مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1845|ئىنكاس: 15

ھامىلدار ئاياللار بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك سا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

لـــەيـــلى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24032
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14235
تۆھپە نۇمۇرى: 713
توردا: 6063 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 06:22:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قىش پەسلىدە ھامىلدار بولغانلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك ؟



       1. ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.


قىش پەسلىدە ئۆي بىلەن تالانىڭ تېمپىراتورا پەرقى زور. ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولغاچقا، تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ھامىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئوخشىمىغان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ئىسسىق كىيىنىپ، زۇكام بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئامال بار ئاممىۋى سورۇنلارغا بارماسلىق لازىم.


  
   

  2. يېمەكلىكلەرنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىش كېرەك.


قىش پەسلىدە يېشىل كۆكتاتلار نىسبەتەن ئاز بولغاچقا، ھامىلدار ئاياللاردا ئاسانلا ۋىتامىن C يېتىشمەسلىك كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، تاماق ۋە كۆكتات تۈرلىرىنىڭ كۆپ خىل بولۇشىغا دىققەت قىلىش، بېلىق، ئورۇق گۆش، ئۆي قۇشلىرىنىڭ گۆشى، تۇخۇم، سۈت ، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش ئارقىلىق بەدەنگە ئىسسىقلىق تولۇقلاش لازىم .



      3. ئۆي ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.


قىش پەسلىدە ئىشىك-دېرىزىلەر ھىم ئېتىۋېتىلىدىغان بولغاچقا، ھاۋا ئالماشمايدۇ. تۇرمۇشقا ئىشلەتكەن يېقىلغۇلاردىن چىققان كېرەكسىز گاز ئۆي ھاۋاسىنى ئېغىر دەرىجىدە بولغايدۇ. شۇڭا، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئېچىۋېتىپ ئۆي ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك .

      4. كۈن نۇرىغا قاقلىنىپ تۇرۇش لازىم.


كۈن نۇرى تەركىبىدىكى ئىنفىرا قىزىل نۇرنىڭ بەدەندىكى ئىسسىقلىقنى ئاشۇرۇش، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش، قان ئايلىنىشنى تىزلىتىش، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولى بار. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانا ھامىلىنى كالىتسىي بىلەن تەمىنلەيدىغان
بولغاچقا، كالىتسىيغا ئادەتتىكىدىن بەكرەك ئېھتىياجلىق بولىدۇ. شۇڭا، ئاپتاپ چىققان كۈنلىرى ئاپتاپقا قاقلىنىپ تۇرۇش كېرەك. بۇ ئانا بالىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىق.



      5. بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.

  

قىش كۈنى ھەممە يەر قار-مۇز بىلەن قاپلىنىپ يوللار تېيىلغاق بولۇپ كېتىدۇ. ھامىلدار ئاياللارنىڭ بەدىنى ئېغىر، ئېغىرلىق مەركىزى تۇراقسىز بولغاچقا، ئاسانلا يىقىلىپ چۈشىدۇ. شۇڭا، كەڭ كىيىم، پەس پاشنا كىيىپ، ئاستا مېڭىش، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا تۇتقۇچنى مەھكەم تۇتۇۋېلىش، ئاپتوبۇس تورمۇز قىلغاندا قورساق قىسمىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، ھامىلىگە خەتەر يېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.



ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تېرە ئاسىراش



 پېگمىنتنىڭ چۆكۈشى ئانىلىق ھورمۇننىڭ كۆپلەپ ئاجرىلىپ چىقىشى قارا پېگمىنت ھۆجەيرە ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا يۈز، بويۇن، قۇرساق ئاق سىزىقى، ئەمچەك توپچىسى، سىرتقى جىنسىي ئەزا قاتارلىق ئورۇنلاردا پېگمىنتنىڭ چۆكۈشى كۆرۈلىدۇ.

  تېرىنىڭ ئىلاستىكلىقى ناچارلاش ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە بارغاندا بۆرەك ئۈستى بېزى پوست توقۇلمىسى ھورمۇنىنىڭ ئاجرالمىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ قورساق يوغىنايدۇ–دە، ئاسانلا تالا توقۇلمىلىرىدا ئۈزۈلۈش يۈز بېرىپ، ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

  يۇقۇملۇق دانىخورەك ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن بۆرەك ئۈستى بېزى پوست توقۇلمىسى ھورمۇنىنىڭ ئاجرالمىلىرى كۆپىيىپ، تۈك خالتىسى، ياغ بېزىنىڭ مۈڭگۈزلىشىشى ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ، يۇقۇملۇق دانىخورەكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  تېرىنىڭ قېرىشى تېرىنىڭ قېرىشى ئاساسلىقى تەبىئىي قېرىش ۋە نۇر سەۋەبىدىن قېرىش دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. تەبىئىي قېرىش دېگىنىمىز تېرىنىڭ ئىچكى ئامىلىنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ. نۇر سەۋەبىدىن قېرىش دېگىنىمىز، تېرىنىڭ قېرىش جەريانىدىكى بىنەپشە نۇرنىڭ جۇغلانمىسىدىن پەيدا بولىدۇ.

  تەبىئىي قېرىشنىڭ ئالامەتلىرى، تېرە بەك قۇرغاق بولۇش، تەر تۆشۈكچىلىرى تارىيىش، پېگمىنتنىڭ چۆكۈشى، نۇرسىزلىق، بوشاش ۋە قورۇق قاتارلىقلار. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قالقانسىمان بەز ئېلېمېنتى ۋە بۆرە ئۈستى بېزى پوست توقۇلمىسىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنىڭ ئىلاستىكلىقىنى ناچارلاشتۇرۇپ، قورۇقنى كۆپەيتىدۇ.

  ئەمچەكنىڭ ئۆزگىرىشى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بالا ھەمراھى كۆپ مىقداردا ئانىلىق ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىپ، سۈت بېزىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈدۇ، كۆپ مىقداردىكى ھامىلىدارلىق بېزى سۈت بېزىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە مېڭە ئاستى بېزى سۈت ھاسىل قىلغۇچى ئېلېمېنت، بالا ھەمرىيى ھاسىل قىلغۇچى ئېلېمېنت، ئىنسۇلىن، كورتىن ۋە قالقانسىمان بەز قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەمچەكنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئەمچەكنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
 

 ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تېرە ئاسراشقا دائىر خاتا قاراشلار



  ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ قاراش. نۇرغۇن ھامىلىدارلار گىرىم بۇيۇملىرى تەركىبىدىكى قوغۇشۇن، سىماب، ھورمۇن قاتارلىق زىيانلىق تەركىبلەرنىڭ ھامىلىگە ئەكس تەسىر بېرىشىدىن ئەنسىرەپ گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەيدۇ. لېكىن مېدىتسىنادا كۆرسىتىلىشىچە، تېرە تۇقۇلما قۇرۇلمىسى ۋە ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، تېرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. بۇ ۋاقىت تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مەخسۇس ھامىلىدارلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ بېرىش كېرەك.

  ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بالىلارنىڭ تېرە ئاسراس بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش كېرەك دەپ قاراش. نۇرغۇن ھامىلىدارلار بالىلارنىڭ تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى بىخەتەر دەپ قارايدۇ، بۇ توغرا. لېكىن بالىلارنىڭ تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى گلىتسېرىن بولۇپ، ھامىلىدارلارنىڭ تېرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ.

  مەخسۇس ھامىلىدارلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قاراش. بەزىلەر بىر خىل ماركىدىكى تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغاچقا، ھامىلىدار بولغاندىن كېيىنمۇ شۇ خىل مەھسۇلاتنى ئىشلىتىۋېرىدۇ ياكى تۇغۇپ قوپقاندىن كېيىن ئەمدى بالىغا ئەكس تەسىرى بولمايدۇ دەپ قاراپ ئەسلىدىكى تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىدۇ. بۇ بىر خىل خاتا قاراش. چۈنكى ئادەتتىكى تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ تەركىبىدىكى ھورمۇن قاتارلىق خىمىيىلىك تەركىبلەر بالىنىڭ غەيرىي يېتىلىپ قېلىشى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ھامىلىدارلار ئەڭ ياخشىسى مەخسۇس ھامىلىدارلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشى كېرەك.

  بىر خىللا تېرە ئاسراش بۇيۇمىنى ئىشلەتكەن ياخشى دەپ قاراش. بەزى ھامىلىدارلار ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ بىر خىللا تېرە ئاسراش بۇيۇمىنى ئىشلىتىدۇ. لېكىن بۇ خىل قاراش خاتا. بۇنداق ۋاقىتتا چوقۇم مەخسۇس ئىشلەنگەن يۈرۈشلۈك تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش كېرەك.


ھامىلدارلىق مەزگىلىدە...



ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تېرىنىڭ قىچىشىشىنىڭ كۆپىنچىسى نورمال ھادىسە ھېسابلانسىمۇ ، لېكىن يەنە بىر قىسىم ئاياللاردىكى تېرە قىچىشىش جىگەرگە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تىنىپ قېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
  ھامىلدار ئاياللار بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا ، ئۆت سۇيۇقلۇقى بەدەننىڭ مەلۇم جايلىرىغا تىنىۋېلىپ سىرتقا چىقىرىلماي قالىدۇ . بۇنىڭ بىلەن قىلدام تومۇرلارغا تىنىۋالغان ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ نېرۋىنى غىدىقلىشى بىلەن تېرە قىچىشىدۇ .
  ھامىلدارلىق مەزگىلدىكى جىگەرگە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تىنىۋېلىش كېسەللىكىنىڭ تۆرەلمىگە بولغان خەتىرى ئىنتايىن ئېغىر . ئۆت سۇيۇقلۇقى بالا ھەمرىھىگە تىنىۋالغاندا بالا ھەمرىھىنىڭ تىۋىت ئارىلىقى تارىيىپ ، بالا ھەمرىھىنىڭ قان ئېقىمى ئازلاپ ، ئانا بىلەن تۆرەلمە ئوتتۇرىسىدا ماددا ئالمىشىش ۋە بالىنى ئوكسېگىن بىلەن تەمىنلەش تەسىرگە ئۇچراپ ، بويىدىن ئاجراش ، تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشى ئاستا بولۇش ، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
  ھامىلدارلىق مەزگىلدىكى جىگەردە ئۆت سۇيۇقلۇقى تىنىپ قېلىش كېسىلىنىڭ كلىنكىلىق ئىپادىسىدە تېرە قىچىشىدۇ . ئېغىر بولغاندا سېرىقلىق پەيدا قىلىدۇ . ئاز ساندىكى ئاغرىقلاردا يەنە ماغدۇرسىزلىنىش ، ئىچى سۈرۈش ، قورساق كۆپۈش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا قىلىدۇ . ھامىلدار ئاياللار بۇنداق بېشارەت بولغاندا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك .


مەنبە: «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلى



تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئوزۇقلىنىشتىكى پەرھىزلىرى


ھۆرنىسا ئۆمەر



      1. تۇغۇتتىن كېيىنكى ئوزۇقلۇق تولۇقلاش زىيادە ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. تۇغۇتتىن  كېيىن، ئاياللار سۈت كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئادەتتە، ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. قوي گۆشى، توخۇ گۆشى، تۇخۇم، مېۋە – چېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ. بۇنداق قىلىش چىقىمنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ،  بۇنداق ئوزۇقلىنىش سالامەتلىككىمۇ زىيانلىق.

     ئوزۇقلۇق زىيادە ئېشىپ كەتسە سەمرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سېمىزلىك بەدەندە شېكەر ۋە ياغ مېتابولىزمىنى تەڭپۇڭسىزلاشتۇرۇپ، ھەر خىل كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ. ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، سېمىزلەردە تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى نورمال كىشىلەردىن ئۈچ – تۆت ھەسسە، قەنت كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى بەش ھەسسە كۆپ بولىدىكەن.

      تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇقى زىيادە مول بولسا، سۈتىدىكى ياغنىڭ مىقدارى ئېشىپ، بوۋاقلارنىڭ ئاسانلا سەمرىپ كېتىشىنى، يىسىتاپان(تۆگىتاپان) قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ناۋادا بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولسا، ياغلىق ئىچ سۈرۈش، ئوزاق مۇددەتلىك سوزۇلما ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

     2. تۇغۇتتىن كېيىن يېمەكلىكنى دەرھال چەكلىمەسلىك كېرەك. ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى ئاشىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن ئايال تۇغۇتتىن بۇرۇنقى زىلۋا ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، تۇغۇتتىن كېيىن دەرھال يېمەكلىكنى چەكلەيدۇ. بۇنداق قىلىش زىيانلىق. بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ يېمەكلىكنى چەكلىشىگە تېخىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، ئوزۇقلىنىش پرىنسىپى بويىچە ئانا ۋە بوۋاقنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش، شۇنداقلا ئوزۇقلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، تۇغۇتتىن كېيىن ئوزۇقلۇقنى كۆپەيتىش كېرەك. تاماق تاللىماسلىق، توخۇ، ئۆردەك گۆشى، بېلىق، قوي، كالا گۆشى، تۇخۇملارنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ئىستېمال قىلىش، سۈت، كۆكتات، مېۋىلەرنى، ئاساسىي يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش، تاتلىق يېمەكلىكلەر، ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، سېمىز گۆش، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئاز يېيىش كېرەك.

     3. تۇغۇتلۇق ئاياللار قاراشېكەرنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك. ئېلىمىزدە ئاياللارغا تۇغۇتتىن كېيىن قاراشېكەر يېگۈزىدىغان ئادەت بار. ئاياللار تۇغۇتتا ئەقلى، جىسمانىي جەھەتتە قاتتىق چارچايدۇ، زور ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدۇ. بۇنىڭغا مول كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە تۆمۈر ماددىسى بولمىسا بولمايدۇ. قارا شېكەر ھەم قان تولۇقلايدۇ، ھەم ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەمما بەزى تۇغۇتلۇق ئاياللار قاراشېكەرنى ئۇزاق ۋاقىت ھەتتا بىرەر ئايغىچە ئىستېمال قىلىدۇ. قاراشېكەر ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىنسا بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. تۇغۇپ ئون كۈندىن كېيىن لىپاس خۇنى تەدرىجىي ئازىيىپ، بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىمۇ نورماللىشىشقا باشلايدۇ. ئەگەر قاراشېكەرنى ئۇزاق ۋاقىت ئىستېمال قىلغاندا قاراشېكەرنىڭ قاننى جانلاندۇرۇش رولى لىپاس خۇنىنى كۆپەيتىۋېتىپ، تۇغۇتتىن كېيىن داۋاملىق قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا تۇغۇتتىن كېيىن قاراشېكەرنى ھەپتە – ئون كۈن ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق.

      4. تۇغۇتتىن كېيىن تۇخۇمنى كۆپ يېمەسلىك كېرەك. ئاياللارغا قىرىقى ئىچىدە كۆپرەك تۇخۇم يېگۈزىدىغان ئادەت بار، بىراق تۇخۇمنى زىيادە ئىستېمال قىلىشمۇ زىيانلىق. تۇغۇپ بىر نەچچە سائەت ئىچىدە، ئەڭ ياخشىسى، تۇخۇم يېمەسلىك كېرەك. چۈنكى تۇغۇتتا جىسمانىي كۈچ كۆپ خوراپ، تەر كۆپ چىقىپ كەتكەچكە، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىمۇ ئاجىزلاپ كېتىدۇ. شۇڭا ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن دەرھال تۇخۇم يېسە، ھەزىم بولماي ئاشقازان  – ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا سۇيۇق ياكى يېرىم سۇيۇق تاماقلارنى يېيىش مۇۋاپىق. چىللە مەزگىلىدە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇق ئۆلچىمى ھەر كۈنى ئاقسىل 100 گرام ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك.

     5. تۇغۇتتىن كېيىن ئاچچىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. ئاچچىق يېمەكلىكلەر تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئىسسىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېغىز، تىللىرىدا جاراھەت پەيدا قىلىدۇ. چوڭ تەرەتنى قاتۇرىدۇ ياكى گىموروي (بۇۋاسىر) قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئانا بەدىنىدىكى ئىسسىقلىق سۈت ئارقىلىق بوۋاققا تەسىر قىلىپ، بوۋاقنىڭ ئىسسىقىنى ئاشۇرىدۇ. شۇڭا تۇغۇتلۇق ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن بەش ~ ئالتە كۈن ئىچىدە سۇيۇق – سەلەڭ تاماقلارنى يەنى شوۋىگۈرۈچ، شويلا، سۇيقاش قاتارلىقلارنى ئىچىشى، بەك ياغلىق تاماقلاردىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك، بولۇپمۇ سامساق، مۇچ، قارامۇچ، زىرە، كۈدە قاتارلىقلارنى يېيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. خام، سۇغۇق، قاتتىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇپ ئاشقازان، تالنى ئاسرىشى ۋە چىشنىڭ بوشاپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

     6. قېرى مېكىيان گۆشى شورپىسى تۇغۇتلۇق ئاياللارغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. ئادەتتە، تۇغۇتلۇق ئاياللارغا چوڭ مېكىيان گۆشى شورپىسىنى قۇۋۋەتلىك، دەپ ئىچكۈزۈلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى چۈجە خورازغا يەتمەيدۇ. چۈجە خورازنىڭ گۆشىدە ئاقسىل مىقدارى چوڭ مېكىيان گۆشىگە قارىغاندا كۆپ، گۆشى يۇمران، يۇمشاق، ئوزۇقلۇق ماددىلىرى بەدەنگە ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ. ئۇ تۇغۇتتىن كېيىن بەدىنى ئاجىز ئاياللارنى قۇۋۋەتلەندۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
   

تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئوزۇقلىنىشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى


     1. ئادەتتە – تۇغۇتتىن كېيىنكى ئىككى – ئۈچ كۈندە ئاسان ھەزىم بولىدىغان سۇيۇق  –  سەلەڭ تاماقلارنى، مەسىلەن: شوۋىگۈرۈچ، سۇيقاش، يېڭى گۆش بىلەن قورۇلغان ئوتياش، يېڭى بېلىق گۆشى ياكى تۇخۇم قاتارلىقلار بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق.

     ئۈچ كۈندىن كېيىن ئادەتتىكى غىزالار بىلەن ئوزۇقلانسا بولىدۇ. ئەمما ئاچچىق يېمەكلىكلەر مەسىلەن: قىزىلمۇچ، قىچا تالقىنى، زەنجىۋىل قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. ئاشقازان –  ئۈچەي يوللىرىنىڭ يۇقۇملىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يېمەك  –  ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا تۇخۇمنى كۆپ يېمەسلىك كېرەك. قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتا گۆشلۈك ۋە گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇش، ئاز  – ئازدىن كۆپ قېتىم ئوزۇقلىنىش، كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ خالىغان ۋاقىتتا نىسبەتنى تەڭشەش لازىم. ئەگەر قەۋزىيەت بولسا مېۋە  – چېۋە ۋە يېڭى ئوتياشلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش؛ قان ئاز بولسا قوي جىگىرى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. سۈت چۈشۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كەچقۇرۇن شوۋىگۈرۈچ، پېچىنە – پىرەنىك تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتسە بولىدۇ. ئومۇمەن، تۇغۇتلۇق ئاياللار يېمەك – ئىچمەكتە مىقدارى مۇۋاپىق بولۇش، ياغلىق تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
  

   بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ يېمەك – ئىچمەكتىكى پەرھىزلىرى


    1. دورا ۋە ئىسپىرت. دورا ۋە ئىسپىرت قانغا ئۆتكەندىن كېيىن، سۈت بىلەن بوۋاقنىڭ بەدىنىگە ئۆتىدۇ. شۇڭا دورا ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.

     2. ئاچچىق يېمەكلىكلەر ۋە قەھۋە. ئاپېلسىن، پىياز، سامساق ۋە باشقا ئاچچىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. ئۇلار بوۋاقتا ئىچ سۈرۈش ياكى قورساق ئېسىلىشنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق يېمەكلىكلەر ئانا بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن، سۈتنىڭ تەمى ۋە كىسلاتالىق دەرىجىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئەگەر بىرەر خىل يېمەكلىك بوۋاقنىڭ ئاشقازىنىدا بىئاراملىق پەيدا قىلغانلىقى بايقالسا، شۇنى يېمەسلىك كېرەك.

    3. ياغلىق ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: ياغدا قورۇلغان بەرەنگە، شېكەر، تورت قاتارلىق يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر يېمەسلىك كېرەك.


مەنبە : ئاياللاردىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
ahkam + 20 بارىكاللا

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 20   باھا خاتىرىسى

توغرا بولمىساڭ چوقۇم ئەگرىسەن . ئايالچىلىك بولالمىساڭ ، ئەركەك ئەمەسسەن ...

ئوزگىنى سۇيۇش ئۇ

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1193
يازما سانى: 466
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7694
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 3687 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 06:35:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە، جاپا چەكتىڭىز

ئوزگىنى سۇيۇش ئۇچۇن ئۇزەڭنى سويگىن!!!!

لـــەيـــلى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24032
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14235
تۆھپە نۇمۇرى: 713
توردا: 6063 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 06:45:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  ayyultuz كە 2011-01-30 06:35 PMئەۋەتىلدى  :
رەھمەت سىزگە، جاپا چەكتىڭىز
تەلىۋىڭىز بويىچە سىزگە ئاتاپ يوللىدىم ، ئەسقېتىپ قالار دەپ .

توغرا بولمىساڭ چوقۇم ئەگرىسەن . ئايالچىلىك بولالمىساڭ ، ئەركەك ئەمەسسەن ...

ئەھكاملىرىمىز ب

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 659
يازما سانى: 596
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5420
تۆھپە نۇمۇرى: 328
توردا: 6899 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 07:30:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ~ ! ئايالىمغا ئىكراننى دۈم قىلىپ تۇتۇپ بېرەي ، بىر ئوقىسۇنا   ~  [s:149]

تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار ؟ ~ شۇ تۇخۇمنىڭ تاشتا دەردى بار !؟ MSN  -  AHKAM@live.cn   ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قوشىلىشىنى قارشى ئالىمەن !

لـــەيـــلى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24032
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14235
تۆھپە نۇمۇرى: 713
توردا: 6063 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 08:06:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  ahkam كە 2011-01-30 07:30 PMئەۋەتىلدى  :
رەھمەت ~ ! ئايالىمغا ئىكراننى دۈم قىلىپ تۇتۇپ بېرەي ، بىر ئوقىسۇنا   ~  [s:149]
دۈم قىلىپ تۇتۇپ بەرسىڭىز خاتا ئوقۇۋالا ؟

توغرا بولمىساڭ چوقۇم ئەگرىسەن . ئايالچىلىك بولالمىساڭ ، ئەركەك ئەمەسسەن ...

ئەھكاملىرىمىز ب

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 659
يازما سانى: 596
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5420
تۆھپە نۇمۇرى: 328
توردا: 6899 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 08:13:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  kapsizparixta كە 2011-01-30 08:06 PMئەۋەتىلدى  :

دۈم قىلىپ تۇتۇپ بەرسىڭىز خاتا ئوقۇۋالا ؟

توۋا !  شۇنداقمۇ يە ~ !؟  ئەمسە قانداق تۇتۇپ بېرەي ؟

تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار ؟ ~ شۇ تۇخۇمنىڭ تاشتا دەردى بار !؟ MSN  -  AHKAM@live.cn   ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قوشىلىشىنى قارشى ئالىمەن !

ئاللا ھەممىدىن ق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15855
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4548
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 640 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2011-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 08:28:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە، مەن دەل مۇشۇنداق ماتىريالغا مۇھتاج ئىدىم، بۇلسا ھامىلىگە مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى كۇپ رەك يۇللاپ تۇرار سىز. [s:154]  [s:132]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27455
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2604
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 441 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2011-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-31 10:00:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە ماڭغا بەك لازىمتى مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆپرەك يۇللاپ تۇرار سىز،،،،، [s:154]  [s:154]

ئادەم ئادەم بىلەن ئەمەس ئادىمىلىكى بىلەن ئادەم

ئوماق قوزام....!!! T

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16072
يازما سانى: 695
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13524
تۆھپە نۇمۇرى: 485
توردا: 5362 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-31 12:05:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى بىلىملەركەن، ماڭىمۇ بەك لازىمتى، رەھمەت سىزگە.  [s:166]

تەمەيىم يوق ساخاۋەتتىن، ۋەتەن پەخرىم غورۇرىمدۇر، ئۇنىڭ قوينى ماڭا جەننەت، مۇقەددەس ۋەتەنگاھىمدۇر. zalimin zulumu varsa, sevennin allahi var! ! http://www.1000do.info/?227122.htm

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6403
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8431
تۆھپە نۇمۇرى: 268
توردا: 4095 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2011-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-5 05:37:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رھمەت  ساقلىۋالدىم  ئاللا  خالىسا  پات  يىقىندا ئەسقىتىپ  قالار

ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۇرچىسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش