟ مۇشۇ تاماكا ئېلىش ئۈچۈن كەتكەن پۇللىرىڭىزنى ئەھمىيەتلىك ئىشلار ئۈچۈن خەجلەڭ.
ئۇ مىنىڭ گەپلىرىمدىن خىجىل بۇلۇپ قىزارغىنىچە ، گەپ قىلماي تۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ھالىتىگە قاراپ ، ئۆزۈمنى سەل ئاشۇرۋەتكەندەك ھىس قىپ قالدىم. نىمىشقىمۇ بۇنداق دىگەندىمەن. مەيلى ئەمەسمۇ، راسىت ھازىرقى ئوغوللارنىڭ ئىچىدە چەكمەيدىغىنى بارمۇ؟  ئۇنىڭغا نىمىشقىمۇ بۇنداق قاتتىق تىگەرمەن ئەمدى...
_كەچۈرۈڭ سىزنىڭ تاماكا چەككىنىڭىزنى كۆرمەپتىكەنمەن. تۇيۇقسىزلا قىلغان بۇ قىلقىڭىزدىن ھەيران قېلىپ سىزگە قاتتىق گەپ قىلىپ سالدىم.
_ياق ، سىز توغىرا دەيسىز. گەرچە  قاتتىق گەپ قىلغىنىڭز بىلەن ، گىپىڭىز ناھايتى ئۇرۇنلۇق ۋە قايىل قىلارلىق بولدى. ئەمدى تاماكا دىگەننى چىكىدىغان بولسا....
ئۇ يانچۇقىدىكى تاماكىنى ئېلىپ ، ھەممىنى ئۇۋىۋەتتى.
_ بۇگىپىڭىز راستما؟ ئەتىلا خۇمارىڭىز تۇتۇپ كىىتىپ قالسا قانداق قىلىسىز؟ يەنە ئوغۇرلۇقچە چىكىپ يۈرمەڭ يەنە. بۇنىڭدىن كىين خۇمارىڭىز تۇتۇپ كەتسە، يانچۇقىڭىزغا كەمپۈت سېلىۋېلىپ شۇنى يەڭ. مەڭ ھازىر بۇ كەمپۈتنى يەڭ.
ئۇ ئەكىرگەن مارۇژنىنى يەپ تېخىمۇ توڭۇپ كەتتىم. ئۇ مىنى مۆرەمدىن قۇچاقلىغىنىچە ئۇلتۇاتتى. مەن ئۇنىڭ مۆرىسىگە بېشىمنى قويۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. بىنانىڭ ئالدىدىكى ، مەكتەپ دەرۋازىسىغا قارايدىغان خەنزۇنىڭ ھويلىسدىكى ئىتنىنىڭ قاۋاشلىرىدىن ئويغۇنۇپ كەتتىم. قارسام مۇستاپامۇ مۈگۈدەپ كىتىپتۇ.
_ئۇخلاپ قاپتىققۇ؟تاڭ ئېتىپ كىتىپتۇ، يۈرۈڭ كىرىپ كىتەيلى. ئۆيدىكىلەر ئۆيغنىپ قالسا، بىزنى نەگە كەتتىكىن دىمىسۇن يەنە.
_نىمانداق ئىتتىڭ تاڭ ئېىتپ كەتكەندۇ، يەنە بىردەم ئولتۇرايلىچۇ. سىزدىن پەقەتلا ئايرىلغۇم يوق. مەكتەپكە كەتكۈم كەلمەيۋاتىدۇ.
ئۇكۈنى چۈشلەرگە يېقىن مۇستاپا كەتتى. ئۇ كىتىپ خۇددى بىر نەرسەمنى يۇقىىتپ قويغاندەك بۇلۇپ كەتتىم.ئۆينىڭ قەيىرگىلا قارىماي ئۇ باردەك ، ھازىرلا ئىشكتىن كۈلۈپ كىرىدىغاندەك پات-پات ئىشىككە قاراپ قوياتتىم. مۇستاپا كىتىپ ئەتىسىلا، مىھرىگۇل ئاچام خۇددى مىنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرشىۋالمىسۇن دىگەندەك، ئۆيدىكى تىلغۇننى توختىتۋەتتى.مۇستاپا داۋاملىق ئاپىسىنىڭ قول تىلغۇنىغا تىلغۇن قىلاتتى.ئۇنى شۇنداق سېغىنىۋاتاتتىم . بەزىدە يالغۇز ئولتۇرۇپ ، ھېلىقى گۈزەل ئاخشامنى ياد ئىتىپ يغلاپ كىتەتتىم. ئاھ خۇدا، مىھرىگۇل ئاچام نىمىدىگەن رەھىمسىز. ھىچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساممۇ مەيلى ئىدى. مۇستاپا قىشلىق تەتىلدىمۇ كەلمىدى.ئۇنى سېغىنىش ھىسىياتى بارغانسىرى كۈچىيىپ كىتىۋاتاتتى. ھەر قېتىم ئۇنى سېغىنسام ئۇنىڭ ھېلىقى سۈرتىگە قاراپ قوياتتىم. بىراق بىر كۈنى ھوجىرا ئۆينى تازلىغىلى كىرسەم، ئۇ سۈرەتمۇ يوق. مىھرگۇل ئاچامنىڭ ھەر بىر ئىشى يۈركىمنى سۇغۇرۇپ ئېلىۋىېلىپ بارغاندەك ئازاپلاۋاتاتتى. بولدى قىل مىھرىبان. مۇشۇ پېتى ئۇنى ئۇنتۇپ كەت. قارا ئاپىسىنىڭ قلىۋاتقانلىرىغا، ئىككىڭلار مۇمكىن ئەمەس...ياق ، ئۇنى ئۇنتىيالمايمەن. ئۇنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ كىتەي. سەن بەك رەھىمسىز ئىكەنسەن ، مىنى ئۇنتۇشقا مەجبۇرلىما.ئۇمۇ چۇقۇم مىنى سېغىنىۋاتىدۇ......
مانا مۇشۇنداق مۇستاپانى سېغىنىش ئىچىدە كۈنلەر بىر خىل رىتىمدا ئۆتمەكتە. مەن بۇ يەرگە چىققاندىن بۇيان ئەسقەركام بىزنىڭ ئائىلىگە خېلى جىق ئىشلارنى قلىپ بەرىدى. ئەڭ مۇھمى ئاكامنى خىزمەتكە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئاكامنىڭ مەدىكاردەك ئىشەپ يۈرىيدىغان تۇرمۇشىغا خاتىمە بىرىلدى.ئاچاممۇ ئۆز كۈچىگە تاينىپ ئوقۇتقۇچلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئورۇنلاشتى. بۇنىڭ بىلەن ئائىلىمىزنىڭ بېسىمى يىنىكلەپ ، ئائىلە ئەھۋالىمىزمۇ خېلىلا ياخشىلنىپ قالدى. ئاكامنىڭ خىزمەتكە چىقىشى ئانامنى بەكلا خوش قىلۋەتتى.شۇنىڭ بىلەن ئانامنىڭ ماڭا قىلىدىغان مۇئامىلسى سەل ياخشىلنىپ قالدى.
مەن بۇ يەردە تۇرۋاتقىلىمۇ بىر يىل ۋاقىت بۇلار دىدى. مىھرىگۇل ئاچام ياخشىلنىپ كىتىش ئورنىغا كىسىلى بارغانچە ئېغىرلىشىپ كەتتى. ئەسقەركام ئىچكىرگە بىر ھەپتىلىك يىغىنغا كەتكەن ۋاقتتا ئاچامنىڭ كىسىلى ئېغىرلىشىپ كىتىپ، شەھرىمىزدىكى دوختۇرخانىغا ياتاققا ئالدۇردۇق. دوختۇرلار تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ، راك ھۆجەيرىللىرىنىڭ پۈتۈنلەي بەدەنگە تارقاپ بولغانلىقىنى، ئەمدى ئۆمۈدنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ شۇنداق ئازاپلاندىمكى مۇستاپاغا ئىچىم ئاغىرىپ قالدى.ئاھ ئۇلۇغ ئاللاھ مىھرىگۇل ئاچامنى ئېلىپ كەتمىگىن، مۇستاپانى ئاپىسىز قويما.......مۇستاپا بۇ خەۋەرنىڭ ئاڭلىسا نىمە بوپ كىتەر‹؟ رەببىم ئۆزۈڭ سەۋىر ئاتا قىلغايسەن. بۇ دۇنيادا ئۆلۈمنىڭ كۆزى يوقكەن. مىھرىگۇل ئاچامغا قاراپ ئىچىم سيرىلىپ كىتىۋاتاتتى.ئەسقەركام ئىچكىردە بولغاچقا ، دوختۇرخاندا ئۇنىڭغا ئۆزۈم قارىدىم.مىھرىگۇل ئاچامنىڭ تۇققانلىرى كۈندە دىگۈندەك كىلىپ ئۇنى يوقلاپ كىتەتتى. مىھرىگۇ ل ئاچامنى دوختۇرخانىغا ئەكىلىپ ئۈچ كۈندىن كىين، كەچت ئۆزۈم يالغۇز قاراۋاتاتتىم. ئۇ كۈنى مىھرىگۇل ئاچامغا قان سالغاچقا، دوختۇر كىچىسى ئۇخلاپ قالماي قارشىمنى تاپىلىغان ئىدى.مھرىگۇل ئاچام باشقا كۈندىكىگە قارىغاندا كەيپىياتى باشقىچە ئېچىلىپ قالغاندەك قىلاتتى.كۈندۈزى ئۇ ئانىسىنى يېنىدا ئولتۇرغۇزىۋېلىپ، پىچىرلاپ سائەت-سائەتلەپ پاراڭلىشىپ كەتكەن ئىدى. خۇددى ئۇ تۇققانلىرى بىلەن ۋىدالىشىۋاتقاندەكلا. مۇستاپاغىمۇ بۈگۈن چوڭ ئاپاڭنىڭ مىجەزى يوق دەپ يالغان سۆزلەپ ، يولغا چىقىشنى ئېيتتۇق.
_مىھرىبان بۇياققا كىلىڭە ئۇكام، يېنىمغا كلىپ ئولتۇرۇڭ.
كارۋات ئالدىدىكى سافادىن قوپۇپ مىھرىگۇل ئاچامىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇردۇم.ئۇ قولۇمنى چىڭ تۇتىۋالدى.
_مىھرىبان سىز ماڭا ئۆچمۇ؟ بىلىمەن سىزگە نەچچە قېتىم مۇستاپا توغۇرلۇق ئازار بەردىم. لىكىن بىلەمسىز؟ مەن سىزگە ئاشۇنداق گەپنى قلىپ بۇلۇپ ، ئۆزۈم ئازاپلىنىپ يىغلاپ كىتىمەن. سىزدەك ياخشى قىزغا ئازاپ بەرگىنىمدىن كۆڭلۈم يېرىم بوپ كىتىدۇ. مىنى كەچۈرۈڭ. سىزدەك بىر قىزىم ياكى كىلىنىم بولسا دىگەنلەرنى ئارزۇ قىلغان ۋاقتىلىرىممۇ بولغان. بۇ دۇنيادا سىزدەك ياخشى ، ئەخلاقلىق ، ئەقىللىق قىز كەپ ئۇچرايدۇ. ئوغلۇمنىڭ سىزدەك قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىدىن ، ئۇنىڭ كۆزى بارئىكەن. بىراق ئىككىڭلارنى كىينىكى ئازاپنى ئازىراق تارتسۇن دەپ ۋاقتىدا توستۇم. سىلەرنىڭ ئاشۇ بىغۇبار مۇھەببىتىڭلاغا قارشۇ تۇرۇدۇم. مەن تاش يۈرەك ئىكەنمەن. ئوغلۇمغا سىزنى ئەپ بىرەلمەيمەن. ئۇنى مەندىن كيىن قالسا تۇققانلىرىم يەكلەپ قويمىسۇن. ئانام داداملار قېرىدى ئۇلارمۇ كىتىدۇ. مۇستاپا بالام يالغۇز تىكەندەك قالمىسۇن دەپ ئاكامنىڭ قىزىنى ئېلىپ بىرىشنى ئويلاشقان ئىدىم.بىراق مۇستاپا ئۇنىمايدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئۇچىراتقاندىن بېرى ، تېخىمۇ پىكىردە چىڭ تۇرىۋالدى. شۇڭا سىزگە ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ دىگەن ئىدىم.مەنمۇ بىر ئايال سىزنىڭ ئورنىڭىزدا تۇرۇپ ئويلىسامۇ ئۆزۈمنىڭ ئاشۇرۋەتكەنلىكىمنى بىلەمەن . بىراق ئوغلۇم ئۈچۈن مەن رازى. ئەگەر مەن بىر نەرسە بوپ كىتىپ قالسام ، مۇستاپاغا دەڭ، ئۇ سىزنىڭ گىپىڭىزنى ئاڭلايدۇ. نەۋرە سىڭلىسىنى ئالسۇن. بولمىسا مىنىڭ كۆزۈم ئوچۇق كىتدۇ. مىھرىبان سىزدىن ئۆتۈنەي ، ماڭا ۋەدە بىرىڭ ، ئۇنىڭغا نەسىھەت قلىڭ.مەن سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن، مىنى كەچۈرۈڭ مەن سىزدىن رازى، مۇستاپادىن رازى. ئاللاھ سىزنىڭ بەختىڭىزنى بەرسۇن، سىزگە قىلغانلىرىمنى  ئاللاھ كەچۈرسۇن . مۇستاپانى كۆرەلمەيدىغاندەك قىلىمەن. ئۇخلاشتىنمۇ قورقىمەن. مۇشۇ پېتى ئويغىنالماي قالارمەنمۇ دەيمەن.
مىھرىگۇل ئاچامنىڭ ئولتۇرشۇپ كەتكەن، نۇرسىز كۆزلرىدىن چققان ياشلار، سارغىيىپ ، تاتىرىپ كەتكەن يۈزىنى بويلاپ ئاقماقتائىدى.ئۇنىڭ ھەر بىر قىلغان سۆزلىرى يۈكىمنى مۇجىۋەتتى. ئۇ مەندىن رازىلىق ئېۋلىۋاتقاندەك قىلاتتى. بۇ ئۇنىڭ يۈرەك سۆزلىرى ئىدى.
_ئۇنداق دىمەڭ مىھرىگۇل ئاچا، سىز چۇقۇم ساقىيىپ كىتىسىز. ئەسقەركام بىلەن مۇستاپا كىلىۋاتىدۇ. سىز چىداڭ  ، ئۇلارنى چۇقۇم كۆرەلەيسىز. مەن سىزدىن رازى. بىر ئانىنىڭ قەلبىنى چۈشىنىمەن. سىزمۇ مۇستاپاغا ياخشى بولسۇن دەيسىز. ماقۇل ، سىز نىمە دىسىڭز شۇ . مەن سىزگە ۋەدە بىرەي . مۇستاپا چۇقۇم نەۋرە سىڭلىسىنى ئالىدۇ. مەن ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى تارتىمەن. سىز خاتىرجەم بۇلۇڭ.
بۇ گەپلەرنى دىگۈچە قاتتىق يىغلاپ كەتتىم. مىھرىگۇل ئاچامنىڭ نەپەس ئېلىشى قىينلىشىپ ، بىردەمدىلا ئۆزگۈرۈپ كەتتى. مەن ئۇچقاندەك چىقىپ نۆۋەتچى دوختۇرنى چاقىرىپ كىرىدۇم.دوختۇرلار كىىرپ ئۇنى سۈنئى نەپەسلەندۈرۈپ ، يۈرەك ھەركىتىنى تەكشۈرۈپ، سىېسىترالار پاتپاراق بۇلۇپ كەتتى.مىھرىگۇل ئاچام ئاغىرىق ئازاۋىغا چىدىماي ۋارقىراپ كىتىۋاتاتتى. ئۇ ھېلى بىردەم سۇ دىسە، بىردەم ئىسسىم كەتتم دەپ توۋلايتى. ئۇنىڭ بۇ ھالتىگە قاراپ قورققىنىمدىن يىغلاپ كەتتىم ۋە مىھرىگۇل ئاچامنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىغا تىلغۇن قىلىۋەتتىم.
_چىداڭ مىھرىگۇل ئاچا، مۇستاپا كىلىۋاتىدۇ. ئۇنى كۆرگىڭىز يوقما، ئۇنىڭ چرايىنى كۆرىۋېلىڭ. ئۇنىڭ سىزنى ئانا دىگىنىنى ئاڭلىۋېلىڭ. ئۇمۇ سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىۋالسۇن. سىز كەتسىڭىز بولمايدۇ.
بىر ئازدىن كىيىن ئۇنىڭ ۋارقىراشلىرى پەسىيىپ جىمىپ كەتتى. يۈرەك تەكشۈرۈش ئاپىراتىدا بىر دانە تۈز سىزىق چقىپ تۇراتتى.مىھرىگۇل ئاچام كەتتى.ئۇنى ئاللاھ كىسەل ئازاۋىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، خاتىرجەم ، گۈزەل بىر جايغا ئېلىپ كەتتى. بىراق ئەي ئاللاھ، ئۇنى بالىسىنى كۆرىۋالغىلى بولساڭ بولمامدۇ؟ ئۇنى نىمىشقا ئارماندا ئەكىتىسەن؟...مۇستاپا يۈركىڭز تۇيۋاتامدىغاندۇ ياكى بۇلار خيالىڭىزغا كىرمەي ئاپام ساق دەپ ئولتۇرامدىغانسز؟ كەلسىڭىز نىمە بوپ كىتەرسىز؟...مۇستاپا كۆز ئالىدمغا كلىپ يىغلاپ كەتتىم. دوختۇرخانىغا مەردان كەلمەي ، مەۋلان كەپتۇ. مەۋلانمۇ شۇنداق يىغلاپ كەتتى.مىھرىگۇل ئاچامنى يىغا-زار بىلەن ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ چقتۇق. ئەسقەركام بىلەن مۇستاپا تېخى كەلمىگەچكە مىيىتنى ئەتىسى كەچكىچە ساقلىدۇق. ئەتىسى چۈشكە يېقىن مۇستاپا كەلدى. ئۇنىڭ ھويلىغان كىرگەندىكى تۇرقىدىن ، ئۇ تېخى ئاپىسىنىڭ خەۋىرىنى بىلمىگەندەك تۇراتتى. ئۆزۈڭنى  ئۇقولىدا كىچىك سەپەر سومكىسىنى كۆتۈرگىنىچە كۈلۈپ دەرۋازىدىن كىردى. بىراق ھويلىدىكى ئادەملەرنى كۆرۈپ چرايى باشقىچە بۇلۇپ ، ئىتتىك كىلىۋاتقان قەدەملىىرى ئاستىلاپ ھويلىدىكى ئادەملەرگە قاراپ كەتتى. ئۆزۈڭنى تۇتىۋال مۇستاپا...  ساڭا بىر ئىش بولسا بولمايدۇ....ئۇنىڭ ئالدىغا ھاجىم دادام بېرىپ ئۇنى قوچاقلىۋالدى.ئۇ ئۆزىمۇ سەزگەندەكلا سومكىسىنى تاشلاپ ھاجىم دادامغا ئۆزىنى ئاتتى. ئاپام، ئاپام قېنى؟....ئۇ ئەتىراپتىن ئاپىسىنى ئىزدەۋاتاتتى. ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قارىغانلىكى ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلاتتى.ئۇ يۈگۈگىنىچە ئاپىنىڭ مىيتى قويۇلغان ئۆيگە ئۆزىنى ئاتتى.
_ئاپا ! جېنىم ئاپا، مىنى تاشلاپ كىتىپسەنغۇ. ئاپا، مىنى كۆرۋالساڭ بولمامتى. مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن؟ مىنى كۆرگۈڭ يوقمىتى، سىنىڭ ئاۋازىڭىنىڭ ئاڭلىۋالاي ئاپا. كۆزۈڭنى ئاچقىنە، سەن تېخى ھايات شۇنداقمۇ؟ ماڭا گەپ قىلساڭچۇ...بىر ئېغىز بولسىمۇ مۇستاپا بالام دەپ قويساڭچۇ ئاپا....گەپ قىل...مىنى تاشلاپ كىتىشكە قانداق چدىدىڭ....ئەي ئاللاھ ، ئاپامنىڭ جىنىنى ئالغۇچە ، مىنىڭ جېنىمنى ئالساڭ بولمامدۇ؟....
ئۇنىڭ يىغىسى ئەتىراپتىكى ھەممەيلەننىڭ يۈرىكىنى ئىزىۋەتتى. جېنىم مۇستاپا ئۇنداق قىلما...ئۇنىڭ ھالىتىدىن ئىچىم سىيرىلىپ كىتىۋاتاتتى.ئۇنى نەۋرە ئاكلىلىرى تارتىپ باشقا ئۆيگە ئېىلىپ چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ قېشىدىن ئايرىلغۇسى يوقمۇ ياكى پۇتىدا جان قالمىدىمۇ ، پۇتىنى قەتئى يۆتكەپ ماڭغىلى ئۇنىماي ئۆزىنى تاشلاپلا تۇرۋالدى...ئاكىللىرى ئۇنى كۆتۈرگىنچە ئەكىرىپ كەتتى.ئەسقەركام  چۈشتن كىينرەك كەلدى.ئۇنىڭ قان بېسىمى بولغاچقا، مىھرىگۇل ئاچامنى كۆرۈپلا ھوشۇدىن كەتتى. شۇكۈنى كەچتە مىھرىگۇل ئاچامنىڭ نامىزى چۈشۈرلۈپ ، يەرلىكىگە قويدى.
ئادەم دىگەننىڭ ئۆمۈېى مۇشۇنچىلكلا ئىكەن. ھەمىمىزىڭ بارار جايى ئەنە ئاشۇ تۇپىراق. مەيلى باي، باشلىق، ئوغىرى، بۇلاڭچى، نامىرات ، دىھقان بۇلايلى ھەممىز ئاخىردا توپىنىڭ ئارسىغا كىرىپ كىتىدىكەنمىز. ئۆزىمزگە ئاللاھنىڭ قانچلىك ئۆمۈر بەرگىنىنى بىلىپ يىتەلمەيدىكەنمىز . شۇڭا ئىنسان ئاشۇ قەۋرىگە بارغۇچە، بۇ دۇنيادىكى قىسقىغىنە ئۆمۈرنى ئاخىرەت كۈنى ئۈچۈن ياخشى ئىشلانى قلىپ، توغىرا يولدا مېڭىپ، مۆمىن بەندىلەردىن بۇلۇپ ياشىشىمىز كىرەك . ئادەم بىر ئىشلاردىن قايغۇرۇپ ھەسىرەت چەكسەكمۇ سامان ئۆلىدىكەنمىز. خۇشال-خۇرام يۈرسەكمۇ يەنىلا شۇ ئۆلۈم. ئۇنىڭدىن ئادەم ھاياتىدا كۈلۈپ ئۆتكەنگە يەتمەيدىكەن.
مۇستاپانىڭ بىر ئۆيدىن چىقماي، تاماقمۇ يىمەي ئولتۇرغىنىغا 3 كۈن بۇلاي دىدى. ھەتتا ھاجىم دادام بىلەن ھاجىم ئاناممۇ ئۇنىڭغا گەپ ئاڭلىتالمىدى. ئۇنىڭ تاماق يىمەي، بىر نوقتىغا قاراپ ئولتۇرغىنىغا قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ كىتىۋاتاتتى. ئۇ بۇنداق كىتىۋەرسە بولمايدۇ...چۇقۇم تاماق يىيشى كىرەك. ئۇ يىقىلىپ قالسا بولمايدۇ... ئۇنىڭغا ئۆزۈم گەپ قىلىش ئۈچۈن ، يېنىغا كىردىم.
_مۇستاپا سىز ئامىراق چۈچىرە ئەتكەن بىر قاچا ئىچىۋېلىڭ.
ئۇنىڭ ئالدىغا بىر چىنە چۈچىرە ئەكىردىم.
_ئىچمەيمەن، قوسقۇم ئاچمىدى.
_بۇنداق قىلماڭ مۇستاپا، رىئاللىققا يۈزلىنىڭ، سىز تاماق يىمەيۋاتقىلى 3 كۈن بولدى. باشقىلانىڭ ئويلىمىسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئويلاڭ. ئاپىڭىزنىڭ كۆزى يۇمۇلسۇن. ئۇ سىزنىڭ بۇنداق قىلىشىڭىزنى خالىمايدۇ. بۇلىدىغان ئىش بولدى. ئەمدى ھەر قانچە قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ. سىزنىڭ بۇنداق قىلىغىنىڭىزغا مىھرىگۇل ئاچام تىرىلىپ كىلىپ قالمايدۇ...
_بولدى قىلىڭ! سىزمۇ مۇشۇنداق گەپلەرنى دىگىلى كىرگەن بولسىڭىز، ئاۋارە بولماڭ. قوسقۇم ئاچمىدى دىدىمغۇ. مىنى يالغۇر قويۇپ چىقىپ كىتىڭ.
_سىز ھازىر مەن تونۇيدىغان مۇستاپاغا ئوخشىمايلا قاپسىز...بۇنداق قىلسىڭىز قانچىلىك ئادەمنى پاراكەندە قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلەمىسز؟! نىمىشقا رىئاللىقنى قۇبۇل قىلمايسىز؟...ھاجىم دادام بىلەن ھاجىم ئانامغا قاراڭ. ئۇلار يۈرەك پارىسىدىن ئايرىلدى، ئەمدى شۇ يۈرەك پارىسىنىڭ بىردىنبىر يۈرەك پارىسى بولغان سىزدىن ئايرىلىپ قالسۇن دەمسىز؟ ئۇلار ئاشۇ قېرى جېنىدا بالىسىغا چىداپ يەنە ئۆرە يۈرىيدۇ. بىراق سىزچۇ؟!... شۇ قېرلارنى بولسىمۇ ئويلىملايۋاتىسىز...ئاپىڭىزنىڭ كۆزىنى يۇمغىلى قويمايۋاتىسىز...ئۇ سىزنى كۆرۈپ تۇرۋاتىدۇ، سىزنىڭ بۇ ھالىتىڭىزنى كۆرسە ئۇ قانداقمۇ خاتىرجەم ياتسۇن...مىنى بەكلا ئۈمۈدسىزلەندۈردىڭىز...بەك شەخسىيەتچى ئىكەنسىز، ماڭا بەرگەن ۋەدىللىرىڭىز قېنى؟! ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ ... جۈرئەتسىز، يارىماس...مۇشۇنداق ئولتۇرۇڭ. ئەمدى سىز بىلەن كارىم يوق....بۇ دىگەن رىئاللىق. چۇقۇم قۇبۇل قىلىىشڭىز كىرەك.
_ئاللاھنىڭ كۆزى يوقكەن مىھرىبان، ئۇ نىمىشقا بۇنداق رەھىمسىز رىئاللىقنى ماڭا بىرىدۇ؟ مىنى يىتىم قىلىدۇ؟ ئاشۇ مىھرىبان ئاپام بولغاچقىلا، كۈنلىرىم خۇشال، غەمسىز ئىدىغۇ...ئەمدىچۇ؟ ئۇ مىھرىبانمدىن ئايرىدى. ئۇنى مەندىن مەڭگۈلۈك ئېلىپ كەتتى. مىنى ئانىسى ، دادىسى يوق قارا يىتىم قىلدى. ماڭا بۇنداق قىلغۇدەك مەن ئۇنىڭ ئالدىدا نىمە گۇناھ قىلغان بولغىيتىم...مەن بۇ رىئاللىقنى قۇبۇل قىلالمدىم!
_ئاللاھتىن ئاغىرىنماڭ مۇستاپا، ئاللاھقا ياراپتۇ. ئاللاھ ياخشى كۆرگەن بەندىللىرىنى ئېلىپ كىتىدۇ. بۇ دىگەن ئاللاھنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشى. ئاللاھ سىزگە سەۋىر ئاتا قىلسۇن. يىغلاپ قاقشىغاننىڭ پايدىسى يوق، بىزمۇ بىر كۈنلەردە شۇ يەرگە بارىمىز ، ئۇلار بىزنى ساقلايدۇ...بۇنداق قىلماڭ، ئۆلگەنلەر كەتتى، تىرىكلەر يەنە ياشىشىمىز ، ھاياتىمىزنى چۇقۇم داۋام قلىشىمىز كىرەك...ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىشتىن باشقىسى قولىمىزدىن كەلمەيدۇ...ماڭا بەرگەن ۋەدىللىرىڭىز ئىسىڭىزدىمۇ؟.مىنى ئۈمۈدسىزلەندۈرمەڭ...مەن سىزنى بۇنداق ئاجىز دەپ ئويلىمايمەن....
ئۇ ئۆزىنى بىردەم يالغۇز قويۇشنى تەلەپ قىلغاندەك سۈكۈتتە ئولتۇراتتى. مەنمۇ ئۇنڭغا ئۇشۇق گەپ قىلماي چىقىپ كەتتىم. بىراق ئىشىكتىن چىقىپلا، تامغا يۆلىنىپ يىغلاپ كەتتىم. ھازىر يۈركىم خۇددى پىچاق تىققاندەك ئېچىشىپ كىتىۋاتاتتى. ئەي ئۇلۇغ ئاللاھ، مۇستاپاغا سەۋىر بەرگەيسەن....مۇستاپا مىنى كەچۈرۈڭ، سىزگە قاتتىق گەپ قىلىپ قويدۇم...سىزنىڭ بۇنداق ئازاپلانغانلىقىڭىزنى كۆرگۈم يوق...مىھرىگۇل ئاچا مىنى كەچۈرۈك، سىزگە ۋەدە بەرگەن ئىدىم...بىراق مۇستاپا ئۈچۈن ۋاقتىنچە ئۇنڭدىن ئۆزۈمنى تاتالمايمەن...ئۇ سىزدىن ئايرىلدى، يەنە مەندىن ئايرىلسا، بۇ ئۇنىڭغا بەك ئېغىر كىلىدۇ. ماڭا ۋاقىت بىرىڭ....
ئەتىسى ئەتىگەندە ھەممىمىز ناشتىلىق قىلىۋاتساق، مۇستاپامۇ ناشتىلىققا چىقتى. ئۇنى كۆرۈپ ھەمىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ كۆزىگە قاراپ خوش بۇلۇپ كەتتۇق. ئۇ ھىچ قايسىمىزغا گەپ قىلماستىن ناشتىلىق يەپ سىرىتقا چىقىپ كەتتى.ئۇ شۇ كۈندىن باشلاپ تاماق يەپ ، كەيپىياتىدىمۇ ئۆزگۈرۈش بۇلۇپ، ياخشى بوپ كەتتى. ئۇ پات-پات ھاجىم دادام بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى.مىھرىگۇل ئاچامنىڭ قىرىق نەزىرسى بىرىلىپ بولغاندىن كىيىن، مۇستاپا مەكتەپكە ماڭماقچى بولدى. قىرىق نەزىرە بولغۇچە ئۆيدە مىھمانلار ئۆزۈلمىگەچكە، مۇستاپا بىلەن  مۇڭداشقۇدەكمۇ قۋاقىت بولمىغان ئىدى.
كەچتە ھاۋا بەك دىمىق بۇلۇپ پەقەت ئۇخلىيالماي، باغقا چىقىپ كارۋاتتا ئولتۇردۇم.
_بۇ كەچتە ئۇخلىماي، بۇ يەردە نىمىش قىلىۋاتىسىز؟
_ئەجەپ قورقىتىۋەتتىڭىز، شۇ دىمىقتا ئۇخلىيالماي سىرتتا بىردەم ئولتۇراي دەپ چىققان. ئۆزىڭىزچۇ؟
_مەنمۇ شۇ. ئەمسە بىللەئولتۇرايلى . بۇلامدۇ؟
_ئەلۋەتتە بۇلىدۇ. قېنى كىلىڭ.
مۇستاپا يېنىمغا كىلىپ ئولتۇردى. ئىككىمىز بىر ئاز جىمجىت ئولتۇرۇپ كەتتۇق.
_قاچان ماڭاي دەۋاتىسىز؟
_كىلەر ھەپتە ماڭسام بۇلامىدىكىن ، سىنىپ مۇدىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ قويدۇم.كىلەر ھەپتە بارىدىغان بولدۇم. بىراق سىزدىن پەقەت ئايرىلغۇم يوق.
_بۇ قېتىم قايتىپ كەلسىڭىز ئوقۇشىڭىز پۈتىدىغۇ دەيمەن. چىداڭ ئاز قالدى...روھلۇق بۇلۇڭ، ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ، ئەگەر قايتىپ كەلگۈچە ئۆزىڭىزنى تېپىۋالمىسڭىز سىزگە قارىمايمەن جىمۇ.
ئۇنىڭ مىسكىن چىرايىغا قاراپ ، ئازىراق بولىسمۇ، كۆڭلىنى خوش قىلىشنى ئويلاۋاتاتتىم.
_رەھمەت سىزگە مىھرىبان.
_ نىمىگە رەھمەت دەيسىز؟ يەنە شۇ رەھمەتمۇ ئەمدى.
_ئەگەر ھېلىقى كۈنى ماڭا ئاشۇنداق قاتتىق گەپلەرنى قىلمىغان بولسىڭىز، قاچانغىچە ئۆزۈمنى تاشلىۋىتەتتىم. ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان گىپىڭىز، ھىچىكىمنى ئويلىمىسىڭىزمۇ، مىنى ئويلاڭ ...ماڭا بەرگەن ۋەدىللىرىڭىز قېنى؟ دىگەن گىپىڭىز بەك تەسىر قىلدى. شۇنداق سىزنى ياخشى كۆرىمەن. سىزنى ئۈمۈدسىزلەندۈرسەم بولمايدۇ. مىنىڭ ئۆمۈدۈم سىز بولدىڭىز مىھرىبان.
_بۇنداق دىمەڭ. ئۇ كۈنى سىزگە قاتتىقراق گەپ قلىپ قويغىنىمغا ، ھازىرغىچە خىجىل بۇلىۋاتىمەن. سىزنىڭ ئۇنداق ئۆزىڭىزنى تاشلىۋىتىشىڭىزنى خالىمايمەن. ئازاپلانسىڭىز مەن سىزدىنمۇ بەكىرەك ئازاپلىنىپ كىتىىدكەنمەن.
_رەھمەت سىزگە. سىزنى سۆيىمەن.
ئۇ مىنى باغرىغا چىڭ بېسىۋالدى. مەنمۇ سىزنى سۆيىمەن. بىراق بۇ كۈلىرىمزنىڭ ئاخرلىشىشىغا ئاز قالدى جېنىم... مەن رەھمەتلىك ئاپىڭىزغا ۋەدە بەرگەن...كەچۈرۈڭ، سىز بىلەن ئۆتكەن ھەر بىر مىنۇتلىرىمىزنى قەدىرلەيلى مۇستاپا....
_ئەمدى قانداق قىلاي دەيسىز؟ ئاپاممۇ بىزدىن ئايرىلدىپ كىتىپ قالدى. يەنە ئۇ ئۆيدە تۇرىۋەرمەكچىمۇ يا؟
_ئۇقمايمەن. ئەسقەركام بىر مەزگىل تۇرۇڭ دەۋاتىدۇ..بىراق مىنىڭ تۇرغۇم يوق. ھەر بىر يەردە مىھرىگۇل ئاچامنىڭ سايسى بار. ئۇ ئۆيدە نۇرغۇن شىرىن ۋە ئازاپلىق ئەسلىمىلەر بار...
_مەن كەلگۈچە تۇرۇپ تۇرۇڭ. ئۆيگە تىلغۇن قىلسام ئاپام بولمىسىمۇ سىزنىڭ تىلغۇننى ئېلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. سىز بولسىڭىز ئاپامنىڭ يوقلىقى چانمايدۇ. سىزگە قارساملا ئاپام كۆز ئالدىمغا كىلىدۇ. سىزنى كۆرسەم ئاپامنى كۆرگەندەك بۇلىمەن . ئاپام سىزنىڭ قولىڭىزدا جان بەردى .....
ئۇ مىنى باغرىغا تېخىمۇ چىڭ بېسىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ يىغىسى يۈرىكىمنى ئىزىۋەتتى. مەنمۇ يىغلاپ كەتتىم.ئۇ نىڭ ئاشۇ كۈلۈپ تۇردىغان كۆزلىرىدىن تۆكۈلۈۋاتقان ياشلىرى مەڭزىمگە چۈشۈۋاتاتتى. جېنىم مۇستاپا، سىزنى ھەرگىز ھەرگىز يالغۇزسىراتمايمەن. سىز ياخشى بوپ كەتكۈچە يېنىڭىزدىن ئايرىلمايمەن...سىزنى مۇھەببەت ئۆرە قىلالايدۇ...مەن مۇھەببىتىمنى سىزدىن ئايىمايمەن.
مۇستاپا مەكتەپكە كەتتى. ئەسلىدە ئۇ ئۆيدە تۇرۇشنى ئويلىمىغان ئىدىم. لىكىن مۇستاپانىڭ گىپى بىلەن ئۇ ئۆيدە ئۇ تەتىل بولغۇچە تۇردۇم.بەزى ۋاقىتلاردا ھاجىم ئاناملار قېشىغا چىقىپ ئۇلارنى يوقلاپ تۇردۇم.ئۇلار مىنى كۆرسە شۇنچە خۇش بۇلۇپ كىتەتتى. ئۇلار دائىم سىنى كۆرسەك مىھرىگۇل بالامنى كۆرگەندەك بۇلۇمىز دەپ يىغلاپ قوياتتى. مۇستاپا ھەر كۈنى دىگۈدەك تىلغۇن قىلىپ تۇراتتى.ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق - ئۇزاق پاراڭلىشاتتۇق. ئۇنىڭ كەيپىياتى ئاساسى جەھەتتىن ياخشىلىنىپ كەتتى. يەنە شۇ بۇرۇنقى چاقچاقچى مۇستاپا ھالىىتگە قايتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن خوش بۇلسام ، بىراق يەنە ئازاپلىناتتىم. ئۇنىڭ كەيپىياتى ياخشىلانغانسىرى، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىدىغان ۋاقتىمنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلەتتىم.ئۇنىڭدىن ئايرىلىشنى ئويلىسام، يۈرىكىمنى بىرى سۇغۇرۇپ ئېلىپ ، پارچە-پارچە قىلىۋەتكەندەك بۇلۇپ كىىتۋاتاتتىم. بەزىدە نىم بولسا بولسۇن ئۇنڭدىن ئايرىلمايمەن...مىھرىگۇل ئاچامغا بەرگەن ۋەدىلەرنى كىم ئاڭلايتى....ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ مەن قانداق ياشاي...ئەي ئۇلۇغ ئاللاھ، بىزنى ئايرىۋەتمىگىن...
ئۆي تازلاۋاتسام تۇيۇقسىزلا تىلغۇن چىرىڭلاپ كەتتى. ھەر كۈنى مۇشۇنداق چاغدا مۇستاپا تىلغۇن قىلاتتى. شۇمىكىن دەپ تىلغۇننى ئالدىم.
_ئەسىسىلامۇ ئەلەيكۇم.
_ۋەئەلەيكۈم ئەسسىلام، مىھىرىبان قانداق ئەھۋالىڭىز؟
_ماينۇر ئاچاممۇ؟ ئاللاھتا شۈكىرى . ئۆزىڭىزچۇ؟
_بىزمۇ ياخشى . نىمىش قىلىۋاتاتتىڭىز؟
_ئۆي تازلاۋاتقان.
_رەھمەت ئۇكام سىزگە ، مىھرىگۇل سىڭلىم ۋاپات بولغاندىكن كىين، سىز ئۇنىڭ يوقلىقىنى چاندۇرماي، ئۇ ئۆينى گۈلدەك تۇتۇپ كىتىۋاتىسىز...ئاللاھ سىزدەك قىزنىڭ بەختىنى بەرسۇن.
_ئۇنداق دىمەڭ، خىجىل بۇلۇپ قالىدىكەنمەن.
_سىزمۇ بىلىسىز، سىزدەك قىز بالىنى قولدىن چىقىرىۋەتكۈمىز يوق. ئۇ ئۆينىڭ ئەلمى-تەلمىنى بىلىپ كەتتىڭىز...مىھرىگل ئۆزى بىر قوللۇق تۇتقان ئۆي ئىدى. ئەسقەرمۇ ھەقىچان ئاشۇنداق ئۆتۈپ كەتمەيدۇ، ئۇمۇ بىر ئەر كىشى، يا بۇرۇنقى خوتۇنى بىلەن يارىشامدۇ ياكى يەنە بىر خوتۇن ئالامدۇ ، ئۇ چوقۇم بىر خوتۇن ئالىدۇ. بىزنىڭ مىھرىگۇل قان تەرى بىلەن ئۆي قىلغان ئۇ ئۆينى باشقا خوتۇنغا بەرگۈمىز يوق...بىز ئويلاشتۇق ئۇكام ...ئەسقەرگە سىزلا تىگەمسىز؟...ھازىر جەمىيەتتە كىچىك قىزلار ئۆزىدىن چوڭ ئادەملەر بىلەن توي قىلىۋىرىدۇ. سىزمۇ جاپا چەكمەيسز..ئەگەر قوشۇلسىڭىز، بۇ ئىشلارنى ئۆزۈم توغىلاپ ئەسقەرنى ماقۇل كەلتۈرۈشنىڭ چارىسىنى دەپ بىرىمەن....
ئۇنىڭ ئاخىردا قىلىۋاتقان گەپلىرى قۇلقۇمغا كىرمىدى. ئۆزۈمنى كاللىسىدىن كەتكەن بىر ساراڭ، ئىمانسىز بىلەن سۆزلىشىۋاتامدىغاندىمەن دەپ قولقىمغا ئىشەنمەيلا قېلىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ دەسلەپ قىلغان سىزدەك قىز بالىنى قولدىن چىقىرىۋەتكۈمىز يوق دىگەنلىرىدىن كۆزۈمدىن بىر خىل ئۈمۈد ئۇچقۇنلىرى چاچىرغان ئىدى. بىراق ئۇنىڭ كەينىدىن قىلغان ھەر بىر ئېغىز گىپى غورورومغا تىگىۋاتاتتى، كاللامدىن ئۆتمەيۋاتاتتى.
_توختاڭ ماينۇر ئاچا، سىز ماڭا چاقچاق قىلىۋاتامسىزيا؟ مىنى نىمە كۆرۈپ قالدىڭىز؟! ئەسقەركامنىڭ مەن دىمەتلىك باللىرى بار، ئۇ منىڭ دادام دىمەتلىك ئادەم بۇلىدۇ. مەن سىزنىڭ قىزىڭىز دىمەتلىك بىر قىز. مەن جەمىيەتتىكى ئۇنداق چوڭلارغا تىگىۋىرىدىغان قىزلارغا ئوخشىمايمەن. مال دۇنيا دىگەنلەرگە قىزىقمايمەن. مە بىر ئىمانلىق ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن. سىزمۇ ھەم شۇنداق. ئىنسانلار شەيتاننىڭ كەينىگە كىرسە بولمايدۇ... بۇ گەپلەرنىڭ قانداق ئاغزىىڭىزغا پېتىپ چىقىۋاتىدۇ. ھىلىمۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى جەمىيەتتىن ماڭا نىسپەتەن چىقىۋاتقان گەپلەر ماڭا يىتىدۇ...سىلەرنى مىنى توغىرا چۈشىنىدىغۇ،دەپ ئويلاپتىكەنمەن، بىراق سىلەرمۇ.......ئاللاھ ساقلىسۇن....بۇ يەردە بىر كىشنى دىمىگەن بۇلسام تورمايتىم. مەنمۇ بىر يۈزى ئېچىلمغان پاك قىزبالا ...مىنى قىزىڭىز ئورنىغا قويۇپ ئويلاڭ!...
تىلغۇننى قويىۋەتتىم.كۆزۈمدىن ئاچچىق ياشلار تۆكۈلۈپ كەتتى. بىر خىل چىۋىن يەۋەلغاندەك بىئارام بۇلۇۋاتاتتىم. توۋا ، بۇ نىمە گەپ ئەمدى...مىنى نىمە كۆرۈپ قالدى بۇ خەق...ئەي ئاللاھ ،كۆرۈپ تۇرۋاتامسەن، ئاڭلاۋاتامسەن بۇلار كاللىسىدىن كىتىپتۇ ، شۇنداقمۇ؟ ماڭا بۇنداق تېتىقسىز چاقچاقنى قىلماسلىقى كىرەكتى...غورورۇم بۇ گەپلەرنى پەقەتلا كۆتۈرەلمەيۋاتاتتى. بولدى بۇ ئۆيدە تۇرماي، ئۆزۈمنى ئويلاي...ئاچام توغىرا دەپتىكەن ئۆزۈمنى ئويلىمايدىكەنمەن. ....باشقىلارنى دەپ مۇشۇنداق ھاقارەتلەرنى ئاڭلاۋاتىمەن...مەن كىچىك تۇرۇپ ماڭا نىمە جاپا ئەمدى....
مۇستاپانىڭ ئۇقۇشى پۈتۈپ قايتىپ كەلدى. ئۇ بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتقاندەك قىلاتتى. يەنىلا شۇنداق روھلۇق، خۇش چىراي، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىدىغان ۋاقىت كەلگەن ئىدى.ئەمدى بۇنداق تۇرىۋەرسەم، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى تارتىدىغان ئازاپلىرىم، تۆلەيدىغان بەدەللىرىم جىقىيىپ كىتىدىغاندەك قىلاتتى.
بۈگۈن ئۆيدە مۇستاپا ئىككىمىزلا قالغان ئىدۇق. مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ھەممە گەپنى دىيىشنى قارار قىلدىم.
_مەن ئەمدى بۇ ئۆيدىن كىتىمەن.
_نىمىشقا؟
_ئۆيدىكىلەر ئوقۇتىمىز دەۋاتىدۇ. ئوقۇيمەن.
_بۇمۇ ياخشى بوپتۇ، ئوقۇڭ. سىزدەك ئەقىللىق قىز بالا ئوقۇمىسا زايا كىتىدۇ.مەن ئوقۇشىڭىز پۈتكۈچە سىزنى ساقلايمەن.
_مىنى ساقلىشىڭىزنى خالىمايمەن. مىنى ساقلىماڭ.
_بۇ نىمە دىگىنىڭىز؟ چاقچاق قىلسىڭىزمۇ ، بۇنداق چاقچاق قىلماڭ.
_بۇ چاقچاق ئەمەس مۇستاپا راست دەۋاتىمەن. مىنى ساقلىماڭ، بىزنىڭ ئىشىمىز مۇشۇ يەردە توختاپ قالغىنى ياخشى...ئاخىرى چىقمايدۇ....ئازاپلىنىپ قالىمىز...
_بۇ گەپلەر نەرىڭىزدىن چىقىۋاتىدۇ مىھرىبان؟ بۇ چاقچاق بۇلۇپ قالسۇن ، ئەمدى بۇنداق گەپلەرنى دىمەڭ.
_مەن چاقچاق قىلمىدىم راسىت دەۋاتىمەن.
_نىمە ئۈچۈن؟ ماڭا بۇنداق تاش يۈرەكلىك قىلماڭ. ماڭا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈڭ. ماڭا يەنە ھېلىقىدەك مەن كىم ؟ سەن كىم ؟دىگەن گەپلەرنى دەپ بەرمەڭ.
_ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا ھىچكىم قوشۇلمايدۇ. مەن ئاپىڭىزغا ۋەدە بەرگەن . ئەسلى شۇ ۋاقىتتىلا دىسەم بۇلاتتى. بىراق سىزگە ئېغىر كەلمىسۇن دىدىم. مىنى كەچۈرۈڭ، مەن ۋەدەمگە ۋاپا قىلىشىم كىرەك . ئاپىڭىز ئۇ دۇنيادا خاتىرجەم كۆز يۇمسۇن.
_ۋەدە، نىمە ۋەدىكەن ئۇ؟ماڭىچۇ، ماڭا بەرگەن ۋەدىلەرچۇ؟ !
_بۇنداق قىلماڭ مۇستاپا ئاپىڭىز جان ئۈزۈش ئالدىدا مەن ئۇنڭغا مۇستاپادىن ئۆزۈمنى تارتىمەن، ئۇنى نەرۋرە سىڭلىسىنى ئېلىشقا چۇقۇم ماقۇل كەلتۈرمەن دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىم.
كۆزۈمدىن ئىختىيارسىز ياش تۆكۈلۈپ كەتتى. يۈركىم بوغۇزۇمغا قاپلىشىۋالغان ئىدى.
_ۋەدە دەڭ. ئاھ خۇدا، نىمىشقا ئۇنداق ۋەدىلەرنى بەردىڭىز؟....ياق سىزدىن ئايرىلمايمەن...ئاپاممۇ پۇقۇم مىنى چۈشىنىدۇ. ئۇنداق قىلماڭ، سىزدىن ئايرىلسام بۇ ھاياتنىڭ نىمە لەززىتى بولسۇن...
_بۇ دىگەن تەقدىر، تەقدىرگە تەن بىرەيلى. مەن ئاللاھنىڭ ئالدىدا ۋەدە قىلغان كەچۈرۈڭ، بۇمۇ سىز ئۈچۈن...سىز نەۋرە سىڭلىڭىزنى ئېلىشىڭىز كىرەك ، بۇ ئاپىڭىزنىڭ ئارزۇسى، ئۇنىڭ دىگىنىنى قىلىڭ، ئۇنى ئالمىغان تەقدىردىمۇ ، مەن سىز بىلەن بىرگە بولالمايمەن...بىزنىڭ بىرگە بۇلۇشىمىزنى ھەتتا ئاللاھمۇ خالىمايۋاتىدۇ...
_قويۇڭ ئۇنداق تەقدىر - پەقدىرلىرىڭىزنى، سىزدىن باشقىنى ئالمايمەن! ھەم سىزدىن ۋاز كەچمەيمەن.
_بۇنداق جاھىللىق قىلماڭ. مەن سىزگە ئۇيغۇرچە گەپ قىلىۋاتىمەن، ئەجىبا چۈشەنمەيۋاتامسىز؟ ئاپىڭىز مەندىن يىغلاپ تۇرۇپ ئۆتۈنگەن . ئۇ نەۋرە سىڭىلىڭىزنى ئالمىسىڭىز ئۆزىنىڭ كۆزى يۇمۇلمايدىغانلىقىنى ، سىزدىن رازى بولمايدىغانلىقىنى دىگەن . ئاتا ئانا رازى ، خۇدا رازى . دەيدىغان گەپ بار. ئاپىڭىزنى خاتىرجەم قىلىڭ ، ئۇ سىزدىن رازى بولسۇن.
ئۇنىڭغا دەۋەتقان بۇ گەپلىرىم يۈركىمنىمۇ بىللە ئېلىپ چىقىۋاتاتتى. يۈركىم پىچاق تىلغاندەك بۇلۇپ ئاغرىۋاتاتتى. تەقدىرىمدىن ئاغرىندىم. كەچۈرۈڭ مۇستاپا ، سىزگە بۇنداق تاش يۈرەكلىك قىلماسلىقىم كىرەكتى ....ئەسلىدىنلا سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالمىسام بوپتىكەن.....
_سىز بەك تاش يۈرەك ئىكەنسىز!
_مەن تاش يۈرەكمۇ؟...تەڭرى تاش يۈرەك ئىكەن..مىھرىگۇل ئاچامنىڭ كۆز يۇمۇش ئالدىدا قانچىلىك ئۆتۈنگىنىنى بىلەمسىز؟ رازىرلىقسىز قىلغان ئىش ياخشى بولمايدۇ...گىپىمنى ئاڭلاڭ...ئاپىڭىز بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزنى ئۈرۈمچىدىكى چاغدىلا بىلىپ بولغان . ئۇ مىنى نەچچە قېتىم ئاگاھلاندۇرغان . بىراق يەنىلا ئۆزۈمنى سىزدىن تارتىيالمىدىم. لىكىن سىزگە قانچە يېقىنلاشقانسىرى، تارتىدىغان ئازاپلىرىم، بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بۇلىدۇ. ئاپىڭىزنى خاتىرجەم بولسۇن دىسىڭىز، ئىككىمىز ئايرىلىپ كىتەيلى. ھەممنىڭ ئارزۇسى بولغان بۇ نىكاھ ئىشىغا ماقۇل بۇلۇڭ...ھاجىم دادام ، ھاجىم ئاناملارنىڭ بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان ئادەملەر، ئۇلارنى رازى قىلىڭ....
_مىھرىبان سىز نىمانچە ئاقكۆڭۈل، نىمىشقا باشقىلارنىلا ئويلايسىز...باشقىلار ئۈچۈنلا ياشايسىز ؟ ئۆزىڭىزنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ...ئۆز بەختىمىز ئۈچۈن بىرلىكتە كۆرەش قىلساق بۇلىدۇ...سىزدىن ۋاز كىچەلمەيمەن....
_ سىز نىمانداق جاھىل، سىزگە دىسەم مەن سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن. مەن سىنى ئەمەس بەلىكى سىزنى ئورنىڭىزنى، مال دۇنيالىرىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن....ئۆزىڭىز بىلەن ئۆزىڭىز ئۈمۈدلىنىپ ئولتۇرماڭ..
بۇ گەپلەرنىڭ ئاغرىمدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمەي قالدىم. ھازىر ئۇنڭغا مۇشۇنداق دىمەي ئامال يوقتەك قىلاتتى. ئۇ مەندىن ۋاز كىچىدىغاندەك قىلمايتى. مۇشۇ تاپ ئۆزمنى كاچاتلاپ ئۇرغۇم كىلىپ كەتتى. ئۇنىڭ ماڭا نەپىرەتلىك تىكىلىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن تىنىم شۈركىنىپ كەتتى.
_نىمە دىدىڭىز مىھرىبان؟ سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن دىدىڭىزمۇ؟ ....شۇنداقمۇ؟ مەن نىمانچە ئەخمەق، ئۆزۈمنى ياخشى كۆرمەيدىغان بىر قىزنى ساقلاپ ، ئۇنىڭدىن ئۈمۈدلىنىپ كەپتىمەن. بىراق ئۇ مىنى ئالداپ كەپتۇ...سىزنى بۇنداق قىز دەپ ئويلىماپتىكەنمەن. ئەمدى ھەقىقى قىياپىتىڭىز ئاشكارلاندى...تېخى ئاپامغا ۋەدە بەرگەنمىش...سىز بەك ۋىجدانسىز ئىكەنسىز!...ئەي ئاللاھ ..بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى نىمىشقا بۇنداق ئۇرۇنلاشتۇردۇڭ، ئۇنى نىمىشقا مەندىن ئايرىۋىتىسەن...سەن بەك ئادالەتسىز ئىكەنسىەن....
ئۇنىڭ كۆزىدىن ئازاپ ئەمەس، بەلكى نەپىرەت چىقىپ تۇراتتى. تىللاڭ مۇستاپا ، مىنى قاتتىق تىللاڭ....شۇنداق مەن ۋاپاسىز ، مەن ۋىجدانسىز...يۈركىم پىچاق تىلغاندەك ئېچىشىپ كەتتى. ئۇنىڭغا ئۇشۇق گەپ قىلمىدىم. مىنى كەچۈرۈڭ مۇستاپا، سىنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىمەن..سىز ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلمىسام بولمايدۇ....مىنى سىزدىن ئايرىلغۇسى بار دەمسىز؟ مەنمۇ بەك ئازاپلىنىۋاتىمەن...بىراق بەرزى ئىشلار ئادەم ئىرادىسىگە باقمايدىكەن....
مۇستاپا مەندىن ۋاز كەچتى. ئۇ مەندىن نەپىرەتلىك كۆزلىرى بىلەن ئايرىلدى. ئۇ نەۋرە سىڭلىسىنى ئېلىشقا ماقۇل بولدى ئەسقەركام مۇستاپانىڭ ئوقۇشى پۈتكەندىن كىيىن ئۇنى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئىدارىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇنىڭ نەرۋە سىڭلىىسمۇ ئوقۇشىنى تۈگىتىپ ئۈرۈمچىدە قالدى. مەن ئەسقەركام بىلەن دىيشىپ بۇ ئۆيدىن يېنىپ چىقتىم. مىھرىگۇل ئاچامنىڭ يىل نەزىرسى بىرلىپ بولغاندىن كىيىن، مىنىڭ ئاشىقىم ، مەن چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگەن بۇ سۆيگۈنۈمنىڭ تويى بولدى.



(خاتىمە)


ئاللاھ كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئاجايىپ ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. تۇرمۇش دىگەندە ھەر خىل ئەگىرى توقاي يوللار بولدىكەن . ئاللاھنىڭ بۇ قېتىمقى تەقدىرىمنى ئورۇنلارشتۇرشى ماڭا نىسپەتەن سەل ئېغىر بۇلۇپ كەتتى. ماڭا شۇنداق شىرىن كۈنلەرنى بەردى. لىكىن بۇلارنى يەنە زور ئازاپلار بىلەن تارتىۋالدى. ئۇنىڭ بۇ چاقچىقى سەل ئېغىر بۇپ كەتتى. ھاياتىمدىكى بۇ يولۇممۇ ئۈزۈلدى. ئۆزۈمگە يەنە قايتا يول تېپىشىم كىرەك. لىكىن مەندە ھازىر غەيرەت، ئۈمۈد دەيدىغان نەرسە قالمىدى. ئاللاھ ماڭا بىرىۋاتىىدۇ، لىكىن بەرگىنىدىن كۆپىرەك ئېلىپ كىتىۋاتىدۇ. بۇ نىمە ئۈچۈن؟... بۇ قېتىم مەندىن مىھرى-مۇھەببەت، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن يىگىتىمنى ئېلىپ كەتتىڭ...ماڭا نۇرغۇن ئازاپلارنى بەردىڭ. خەير، مىنى يەنە نىمىلەر كۈتۈۋاتىدۇ. بۇنى بىر سەنلا بىلىسەن...ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆزۈمنى ساڭا تاپشۇردۇم...مىنى بۇنداق ئازاپلىما...كىيىنكى تەقدىرىمنىڭقانداق بۇلۇشىنى ئۈزۈممۇ بىلەلمىدىم. لىكىن يەنىلا ئالىدمغا ئۈمۈدۋارلىق بىلەن قاراپ كىتىۋاتىمەن....







تۈگىدى.

مەنبە:ئۆز قەلىمىم.



ئاپتۇر:ئا.ئا(ھەسەل)
مەزكۇر ئەسەر پەقەت مىسىرانىم تورىغىلا مەنسۇپ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!


ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
marhaba + 100 قەلىمىڭىزگە ئاپرىن ، بەك تەسىرلىك يىزىپس
adella + 100 بەل قويۇۋەتمىسىڭىزلا سىز ئەدىپ بولالايدى
musilina + 200 ۋەقەلىكى ناھايىتى تەسىرلىك چىقىپتۇ....
dahan + 100 ئوماق سىڭىلچاقنىڭ بۇ ئەسىرىدىن شۇنداق تە
hokumran + 200 ياخشى يېزىپسىز . داۋاملىق تىرىشىڭ .
arkakzat + 100 نادىر تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن،
zarapshan + 50 تىمىڭىز بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 850   باھا خاتىرىسى

سېنى بويسۇندۇرغان كىشنىڭ ساڭا قىلغان ۋەدىسى ۋە تەسەللىسى، غەلبىدىن كېيىن سىنىڭ ئالدىڭدا كۆرەڭلىگىنىدۇر!

غەيۋەتخور كىشى، ئەڭ پەس كىشىدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4402
يازما سانى: 1757
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 74006
تۆھپە نۇمۇرى: 273
توردا: 6733 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-1 07:04:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاياتتا ھەر خىل قىيىنچىلىق بولۇپ تۇرىدۇ،مۇھەببەتنىڭ ئازابى ھەربىر كىشىنىڭ ئىرادىسىنى سىنايدىغان ئىمتاھان مەيدانى  بولسا كىرەك..قەتئىي بوشاشمىسىڭىزلا ،ئەڭ بەخىىتلىك تۇرمۇش يولىنى تاپالايسىز .

ئىزىڭدىن ئۈنگەن تىكەن، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىنى يارا قىلۇر.

راست گەپكە كۈلمە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21451
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3457
تۆھپە نۇمۇرى: 242
توردا: 3559 سائەت
تىزىم: 2010-12-8
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-1 07:16:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز،  [s:166] ،پروزا ئەدىبىياتىدا خىلى تالانتىڭىز باركەن .....مىسرانىم مۇنبىردە .ئەسەرلىرىڭىزنى پات-پات كۆرۈپ تۇرىشقا تىلەكداشمەن

ھاياتقا ئۈمۈد بى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27297
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6554
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-1 07:26:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (ھەسەل) نىڭ يازمىسىغا

ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ... ئەسىرىڭىزنىڭ بىرباشتىن ئالدىرماي ئوقۇپ چىقتىم ... يەنە قايتا ئوقۇپ چىقىشنى ئويلىشىۋاتىمەن ... رەھمەت سىزگە ...

سىرلىقلىقىڭىزنى

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 1854
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 41957
تۆھپە نۇمۇرى: 3084
توردا: 6338 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-1 07:30:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس تەھرىرلىنىۋاتىدۇ....................

كۆڭۈلچەككە ئالدامچى ئامراق كىلىدۇ. گۈلنىڭ ئومرى قىسقا كىلىدۇ ،چۇنكى ھەممىغا يارىغاچ، تىكەننىڭ ئورى ئۇزۇن بۇلىدۇ ،چۇنكى ھەممىگە سانچىلغاچ.....

كۈنلىرىم قىممىت

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16384
يازما سانى: 555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6308
تۆھپە نۇمۇرى: 253
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2012-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-1 07:57:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئالدىرماي بىر ئۇقۇپ چىقاي ئە

ئالدىراپ كۈلمىگىن تەڭشەپ قۇيىدۇ، دەرد ـ ئەلەم كۈزۈڭنى ياشلاپ قۇيىدۇ . ئۇنۇتما ، بىرگە بىر تەڭشەلگەن جاھان ، نامەرتلەر سىنىمۇ ئالداپ قۇيىدۇ .

ئاھ مۇساپىرچىلى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28508
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2819
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1076 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2012-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-1 08:24:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى ئوقۇپ بولالمىدىم.. ماۋۇ قەۋەتنى ئالدى بىلەن ئىلىپ قويۇپ،ئاندىن ئىنكاس يازاي.

پۇتبول تور ناخشا تارىخ مەن ئەڭ قىزىقىدىغان نەرسىلەر .. گەپ يوق
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21053
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4167
تۆھپە نۇمۇرى: 229
توردا: 825 سائەت
تىزىم: 2010-12-6
ئاخىرقى: 2011-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-1 08:44:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
قوي بېقىڭلار ،چۈنكى قوي بەرىكەتتۇر .

يۇرەكتىن سۇيمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7493
يازما سانى: 825
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7659
تۆھپە نۇمۇرى: 806
توردا: 4525 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-1 09:26:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1-قەۋەت (zarapshan) نىڭ يازمىسىغا

ئىنتايىن  تۇغرا دىدىڭىز دۇستۇم  راسلا .. [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]

ئادام ھاياتىدا ھە خسلەت ئىشلارغا ئۈچىرايدىكەن

ھەركىم ئۆزتەغدى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13407
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5492
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2012-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-3 04:52:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇپ قۇيۇشقا لايىق كەن !!!!!!!!!!!!!!!!!!!

مەن ئۈچۇن ھايات بىر. يۈرەك بىر ......K
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش