مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1140|ئىنكاس: 18

<زىيالىي > نىڭ  كۈندىلىك خاتىرسى ئې [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياخشى دوست-بىباھا گۆھەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11523
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2271 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 08:42:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



ھاياتىمنىڭ 23- باھارىغا قەدەم باساي دەپ قاپتىمەن، باشلانغۇچ 4- يىللىقتىن باشلاپ كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى باشلىغانكەنمەن، مانا ھازىرغىچە جەمئىي 8 پارچە كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ تاماملاپتىمەن.

كۈندىلىك خاتىرەمگە ھەم شەخسىي سىرلىرىم ھەم تۇرمۇش تەجرىبىلىرىم ، ھايات قاراشلىرىم ۋە جەمئىيەت، ئائىلە، سىياسى ، مەدەنىيەت ۋە كەسپى بىلىملىرىم قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزۈم ئۇچراتقان ، ھېس قىلغان ياكى بىۋاستە بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئىشلارنى راس، لىللا ھالدا يېزىلغان. بۇ قېتىم مەن 8 قىسىم كۈندىلىك خاتىرەمدىكى بىر قىسم مەزمۇنلارنى تاللاپ كەڭ تور ئەھلىگە سۇندۇم. ئەلۋەتتە ، كۈندىلىك خاتىرە دېگەن راس ئىش، راس ۋەقەلەر يېزىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە يازغان كۈندىلىك خاتىرىلىرىم نىڭ تەپەككۇر قاتلىمى ۋە مەسىلىلەرنى كۈزىتىش ئۇسۇلىدا تولىمۇ ساددا، بالىلارچە ئەھۋال بولۇشى تەبىئىي، مەن كۈندىلىك خاتىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى كۈندىلىك خاتىرەمدىكى بالىلارچە ھېسلارنى 10 نەچچە يىل ئىلگىركى 11 ياش ۋاقىتتىكى يازغىنىم بويىچە يوللىدىم. توغرا قوبۇل قىلارسىزلەر.

ئەگەر بۇ كۈندىلىك خاتىرەمدىكى قىسمەن مەزمۇنلار تورداشلارغا بالىق ۋە ياشلىقتىكى مەلۇم ئەسلىمىسىنى ئەسكە سالالىسا ۋە ياكى ھاياتتىكى مەلۇم ھادىسە، ماھىيەتلەرنى بايقىشىغا، ھاياتقا بولغان قارىشىغا ، تۇرمۇشىغا قىسمەن ئىجابىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلەلىسە بۇ مېنىڭ ئالەمچە بەختىم ۋە خۇشاللىقىم.


ئېچىۋېتىلگەن كۈندىلىك خاتىرە
( 1- قىسىم كۈندىلىك خاتىرەم 1998-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ 2000-يىلى 7- ئايغىچە بولغان ئىشلار )

بۈگۈن مەن تېڭىرقاپ قالدىم، مۇئەللىم مېنى ئالداۋاتامدۇ ياكى ئاتا- ئاناممۇ بۇنى ئۇقمۇدۇم. ئۇلارنىڭ گېپى پۈتۈنلەي بىر- بىرىگە قارمۇ- قارشى ئىكەن، زادى قايسىسىغا ئىشىنىمەن؟
بۈگۈنكى " ئاتىزىم تەربىيسى " دەرىسىدە مەلىكە مۇئەللىم ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەن، ئەسلى دۇنيادا ئادەم يوق ئىدى، مايمۇن پەيدا بولۇپ، مايمۇننىڭ ئەمگەك قىلىش ۋە تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ھازىرقى ئادەم بارلىققا كەلگەن دەپ سۆزلىدى، ئەمما دادام ماڭا: " بىز ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ بالىلىرى دېگەن ئىدى. مەن دادامدىن ئادەم ئاتا دېگەن كىم، ھاۋا ئانا دېگەنچۇ، ئۇلار ھازىرمۇ ھاياتمۇ دەپ سورىسام ، ئادەم ئاتا ئۇلۇغ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن تۇپراقتىن ياسىلىپ، جان كىرگۈزۈلۈپ يارىتىلغان ۋە بارلىق پەرىشتىلەرنى سەجدە قىلدۇرغان. ھاۋا ئانا ئادەم ئاتىنىڭ بىر قوۋۇرغىسىدىن يارىتىلغان ....دەپ بىرمۇنچە ھېكايە سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئۇنداقتا بىز لايدىن ياسىلىپ ، ئاندىن خۇدايىم بىزگە جان كىرگۈزۈپتىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما بۈگۈن مۇئەللىم : بىز ئەسلى مايمۇندىن تۆرەلگەن، ئىشەنمىسەڭلار مايمۇنغا قاراپ بېقىڭلار ، ئۇ بىزگە ئوخشايدۇ دېدى. مەن مۇئەللىمدىن : ئەمىسە نېمىشقا ھازىر مايمۇندىن ئادەم تۆرەلمەيدۇ، مەن بىرەر مايمۇندىن ئادەمنىڭ ئۆزگەرگىنىنى ئاڭلىمىدىمغۇ دېسەم، : بالام، سەن بىلمەيسەن، ئادەمنىڭ مايمۇندىن ئۆزگىرىشى ناھايتى ئۇزاق يىللىق جەريان، نەچچە مىڭ يىلدا ئاندىن ئۆزگەرگەن، كېيىنچە ئۆزگەرمەس بولۇپ قالغان دېدى.
ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا ئانامدىن مۇئەللىم بىزنى مايمۇندىن تۆرەلگەن دەيدۇ ، سىلەر ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانىنىڭ بالىلىرى بىز دەيسىلەر، زادى قايسىڭلار نىڭ راس، مەن گاڭگىراپلا قالدىم دسەم، ئانام ماڭا: ئۇلار دېگەن كاپى ر ، گېپىگە ئىشەنمە...دېدى.
ئۇنداقتا زادى كىمنىڭ گېپى راست، چوڭلار نېمانچە يالغانچى؟ بىز زادى نېمىدىن تۆرەلگەن، زادى بېشىمدىن ئۆتمەيۋاتىدۇ؟
1998-يىلى 9- ئاينىڭ 2- كۈنى چارشەنبە ( باشلانغۇچ 4- يىللىقتا ئىدىم )
( مائارىپ ئورگانلىرىدىكى ئىدىئولوگىيە بىلەن ئائىلىدىكى ئىدىئولوگىيەنىڭ بىردەك بولماسلىقى سەۋەبىدىن شۇ كۈندىلىك خاتىرىنى يازغان بولسام كېرەك، ھېلىمۇ ھەم بۇنداق گاڭگىراۋاتقانلار خېلىلا بولسا كېرەك )


بۈگۈن مالىم ( مۇئەللىمنى كۆرسىتىدۇ ) ئىدىيە - ئەخلاق دەرسىلىكى كىتابىمنى ئېلىۋېلىپ مەكتەپ ئارقىسىدا كۆيدۈرۋەتتى. چۈنكى سىنىپىمدىكى بالىلار ئىدىيە- ئەخلاق دەرسلىكىدىكى ماۋزەيدۇڭ ( ماۋزۇدۇڭ نى كۆرسىتىدۇ ) نىڭ تىيەنمېن ( تىيەنئەنمىن راۋىقىنى كۆرسىتىدۇ ) دە جۇڭگۇ قۇرۇلغانلىق تويىدىكى رەسىمى بىلەن جىق خەنزۇ باشلىقلارنىڭ رەسىمىنى بوياپ، پىچاق سىزىپ قويۇپتىكەن، مەنمۇ ئۇلارنى دوراپ، قىزىقىپ سىزغان ئىدىم. باش مەكتەپ( مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنى كۆرسىتىدۇ ) تىن تەكشۈرۈشكە ئادەم كېلىدىكەن، ئەگەر شۇنداق سىزغانلارنى بايقىسا تۈرمىگە تاشلايدىكەن، مالىم ، ئانام، دادام ۋە مېنى تۈرمىگە ئەكىرىپ قىينايمىش. شۇڭا مالىم، مېنىڭ ئامانلىقىم ئۈچۈن بۇ كىتاپنى كۆزدىن يۇقىتىۋەتتى. ھەم ماڭا يېڭى كىتاپ بەردى. پۇلىسىنى ئەكىلىپ بەردىم. سىنىپتىكى بالىلاردىن ئككىنى تۇتۇۋالدى. ئۇلارنىمۇ تۈرمىگە ئەكىرىپ كېتەرمۇ؟ مالىمنى ئەكىرىپ كەتسە قانداق قىلارمىز؟ ئۇلارنى ئوق بىلەن ئېتىۋېتەرمۇ؟.....
1999- يىلى 10- ئاينىڭ 4- كۈنى دۈشەنبە ( باشلانغۇچ 5- يىللىقتا ئىدىم )
( 1999- يىلى خوتەن رايونىدا كۈرەش، شىرئەلىي باشچىلىقىدا تىرورلۇق، بۆلگۈنچلىك ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالغان، شۇ ۋاقىتتا ئىجتىمائىي ئاساسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى تۈپەيلى بۇتىرورلۇق تەشكىلاتىنى يوقىتىش، تازىلاش خىزمىتى 1 يىلدەك داۋاملاشقان ئىكەن. بۇ جەرياندا ئۇلار ئىدىئولوگىيە ساھەسىگە سىڭىپ كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيسىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان. شۇ ۋاقىتتا دەرسلىكلەردىكى رەھبەرلەرنىڭ رەسىملىرىگە پىچاق سىزغان ۋە ئويۇۋەتكەن بالىلار ۋە ئاتا- ئانىلىرى ، سىنىپ تەربىيچىلىرى بىلەن قوشۇپ سوراققا تارتىلغان، ئەمما كېيىن، ئۇلۇغ، ئادىل پارتىيە ھەممىنى ئاقلاپ ، گۇناھسىز دەپ قويۇۋەتكەن. )

مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بىر قىسىم كۈندىلىك خاتىرەمدىن ئاران مۇشۇ ئىككى پارچىنى سونۇشنى توغرا تاپتىم. چۈنكى باشقا پارچىلىرى ھەددىدىن زىيادە چۇۋالچاق ۋە ئەھمىيەتسىز تېىملار بولغاچقا يوللىمىدىم. كېلەركى سانىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتكى قىسمىدىن تاللانما يوللايمەن.

تورداشلارنىڭ تېمىلارغا تارىخى نۇختىدىن قاراپ، ئىلمىي تەھلىل قىلىشىنى، ۋە مېنىڭ داۋاملىق ھالدا كۈندىلىك خاتىرەمدىن پارچىلارنى يوللاپ تۇرۇشۇم ئۈچۈن يول ئېچىشىنى ۋە ئىمكانىيەت قالدۇرىشىنى، ئىلمىي ۋە سوغۇققان ئىنكاس قالدۇرىشىنى تۆۋەنچلىك بىلەن سورايمەن!

ھۆرمەت بىلەن : زىيالىي



        مەزكۇر تېما پەقەت مىسرانىم مۇنبىرىگىلا تەۋە، باشقا ھەرقانداق مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشغا بولمايدۇ. مەقسىتىم، مسىرانىم مۇنبىرىگە  خاسلىق قوشۇش، ئۆزگىچلىك شەكىللەندۈرۈش.

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ». « سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولالماس قالغان كۆڭۈلنى». « لەيلىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك»

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 10:03:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى داۋاملىق موشۇ تىمىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ تۇرسىڭىز ،ئاندىن تىما نادىرلانسا ياخشى بولغۇدەك [s:166]
داۋامىنى داۋاملىق ئوقۇشقا ئىنتىزاربىز [s:173]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17307
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7229
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 10:13:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سزمۇ ئەمدى كۈندىلىك خاتىرەيىزىپ نام چىقراي دەمىسز

كۆزۈڭنى يۇم،كۆز

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2228
يازما سانى: 885
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 24291
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 6606 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 10:20:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىيالىينىڭ كۈندىلىك خاتىرسىنى ئوقۇپ مېنىڭمۇ كۈندىلىك خاتىرەم ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ.بالىلىقتىكى ساددا خىياللىرىم ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ.
كۈندىلىك خاتىرە يېزىش ياخشى ئىش.مەنمۇ يازاتتىم.ھازىر تولىمۇ پۇشايمان قىلىمەن.چۈنكى يازىمەن يازىمەن.ھەر بىر خاتىرە توشقان ۋاقىتتا نىمىشقىدۇر ھەممىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپ يىڭى بىر خاتىرىگە ئۆتىمەن.ئاللا خالىسا ھازىرقى خاتىرەمنى كۆيدۈرمەيمەن.ھاياتىمنىڭ ئەڭ نازۇك ئەڭ جىددىي چاغلىرى خاتىرلەنگەن بۇ خاتىرىدە ئەسلىمىلىرىم نۇرغۇن.
تىمىغا قايتىپ كەلسەم كۈندىلىك خاتىرىڭىزنىڭ ئاخىرىغا تەشنامەن.چوقۇم بەك پەيزى.

" مەن قايتىلانمايمەن،ئۆمرۈم يىڭىلانمايدۇ،پەقەت قايتىلىنىدىغىنى باھار، يىڭىلىدىغىنى ئارمان!"

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13103
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 10:21:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا بۇ بىزدىكى تېڭىرقاش ۋە ئىزتىراپنىڭ مەنبەسى......

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27331
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8150
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2012-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 10:24:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:<زىيالىي > نىڭ  كۈندىلىك خاتىرسى


1999- يىلى 10- ئاينىڭ 4- كۈنى دۈشەنبە ( باشلانغۇچ 5- يىللىقتا ئىدىم )
( 1999- يىلى خوتەن رايونىدا كۈرەش، شىرئەلىي باشچىلىقىدا تىرورلۇق، بۆلگۈنچلىك ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالغان، شۇ ۋاقىتتا ئىجتىمائىي ئاساسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى تۈپەيلى بۇتىرورلۇق تەشكىلاتىنى يوقىتىش، تازىلاش خىزمىتى 1 يىلدەك داۋاملاشقان ئىكەن. بۇ جەرياندا ئۇلار ئىدىئولوگىيە ساھەسىگە سىڭىپ كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيسىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان. شۇ ۋاقىتتا دەرسلىكلەردىكى رەھبەرلەرنىڭ رەسىملىرىگە پىچاق سىزغان ۋە ئويۇۋەتكەن بالىلار ۋە ئاتا- ئانىلىرى ، سىنىپ تەربىيچىلىرى بىلەن قوشۇپ سوراققا تارتىلغان، ئەمما كېيىن، ئۇلۇغ، ئادىل پارتىيە ھەممىنى ئاقلاپ ، گۇناھسىز دەپ قويۇۋەتكەن. )


باشلانغۇچىنىڭ 5 - يىللىقىدا ئوقۇۋېتىپ مۇشۇنچىلىك ئىبارە ، كىتاۋىي تىللارنى ئىشلىتەلىگىنىڭىزگە قارىغاندا تالانت دىگەن باكەن جۇمۇ سىزدە؟!  تولۇقسىز ئوتتۇردىكى كۈندىلىك خاتىرلەردە ماگىستىرلىق ئۇنۋان ئىلىش جەھەتتە دىسىرتاتسىيە يازغۇدەك سەۋىيەدە يازدىڭىزمۇ نىمە؟


ئاپىرىن يارايسىز!  باشلانغۇچتىكى قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە ئاپىرىن!! تېخىمۇ تىرىشىڭ !


ئاچچىقىم يامان ، ئارتۇقچە چاقچاق بىلەن خۇشۇم يوق! گەپ بولسا يۈزدە دىگەنگە يەتمەيدۇ!

پەقەتلا قامچىغا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3063
يازما سانى: 1097
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 120289
تۆھپە نۇمۇرى: 446
توردا: 3276 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 10:25:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
4-يىللىقتىن باشلاپ كۈندىلىك خاتىرە يېزىۋاتىمەن دەڭ . بەلكىم چۈشۈپ قالغان كۈنلىرى يېزىلغان كۈنلىرىدىن كۆپتۇر؟!
13يىل دېگەن 4745كۈن دېگەن گەپ بۇنى ئالا قويماي يېزىش مېنىڭچە مۇمكىن ئەمەسلىك دەرىجىسىگە بارىدۇ .

كىچىك ۋاقتىڭىزدا مەسىلىلەرگە بولغان سىزىمىڭىز خېلى بالدۇر يىتىلىپتىكەن. بىزگىمۇ ئەنە ئاشۇنداق "ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەن"دېگەن مەزمۇنلار ئۆتۈلگەندە ، مېنىڭ كاللامغا ھازىر نېمىشقا مايمۇندىن ئۆزگەرمەيدۇ دېگەن خىيال ئەمەس ، بەلكى ئۇنداق بولسا مايمۇنلار نەدىن پەيدا بولغان دېگەن خىيال كەلگەن ئىدى .

كۈندىلىك خاتىرىنىڭ "مۇھەببەت"لىك بۆلۈملىرى بەكمۇ كىشىنى جەلپ قىلىدۇ ، بولسا شۇ بۆلەكلەرنى تېزراق يوللىۋىتەسىز  [s:173]  [s:174]

ۋاقىت رەھىمسىزلىك بىلەن تەرجىمھالىمنى يېزىۋاتىدۇ ... !

ياخشى دوست-بىباھا گۆھەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11523
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2271 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 10:54:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:Re:<زىيالىي > نىڭ  كۈندىلىك خاتىرس

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  polkownik كە 2011-01-23 10:24 PMئەۋەتىلدى Re:<زىيالىي > نىڭ  كۈندىلىك خاتىرسى ئېچىۋېتىلدى (1) :


باشلانغۇچىنىڭ 5 - يىللىقىدا ئوقۇۋېتىپ مۇشۇنچىلىك ئىبارە ، كىتاۋىي تىللارنى ئىشلىتەلىگىنىڭىزگە قارىغاندا تالانت دىگەن باكەن جۇمۇ سىزدە؟!  تولۇقسىز ئوتتۇردىكى كۈندىلىك خاتىرلەردە ماگىستىرلىق ئۇنۋان ئىلىش جەھەتتە دىسىرتاتسىيە يازغۇدەك سەۋىيەدە يازدىڭىزمۇ نىمە؟


ئاپىرىن يارايسىز!  باشلانغۇچتىكى قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە ئاپىرىن!! تېخىمۇ تىرىشىڭ !

  بۇ  تىرناق ئىچىدىكى   يۇقارقى   كۈندىلىك خاتىرىگە بولغان چۈشەندۈرۈش، بۇنى يېقىندا ماتىريالدىن  ئىزدەپ تولۇقلاپ يېزىپ قويدۇم، ئۇيغۇر تىلىدىكى  بەلگىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە مەنىسىنى ياخشىراق بىلىڭ، بەلكىم سىز  دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ قالارسىز. كۈندىلىك خاتىرە  دېگەن يىل ئاي  كۈن نى  يازغان يەردە تاماملىنىدۇ.  ئاخىرىغا تىرناق ئىچىگە ئېلىنغىنى شۇنىڭغا بولغان چۈشەندۈرۈش. ئاللاھ سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىزغا رەھمەت   
      يەنە بىرى   ، بۇ دېگەن ئەدەبىي ئەسەر، كۈندىلىك خاتىرە ئاساسىدا ،تىلى قىسمەن پىششىقلىنىدۇ، رەتلىنىدۇ. نۇرغۇن جايلىرى چىقىرىپ تاشلىنىدۇ.  مەن ئەھمىيەتكە ئىگە قىسىملىرىنى يوللىدىم.

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ». « سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولالماس قالغان كۆڭۈلنى». « لەيلىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك»

ياخشى دوست-بىباھا گۆھەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11523
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2271 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 11:08:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:<زىيالىي > نىڭ  كۈندىلىك خاتىرسى

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  قامچا كە 2011-01-23 10:25 PMئەۋەتىلدى  :
4-يىللىقتىن باشلاپ كۈندىلىك خاتىرە يېزىۋاتىمەن دەڭ . بەلكىم چۈشۈپ قالغان كۈنلىرى يېزىلغان كۈنلىرىدىن كۆپتۇر؟!
13يىل دېگەن 4745كۈن دېگەن گەپ بۇنى ئالا قويماي يېزىش مېنىڭچە مۇمكىن ئەمەسلىك دەرىجىسىگە بارىدۇ .

كىچىك ۋاقتىڭىزدا مەسىلىلەرگە بولغان سىزىمىڭىز خېلى بالدۇر يىتىلىپتىكەن. بىزگىمۇ ئەنە ئاشۇنداق "ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەن"دېگەن مەزمۇنلار ئۆتۈلگەندە ، مېنىڭ كاللامغا ھازىر نېمىشقا مايمۇندىن ئۆزگەرمەيدۇ دېگەن خىيال ئەمەس ، بەلكى ئۇنداق بولسا مايمۇنلار نەدىن پەيدا بولغان دېگەن خىيال كەلگەن ئىدى .

.......
  
  كۈندىلىك خاتىرە دېگەننى كۈندە يازمايدۇ،  ھەپتىدە ياكى ئايدا ۋە ياكى كۈندە بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، سىزگە ئالاھىدە  تەسىر قىلغان ،  سىزنىڭ دىققىتىڭىزنى تارتقان ئىشلارنى يازىسىز.   
   مۇھەببەت لىرىكىسىغا كەلسەك،  مەن  تولۇقسىز 3- يىللىقتىن باشلاپ   سەبىي مۇھەببەت قوينىمىغا كىرگەن، بۇ مەزمۇنلار  شۇ ۋاقىتتىكى  كۈندىلىك خاتىرە قىسمىغا چۇقۇم يوللىنىدۇ.  كۈتۈڭ، پات ئارىدا.

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ». « سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولالماس قالغان كۆڭۈلنى». « لەيلىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك»

كۈنسىر ئالغا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42
يازما سانى: 1474
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 33297
تۆھپە نۇمۇرى: 714
توردا: 2950 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2014-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 11:21:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇشۇ خەت يېزىشقا بەك قېرىق ،چوڭ بۇلۇپ تا ھازىرغىچە بىر خاتىرنمۇ تولدۇرۇپ باقماپتىمەن ،يېڭى ئالىي مەكتەپكە بارغاندا  بىرنى يازغان تۆت بەت ھازىر شۇ پېتىم چاڭ بېسىپ تۇرماقتا ،سىزنى ئۇستاز تۇتۇپ بۇ تەرپىڭىزنى ئۆگەنسەم بولغۇدەك
ئاۋۇ ئادەم مايمۇندىن تۆرەلگەن دېگەننى مۇئەللىم بىزگە ئۆتكەندە مەن
مۇئەللىم ئەمسە ئىككمىز ئالىم بۇلايلى ،بارلىق مايمۇنلارنى بۇرۇنقى ئىپتىدائىي جەميەتىكدەك شارائىت ھازىرلاپ ئۇلارنى ئادەم قىلىپ باقايلى دېگەن ،
مۇئەللىم قىزرىپ تاترىپ تۇرۇپ
مەن قېردىم ،كەلگۈسىدە سىز شۇنداق قىلىڭ دېگىنى ھازىرقىدەك ئېسىمدە
ھەي زادى جاۋاب قايسى ؟؟؟
كۈندۈلۈك خاتىرىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنامىىز
يەنە بىر كۆرسەمدەك ئوزارتىۋەتمەڭ ھە  [s:152]

سۈزۈلۈپ يۇرۇيدۇ سۈزۈك ھەر زامان تېرىكەن دېسىمۇ ئۆلۈك ئۇ ھامان چاپلىشىپ قان شۇراش ئادىتى ئۇنىڭقانخورغا يوقتۇر ھىچ تىنىچ ماكان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش