روزى سايىت روھى بىلەن مۇشائىرە
روزى سايىت روھى:
ئەجەلنى كەينىگە سۈرمەككە مۇمكىن بولسا كەر پىتكە،
گېپىمنى ئاڭلىسا تەڭرى دېسەم: «پۇرسەتنى بەر پىتكە».
كىن:
مۇرەسسەدە كېڭەش قىلسا ئەجەل توختامىغا بەندە،
ئاگاھ سىگنالىدىن بىزگە كېلەتتى بىر خەۋەر پىتكە.
روزى سايىت روھى:
-«باياتىنلا تۇغۇلغاندەكقۇ ھىس-سەزگۈ؟» بىراق،قابىز،
دېۋەيلەشتە:«نامازشام بولدى تاپشۇر جاننى...»دەر پىتكە.
كىن:
گۈدەكلىك تەلپۈنۈشلەردىن،يىگىتلىك يەلپۈنۈشلەردىن،
دېۋەڭلىك سىلكىنىشلەردىن، ئۆمۈر قاچتى بەدەر پىتكە.
روزى سايىت روھى:
ئۆزۈم سەكراتتا،مېھرىم پانىيدىن كەچمەس، كېچەلمەس ھېچ،
ياغاچ ئات«مىن ماڭا»دەيدۇ، كېچىكمەستىن سەپەر پىتكە.
كىن:
قېرىداش، يارى،پەرزەنتتە بۇ دۇنيا مېھرى ئاتەشتۇر،
ۋەتەن دەيمەن رىيازەتتە شېھت روھى كۈلەر پىتكە.
روزى سايىت روھى:
يارانلار مەن نەزەر سالسام يولۇمغا،ئىزلىرىم نەپسىز،
كۆرۈنمەيدۇ «چېچەك»،«مېۋە» دېگەنلەردىن ئەسەر پىتكە.
كىن:
ھالاللىق ئەجرىدىن تەرلەپ، قەلەم تۇلپارىغا مىنسە،
بۈگۈنلا بولمىسا ئەتە جۇلا قىلغاي سەمەر پىتكە.
روزى سايىت روھى:
قىرانلىق مەزگىلىم بوپتۇ تاماششا نازىغا مەپتۇن،
ھەۋەستىن باشقىغا ھەرگىز سېلىنمايدۇ نەزەر پىتكە.
كىن:
ھايات گويا قوناق-ئۆتەڭ جاھان سەيياھى كارۋانغا،
كۆرۈنسە كۆزگە بىر نىشان يېنىكلەر يول، سەپەر پىتكە.
روزى سايىت روھى:
مانا ئەمدى بىلدۈرمەيلا كەلدى قەرزچى جان سۈيلەپ،
نىتەي ئىنسان ھاياتى ئاز ئىكەنغۇ شۇ قەدەر-پىتكە.
كىن:
ئامانەتكە خىيانەتسىز بولۇشنى ئىستىسە ئىنسان،
ئۇدۇم-ئۆزلۈك ئىرادەڭنى چىڭىتسۇن ئول كەمەر پىتكە.
روزى سايىت روھى:
ناۋادا نەۋقىرانلىق پەيتىگە قايتماق كەلسىدى قولدىن،
بولاتتىم ئۆمرى ئارمانسىزلا ئۆتكەن ياخشى ئەر، پىتكە.
كىن:
ۋاقىتنى كەينىگە سۈرسە جاھالەتنى بىشارەتلەر،
ئىچەر ئىنسان يەنە قۇللۇق جەمىيەتتىن زەھەر پىتكە.
روزى سايىت روھى:
قەدىرلەنمەي ئۆتۈپ كەتكەن ھاياتنى كۈلدۈرۈپ قايتا،
ئۇنىڭ ھەر سائىتىگە چېكەتتىم مەن نەقشى-زەر پىتكە.
كىن:
تەجىربەڭدىن ساۋاق كەلسە بىشارەتلەپ خىتابىڭنى،
ئىلىم-ئىرپاندا گۈللەنگەي بۇ سەھرايى-شەھەر پىتكە.
روزى سايىت روھى:
نەسىھھەت شۇ: پېقىر ئۈلگۈرمىدى تۈزمەككەسەۋەننى،
سىلەر ئىبرەت ئېلىپ مەندىن قۇچۇڭلار شان-زەپەر پىتكە.
كىن:
ئۈمۈت-ئارزۇغا ئات سالدۇق، مۇشەققەتنى راۋا ئەيلەپ،
كۈتەر روھى مەدەتىڭنى،يېقىن سۈبھى-سەھەر پىتكە.
.
مەنبە: روزى سايىت غەزىلى بىلەن تارئۇرۇم ئىلھامى