بۇ ئادەتلەرنى يېنىڭىزدىن ئايرىماڭ!
ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، لېكىن تەكەببۇر بولماڭ؛
ئىززىتىڭىزنى ساقلاڭ، لېكىن ئۆزىڭىزنى چوڭ تۇتماڭ؛
چاقچاقچى بولۇڭ، لېكىن باشقىلارنىڭ دىلىنى رەنجىتمەڭ؛
ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ، لېكىن قالتىس ھېسابلىماڭ؛
كەمتەر بولۇڭ، لېكىن ئۆزىڭىزنى كەمسىتمەڭ؛
ئۆزىڭىزنى ئەيىبلەڭ، لېكىن ھاقارەتلىمەڭ؛
ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ، لېكىن شەخسىيەتچى بولماڭ؛
ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ، لېكىن مەيلىڭىزچە ئىش كۆرمەڭ؛
قەتئىي بولۇڭ، لېكىن جاھىل بولماڭ؛
جانلىق بولۇڭ، لېكىن شاللاق بولماڭ؛
باتۇر بولۇڭ، ئەمما قارام تەلۋە بولماڭ؛
تەمكىن بولۇڭ، لېكىن جۈرئەتسىز بولماڭ؛
سەگەك بولۇڭ، لېكىن گۇمانخور بولماڭ ؛
مەردانە بولۇڭ، لېكىن قوپال بولماڭ؛
ياۋاش بولۇڭ، لېكىن دۆت بولماڭ؛
ئېھتىياتچان بولۇڭ، لېكىن چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەڭ؛
يومۇرلۇق بولۇڭ، لېكىن چاكىنا بولماڭ؛
سۆزمەن بولۇڭ، لېكىن مۇغەمبەرلىك قىلماڭ؛
ساددا بولۇڭ، لېكىن گۆدەكلىك قىلماڭ؛
مۇلايىم بولۇڭ، لېكىن قارىغۇلارچە ئىش كۆرمەڭ؛
1.لېفىت بولسىمۇ ئارىلاپ پەلەمپەيدە مېڭىپ قويۇڭ.
2.ئاپتۇبۇس كۈتۈپ تۇرغاندا،ئاپتۇبۇس كىلىدىغان تەرەپكە قاراپ تۇرۇۋالماڭ.
3.ئىشقا بېرىپ-قايتقۇچە ئارىلاپ باشقا يوللاردىنمۇ مېڭىپ بېقىڭ.
4.سىرتتىن تۇنۇيدىغان ئادەملەر بىلەنمۇ سالاملىشىپ قويۇڭ.
5.دائىم باشقىلاردىن ئۆزىڭىزگە بولغان قارىشىنى سوراپ تۇرۇۋالماڭ.
6.پۇرسەت بولسىلا ئاسماننى كۈزۈتۈپ تۇرۇڭ.
7.باشلىقىڭىزنىڭ ئىشىكىنى چىكىشتىن ئاۋال،قىلماقچى بولغان ئىشىڭىز ۋە دىمەكچى بولغان سۆزىڭىزنى كاللىڭىزدا ئېنىق تۇرغۇزۋېلىڭ.
8.تىلفۇندا سۆزلىشىپ بولغاندىن كىيىن :<ماقۇل،،تىلفۇننى قويدۇم ئەمىسە.>دىيىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
9.بەش يۇلتۇز تۈركۈمى،10 خىل دەرەخ،20 خىل گۈلنىڭ ئىسمىنى تۇنۇپ قويۇڭ،ھەم ئۇلارنى پەرق ئىتەلەيدىغان بولۇڭ.
10.ئۇخلىيالمىسىڭىز دەرھال ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ كىتىڭ.
11.<.......بولغاندىلا بەختلىك بولاتتىم>،<.........پۇل تاپالىساملا كۆڭۈللۈك ياشايتتىم .>دىگەندەك ئويلاردا بولماڭ.
12.قىيىنچىلىققا يولۇققىنىڭىزدا ،ئۆزىڭىز ھۆرمەتلەيدىغان ئادەمنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلغانلىقىنى ئويلاڭ.
13.ئادەمنى بىزار قىلىدىغان كىشىگە يولۇققىنىڭزدا :<ئۇنىڭدىكى ئىللەتلەر مەندىمۇ بارمۇ ؟>دەپ ئويلاڭ.
14.قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزغا ئالدىنئالا مەغلۇپ بۇلۇش سەۋەبى تاپماڭ.
15.ھەرقانداق قىيىنچىلىق ئازاپلىرىڭزنى ئەھمىيەتلىك ئىش،تۇرمۇشنىڭ بىر چېنىقتۇرۇشى،چوڭ ئىشلارغا تۇتۇش قىلىشىڭىزنىڭ تەييارلىق باسقۇچى دەپ قاراڭ.
سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ !
تۇرمۇشتىكى بىر تالاي ئۇششاق ئىشلار سالامەتلىكىمىزگە تەسىر قىلماقتا.ئەگەر تۇرمۇشىڭىزدا تۈۋەندىكى ئەھۋال بىر قەدەر كۆپ بولسا ،ئۇنداقتا چېنىقىشنى كۈچەيتىپ،ئوزۇقلىنىشنى تەڭشەپ،روھى كەيپىياتىڭىزنى ئوڭشىشىڭىز ياكى ئىدارىڭىزدىن رۇخسەت ئېلىپ ئوبدان ئارام ئېلىشىڭىز كېرەك.
1.ھەر كۈنى ئەتىگەن ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا چېچىڭىز چۈشكەن بولسا.
2. ئۆزىڭىزنى روھىي بېسىمدا ھىس قىلسىڭىز ۋە دېرىزىدىن سىرتتىكى ئاسمانغا قاراپ،ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالسىڭىز .
3.تۆنۆگۈنلا ئويلاپ قويغان مەلۇم بىر ئىشنى بۈگۈن ھەرقانچە قىلىپمۇ ئەسكە ئالالمىغان بولسىڭىز،بۇ ئەھۋال يېقىندىن بېرى تەكرار كۆرۈلگەن بولسا.
4.گەرچە ئالدىراپ ئىشقا كىتىۋاتقان بولسىڭىزمي ،ئەمما خىزمىتىڭىزنىڭ زېرىكىشلىكلىگىدىن ئىشخانىغا كىرىشتىن بىزار بولسىڭىز.
5.خىزمەتداش ۋە باشلىقىڭىزنى كۆرۈشنى خالىماي،بىر خىل بىكىنۋېلىش ئارزۇسىدا بولسىڭىز.
6.خىزمەت ئۈنۈمىڭىز كۆرىنەرلىك تۈۋەنلىگەن،باشلىقىڭىزمۇ نارازىلىقىنى بىر قانچە قېتىم ئىپادىلىگەن بولسا.
7.ھەر كۈنى بىرەر سائەتچە ئىشلەپلا چارچاش ۋە ئىچى سىقىلىش ھىس قىلغان بولسىڭىز.
8.خىزمەت كەيپىياتىڭىز ئىزچىل تۈزەلمىسە،ھەممىدىن سىزنى دىل خەستە قىلىدىغىنى ئاچچىقىڭىز يامان ،ئەمما ئېتىلغۇدەك مادار يوق بولسا .
9.ئۈچ ۋاخ تاماققا ئىشتىھايىڭىز بولمىسا ،ھاۋا ئامىلىنى چىقىرۋەتكەندە ،گەرچە ئاشۇ تائاملارغا ئامراق بولسىڭىزمۇ ،ئەمما يىقىندىن بېرى ئاغزىڭىز ئەمەن تېتىيدىغان بولسا.
10.ئىشخانىدىن تېزراق ئايلىنىشقا كۆزىڭىز تۆت،تېزراق ئۆيگە كىتىپ،پۇت-قولىڭىزنى سوزۇپ يېتىپ ئارام ئېلىش نىيىتىدە بولسىڭىز .
11. شەھەر بۇلغىنىشى ۋە ۋاراڭ چۇرۇڭ ئاۋازلارغا تولىمۇ سەزگۈر ،ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا تېخىمۇ تېنچلىقنى ،تىمتاس مەنزىرىلەرنى ۋە ئاراملىشىشنى خالىسىڭىز .
12.دوستلار ئولتۇرۇشىغا بۇنداق قىزغىن بولمىسىڭىز ،ھەر خىل يىغىلىشلارغا مەجبورى قاتنىشىش تۇيغۇسىدا بولسىڭىز.
13.كىچىسى ئۇيقىڭىز قاچسا،ئۇخلىغان تەقدىرمۇ كۆپ چۈش كۆرۈپ كۆپچۈش ئۇخليالمايدىغان بولسىڭىز.
14.بەدەن ئېغىرلىقىڭىز كۆرىنەرلىك چۈشسە،ئەتىگەن قوپۇپ كۆز چاناقلىرىڭىز ئولتۇرۇشقان ،ئىڭىكىڭىزنىڭ ئۇچلۇقلاشقىلىقىنى بايقىسىڭىز .
مەنبە :تەرمىلەر