مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1265|ئىنكاس: 0

%49  ئىسرائىلىيەلىك پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇر  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 205
يازما سانى: 786
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10782
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 2328 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-29 07:07:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېرىمغا يېقىن ئىسرائىلىيەلىك پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇپ شەرقىي ئىروسالىمنى پايتەخت قىلىشنى قوللايدۇ

خەلق تورى 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىكى خەۋىرى ، ئىسرائىلىيە ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى خەلق رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، تەخمىنەن يېرىمغا يېقىن ئىسرائىلىيەلىك پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇپ شەرقىي ئىروسالىمنى پايتەخت قىلىشنى قوللىغان ، ئەمما دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ب د ت نىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈش كېرەك بۇلۇپ ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ ئۆز ئارا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كىلىشىم ھاسىل قىلىشى بىلەن بولمايدىكەن .
<< ئوتتۇرا شەرق گېزىتى >> نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئىسرائىلىيەنىڭ داڭلىق خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئاپپىراتى تەكشۈرگەن نەتىجىگە ئاساسلانغاندا ، %49 ئىسرائىلىيەلىك پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇپ شەرقىي ئىروسالىمنى پايتەخت قىلىشنى قوللىغان ، %42 ئىسرائىلىيەلىك قارشى تۇرغان ، ئەمما پوزىتسىيىسى ئەڭ قاتتىق بولغىنى  پراۋوسلاۋىيە دىنىدىكى مۇرتلار بۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى %60 كىشى پەلەستىنگە قورال كۈچى ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش كېرەك دىگەن ، بۇنداق دىگۈچىلەر ئاساسەن ياشلار ئىكەن .
تەخمىنەن 18 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان كىشىلەر پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشىغا قارشى تۇرىدىغان بۇلۇپ پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشىنى قورال كۈچى ئارقىلىق توسۇش كېرەك دەپ بىلدۈرگەن . تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە يەنە ، پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشىغا قارشى تۇرىدىغان ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ كۆپۈنچىسى ئاياللار ئىكەن ، %39 ئەرلەر پەلەستىننىڭ قۇرۇلىشىغا قارشى تۇرغان بولسا ، ئاياللاردىن %49كىشى قارشى تۇرغان.

http://news.ifeng.com/world/detail_2011_01/29/4511269_0.shtml

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش