مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 451|ئىنكاس: 6

ئائىلە ئەخلاقى ۋە پەرزەنت تەربىيەسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23513
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3272
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 410 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 12:33:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىنى ئاپتۇرنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن قۇرداشلار تورىدىن بۇ سەھىپىگە چاپلاپ قۇيدۇم،كەڭ قېرىداشلارنىڭ پەرزەن تەربىيەسى،ئائىلە ئەخلاقى مۇناسىۋەتلىرنى تەڭشەشتە بەلگۈلۈك قىممىتى بولسا ئەجەپ ئەمەس





                   ئائىلە ئەخلاقى ۋە پەرزەنت تەربىيەسى
                                                    
                                                تۇردى توختى




ىق كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلەشكەندە ۋە ئالاقە قىلغاندا،يۇرۇش تۇرۇش ئىش ھەركەتتە رىئايا قىلىدىغان مۇھىم قايادە-قانۇننىيەتلەرنىڭ يىغىندىسى بۇلۇپ،ئائىلە ئەزالىرى ئورتاق رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك ھەركەت مىزانى،شۇنداقلا پەرزەنتىلەرنى قايسى يۇسۇندا تەربىلەش ۋە ئۇلارغا قانداق تەسىر قالدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى.
نۇرغۇنۇن چاغلاردا ئائىلىدىكى ئەخلاقى پەزىلەتنىڭ تەسىر پەرزەنتىلەرنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.
ئائىلىدىكى ئەخلاق، پەزىلەتلىك بولسا  بالىنىڭ تەربىلىنىشدىكى، دەسلەپكى ۋە مەڭگۈلۈك بەخىتنىڭ باشلىنىشى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.سىزنىڭ ئائىلىڭىز ئەخلاقسىز ئائىلە بولسا چۇقۇمكى بۇنداق پەزىلەتسىزلىڭنىڭ پەرزەنتىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە باشقىچە تەسىر بۇلۇشى،ھەتتا پەرزەنتىڭىزنى مەڭگۈلۈك نابۇت قىلىشى مۇمكىن.
يارمۇھممەت تاھىر تۇغلۇق ئۆزىنىڭ<<يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيەسى>>دىگەن زور ھەجىملىك پەندى-نىسەھەت خارەكتىردىكى ئەسىرىدە<<ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن مائارىپ تارىخىدا،ئائىلە تەربىيەسى ئەڭ قەدىمقى،ئانا مائارىپ بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجدىمائى تەرەققىيادى ۋە ئىنسانى كامالات تەرەققىيادىدا ناھايتى مۇھىم ئورۇن تۇتقان>>دىگەن ھۈكۈمنى ئوترىغا قويغان.
بىز بۇ ھۈكۈمدىكى <<...مائارىپ تارىخىدا...>> دىگەن سۆز بىرىكمىسى بىلەن<<...ئىنسانى كامالەت تەرەققىياتىدا...>>دىگەن ئىككى سۆز بىرىكمىسىنى تەھلىل قىلدىغان بولساق ئاپتۇر ئائىلە تەربىيەسىدە ئەخلاقى تەربىيەنىڭ رۇلىنى بىزگە، ئۇمۇمى مەرگەزگە سىڭدۈرۈپ كۆرسۈتۈپ بەرگەن.ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئۇنىڭ قەدىمىلىك ۋە ئەمىليەتچانلىغىنى كۈرىۋېلىش تەس ئەمەس.مائارىپنىڭ بۇنداق ئۇزۇنغۇچە تەرەققى قىلىپ،راۋاجلىنىشى،يۇقۇلۇپ كەتمەي،ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ تۇرالىشى ئۇنىڭ بىر پۈتۈن ھەم مۇككەممەل بولغانلىغىدىن ئىبارەتتۇر.مائارىپنىڭ مۇكەممەللىگى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئەخلاقى تەربىيەنى ئۈزىنىڭ تەربىيە مەزمۇنى قىلغانلىغىدا ئىسپاتلىنىدۇ،ئەخلاقى تەربىيەنى تەربىيە مەزمۇنى قىلمىغان مائارىپنىڭ ھايات كۈچى بولمايدۇ،ئۇ بىر ساختا نەرسىگە ئايلىنىپ،ئاخىرى ھالەك  بولىدۇ.بۇ نوقتىنى تۇنۇپ يەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى <<پىداگوكلىرى>>-ئاتا-ئانىلار تەربىيەنىڭ يادىرولۇق مەزمۇنى ئەخلاقى تەربىيەدىن باشلىغان .
<<...ئىنسانى كامالەت تەرەققىياتىدا...>>دىگەن بۇ سۆز بىرىكمىسىدىكى ‹‹كامالات›› ئۇقۇمىدىن شۇنى كۈرۈپ يىتىشكە بولىدىكى كامالەت تاپقان ئىنسانلارنىڭ بىرىنچى ئۆلچىمىنىڭ ئەخلاقى پەزىلەتتە بەلگۈلۈك چەككە يەتكەنلىگىنى بۈلۈش تەس ئەمەس،ئەخلاقسىزلىقتىن كامالەت تېپىش مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى ئەخلاقسىزلىق پاسسىقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئەخلاقسىز ئادەم قانچە ئىقدىدارلىق بولۇشتىن قەتتىئىنەزەر ئۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن بالا قازا،چۈنكى ئۇنىڭ ئەقىل-ئىقدىدارى ئەڭ تار قورمىچىلىق ئىچىدە نامايان بولغانلىغى ئۈچۈن ئۇ ئۈزىدىن باشقىنى ئېتىراپ قىلماي،ئىنكار قىلىش پۇزۇتسىيەسىدە بولىدۇ،شۇنىڭ ئۇچۈن ئۈنداق ئىچى تار ،ئەخلاقسىز ئادەمنىڭ ياراتقىنىنىڭ ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولىشى ناتايىن.
ناشىنىستلارگىرمانىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەقۇماندانى-روببىنتورۇپنىڭ،<<ئۈچۈنچى ئىمپىريەنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى>>دىگەن كىتاپنىڭ ئالدىنى بىرىلگەن ئۈزۈندىلەر سەھىپىسىدە:<<گىتلىر-گىرمانىيە ئۈچۈن بالا قازا ئىدى>>دىگەن، مەشھۇر سوزنى ئۈزۈندە قىلىپ بەرگەن،بۇ ئۇنىڭ گىتلىرنىڭ تار مىللەتچىلىگى ۋە شۇ ئاساستا يىتىلگەن ئىقدىدارىغا قاراتا چىقىرىلغان ئەڭ مۇۋاپىق يەكۈن ئىدى.
بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۇتۇش كېرەككى ھەرقانداق ئادەم ئەخلاقتىن ئىبارەت بۇ ئادىمىلىك پەزىلىتىدىن ئايرىلىدىكەن ئۇنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ساختا،ياكى ساختىلىقىنى يېپىش ئۈچۈن تىرىشقان يەنە بىر ساختىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
يۇقارقىلاردىن شۇنداق خۇلاسىگە كىلىش تەس ئەمەسكى ئائىلە ئەخلەقىنىڭ قانداق بۇلۇشى پەرزەنتىنىڭ تەربىلىنىش ۋە قانداق ئادەم بۇلۇپ چىقىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
1.ئاتىنىڭ ئەخلاقى-پەزىلىتى
ئاتىلار ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى،يولەنچۈكى،ئائىلەدىن ئىبارەت بۇ ئېغىر تەنزىنى سۆرەپ ماڭغۇچى،پەرزەنتىلىرىنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈزىنىڭ ھاياتىدىن كەچكۈچى ئۇلۇغ ئىنسان.
ئاتىلار پەرزەنتىلىرگە لەۋزىدە تۇرۇشنى،مەرتۇ-مەردانىلىقنى،باتۇر قەيسەرلىكنى،چىدامچانلىقنى ،ئەجدادىنىڭ مەدىنىيىتى ۋە تارىخىنى پەرزەنتىلىرىگە يەتكۈزۈپ،ئەجدات ۋە نەسئەبىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالغان ھەم ئۇلۇغ،ھەم جاپاكە ئىنسان.ئاتىنىڭ قانداق بۇلۇشى ماھىيەتتىكى(پەرزەنتىلەردىكى)قاننىڭ قانداق بۇلۇشىنى بەلگىلەيدۇ،بۇ دىگەنلىك ئاتىدا ئاتىچە خاسىيەت بولسا پەرزەنتە چۇقۇمكى ئۈزىگە ئىشىنىشتەك ئۈمۈت نۇرى بولىدۇ.
دۇنيادىكى مەشھۇر ئىلمىي ئەسەرنىڭ بىرسى بولغان  <<ئىلىمگە دالالەت>،دىگەن مەشھۇر ئەسىرىدە،ياپۇنىيەلىك  ئاپتۇر  فۇزېيۈيجى  مۇنداق مەشھۇر سۆزنى ئوترىغا قويغان<< ‹تەڭرى ئادەمدىن ئۈستۈن ئادەم ياراتمايدۇ ھەم ئادەمدىن پەس ئادەمنىمۇ ياراتمايدۇ>،بۇ خۇدا ياراتقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى،پۈتۈنلەي باراۋەردۇر دىگەنلىك >>دەپ يازغان.
يۇقارقى ھۈكۈمدىن بىز تەربىيەنىڭ تەسىرنىڭ رۇلى ئارقىلىق ئادەمنىڭ كىيىنكى تەقدىرىنىڭ(كىيىنكى ئىستىقبالىنىڭ پارلاق ياكى سۇس بۇلۇشى)بەلگىلىنىدىغانلىغىنى بۇنىڭدا ئائىلە تەربىيەسى ۋە ئائىلە پەزىلىتىنىڭ تەسىرىنىڭ ناھايتى مۇھىم بولىدىغانلىغىنى كۈرۈپ يەتەلەيمىز،چۈنكى بوۋاق تۇغۇلغاندا،ياكى ئانىسىنىڭ قوسىقىدىكى چاغلاردىلا بىۋاستە ئۇچرىشىپ تۇردىغىنى ۋە بىۋاستە تەسىرلىشىپ تۇردىغىنى يەنىلا ئاتا-ئانىلاردۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا (پەرزەنتىلەرگە)تەسىر قىلىشنى ئەڭ ئاۋال باشلايدىغىنىمۇ ئاتا-ئانىدۇر.
يۇقارقىلاردىن يەنە ئادەمنى پەزىلەتلىك ياكى پەزىلەتسىز،ئادامدىن ئۈستۈن ئادەم،ئادەمدىن پەس ئادەم قىلىپ يارتىدىغىنى ئەمىليەتتە تەڭرى ئەمەس بەلكى ئادەملەرنىڭ ئۈزى ئىكەنلىگىنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ.بۇنىڭدىكى سىر ئادەم ئەخلاقىنىڭ قانداق نەتىچىلىنىشىدىن ئىبارەت.
ئۇنداقتا ئاتىلار زادى قانداق پەزىلەتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟پەزىلەت ھازىرلانغان ھامان پەرزەنت تەربىيەسىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارغىلى بولامدۇ؟
ئائىلە تەربىيەسىدە ئاتا ئەخلاقى- پەزىلىتىنىڭ رۇلى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.
ئاتا <<ئالىم >>تەربىلىمەيدۇ،<<ئادەم>> تەربىلەيدۇ ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتىلارنىڭ ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى ياراتالىشى ئىنتايىن مۇھىم ئۆتكەل بۇلۇپ،ئائىلە يۇسۇنى پەرزەنت تەربىيەسىدىكى بىرىنچى ئۆتكەل بۇلۇپ،ئۇ (ئائىلە يۇسۇنى)تەربىيەنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ،تېخىمۇ تەرەققى قىلىشى،ئەنئەنىۋى يۇسۇن بىلەن ھازىرقى زامان ئەخلاقىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشى كېرەك.
ئاتا بولغان كىشى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تۈۋەندىكى پەزىلەتلەرنى يىتىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرشىشى لازىم.
لەۋزىدە تۇرۇش-بۇ ئاتىلارنىڭ پەرزەنتىلىرىگە مەدۇ-مەردانىلىق،ھەقىقى سوزلۇك،خىيانەتسىزلىك ،قىزىلكۆزلۈكتىن نېرى تۇرۇپ،قىزىلكۆزلۈككە قارشى تۇرىدىغان ئىسىل پەزىلەتنى يۇقتۇرۇشىدىكى پەزىلەتلىرىنىڭ بىرسى ھىساپلىنىدۇ.بۇنداق ئاتا قۇلىدا تەربىلەنگەن پەرزەن ھەقىقى ئادىمىلىك خىسلىتىنى جارى قىلدۇرۇشتا زور دەسمايىگە ئىگە بۇلۇدۇ.
كەڭ قۇساق بۇلۇش-ئاتا-ئانىلارنىڭ كەڭ قوساق بۇلۇشى ماھىيەتتە پەرزەنتىلەرنىڭ ئەپۇچان ،باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىنى كۈچۈرۈپ،ئۇنىڭغا يەردەم بىرىپ،توغرا يولغا باشلايدىغان مەزمۇت ئادەم بۇلۇپ چىقىشتىكى يەنە بىر پەزىلەت ھىساپلىنىدۇبۇنداق پەرزەنتىلەر ئەقىل بىلەن ئىش قىلۇدىكىى قىزىققانلىق،كۆكەمىلىكتىن خالى بۇلۇپ تەربىلىنىدۇ.
راسچىل بۇلۇش-ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىلىرى ئالدىدا راسچىل بۇلۇپ،سەمىمىيىتىنى بىلدۇرۇشى،ئۈزى قىلالايدىغان ،قىلىپ بەرەلەيدىغان ئىشلارغا ۋەدە بىرىشى،قۇلدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا ۋەدە قىلماسلىغى لازىم.بۇنداق شارايىتتا تەربىلەنگەن پەرزەنتىلەر سېمىمىلىك،راستچىللىق پەزىلىتىنى يىتىلدۈرۋېلىپلا قالماي يەنە ئائىلىسىگە باشقىچا تەلەپ قۇيۇشتەك ناچار ئىللەتلەردىن ساقلىنالايدۇ<<يوتقانغا بېقىپ،پۇت سۇنۇش>>نى بىلىپ،ھەرقانداق ئىشتا ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلىشنى ئۈگىنىۋالىدۇ.
ئائىلە ئىچىدىكى پەدى-شەپكە ئاتا بولغۇچى چۇقۇم قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك.بۇ دىگەنلىك ئاتا قىز ئوغۇل پەرزەنتىلەرگە بولغان مۇئامىلىدىكى پەرىقىنى بىلىپ،ئۇلارغا ئايرىم تەربىيە قىلىشقا توغرا كەلگەندە چۇقۇم ئايرىم تەربىيە قىلىش،ئىنۋىرسال تەربىيەلەرنى بىرلىكتە قىلىش،ئۆي ئىچىدە ھاياسىزلارچە گەپ سۆز،ئۇرۇش تالاش قىلىشنىڭ ھەقىقى ئالدىنى ئېلىپ،ئائىلە ئەزالىرى ئوترىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ تۇرۇش كېرەك.
ئاتالاردا چۇقۇم باشقىلارغا يولەك بولىدىغان،باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان،باشقىلارغا يەردەم بېرىدىغان،باشقىلارنىڭ نەرسىسىگە كۆز قىرنى سالمايدىغان ياخشى خارەكتىر پەزىلىتى بولۇش كېرەك.ئاتانىڭ بۇنداق خارەكتىر پەزىلەتلىرى ئاستىدا چوڭ بولغان پەرزەنتىلەرنىڭ،كۆزى توق،باغرى ئىللىق چوڭ بۇلۇپ،نۇرغۇن دىللارنىڭ غەمخانىسى بولالايدۇ.
ئاتىلاردا باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئىززەتلەش تۇيغىسى كۈچلۇك بولسا پەرزەنتىلەردە ئۈزىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى ۋە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدىغان ئىسىل خىسلەت شەكىللىنىدۇ.دوست دۈشمەننى،ياخشى ياماننى،ھەق-ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش تۇيغىسى يىتىلىدۇ.
ئاتىلار پەرزەنتىنى <<ئادەم>> قىلىپ تەربىلەيمەن دەيدىكەن يەنە پاسسىق ئىشلاردىن نېرى تۇرۇشى،شۇ ئاساستا پەرزەنتىلىرنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە چەك قۇيۇشى كېرەك.بۇنداق چەك قۇيۇش مۇۋاپىق ۋە دەل بۇلۇشى كېرەك.مەسىلەن:بالىڭىز كىچىك چېغىدا  خوشنىڭىزنىڭ قۇغۇنلۇقىدىن ئىككى دانە قۇغۇن ئۆغرلاپ  كىردى.سىزدە تۈۋەندىكىدە ئۈچ خىل ئىنكاس كۈرۈلىشى مۇمكىن ، A:قوغۇننى تىلىپ يىيىشىڭىز مۇمكىن،B:بالا كىچىكلىك قىلىپتۇ دەپ ئىگىسىگە قايتۇرىشىڭىزمۇ مۇمكىن،C:بالىغا تەربىيە بىرىپ،بۇنىداق قىلىشنىڭ خاتالىغىنى ئۇنىڭغا تۇنۇتۇش ئارقىلىق،خوشنىڭىزغا قۇغۇننى قايتۇرۇپ بىرىشىڭىزمۇ مۇمكىن.
بىز قايسى تىپتىكى ئاتالاردىن بولىشىمىز كېرەك؟بۇنىڭدا چۇقۇمكى بىز ئۈچۈنچى خىل ئۇسۇلنى تاللىشىمىز لازىم.ئەگرىنى تال(نوتا) ۋاختىدا تۈزلىگەن ياخشى.بىرىنچى ،ئىككىنچى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشتىن قەتتىئى ساقلىنىش كېرەك.ئەگەر داۋاملىق يول قويساق، ئىشنىڭ تەكرارلىنىشى بىلەن بۇ، يامان ئىللەتلەرنىڭ پەرزەنتىمىزدە يىتىلىشىگە ئاساس بۇلۇپ قالىدۇ.
بىز دەپ ئوتكەن پەزىلەتلەر ئاتىلاردا يىتىلدى دىگەندىمۇ بۇ پەزىلەتلىرىمىزنى پەرزەنتىلىرىمىزگە سىڭدۈرەلىشىمىز ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس،بىز ئاتا بولغۇچىلار تەربىيەنىڭ ئۇسۇلىنى تاللاپ،ئاساسسىز تەربىيە بىرىشتىن ساقلىنىپ،پەرزەنتىلىرىمىزنىڭ قايىللىغىنى قوزغاپ،ئۇلارنى تەسىرلەندۈرەلەيدىغان بولساق بىزنىڭ ئائىلىمىزدىكى كىشىلەرگە نىسپەتەن بىزنىڭ پەزىلىتىمىزنىڭ تەسىر قىلىش دائىرىسى چوڭ بولىدۇ.
ئاتا بولغۇچىلار پەرزەنتىمىزگە ئۆزىمىزدىكى ئەخلاقى پەزىلەتلەرنى ئۈگۈتۈش،يۇقتۇرش بىلەن بىرگە،پەرزەنتىمىز ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىككەرگىمۇ توغرا قارىيالايدىغان بولىشىمىز،ھەم شۇ ئارقىلىقمۇ پەرزەن تەربىيەسىنى كۈچەيتىشىمىز،ھەرگىزمۇ زىددىيەتىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ،ئۆزىمىزگە تۈگىمەس باش قېتىنچى تېپىۋالماسلىغىمىز لازىم.
بۇ ھەقتە شەيىخ سەئىدىنىڭ<<بوستان>>دا مۇنداق بىر ھىكايەت بار.
ئاچ كۆز ،نۇمۇسسىز بىر تىلەمچى،ئاللانىڭ يېقىن بەندىلىردىن بىرسى بولغان بىر زاتتىن پۇل تىلىدى.ئۇ زاتتا شۇ چاغدا پۇل يوق ئىدى،پۇل بولسا ئۇ ھەرگىز ئايىمايتتى.
تىلەمچى مەھەللىدە ئۇ زات ئۈستىدىن مۇنداق پىتنە تارقاتتى......ئۇ زاتنىڭ كۆرۈنىشى قۇناق شېخىدەك ئۇرۇق،لىكىن تويمۇغۇرلۇقتا مۇسانىڭ ھاسىسىغا ئوخشايدۇ....
پىتنە تارقالغاندىن كىيىن ئۇزاتنىڭ شاگىرتلىرى:زاتقا(شەيىخكە) يۇقارقىدەك پىتنىلەرنى بىر-بىرلەپ يەتكۈزدى.
بۇنى ئاڭلىغان شەيىخ
-ھەي،مىنىڭ كەمچىلىكلىرىمنى ئىزدىگەن كىشى،كىلىپ مەندىن سورا،گۇناھلىرىمنىڭ تىزىمىنى ساڭا ئۆزەم بېرەي...دىگەن.
بۇنىڭدىن يامانلىققا ياخشىلىق قىلىپ،باشقىلارنى غەبلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتۇشنىڭ خاسىيەتىنى كۆرىۋالالايمىز.ئاتا بولغان ئادەم پەرزەنتىڭ سەۋەنلىكىنىمۇ كۆچۈرۈشكە قادىر بۇلۇپ،ئۇنى ئۇيقىسىدىن ئويغۇتۇش كرەك.
ئائىلىدە ئاتا تەربىيەسى سۇس بولسا پەرزەنتىلىرى گەدەنكەش بولىدۇ،بالىغا ھەددىدىن ئارتۇق كۈيۈنىشنىڭ ئۆزى ئاخىرقى ھىساپتا ئاتىنىڭ ئۈزىگە سالغان بۇيۇنتۇرۇقى،ياكى سىرتمىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.شۇنىڭ ئۇچۇن كۈيۈنۈش بىلەن قاتتىق تەلەپ قۇيۇشنى بىرلەشتۈرۈپ،پەرزەنتىلىرىمىزنىڭ خاسلىقىنى يىتلدۈرۈشكە ئالاھىدە يەردەم بىرىشىمىز لازىم.
كىيىنكى پۇشايمان ئۆزگە دۈشمەن،ئاتا بولغۇچى بۇ ھەقىقەتنى مەڭگۈ ئىسىدە ساقلىشى كېرەك.
2.ئانىنىڭ ئەخلاقى-پەزىلىتى
ئانا –پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئەڭ مۇققەدەس ،ئەڭ جاپاكەش،پەرزەنتىلەرگە ئەڭ يېقىن،ئۇلارنىڭ ھالىغا ئەڭ يېتىدىغان،پۇتۇن ۋۇجۇدىنى پەرزەنتىلىرىگە ئاتىغان ئائىلەدىكى يەنە بىر يادۇرۇلۇق ئەزا بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئانىلارنىڭ ئەخلەق پەزىلىتىنىڭ قانداق بۇلۇشى پەرزەنتىلىرگە بىۋاستە تەسىر قىلىپ،پەرزەنتىلەرنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدىكى جەريانى ۋە ئاخىرقى تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ھىساپلىنىدۇ.ئانىلارنىڭ پەزىلەتسىزلىكى،بۇلۇپمۇ ئەخلاقسىزلىقى پەرزەنتكە بىلىنگەن كۈن-پەرزەنتىنىڭ قاباھەت ئىچىدە قالغان كۈنىدۇر،شۇنداقلا ئانىنىڭ روھايىتى تۈگىگەن كۈنىدۇر،چۇنكى ئانىلارنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتى ئۈزىنىڭ نۇمۇسى پەرزەنتىلىرىنىڭ ۋىجادىنى،جورىسىنىڭ  ئۈمۇتى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولغاچ، بۇنداق ئەخلاق ئاياللار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىسا بۇنىڭ ئائىلە ۋە پەرزەنت تەربىيسىگە بۇزغۇنچىلىقى ئانىلار ئويلىغاندىن نەچچە ھەسسە زور بولىدۇ.
بۇنى ئەجداتلىرىمىز بۇرۇندىللا تۇنۇپ يىتىپ،نۇرغۇنلىغان پەندى-نىسەھەتلەرنى بىزلەرگە قالدۇرۇپ كەتكەن.بىزدە<.قىزىنى ئالماي ئانىسىنى ئال>>دەيدىغان مەشھۇر سوز بار.بۇنىڭدىن ئاياللارغا قويۇلغان شەرتنىڭ ئاددى ئەمەسلىگىنى كۈرىۋېلىش تەس ئەمەس.بۇ ھىكمەتتە خۇتۇن ئېلىشقا توغرا كەلگەندە چۇقۇم  شۇ قىزنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقى بىلەن ھىساپلىشىپ،ئائىلەسى پەزىلەتلىك بولغان ئائىلىنىڭ قىزىنى ئېلىشنى تەۋىسىيە قىلىدۇ.يەنە بۇ يەردە شۇنىمۇ كۈرۈۋېلىش كېرەككى قىزنى ئالماي ئانىسىنى(ئاپىسىنى) ئېلىش شۇ قىزنى تەربىلىگەن ئانىسىنىڭ ئەخلاقى-پەزىلىتىگە چەك قۇيۇپ،پەزىلەتلىك ئانىلارنىڭ تەربىلىگەن قىزىنى ئېلىشنى تەۋىسىيە قىلىدۇ.بىنىڭدىن ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى رۇلىنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ ئىكەنلىگىنى كۈرىۋالغىلى بۇلۇدۇ.
<<قابۇسنامە>>دە قانداق خۇتۇن ئېلىش توغرىسىدىكى باياندا مۇنداق ئىبارىلەر ئۇچرايدۇ<<...ئەي ئوغۇل خۇتۇنۇڭ بالاغەتكە يەتكەن ھەم ئەقىللىق بۇلۇشى كېرەك.ئۇ ئۆي تۇتۇش يوللىرىنى بىلسۇن،بەك ياش بۇيىغا يەتمىگەن كىچىك قىزنى ئالما،پەقەت مەرت(ياخشى ئوغلان)خۇتۇننى ئۆي ئىشلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئالىدۇ،جىما(جىنسى تۇرمۇش)ئۈچۈنلا ئالمايدۇ...>>
بۇنىڭدىن بىز مەڭگۇلۇك جورىنى تاللاشتا قاتتىق دىققەت قىلىشىمىزنىڭ لازىملىغىنى چۈشىنىۋالالايمىز يەنە خۇتۇن كىشىلەرنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى،ئوي ئىشلىردىكى رولىنىڭ مۇھىملىغىنىمۇ ھىس قىلالايمىز.يۇقىردىكى باياندا مۇنداق ئۈچ قاتلاملىق مەنە ئوترىغا قۇيۇلغان.بىرسى سىز ئالماقچى بولغان قىزنىڭ يېشى،يېشى بەك كىچىك بولۇپ قالسا ئوي ئىشلىرىنى قىلالمايلا قالماستىن بەلكى بالا تۇرۇپ بالا تۇغۇپ،بۇ بالىنى ياراملىق تەربىلىيەلمەيدىغانلىغى،شۇنداقلا جىسمانى جەھەتتىن نابۇت بۇلۇپ،يەنىلا ئوي ئىشلىرى ۋە بالا تەربىلەشنىڭ ھۆدىسىدىن چىقالمايدىغانلىغى ئوترىغا قۇيۇلغان.ئىككىنچى بىرسى بولسا ئايال كىشىنىڭ ئۆينى ئويدەك تۇتۇشى ئوترىغا قۇيۇلغان بۇلۇپ،بىز ئالماقچى بولغان ئاياللارنىڭ ئۆي تۇتۇشقا ئىپى بۇلۇشى تەلەپ قىلىنغان.ئۆي تۇتۇشقا،ئۆي ئىشلىرىنى ياخشىلاشقا ماھىر ئاياللار چۇقۇمكى پەرزەنتىلەرنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيىلىيەلەيدۇ دەپ قارىلىپ،ئىشچان چىۋەر بولۇشنىڭ لازىملىغى ئوترىغا قۇيۇلغان.ئۈچۈنچى بىر مەنىسى بولسا ئايال كىشىنى پەقەت جىنسى تۇرمۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆمۈرلۈك ھەمرا سۈپىتىدە تۇرۇپ ئويلاپ ئېلىشنىڭ لازىملىغىنى تەكىتلىگەن بۇنداق بولغاندا ئاياللار جىنسى قۇللۇقتىن قۇتۇلۇپ،ئۈزىنىڭ بارلىغىنى ئائىلە ۋە پەرزەنتىلەر ئۈچۈن بېغىشلايدىغانلىغىنى،شۇڭا ئاياللارنى ئانىلارنى كەمسىتىدىغان ئىللەتلەردىن خالى بۇلۇپ،ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ،ئۇلار بىلەن بىرگە باراۋەر ئاساستا ئائىلە قۇرۇپ پەرزەنت تەربىلەش ئوترىغا قۇيۇلغان.
ئاياللارنىڭ پەزىلىتى ۋە پەرزەن تەربىلەشتىكى رۇلىنىڭ مۇھىملىغىنى نەزەرگە ئېلىپ يۇقارقى كىتاپتا قانداق پەزىلەتلىك ئاياللارنى ئېلىش مەسىلىسى مۇنداق ئوترىغا قۇيۇلغان<<...خۇتۇنۇڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ،مەكتەپنىڭ توغرا تەربىيەسىنى ئالغان،ئۆي تۇتۇش تەبىرلىرىنى ئۈگەنگەن بولسۇن.بۇنداق قىز قولۇڭغا كىرەر بولسا،ئۇنى ئېلىشتا بىپەرۋالىق قىلما،ھىچ ۋاقىت خۇتۇنىڭغا يامانلىق قىلما...ساڭا خۇتۇنىڭدىن ياخشى دوست بولمايدۇ...>>.
يۇقارقىلاردىن بۇنداق بىر ھەقىقەتنى بىلىۋالىمىز ئائىلىنىڭ يادۇرۇسى،پەرزەنتىمىزنىڭ ئانىسى،بولغان كىشى چۇقۇم مۇۋاپىق تەربىيەگە ئىگە بولغان بۇلۇشى كېرەك.بۇ تەربىيە مۇنداق ئىككى چوڭ جەھەتتىن ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇشى لازىم.بىرسى بۇ ئانا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرى،ئوي تۇتۇشنىڭ يوللىرى،ئىرىگە سادىق بولۇشنىڭ يوللىرى،پەرزەنتىگە كۈيۈنۈشنىڭ يوللىرى ئائىلە مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ تۇرۇشتىكى يوللىرىنى ئۈگەنگەن بولۇشى كېرەك.ئىككىنچى بىرسى ئۇ چۇقۇم جەمىيەتتىكى تۇرلۇك ئىشلار،كۆز قاراشلار ،بىلىش مەسىلىلىرى ۋە ئېتىقات قاراشلاردىن سېسىتمىلىق تەربىلەنگەن بۇلۇشى كېرەك.نىمە ئۈچۈن قېدىمقىىلەر ئاياللارنىڭ قانداق تەربىلىنىش مەسىلىسىنى مانا مۇشۇنداق مۇككەممەل ئوترىغا قۇيالىغان،بۇ يەنىلا ئاياللارنىڭ ئائىلە ۋە پەرزەنت تەربىلەش رۇلىنىڭ مۇھىملىغى تەرىپىندىن بەلگىلەنگەن.
يەنە شۇ كىتاپتا <<ئەگەر پەرزەنتىڭ بولسا،بىرىنچىدىن ياخشى ئىسىم قوي،ئىككىنچىدىن ئىمكانىيەت بولسا  بالىنى ئەقىللىق ۋە مىھرىۋان تەربىيەچى خۇتۇنغا تاپشۇر>>دىيىلگەن.
بۇ ھۈكۈمدىن بىز ئانىلاردا چۇقۇم ئەخلاقى پەزىلەتنىڭ بولىشىنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىگە بولغان تەسىرىنى يەنە بىر قېتىم تۇنۇپ يەتەلەيمىز.ئۇنداق بولسا ئاياللار قانداق پەزىلەتلەرنى ئۈزىدە مۇجەسەملىگەندە ئاندىن پەرزەنتىلىرىنى ياخشى تەربىلىيەلەيدۇ؟
سەييىد سۇلايمان نەدۋىي نىڭ<<ھەزىرىتى ئائىشە>>دىگەن تەرجىمىھال خارەكتىرلىك ئەسىرىدە ھەزىرىتى ئائىشەنىڭ ئاخلەقى ۋە پەزىلىتى ئوترىغا قۇيۇلغان بۇلۇپ،ئەخلاقى دىگەندە ئۇنىڭ ياخشى مىجەز ئادەتلىرى،پەزىلىتى دىگەندە ئۇنىڭ بىلىش دەرجىسى كۆزدە تۇتۇلغان.
ھەزىرىتى ئائىشەنىڭ يىتىشتۈرگەن ئەخلاقىنى  تۈۋەندىكى تەرەپلەرگە يىغىنچاقلىغان.يەنى كىتاپتا<<ھەزىرىتى ئائىشە-پىداكار،،پەرزەنتىلىرگە كۇيۇنۇش روھى(ئۇ پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن بولسىمۇ)،ئىتائىتى،غىيۋەت ۋە باشقا ناچار ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى،ئېھساننى قۇبۇل قىلماسلىغى،ماختىلىشتىن خۇش بولماسلىغى،ئىززەت-غۇرۇرىنى ساقلىشى ۋە قوغدىشى،جاسارىتى،مەرتلىگى،رەھمىدىللىكى ۋە ئاللادىن قورقۇشى،قۇللارغا شەپقىتى،يوقسۇللارغا يەردىمى،ئەرلەردىن ھايا قىلىشى>>.
پەزىلىتى دىگەندە يۇقارقى كىتاپتا يەنە<<ئاللا بىلەن قەسەم قىلىمەنكى پىشقەدەم ساھىبىلەرنىڭ ھەزىرىتى ئائىشەدىن ئىسلامنىڭ ئەككاملىرىنى سورىۋاتقانلىغىنى كۆردۇم >>دىگەن ئائىشەنىڭ شاگىرتىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن.يەنە زۈبەيرىنىڭ ئوغلى ئۇرۋە مۇنداق دىگەن<<قۇرئانغا،ھالال-ھارامغا،ئىلىمگە،شىئېرىغا،تىبابەتكە،تارىخ ۋە نەسەب ئىلمىگە مۆمۈنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشەدەك يىتۈك كىشىنى كۆرمىدىم>>يۇقارقى بايانلاردىن ئانىلارنىڭ ھەم ئەخلاقلىق ھەم قابۇليەتلىك بولمىغى زۈرۈر ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىمىز.
بىزنىڭ ئانىلىرىمىز تۈۋەندىكىدەك ئەخلاقى پەزىلەتنى يىتىشتۈرۋېلىشى لازىم.
ئىپپەت-نۇمۇسلۇق بۇلۇش-بۇ ئانىلارنىڭ پەرزەنتىنى ياخشى تەربىلەپ چىقىشىدىكى ئەڭ مۇھىم پەزىلىتىنىڭ بىرسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇنداق ئانىلار شەرمى ھايانى ئۈزىگە يار قىلىپ، نۇمۇسنى،ئاھانەتنى ئۈزىنىڭ ۋىجدانى ئۈستىگە قۇيۇپ ئويلىيالايدىغان پەرزەنتىلەرنى تەربىلەپ چىقالايدۇ.بۇنداق پەرزەنتىلەر شەرمى-ھايا  پاك ۋىجدان بىلەن ياشايدۇ.ئانىدا ھاياسىزلىق كۆرۈلسە بالا ئەلۋەتتە بەتنىيەت بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.
بارلىغىنى ئائىلىگە ۋە كەسىپكە بېغىشلىشى كېرەك-بۇنداق ئاياللار مەسئۇليەتچان بۇلۇپ،ئائىلە مەسئۇليىتى بىلەن جەمىيەت يۈكلىگەن مەسئۇليەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدۇ،ئىككىسىنى جانلىق بىرلەشتۈرەلەيدۇ.بۇنداق مەسئۇليەتچان ئەنىلار تەربىلىگەن پەرزەنتىلەر تەبىئى ھالدا ئائىلە ۋە جەمىيەت ئالدىدا بەلگۈلۈك بۇرۇچىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ.
ئانىلار كۈيۈمچان بۇلۇشى لازىم.كۈيۈمچانلىق پەقەت ئېرى،پەرزەنتىلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىغى لازىم.يەنە بۇنداق كۈيۈمچانلىق ئاتا-ئانا،خۇلۇم خوشنىلار ،ئاجىز- ئۇرۇقلار ،ئەڭ مۇھىمى ئوغۇل تەرەپ ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەشتە ئىپادىلىنىشى كېرەك.بۇنداق كۈيۈمچانلىق ئىچىدە تەربىلەنگەن پەرزەنتىلەر باشقىلارغا غەمىورلۇق قىلىشنى ئۈزىگە مەجبۇريەت دەپ قاراپ،باشقىلارغا بەرگەن يەردىمى ئىچىدىن خۇشاللىق تاپىدىغان ئىسىل خىسلەتكە ئىگە بۇلۇدۇ.
ئانىلار جەسۇر بۇلۇشى كېرەك-ئانىلار جەسۇر،غەيرەتلىك ،قەيسەر بولسا ئۇ تەربىلىگەن بالا جاپا-مۇشەققەتتىن قورقىمايدىغان،مەينەت ئىشلار بىلەن شۇغۇللانمايدىغان ھەق ناھەق قارىشى كۈچلۈك،ۋىجدانلىق بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.بۇنداق پەرزەنتىلەر كەلگۈسىدە خەلىقنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قۇلىنى سۇۋۇتىدىغان پەزىلەتلىك كىشىلەردىن بۇلۇدۇ.
ئانىلار قۇرۇق گەپ ۋە غىيۋەتتىن نېرى تۇرۇپ،ئەمىلى ئىش قىلىشتەك ئەمىليەتچانلىقنى يىتىشتۈرۋېلىشى لازىم.بۇنداق ئانىلار تەربىلىگەن بالىلار مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنالايدىغان، قەتتئى پىكىر قىلىپ،مۇستىقىل قارار چىقىرىدىغان ئەقىللىق بولۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.ئۇنداقلار خەۋىپ - خەتەر ئۈستىدە تەمتىرىمەيدۇ،سوغۇق قان تەمكىن كېلىدۇ.
ئانىلاريەنە كەڭ قوساق بولۇشى لازىم.بەزى ئاياللارنىڭ قوسىقىغا بالا پاتقان بىلەن بىر تۈگمە پاتمايدۇ.بۇنداق ئاياللار كىشىلەرنىڭ بەخىتسىزلىك ئىچىدىن بەخت ئىزدەيدۇ.بۇنداق ناكاسچىلىقتىن ئانىلىرىمىز خالى بولىشى لازىم.سىز باشقىلارنى ھۆرمەت قىلسىڭىز ئۆزىڭىز شۇنچىلىك ھۆرمەت تاپىسىز،سىز باشقىلارنىڭ قايغۇسىدىن خۇشاللىق ئىزدىۋاتقان چېغىڭىزدا سىزگىمۇ شۇ قايغۇنىڭ كېلىدىغانلىغىدىن بىخەۋەر قالماڭ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئانىلىرىمىز كەڭ قوساق بۇلۇشى،كۈندە زەھەر ئىچىپ تۇردىغان كۈرەلمەسلەردىن بۇلۇپ قالماسىلىغى لازىم.كەڭ قوساق ئانىلار تەربىلەگەن پەرزەنتىلەر چۇقۇمكى باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىنى كۈچۈرۋاتالايدىغان پەزىلەت ئىگىسىدىن بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.
ئانىلىرىمىزدا  ئاياللىق سالاپەت بۇلۇشى كېرەك.ئاياللىق سالاپەت ئاياللارنىڭ خاسلىغىنىڭ جېنى ھىساپلىنىدۇ.بۇنداق ئاياللىق سالاپەتكە ئىگە ئاياللىرىمىز تەربىلىگەن بالىلار ئۈزىدىكى ئىندۋىدال خارەكتىرىنى ياخشى نامايەن قىلالايدۇ.بۇ دىگەنلىك بۇنداق پەزىلەتلىك ئانىلار تەربىلىگەن قىزلاردا نازاكەت،ئوغۇللاردا جاسارەت يىتىشىپ چىقىدۇ.
ئانىلىرىمىز يەنە پەرزەنتىلىرىگە دىيىش زۈرۈر بولمىغان گەپلەرنى قىلماسلىغى،بۇنداق ئىشتا پۇرسەتنى تېپ باشقا ھەركەتلەر بىلەن پەرزەنتىنىڭ سەمىگە سېلىپ قۇيۇپ،پەرزەنتىنىڭ شۇ ئىش ئۈستىدە ئويلىنىشىغا پۇرسەت يارتىپ بىرىشى كېرەك.
ئانىلار يەنە پەرزەنتىلەرگە ئاتا نىسەھەتى بولىۋاتقاندا بالا تەرەپتە تۇرۇپ،ئاتاغا قارىشى چىقىشتىن قەتتى ھەزەر ئەيلىشى لازىم .ئۇنداق بولمىغاندا بالا ئانىنىڭ ھىمايچىلىغىدىن ئىبارەت بۇ قالقانغا تايىنىپ ،گەپ ئاڭلىمايدىغان قېلىن كىشىلەردىن بۇلۇپ قالىدۇ.بۇنداق قېلىن كىشىلەرنى باشقىلار كۆزگە ئىلمايدۇ.
ئانىلىرىمىز يۇقارقىدەك پەزىلەتلەر بىلەن بالا تەربىلىگەندە چۇقۇم ياراملىق پەرزەنت تەربىلەپ قاتارغا قۇشالايدۇ.ئۇنىڭ ئەكسىچە ئانىلىرىمىز نۇمۇسنى قايرىپ قۇيۇپ،ھەممە ئىشتا مىنىڭ بىلگىنىم ھىساپ دەپ بىشەملىك قىسا، بۇنداق ئانىلار تەربىلەپ يىتىشتۇرگەن بالىلارنىڭ كەلگۈسى خىرە،ئۈزى گۇمراھ بۇلۇپ،كەلگۈسىدە جەمىيەتكە يۈك بۇلۇپ،كىشىنىڭ قۇلىغا قاراپ ياشايدىغان كەرەكسىزلاردىن بۇلۇپ چىقىدۇ.
بىلىم ئېلىش مەسىلىسىدە ئانىلىرىمىز كەڭ دائىرىدىكى ئەخلاقى بىلىملەرگە،ئەنئەنىۋى بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشتىن سىرت مۇكەممەل پەننى بىلىمگە ئىگە بۇلۇشى كېرەك بۇ ئانىلىرىمىزدىكى بىر پەزىلەت بۇلۇپ نامايەندە بۇلىشى لازىم.چۈنكى ھەر بىر ئانا مىللەتنىڭ ئانىسىدۇر.
3.ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەخلاقى بىلىشى
يۇقىرىدا بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى رۇلى ۋە ئورنى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىمىزنى ئوترىغا قۇيۇپ ئۆتتۈق،ئەمدى تۈۋەندە ئاتا-ئانىلاردىكى ئاشۇ ئەخلاقى پەزىلەتنىڭ ئەخلاقى پەزىلەت نوقتىسىدىلا تۇرۇپ قېلىپ،يۇكسەكلىككە(بىلىش دەرجىسىگە)كۈتۈرۈلمىسە بۇنىڭ رولىنىڭ بىز دىگەندەك چوڭ بولمايدىغانلىغى،شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچى چۇقۇمكى ئۈزىدىكى ياخشى خۇسۇسىيەتلەرنى بىلىش بىلەن جەمىيەت ئەخلاقى(ئىجدىمائى ئەخلاقىنى)بىلىش ۋە ئىككىسىنى جانلىق بىرلەشتۈرۈپ ئەخلاقى بىلىش دەرجىسىگە كۈتۈرۈش ئۈچۈن تىرشىشى لازىم.بىزدىكى ياخشى خىسلەتلەر ئەخلاقى بىلىش دەرجىسىگە كۆتۈرۈلمىسە بىز ،كىشىلەر كۆزگە ئىلمەيدىغان بىر توپ <<يىمشاقلار>>غا ئايلىنىپ قالىمىز-دە بىزنىڭ پەرزەنتىلىرىمىزنى ياراملىق تەربىلەپ چىقىمىز دىگەن گىپىمىز قۇرۇق نەزىريە بۇلۇپ قالىدۇ.
<<جۇڭگۇ ۋە چەتئەللەردىكى مەشھۇر پەيلاسۇپلارنىڭ ھىكىمەتلىردىن>> دىگەن كىتاپنىڭ 2-قىسىمىدا<<ئەخلاق ئەقىلدىكى كەمتۈكلۈكنى تۇلۇقلايدۇ،ئەمما قانداق نەرسە ئەخلاقتىكى كەمتۈكلۈكنى تۇلۇقلايدۇ؟ ››دىگەن سۇئال ئۆترىغا قۇيۇلغان،بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ،ئەخلاقتىكى كەمتۈكلۈك نىمە؟ئەخلاقتىكى كەمتۈكلۈك ئە‎خلاقنىڭ بىلىش دەرجىسىگە كۈتۈرۈلەلمىگەنلىكى،ئۇنداقتا ئەخلاقتىكى كەمتۈكلۈكنى نىمە تۇلۇقلايدۇ؟بۇنى بىر ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلىغادا- بىلىش،يەنى ئەخلاقى بىلىش ئەخلاقتىكى (ئۈزىدىكى)كەمتۈكلۈكنى تۇلۇقلايدۇ دەپ ھۈكۈم قىلىشقا ھەقلىقمىز.چۈنكى ھەرقانداق شەيئى ئۈزىدىكى ئاجىزلىق(كەمتۈكلۈك)نى تۈگۈتۈش ئىختىدارىغا ئىگىدۇر.
ئۇنداقتا ئەخلاقى بىلىش دىگەن نىمە؟
بىز بۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرىشتىن ئىلگىرى <<ئەدەپنامە>>نىڭ 145-بىتىدىكى مۇنۇ قۇرلارغا قاراپ باقايلى:<<ئەخلاق ئىنسانلارنى ياخشىلىققا چاقىرغۇچى،يامانلىقتىن قايتۇرۈۇچى ئىلىمدۇر...ئەخلاق ئىلمىنى ئۇقۇپ بىلىپ،ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان كىشىلەر،ئۈزىنىڭ كىم ئىكەنلىەىنى،جانابىي ھەق نىمە ئۈچۈن ئۈزىنى ياراتقانلىغىنى،يەر يۈزىدە نىمە ئىش قىلىش ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىغىنى بىلىدۇ.بىر كىشى ئۈزىنى چۈشەنمىسە،ئىلىمنى،ئۆلۈمنى،ياخشى كىشىلەرنى،ياخشى نەرسىلەرنى،ياخشى ئىشلارنىڭ قەدرىنى،قىممىتىنى بىلمەيدۇ.ئۆز ئەيىپىنى بىلىپ،ئىقرار قىلىپ،ئۇنى تۈزۈتۈشكە ئەسدايىدىل كىرىشكەن ۋە جەزىم قىلغان كىشى چىن باھادىر پەلۋان كىشىدۇر.رۇسۇلى ئەكرەم نەبىي مۇھتىرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام:<مىزان تارازىسىغا قۇيۇلىدىغان ئەمەللەرنىڭ ئىچىدە ياخشى خۇلۇقتىن ئېغىرراقى يوقتۇر،مۆمۈن بەندە ياخشى خۇلقى سەۋەپلىك ئۇلار كېچە-كۈندۈز ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىپ،روزا تۇتقان كىشىلەر دەرجىسىگە يېتىدۇ>دەيدۇ...>>يۇقارقىلاردىن ئەخلاقى بىلىشنىڭ بىشارەتلىرىنى كۈرىۋېلىشقا بۇلۇدۇ.
ئەخلاقى بىلىش دىگىنىمىز - كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى تەربىيە ئارقىلىق ،ئۈزىنىڭ ئەقىل-ئىدىرىككە تايىنىپ،نىمىنى قىلىش ،نىمىنى قىلماسلىق،قانداق قىلىش،ئۈزىنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى،ئۈزىنىڭ قانداق مەسئۇليەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ،قانداق مەسئۇليەتلەرنى ئادا قىلىشنىڭ زۈرۈرلىگىنى بىلىپ،ئەخلاقنى ئېقىل(بىلىش)ھالىتىگە يەتكۈزۈش،ئاساسىدا باشقىلارنى(پەرزەنتىلىرى ۋە غەيرى پەرزەنتىلىرىنى) تەربىلەش جەريانىدىن ئىبارەت.
بىزنىڭ بۇ ھۇكىمىمىزدىن  تۈۋەندىكىلەرنى كونكىرتلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
بىرسى ئەخلاقى تەربىيە ئارقىلىق بىلىم ئېلىپ،ئەخلاقى ئاڭ يىتىلدۈرش مەسىلىسى.ئىككىنچى-ئۈگەنگەن(يىتىشتۈرگەن) ئەخلاقى بىلىمىنى ئەقىل ئىدىرەككە تايىنىپ بىلىش دەرجىسىگە كۈتۈرۈپ ئۈزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئىش ھەركەتلىرىگە تەسىر كۆرسۈتۈپ،ئەخلاق ئارقىلىق يامانلىقنى تىزگىنلەشنىڭ زۈرۈرلىگى.ئۈچۈنچىسى بو-كىشىلەر نىمىنى قىلىش ،نىمىنى قىلماسلىقتەك ھەق-ناھەق مەسىلىسىگە نىسپەتەن قارىشىنى كەسكىن ئوترىغا قۇيۇپ،جەمىيەت ئالدىدا ئۈستىگە ئالغان،جەمىيەت يۈكلىگەن ۋەزىپىلىرىنى ئادىمىلىكنى ئاساس قىلىپ ،ئورۇنلاش،يەنە بىرسى بۇ ئەڭ مۇھىم نوقتا بۇلۇپ،ئۈزىنى بىلىش ئاساسىدا ياخشى خۇلۇق يىتىلدۈرۈپ،كىيىنكى كىشىلەرنى ياخشى خۇلۇق بىلەن تەربىلەپ،پەرزەنتىلەردە ئەجدادىغا تىۋىنىدىغان،ئەجدادى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىسىل ئەنئەنە،ئىسىل مەدىنىيەت مىراسلىرى،ئىسىل ئەخلاقى پەزىلىتىگە ۋارىسىلىق قىلىش ئاساسىدا ئۈزىنى ،مىللىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا،تۆھپە قۇشىدىغان ئىسىل پەزىلەتنى يىتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.
بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسىدىن قارىغاندا ئەخلاقى بىلىش مەسىلىسى تېخى ھەممە كىشىلەردە يىتىلىپ كەتمىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئەخلاقى تەربىلىنىشنى كۈچەيتىشىمىزلازىم.ئەك ئادىسى سەۋرى قىلىپ،ئۈزىنى بېسىۋېلىپ زۈرۈر بولمىغان تۇقۇنۇشلاردىن ساقلىنىپ،باشقىلارنى توغرا يولغا باشلاشمۇ ئەخلاقى بىلىش ھىساپلىنىدۇ.ئەڭ ئاددى گەپ بىلەن دىگەندە ئەخلاقى بىلىش-ئەخلاقى-پەزىلەتنى ئەمىليەتتە قوللىنىش ۋە ئىشلىتىش دىگەنلىكتۇر.
ئۆز ئىشلىرىنى،جەمىيەتنىڭ ئىشلىرنى ۋە باشقىلارنى ئېقىل ئارقىلىق كونتۇرۇل قىلىش ئەخلاقى بىلىشنىڭ يەنە بىر يۈكسەك نوقتىسى ھىساپلىنىدۇ.
بەزىلەر ھەرقانداق مەسىلىگە دۇچ كەلسە ھىسىيات ۋە قىزىق قانلىقنىڭ كۈچى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۇرنىدۇ.تولا چاغلاردا بۇ كىشىلەرنىڭ پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالماي قېلىۋاتقانلىغىنى كۆرىمىز.مانا بۇ ئەقىلسىزلىقتۇر.
<<جۇڭگۇ ۋە چەتئەللەردىكى مەشھۇر پەيلاسوپلىرىنىڭ ھىكىمەتلىرىدىن>>دىگەن كىتاپنىڭ 2-قىسىم 6-بىتىدە مۇنداق بىر ھىكايە بار.بۇ ھىكايىنى مۇشۇ يەرگە قىستۇرۇشنى زۈرۈر دەپ قاراپ،بۇ يەردە بايان قىلدۇق.
<<ئاياغ كىيىش سەرگۈزەشتىسى
يېڭى بېتىگە كەيگەن ئادەم يول يۈرگەندە بېتىنگەمگە لاي چاچراپ كەتمىسۇن،دەپ ئەنسىرەيدۇ.بىراق بىخەستەلىك قىلىپ،بېتىنكىسى مەينەتلەشكەندە بۇرۇنقىدەك ئاۋايلاپ كەتمەيدۇ-دە،لاي پاتقاقنى كىچىپ مېڭىۋەرىپ،بېتىنكىنى كۆرۈمسىز قىلۋاتىدۇ.
ياشلارمۇ ئۈزىگە يامانلىقنىڭ چاڭ تۇزانلىرى قونمىغان چاغدا يامانلىقتىن ئۈزىنى تارتىدۇ،يامانلىققا كۈنۈپ قالغان چاغدا ھەممە يامانلىقنى يۇقتىرۇۋېرىدۇ.....تۇرمۇشقا يېڭىلا قەدەم باسقان ياشلار-يېڭى ناتۇنۇش يولغا كىرگەندە،ئۈزىنى ئاجايىپ ، خۇشال ھىس قىلىدۇ،قەدىمى شۇنچە چاققان بۇلۇدۇ.بارغانچە ئۇزاپ كېتىدۇ.ئەمما بۇ چىغىر يولدىن چوڭ يولغا قايتىپ كەلەي دىگەندە قانداق قايتىشنى بىلەلمەي قالىدۇدە يولنى تاكى ئۈزىنى نابۇت قىلغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇدۇ>>
بۇ يەردە ئىش قىلىشتىن ئىلگىرى شۇ ئىش ئۈستىدە ئەسدايىدىل ئويلىنىپ پىكىر قىلىپ،مۇمكىن بولغاندا كېڭىشىپ قىلىشنىڭ زۈرۈرلىگى ئوترىغا قۇيۇلۇپ ھىسىيات بىلەن قىلغان ئىشنىڭ نەتىچىلىك بولمايدىغانلىغى كۈچلۈك دەلىللەنگەن.
ئاتا-ئانىلار چۇقۇم ئىبرەتلىك مەسىلەردىن ساۋاق ئېلىپ،ئۈزىنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتىنى ھىسسىي بىلىش باسقۇچىدىن ئەقلى بىلىش باقۇچىغا كۈتۈرىشى كېرەك.مۇشۇنداق قىلغاندا ئۆز پەرزەنتىلىرىگە ئوڭۇشلۇق ھالدا ئادەم بۇلۇشنىڭ يوللىرىنى كۈرسۈتۈپ،ئۇلارنى ياراملىق قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ.<<ئەدەپنامە>>دە <<ئىنسان ئىككى نەرسىدىن تۈزۈلىدۇ:بىرى تەن،ئىككىنچىسى نەپەس.تەن كۆز ئارقىلىق بارلىق نەرسىنى كۈرۈدۇ،ئەمما نەپەس ئىدىراك بىلەن ياخشىنى ياماندىن،ئاقنى قارىدىن ئايرىيدۇ.بۇلارنىڭ سۈرىتى-يا ياخشى،يا يامان سۈرۈتلىك بولىدۇ..>>دىيىلگەن بۇنىڭدىن بىز ياخشى خۇلقىمىزنى نامايەن قىلىپ،كىشىلەرنى يامانلىقتىن ياخشىلىققا يىتەكلىشىمىزنىڭ نەقەدەر مۇھىملىغىنى ھىس قىلىشىمىز لازىم.ئاتا-ئانا بولغۇچىلار چۇقۇم بۇ نوقتىنى گەۋدىلەندۇرۇپ،ئۆزلىرىدىكى نەكاسلىقنى تۈگىتىپ پەرزەنتىلىرىنى ياخشى تەربىلىش ۋە پەرزەنتىلىرىگە مۇكەممەل ئۈلگە بۇلۇشى لازىم.
ئاتا ئانىلار بۇنىڭ ئۈچۈن تۈۋەندىكى تەرەپلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
ئاتا-ئانىلەر نىمىنى قىلىش نىمىنى قىلماسلىقنى ئوبدان بىلىشى لازىم.مەيلى جەمىيەت ئىشلىردا بولسۇن،مەيلى ئائىلە ئىشلىرىدا بولسۇن ئاتا ئانىلار دادىللىق بىلەن ياخشى يامان ئۈستىدىن ھۈكۈم چىقىرىپ،قىلىدىغاننى چۇقۇم قىلىش ،قىلىشقا بولمايدىغانلىرىنى چۇقۇم قىلماسلىق شۇ ئاساستا پەرزەنتىلىرىگە تەلىم بىرىپ پەرزەنتىلەرنىڭ ھەق ناھەق قارىشىنى تۇرغۇزۇش،ئاخىرقى ھىساپتا پەرزەنتىلەرنىڭمۇ دادىل ھۇكۈم قىلىش ئىقدىدارىنى ئۆستۈرۈپ،پەزىلەت ئىگىلىرىنى يىتىلدۈرۈش لازىم.
ئاتا-ئانىلار يەنە ۋىجدانى بىلەن ياشىشى لازىم.ھەرگىز قىيىنچىلىق ئالدىدا،مۇھتاچلىق ئالدىدا ۋىجدانىنى ساتماسلىق،ئۈزىنىڭ ئادىمىلىكىنى دەپسەندە قىلماسلىق،ئۆتۈنۈش توغرا كەلگەندە ئىشنىڭ خارەكتىرى ۋە نەتىچىسىنى ياخشى ئويلاپ ئۆتۈنۈش لازىم.ئاتا-ئانىلار ھەرقانداق ئىش قىلغاندا ئۈزنىڭ ۋىجدانىدىن يول قۇيۇدىغان قويمايدىغانلىغىنى سوراپ كۇرۇش،ئۈزىنى ھەر چاغ ،ئۈزىنىڭ ۋىجدان سوتىنىڭ تارازىسىغا سېلىپ تەڭشەپ تۇرۇشى كېرەك.بۇنداق ئاتا-ئانىلار تەربىلەپ يىتىشتۇرگەن پەرزەنتىلەر ئەخلاقلىق، ۋىجدانلىق بۇلۇپلا قالماي،ئەڭ مۇھىمى ئۈزىنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى ياخشى بىلۈدۇ.بۇلار كىيىنكى چاغلاردىمۇ ۋىجدانسىزلىق،يۈزى قارىلىق قىلىشتەك پەسكەشلىكلەردىن خالى بۇلۇدۇ.
ئاتا-ئانا(ئەر –خۇتۇنلار)ئۆز-ئارا بىرى بىرىنى ھۆرمەت قىلىپ،كەڭەش بىلەن ئىش قىلىپ،قايسىنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق بولسا شۇنىڭكى بۇيۇچە ئىش كۈرۈپ،ھەمكارلىشىپ،ئىگىلىك يارتىش ۋە ھەمكارلىشىپ پەرزەنت تەربىلەشتەك بۇ مۇھىم مەسئۇليەتنى بىرلىكتە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.بۇنداق ئاتا-ئانىلار تەربىلىگەن پەرزەنتىلەردە توغرا خاتانى پەرقلەندۈرش ئىقدىدارى يىتىلىپلا قالماي يەنە ھەمكارلىشىپ،كەڭىشىپ،مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلدىغان كۆللىكتىپ  بىرلىگى شەكىللىنىدۇ.شۇنداقلا مەسىلە يۈز بەرگەندە ئۈزىنىڭ خاسلىغىنىمۇ جارى قىلدۇرالايدىغان ،شەخسى بىلەن كوللىكتىپنىڭ ئاقىل-پاراسىتىنىڭ بىردەكلىكىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان ئىقدىدارنى يىتلدۈرۋالالايدۇ.
ئەخلاقى بىلىشنىڭ يەنە بىر مۇھىم نوقتىسى ھەممە كىشىلەرنى ئۈزىنىڭ قان-قېرىداشلىرى دەپ بىلىش.بۇ ئەخلاقى بىلىشنىڭ يۈكسەك نوقتىسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ،ئاتا-ئانىلار چۇقۇم بۇنى پەرزەن تەربىلەشتىكى بىر مۇھىم ئەنگۈشتەر دەپ بىلىشى لازىم .مۇشۇنداق قىلغاندا پەرزەنتىلەرنىڭ  باشقىلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلىشتەك،باشقىلارغا يەردەم بىرىش،كۈيۇنۇشتەك،ئىسىل پەزىلىتىنى نامايەن قىلالايدۇ.بۇنداق تەربىلەنگەن پەرزەنتىلەر كىشىلەر ئارسىدا ھۆرمەت تېپىپ،كىيىنكى ۋاقىتلاردا كىشىنىڭ قۇلىغا قالاپ قالمايدۇ.بۇ بىر ھەقىقەت.بۇنىڭ ئەكسىچە بولسە تۈۋەنكى ھىكايىدىكىدەك ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ
ھىكايەت:
بىر ئاچ تۈلكە ئۇزۇق ئىزدەپ ئۇۋىسىدى چىقىپ،ھەر تەرەپكە سوكۇلداپ كىتىۋېتىپ، بىر تېرىگە ئۇچراپتۇ ۋە دەرھال ئۇۋىسى تەرەپكە سۆرەپتۇ.شۇ ئەسنادا يەنە ئۇنىڭغا سىمىز تۇخىلار ئۇچراپتۇ.تۈلكىنىڭ تۇخى يىگۈسى كەپتۇ،بۇ چاغدا تۇلكە تېرىنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ تۇخىنىڭ كۇيغا چۈشۈپتۇ.شۇ چاغدا بىر چىل بۈرى يىتىپ كىلىپ:
-ساڭا نىمە ھادىسە يۈز بەردى بارادەر دەپ سوراپتۇ
-ماڭا ئۈزەمنىڭ نىيىتىدىكىدەك نىممەت ئۇچرىدى دەپتۇ تۈلكە ،
- نەچچە كۈندىن بىرسى مەنمۇ ئاچ يۈرەەتتىم دوپتۇ چىل بۈرە.ھەم بۇ تۇخىلارنى  ئىگىسى بەك چىڭ مۇھاپىزەت قىلۋېتىپتۇ دوپتۇ يەنە تېرەڭگە شۈككۈرى قىلىپ،بۇ نىيىتىڭدىن ۋاز كەچ دەپتۇ.
لىكىن تۈلكى بۆرىنىڭ نىسەھەتىەگە قۇلاق سالماپتۇ.
بۆرە تۈلكىنىڭ گەپ ئاڭلىمىغىنىدىن ئاچچىقلاپ كىتىپ قاپتۇ.تۈلكە توخۇنىڭ قېشىغا بېرشىغا تۇخى ئىگىسىنىڭ ئاتقان چۇمىقى تىگىپ توكۇر بۇلۇپ قاپتۇ-دە تېرە ئىسىگە كىلىپ،تېرىنىڭ قېشىغا بىرىشىغا تېرىنى سا كۆتۈرۈپ ئۈچۈپ كىتىپتۇ،بۇنىڭدىن(ئەقىلسىزلىقىدىن)قاتتىق ئۆكۈنگەن تۈلكە كاللىسىنى يارگە شۇنداق قاتتىق ئۇرۇپتىكى،ئۇنىڭ مېڭىسى چاچراپ چىقىپ كىتىپتۇ. (كېلىلەۋە دەمىنە،244-بەتتىن ئېلىنىدى)
4.ئاتا-ئانىلارنىڭ بىلىمىنىڭ كەڭلىگى
ئائىلە ئەخلاقىنى مۈكەممەللەشتۈرۈشتە يالغۇز ئەخلاقى-پەزىلەت يەنە ئەخلاقى بىلىش بولسىلا بولمايدۇ.ئەخلاقى بىلىشنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشتە ئاتا-ئانىىلارنىڭ تايىنىدىغان ئەڭ مۇھىم قۇرالى يەنىلا پەننى بىلىملەردىن ئىبارەت.ئاتا-ئانىلارنىڭ بىلىش دەرجىسىنىڭ كەڭ-تارلىق ئائىلە ئەخلاقىنىڭ ساغلام پېزىلەتكە ئىگە بۇلۇشى ۋە بولالماسلىغى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.بۇنىڭ كۈچلۈك دەلىلى:
ئەدىپ ئەھمەت يۈكنەكىنىڭ <<ئەتەبەتۇلھەققايىق>>دىگەن مەشھۇر ئەسىرىدىكى تۈۋەندىكى بىيىتلاردۇر.
بىلىملىك كشى قىممەتلىك دىننار،
بىلىمسىز نادانلار قىممەتسىز ياماقتۇر.
بىلىملىك بىلەن بىلىمسىز ھىچقاچان تەڭ بولالمايدۇ،
بىلىملىك ئايال گۇيا ئەر،نادان ئەر گۇيا ئايالدۇر.

ئادەمدە بىلىم بۇلىشى سۈڭەكتە ئىلىك بولغانغا ئۆىشايدۇ،
ئادەمنىڭ زىننىتى ئېقىل بولسا، سۈەكنىڭ يىلىكتۇر.
بىلىمسىز كىشى ئىلىكسىز سۈڭەكتەك كاۋاك بولىدۇ.
ھالبۇكى،ئىلىكسىز سۈڭەككە ھىچكىم قول ئۇزارتمايدۇ.(خەۋىر تۈمۈرتەرجىمە قىلغان،42،43-بىيىتلار)

بۇ مەشھۇر ئەدىپىنىڭ بىلىملىك كىشىلەر بىلەن بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ قىممىتى ۋە جەمىيەتتە تۇتقان ئورنى رۇلى جەھەتتىكى قاراشلىرى.بۇنىڭدىن بىز چۇقۇم كىشىلەرنىڭ بىلىملىك بولغاندىلا ئاندىن ئىنسانىيەت دۇنياسىدا بىر كىشلىك ئۇرۇنغا ئىگە بۇلۇپ،ياشالايدىغانلىغنى چۈشىنىپ يەتەلەيمىز.12-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن بۇ ئۇلۇغ ئەدىپ بىلىم ئىگەنلەشنىڭ ئىسانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېتىياجى ئىكەنلىگىنى ئۆترىغا قۇيۇپ،بىلىمنىڭ خاسىيەتنى زور دەرجىدە ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنى 11-ئەسىردە ياشىغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلىم ئېلىشنىڭ مۇھىملىغىنى مۇنداق ئىزھار قىلغان.
<<بىلىم ئىگەنلىگەن ئادەم ئىشنى ياخشى قىلالايدۇ>>دەپ بىلىم بىلەن ئىش قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش بىلەن بۇنىڭ ئاقىلانىق ئىكەنلىگىنى ئوترىغا قويغان.يۈسۈپ خاس ھاجىپ<<بىلىم –كۈچ>> دىگەن ھۈكۈمنى ماركىستىن 500يىل ئىلگىرى ئوترىغا قويغان.(قەدىمقى ئۇيغۇرلار ۋەقارىخانلار-ھاجى نۇرھاجى415-بەت
يۇسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يۇقارقى ئىككى ھۈكىمىدىنمۇ بىلىم ئېلىشىنىڭ،بىلىم بىلەن قۇراللىنىشنىڭ ھەرقانداق ئىشنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىگىنى ،بىلىملىك كىشىنىڭ يىڭىلمەس كۈچ قۇدرەتكە ئىگە بولدىغانلىغىنى،قىسقىسى بىلىمنىڭ بىر ئەقىل،بىلىنىڭ بىر كۈچ،بىلىمنىڭ تەڭداشسىز بايلىق ئىكەنلىگىنى كۈرۈۋېلىش تەس ئەمەس.
يۇقارقى ئىلمىي ھۈكۈمدىن ئەجداتلىرىمىزنىڭ باشقا قەدىمقى مەدىنىيەتلىك مىللەتلەرگە ئوخشاشلا بىلىم ئېلىش جەھەتتە زور بايقاشلارغا ئىرىشىپ ئىنسانىيەت بىلىم خەزنىسىگە زور تۆپىلەرنى قوشقانلىغىنى بىلىۋالالايمىز.
يۇقارقى ھۈكۈلەرگە ئاساسلانغاندا پەرزەنتىنىڭ بىرىچى ئۇستازى،ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى مىللەتنىڭ نامايەنىدىسى بولغان ئاتا-ئانىلارمۇ ئۈزىنى بىلىم بىلەن قۇراللاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ،كەڭ ئىجدىمائى بىلىملەرنى ئىگەنلىشى،شۇ ئاساستا پەرزەنتىلىرىنىڭ بىلىم ئېلىشىغا شارايىت يارتىپ بىرىپ،ئۇلارنى ئىلىم-بىلىم بىلەن قۇراللاندۇرىشى ھەم شۇ ئاساستا تەربىلىشى لازىم.بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا ئانىلاردا تۈۋەندىكىدەك پەزىلەتلەر يىتىلگەن بۇلۇشى كېرەك.
ئاتا-ئانىلاردا كۈچلۈك زامان ۋە ماكان ئېڭى بۇلۇشى لازىم.زامان ماكان ئېڭى بولمىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ زاماننىڭ تەرەققىيادى ۋە ماكاننىڭ جان تۇمۇر ئىكەنلىەىنى بىلىش سەۋىيەسى بولمايدۇ.بۇنداق زامان ماكان ئېڭىدىن مەھرۇم قالغان مىللەت بەرى-بىر باشقا مىللەتنىڭ سىڭدۈرۈپ  كىتىشىگە قول قۇغۇشتۇرۇپ قالىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىز سەگەكلىك بىلەن زامان ۋە ماكان چۈشەنچىسىنى ئايدۇڭلاشتۇرۋېلىشى لازىم.بۇنداق سەگەك ئاتا-ئانىلار تەربىلىگەن پەرزەنتىلەردە تەخىرسىزلىك ئېڭى،يېڭىلىق يارتىش ئېڭى يىتىلىدۇ-دە ئۇلار زامانغا(دەۋرىگە) ماسلىشىپ،ئۈزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى نامايەندە قىلىدۇ.
ئاتا ئانىلاردا يەنە كۈچلۈك مائارىپ ئېڭى يىتىلگەن بۇلۇشى لازىم.ئاتا-ئانىلار چۇقۇم مائارىپنىڭ ئورنى،رولى ۋە ئۇنىڭ كىشلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ئەھمىيەتنى توغرا تۇنىشى لازىم.ئاتا-ئانىلارنىڭ پەننى بىلىمىنىڭ يۇقىرى-تۈۋەن بۇلىشى بىلەن ،ئاتا-ئانىلارنىڭ مائارىپقا تۇتقان پۇزۇتسىيەسى  ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ.مائارىپ ئېڭى يۇقىرى بولغان ئاتا-ئانىلار چۇقۇمكى پەرزەنتىلىرىنىڭ تەربىلىنىشىگە،ئەقلىگە دەسمايە سالىدۇ.بۇنداق شارايىت ئاستىدا تەربىلەنگە پەرزەنتىلەر ئۈزىنىڭ نىمە قىلىشنىڭ زۈرۈرلىگىنى ئۈزى بىلىپ،كەلگۈسىگە دادىل قەدەم تاشلىيالايدۇ.بۇنداق شارايىتتا ئوسۈپ يىتىلگەن پەرزەنتىلەرنىڭ ئەخلاقى بىلىشىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.قىسقىسى ئاتا-ئانا پەرزەنتىلىرى ئۈچۈن بىر ھايات ئۈلگىدۇر.
ئاتا-ئانىلار ئۈزىنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپلا قالماي يەنە قانداق قىلغاندا مىللەتنىڭ پەرزەنتىلەرنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۈتۈرگىلى بولىدۇ دىگەن مەسىلىنى قاتتىق ئويلىنىش كېرەك.بۇنىڭدا چۇقۇمكى قىزلارنى(ئانىلارنى)تەربىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش لازىم.چۈنكى ئانىلار پەرزەنتىلەرگە ئەڭ كۆپ ھەمرا بۇلۇپ،ئۇلارغا تەربىيە بېردىغان بىردىن-بىر كىشى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئانىلارنىڭ تەربىلىنىشنى نەزەرگە ئالمىغان مىللەت ئۈزىنىڭ كەلگۈسىنى ياراتالمايدۇ.شۇڭا ياھۇدىلارنىڭ تەرەققىيادىدىكى سىر-دەل ئۇلارنىڭ ئانىلارنى(قىزلارنى) تەربىلەشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىغىدىن ئىبارەت .
يۇقارقى قارىشىمىزغا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ<<ئەگەر ئىتلارغا ئارسىلان باش بولسا(تەربىلىسە)،ئىتلار ئارسىلان بۇلۇر.گەر ئىتلار باش بولسا ئارسىلانغا،ئارسىلانمۇ ئىتقا ئايلىنۇر>>دىگەن مەشھۇر سۆزىنى مىسال قىلىش مۇمكىن.
بۇ بىيىتتىن تەربىلىگۈچىلەرنىڭ قانداق بۇلۇشىنىڭ تەربىلەنگۈچىلەرگە شۇنداق تەسىر قىلىدىغانلىغىنى،شۇنىڭ ئۈچۈن تەربىيەنىڭ مەقسىدىگە يەتىمىز دىگەندە چۇقۇمكى تەربىلىگۈچىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى يۇقىرىش كۈتۈرىشىمىزنىڭ لازىملىغىنى كۈرىۋالىمىز.
ئاتا ئانىلار بىلگىنىنى چۇقۇم پەرزەنتىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشى،شۇ ئاساستا پەرزەنتىلەرنىڭ ئەتراپلىق تەرەققى قىلىشىنى قولغا كەلتۈرىشى لازىم.بىلىم ئېلىشتىكى مەقسەت ئۇنى ئىشلىتىشتە،ئەگەر ئىشلىتىلمىگەن بىلىم بولغىنىدا ئۇنىڭ ھىچقانداق قىممىتى نامايەن بولمايدۇ.بۇ خۇددى ئۆلۈك كىشىنىڭ ئۈزى بىلەن كەتكەن بىلىمىگە ئوخشايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىمىز بىلگىنىنى ئىشلىتىشتەك ئەڭگۈشتەرگە تايىنىپ،پەرزەنتىلىرىنىڭ تەرەققىيات يولىنىشىنى توغرا تەرەپتىن كۈرسۈتۈپ بىرىشى كېرەك.
ئاتا-ئانىلار بىلىمسىز بولسا پەرزەنتىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە زور تۇسالغۇ بولىدۇ.چۈنكى بىلىمسىز ئادام بىلىمنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ.بىلىمنىڭ قەدرىگە يەتمىگەن بۇنداق كىشىلەردىن قانداقمۇ ئۈمۈت كۈتكىلى بولىدۇ.پەرزەنتىنىڭ تەربىيەسىگە ئۇلار ئىگە بولالامدۇ؟تەربىلىنىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلالامدۇ؟ بۇنداق بۇلۇش مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى بۇنداق بىلىمنى سويمەيدىغان كىشىلەر بۇرنىنىڭ ئۈچنى كۈردىغان،كەلگۈسى يوق كىشىلەردۇر.
بۇ يەردە بىز ھەرقانداق ئاتا ئانىنى سېسىتمىلاشقان،ئالى،نەزىريەۋى بىلىملەر بىلەن قۇراللىنىپ،باللىرىنى ئاشۇ يۇسۇندا تەربىلىسۇن دىمەكچى ئەمەسمىز.(لىكىن كەلگۇسى نىشانىمىز شۇنداق)بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىمىز بولسا ئاتا-ئانىلار مەيلى ئەخلاقى جەھەتتىن بولمىسۇن ،مەيلى تۇرمۇش ئەمىليىتىدىن بولمىسۇن زۈرۈر بىلىشكە تىگىشلىك قايدا قانۇنىيەتلەرنى پىشىق ئىگەنلەپ،پەرزەنتىلەرگە قانداق ئادەم بۇلۇشىنىڭ يۇلىنى كۆرسۈتۈپ قۇيۇشتەك مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئېلىشى،ياكى ئۈستىگە ئالالايدىغان بۇلۇشى لازىم.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىجدىمائى بىلىمىنىڭ كەڭرى بۇلۇشى،پەرزەنتىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە بەلگۈلۈك تەسىرلەرنى كۈرسۈتۈپ،ئۇلارنىڭ دۇنيانى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈدۇ.
5.پەرزەنتىلەرگە ئەنئەنىۋى ئادەت تەربىيەسى بىرىشنىڭ مۇھىلىغى
پەرزەنتىلەرنى ئەنئەنىۋى ئادەت بىلەن تەربىلەش ماھىيەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتىلەرگە ئادەت تەربىيەسىنى سىڭدۇرۇشتىكى مۇھىم يوللارنىڭ بىرسى.ئادەت تەربىيەسى بەرگەنلىك تىگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ئەجدات تەربىيەسى ۋە نەسلەگە سېغىنىش بىلەن ئەخلاق، ئېتىقات تەربىيەسى بەرگەنلىك بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.چۈنكى بىزدە ساقلىنىپ كىلىۋاتقان گۈزەل ئەنئەنىلەرنى بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز تۇرمۇش تەجىربىلىرى،ئىجدىمائى ئەمىليەت جەريانلىرى ۋە بەلگۈلۈك ئېتىقاتنىڭ كۈچى بىلەن ياراتقان.
شەمسۇلمائالى قابۇسنىڭ‹‹قابۇسنامە›› دىگەن مەشھۇر ئەسىرىدە‹‹...پەرزەنتىڭ ئوغۇل بولسا خەتنە قىلدۇر،ئاندىن ئاندىن بىر ماھىر ئۇستازغا تاپشۇرۇپ،تەلىم تەربىيە ئالدۇرغايسەن.جۈملىدىن ئاتقا مىنىش...سۇ ئۈزۈش قاتارلىقلارنى ئۈگەتكەيسەن.››(يۇقارقى كىتاپ 91-،92-بەتلەر)دىگەن بايانلارنى ئۇچرىتىمىز.بۇنىڭدىن بىزنىڭ پەرزەنتىلىرىمىزگە ئەجداتلىرىمىز ياراتقان ھەرقانداق بىر ئەسقاتىدىغان مەدىنىيەت ئەنئەنىسىنى،ياخشى ،ھازىرقى زاماندىمۇ ئۈزىنىڭ خاسىيەتىنى يوقاتمىغان بىلىم(قايدە-يۇسۇنلارنى)ئۈگىتىشىمىزنىڭ زۈرۈرلىگىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس.
بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزمۇ دۇنيادىكى باشقا مەدىنىيەتلىك خەلىقلەرگە ئوخشاشلا ئۆچمەس مەدىنىيەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن.ئۇ مەدىنىيەتلەرنىڭ ھازىرغىچە داۋام قىلىپ،بىزگىچە يىتىپ كەلەلىشىدىكى سىر زادى نەدە؟بۇنىڭغا جاۋاپ بىرىش مىنىڭچە ئۇنچە تەس ئەمەس.بىرسى ئەجداتتىن-ئەۋلاتقۇچە بۇ ئىسىل مەدىنىيىتىمىزنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىپ،بىردىن بىرگە يەتكۈزۈپ داۋاملاشتۇرۇشتەك يېڭىلىق يارتىش روھىدا بولسا،ئىككىنچى بىرسى مەدىنىيەتىمىزنىڭ قىممىتىنىڭ دۇنيا مەدىنىيەتى تەرىپىندىن ئىتىراپ قىلىنغانلىغىدا.بۇنىڭ كۈچلۈك دەلىلى نۇرغۇنلىغان مەدىنىيەت يادىكارلىغىمىز ۋە كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزنىڭ تەرەققى قىلغان مەدىنىيەتلىك دۆلەتلەردە ئەتۋارلىنىپ ساقلىنىشى ۋە تەتقىقى قىلىنىشى،شۇنداقلا دۇنيانى بىلىشتە تېخىمۇ نۇرلىنىپ ئۈزىنىڭ خاسىيىتىنى نامايان قىلىشى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.(بۇ ھەقتىكى بىرىنچى قول ماتىرياللارغا دوكتۇر ئەسئەت سۇلايماننىڭ ئەسەرلىرى تېخىمۇ تۇلۇق جاۋاپ بېرەلەيدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە ئۇلارنى بىرمۇ-بىر ساناپ يۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق)
بىز دۇنيا ئىتىراپ قىلغان ئەنئەنىۋى مەدىنىيەتمىزنى قەدىرلىشىمىز،ئاسرىشىمىز ۋە ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات يەتكۈزۈشتەك مەسئۇليەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز لازىم.
ئەمىدى ئۆز گىپىمىزگە كەلەيلى،بىزنىڭ يۇقارقىدەك مەشھۇر ئەنئەنىۋى مىراسلىرىمىزدا بىز بىرىشكە تىگىشلىك ئادەت تەربىيەسىمى بەلگۈلۈك سالماقنى ئىگەنلەيدۇ.بىز ئۇنى تەكشۈرۈپ كوردىغان بولساق،ئادەمنىڭ قەدرىنى قىلىش،باتۇرلۇقنى تەشەبۇس قىلىش،يىمەك-ئىچمەك ئادەتلىرى،قايدە يۇسۇن،قىز-ئوغۇللار مۇناسىۋىتى،ئەر ئاياللار ئوترىسىدىكى پەدى-شەپ...بالىلار ئۇيۇنلىرى قاتارلىق بارلىق ساھىلەرگە بېرىپ چېتىلىدۇ.بىز بۇ ماقالىمىزدا ئادەت تەربىيەسى،بۇلۇپ ئاتا-ئانىلار بىرىشكە تىگىشلىك ئائىلە تەربىيەسى ئۈستىدە توختالماقچى بولغانلىغىمىز ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرىنىلا ئوترىغا قۇيۇپ ئۆتىشنى لايىق كۆردۇق.
بۇ توغرىدىكى قاراشلىرىمىزنى ئوترىغا قۇيۇشتىن ئىلگىرى باتۇر رۇزىنىڭ‹‹تەجەللى››دىگەن ئەسىرىدىكى تەجەللىنىڭ تىلىدىن بەرگەن مۇنۇ سۆزىنى كۈرۈپ ئۆتەيلى!
‹‹...ھۈسەيىن ئۈزىنىڭ ئۇيغۇرلىرىنى ئويلىدى.قاغان ئالىپ ئەر توڭانىڭ قۇمى سانالمىش ئۇيغۇرلار قەدىمىي مەدىنىيەت ياراتقان بۇيۇك قۇۋم.ئۇلارنىڭ مەدىنىيەتمۇ قەدىمقى يۇنان،رىم،مىسىر مەدىنىيەتگە ئوخشاشلا ئالەمشۇمۇل مەدىنىيەت.ئۇلارمۇ يىپەك يۇلىدىن ئىبارەت دۇنياۋى مەدىنىيەت ئالمىشىش ساماسىدا ئۆز مەدىنىيەتىنىڭ يىگانە ئەۋزەللىكلىرى بىلەن تالاي ئەسىرلەردىن بىرى يارقىن يۇلتۇزدەك چاقناپ كەلدى.ئۇلارنىڭ ئۇيۇن تاماششىلىرىدىن ،كىيىنىشلىردىن،بىناكارلىق ئەئەنىلىرىدىن تارتىپ تاكى ياشاش ئۇسۇلىغىچە،تۇرغان-پۈتكىنىنىڭ ھەممىسى ئاجايىپ بىر پەلسەپە...››(يۇقارقى كىتاپ،18-19-بەتلەر)
تەجەللىنىڭ تىلىدىن بىرىلگەن بۇ باياندىن بىز مەدىنىيىتىمىزنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ مۇكەممەلىشىپ كىلىۋاتقانلىغىغا كۈچلۈك دەلىل تاپالايمىز.شەرىق پەلىسىپە ساھىسىدە ئۇيغۇرلاردەك ئورۇن تۇتقان يەنە بىر مىللەتنىڭ يوقلۇقىغىمۇ ئىشەنمەي تۇرالمايمىز.بۇ سوزىمىز ئۈچۈن شەرىق پەلىسىپىسىنىڭ ئاتىسى-فارابىنى مىسالغا ئالساقلا كۇپايە.
باتۇر رۇزىنىڭ ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ ئويۇنلىرى،كىيىنىشلىرى،پۈتكۈل ياشاش ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسى بىر پەلسەپە ئىدى››دىگەن بۇ سوزى بىنىڭ ئائىلىدە ئادەت تەربىيەسى بىرىشىمىزنىڭ تەخىرسىزلىكىنى يەنە بىر قېتىم بىزگە ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.بىز ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىمىز بىلەن ھازىرقى زاماندىكى بىلىش نەتىچىلىرىمىزنى بىرلەشتۇرۇپ،پەرزەنتىلىرىمىزگە ئادەم بۇلۇشنىڭ يۇلىنى(ئادىمىلىكنى يىتىلدۈرۈشنىڭ يۇلىنى) ئۈگىتىش ئۈچۈن تىرشىشىمىز لازىم.
بىز ئائىلىدە بىرىشكە تىگەىشلىك ئادەت تەربىيەسى تۈۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.يۈرۈش تۈرۈشتىكى قايدە يۇسۇن،مىھماندارچىلىقتىكى قايدە يۇسۇن،ئۆلۈم ئۇزىتىشتىكى قايدە يۇسۇنللار،توي-تۈكۈنلەردىكى قايدە يۇسۇنلار،يىمەك-ئىچمەكتىكى قايدا يۇسۇنلار.ھېيىت-ئايەمدىكى قايدە يۇسۇنلار.كىيىم –كىچەك(كىيىنىش)توغرىسىدكى قايدە يۇسۇنلار.قىز-ئۆغۇللار ئارىسىدىكى قايدە يۇسۇنلار،ئەر ئاياللار ئوترىسىدكى قايدە يۇسۇنلار...تازىلىق ئادەتلىرى ،بالىلار ئويۇنلىرى ،قەيسەرلىك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولىشى كېرەك دەپ قارايمەن.
يۈرۈش-تۇرۇرۇشتىكى قايدە يۇسۇنلار-يۇرۇش-تۇرۇشمۇ ئادەمنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتىنىڭ قانداقلىقنى ئىپادىلەيدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرسى بولۇپ ھىسالىنىدۇ.بىز پەرزەنتىلىرىمىزگە بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان يۇرۇش-تۇرۇشتىكى قايدە يۇسۇنلارنى پىشىق بىلدۈرۈپ مىللەتنىڭ خاسلىقىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بىرىش بىلەن بىرگە يەنە كىشلىك قەدىر-قىممەتنىڭ ئىپادىلىرىنى ئىگەللىتىشىمىز كېرەك.
يۇرۇش تۇرۇشتە سىپايە بۇلۇش،غەيرى قىلىقلارنى قىلماسلىق،چوڭلار بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇلارغا سالام بىرىش،ئۇلاردىن ئەھۋالسوراش،ئۇلارنىڭ يەردەم قىلغۇدەك ئىشلىرى بولغاندا(شۇ مەيدانىنىڭ ئۆزىدە) تەشەبۇسكارلىق بىلەن يەردەم بىرىش،چوڭلار توپلىشىپ تۇرغان يەردىن ئوتكەندە قاتناش ۋاستىسىدىن چۈشۈپ ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ياكى سالام قىلىپ تىنىچلىق-ئامانلىق سوراش.ئۇلار ئالدىدا بىلەرمەنلىك،ئاتا-كاچىلىق(مەن-مەنلىك)قىلماسىلىق،قانداق كىشى بولىشىدىن قەتتى نەزەر ئۈزىدىن چوڭلارنى مەنسىتمەسلىك،كۆزگە ئىلماسلىق ئىللەتلىرىدىن داۋاملىق ساقلىنىش،ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىشنى ئۈزىنىڭ بۇرچى دەپ قاراش،چوڭلارنىڭ خاتالىغىغا نىسپەتەن،كەڭ قوساق بولۇش،مۇۋاپىق سورۇن تاللاشنى بىلىش...قاتارلىق قايدىلەرنى ئاتا-ئانىلار ئايلە تەربىيەسىدە پەرزەنتىلىرىگە ئۈگىتىشكە سەل قارىماسلىق كېرەك.
مىھماندارچىلىقتىكى قايدە يۇسۇنلار-مىھماندارچىلىق بولسا مىللىتىمىز ئىچىدە ساقلىنىپ كەلگەن خۇلۇن-خوشنا،ئۇرۇق-تۇققان ۋە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ،مىللەت ئىچىدىكى قەدىر-قىممەتنى بىرى-بىرىگە يەتكۈزۈش،ئەھۋال سوراش،ھاردۇق سوراش،ياكى مىھمان بولغۇچىنىڭ شەخسى-ئىززەت ھۆرمىتىنى قىلىش شۇ ئاساستا مىللەتنىڭ،قوۋمنىڭ،جامائاتنىڭ ۋە شەخسىلەر ئۆز ئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچۈنى نامايەن قىلدىغان بىر خىل ھۆرمەت تۇيغىسىنى ئىپادىلەيدىغان پالىيەتلەرنىڭ بىرسى بۇلۇپ بۇ ئىككى تەرەپتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بىرسى مىھمان بولغۇچىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدىكى مەزمۇنلار،يەنە بىرسى بولسا مىھمان قىلغۇچىلارنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدىكى مەزمۇنلاردىن ئىبارەت.
مىھمان كۈتۈۋالغۇچىلار مىھماندارچىلىققا ئەسدايىدىل تەييارلىق قىلىشى،ھەر بىر مىھماننىڭ خاسلىقغا ھۆرمەت قىلىشى،مىھمانلارغا ئازادىچىلىك تۇغدۇرۇپ بىرىشى،ياخشى سوز ھەركەتلەر بىلەن مىھماننىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىشى،مىھمان كۈتۈش جەريانىدا خۇشا-خۇرام بۇلۇشى،ھەرگىزمۇ مىھماننىڭ كۆڭلىگە كېلىدىغان سوز ھەرۆەتلەردە بولماسلىغى،ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە قاتتىق-قۇرۇق گەپ سۆزلەرنى قىلىشىپ قالماسلىغى،تاپقىنىغا ياخشى تەييارلىق قىلىش،تاپالمىغىنىغا كايىمالىغى لازىم.ئۇزۇتۇپ چىققاندا،مىھماننى كۈتىۋالغاندا ئۇلارغا ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىپ ،ئۇلاردا ھۇزۇرلىنىش تۇيغىسى شەكىللەندۈرۈشكە تىرشىش لازىم.
مىھمان بولغۇچىلارمۇ مىھمان قىلغۇچىلارغا نىسپەتەن ىۇشاللىق ئاتا قىلىشى،ئۇلار بىلەن ھال-مۇنە بۇلۇشى،ئۇلار تەييارلىغان نىممەتلەرگە نىسپەتەن ياخشى باھالارنى بىرىشى،ياراتماسلىق تۇيغۇسىدا بۇلۇپ قالماسلىغى،مىھمان قىلغۇچىلارغا قۇلايسىزلىقلارنى تۇغدۇرۇپ بەرمەسلىكى،چوڭ تەلەپلەرنى قويماسلىغى،ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارلاشماسلىغى،سورۇندا بىر-بىرىنىڭ ئىززىتى قىلىپ قايدىلىك ئولتۇرۇشى،تاماق تارتىغاندا غەيرى شەككىلەردە ئولتۇرۋالماسلىغى،كىچىك بالىلىرىنى ياخشى باشقۇرۇشى...يانغاندا رەھمەت بىلدۈرۈپ،قىيناپ قويغانلىغىنى بىلدۈرۈپ،ئۈزىنىڭ ئادەمئىگەرچىلىكىنى مىھمان قىلغۇچىغا بىلدۈرۈپ قۇيۇشى كېرەك.
يۇقارقى ئادەتلىرىمىزنى ئاتا-ئانا بولغۇچىلار چۇقۇم پەرزەنتىلىرىمىزگە ھەر ۋاقىت،دەل ۋاختىدا ئەسكەرتىپ تۇرىشىمىز.ھەرگىزمۇ ئىش يۈز بىرىپ بولغاندىن كىيىن سورۇننىڭ ئۈزىدە تەربىيە بېرىمەن دەپ،قارشى تەرەپنى(مىھمان ئىگىسىنى) تەڭقىسلىقتا قويماسلىقمىز كېرەك.
ئۆلۈم ئۈزىتىشتىكى قايدە يۇسۇنلەر-ئكلۈم ئۇزۇتۇش ماھىيەتتە ئۆلگۈچىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى،ئۆلۈم ئىگىسىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلدىغان،ئۆلگىچىگە نىسپەتەن قايغۇسىنى ئىپادىلەپ،ئۆلىم ئىگىسىگە سەۋرى قىلىشنىڭ زۈرۈرلىگىنى بىلدۈردىغان،ئۆلۈم ئىگىسىگە نىسپەتەن كۈيۈنۈشىنى ئىپادىلەيدىغان،ئۇلارنىڭ قايغۇسىغا ئورتاقلىشىشنى مەقسەت قىلغان بىر خىل ئاممىۋى پالىيەت بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇ پالىيەتتە ئۆلۈم بولغانلىغىدىن ئىبارەت بۇ يوقلۇقنى ئۇققاندىن كىيىن ئۆلىم ئىگىسى بىلەن كۈرۈشۈپ،ئۇلارغا تەسسەلى ئېيتىش،ئۆلگۈچىنىڭ ياىشى پەزىلەتلىرىنى ئەسلەش،ئۆلۈم ئىگىسىنىڭ قانداق قىيىنچىلىقلىرنىڭ بارلىغىغى دىققەت قىلىش،ئۆلۈمنى ھەمكارلىشىپ يىرىدە قۇيۇش،ئۆلۈم ئىگىسىنىڭ ھاردۇغىنى چىقىرىش ۋە تەسەللى ئېيتىش ئۈچۈن ئۇلارغا مىھرىنى يەتكۈزۈش،ئاش-تاماق  ھال سوراپ ئۇلارنىڭ تاماقلىنىشغا ئەھمىيەت بىرى،ئۆلۈم ئىگىلىرنى 2،3كۈنگۈچە يوقلاپ ئۇلارغا تەسەللى بىرىش،ئۇلارنىڭ يەنە ياشىمىسا بولمايدىغانلىغىغا نىسپەتەن ئۈمۈت تۇغدۇرۇش قاتارلىقلارنى قىلىش ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدىكى مىھرىبانلىقنى نامايەن قىلىش لازىم.ئۆلۈم بولغان ئۆيدە قالايمىقان كۈلمەسلىك،ئۈزنىڭ خۇشاللىقىنى ئىپادىلىمەسلىك،تاماكا ،ھاراققا ئۆىشاش پۇراقلىق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىپ،ئۆلۈم ئىگىسىگە ئازار بەرمەسلىك،قايدە يۇسۇنلۇق بۇلۇپ،ئۇلارغا تەسسەلى بىرىش كېرەك.ئاتا-ئانا بولغۇچىلار پەرزەنتىلىرىگە بۇ جەھەتتىكى ئادەتلىرىمىزنى كىچىكىدىنلا سىڭدۈرۈپ،پەرزەنتىلىرىمىزنىڭ قەلبىدىكى ئادەمنىڭ ئورنىنى ئويغىتىشى كېرەك.
توي تۇكۇنلەردىكى قايدە يۇسۇنلار-توي تۈكۈنلەردىكى قايدە يۇسۇنلار ئۆزگىرىپ ئادەمنىڭ ئىچى ئېلىشقۇدەك دەرجىگە بېرىپ يەتتى.ھازىرقى تويلادا ياش باللا ئاساسى جەھەتتىن ھاراق ئىچىشنى،رېستۇرانلاردا پالىيەت قىلىشنى ئاساس قىلغانلىغى ئۈچۈن ،بۇرۇنقى قىز كۈچۈرۈش ئالدىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتى(قىزى)بىلەن ئۇزۇتۇش يەربىيەسى ئالدىدا ئۇقۇلىدىغان نىكا ئىلاجىسىز ئەتتىگەن تەرەپتە نىكا ئۇقۇلۇشقا يۇزلەندى.قىز كۈچۈرىدىغان چاغدا قىزنىڭ ئۆيىگە بىر توپ مەس پەيدا بۇلۇپ،ھەر خىل قىلىقلارنى چىقىرىدىغان ئىشلار مەيدانغا كەلدى.
بىزنىڭ ئەنئەنىمىز بولسا توي بولغان كۈنى ئىككىلا تەرەپتە مىھمانلارنى كۈتۈش ئېشى بىرىش بىلەن بىرگە ناغرا سۇنايلار بىلەن مەشرەپ قىلىپ،پۈتۈن مەھەللىدىكى كىشىلەر بۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمان بولاتتى.قىز كۈچۈرۈش،يول تۇسۇش،دەرۋازا تۇسۇس قاتارلىقلا ئۆزگىچە مەدىنىيەتكە ئىگە بۇلۇپ،خۇشاللىق ئۈستىگە ىۇشاللىق قور بولاتتى.قىزلار كوچۇرۇلۇپ كەلگەندىن كىيىن يەڭگىلەر قىزغا قىنسى تۇرمۇش،پاكلىنىشتىن تەربىيە بىرىپ،ئۇلارغا بەخىت تىلىشەتتى...
ھازىرقى رىياللىقتا ئوغۇل ئاساسەن مەس(كەچلىك ۋىچىركىدىكى ھاراق ئىچىش توي قىلغانلىقنىڭ بەلگىسىگە ئايلىنىپ قالدى)،ئۇلار ئويگە كەلگۇچە يەڭگىلەر ئۇقۇغا كەتكەن...ۋە باشقىلار.
يۇقارقىدەك ئەھۋالدا بىز چۇقۇم ئەنئەنە تەربىيەسىنى پەرزەنتىلىرىمىزگە بىرىپ ئولارنىڭ قەلبىدىكى خۇنۇكلۈكنى تۈگۈتۈپ،قەلبىدە مەسئۇليەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىشىمىز لازىم.بۇ ھەر بىر كىشى ئويلىنىپ كۈرۈشكە تىگىشلىك بىر رىياللىق.
ئىككىنچى بىرسى توي تۈكۈندىكى چوڭچىلىق ئىسراپچىلىقتىن قەتتى ساقلىنىشىمىز.بىز توي ئويناپ كۈلۋاتقاندا ،كۆڭلى يېرىم قېرىداشلىرىمىزنىمۇ(ئاجىز-ئۇرۇق)ئويلاپ قۇيۇشىمىز لازىم.
كىيىم كىچەك،يىمەك-ئىچمەكتىكى قايدە يۇسۇنلار-كىيىم-كىچەك،يىمەك ئىچمەكمۇ مىللەتنىڭ خاسلىقى،ئېتىقاتىنىڭ قانداقلىقىنى ئىپادىلەيدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
كىيىم كىچەك جەھەتتە ئوغۇللىرىمىز قىز بالىدەك،قىزلىرىمىنىڭ ئوغۇل بالىدەك بولىۋېلىشىغا قەتتى يول قويماسلىغىمىز لازىم.چىرايلىق،سالاپاتلىك،يارىشىملىق قىلىپ كىيىشنى ئادەتلەندۈرىشىمىز.لازىم.دادىلار بالىلاردەك،ئانىلار قىزلاردەك،قىزلار ئانىلاردەك،ئوغۇللار دادىلاردەك كىيىۋېلىشتىنمۇ ساقلىنىش،ياش ئالايىدىلىكىگە قاراپ ماس كىيىنىشكە ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم.
ھىكايات:مەن 2008-يىلى ئاقسۇغا تەربىلىنىشكە بارغاندا ئاقسۇدىكى دوستلىرىم تاماققا تەكلىپ قىلدى.بىز ماشىنىغا چىقىپ تۇرىشىمىزغا ئارىمىزدىن بىرسى شەڭگەڭ بازار دخمۇشىدىكى ئاشخانىنىڭ كاۋىپى بىلەن ئۈگرىسىنىڭ ئوخشايدىغانلىغىنى شۇ ئاشخانىغا بىرىپ تاماق يىسەك بولدىغانلىغىنى ئېيتتى.بىزمۇ قوشۇلدۇق.ئاشخانا ئالدىدىكى كىچىك دوكان ئالدىغا كىلىپ ماشىنىدىن چۈشۈشىمىشگە بىر قىز ئالدىمىزغىلا كىلىپ قالدى.قىزنىڭ ئۈستۈنكى بەدىنىدە مەيدىسىدىن باشقا يەردە بىر نەرسە يوقتەكلا كورنۇپ كەتتى(ھەممىمىزگە شۇنداق كۆرۈنۈپتۇ).شۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىن بىرسى
-قويۇڭلا بۇەۇنكى تاماق ھارام بولدى،مۇشۇ قىزنىڭمۇ ئاتا-ئانىسى،ئاكا-ئۇكىلىرى باردۇ،باشقا يەرگە كېتىپ تامىقىمىزنى يەيلى....دىدى
بۇ يۇرۇش-تۇرىشىمىزدىكى ئىبرەتلىك رىياللىق.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز پەرزەنتىلىرىمىزگە بۇ جەھەتتىكى تەربىيەنى كۈچەيتىپ،يەىشى ئەنئەنىمىزنى قۇلالاندۇرۇشىمىز كېرەك.
يىمەك-ئىچنمەك جەھەتتە بولسا بىز بىرىنچى قىلدىغان ئىشىمىز ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىپ ئۇزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم.ئۇنىڭدىن كىيىن يىمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى پەزىلەتنى پەرزەنتىلىرىمىزگە يەتكۈزۈپ،ئۈنۈم ھاسىل قىلالىساق بىز بۇ  جەھەتتە مەقسەتكە يەتكەن بولىمىز.بۇنىڭدا بىز پەرزەنتىلىرىمىزگە قوساقنىڭ قۇلى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش،تاماق يىگەندە ئەدەپ بىلەن زىھنىنى مەرگەزلەشتۈرۈپ يىيىش،قوساقنى بەك چىڭقىۋاتماسلىق،ئازادە تۇيۇنۇشقا ئەھمىيەت بىر توغرىسىدىكى تەربىيە ۋە ئادەتلىرىمىزنى پەرزەنتىلىرىمىزگە سىڭدۈرىشىمىز لازىم.
ھېيىت ئايەملەردىكى قايدا يۇسۇنلار-بۇنىڭدا بىز ئۇرۇق تۇققان،خۇلۇم-خوشنا،مەھەللە-جامائەتلەرنىڭ ئۈيىنى پەتىلەپ،ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بۇلۇپ،ئۇلار ئارىسىدىكى تۇل خۇتۇن-يىتىم ئوغۇل،ئاغرىق سىلاقلارنىڭ بار يوقلىغىنى ئېنىقلاپ قىيىنچىلىغى بار ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە ھېيىتنىڭ خۇشاللىغىدىن بەھرىمان بولىدىغان ئادىتىمىزنى جانلاندۇرۇش توغرىسىدىكى تەربىيەنى كۈچەيتىپ،ھازىقىدەك چاقىرمىسا پەتىلىمەيدىغان ئىشلارنىڭ قەتتى ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرشىشىمىز لازىم.
بىز يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە پەرزەنتىلىرىمىزگە ىۇلۇن-خوشنىلار ئىچىدىكى،ئۇرۇق تۇققانلار ئىچىدىكى،قۇدا-باجىلار ئىچىدىكى ئكرپە-ئادەتلەرنى ئۈگىتىشكىمۇ ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم.بۇلار ئوترىسىدىكى بىلىشكە تىگىشلىك قايدىلەرنى چۇقۇم تۇلىقى بىلەن پەرزەنتىلىرىمىزگە بىلدۈرىشىمىز كېرەك.چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنى يۇقارقى مۇناسىۋەتلەر ساقلاپ تۇرۋاتىدۇ،كىيىن ئۇلار بۇ خىل مۇناسىۋەتلەرنى چۇقۇم مۇستىقىل بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولىشى كېرەك.تۇرمۇشتىكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلالمىغان كىشىلەر كىيىنكى چاغلاردا جەمىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشى تۇرغان گەپ،جەمىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىش ئادەم ئۈچۈن ئەڭ زور بەخىتسىزلىك ھىساپلىنىدۇ.
قىز ئوغۇللار،ئەر-ئاياللار ئوترىسىدىكى بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىش،ئىززەتلەش،ئۇلار ئوترىسىدىكى ھەرقانداق مۇناسىۋەت نورمالنى بولۇش،غەيرى مۇناسىۋەتتە بولماسلىق.ئاياللار ئەرلىرىنى شۇنداقلا باشقا ئەرلەرنى ئەر دەپ بىلىش،ئۇلارنى كۆزگە ئىلمەيدىغان ،مەنسىتمەيدىغان قىلىقلاردىن ساقلىنىش،ئەرلەر ئاياللارنى ئەتۋارلاش،ئۇلارغا كۇيۇنىشنى بىلىش.قىزلا بىلەن ئوغۇللار ھەرقانداق چاغدا پەدى-شەپنى قايرىپ قويماسلىق،ھەم ئارىلىق ساقلاپ ئارىلىشىش،نىيىتى توغرا بۇلۇش،قىزلارنى كەمسىتمەسلىك،ئوغۇللارنى ھاقارەتلىمەسلىكتەك ئەنئەنىلىرىمىزنى پەرزەنتىلەرگە بىلدۈرۈش،ئاتا-ئانىلارنىڭ قەرزى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.چۇقۇمكى ھەرقانداق ئاتا-ئانا قىزلارغا قىزلارچە،ئوغۇللارغا ئوغۇللارچە تەربىيە قىلىپ،قىزلاردا نازاكەت،ئوغۇللاردا جاسارەت يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرشىشى لازىم.
پەرزەنتىلەرگە ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ قايدىلىرىنى سوزلەش،ئۇنى ھىكايە قىلىپ ئېيتىپ بىرىشئارقىلىق ئۇلاردا ئەنئەنىۋى ئويانلارغا بولغان قىزىقىزنى ئويغۇتۇپ،ئۇلارنى چەبدەس،ىۇشال ىۇرام،ئۆتكۈر ،مەسىلىلەرگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرالايدىغان قىلىپ تەربىلەپ چىقىش ئۈچۈن تىرشىشىمىز لازىم.
مەسىلەن:‹‹تەپكۇچ پىتىش››ئويۇنىنى ئالساق ئىنىڭ كۆزنىڭ قۇۋىتى،مېڭىنىڭ ئىنكاسى ،پۇت-بەلنىڭ گۆشلىرىنىڭ چىداملىغى،تەرەققى قىلىش،بالىلارنىڭ سانناش ئىقدىدارى،پۈتۈن بەدەنننىڭ چىداملىغى ۋە چەبدەسلىكىنى يىتىلدۈرۈشتە رولى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.
يۇقارقىلاردىن بالىلار ئويۇنى،بۇلۇپمۇ نادىر ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنىنى ئويناشنىڭ پەرزەنتىلىرىمىزنىڭ ساغلام،قەيسەر بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىشتىكى رۇلىنى كۈرىۋېلىش ئاسان.شۇنىڭ ئۈچۈن چوڭلار،ئاتا-ئانىلار،مەكتەپلەر،مەدىنىيەت ئورۇنلىرى ئويۇن ئارقىلىق تەربىلەشكە سەل قارىماسلىق لازىم.
پەرزەنتىلەرنى جاپاغا چىداپ،ئالغا باسىدىغان،ئەمگەكنى،ئەمگەكچىلەرنى سويدىغان،بىلىمنى قەدىرلەيدىغان ياخشى ئادەتلەر بىلەن،ئەجداتىمىزنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى تەسىرلىك ھىكايىلىرى بىلەن تەسىرلەندۈرۈپ تەربىلەشكە ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم.بۇ جەھەتتە بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن قالغان نۇرغۇن تەسىرلىك ھىكىمەتلەر ۋە ئىش-ئىزلار بىزگە مىراس.
پەرزەنتىلەرگە چېلىشىش،ئوغلاق تارتىشىش،بەگىگە چۈشۈش توغرىسىدىكى قايدىلەرنى ئۈگۈتۈش ئارقىلىق،ئۇلارغا باتۇر،قەيسەر،دادىللىق بىلەن ئىش قىلىشنى بىلىدىغان،ماھىرلىق بىلەن ھەم كوللىكتىپنىڭ ھەم ئۈزىنىڭ رولىنى نامايەن قىلالايدىغان پەزىلەتنى يىتىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرشىشىمىز لازىم.ئاتا-ئانا بولىشىمىز بىلەن پەرزەنتىلىرىمىزنى يۇقۇرقىدەك مەدىنىيەتلىرىمىز بىلەن تەربىلەپ ھەم پەرزەنتىلىرىمىزنى مۇستىقىل ياشاش قارشىغا ئىگە قىلىشىمىز،ھەم ئەنئەنىۋى مەدىنىيىتىمىزنى ساقاش،جاللاندۇرۇشقا تۆھپە قۇشىشىمىز لازىم.
ئاتا-ئانا بولغۇچىلارغا نىسپەتەن يۇقىرىقى ئادەتلەر بىلەن پەرزەنت تەربىلەش ھەم زۈرۈر ھەم تەخىرسىز بىر مەسئۇليەت دەپ قارايمەن.
6.ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلىشى
ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلىشى ،ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى،ئۇلارغا كۈيۈنۈشى ئائىلە  ئەخلاقىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئۈلگە خارەكتىرلىك تەربىيەلەرنىڭ بىرسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئاتا-ئانىلار ئۈزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئۆرمەتلىسە،ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسا ،ئۇلارغا كۈيۈنسە چۇقۇمكى ئۇلارنىڭ پەرزەنتىلىرىمۇ ئۇلارغا شۇنداق ھۆرمەت قىلىدۇ،كۈيۈنىدۇ،ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ.بۇ قىل سىغماس ھەقىقەت.
بىز رىياللىقتا دائىم ئۇچرىتىپ تۇردىغان مىساللارنى كۆز ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلسەكلا بۇ نوقتىنى ئېنىق تۇنۇپ يېتەلەيمىز.بەزىلەر ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەت قىلمايدۇ،ئاخىردا ئۇلارنىڭ كۆردىغىنىمۇ ئوخشاش ئاقىۋەت بۇلۇپ،ئۇلارمۇ ئاتا-ئانىسىنى تاشلىۋەتكەندەك پەرزەنتىلىرى تەرىپىندىن تاشلىنىپ قالىدۇ.
ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان ياشاش ئادەتلىرى شەكىللەنگەن بۇلۇپ،بۇ نوقىتىنى چۇقۇم تۈزۈتىشكە ھەممە ئادەم كۈڭۈل بۈلۈشى كېرەك.بۇ ئادەتلەردىن مىسال ئالساق ئاتا-بالا بىر ھۆيلىنىڭ ئىچىدە بۆلەك چىقىش(ئۆي ئايرىپ چىقىش) مەسىلىسى.بۇ ھۆيلىنىڭ بىر بۇلىڭىدا ئانىسى ياكى ئاتىسى،ھەر ئىككىسى ھايات بولسا ئىككىسى بىرلىكتە ماجالى قالمىغان بەدەنلىرىنى سورەپ،تاماق قىلىۋاتسا يەنە بىر بۇلىڭىدا ياش ئەر خۇتۇن پۇشۇرغان تامىغىنى پەرزەنتىلىرى بىلەن مەززە قىلىپ يەپ تۇرۇپ،ئۈزىگە ھاياتلىق بەرگەن ئۇلۇغ كىشىلىرىنىڭ بار-يوقلىغىغىغا دىققەت قىلماسلىق...
بۇ يەردە سىز بىلەن ئولتۇرۇپ تاماق يىۋاتقان پەرزەنتىڭىز ئەنە ئەشۇنداق رىياللىقنى قۇبۇل قىلىپ ئولتۇرۇپ،سىز بىلەن بىرگە ياشىغان ئىكەن ئۇلار چۇقۇمكى كەلگۇسىدە سىز قىلغاننى قىلىدۇ.سىز كەلگۇسىدىكى ‹‹ئاجىز تىنىنى سورەپ ئۇچاقنىڭ كۇلىڭىغا پۈۋلەپ ئولتۇردىغان دادىڭىز ياكى ئانىڭىز،شۇنداقلا ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ھەر ئىككىسى››.چۈنكى كىشىلەر  نىمە تىلىسە شۇنى كۆردىغان،رىياللىقنى ياراتقۇچىلاردۇر...
مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ‹‹ئۇيغۇر خەلق چۇچەكلىرى››دىكى مۇنداق بىر ھىكايە(چۇچەك)ئىسىمگە كەلدى.
‹‹بۇرۇنقى زاماندا بىر ئاتا بالا دىقان بۇلۇپ،ئاتىسى قېرىپ يېشى بىر يەرگە بارغاندا ئوغلى ئاتىسىنى ئۈزىگە يۈك بولۇپ قالدى دەپ قاراپ،ئاتىسىنى كۆزدىن يۇقاتماقچى بۇلۇپ،كۆڭلىگە يامان نىيەتلەرنى پۈتۈكۈپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوغۇل ئاتىسىنى يۇدۇپ بازارغا ئېلىپ بېرىش مەقسىدىنى ئاتىسىغا ئېيتىپ،ئۇنى‹‹بازار›،غا يۈدۈپ ئېلىپ مېڭىپتۇ.ئۇلارنىڭ ئۆتە يولدا بىر دەريا بۇلۇپ سۇلىرى دۆلقۇنلاپ ئېقىپ تۇردىكەن.ئاتا-بالا مۇشۇ دەريا بۇيىغا يىتىپ كىلىپتۇ.ئاتىسى بالىسىنىڭ يامان نىيىتىنى ئاللاقاچان سەزگەن ئىكەن.بالا ئاتىسىنى يۇدۇپ بىر ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ يېنىغا كىلىپ،ئاتىسىنى بوينىدىن ھالقىتىپ سۇنىڭ ئىچىگە ئاتماقچى بولۇپتۇ.مۇشۇ چاغدا ئاتىسى بالىسىغا:
-بالام مەن سەندىن رازى بولۇپ كەتەي،مىنى بۇ يەرگە تاشلىماي،ئالدىمىزدىكى ئاۋۇ دولقۇن ئىچىگە تاشلىغىن،چۈنكى مەن ئاتامنى شۇ يەرگە تاشلىغان دەپتۇ-دە يىغلاپ كىتىپتۇ...
ئاتىسىنىڭ بۇ سۆزىدىن ھەيران قالغان ئوغۇل بىر ھەقىقەتنى چۈشەنگەندەك بۇلۇپ،ئاتىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ يىغلىغان ھالدا:
-ئاتا مىنى كۆچۈر،مەن بىر ھەقىقەتنى ھىس قىلدىم،قالغان ئۆمرۈڭدە مەن سىنى ياخشى بېقىپ،پەرزەنتىلىك بۇرچۈمنى ئاقلايمەن دەپتۇ-دە.ئاتىسىنى يۇتكەن ھالدا كەلگەن يول بىلەن ئارقىسىغا قايتىپتۇ..››(كىچىك چاغلىرىمدا ئاڭلىغان ،ئىسىمدە قېلىشچە رەتلىدىم)
بۇ يەردە ئوغۇل چۈشۈنۇپ يەتكەن ھەقىقەتنى ئەقىللىق ئۇقەرمەنلىرىمىز ئاللا بۇرۇن چۈشۈنۈپ يەتتى.بۇ رىياللىق بىزگە شۇنداق بىر ھەقىقەتنى بىلدۈردىكى-ئۇ بولسىمۇ ‹‹نىمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن››
بىزدە باشقىلارغا قانداق ھۆرمەت قىلىش مەسىلىسىدە ‹‹سەن باشقىلاردىن ھۆرمەت كۈتكەندە،سەن باشقىلارنى ئىززەتقىلغان بول››دىگەن مەشھۇر سوز بار.بۇنىڭدىن بىز باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال ئۈزىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى ئۈزىمىز قىلىشىمىز لازىم،ئۈزىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلالمىغان كىشىلەر باشقىلارنىڭ ھۆرمىتى ھەرگىز قىلالمايدۇ دىگەن ھۈكۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايمىز.
ئاتا-ئانىمىز بىزگە ياشاش پۇرسىتىنى يارتىپ بەرگەن كىشىلەر بىز ئۈچۈن ئاتا-ئانىلاردىمنۇ  مۇھىمراق بىرەر كىشى بولمىسا كېرەك.بىز بۇ نوقتىنى قانچىلىك چۈشىنىپ يەتتۇق بۇ نوقتا ماڭا ئېنىق ھەمەس(مەن بۇ توغرۇلۇق بىرىنچى قول ماتىريالغىمۇ ئىگە ئەمەس ھەم ئۈزەم نوقتىلىق تەتقىقى قىلمىغان).بۇ يەردە شۇنداق بىر نەرسە ئېنىقكى بىزدە بالىنى دەپلا ياشاپ،ئاتا-ئانىدىن ئىبارەت بۇ بۇيۇك كىشىلىرىمىزنى ئىسىمىزدىن چىقىرىپ قويغان ئەھۋاللار خېلى ئېغىر.بۇ قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن بىز خەقتىكى ناچار ئەنئەنىلەرنىڭ بىرسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇنى بىز يەنە بىر ئويلىنىپ،كۈرۈشكە،تەتقىقى قىلىپ كۈرۈشكە ئەرزىيدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرسى.
‹‹مەن كۈيەرمەن بالامغا،بالام كۈيەر بالىسىغا›› بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ئۇمۇملۇشۇپ كەتكەن ،ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش شارايىتىدىكى قېرىداشلىق مۇناسىۋىتىدىكى تەرتىپنى كۈرسىتىپ بېرىدىغان مۇھىم خۇلاسىلارنىڭ بىرسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلاردا قېدىمقى چاغلاردىن تارتىپلا ئاتا-ئانىدىن،پەرزەنتىلەرنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرى بولۇپ كەلگەنلىكى،پەرزەنتىگە كۈيۈنگەندەك ئاتا-ئانىغا كۈيۈنۈپ بولالمىغانلىغىمىزنى ھىس قىلالايمىز.
پەرزەنتىنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشىنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇش مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىغاندا بىر ئاقىلانىلىك،بۇنىڭلىق بىلەن ئاتا-ئانىنىڭ ئورنىغا سەل قاراش،ئۇلارغا بىھۆرمەتلىك قىلىشنىڭ ئۈزى بىر مەككۇملۇقتىن ئىبارەت.بىز پەرزەنتىمىزنى ئويلىغان چاغدا بىزگە يۇرۇقلۇق ئاتا قىلغان ئاتا-ئانىمىزنى ئىسىمىزدىن چىقىرىپ قويماسلىغىمىز،ئۇلارنى تېخىمۇ بەكرەك،سۈيىشىمىز لازىم.بىز ئائىلە ئەخلاقىنى تەكىتلىگەندە چۇقۇم پەرزەنت بىلەن ئاتا ئانا ئوترىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا ھەل قىلىشىمىز،ئاتا-ئانىمىزغا بولغان مۇھابىتىمىزنى پەرزەنتىلەرگە بىلدۈرۈپ،ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا،ئاتا-ئانىسىنى،چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ئىسىل ئەخلاقى پەزىلىتىنىڭ يىتىلىشىگە ئاساس سېلىشىمىز لازىم.
مەن بۇ يەردە يەنە بىر رىياللىقنى قىستۇرماقچىمەن.
2010-يىللىق ئالى مەكتەپ ئىنتىھانىغا قىزىم قاتناشقانلىغى ئۇچۇن مەن قىزىمنىڭ ئىنتىھان بېرىدىغان نوقتىسىغا بېرىپ،ئۇنىڭ ئىنتىھانغا كىرىپ-چىقىش،ئىنتىھاننى قانداق بىرىش ئەھۋاللىرىنى ئىگەنلەپ تۇرۇش مەقسىتىدە ئىنتىھان بولىۋاتقان مەكتەپنىڭ ئالدىغا كەلدىم.بالىلار ئىنتىھانغا كىرىپ  كەتتى.تۇيۇقسىز بىرسى چاقىردى
-نىمىشقا كەلدىڭ،بۇ يەردە تۇرۇپ قاپسەنغۇ،دىدى ئۇ.
-قىزىم ئىنتىھان بەرمەكچىدى دىدىم مەن.
-قىزىڭىنىڭ ئىنتىھانىغا كەپسەنسە،ئەگەر-ئاتا-ئاناڭ ئىنتىھان بەرگەن بولسىمۇ بىرگە كەلەمتىڭ دەپ سورىدى ئۇ
مەن بۇ سۇئالغا نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى بۈلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەرزەنتىلەرنىڭ ئىنتىھانىغا بىرگە باردىغان ئىشلار كۆپىيىپ قالدى،لىكىن بىز ئاتا-ئانىمىزدىن تۇرمۇش ئېلىۋاتقان سىناقلارغا قانچە قېتىم بىرگە قاتنىشالىدۇق؟بۇ مەسىلىنى ھەممە ئىنسان ئويلاپ بېقىشى كېرەك.
بىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇپ بولالمايمىز .شۇنداقتىمۇ ئۇلارغا كۆڭۈل بىلىپ،ئاتا-ئانىمىزغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن تىرشىشىمىز لازىم.بىز شۇنداق قىلساق چۇقۇمكى بىزنىڭ پەرزەنتىلىرىمىزمۇ شۇنداق قىلىدۇ.بىز ئاتا-ئانىمىزغا پەرۋاسىز قارىساق كەلگۈسىدە پەرزەنتىلىرىمىز بىزگەىمۇ پەرۋاسىز قارايدۇ.چۈنكى بۇ‹‹ئۆتنە دۇنيا››.
بىز يارمۇھەممەت تاھىر توغلۇقنىڭ‹‹مۇقەددەس نەسىھەت ۋە ۋەسىيەتلەر›› دىگەن كىتاۋىدىكى مۇنۇ مەزمۇنلارغا قاراپ باقايلى‹‹ ‹ئاتا-ئانىسى رازى بولغان كىشىدىن مەن رازى بولىمەن ›،‹خۇدايى تاللادىن بۆلەك نەرسىگە تىۋىنماڭلار،ئاللاغا بولغان قۇللۇقنى بىجا كەلتۈرۈڭلار.ئاندىن ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىپ،ئۇلارنى رازى قىلىڭلار› ››(يۇقارقى كىتاپ.228-بەت)
يۇقارقى بۇ مەزمۇنلاردىن شۇنى كۈرۈشكە بولىدۇكى پەرزەنتىلەرگە نىسپەتەن ئىلاھتىن قالسىلا ئەڭ ئۇلۇغ ،ئەڭ بۈيۈك بولغىنى ئاتا-ئانىمىزدۇر،ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش،ئۇلارنى رازى قىلىش بىزنىڭ باقى ھەم پانى دۇنيادىكى مەسئۇليىتىمىزدۇر.ئاتا-ئانا پەرزەنتىلىردىن رازى بولمىسا،ئۇلاردىن كۆڭلى ئاغرىپ،ئۇلارغا بولغان ئىشەنچىسى تۈگىسە بىزنىڭ ھەر ئىككىلا دۇنيادا يۈزىمىز قارا بۇلىدۇ.بىزدە پەرزەنتىلەرگە قالدۇرغۇدەك گۈزەللىك،ئاتا-ئانىنىڭ رازلىق بولماي تۇرۇپ ئىشقا ئاشمايدۇ.ئىشقا ئاشتى دىيىلسە بۇ ساختا گۈزەللىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بىز ئاتا –ئانىلىرىمىزنى رازى قىلىمىز،ئۇلارنى ھۆرمەتلەيمىز،ئۇلارغا بولغان قەرزىمىزنى قايتۇرىمىز دەيدىكەنمىز چۇقۇم بىز ئاتا-ئانىمىزغا نىسپەتەن ئەپۇچان بۇلۇپ،ئۇلارنىڭ بەزى بىر‹‹ خاتالىقلىرىنى›› كۈچۈرۈپۋېتىشنى بىلىشىمىز لازىم.كىچىك ئىشلاردىن ئاتا-ئانىلىرىمىزغا قېيدا يۈرۈپ،ئۇلارنىڭ ئازاپلاشنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق.بىز يەنە پەرزەنتىلىرىمىزگە ئاتا-ئانا ھەققىدە دەرس ئۈتۈپ،ئاتا-ئانىلارنىڭ بىز قايتۇرۇپ،بولالمايدىغان،قايتۇرۇپ بۇلۇشمۇ بىزنىڭ قولىمىزدىن كەلمەيدىغان قەرزىلەرگە ئىگە ئىكەنلىگىمىزنى بىلدۈرۈرۇپ،مۇشۇ ھاياتلىقنى بىزگە ئاتا-ئانىمىزنىڭ بەرگەنلىگى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قەرزىنى ئاقلاپ بۇلىشىمىزنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىگىنى ،ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەشنىڭ ئىنسانلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى،شۇنداقلا بىر گۈزەل ئەخلاق ئىكەنلىەىنى ئۇلارغا كىىچىكىدىن باشلاپلا بىلدۈرىشىمىز لازىم.
مەيلى سوتسىيالىستىك ئەخلاقتا بولسۇن،مەيلى قانۇندا بولسۇن مەيلى دۇنيادىكى قايسى بىر ئىدىلوگىيە سېسىتمىسادا بولسۇن ئات-ئانىنى ھۆرمەتلەش مۇققەددەس ئەخلاق سۈپىتىدە تەكىتلىنىپ،ئاتا-ئانىسىنى خارلىغۇچىلار بىردەك ئېيىپلەنگەن شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىق قانۇنلار تەرپىندىن بۇ بىر خىل جىنايەت دەپ قارالغان.بۇنىڭدىنمۇ شۇنى كۈرىۋېلىش تەس ئەمەسكى ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇليىتى،بۇ بىر يۈكسەك بىرلىك بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
فۇزېيۇيجى ئۈزىنىڭ دۇنياۈا مەشھۇر ئىلمى ئەسىرى بولغان ‹‹ئىلىمگە دالالەت››دىگەن كىتاۋىدا‹‹ئادەم ئۈگەنمىسە ئەقىلسىز بۇلۇپ قالىدۇ،ئەقىلسىز ئادەملەر نادان كېلىدۇ››(مەزكۇر كىتاپ،1-بەت)دىگەن ھۈكۈمنى ئوترىغا قۇيۇپ ئىنسانلارنى بىلىم ئۈگىنىشكە چاقىرغان،بىلىم ئىگەنلىمىسە كىشىلەرنىڭ نادان،ئەقىلسىز بولدىغانلىغىنى ئوترىغا قۇيغان.بىز يۇقىردىكى ھۈكۈمدىن ئائىلە ئەخلاقىنىڭمۇ،ئۈگۈتۈش ۋە ئۈگىنىشكە مۇھتاچ ئىكەنلىگىنى كۈرىۋالالايمىز.
مىنىڭچە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىلەرنى ئۈگۈنۈش ئارقىلىق چۈشەنگىلى بولىدۇ.بىراق ئاتا-ئانىغا بولغان مۇھەبەتنى چۇقۇم ئۈگۈنۈش باسقۇچىدا،ياكى چۈشىنىش باسقۇچىدا توختۇپ قۇيۇشتىن قورقۇنچىلىق ئىش يوق.چۇنكى ئاتا-ئانىلار ئوترىسىدىكى كۈيۈنۈش نەزىريەگە ئەمەس ئەمىليەتكە،قۇرۇق سولەتۋازلىققا ئەمەس ھەقىقى بولۇشقا مۇھتاچ بۇلار ئوترىسىدىكى ھىسىياتقا قانداقلا بىر ساختىق يۇشۇرۇنىدىكەن بۇ ساختىلىق ئاخىرقى ھىساپتا ئىككىسى ئوترىسىدىكى مۇناسىۋەتنى نابۇت قىلىدۇ.بۇنداق ھالەتتە ئاتا-ئانا كۈتۈرۈشچانلىق بىلەن بىلدۈرمىسىمۇ،پەرزەت بولغۇچى سىز ساختىلىقنى  ئاشكارلىغۇچىسىز...
بىز پەرزەنت تەربىيەسى ۋە ئائىلە ئەخلاقى مەسىلىسىدە سېمىمى بۇلۇشىمىز،بۇلۇپمۇ ئاتا-ئانىلارغا قىلغام مۇئامىلىمىزدە ساختىلىققا ھەرگەىز يول قويماسلىغىمىز لازىم.بىز بۇنداق ئىسىل ئەنئەنىنى پەرزەنتىلىرىمىزگە قالدۇرۇشىمىز،ئۇلارنىڭ ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملاشتۇرۇشىغا ئەمىلى ھەركىتىمىز بىلەن يىتەكچىلىك قىلشىمىز لازىم.
مەن يۇقارقىلارنى دەلىلەش يۈسىسىدىن ‹‹قابۇسنامە››دىكى تۈۋەندىكى قۇرلارنى ئۇقارمانلەرگە قالدۇرۇشنى لايىق كۆردۈم.
‹‹ئەي ئوغۇل بىلىشىڭ كېرەككى،تەڭرى بۇ جاھاننى ئاۋات قىلىشقا ئىرادە قىلىپ،ئىنسانلارنىڭ نەسلىنى كۈپەيتىش ۋە بىر بىرىگە باغلىنىشلىق قىلىش ئۈچۈن،شەھۋەت(ئىسپىرما)نى ياراتتى.ئاتا-ئانىلارنى پەرزەنتىنىڭ دۇنياغا كىلىشكە سەۋەپ قىلدى.
ئەي ئوغۇل،ئاتا-ئانىنىڭ ھەققى ۋە ھۆرمىتىنى ساقلىغايسەن،ئۆز ئەسلى زاتىڭىنى ئۇلۇغلىغايسەن.ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىلساڭ،ئۆز ئەسلىڭنى ھۆرمەت قىلغان بولىسەن ‹ئاتا-ئانامنىڭ مەندە نىمە ھەققى بار  ›دىمە؟.چۈكى،ئاتا-ئاناڭ سىنى دۇنياغا كەلتۈردى.ئاتا-ئاناڭ بولمىسا،سەن دۇنياغا كەلمەس ئىدىڭ.ئاتا-ئاناڭ ۋۇقۇدىدىن سىنى تۇغۇپ،چەكسىز جەبرۇ-جاپالار بىلەن سىنى ئاسراپ،تەربىلەپ،ئەڭ چۇڭقۇر مۇھابەت بىلەن سىنى ئۆستۈرۈپ ئادەم قىلىپ،كىشلىك قاتارىغا قوشتى.ئەگەر ئاتا-ئاناڭ سىنى شۇنداق يىتىشتۈرمىسە،سەن نەدىن كەلگەن بولاتتىڭ ۋە قانداق قىلىپ،بۇ يىگىتلىك-ياشلىق ھالىتىگە يەتەتتىڭ؟
ئەمدى ساڭا زۈرۈرى،ئۆز جېنىڭنى قانداق سۆيسەڭ،ئاتا-ئاناڭنى شۇنداق سۈيۈپ قېدىرلىگەيسەن،ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلىمىگەن-ئاتا-ئانا قەدرىنى بىلمىگەن پەرزەنت تەڭرى بىلەن ئۈزى ئوترىسىدىكى سەۋەپ بولغۇچى نەرسىنى بىلمىگەن بولىدۇ.
ئاتا-ئانىغا بوي سۇنماق پەرىزدۇر.ئاللاتائاللا:‹تەڭرىگە ۋە تەڭرىنىڭ پەيغەمبىرىگە،ئۈزۈڭلاردىن بولغان پەرمان ئىگىسىگە بويسۇنۇڭلار›دەيدۇ.ئاللانىڭ بۇ ئەمرىدىكى‹پەرمان ئىگىسى›ئاتا-ئانىنى كۈرسىتىدۇ.ئاللاتائاللا يەنە ئاتا-ئانىنى خورلىماسلىقنى،ئۇلارغا گۈزەل،ياخشى،يۇمشاق سۆزلەرنى بۇيرۇيدۇ.
ئەگەر ئاتا-ئانا ھەققىنى دىن يۈسىسىدىن كۆرمىسەڭمۇ،ئەقىل يۈسىسىدىن ئويلاپ كۆر،ئاتا-ئاناڭ سىنىڭ دۇنياغا كىلىشىڭگە ۋە ئۆسۈپ يىتىلىشىڭگە،تەربىلىنىشىڭگە سەۋەپچى بولغان تۇرسا،سەن ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ،خىمىتىنى ياخشى قىلمىساڭ،ياخشى پەرزەنت ۋە ياخشى ئادەم بولمىغان بولىسەن.ھەرقانداق ئادەم ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىسا ،باشقا كىشىلەرنىڭ ھەققىنى ئەسلا ئادا قىلالمايدۇ.مۇنداق ئادەم ياخشىلىقنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىغان يامان ئادەم ھىساپلىنىدۇ.يامان ئادەمگە ياخشىلىق قىلىشمۇ دۇرۇس ئەمەس.
سەن ئەگەر پەرزەنتىڭدىن ھۆرمەت ئۈمۈت قىلساڭ،ئالدى بىلەن ئۈزەڭ ئاتا-ئاناڭغا ھۆرمەت قىلىشىڭ لازىم.بالىلىرىڭ ئاتا-ئاناڭغا قىلغان ھۆرمەت خىزمىتىڭنى كۈرۈپ،ساڭا ئىززەت ئىكرام ۋە ياخشى خىمەت قىلىدۇ.چۈنكى بالا ئاتا-ئانىنىڭ قىلمىشىنى كۈرۈپ ئۈگىنىدۇ.سەن بىر مىۋىلىك دەرەخكە ئوخشايسەن،بالىلىرىڭ شۇ مىۋىلىك دەرەخنىڭ مىۋىسى...››
7.ئائىلەنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئەخلاقى-پەزىلەتلەر
ئائىلىنىڭ ئىچىكى قىسىمىدىكى ئەخلاق-پەزىلەتلەرنىڭ يادۇرۇسى ئائىلە ئەزالىرى ئوترىسىدىكى پەدە-شەپتىن ئىبارەت بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئائىلە ئەزالىرى ئوترىسىدا يەنى شۇ ئائىلە جەمەتىدىكى كىشىلەر ئوترىسىدىكى پەدى-شەپ  بولسا ئائىلە ئەزالىرى ئوترىدىكى،كۇيۇنۇش ۋە نۇمۇسنى يۇقىرى ئورۇنغا قۇيۇدىغان يۇسۇنلارنىڭ بىرسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.بىر جەمەت دىگەندە نۇرغۇن كىشىلەر ياشايدۇ بۇ جەمەت بىرنەچچە كىچىك ئائىلىلەردىن تەشكىل تاپقان بۇلۇدۇ.بۇ كىچىك ئائىلىلەر ئاشۇ غول ئائىلىنىڭ يۇسۇنى ئاساسىدا ئائىلە ئەخلاقىنى شەكىللەندۇرۇدۇ ھەم ئۇنى مىراسى سۈپىتىدە قۇبۇل قىلىدۇ.شۇنىڭ ئۇچۈن غول ئائىلىنىڭ يۇسۇنلىرى ھەقىقى يۇسۇن بولىشى كېرەك.بۇ يۇسۇندا چۇقۇم چوڭ كىچىك،ئەر ئايال ،قېرى-ياشلار توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر ئېنىق بۇلۇپ،ئەۋلاتلاردىن بۇ قايدىنى ھەقىقى ئىجرا قىلىشنى تەشەبۇس قىلىشى،ۋە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ ئىجرا قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ ئادەتلەندۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
ئادەت تەربىيەسىنى ئائىلە ئەخلاقىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشكە ئەھمىيەت بىرىش لازىم.بىز بۇ يەردە ئادەتلەندۇرمەكچى بولغان قايدە-قانۇنىيەتىمىز بولسا جەمەتنى ھەرقايسى جەھەتلەردىن يىتەكلەپ،مىللەتنىڭ ئۇمۇمى ساپاسىغا بۇلۇپمۇ ئەخلاقى ساپاسىغا بىۋاستە تەسىر كۈرسىتىدىغان ئىسىل يۇسۇنلار بۇلۇش كېرەك ھەرگىزمۇ‹.قىز بالا تالانىڭ ئادىمى،ئۇ بەرى-بىر خەقنىڭ كىشىسى،ئۇنى ئۇقۇتقاننىڭ نەمە پايدىسى،ئۇنى بىر ئەر باقىدۇ..››دىگەندەك قاتمال نەرسىلەر بۇلۇپ قالماسلىغى لازىم.
بىز تەشەبۇس قىلغان ئائىلىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئەخلاقى پەزىلەت ماھىيەتتە ئائىلە ئەزالىرى ئوترىسىدىكى،ھۆرمەت.ھەق-ناھەق قارىشى،بىرى-بىرگە مەسئۇل بۇلۇش تۇيغىسى،بىر-بىردىن تەمە قىلماسلىق،ئەر-ئايال،قىز-ئوغۇل.ئاتا-بالا ئوترىسىدىكى يۇرۇش-تۇرۇش،سوز ھەركەت ۋە بىر بىرىگە تۇتقان پۇزۇتسىيەسىنىڭ ئىلمىي بۇلۇشىغا قارتىلغان .
كونكىرتىنى قىلىپ ئېيتىغاندا بىز ئائىلەنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئەخلاقى پەزىلىتىمىزنى تەكىتلىگەندە تۈۋەندىكى نوقتىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشىمىز كېرەك.
1)ئائىلە ئىچىدىكى سۆز ھەركەتلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە سوز ئاڭلىۋاتقان سورۇندا كىملەرنىڭ بارلىغىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز لازىم.
شەمسۇلمائالى قابۇسىنىڭ‹‹قابۇسنامە››دىگەن مەشھۇر ئەسىرىدە مۇنداق بايانلارنى ئۇچرىتىمىز.‹‹...گۈزەل ياخشى سوزلەرنى سوۆزلەش ھەر كىمگە ۋاجىپ(زۈرۈر)،..سۆزنىڭ ئالدى-كەينىگە قاراپ بىلىپ سۆزلە...››(يۇقارقى كىتاپ 23-بەت)
قابۇسنىڭ يۇقارقى بايانلىرىدىن شۇنى كۇرۇپ يىتىش تەس ئەمەسكى مەيلى ئائىلەدە بولسۇن،مەيلى باشقىلار بىلەن پىكىرلەشكەندە چۇقۇم يېقىشلىق،كىشىلەرنىڭ كوڭلىنى باھار قىلدىغان سوزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىدا بىر خىل ئىللىقلىق ۋە ھۆرمەت تۇيغىسىنى قوزغاش شۇ ئارقىلىق ئۈزىنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك ئىكەنلىگى بايان قىلىنغان.بۇنداق سوزنىڭ تەربىيەۋى رۇلىمۇ كۈچلۈك بۇلۇپ،پەرزەنتىلەر ئارىسىدىكى سوز ھەركەتتە پەدى-شەپ ساقلاپ ئالاقە قىلىش سەنئىتىنى يىتىلدۇرۇدۇ.بۇنداق پەدە-شەپ مەڭگۈلۈك ھۆرمەت-ئىززەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تۇرۇتكىلىك رول ئوينىيالايدۇ.ئىككىنىچى بىر نوقتىدىن قارىغاندا ئائىلىدە ئاتا-ئانىلار ئاساسى يوق ئەپقاشتى سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.بىلىپ سۆزلەش پەرزەنتىلەر ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سېمىمىيەتنى تېخىمۇ يىتىلدۇرۇدۇ.قارىسىغا سۆزلەپ،تۇتۇرۇقسىز سوزلەرنى قىلىش بولسا ئائىلە ئەزالىرنىڭ كۆڭلىنى خۇنۇكلەشتۇرۈپ قۇيىشى مۇمكىن.
2)ئائىلە ئەزالىرى ئىچدە بىرى-بىرنى ھاقارەتلەپ،بەزەپ گەپلەر بىلەن دائىم سۆزلىشىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.بۇلۇپمۇ ئەر-ئايال-پەرزەنتىلىرنىڭ ئالدىدا بىر-بىرنىڭ شەخسىيىتىگە ياتىدىغان،ياكى غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىدىغان ئېغىر ،رەسۋا گەپلەر بىلەن تاكاللىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.بالىلارنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق رەسۋا گەپلەر قانچە جىق بولسا بىزنىڭ بالىلىرىمىز بۇ گەپلەرنى ئادەتتىكى گەپلەر قاتارىدا ئىستىمال قىلىپ،باشقىلارنى ھەتتا ئۈزىنى قېرىداشلىرىنىمۇ ئاشۇنداق گەپلەر بىلەن ھاقارەتلىشى،بۇ قىلىقىنى ئادەتتىكى گەپ چۈشىنىشى مۇمكىن.بىزدە‹‹قاغا بىلەن بىرگە بولساڭ،يىيىشىڭ پوق››دىگەن مەشھۇر ھىكمەت بار.بىز بۇنىڭدىن تەربىيەنىڭ،مىجەز-خۇلۇقنىڭ بىر-بىرگە ئۆتىشىدىغانلىغىنى،يۇقۇيدىغانلىغىنى كۇرىۋالالايمىز.شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلە ئىچىدىكى گەپ سۆ
زلەرنىڭ،ئىلمىي،ھەقىقى بولىشىغا ئەھمىيەت بىرىپ،پەرزەنتىلىرىمىزگە بۇ خىل گۈزەللىكتىن لەززەت ئېلىشىنى ئۈگىتىشىمىز كېرەك.
3)ئائىلە ئىچىدە قىز ئوغۇللار ئوترىسىدىكى گەپ سۆزلەرنىڭ گۈزەل بۇلۇشىغا ئەھمىيەت بىرىش لازىم.قىز ئوغۇللار مەيلى پىزىلوگىيەلىك ،مەيلى پىسخىكىلىق جەھەتلەردە بولسا بولسۇن بىر-بىردىن پەرىقلىنىدىغان ئىككى خىل كىشىلەر بولغانلىغى ئۈچۈن ئۇلار بىر بىرى بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ئىشلىتىدىغان سۆز-ھەركەتلەرمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ يېقىملىق تۇسىنى ئېلىشى بىراق سۈنئى بۇلۇپ،قېرىداشلار ئارىسىدىكى مىھرىنى بوغۇپ قويماسلىغى لازىم.
ئائىلىمىزدە قىز-ئوغۇل پەرزەنتىلىرىمىز ۋە قېرىداشلىرىمىز بولىشى مۇمكىن.بۇلار ئىچىدىكى گەپ سۆزگە چەك قويماي مەيلىگە قۇيۇپ بەرسەك،قىزلار ئوغۇللارنى رەسۋا گەپلەر بىلەن تىللىسا،ئوغۇللار قىزلانىڭ قىزلىغىغا ھاقارەت قىلسا بۇ ھال داۋاملاشسا ئائىلە ئەخلاقى بۇزۇلۇپلا قالماي ،پۇتۇن مىللەتنىڭ ئەخلاقى ساپاسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
بەزى ئائىلەردە قىزلار ئوغۇللارنى ‹‹ھېچىقىز››،ئوغۇللار قىزلارنى‹‹جالاپ››دەپ تىللىسا ئويدىكى چوڭلارنىڭ كارى يوق تۇرۇدۇ.بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەكمۇ ئەمەسمۇ مەسىلىسىدە دىققەت قىلىپ،مەسىلىنى ۋاختىدا تۈزىتىش كرەك.بۇنداق بولمىغاندا سوزىمىزنىڭ ئىلمىلىگى مەدىنى سۆزلەش ئەنئەنىمىزگە تەسىر يېتىدۇ.يەنە بۇلار ئوترىسىدى تەنىئى مۇناسىۋەتنى سۈنئىلەشتۈرۋېتىشتىن قەتتىئى ساقلىنىشىمىز كېرەك.قېرىداشلار ئارىسىدىكى تەبىئى مۇناسىۋەتنى سۈنئىلەشتۈرۈش بولسا قېرىداشلىق مىھرىنى ساختىلىققا باشلايدۇ.
مەسىلەن ئاكا-سىڭىل ئىككىيلەن بىر-بىرنى سەنلەپ چاقىرىشىدۇ دەيلى،بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا قىزىغا ئاكانى پالانى بەگ ئاكا،پۇستانى جان ئاكا دەپ، چاقىرىسەن دەپ مەجبۇرلاشتىن ساقلىنىش،ئاكا دەپ تەبىئى چىققان مۇشۇ يېقىملىق سۆزنى قوللانغىلى(سىڭلىسى ئۈچۈن مۇشۇ سوزدىن يېقىملىق ھەم تەبىئى دىيەلەيدىغان گىپى يوق،سىز زورلىغان ھەرقانداق سۈپەتنى قۇشۇپ ئاتىغاندا دىگۈچىمۇ،ئاڭلىغىچىمۇ قورۇنۇپ،ئارىدا ياتلىشىنىڭ ئۇرۇقىنى چاچىدۇ،بۇ ماھىيەتتە سۈنئىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ)قۇيۇش لازىم،ھەر ئىككىلا تەرەپ ئاشۇ ئادەتلەنگەن تەبىئى يىتىلگەن سۆزنى ئاڭلىسا،قىلسا كۆڭلى يايراپ كېتىدۇ.
قىسقىسى ئائىلىدىكى ھەرقانداق دىيىشكە بولمايدىغان،شەخسىنىڭ شەخسىيىتىگە داغ كەلتۈرۈدىغان گەپلەرنى قىلىشقا يول قويماسلىق،تەبىئى يىتىلگەن ئادەتلەن گۈزەل سۆزلەرگە چەك قويماسلىق،ئۇنداق سۆزلەرنىڭ چىنلىغىنى بۇزىدىغان بىھدە سۈپەتلەرنى قۇشۇشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.
4)ئائىلىدىكى تاماقلىنىش پەزىلىتى ۋە ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىشنىڭ خاسىيەتلىرىنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى رۇلى.
تاماقلىنى بولسا بىزنىڭ پىزىلوگىيەلىك ئېتىياجىمىز بۇلۇپ،كىشىلەرنىڭ ھايات ياشىشىدىكى بىرىچى ئېتىياجى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.تاماقنى يىگەندە چۇقۇم قوساقنى تويغۇزۇپ ئۇزۇقلىنىش ئۈچۈنلا يىيىشتىن ساقلىش كېرەك.تاماق يىگەندە ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىش كەرەك.ھۇزۇرلىنىشنى بىلمەي يىيىلگەن تاماقنىڭ كالىنىڭ ھەل يىيىشى بىلەن پەرقى بولمايدۇ.
بۇخارى مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ‹‹ھەي بالا،تاماق يىگەندە بىسمىللا دەپ،ئوڭ قۇلۇڭ بىلەن ئۆزەڭنىڭ ئالدىدىكىنى يىگىن›› بۇ ھەدىستىن تاماق يىگەندە نىمىلەرگە دىققەت قىلىشنىڭ زۈرۈرلىگىنى،تاماقنى قانداق يىگەندە ھۇزۇرلانغىلى بۇلىدىغانلىغىنى ئېنىق تۇنۇپ يەتەلەيمىز.ھەدىستە:بىرىنچىدىن تاماق ئاتا قىلغۇچى رەببىمگە ھەمدۇ سانا ئۇقۇش.ئىككىنچىدىن تاماىداشلار ئىمكانىيەت يار بەرسە ئوخشاش تەرەپتىكى قولى (ئوڭ قۇلى)بىلەن يىيىش،ئۈچۈنچىسى ئالدىدىكىنى ئېلىپ يىيىش مەسىلىسى. بىز نىمە ئۈچۈن بىر تەرەپتىكى قول(ئوڭ)قول بىلەن تاماق يىيىشنى تەكىتلىگەنلىكى ئۈستىدە توختالساق تاماق يىيىشتىن لەززەتلىنشكە،ئەدەپ قايدىلىك بۇلۇپ،شۇ تاماقداشلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشنى مەقسەت قىلغان.بۇ يەردە شۇنداق مىسال ئېلىش مۇمكىن ئەگەر سىز سولخاي بۇلۇپ،ئوڭخاي بىرمۇنچە ھەمداستىخانلار بىلەن تاماق يىۋاتىسىز،ئويلىمىغان ۋاقىتتا سىزنىڭ سول قولىڭىز قېرىدىشڭىزنىڭ ئوڭ قۇلى بىلەن سوقۇشۇپ،ئالغان تاماق چېچىلىپ كەتتى(سىزمۇ ئوڭقاي بولسىڭىز بۇنداق ئىش ھەرگىز يۈز بەرمەيدۇ،ئىشەنمەيدىغانلەر تەجىربە ئىشلەپ كۈرۈڭلار)... يەنە داستىخان ئۇستىدىكى تاماقتىن ئالدىغان لەززەت قالامدۇ.مىنىڭچە لەززەتنىڭ ئورنىغا تەكەللۇپ قالىدۇ.بۇ يەردىكى لەززەتلىنى تاماقنىڭ ئۈزىدىن ۋە باشقىلارنىڭ ئەخلاقىدىن لەززەتلىنىشنى كۆزدە تۇتىدۇ.
ئوزىنىڭ ئالدىدىكىنى يىيىشمۇ تاماقتىن لەززەتلىنىشنىڭ ،تاماق ئەدەپ ئەخلاقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بسقۇچىلىرنىڭ بىرى بۇلۇپ،ھەممە كىشى ئورتاق رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك گۈزەل ئەخلاق.سىز بىسمىللا دىمەيلا باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى ‹.ياخشىسىغا››قول سۇنسىڭىز بۇ تاماقتىن لەززەت چىقماي،سورۇنداشلارغا‹‹دوزاق››شۇ چاغدىلا چىقىدۇ.بىز پەرزەنتىلىرىمىزگە بۇ توغرىدىكى تەربىيەلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.
يۇقارقى تەربىيەلىرنى قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئائىلەدە ئىقدىساتچىل،ئىسراپچىلىققا يول قويمايدىغان گۈزەل پەزىلەتنى يىتىلدۇرۇش كېرەك.بۇ دىگەنلىك پىخسىقلىقتىن دەرەك بەرمەيدۇ،ئىسراپچىلىق قىلىش بولسا بىر پەزىلەتسىزلىك ھەركەتتۇر.بىزنىڭ پەرزەنتىلىرىمىز ئۈزى تەمەقنى مەزە قىلىپ،بۇزۇپ چېچىپ يىۋاتقان چاغدا دۇنيادا،قېرىدىشلىرىمىز ئىچىدە يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىزنىڭ قىينچىلىق تۈپەيلى جان تالىشىۋاتقانلىغىنى بىلدىغان بولسۇن.بۇنى ھەقىقى بىلدۈرەلىسەك بىزنىڭ پەرزەنتىلىرىمىز ئۈزىنىلا ئەمەس باقىلارنىمۇ ئويلىيالايدىغان كىشىلەردىن بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىپ،باشقىلارنىڭ خۇشاللىغى ۋە قايغۇسىغا ئورتاقلىشالايدىغان بۇلىدۇ.
بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيسالام مۇنداق دىگەن‹‹ئىككى ئادەمنىڭ يەيدىغان تامىغى ئۈچ ئادەمگە يېتىدۇ،ئۈچ ئادەمنىڭ يەيدىغان تامىغى تۆت ئادەمگە يېتىدۇ››(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
بۇ يەردە دىيىلگىنى بىرگە يىگەن تاماق بەركەتلىك بولىدۇ،شۇڭا مىھمانلارنى ھۆرمەتلەش،تاماقتىن قىزغانماسلىق،باشقىلارنى تاماققا تەكلىپ قىلىش كېرەك دىگەن مەنىگە ئىگە بولسىمۇ ھەقىقى مەنىس تاماق ئىسراپچىلىقىدىن قەتتى ساقلىنىش،ئېشىپ قالغان تاماقلارنى خالىغانچە خار قىلماسلىق،ئاجىز-ئۇرۇقلارغا سۇنۇش(بىرىش،ئۇلار بىلەن تەڭ ئىستىمال قىلىش)مەسىلىلىرى نوقتىلىق ئوترىغا قۇيۇلغان.
ئىقدىساتچىللىق بىلەن ياشاش توغرىسىدىكى تەربىيە بىلەن بىرگە باشقىلارنىڭ دەردىگە دەرمان بۇلۇش تەربىيەسى بىرلەشتۈرۈلسە ،پەرزەنتىلىرىمىزنىڭ كەلگۇسىدىكى ئادىمىلىك پەزىلىتىدىن گۇماللىنىشقا ھەققىمىز قالمايدۇ.
5)ئائىلە ئەزالىرى ئىتىپاقلىقىلىغى تەربىيەسىنى بىرىش ئارقىلىق ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ھەمكارلىشى،ئىناق ئۆتۈش خاھىشىنى تۇرغۇزۇپ،پۇتۇن جەمەت ۋە مىللەتنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىدىسى بۇيۇچە ھەمكارلىشىپ،بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرلىشىمىز ئۈچۈن ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.ئائىلە ئىناق بولمىسا ئائىلى توزدەك(كونا تۈگمەندە ئۇن تارتىغاندا ئۇننىڭ ئىچىدىكى ئىڭ يۇمشاق ئۇنلار ھاۋاغا كۇتۇرۇلۇپ لەيلەپ يۇرۇپ،ئۇندىن ئىبارەت ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ،مۇشۇ ۇچۇپ يۇرگەن ئۈننى توز دەپ ئاتيمىز) تۇزۇپ كېتىدۇ،مىللەتمۇ ھەم شۇنداق.شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلە ئازارچىلىقىدىن قەتتى ساقلىنىش كېرەك.
6)جىما(جىنسى مۇناسىۋەت) بۇ كىشىلەرنىڭ پىزىلوگىيەلىك ئېتىياچى بۇلۇپ،دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان لەززەتلەرنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردىغان لەززەت ھىساپلىنىدۇ(ھالال جىنسى مۇناسىۋەتكە قارتىلغان)،ئائىلە بولغاندىن كىيىن ئەر-ئايال بۇنداق مۇناسىۋەتتە بولماسلىغى مۇمكىن ئەمەس.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق مۇناسىۋەتتە بولغان چاغدا بۇنىڭ بالىلار تەرىپىمدىن سىزلىپ قېلىشىدىن قەتتى ساقلىنىش كېرەك.بالا كىچىك-ياكى ئۇخلاپقالدى دىگەننى ئويلاپ بالىنىڭ قېشىدا بۇنداق قىلىپ بالىڭنىڭ سىزىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسىڭىز،سىزنىڭ پەرزەنتىلەر ئالدىدىكى ئوبىرازىڭىز پۈتۈنلەي تۈگىشىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىشنى پىنھاندا،پەرزەنتىلەردىن پىنھان تۇتۇپ قىلىش،پەرزەنتىمىزنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشىگە،ھايالىق ئادەم بۇلۇشىغا ياخشى تەسىرلەرنى بېرىدۇ.
قىقىسى ئائىلە ئىچىدىكى ئەخلاقى-پەزىلەتكە ياتىدىغان ھەممە ئىشلاردا دىققەت قىلىپ،چەك قۇيۇدىغىنىغا چەك قۇيۇش،رىغبەتلەندۈردىغىنىنى چۇقۇم رىغبەتلەندۇرۇش شۇ ئاساسىدا ئائىلە ەۈزەل ئەخلاقىنى يىتىلدۇرۇپ،مىللەتنىڭ ئۇمۇمى ئەخلاقى ساپاسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن ھەممىمىز بىر كىشلىك تۆھپە قۇشىشىمىز لازىم.
8.ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىقدىسادى ئېڭى
ئاتا-ئانىلار بولسا ئائىلىدىكى ئاسالىق ئەزالار بۇلۇپ،ئۇلار قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتىلىرىنى بېقىشتىن ئىبارەت مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالغان كىشىلەر بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردا چۇقۇم ئىقدىسادى كاللا بۇلۇشى كېرەك.بۇنداق ئىقدىسادئى كاللىغا ئىگە كىشىلەر تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ،ئۈزىنىپ پەرزەنتىلىرىنى كىشىنىڭ ئالدىدا يەرگە قارىتىپ قويماي بېقىپ قاتارغا قۇشۇدۇ.بۇنداق قاتارغا قۇشۇش (بېقىش) چۇقۇم ئاتا-ئانىنىڭ ھالال قان-تەر بېدىلىگە كەلگەن ئىقدىسات بىلەن كاپالەتلىنىشى كېرەك.بۇنداق بولمىغاندا بىز بېقىۋاتقان پەرزەنتىلەردە ئىقدىسادى ئاڭ يىتىلسىمۇ ،لىكىن بۇ ئىقدىسادى ئاڭ توغرا بولمىغان رەۋىشتە يىتىلگەن ساختا ئىقدىسادى ئاڭ بۇلۇپ،ئۇنداق ئىقدىسادى ئاڭ كاتۇگۇرىيىسىنىڭ يىتەكچىلىگىدە ئۆسكەن پەرزەنتىلەر جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن زەيىپلىشىپ،كەلگۇسى خار بۇلۇپ قالىدۇ.
ئىقدىسادى ئاڭ دىگەندە كىشىلەرنىڭ ئىقدىساتنى يارتىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش ئېڭىغا قارتىلغان بۇلۇپ،بۇ كىشىلەردىن چاققان،چىۋەر،ئەقىللىق بۇلۇپ،بازا ئەھۋىلى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلالايدىغان،توغرا ھۈكۈم چىقىرالايدىغان بۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.ئاتا-ئانىلار (مەيلى ئۇلار قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتىن قەتتئى نەزەر،بازار ئەھۋالىنى ئىگەنلەپ تۇرۇشقا ماھىر بۇلۇشى لازىم.بۇنداق بولغاندا قىينىلىپ قىلغان ئوقەتنى بازارغا سالغاندا كىشىلەرنىڭ ئالداپ كىتىشىدىن ساقلىنىپ،ئەمگىگىنىڭ ھەققىنى تۇلۇق ئالالايدۇ.بىر نەرسە ئېلىشقا تىگىشلىك بولسىمۇ ئۇنىڭ ئىپىنى قىلىپ،نەرقىدە ئالالايدۇ.
ئىقدىساتنى يارتىش ئىنتايىن كۆپ يوللار بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.مەرگەزلىك ئىپادىلىگەندە تۈۋەندىكى ئىككى چوڭ نوقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن.بىرسى ھالال يول بىلەن ئىقدىسات يارتىش،يانا بىرسى بولسا ھارامدىن ئىقدىسات تارتىشتىن ئىبارەت.
ھەقىقى ئىقدىسادى ئاڭغا ئىگە كىشىلەرنىڭ ياراتقان قىممىتتى ھەرگىزمۇ ھارامدىن(قانۇنسىز) بولمايدۇ.بەلكى ئۇلار ھالال كۈچى،ئەقىل-پاراسىتى ئارقىلىق ئىقدىسات يارتىدۇ.بۇنداق كىشىلەر پەرزەنتىلىرگىمۇ توغرا يولدا مېڭىشنىڭ خاسىيىتىنى ھەقىقى تۈردە ئۈگىتىدۇ.بىز ئىقدىسادى قاراشتا چۇقۇم ئەقىل-پاراسەت ئارقىلىق(بىلىم،پەن-مەدىنىيەت)ئارقىلىق قىممەت يارتىشقا ماھىر بۇلىشىمىز،ھەم پەرزەنتىلەرنىمۇ تەربىلەشكە ئەھمىيەت بىرىپ،پەرزەنتىلەرنىڭ ئەتراپلىق تەربىلىنىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
قابۇسنامىنىڭ14-بابىدا‹‹ئەي ئوغۇل،مال-مۈلۈك بايلىق ھاسىل قىلىشقا تىرشى،لىكىن مال-مۈلۈكلەر ھالال توغرا يوللار بىلەن بولىشى لازىم›› دىگەن بايانلارنى ئۇچرىتىمىز.بۇنىڭدىنمۇ شۇنى كۆرۋېلىش تەس ئەمەسكى ئىقدىساتنى ھالال كۈچ قۇدرىتىمىز ،ئەقلىمىزگە تايىنىپ تاپقاندىلا ئاندىن ئۇ بىزنىڭ ھەقىقى بايلىغىمىز بولىدۇئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا بۇ بايلىق ئادەمنىڭ دۈشمىنى ھىساپلىنىدۇ.
ئائىلىدە ئىقدىساتچىل بۇلۇشنى قاتتىق تەلەپ قۇيۇش ئىقدىسادى ئاڭنىڭ يۇقىرى باسقۇچى بۇلۇپ،بۇ شۇ جەمەتنىڭ كىيىنكى تەقدىرىنى يۇرۇق قىلىدىغان بىردىن-بىر يول.‹‹قابۇسنامە››دە ‹‹ئەگەر ئۆيۈڭگە  10تەڭگە كىرىم بولدىغان بولسا،سەن 9سىنى خىراجەت قىلىپ،بىرسىنى تەجەپ سەرمايەڭگە قۇشۇپ قوي،شۇنداق قىلساڭ ھىچقاچان مۇھتاچ بولمايسەن...››دىگەن دىگەن مەشھۇر ھۈكۈمنى ئۇچرىتىمىز.بۇنىڭدىن ئىقدىساتچىل بۇلۇشنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇغىنى ھىس قىلالايمىز.بىز بۇنداق ھىسياتنى چۇقۇم ئاقلى بىلىش دەرجىسىگە كۈتۈرۈپ،ئۇنى ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرشىشىمىز لازىم.ھەرقانداق بىلىش ئەمىليەتكە ئايلانغاندىلا ھەقىقەتكە ئايلىنىپ سېسىتمىلىشىدۇ.
ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىقدىسادى ئېڭى ھالال بولسا پەرزەنتىلىرنىڭ ئىقدىسادى ئېڭىمۇ تەرەن بۇلۇدۇ.ئۇلاردا ئىقدىسادى ئاڭ بىلەن بىرگە شۇنىڭغا مۇناسىپ ئەخلاقى-پەزىلەت يىتىلىدۇ.چۈنكى ئەخلاق ئۈستىقۇرۇلمىغا تەۋە بۇلۇپ،ئۇ ئىقدىسادى بازىسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇلۇدۇ.مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندا ھالال ئەمگە بەدىلىگە كەلگەن ئىقدىسات،گۈزەل ئەخلاق يارىتىپ،ئائىلىمىزنى يىمىرىلماس بىر جەمەتكە ئايلاندۇرۇدۇ.
ھارامدىن ئىقتىسات جۇغلاش(ئوقەت قىلىش) پەرزەنتىلەرنىڭ ئائىلىدىكى ئۈسۈپ يىتىلىشتە تۇلىمۇ خەتەرلىك بىر مەسىلە بۇلۇپ.ئاتا-ئانىدىن باللىرىغا ئاشۇنداق يامان ئىشلار مىراس بۇلۇپ قالىدۇ.
يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق تۈزگەن‹‹مۇقەددەس نىسھەت ۋە ۋەسىيەتلەر››دىگگن كىتاپتا(293-بەت)‹‹ئەي مۆمۈنلەر،بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى(ئوغۇرلۇق،خىيانەت قىلىش،بۇلاش،جازانەخورلۇق،قىمار ئويناش،قاتارلىق)ناھەق يول بىلەن يىۋالماڭلار،ئىككى تەرەپ رازى بۇلۇشۇپ قىلىشقان سودا-سېتىق ئارقىلىق ئىرىشكەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا››دىگەن قۇرلارنى ئۇچرىتىمىز.بۇنىڭدىمۇ بىزگە ھالال يول بىلەن ئىقدىسات توپلاشنىڭ زۈرۈرلىگى،ھارام يوللار بىلەن تاپقان ئىقدىساتنىڭ ھاراملىغىنى بىشارەت قىلىپ كىشىلەرنى ياخشى يولغا دالالەت قىلغان.
بىر ئائىلەدە ئاتىسى،ئانىسى ئوغرى بولسا يامان يولدىن قايتىمىسا شۇ ئويدە چوڭ بولغان بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسى دوراپ ئوغرى بولۇپ،يامان يوللاردا يۇرۇيدىغان داشقال بولڭدۇ.بۇ قىل سىغماس ھەقىقەت چۈنكى كىچىكى بالىنى سىز قانداق تەربىلىسىڭىز ئۇ شۇنداق ئادەم بۇلۇپ يىتىلىپ چىقىدۇ.تەربىيەنىڭ قۇدرىتىگە سەل قاراش ئەڭ زور بىمەنىلىكتۇر.
بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىزدا ئىقدىسادى ئاڭ ئاساسەن پۇل چۈشەنچىسى بىلەن باغلىنىپ،ئىلىم-ھۈنەر چۈشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالغان.بىزدىكى بۇلۇپمۇ دىخانلىرىمىزدىكى ئىقدىسات ئېڭى پۇلدىن ئىبارەت بۇ ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى بىلەن توختاپ ،مەدىنىيەت چۈشەنچىسى بىلەن بىرلەشتۇرۈلمىگەن بۇ ھال بىزدىكى ئىقدىسادى ئاڭنىڭ نەقەدەر تۈۋەن دەرجىدىكى ئىقدىسادى ئاڭ ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇدۇ.
مەسىلەن :سىز چارۋا بېقىپ باي بولغان بايلارنىڭ ئۈيىگە كىرسىڭىز ئۆيدە چارۋا ماللار بىلەن ئادەمنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياشاش دەرجىسىنىڭ ئايرىلمىغانلىغىنى ئەپسۇزلانغان ھالدا كۈرەلەيسىز.بۇنداق ئادەم بىلەن چارۋا بىرگە ياشاش بولسا بىزنىڭ ئىقدىسادى ئېڭىمىزنىڭ مەدىنىيەت ئېڭىمىز بىلەن ئورگانىك بىرلىشەلمىگەنلىكىنىڭ مەسئۇلىدۇر.
بىز ئىقدىسادى ئېڭىمىزنى مەدىنىيەت بىلىش ئېڭى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ،مەدىنىيىتىمىزنى تېخىمۇ كۆپ ئىقدىسات يارتىشقا سەرىپ قىلىشىمىز لازىم.بىزنىڭ ئائىلىمىزدە ئىقدىسات بىلەن مەدىنىيەتنىڭ بىر بىرگە ئۈتۈشىشى راۋان بولسا بىز تەربىلىگەن پەرزەنتىلەرنىڭ ئەخلاقلىق،مەدىنىيەتلىك توغرا بولغان ئىگىلىك يارتىش ئۇسۇلىغا باي كىشىلەردىن بۇلۇپ چىقىشىدا گۇمان يوق.
بۇ مەسىلىدە ‹‹ئەدەپنامە››دە مۇنداق بايانلار  قۇملىلەرنى ئۇچرىتىمىز.
-‹‹دۇنيادا ئىككى نەرسە باركى،ئۇلار بىر-بىردىن ياخشىدۇر.مەسىلەن:ھۈنەر مول بىلىمدىن،ياخشى ئىش ياخشى سوزدىن ئەۋزەل››
بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك.بىز يەنىلا ئەدەپنامىنى ۋاراقلاپ باقايلى:ئۇنىڭدا‹‹ھەر كىمنىڭ ھۈنىرى بولمىسا ئۇ قۇرۇق تام بىلەن ئوخشاش،ھەر كىمنىڭ سۆزى چىرايلىق بولسىمۇئىشى يامان بولسا ئۇ پايدىسىز شامالغا ئوخشايدۇ››.(يۇقارقى كىتاپ4-بەت)
بىز بۇ مەزمۇنلارنى تەھلىل قىلدىغان بولساق مۇنداق ىۇلاسىگە ئىرشەلەيمىز.سىز بىلىمنى قانچە كۆپ ئىگەنلىشىڭىزدىن قەتتى نەزەرسىز بىلىمىنىڭزنى ئىشلەتمىسىڭىز ،ئەمىليەت بىلەن بىرلەشتۈرمىسىڭىز(ھۈنەرگە ئايلاندۇرالمىسىڭىز بۇنداق بىلىمنىڭ ئۆزىڭىزگە ۋە باشقىلارغا پايدىسى تەگمەيدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن سىز بىلىمنى ئەمىليەتكە(ھۈنەرگە ئايلاندۇرىشىڭىز زۈرۈر.
قۇرۇق گەپ،دەپدىبىلىك گەپلەرنى قىلىش،بىر قېتىم ئەمىلى ئىش قىلغانغا باراۋەر ئەمەس،ياخشى سۆزلەرنى قىلىپ،ئۇنى ئەمىليەتتە كۆرسەتمىسىڭىز ئۇنداق سۆزلەر ئادەمنى قايمۇقتۇرۇپ قۇيۇدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىم-بىلىم،ئەدەپ-ئەخلاق قاتارلىقلارنى ئەمىليەتكە ئايلاندۇرغاندىلا كىشىلەرگە نەپ بېرەلەيدۇ.بۇ خۇلاسىدىن ئەمىليەتكە ئايلىنالىغان نەرسىلەرنىڭلا ھەقىقە ئەمىليەت بۇلۇپ،كىشىلەرگە ئەمىلى نەپ بېرىدىغانلىغىنى كۈرىۋالالايمىز.
ئاتا-ئانىلار ئىقدىسادى جەھەتتىن ئەڭ بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالسىمۇ لىكىن باشقىلاردىن تەمە قىلماسلىق،ئۈزى ئىزدىن كېرەك.يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇقنىڭ‹‹مۇقەددەس نەسىھەت ۋە ۋەسىيەتلەر››دىگەن ئەسىرىدە‹‹..بىراۋنىڭ نېنىغا باغلىنىپ،شۇ نان تەمەسىدە سۆھبەت قۇرما،تەمادا يىگىنىڭ بىر جەسەتتۇركى سەن بىر چىۋىندۇرسەن،ئادەم باقىلارنىڭ ئېشىغا ئۈگىنىپ قالسا،ئۇنىڭ مىننىتى ھامان بېشىغا  توقماق بۇلۇپ تىگىپ تۇرۇدۇ››(يۇقارقى كىتاپ251-بەت)
يۇقارقىلاردىن شۇنى كۈرۈشكە بولۇدىكى تىمە قىلىش ھارام،ئەڭ زور پەزىلەتسىزلىك بۇلۇپ تىمەخىر ئادەمدە ئېقىل ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىك بولمايدۇ،ئۇ ئاللاقاچان باشقىلارنىڭ قۇلىغا قاراپ قالغان كىشىلەر بۇلۇپ بۇنداق كىشىلەر ئار نۇمۇسنى بىلمەيدۇ.بۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغان پەرزەنتىلەر يەنە بىر ئەۋلات تەمەخورلاردىن بۇلۇپ قالىدۇ خالاس.شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ‹‹كۇچۇڭنى خار قىل،ئۆزۈڭنى خار قىلما››دىگەن ئۇلۇغ ھىكىمەتنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئىش قىلىپ،پەرزەنتىلىرىنى ياراملىق تەربىلەپ چىقىشى كېرەك.
قىسقىسى ئاتا-ئانىلار ئىقدىسادى ئاڭ بىلان مەدىنيەت قارىشىمىزنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ،گۈزەل پەزىلەت يارتىش ئۈچۈن تىرشىشى ھەرگىزمۇ پاسسىقلىق بىلەن ياشاشتەك ھارام،توغرا بولمىغان ياشاش ئۇسۇلىنى تاللىۋالماسلىق كېرەك.
9.پەرزەنتىلەر باراۋەرلىگى
ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىلىرگە باراۋەر مۇئامىلى قىلىشنى ئۈزىنىڭ مەڭگۈلۈك قەرزى دەپ قارىشى لازىم.پەرزەنتلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش تىگى-تەكتىن ئېلىپ ئېيتقاندا شۇ جەمەتنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكىنىڭ ئاساسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇنداق ئىتىپقلىق ئۇيۇل تاشتەك ئۇيۇشۇشچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،جەمەت ئەزالىرىنىڭ باراۋەرلىك تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ،ئۆز جەمەتىگە سادىق بۇلۇدۇ.
بۇنداق باراۋەرلىك نىسپىي مۇقۇملىققا ئىگە بۇلۇشى كېرەك.بۇ دىگەنلىك پەرزەنتىلەرنىڭ ئىقدىسادى ھەمكارلىق ئاساسىدىكى پەرزەنتىلەرنىڭ مال-مۈلۈكىنىڭ  مۇمۇقۇم بۇلۇشىغا قارتىلغان.
ئەگەردە بارلىق پەرزەنتىلەرنىڭ مال-مۈلىكى ئاتىنىڭ باشقۇرۇشتا بۇلۇپ،مۇستىقىللىقا ئىگە بولالمىسا چۇقۇمكى پەرزەنتىلەر ئىچىدە ئالا كۈڭۈللۈك،گۇمانخۇرلۇق،ئىشەنمەسلىك ئىللەتلىرى باش كۈتۈرۈپ قالىدۇدە،جان كۈيدۈرۈپ ئىشلەشنىڭ ئورنىغا ھىلىگەرلىك ئالمىشىپ،‹‹كۆرمەستە ئوقەت قىلىش››ھەركەتلىرى كۈرۈلۈدۇ.ئاتا-ئانىنى ىۇدا چاقىرىپ ئېلىپ كەتكەندىن كىيىن پەرزەنتىلەر ئارىسىدا مال-مۈلۈك تالىشىپ،جىدەل-ماجرا تۈگىمەيدۇ-دە،ئىناقسىزلىق ئۇرۇقى ئۇزاق مەزگىل داۋاملىشىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچى بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ ئائىلە ئىقدىسادىنى ياخشى باشقۇرۇش بىلەن يەنە بىلەك چىققان ئائىلەر(تارماق ئائىلەر)پەرزەنتى قۇرغان ئائىلەرنىڭ مۈلۈكىنىڭ پەرزەنتىلەرنىڭ ئۈزىنىڭ باشقۇرۇشىدا  بولغىنى مۇۋاپىق.بۇنداق بولغاندا چوڭ ئۆينى مەرگەز قىلىپ،تارماق ئائىلىلەرنىڭ گۈلىنىشىنىمۇ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ..
ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چۇقۇم،قىز-ئوغۇل،ئاجىز-ئۇرۇق،ئۆز-ئۈگەي دەپ مۇئامىلە قىلىشتىن ساقلىنىشى،ھەممىسىگە ئاتا-ئانىلىق مىھرىنى ئوخشاش ئاتا قىلىشى،ئوخشاش كۈيۈنۈشى،قۇلىدا يوق،ئاجىز،مېيىپ پەرزەنتىلىرى بولغىنىدا ئۇنىڭغا ئىقدىسادى جەھەتتىن بەكرەك يەردەم قىلىشى،بۇنداق يەردەمنى باشقا پەرزەنتىلەر ئالدىدا ئۇچۇق دەپ قىلىشى،خۇپىيانە قىلماسلىغى لازىم.
بىر پەزىلەتلىك ئائىلە توغرىسىدا مۇنداق بايانلارنى ئۇچرىتىمىز نۇرمەھەممەت تاھىر  تۇغلۇقنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىكى كىشلىك مۇناسىۋەتكە ئائىت بايانلار دىگەن ‹‹مۇقەددەس نىسىھەت ۋە ۋەسىيەتلەر ›› كىتاۋىنىڭ بىر بولىگىدە مۇنداق بايانلارنى ئۇچرىتىمىز.‹‹جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا.ياخشىلىق قىلماقچى بولساڭ ئاناڭغا،داداڭغا،ئاچا-سىڭىللىرىڭغا،ئاكا-ئۇكىلىرىڭىغا ۋە يېقىن بولغان كىشىلىرىڭگە قىل.بۇ ئىشلار زۈرۈر بۇرۇچ،ئۈزۈلمەسلىكى كېرەك بولغان قېرىداشلىقتۇر››
قېرىداشلىقنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغان بىردىن-بىر نەرسە قېرىداشلىق ئوترىسىدىكى باراۋەرلىك،ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى پەزىلىتىدىن ئىبارەت،ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىلەرگە ئالا-كۈڭۈللۈك قىلسا بەزى پەرزەنتىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كىتىشى،ئۈزى كۈيىنىۋاتقان پەرزەنتىنىڭمۇ كۇيۈنۇشى ساختا بۇلۇشى مۇمكىن.چۈنكى ،ئۇ ئاتىسىنىڭ خارلىنىۋاتقان پەرزەنتىنىڭ قېرىندىشى،كۈنلەرنىڭ بىردە ئاتا-ئانىلارنىڭ پۇزۇتسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن ئېتىيات قىلىدۇ ھەم ئەركىلىتىلگەن بۇ پەرزەن بۇزۇپ چېچىشتىن خالى بولالمايدۇ.
‹‹ئىلىمگە دالالەت››دىگەن ئەسەردە فۇزېيۈيجى‹‹بىر ئائىلىدىكى قېرىداشلارنىڭ ئىناق ئۆتۈشى نىگىزدىن ئالغاندا بىر جەمەت قېرىداشلار بۇلۇپ،بىر ئاتا-بىر ئانىدىن بولغانلارنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈشكە دائىر ئەدەپ-ئەخلاق ھەقىقىتىدىن بولغان››دەپ ئاتا-ئانىلاردا يۈكسەك ئەخلاقى-پەزىلەت بولغاندىلا قېىنداشلار ئوترىسىدىكى ئىناقلىق،باراۋەرلىك بولدىغانلىغىنى ئوترىغا قويسا يەنە باراۋەرلىك نوقتىسىدا توختىلۇپ،‹‹...ئادەم بىلەن ئادەم باپباراۋەر دىمەي تۇرالمايمىز،بىز بۇ يەردە دىگەن باراۋەرلىك رىياللىقتىكى باراۋەرلىك ئەمەس،ھۇقۇقتىكى باراۋەرلىك...››دىگەن ھۈكۈمنى ئوترىغا قۇيۇدۇ.(يۇقارقى كىتاپ15-،16-بەتلەر)
بىز يۇقارقى ھۈكۈمدىن ئادەمنىڭ مال مۇلۇك جەھەتتىكى پەرقنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بۇلۇپ تۇردىغانلىغى،ياشاش ھۇقۇقى جەھەتتىن پەرىق بولماسلىغىنىڭ لازىملىغىنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇ.ئائىلىدىمۇ پەرزەنتىلەرنىڭ ئادىمىلىك(ياشاش)ھۇقۇقىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىنسىلا پەرزەنتىلەر ئوترىسىدىكى باراۋەرلىك ئىشقا ئاشقان بۇلۇدۇ.
ئاتا-ئانىلار يەنە مىراس تەقسىم قىلغاندا ئادىل-باراۋەر بۇلۇپ،ئۈزىدىن كىيىن قالغان پەرزەنتىلەرنىڭ دائىم ئۆم ئۈتۈشكە شارايىت ھازىرلاپ بىرىشى كېرەك.جەمەت خاتىرجەم بولسا ئىشلىرى يۇرۇشۇپ،ئۇلار داۋاملىق تەرەققى قىلالايدۇ.
10.چۇڭ پەرزەنتىنىڭ ئائىلىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى
چوڭ پەرزەنتىنىڭ پەزىلەتلىك بۇلۇش بولماسلىغى ئائىلىدىكى كىيىكى پەرزەنتىنىڭ قانداق بۇلۇپ چىقىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە،شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار تۇنجى پەرزەنتىنى پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىلەپ چىقىشقا ئەھمىيەت بىرىپ،كىيىنكىلىرنىڭ ئاكىسى ياكى ئاچىسىدىن ئۈگىنىشكە شارايىت ھازىرلاپ بىرىشى كېرەك.
ئىككىنچى بىر نوقتىدىن قارىغاندىمۇ چوڭ پەرزەنت بۇلۇپمۇ چوڭ ئوغۇل كىيىنكى چاغلاردا كىچىكلىرىگە بىۋاتە باشچىلىق قىلىدۇ،ئۇنىڭدا بەلگۈلۈك ئىجدىمائى بىلىم،بەلگۈلۈك ئىجدامائى مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلدىغان قابۇليەت بولمىسا ئۇ باشقىلارغا باشچىلىق قىلىپ ئۇلارنىڭ كىيىنكى تەقدىرىنى كۆرسۈتۈپ بېرەلمەيدۇ.
بىز نۇرغۇن ئىبرەتلىك مەسىلىلەرگە يۇلۇققانمىز.مەسىلەن:بىر ئائىلىدە چوڭ ئوغۇل ياكى قىزنىڭ پەزىلىتىدە مەسىلە كۈرۈلسە كىچىكلىردىمۇ ئوخشاش ئەھۋال تەكرارلانغان.بۇنداق بۇلۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەپ كىچىكلىرى چوڭ پەرزەنتىلەر بىلەن داۋاملىق بىرگە بولغانلىغى ئۈچۈن كىچىكلىرىگە تەبىئى تەسىر قىلىپ،كىچىكلىردىمۇ ئوخشاش ئىللەتنى پەيدا قىلغان.
يانا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر مەسىلە شۇكى چوڭ پەرزەنتىلەر مەكتەپتە ياخشى ئۇقۇسا كىچىكلىرىمۇ مۇناسىپ ھالدا ياخشى ئۇقۇيدىغان ئەھۋاللار بىزگە يۇلۇقۇپ تۇرۇدۇ.بۇنىڭدىنمۇ چوڭ پەرزەنتىنى ھەر جەھەتتىن تەربىلەپ،ياخشى بىر پەزىلەت ئىگىسى قىلىپ يىتۈشتۈرۈپ چىقىش ،باشقا پەرزەنتىلەرنى ياخشى خۇلۇق بىلەن تەربىلەشتە بېسىلغان ئەڭ مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
يۇقارقىلاردىن قارىغاندا چوڭ پەرزەنتىنى تۈۋەنكى جەھەتلەردىن ياخشى تەربىلەپ،ئۇنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتىنى يىتىشتۈرۈشكە ئاساس سېلىش لازىم.
ئائىلىدە قاتتىق تەلەپ قۇيۇش بىلەن كۈيۈنىشنى بىرلەشتۈرۈپ،ئۇنى ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىغا رىئايە قىلىقا ئادەتلەندۈرۈش.
جەمىيەتنىڭ ئىچىكى مۇناسىۋەتلىرى ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئۆرپە-ئادەتلىرىنى بىلدۈرش.
ئىلىم-ھىكمەت بىلەن تەربىلەش،ئۈگەنگەن نەرسىنى ئىشلىتىشقا شارايىت ھازىرلاپ بىرىش.
ئۇلارنى مۇستىقىل ئىش قىلىشقا يىتەكلەش،مەسىلىلەرگە مۇستىقىل باھا بېرەلەيدىغان قابۇليەتنى يىتىشتۈرۈش.
باشقىلارغا كۈيۈنۈش،يەردەم بىرىش،باشقىلارنىڭ دەردىگە دەرمان بۇلۇشقا ماھىر بۇلۇشقا يىتەكلەش.
ھارامزەدىلىك،قىزىل كۆزلۈك ،پاسسىقلىقتىن نېرى تۈرۈش،ھەق-ناھەق قارشىنى يىتىلدۈرۈپ،رەزىللىكتىن نەپرەتلىنىدىغان جاسارەتنى يىتىلدۈرش.
مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ،ئادىمىلىكنى نامايەن قىلالايدىغان بۇلۇپ،ھارامدىن نېرى تۇرۇشتەك ئېتىقاتىنى تىكلەش
يۇقارقىدەك پەزىلەتكە ئىگە بولغان پەرزەنتىمىز كەلگۈسىدە باشقا قېرىداشلىرىنى تەربىلەشتەك ئېغىر مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئېلىپ.ئۆز قەمەتى ۋە مىللىتىگە شان شەرەپ كەلتۈرەلەيدۇ.
خاتىمە
مەن خاتىمە ئورنىدا يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇقنىڭ‹‹يۈسۈپ خاس ھاقىپنىڭ ئائىلە تەربىيەسى››دىگەن ئەسىرىدىكى پەرزەنتىلەرنى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز قۇلىدا بېقىشنىڭ،تەربىلەشنىڭ بەزى شەرتلىرى دىگەن قىسىمنى ئۆزلەشتۈرۈپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم.
ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىلىرنى باشقىلارنىڭ بېقىشىغا  تاشلاپ بەرمەي ئۆز قۇلىدا بېقىشى،بالىلارنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىلىرنى ياخشى تەربىلەشتە ئۈزىدىكى ئەخلاقى-پەزىلەتنى دەڭسەپ كۈرۈشى،ھۈزىدىكى بەزى تۈزۈتۈشكە تىگىشلىك ئىللەتلەرنى تۈەۈتۈش ئۈچۈن تىرشىشى لازىم.
ئاتا-ئانىلار ئۈزىنىڭ قۇلدىن كېلدىغان ئىشلارنى ئۈزى قىلىپ،پەرزەنتىنىڭ ياشاش ھۇقۇقىنى ھەقىقى كاپالەتكى ئىگە قىلىش لازىم.
1.ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئانىلار پەرزەنتىلىرنى ئۈزى ئىمىتىپ چوڭ قىلىشى لازىم.بۇ دىننىڭ جەھەتتە پەرزەنتىنىڭ ئانىدىكى ھەققى بولسا،پەننى جەھەتتىن قارىغاندا ئانىنىڭ سۈتىدىكى ئادەم بېدىنىڭ جەۋھىرى بولسا،باشقا سۈرلەردە نامايەن بولدىغەنى ھايۋاننىڭ قېنى ئاساسىدىكى جەۋھەردۇر.بۇ ئىككىسى ئوترىسىدا پەرىق ناھايتى چوڭ.
ئەگەر ئانىنىڭ بالىنى تەربىلەش ئىختىدارى بولمىسا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ 4505-بىيىتىدىكى بۇيۇچە قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىش لازىم
ئېرىغ،ياخشىنى ئال ئىنىكە(ئىنىك ئانا)قىلىپ،
ئوغۇل قىز ئۆسەر پاك ۋە ساغلام بۇلۇپ.
2.بالانى ئانا چۇقۇم ئىككى يىل ئىمىتىكە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
بۇنداق قىلىش بالىلارنىڭ ھەم ئانىلارنىڭ جىسمانى جەھەتتىن ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشكە پايدىق.بۇنداق قىلغاندا ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوترىسىدا مىھرى مۇھابەتمۇ كۈچلۈك بۇلۇدۇ.
3.پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە تۇرۇدىغان مۇۋاپىق ۋاقىتقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.بۇنداق قىلغان پەرزەنتىلەرنى چۈشىنىشكە پايدىسى چوڭ بۇلۇدۇ.
ھىكايەت:
پادىشا ئەلشىر ناۋاھىدىن سوراپتۇ:
-مىنىڭ ئېيتىمنىڭ قايسى نەسىلدىن ئىكەنلىگىنى بىلەمسىز.
-ئېتىڭىز سىيىر نەسىلدىن
-ئاتمۇ سىيىر نەسىلدىن بولامدۇ دەپ ئاچىققلىنىپتۇ پادىشاھ
-ئۇنداقتا مۇشۇ ئاتنى باققان ئاتباقارنى چاقىرىپ سوراپ باقايلى دەپتۇ ئەلشىر ناۋايى
-بۇلۇدۇ دەپتۇ پادىشاھ،ھەم شۇ ھامان ئاتباقارنى چاقىرتىپ سوراپتۇ
-بۇ ئاتنى قانداق باققان.
-بۇ ئاتنىڭ ئانىسى ئۆلۈپ كىتىپ،سىيىرغا ئەمدۈرۈپ باققان
پادىشا بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ،
-سىز قانداق بىلدىڭىز دەپ ئەلشىر ناۋائىدىن سوراپتۇ،-ئېتىڭىز سۇ كىچىپ قىرغاققا چىققاندا سىيىرلاردەك پۇتلىرىنى ئارقىغا قارىتىپ سىلكىيدىكەن دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ
...                          

(تۈگىدى)
ئىجادىيەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6403
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8431
تۆھپە نۇمۇرى: 268
توردا: 4095 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2011-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 04:58:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت  تىمىڭىزنى  ساقلىۋالدىم ئىشتىن چۇشۇپ كەچتە ئالدىرماي ئوقۇي

ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۇرچىسى

قەدىرلە.قەدرىڭن

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2976
يازما سانى: 938
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8536
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 3353 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 07:03:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن دىمىسىمۇ بىز ئاتا ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى،بىزنىڭ ھەر بىر سۆزھەركىتىمىز ئۇلارغا تەسىرقىلىدۇ،ئۇلار بىزدىن ئۇگىنىدۇ،شۇڭا بىز ئۇلارغا ئۇلگە بولالىشىمىز كېرەك.

قەدىرلە.قەدرىڭنى قىلغانلارنى.

ئىنسان_ ھامان ئۆ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24665
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6772
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 1802 سائەت
تىزىم: 2011-1-1
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-29 07:32:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىغا نىمانداق ئازئىنكاس بۇ ؟

<ئەكبەرئوغلا

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16400
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9468
تۆھپە نۇمۇرى: 328
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2011-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-29 08:09:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا-ئانا سۆزى  ئوق ... ئۇلار  بىرنچى ئۇستاز ئەلۋەتتە !!
ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيىسى بىلەن  بىز  مۇشۇنداق ياخشى يوللاردا كىتىۋاتىمىز !!!

ئەكبەر...ئۇيغۇرئوغلانى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23513
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3272
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 410 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 05:44:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت DILNAZI كە 2011-01-27 07:03 PMئەۋەتىلدى :
ياخشى تېمىكەن دىمىسىمۇ بىز ئاتا ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى،بىزنىڭ ھەر بىر سۆزھەركىتىمىز ئۇلارغا تەسىرقىلىدۇ،ئۇلار بىزدىن ئۇگىنىدۇ،شۇڭا بىز ئۇلارغا ئۇلگە بولالىشىمىز كېرەك.

ئاتا-ئانىنىڭ پەزىلىتى سىز دىگەندەك پەرزەنتىلەرگە تەسىر قىلىپ،ئۇلاردا بەلگۈلۈك قاراش پەيدا قىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ئۈزىدە ياخشى پەزىلەتلەرنى يىتىلدۈرۈپ،بالىلىرى بىلەن بولغان پەدى-شەپنى ياخشى ساقلىشى كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23513
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3272
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 410 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 10:12:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت melody كە 2011-01-27 04:58 PMئەۋەتىلدى :
رەھمەت  تىمىڭىزنى  ساقلىۋالدىم ئىشتىن چۇشۇپ كەچتە ئالدىرماي ئوقۇي

ساقلىۋالىغىلى بولىدىكەن دەپ قارىغان بولسىڭىز،ماقالىنىڭ قىممىتى باركەن دەپ قارىدىم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش