مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 334|ئىنكاس: 2

پوزىتسىيە نەتىجىنى بەلگىلەيدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26729
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5905
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-25 09:03:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      يىللىق تەكشۈرۈش،ئىلغارلارنى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىۋىدى.
غۇدۇراش،دادلاش،كىملەرنىدۇر ئارقىسىدىن تىللاش يەنە باشلاندى.شۇ ھامان كۆز ئالدىمدىن ئايلىق ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالماي تۇرۇپ چىرايىدىن خىجىللىق ئەمەس،خىزمەت ئورنىدىن،باشلىقلىرىدىن ئاغرىنىش، دادلاش ئۈزۈلمەيدىغان بىر بۆلەك خىزمەتداشلار،.ئىشقا دائىم كېچىكىپ كېلىپ باھانىسى تۈگىمەيدىغان،كېچىچە ھاراق   ئىچىپ ئەتىسى قاپاقلىرى ئىششىغان ھالدا خىزمەتكە كېلىپ ئىشخانىدا ئۇخلايدىغان،تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالماي ،دائىم باشلىقنىڭ ئىشخانىسىدىن غۇدۇرىغىنىچە خاپا قايتىپ چىقىدىغانلار زاھىر بولۇشقا باشلىدى.
       بۇنىڭغا زادى كىم ئەيىپلىك؟يۇقىرقىدەك كۆرۈنۈشلەر بىزگە كۈندە دىگۈدەك ئۇچراپ تۇرسىمۇ،ھامان سەھۋەنلىكنى ئۆزىمىزدىن،خىزمەت،تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيىمىزدىن كۆرىدىغانلار يەنىلا ئاز دىيەرلىك.ياپونىيەدە ئوقۇغان بىر بۇرادىرىمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە،ياپونلاردا خىزمىتىنى قەدىرلەش،ئىش ئورنىدا بېرىلىپ ئىشلەش روھى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن.ئۇلار ئالدىراشلىقتا ھازىرلا يىقىلىپ قالىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ،ئىشقا چۈشكەن ھامان خىزمەتنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەيدىكەن.ئۇلاردا خىزمەتكە كېچىكىش،خىزمەتتىن زارلىنىش،ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈش دېگەنلەردىن ئەسەرمۇ يوقكەن.ئازراقلا بىكار ۋاقتى بولسا ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر ئىشلارنى تېپىپ قىلىدىكەن.
       بەزىدە ئويلاپ قالىمەن،ئەگەر بىزدىمۇ شۇ خىل روھتىن زەررىچە بولغان بولسا،ھەرقانداق رىقابەتكە دادىل يۈزلىنەلەيدىغان بولاتتۇق .دېمەك،بىزنىڭ پوزىتسىيەرىمىز ئاخىر بېرىپ نەتىجىنى بەلگىلەيدۇ،نېمە تېرىساق ئاخىرىدا ئېرىشىدىغىنىمىز شۇ بولىدۇ،شۇنداقلا ئۆز نۆۋىتىدە ھوسۇل ئېلىش-.ئالالماسلىقىمىز تېرىغان زىرائىتىمىزنى قانچىلىك،قانداق ئۇسۇلدا پەرۋىش قىلىشىمىزغا باغلىق بولىدۇ،شۇڭا قەدر-قىممىتىڭىزنى نۇرلاندۇراي دېسىڭىز،ھەرقاچان ھەركىتىڭىز چاققان،روھىڭىز ئۈستۈن بولسۇن.
   <شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى>2011-يىلى21-يانۋار سانىدىن ئېلىندى ئاپتورى:ئەكرەمجان مەترۇسۇل ئۈمىدى.  
              

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26294
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5128
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2011-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-25 10:47:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پوزىتسىيە نەتىجىنى بەلگىلەيدۇ دىگەن توغرا گەپ! [s:166]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1813
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9499
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 3636 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-25 11:23:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇۋاپىقىيەت بىر خىل پوزىتسىيە

ئادەم دۇنياغا ياشىغىلى كەلمەيدۇ ، ياراتقىلى كىلىدۇ ......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش