ئۇماق
مەستانە ئـــەزا
مۇھەببەتنىڭ بۇسۇغىسى مىسرانىم تەرجىمە گۇرۇپپىسى ئۇماق88 نىڭ تەرجىمىسى روجىستىۋا بايرىمى كەچتە يىگىت قىزنى بىرگە چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى . ھور ئۆرلەپ تۇرغان قىززىق چايدىن كۆتىرىلگەن خۇش-پۇراق كىشىگە ھوزۇرلۇق ئارام بەخىش بېغىشلايتى . قىز ئۈزىنىڭ ئاللىقاچان يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى يىگىتكە شۇنچىلىك ئېيىتقۇسى كەلدى-يۇ ، ئەمما ، يىگىتنىڭ يېرىم يىلدىن بۇيان قىزغا قىلغان غەمخورلىقلىرىغا چەن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنىلا ئاران ئېغىزىدىن چىقرالىدى . ئەمما يىگىت خۇشاللىق ۋە ئەستايدىللىق بىلەن قىزنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ : <بۇنىڭ ھەممىسى پەقەت سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن > دېدى . بۇنى ئاڭلاپ بىر خىل تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈسىز خۇشاللىق قىزنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى قاپلىدى ، يىگىتنىڭمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆردىغانلىقىنى بىلگىنىدە يۈرىكى ھازىرلا قېپىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك تىز-تىز سېلىپ كەتتى . يىگىتنىڭ ئائىلە كىلىپ چىقىشى ئىنتايىن ياخشى بۇلۇپ دادىسى شەھەردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن چوڭ بىر شىركەتنىڭ باش لىدىرى ، ئانىسى بولسا شەھەرلىك خەلىق دوختۇرخانىسىنىڭ تاشقى كىسەللىكلەر دوىتۇرى بۇلۇپ ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى بولغۇسى كىلىنگە بولغان تەلپى ئىنتايىن يۇقرى ئىدى . ئۇلار ئائىلىسىگە كىلىن بۇلۇپ كىرگەن قىز كىلىشكەن ، چىرايلىقلا بۇلۇپ قالماستىن بەلكى چۇقۇم ئۆزىنىڭ مۇقىم كەسپى بۇلشى قاتتىق تەلەپ قىلناتتى . قىز بۇ تەلەپلەرنى بىلگەندىن كىيىن ، ئىنتايىن بەك ئازاپلاندى ، چۈنكى قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى كىچىك بىر ناھيىدە ئادەتتىكى ئىشچى بۇلۇپ ئىشلەيتى . قىزنى ئالى مەكتەپتە ئۇقۇتۇپ خىزمەتكە چىقارغۇچىلىك ئاتا-ئانىسى ئاز كۈچ چىقارمىغان ، ئاز بەدەللەرنى تۆلىمىگەن ئىدى . تاپقان تەرگىنىنى قىزغا خەجلەپ تۈگەتكەن ئىدى .مەيلى قايسى تەرەپتىن بولسۇن ئىككى ئائىلنىڭ پەرىقى ئىنتايىن چوڭ ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزنىڭ ئائىلە كىلىپ چىقىشى ئادەتتىكى بۇلۇش بىلەن بىرگە يەنە بىر مۇھىم ئىش قىز خىزمەتتە ئانچە كۆزگە كۆرۈنگەن ئەمەس ئىدى . مۇھەببەتنىڭ بۇسۇغىسى بەك ئىگىز ئىكەن ، ئۇنىڭدىن ئالدىراپ ئۆتەلمىگۈدەكمەن دىگەننى ئويلاپ يەتكەن قىز يىگىتنىڭ سۆيگۈ تەلپىنى رەت قىلدى . شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان مۇھەببەت باشلانمايلا تۇنجۇقۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى . شۇنىڭدىن باشلاپ قىز ئۆزىنى قەستەن يىگىتتىن قاچۇرۇپ ، يېگىتنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قالماسلىققا تىرشىش بىلەن بىرگە خىزمەتكە باشچىلاپ كىرىپ كەتتى . ياخشى ئىشلەپ خىزمەتتە ئۇتۇق قازىنىپ كۆزگە كۆرۈنگەندىلا ئاندىن يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تەلەپلىرىگە ماس كىلىپ ئۇلارنىڭ قۇبۇل قىلشىغا ئىرشىمەن دىگەننىلا ئويلىغان قىز پۈتۈن كۈچى ۋە پۈتۈن زىھنىنى پەقەت خىزمەتكىلا ئاتىدى ، ئۇ ئۆزىنىڭ خزمەتتە چۇقۇم ئۇتۇق قازنالايدىغانلىقىغا ئىشنەتتى . 3 ئايدىن كىيىن ئۇنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇردىغان بىر ئىش يۈز بەردى . يەنە ئۇ قىز بىلەن بىرگە شىركەتكە تەڭ خىزمەتكە چۈشكەن سۇ خانقىز يىگىتنى سەۋدايلارچە ياخشى كۆرۈپ قالغان بۇلۇپ يىگختنى قوغلىشۋاتاتتى . ئەمما شىركەتتىكى ھەممە ئادەم سۇ خانقىزنىڭ چەت بىر تاغلىق رايۇندىن كىلىپ چىققانلىقىنى ، ئائىلىسىنىڭ ئىنتايىن نامرات ئىكەنلىكىنى بىلشەتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ ىانقىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بىر ئۆمۈر ئاشۇ تاغلىق رايۇندىن باشقا يەرگە چىقىپ باقمىغان جاپاكەش دىھقان ئىدى . سۇ خانقىز ئىككى ئىنىسىنى مەكتەپتە داۋاملىق ئۇقۇتۇش ئۈچۈن بۇ شەھەردە ئەڭ تۈۋەن تۇرمۇش سەۋيىسى بىلەن ياشاپ ، ئىشلەپ تاپقان پۇلىنىڭ ئازغىنە بىر قىسمىنى تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈن ئېلىپ قېلىپ قالغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئۆيگە ئىبەرتىپ بىرىپ ئىككى ئىنىسىنىڭ ئۇقۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلاتتى . قىزنى ھەممىدىن بەكرەك خاتىرجەم قىلغىنى سۇ خانقىزنىڭ ئانچە جەىلىپ قىلىش كۈچى يوق بۇلۇپ چىرايلىق قىزلاردىن ئەمەس ئىدى . شۇڭا قىز ئانچە كۆپ ئويلاپ كەتمىدى ، ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بىرىپ ئۆزىنىڭ خىزمىتى بىلەن ئالدىراش يۈرىۋەردى . قىز شۇنداق ئۆزىگە تەسەللى بىرىپ تىرشىپ ئىشلەپ يېرىم يىل بولغاندا بۈلۈم باشلىقى بولدى ، شۇنىڭ بىلەن قىز شىركەتتىكى ، ئەڭ ياش ، ئەڭ قابىليەتلىك بىردىن-بىر ئايال باشلىق بۇلۇپ قالدى . قىز ئاخىرى مۇھەببەتنىڭ بۇسۇغىسىدىن ئاتلاپ كىرگۈدە شارائېتنى يىتىلدۈردى-دە جۈرئەتكە كىلىپ يىگىتنى ئىزدەپ بېرىپ كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى ، يىگىتنى ئۇزۇندىن بۇيان چىن دىلىدىن سۈيدىغانلىقىنى ئېيىتتى . يىگىت بۇرۇنقىدەكلا مىھىربانلارچە ئۇتلۇق كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپ ئاستا -ئاستا بېشىنى لىڭىشتتى -دە ،:< بەك كىچىكتىڭىز > دېدى . بۇ ۋاقىتتا قىزغا يۈرىكى توختاپ قالغاندەك ، بىرسى قىزنى چۇڭقۇر دېڭىزغا تاشلىۋەتكەندەك ، جاھان پىرقىراۋاتقاندەك تۇيۇلدى . قىز سۇ خانقىز بىلەن يىگىتنىڭ ھىكايىسىنى بىلگىنىدە تېخىمۇ بەك ئازاپلاندى . بىر كۈنى كەچتە يىگىت قىزنى بىر ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى ، ئەمما قىز بىر سودىدىكى خېرىدارلىرنى مىھمان قىلدىغانلىقىنى ئېيتىپ يىگىتنى رەت قىلدى . ئۇ كۈنى كۆڭلى يېرىم بولغان يىگىت ھاراقنى بەك كۆپ ئىچىپ چىلىق-چىلىق مەسىت بۇلۇپ كەتتى . ئېغىر مەسىت بۇلۇپ خۇدىنى يۇقاتقان يىگىتنى سۇ خانقىز ئۆيگە ئاپرىپ قويدى ۋە يىگىتنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى . سۇ خانقىز مۇھەببەتكە دادىل مۇئامىلە قىلدىغان ، ئۆزىنىڭ بەختىنى يۈرەكلىك ھالدا قوغلىشىدىغان بىر قىز بۇلۇپ ، ئۇ يىگىتكە ئۆزىنىڭ مۇھاببىتىنى ئىزھار قىلدى . ئانچە كۆزگە كۆرىنىپ كەتمەيدىغان ئادەتتىكى بىز قىزنىڭ جاسارىتى يىگىتنى تەسىرلەندۈردى . شۇنداق قىلىپ قىز تىرشىپ-تىرمىشىپ خىزمەت قىلغان بۇ يېرىم يىل قەريانىدا سۇ خانقىزمۇ ئۆزىنىڭ ئاددى-ساددىلىقى ، ئاق-كۆڭۈللىكى بىلەن يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ ياقتۇرشىغا ئىرىشتى . قىز تۇيۇقسىز شۇنى ھىس قىلىپ يەتتىكى ، شاھزادە كۈل قىزغا ئاشىق بۇلۇپ ئەمرىگە ئالغىنىدەك ، مەلىكىمۇ بەزىدە ئادەتتىكى يىگىتلەرگە كۈيۈپ قېلىپ ياتلىق بۇلىدىكەن . ئەسلىدە مۇھەببەتنىڭ بۇسۇغىسى بولمايدىكەن . مۇھەببەتنىڭ بارىلىق بۇسۇغىللىرى پەقەت ئادەملەر ئۆزلىرى-ئۆزلىرى ئۈچۈن ياسۋالغان بىر قەبرىكەن خالاس ! مەنبەسى - خەنزۇچە伴侣 ژورنىلى 2010 - يىللىق 11 سان .
پاش قىلىش
ھاياتقا ئۈمۈد بى
ئاكتىپ ئەزا
نېمىلەرنى ئويلا
قـىل ،بىل گەنگە
يىـڭى ئــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
مىسرانىم مەستانىسى