مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1210|ئىنكاس: 5

ئاياللارغا تەبىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1993
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34202
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 3625 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-28 01:00:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


            _مىھرىنى  ھەممىگە ،سۆيگۈ -مۇھاببىتىنى بىرلا  ئادەمگە بىغىشلىيالىغان  ئايال- ھەقىقى مۇھاببەتلىك ئايال.
            _ھەم جىسمانى جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى  تەن ئالىدىغان ،ھەم روھى  جەھەتتىكى كۈچلۈكلىكىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئايال -ھەقىقى قۇدىرەتلىك  ئايال. 
            _ھەم  پۇل  ئۈچۈن ئۆزىنى بۇلغىمايدىغان،ھەم ھالال  پۇلى بىلەن  مەئىشەت  سۈرەلەيدىغان ئايال -ھەقىقى ئەخلاقلىق ئايال.
            _گۈزەللىكىنى جاھان ئالدىدا نامايەن قىلالايدىغان،لىكىن ئۇنى ھەرگىز   بازارغا سالمايدىغان ئايال-ھەقىقى نومۇسلۇق  ئايال .
            _كۆڭلى بولمىسا ھەتتا پادىشاھنىمۇ  رەت قىلىپ ،ئىشقى باغلانسا كۆك   نامراتنىڭمۇ ئايغىغا باش قويالايدىغان ئايال -ھەقىقى ئىپپەتلىك ئايال .

            _ھەم  سۆيگەن يارىنىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىشنى بىلىدىغان ،ھەم يىقىلغان    يارىنى پۈتۈن جىسمى بىلەن  يۆلەشنى بىلدىغان ئايال -ھەقىقى ۋاپادار  ئايال. 
            _بالا ئۈچۈن ئانا زىمىندەك ئىغىرچىلىقنى كۆتۈرۈپ ئىڭرىمايدىغان   ،قورساقتىكى بالىسىنىڭ ئامان -ئىسەن تۇغۇلىشى ئۈچۈن كۈلۈپ تۇرۇپ جان   بىرەلەيدىغان ئايال-ھەقىقى پىداكار ئايال. 
            _پەرزەنتىنى تۇنج ھەم ئۆمۈرلىك ئۇستاز سۈپتىدە تەربىيلەشنى بىلدىغان  ھەم  شۇنىڭغا لايېق ئۈزلۈكسىز تەربىيلەپ ماڭالايدىغان ئايال -ھەقىقى  كۆيۈمچھن ئايال .


                                 مەنبە : ئەخمەت ئمىننىڭ «ئايال» ناملىق نەسىرىدىن ئېلىندى

پەرىشتىلەرمۇ يا

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4373
يازما سانى: 1653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22039
تۆھپە نۇمۇرى: 1133
توردا: 3243 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-28 01:45:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللار ھەققىدە

1. بىز كۆرىۋاتقان ئاياللار ھايات چەمبىرىكىدىكى ئۇپا - ئەڭلىك،كىيىمگەبولغان شەيدالىقنىڭ ئورنىنى ئىلىم،كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىك،توي - تۆكۈن،چاي - ئولتۇرۇشلارغا بولغان خۇمارنىڭ ئورنىنى،يۈرەك - پارىلرىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن تەر تۈكۈش ئىگەلىگەن،غايىمىز ۋە پەخىرىمىز ناخشىچى،ئۇسولچى ئەمەس،دوكتور - ئالىملارنى يېتشتۈرۈش بولسىدى،خەلقىمىز يېڭى ئەسىرنىڭ غۇۋالىقلىرىدىن ئۈمۈدلىك كەلگۈسىنى كۆرگەن بولاتتى.
2. ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە تەپەككۈر يۈرگۈزگۈچى ئاياللار مىللەتنىڭ نۇرلۇق كىلەچىگىنى يارىتالايدىغان ئىقتىدارلىق ئەۋلادلارنى يىتىشتۈرەلەيدۇ.
3. بىز ئىنسانىيەت تارىخىدا زاۋاللىققا يۈز تۇتقان،تالاي بۈيۈك ئىمپىرىيە،قۇدرەتلىك خاندانلارنىڭ پاجىئە - سەۋەبلىرىدىن بىرى ئەقلى ۋە ئەخلاقى جەھەتتە چىرىگەن ئاياللار ھالاكىتى دەپ ئېيتالايمىز.چۈنكى ھەرۋاقىت ئۆز يىلتىزىدىن ئۇزۇق ئېلىپ بۈگۈنى ۋە كىلەچىكى ئۈستىدە ئويلانمىغان ئادەمنىڭ تىككەن كۆچەتلىرىگىمۇ خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش بەركەتسىزلىك ۋە يوقىلىش ئاقىۋىتى پۈتۈلگەن بولىدۇ.
4. ئايالنىڭ ۋاقتى ۋە زىھنى ئۆزى ئەتىۋارلىغان،كۆزىگە قارىغان بالىلىرىنى ئاتا - ئانىنىڭ ھامىلىقىدا ئەمەس ھېچكىمنىڭ خەيرىخاھلىقى بولمىغان كەلگۈسىدە نېنىنى پۈتۈن تېپىپ يىيەلەيدىغان ئۆزىگە ئۆزى خوجا ياراملىق ئىز باسار قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈندۇر .
5. ئايالنىڭ ۋاقتى ۋە زىھنى بىلىم ۋە قابىليەت بىلەن مەۋجوتلۇق قىممىتىنى يارىتىش، ئېرىغا ھەمنەپەس بولۇپ،ئاياللىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈندۇر.
6. ئايالنىڭ ۋاقتى تۈگىسە مىللەتنىڭ ۋاقتى تۈگەيدۇ،ئاياللاردىكى ئالامەتتىن كىشىلەر زامان ئاخىرىنىڭ بەلگىلىرىنى كۆرەلەيدۇ.
7. ئاياللارنىڭ تەۋەلىكى ۋە ئەخلاقى بىر مىللەتنى يېڭىدىن يارىتالايدۇ ،ئاياللارنىڭ بۇزۇلۇشى بولسا مىللەتنى ھالاكەتلىك يوقىلىش گىرداۋىغا سۆرەپ ئاپىرالايدۇ.
8. ئانا - ئاياللىق خاراكتېردىكى ئەۋرىشىملىك ،يۇمشاقلىق،مېھىر - مۇھەببەت بىلەن بالا تەربىيىسىدىكى زور مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى. مەكتەپ ۋە جەمئىيەت توغرا پەرۋىش قىلىنغان مايسىنى تېخىمۇ كۆكلىتەلەيدۇكى، باغۋەننىڭ ئەجرىسىز قىڭغىر ئۆسكەن كۆچەتنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەنمۇ مېۋىگە كىرگۈزەلمەيدۇ.
9. ئەرلەرنىڭ بېشى چۈشۈپ،ئىززەت - ھۆرمىتى تۆۋەنلىگەن،ئەرلىك سالاھىيىتى ئۆز ئورنىنى تاپمىغان جەمئىيەتتە،ئاياللارنىڭ تەربىيىسى تۇلىمۇ مۇھىم ھەمدە ئاياللارنىڭ بىر كىشىلىك مەسئولىيىتى بار،چۈنكى ئاياللار ئەرلەرگە كۈچ ۋە شىجائەت ئاتا قىلغۇچى،بالىلارنى ئىشەنىچ ۋە ئەقىل بىلەن چوڭ قىلغۇچى.

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5534
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 116075
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 6786 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-28 01:59:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


يۈرۈگۈم نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇقتۇرغىن!

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈ

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25644
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4103
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 6287 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-28 06:38:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۆل گۈلى ، نادىرە ، زۈلەيخا رەھمەت سىلەرگە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېمىلاركەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29295
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3108
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2011-2-6
ئاخىرقى: 2011-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-13 02:06:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا سېزگە رەخمەت كىلسۇن مۇشۇنداك تېملارنڭ كۇپلەپ يېزشىڭزغا تىلەكداشمەن.

غەيرەتتىن قالما

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 530
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1232
تۆھپە نۇمۇرى: 441
توردا: 5640 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-13 02:19:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ نەسىرنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن.
............
ئەي ئايال!سەنسىز ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلىغى نەدە؟ سەنسىز ئىجتىمائىيەتنىڭ مۇكەممەللىكى نەدە؟سەنسىز تەرەققىيات نەدە؟سەنسىز رىقابەت نەدە؟سەنسىز مۇھەببەت نەدە؟ ساداقەت نەدە؟....

دوستقا زار، دۈشمەنگە خار، نامەرىتكە ئىنتىزار بولما..!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش