1. كەڭ – تارلىقى مۇۋاپىق بولغان بالوننى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. بالون بەك كەڭ بولسا قارشىلىق كۈچى چوڭ بولۇپ، ماي سەرپىياتى ئېشىپ كېتىدۇ.
2. يېپىشقاقلىقى ئەڭ تۆۋەن ئاپتولنى ئىشلىتىشكېرەك. ئاپتولنىڭ يېپىشقاقلىقى قانچە تۆۋەن بولسا، موتور ئۇچرايدىغان قارشىلىق شۇنچە كىچىك، ماي سەرپىياتىمۇ شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ.
3 .موتورنى ياخشى ئاسراش، مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان رېمونت قىلىش كېرەك. كۆرۈلگەن مەسىلەۋاقتىدا ئوڭشالمىسا موتورنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ، ماي سەرپىياتى ئېشىپ كېتىدۇ.
4 . ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرۇپلا ھەيدىمەسلىك، ئازراق ۋاقىت قىزدۇرۇش ياكى بىر– ئىككى كىلومېتىر ئاستا ھەيدەپ قىزدۇرۇشكېرەك.
5. ماينى بىراقلا جىقبېرىۋەتمەسلىك، قايسى خوتتا قانداق سۈرئەتتە ماڭىدىغانلىقىنى بىلىش، تۆۋەن خوتتا بەك ئۇزاق ماڭماسلىق كېرەك.
6 .سائىتىگە 120~90 كىلومېتىرلىق سۈرئەت ماينى ئەڭ تېجەيدىغان سۈرئەت بولۇپ، سائەتلىكسۈرئىتى بۇنىڭدىن ھەر كىلومېتىر ئاشسا ماي سەرپىياتى %0.5 ئاشىدۇ.
7 . ئارتۇق نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىپ، ئاپتوموبىلنى يېنىك تۇتۇش كېرەك.(ياسىن ئىبراھىم تەييارلىغان)
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
http://uyghur.people.com.cn/156019/15145197.html