مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1215|ئىنكاس: 18

<زىيالىي > نىڭ  كۈندىلىك خاتىرسى ئېچىۋې [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياخشى دوست-بىباھا گۆھەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11523
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2271 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 12:02:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


كۈندىلىك خاتىرەمنىڭ باشلانغۇچ قىسمىدىن ئىككى پارچە يوللىغان ئىدىم، ئەمما ئاچچىق تەنە ۋە سېسىق گەپلەر مېنى قېرىنداشلىرىمغا ئاللاھ تائالا بەرگەن ئەقىل ئۈسىتىدە قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى. ئۇلار كۈندىلىك خاتىرە دېگەننىڭ نېمىلىكىنى ئۇخمايتتى. بىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك خاتىرە دېگەننى ئاشكارىلىشىنىڭ قانچلىك تەسلىكىنىمۇ ئۇخمايتتى. گەرچە مەن تاللاپ، تەھرىرلەپ، قسىمەن ئەدەبىي ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئاساسىدىكى كۈندىلىك خاتىرەمنى ئېلان قىلغان بولساممۇ، ئۇلاردىكى مەزمۇنلار تۇرمۇشۇمنىڭ ھەممە ساھەسى ئەمەس، مەن كۈندىلىك خاتىرىگە جىق مەزمۇنلارنى يازغان، سەبىي قەلىبپتىن ئورغۇغان ھەقىقىي بالىلارچە ھېسلارنى يازغان ئىدىم. تورداشلارنىڭ ئوخشاش بالىلىق ھېسياتى بولسا بايان قىلىشىنى ، بولمىسا زەھەرلىك نەشتەر سانجىماسلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.
ئۇقۇشماسلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كۈندىلىك خاتىرىگە ئاز - تولا چۈشەنچە بېرەي:
كۈندىلىك خاتىرە دېگەن مەلۇم بىر شەخسنىڭ كۈندىلىك ئىش- پائالىيەتلىرى، ئەسلىمىلىرى ۋە ئەتراپىدا ئۇچراتقان سىياسى، ئىجتىمائىي مەسلىلەر، تۇرمۇشتىن ئالغان تەسىراتلىرى ۋە قىسمەن ھايات ھېكمەتلىرى بايان قىلىنىدۇ، بەزىدە كۈندە يېزىلىدۇ، بەزىدە ھەپتىدە بىر، بەزىدە ئايدا بېرەر قېتىم... ئۇنىڭ مۇقىم قېلىپى ۋە شەكلى بولمايدۇ، نەسرىي شەكىلدە يېزىش ئاساس، قىسمەن شېئىرىي شەكلىدە يازسىمۇ بولىدۇ. ھەربىر پارچە كۈندىلىك خاتىرە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاخىرىغا يىل- ئاي - كۈن يېزىلىدۇ ( مۇشۇ يەردە تاماملىنىدۇ ) . يىل- ئاي - كۈن ئاخىرىغا ( ) تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان مەزمۇنلار شۇ بىر پارچە كۈندىلىك خاتىرىگە بولغان ھازىرقى باسقۇچتا يېزىلغان ئىزاھ، چۈشەندۈرۈش ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆتمۈشتە يېزىلغان ئەمەس .
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى ، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈندىلىك خاتىرەمگە بۇنداق چۇشەندۈرۈشلەرنى يازمايلا، بىۋاستە باشلايمەن.

          1- قىسم ئادرىسى :    https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-34688.0html




ئېچىۋېتىلگەن كۈندىلىك خاتىرە ( 2 )



 



بۈگۈن كۆڭلۈم بەك يېرىم، چۈنكى تولۇقسىز بىرىنسىنىپتىكى (1- يىللىق نى كۆرسىتىدۇ ) ساۋاقداشلىرىم ئىچىدە خەنزۇتىلىدا ئەڭ ناچىرى مەن. خەنزۇتىلىدىكى مەن ، سەن ، ئۇ دېگەندەك ئادەتتىكى بىر قانچە خەتكە كۆزۈم پىشىپ قالغانلىقىن ھېسابقا ئالمىغاندا ، بىر تېكىستىكى خەتلەرنىڭ ھەممىنى دېگۈدەك تونۇمايتتىم. مەن پەقەت مالىمنىڭ ئوقۇغان خەتلىرىنى ئۇيغۇرچە ئاھاڭ بويىچە ئۇيغۇرچە يېزىقتا خەنزۇچە خەت ئۈستىگە يېزىپ ماڭاتتىم، چۈنكى مەن باشلانغۇچتا 3 يىل خەنزۇتىلى دەرىسى ئوقۇپ، تولۇقسىز 1- يىللىققا پىنيىنچە ساۋادىمۇ چىقماي سىنىپ ئۆرلىگەن دېھقان بالىسى. مېنىڭدەك ساۋاتسىزلا ئەتراپىمدا كۈرمىڭ. ئېسىمدە قېلىشىچە، باشلانغۇچتا سىنىپ مۇدىرىمىز مەلىكە مالىم 5 يىلغىچە ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، ناخشا ( مۇزىكا، رەسىم، ھەقىقى مەنىدىكى ناخشا ئېيتىش دەرسى يوق ئىدى ) ، ئىدىيە- ئەخلاق، ئاتىزىم تەربىيسى دېگەندەك دەرسلەرنى يالغۇز بىرلا شۇ مەلىكە مالىم ئۆتەتتى. مەكتىپىمىزدە ئىككىلا خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى بار ئىدى، بىزنىڭ خەنزۇتىلى مالىمىمىز خەيرىگۇل مالىم دوسكىغا خەنزۇچە خەتلەرنى يېزىپ قويۇپ، سىنىپ ئاخىرىغا بېرىپ مويا ( پوپايكا نى كۆرسىتىدۇ ) توقۇپ ئولتۇرۇپ ، بىر خەتنى ئوقۇپ قويۇپ 10 قېتىم ئەگىشىپ ئوقۇڭلار دەيتتى. شۇنداق قىلىپ، ئائىلىدىكىلەر ساۋاتسىز بولغاچقا باشلانغۇچتا خەنزۇتىلىدىن ھېچنېمىنى ئېگەللىيەلمىدىم. ئەمما ناخشا- ئۇسۇل دېگەندە پۈتۈن مەكتەپتە مېنى تونۇمايدىغان بىرمۇ ئادەم قالمىغان ئىدى. مېنىڭ ئىسمىمنىڭ ئاخىرىغا جېكسوننى قوشۇپ چاقىراتتى . گەرچە مەكتىپىزدە گۈزەل- سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى يوق، سىنىپ مۇدىرىمىز ئۆزى يادقا بىلىدىغان قىزىل ناخشىنى 3 يىل ئۆگەتكەن بولسىمۇ، مېنىڭ سەھنىلەردە ئېيتدىغىنىم سېرىق ناخشا دەپ ئاتىلىدىغان ئەكبەر قەھرىماننىڭ ناخشىلىرى بىلەن خالىدە ئىمامنىڭ ناخشىلىرى ئىدى. ھەي، باشلانغۇچ ئەسلىمەمنى ئەسلىمەيلە، قوياي، بۈگۈنكى ئىشقا كەلسەم، بىزگە ئۆتىلىۋاتقان 7 پەن ئىچىدە ، باشقا 6 پەندە سىنىپ ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىكىسى مەن، ئەمما پەقەت خەنزۇتىلىدا ئاخىرقى قاتاردا ھېسابلىنىمەن. قانداقلا قىلسام تىلىم كەمەيۋاتىدۇ، ئانام ماڭا: مۇسۇلمانلارنىڭ تىلىنى ئۆگەنمەك ئاسان ، يات لارنىڭ تىلىنى ئۆگەنمەك تەس دېگەنتى، ئۇنداقتا تىلمۇ مۇسۇلمانچە تىل ۋە كاپى ر تىل دەپ ئايرىلارمۇ؟ ....
2000- يىلى 8- ئاينىڭ 28- كۈنى دۈشەنبە ( تولۇقسىز 1- يىللىقتىكى ۋاقتىم )

( مائارىپنىڭ تەربىيەلىگىنى ھەممىسى ئىختىساسلىقلارئەمەس، مائارىپ بەزىدە كېرەكسىز ئەخلەتنىمۇ يېتىشتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ مىللىي يىلتىزى بوغۇلغان ۋە ياكى مىللىي تەركىبى ئاجىزلاشتۇرۇلغان مائارىپتىن يېتىشكەن بالىلار تېڭىرقاش ئىچىدە ھاياتىنى ئوربىتا رامكىسى ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىمۇ بوغۇلغان بولۇپ، ئاشۇ رامكىدىن ھالقىيالمايدۇ )_ ھازىر ئويلىغۇنۇم.


بۈگۈن مەن سىنىپ باشلىقى بولدۇم، ئەگەر بىرەر خاتالىق سادىر قىلمىسام تولۇقسىز ئۈچ يىلنى پۈتتۈرگىچە سىنىپ باشلىقى بولىدىكەنمەن. مالىم ماڭا شۇنداق دېدى. ئەمدى سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى گېپىمنى ئاڭلايدۇ، مەن ھەممىسىدىن چوڭ، ھەممىسىنى باشقۇرۇپ، دېگىنىمنى قىلدۇرىمەن. ئالىم دېگەن ئۆزىنى لاۋدا دەپ ماڭا چوڭ سۆزلىگەن، ئەمدى جىق تازىلىققا ئورۇنلاشتۇرىمەن، پۇرسەت بولسا مالىمغا چېقىشتۇرۇپ، ئۆچۈمنى ئېلىۋالىمەن.
2000-يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جۈمە ( تولۇقسىز 1- يىللقتا ئىدىم )
( بالىلىقتىكى خىياللار ئۆزگىچە بولىدىكەن، شۇ ۋاقىتلاردا ھوقۇقۇمدىن پايدىلىنىپ، سىنىپتىكى كۆزۈمگە سىغمايدىغان بالىلارنى تەكرار ۋاختىدا تىللىۋالاتتىم، مالىمغا چېقىشتۇراتتىم، قەستەن جىق تازىلىققا ئورۇنلاشتۇراتتىم. ھازىر ئويلىسام تولىمۇ بالىلارچە خىياللار ئىكەن ئۇ. ئەلۋەتتە، بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئۆزىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆچ ئالىدىغان، ھوقۇقىنى ناتوغرا ئىشلتىدىغان ئادەملەر خېلى بار )



بۈگۈن قۇرئان كەرىمنىڭ ئەمما پارىسىنى يادقا ئېلىپ تاماملىدىم، تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆيدە ئاكامنىڭ قاتتىق قوللۇقى ئاستىدا ئەمما پارىدىكى بارلىق سۈرىلەرنى يادقا ئېلىپ بولدۇم، ئەمدى جەننەتكە كىرىمەن. چۈنكى مەن خۇدايىم چۈشۈرگەن كىتاپنى يادقا ئالدىم، ئانامدىن ئاڭلىسام، قۇرئان ساۋادى بار، ھەمدە قۇرئان سۈرىسىنى يادقا بىلىدىغان كىشلەر، دوزاخ ئوتىدىن ساقلىنىپ قېلىپ، جەننەتكە كىرىدىكەن. . .
مەن 6 ياش ۋاختىمدا مېنى ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىگە بىر داستىرخان مەزلە بىلەن ھەپتىيەك ساۋادىمنى چىقىرشقا ئەۋەتىپ بەرگەن . ئۇ يىللاردا ئاخۇن، قارىلار ئىچىدە ھەپتىيەك ساۋادىنى چىقىرىش قانۇنلۇق دەپ ئاتىلامدىكىن تاڭ، ھازىرلاردا يەر ئاستى ئوقۇتۇشى دەپ چەكلەيدىكەن، مەن 8 ياشقا كىرگەندە ھەپتىيەكنى تاماملاپ، قۇرئاننى ھېجىيلاشقا باشلىغان ئىدىم. ھېلىمۇ ئېسىمدە ، بىزنىڭ خەلپەت ( ھەپتىيەك ساۋادىنى چىقىرىدىغان كىچىك قارىمنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بىۋاستە ھېجىيلاش ۋە ئوقۇشنى ئۆگىتىدۇ ) بىزنى دائىم ئۇزۇن قامچىسى بىلەن ئۇراتتى. بىز قىشنىڭ قاتتىق سوغۇقىدا مەش قويمىغان سوغۇق بىر ئۆيدە تىترەپ ئولتۇرۇپ ، 70، 80 بالا ساۋات چىقىراتتۇق، چۈش بولغاندا قوينىمىزدىكى نېنىمىزنى يەپ، چۈشتىن باشلاپ ئاپتاپقا چىقىپ ئوقۇيتتۇق. ئەمما كۈرەش، شىرئەلىي ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇنداق ئوقۇيدىغان يەرلەرنى توختىتىۋەتتى. ھەم يەر ئاستى دىنىي ئوقۇتۇش بازىسى دەپ تۇتىدىغان بولىۋالدى، ھازىر نەرۋە ئىنىمغا ئۆگۈتەيلى دەپ ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىگە بارساق، ئاخۇنۇمنى يەرئاستى دىنىي ئوقۇتۇش بازىسى ئاچقان دەپ تۇتۇۋاپتۇدەك، ئاڭلىسام ئەمدى تۈرمىدىن چىقماسمىش. ئوڭلۇق ئادەمتى. توۋۋا، ھۆكۈمەت دېگەن غەلىتىكەن، ئانام ھۆكۈمەتنىڭ ساقىلى يوق دەيتتى، راس ئوخشايدۇ، بىر كەملەردە قانۇنلۇق ھېسابلانغان ياكى رۇخسەت قىلىنغان ئىش، يەنە بىر كەملەردە قانۇنسىز ھېسابلىنىدىكەن. توۋۋا
2001- يىل 2- ئاينىڭ 11- كۈنى يەكشەنبە

( مەن ئوقۇغان يىللادا ، 1990- يىلللار، تەتىل ۋاقىتلىرىدا ھەپتىيەك ساۋادىنى چىقارساق بولاتتى. ھېچكىمنىڭ كارى بولمايتتى. ئەمما 1999- يىلدىكى كۈرەش ، شىرئەلىي باشچىلىقىدىكى تىرورلۇق ۋەقەسدىن كېيىنلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلدە دىندا ئوقۇشى چەكلەندى ۋە مەسچىتكە كېرىشىگىمۇ چەك قويۇلدى. سېلىنىۋاتقان مەسچىتلەر سېلىشتىن توختىلىپ، مەسچىتلەرنى سالغاندا نەقىش ئويۇش چەكلىنىپ، سىداملا ئاق رەڭدە سېلىش، ياغاچلارغا ۋە ئىشكلەرگە نەقىش ئويۇشقا، ئىشكلەرنى ھەرخىل رەڭدە سىرلاشقا چەك قويۇلدى. تىرورلۇق بىزنىڭ ئەسلى بار بولغان ھوقۇقىمىزنى كىچىكلىتىپ، بىزنىڭ ياشاش ئىمكانىيتىمىزنى كىچىكلىتىپ، يوللىرىمىزنى ئەتسە ئەتتىكى ، يول ئاچىمىدى، بىز تىنىچلىقنى، ئىتتىپاقلىقنى خالايمىز )


بۈگۈن پۈتۈن سىنىپتىكىلەر كېۋەز تىكىشكە باردۇق، ئككى كۈن ئەمگەك قىلىپ، بەدەل پۇلىنى تاپىدىكەنمىز، 40 كوي بەدەل پۇلىنى تاپشۇرالىغانلار ئۆيىدە دەم ئالسا بولىدىكەن، ئەمما دادام ماڭا بەدەل پۇلىنى بەرمەي، بېرىپ ئىككى كۈن ئىشلە، كېۋەز تىكىش ئاسان گەپ، ئوغۇل بالا دېگەن ئىشلەپ چېنىقىدۇ دەپ مېنى ئېتىزغا ئەۋەتتى. مەنمۇ مالىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە جىتاق مەلىگە كېۋەز تىكىشكە باردىم، بەك ھېرىپ كەتتىم.ئۆيگە ھېرىپ كەلسەم، يەنە ئادەتتىكىدەكلا قويلارغا ھەلەپ ئېتىمەن، كۇپقا كۆلدىن سۇ توشۇپ تولدۇرىمەن.ئادەمنى ئېشەكتكە ئشىقا سالىدىكەن... بۈگۈنكى ئەمگەك مەيدانىدا بىر ئىش بەك قىزىق بولدى.
بىر خانىم ( ئايال ئوقۇتقۇچىنى كۆرسىتىدۇ ) ئېشەكنى خىتە گۇي دەپ ھەيدىگەنتى، ماڭمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر دېھقان ئەدەم : ھاي خانىم، ئاڭلىسام، ئايال كىشى ئېشەكنى خت دىسە ،نان يەمسە قېرى دەيمىش، شۇڭا ھەيدىمىسىلە بولدى ....دېگەنتى بالىلار كۈلۈپ ، تېلىقىپ كەتتى. دېمىسىمۇ ئۇ خانىم ئېشەكنى تاياقتا ئۇرسىمۇ ماڭمىدى،. ..
لېكىن، شۇنداق ھېرىپ كەلسەم، مەلىمىزدىكى دەنشى ( تېلىۋىزور ) بار ئۆيدىكىلەر پۇلۇڭ يوقكەن دەپ كىرگۈزمىدى، بۈگۈن سۇمۇكۇڭنى ( غەرپكە ساياھەت فىلىمىنى كۆرسىتىدۇ ) قوياتتى. دادامغا پۇل بە، ئەرشىدىنخان غوجامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ دەنشى كۆرۈپ كېىلمەن دېسەم شەيتاننىڭ نەرسىسىنى كۆرمە دەپ پۇل بەرمىدى، بىر موچەن بولغان بولسا، ئەرشىدىن خوجامنىڭ ئوغلى ئىشكتىن كىرگۈزەتتى.....
2001- يىلى 4- ئاينىڭ 26- كۈنى پەيشەنبە )
( 2001- يىلىدىمۇ مەلىمىزگە توك ئۇمۇملاشمىغانىدى، پەقەت بىردە بېسىمى يۇقىرلاپ، بىردە تۆۋەنلەپ كېلىدىغان توك باتتى. مەلىمزدە ئەرشىدىنخان غوجام دەپ بىر غوجىلار ئەۋلادى بار ئىدى. ئۇلار باي ئىدى، شۇلارنىڭكىدە تېلىۋىزور بار ئىدى.ئۇ كىشنىڭ بالىسى پۇل ئېلىپ ئاندىن تېلىۋىزور كۆرگىلى قوياتتى. ئۆيىمىزگە تۇرۇبا ئومۇملاشمىغان ئىدى، بەزىدە كۆلدىن، بەزىدە  باسما قۇدۇقى بارلارنىڭ ئۆيىدىن كۈپكە سۇ تولدۇرپ، ساقلاپ ئىچەتتۇق.
بەدەل پۇلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دائىم بايلارنىڭ ئېتىزلىرىغا بېرىپ كېۋەز تىكەتتۇق، پاختا تىرەتتۇق. بوغداي ئوراتتۇق، كۈزدە قوناق ئاقلاشقا ياردەم بېرەتتۇق. ئەمما ھازىر مائارىپىمىز ھەقسىز بولدى، مەن پەقەت 2003- يىلى تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىقتىكى چېغىمدىلا ئاندىن ھەقسىز مائارىپقا بىر يىل ئولاشقان ئىدىم )


كۈندىلىك خاتىرەمنىڭ تولۇقسىز 1- يىللىق قىسمىدىن مۇشۇلارنىلا يوللىدىم. كېلەركى ساندا تولۇقسىز 2- يىللىقتىكى قسىمىدىن پارچە يوللايمەن. بالىلىقتىكى ساددا خاتىرىلىرىم سىزدە ئاز تولا ئوي پەيدا قىلالىسا ۋە مەلۇم ئەسلىمىلىرىڭىزنى ئەسكە سالالىسا مەن ئالەمچە بەخت ھېس قىلىمەن. كىم بىلىدۇ ، بۇ خاتىرىلەر سىزنىڭ ھاياتىڭىزغا تەسىر قىلىپ قالامدۇ تېخى.

زىيالىي

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ». « سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولالماس قالغان كۆڭۈلنى». « لەيلىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك»

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 252
يازما سانى: 1436
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 20068
تۆھپە نۇمۇرى: 468
توردا: 6737 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 12:36:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈندىلىك خاتىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم . ئالدىنقى 1-سانىنىمۇ ئوقۇغان ئىدىم . خاتىرىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ مىنىڭمۇ بىر بۆلۈك بالىلىق چاغلىرىم كۆز ئالدىمغا كېلىپ قالدى . مىنىڭمۇ شۇنداق ئېنىق  ئىسىمدە تۇرۇپتۇ .  باشلانغۇچ ۋاقىتلىرىمدا دادامنىڭ خىزمەت خاتىرسىدىن بىرنى ئېلىۋالغان ئىدىم . بۇ خاتىرە  يانچۇققا سېلىشقىمۇ بەك ئەپلىك ،  بەت ئۈستىدە يىل ئاي كۈن بار مۇشۇنداق بىر خاتىرىنى مەنمۇ كۈندىلىك خاتىرە قىلغان ئىدىم . باشلانغۇچىنى پۈتتۈرگىچە مەنمۇ كۈندە مەكتەپتە بولغان ئىش پائالىيەتلەرنى بۇ خاتىرە ئۈستىگە يېزىپ ماڭغان ئىدىم . كىيىن ئوقۇش ئالدىراشچىلىقى ، تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكى بىلەن بۇ خاتىرىنى تاپالمىدىم .

تۆت تادۇ ئۇيغۇر

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4418
يازما سانى: 4330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198833
تۆھپە نۇمۇرى: 694
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 12:38:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر خانىم ( ئايال ئوقۇتقۇچىنى كۆرسىتىدۇ ) ئېشەكنى خىتە گۇي دەپ ھەيدىگەنتى، ماڭمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر دېھقان ئەدەم : ھاي خانىم، ئاڭلىسام، ئايال كىشى ئېشەكنى خت دىسە ،نان يەمسە قېرى دەيمىش، شۇڭا ھەيدىمىسىلە بولدى ....دېگەنتى بالىلار كۈلۈپ ، تېلىقىپ كەتتى. دېمىسىمۇ ئۇ خانىم ئېشەكنى تاياقتا ئۇرسىمۇ ماڭمىدى،
_________________________ [s:180]

ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى www.4tadu.com/

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 3450
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 46023
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6911 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 12:41:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۇندىلىك خاتىرىڭىزنىڭ 1- قىسمىنى ئۇقۇپ   ئۈتۈپ كەتكەن ئاشۇ ئوسمۇرلۇك
ۋاقىتلىرىمغا قايتقاندەك بولغانىدىم ...مانا ئەمدىلىكتە ئاشۇ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى كەپسىز ۋە شوخ چاغلىرىم ئىسىمگە كىچىۋاتىدۇ ........مۇمكىن بولسا مەنمۇ ئىسىمگە كەلگەن گۈزەل ئەسلىمىلىرىمنى يوللاشقا تىرىشىمەن ....... زىيالى ئىنىمنىڭ مۇشۇنداق نادىر، بەدى قىممىتى يۇقۇرى تىمىلارنى ئۇزۇلدۇرمەي يوللاپ تۇرۇشىنى ئۇمۇت قىلىمەن

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

شاھزادە ئارتورن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2389
يازما سانى: 1778
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13495
تۆھپە نۇمۇرى: 505
توردا: 4431 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2011-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 02:02:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىڭىزنى كۆرۈشكە بىزنىڭ ۋاقتىمىز يوق ، مىسرانىم ھەم سىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغان يېزىق بىرتەرەپ قىلىش دىتالىڭىز ئەمەس . قايدا دىدىما  [s:178]

تەڭشەلمىگەن جاھان بۇ ...

ھەر ۋاقىت ھۇشيار

باش رەسىمى نىقابلانغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24343
يازما سانى: 1259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8708
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 1408 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2013-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 02:34:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
يولۋاس

مەن ھاياتنىڭ جىنازىسىدا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 236
يازما سانى: 532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 54871
تۆھپە نۇمۇرى: 378
توردا: 3468 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 02:51:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ بىر تاتلىق ھېسلارغا  چۆمۈلۈپ  قالدىم   ....ئىلى پىداگوكىكا  ئىنىستىتۇتىغا  كەلگەندىن كېيىنمۇ  يازغانمۇ  يا  ؟؟  بولسا  ھەممىنى  ھە   ....

ئارمانغا يەتمەك نىمانچە تەستۇ؟

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11319
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6725
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 1581 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 03:01:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يامان يولدىن قايتىپ ياخشى ئادەم بۇلىۋاتامسەن يا؟!!!!!

يەيدىغان زەھەر بار،يىمەيدىغان ھەسەل

مەن ھاياتنىڭ جىنازىسىدا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 236
يازما سانى: 532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 54871
تۆھپە نۇمۇرى: 378
توردا: 3468 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 03:14:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق  قىلىمەن دىمەي  يوللىمامسىز    ....كۆرىدىغانلار  ،كۆرۈپ  ھوزۇر  ئالىدىغانلار  بار    دەيمەن  ....

تاڭ شامىلى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 119
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9507
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 871 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 06:31:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلغاندا خۇشاللىقتىن ئاغزىم قۇلقۇمغا يەتكەنتى...ئىككى يىل ھەقسىز مائارىپتىن بەھىرلەنگەن بوپتىمەن......تۆنۈگۈنكى <كۆڭۈلدىكى سۆز>پىروگگىراممىسىدىن بىلىشىمچە يېقىنقى مەزگىللەردە ئالىي مەكتەپمۇ پۈتۈنلەي ھەقسىز بولارمىش.......

چىمەنزارلىق قەلبى ماكانىم، بۇلۇت چۈشى ماڭانامەلۇم. كەلگۈسىگە پاتمايدۇ قۇياش، دەرەخ كۆزىدە چاقنايدۇ ياش.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش