مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1717|ئىنكاس: 16

ھەققانىيەتچى رەھبەر گېنىرال مايور مۇھەممە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26729
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5905
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 10:02:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى،ھەققانىيەتچى،خەلقپەرۋەر رەھبەر مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ 1915-يىلى ئاتۇشتا تىجارەتچى شاھ ھاجىم  ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
        شاھ ھاجىم رۇسىيا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن،ئىككى ياشقا كىرگەن ئوغلى مۇھەممەتئىمىننى قاراقولغا(ھازىرقى قىرغىزىستان تەۋەسىدە)ئېلىپ چىقىدۇ.كىچىك مۇھەممەتئىمىن ئائىلە تەربىيىسىنى ئالغاندىن كېيىن يەتتەسۇ ياركەنتتىكى بىر پەننىي باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇپ،خەت-ساۋادىنى چىقىرىدۇ.ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغاندىن باشلاپ رۇس تىل-يېزىقىنى ئۈگىنىشكە كىرىشىدۇ ۋە خېلى ئوبدان نەتىجىگە ئېرىشىدۇ.
      شۇندىن كېيىن،مۇھەممەتئىمىن دادىسى شاھ ھاجىمنىڭ ئۈچتۇرپان ئارقىلىق قاراقولغا چىقىرىدىغان شىنجاڭ يەرلىك ماللىرىنى ئېلىپ چىقىش ۋە تاۋار ماللارنى ئېلىپ كېلىش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.ئۇ مۇشۇ جەرياندا كۆپلىگەن ۋەتەنپەرۋەر،تەرەققىپەرۋەر سودا-سانائەتچىلەر،ئالىملار،ئۆلىمالار بىلەن ئۇچرىشىدۇ ھەم سۆھبەتتە بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا يېڭى دۇنياقاراش تىكلىنىدۇ.<كۆپنى كۆرگەن كۆپنى بىلەر،كۆپ ئاڭلىساڭ قۇلاققا سىڭەر>دېگەندەك،ئۇنىڭ كۆرگىنى،ئاڭلىغان-بىلگىنى بارغانسېرى كۆپىيىدۇ.ئۇ 1935-يىلى دادىسى شاھ ھاجىمنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق سوۋېت سودا ۋاكالەتخانىسى بىلەن بولغان سودا توختام ۋە مال ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىدا تەرجىمانلىق قىلىدۇ.
      مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى بىلەن ئۇچراشقان ،مۇساپىرچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەن بولغاچقا،تۇرمۇش ئۇنى تەمكىن،ئېغىر-بېسىق قىلىپ يېتىشتۈرگەن.ئۇ سوۋېت ئىتپاقىدىن كېلىپ ئۆزى بىلەن بىللە ئىشلىگەن سوۋېت مۇتەخەسىسلىرى بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا،ئۇلاردىن ماركىسىزىم-لېنىنىزىم ئەسەرلىرىنى ۋە ماركىسىزىمچە پەلەسەپىنى ئۆگىنىپ،ئىنقىلاپ يولىنى بىلىشكە باشلايدۇ. نەتىجىدە،بىرقەدەر يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى قاراش يېتىلىدۇ.
     1944-يىلى كۈزدە،نىلقا پارتىزانلىرى گومىنداڭغا قارشى قوزغىلىپ،گومىنداڭ قوشۇنلىرىغا تۇيۇقسىز زەربە بېرىش بىلەن ھەش-پەش دېگۈچە شەرقى بەش ناھىيەنى ئىشغال قىلىپ،ئىلىدا تۇرۇشلۇق دۈشمەنلەرنى تەمتىرىتىدۇ.قوزغىلاڭنىڭ نىلقىدىن باشلىنىشى جاي-جايلاردىكى ئىلغار كۈچلەرنى روھلاندۇرۇۋېتىدۇ،تەرەپ-تەرەپتىن پارتىزانلىق ھەركەتلىرى قوزغىلىدۇ.بۇ چاغدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى ۋە شەرقىي،جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى ئىلىغا يۆتكەپ،كۆپلىگەن ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئىلىغا ئېلىپ ماڭىدۇ.بۇ ۋاقىت مۇھەممەتئىمن ئىمىنوۋ ماناس دەرياسى قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان چاغ ئىدى.ئۇ ،گومىنداڭنىڭ قوشۇن ۋە قورال-ياراغ توشۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ماناس ۋە شىخولاردىكى يېقىن سەبداشلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ.كۈرەشكە ئىنتىزار بولۇپ تۇرغان بۇ دوستلار بىرلىككە كېلىپ شىخودا پارتىزانلىق ئەترەت قۇرىدۇ ۋە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ.
      مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ 1944-يىلى9-ئايدىن1945-يىلى 9-ئايغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدە ،ماناس دەرياسى بويىدىكى سۇ ئىشلىرى خىزمىتىدىن پايدىلىنىپ،ئۈرۈمچى،شىخو قاتارلىق جايلاردىكى ئىلغارلار ۋە پارتىزانلار بىلەن ئالاقە باغلىغاندىن تاشقىرى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي مەركىزى قوماندانلىق شتابى بىلەنمۇ قويۇق ئالاقىدە بولدى.مىللى ئارمىيە قوماندانلىق شتابىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن،مىللىي ئارمىيە جىڭ،شىخولارغا ھۇجۇم باشلاشتىن ئىلگىرى،ئۇ بەش نەپەر سەبدىشى بىلەن شىخو پارتىزانلىرىغا قوشۇلىدۇ.1945-يىلى9-ئاينىڭ3-كۈنى تولۇق قوراللانغان ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسى  شىخو غا شىددەتلىك ھۇجۇم باشلايدۇ.بۇ چاغدا مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ شىخو پارتىزانلىرى بىلەن بىللە دۈشمەن ئارقا سېپىدىن ھۇجۇم قىلىپ،دۈشمەننى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىدۇ.دۈشمەن مەغلۇپ بولۇپ چېكىنگەن ھامان قالدۇق دۈشمەنلەرنى تازىلاش ئىشىنى ئىشلەيدۇ.
      1945-يىلى9-ئاينىڭ5-كۈنى شىخو ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن،ئىمىنوۋ مىللى ئارمىيىدە دەسلەپتە ئىزۋوت كوماندىرى ئاندىن ئىسكادرون كوماندىرى بولغان.كېيىن غۇلجىغا يۆتكىلىپ،ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت سۇ ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى،مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شتابىنىڭ سىياسىي بۆلۈم ئوفىتسېرى،قوماندانلىق شتاب ئۇرۇش قىلىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى،باش قوماندانلىق شتابنىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى،ئاتلىق پولك كوماندىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا پولكوۋنىك ئۇنۋانى بەرگەن.
     شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازات بولغاندىن كېيىن ،مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ 1950-يىلى2-ئايدا جوڭگو كومپارتىيىسىگە ئەزا بولدى.ئاندىن ئۇ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى5-كورپۇس 13-دىۋىزىيىسىنىڭ قوماندانى ۋە پارتكوم شۇجىسى،جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى،جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلۇق پارتكومنىڭ 4-شۇجىسى،جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇدىرى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمى ئەزاسى،ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. 1955-يىلى ئۇنىڭوغا گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋان بېرىلدى.
      1957-يىلى مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ تەشكىلگە بەزى ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلغانلىقى ئۈچۈن،خاتا ھالدا تەنقىد قىلىنىپ ،ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەتلىكىدىن ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىدىن ئېلىپ تاشلانغان.
     1962-يىلى،ئۇ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى داۋاملىق ئۆتىدى.1962-يىلى ئىلى-چۆچەك ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ،ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۇنى شۇ يەرگە خىزمەتكە ئەۋەتتى.ئۇ بىرىنچى سەپكە بېرىپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ،قايمۇققان بىرمۇنچە ئاممىغا تەربىيە ئىشلەپ،ئۇلارنى يول ئۈستىدىن قايتۇرۇپ كەلدى،ئۇنىڭ بۇ خىزمىتى پارتىيە-ھۆكۈمەت ۋە ئاممىنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشتى.
     <مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي>مەزگىلىدە،مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ چىدىغۇسىز سىياسىي زىيانكەشلىككە ئۇچراپ،جاپا-مۇشەققەتلىك كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ،1970-يىلى5-ئاينىڭ17-كۈنى 55يېشىدا بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتتى.1986-يىلى10-ئايدا ،ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم ج ك پ مەركىزىي كومىتىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن،1958-يىلدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋغا كۆرگەن چارىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى،ئۇنىڭ ئىناۋىتىنى،نامىنى،پارتىيىۋىلىگىنى ئۈزۈل-كېسىل ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى. 




شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى9-ئاي1-نەشرى.  
    شېرىپ خۇشتار<شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر>81_84-بەتلەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 10:40:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
موشۇ كىشىنىڭ ئىنىسى بىلەن بىر نەچچە قېتىم ھەمسۆھبەتتە بولۇش بولغان ئىدىم،شۇنداق ئۇچۇق-يۇرۇق،خۇشچاقچاق كىشى ئىكەن...مەرھۇم توغۇرلۇق،<< ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى>>،<<مىللى ئارمىيە>>..توغۇرلۇق شۇنداق قىزغىن پاراڭ قىلىپ بىرگەن...


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

كۆپ ئاڭلا!!!!.....ئا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1615
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35846
تۆھپە نۇمۇرى: 418
توردا: 784 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 10:46:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە....قالتىس ئادەمكەنتۇق.. تىمىڭىزغا رەھمەت دوستۇم ..مەن بۇتىمىڭىز ئارقىلىڭ يەنەبىر ئىشنى ئارتۇق بىلىۋالدىم .رەھمەت سىزگە جاپا چىكىپسىز ...

كۆپ ئاڭلا!!!!.....ئازسۆزلە!!!!....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27719
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5353
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 629 سائەت
تىزىم: 2011-1-25
ئاخىرقى: 2012-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 11:11:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخ تولىمۇ رەھىمسىز ئەزەلدىن ئاجىزلارنىلا بوزەك قىلىپ كەلگەن، تارىختىكى داڭلىق شەخىسلەر ئارقىلىق ماختىنىش پەقەتلا ئاجىزلارنىڭ ئىشى.

قانغا چىلانغان موما

ھاياتقا ئۈمۈد بى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27297
يازما سانى: 1190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9441
تۆھپە نۇمۇرى: 446
توردا: 1665 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 11:29:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (kizilkowruk) نىڭ يازمىسىغا

ياخشى ئەسەر بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27163
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8296
تۆھپە نۇمۇرى: 1392
توردا: 1695 سائەت
تىزىم: 2011-1-21
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 11:34:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ياخشى تېما يوللاپسىز .
ھازىرقى دەۋىردە يېڭىدىن يىتىشىپ چىقىۋاتقان ھەققانىيەتچى گېنرال بولالمىسىمۇ كەلگۈسىدە گېنرال بولۇپ قېلىش ئىمكانىيىتى بار غېنى جۈمەنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايلى......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7828
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8620
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 2310 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2013-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-28 11:35:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غىنى  بەڭگە  ھازىر نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ ،كوپىنچە ئىشلارغا ئادەمنىڭ  توۋە دىگۇسىى كىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26906
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7554
تۆھپە نۇمۇرى: 307
توردا: 2418 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2014-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-28 01:15:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇ گېنىرللاردەك كۈلگۈسىدە يەنە نۇرغۇن ئوغلانلىرىمىزنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئىشىنىمەن ....

ئەل–يۇرت ئۈچۈن تارتقان ئازابنى، شاھلىق تەختىگە قىياس ئەتكۈلۈك. ئەل ئۈچۈن چەككەن بىر مىنۇت قايغۇ، مىڭ يىللىق راھەت ئۈچۈن يەتكۈلۈك.

ئۆلۈشكە ئەرزىگۈ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9760
يازما سانى: 1726
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 33511
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 3450 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-28 01:42:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلدە مەيدانغا كەلگەن باھادىرلار خېلى كۆپ .
پەقەت < بىزگە > يارىغىننى كۆتىرىپ چىقىپ تەشۋىق قىلىمز ، < بىزگە > يارىمايدىغان قاراقوساق نادانلار ھەرقانچە نوچى بولسىمۇ بىكار .

ئۆز ئاغزىغا ئىگە بۇلۇش ئىنسانلارنىڭ ئۆگىنۋېلىشقا تىگشىلىك ئەڭ گۈزەل ئەخلاقى .

بۇ دۇنيا ئىشچانل

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6496
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8381
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 2971 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-28 07:54:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1962يىلى ئىلى بىلەن چۆچەكتە بولغان ۋەقەدىن قايسىڭلارنىڭ خەۋرى بار مەن بۇتوغۇرلۇق پەقەت بۇگۇن ئاڭلاۋاتىمەن....رەھمەت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش