بىز ئىنتىلنىڭ 2007-2008-2009- يىللاردىكى مۇنبەرلىرىدە بۇ ھەقتە ئىزچىل تەكىتلەپ كىلىۋاتقان گەپنى بۇ قېتىم يەنە تەكىتلىمىسىەك بولمايدىغاندەك تۇرۇدۇ.
ھازىرقى تور ۋەزىيىتى ھەققىدە يەنە چۈشەندۈرۈپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق. گەپنىڭ پوسكاللىسىنىلا دەيلى.!
1- مەيلى QQ توپ ياكى باشقا ئۇسۇلدا بولسۇن QQ پۇلى تېپىش، جۇغلانما كۆپەيتىش مەقسىتىدە بىزەڭلىك بىلەن تەكرار ئۇچۇر يوللاۋىرىشتىن ساقلىنىڭ. !
2- ھازىر تور بېخەتەرلىكى دۆلىتىمىزدىكى مۇھىم خىزمەت بولۇپ توردىكى تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى نازارەت قىلىش يىللاردىكىدىن ھەسسىلەپ كۈچەيتىلدى.
5 - باشقىلار بىلەن ئايرىپ QQ سۆھبىتى قىلغاندىمۇ ئەدەبلىك ئىلمىي بولۇڭ، باشقىلارنى غەرەزلىك تىللايدىغان، تىللاپ پۇخادىن چىقىدىغان ئىشنى قىلىشتىن ساقلىنىڭ.14- مەيلى كىم بولسۇن دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە ، ئىناۋىتىگە مۇخالىپ ئۇچۇرنى تەۋسىيە قىلسا سىزمۇ راستمىكىن دەپ تەۋسىيە قىلىپ يۈرمەڭ. چۈنكى QQ غا دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدىن ھەر خىل ئادەملەر بىمالال چىقالىشى تۇرغانلا گەپ. ناۋادا شۇ ئۇچۇرنىڭ چاتىقىغا قالسىڭىز سىزگە ئۇچۇر يوللىغۇچىنى تېپىپ بولغۇچە ھەرەج تارتقىنىڭىز تارتقان بولىدۇ."
5-
http://xx.qq.com دىن باشقا ئادرىستا كىلىۋاتقان QQ پۇلى، ئۇچى- بۇچى دەيدىغان ئۇچۇرلارغا ئالدىراپ ئىشەنمەڭ. يادىڭىزدا بولسۇنكى QQ شىركىتىنىڭ ئادرىسى چوقۇم « . » تىن كېيىن QQ دېگەن خەت يەنە « . » تىن كېيىن com كىلىپ تاماملىنىدۇ. يەنى
http://xx.qq.com دېگەندەك .چۈنكى ھازىر QQ نىڭ ئۆزىدىلا ئۇچۇر ياكى QQ نومۇرنى پاش قىلىش ئەسكەرتمىسى قوشۇقلۇق بولۇپ بۇ ئەسكەرتمە
http://safe.qq.com/site غا ئۇلانغان ، بۇ يەردىكى «ناچار نومۇرنى پاش قىلىش» ( 举报恶意QQ帐号) ۋە « ناچار بەتنى پاش قىلىش»نى بېسىش ئارقىلىق ھەرقانداق ئادەم سىزنى يەنى QQ نومۇرىڭىزنى ياكى ئۇچۇرىڭىزنى پاش قىلالايدۇ.( ئەلبەتتە بۇنىڭ پاكىتى بولىشى كېرەك. پاكىتى بولمىسا ياكى يامان نىيەتتە پاش قىلىنسا پاش قىلغۇچى ئۆزى چاتاققا قالىدۇ.
, بۇ ئەسكەرتىشنى گەرچە قوپالراق يوللاپ قويغان بولساقمۇ سىزنىڭ ھازىرقى تور شارائىتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن مۇھىم رول ئويناپ قالىدۇ دەپ ئىشىنىمىز.
تىما يوللىغىۇچى ئەسكەرتمىسى:مەزكۇر تېما تەشۋىقات ئەھمىيىتى بار دەپ قارالغاچقا ئىنتىل سەيناسىدىن ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ ئېلىپ كېلىندى. تورداشلارنىڭ توغرا چۇشىنىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن !
ئەسلى ئادىرىسى : :
http://www.intil.biz/home/thread-669-1-2.html