مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 563|ئىنكاس: 5

ئابدۇللا  تالىپ   رۇبائىيلىرىدىن (1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەن بەخىت بىلەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10373
يازما سانى: 1928
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14190
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 7479 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 03:40:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

          ئابدۇللا تالىپ ئەپەندى ئۆتكە ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئەدەبى ئىجادىيەت زېمىنىغا قەدەم باسقان، ئۆزىنىڭ 60 نەچچە يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇساپىسىدە خەلىقىمىزگە مول ئەدەبىي مىراسلارنى تەقدىم قىلغان شۆھرەتكە سازاۋەر يىتۈك ئەدىب، تەتقىقاتچى ۋە پىداگوگ......... 

تۆۋەندە ئۇنىڭ "يىللار ۋە ئەقىدە" ناملىق كىتابىدىكى رۇبائىيلاردىن .......

مەرىپەت ھەققىدە
گۈزەللەر ئىچىدە مەرىپەت گۈزەل،
مەرىپەت بېغىدا پاك بۇلۇپ تۈزەل.
ئانا سۈت ھەققىنى ئاقلايمەن دىسەڭ،
مەرىپەت ئانىدىن قايتىلاپ تۆرەل.

ھاياتنىڭ ئەڭ كىچىك نوقتىسى مىنۇت،
ش مىنۇت پەيتىنى قەدىرلە ، چىڭ تۇت.
ئىلىم -پەن ئىشقىنىڭ ئوتى -چوغى بول،
بېرىلمە ھەۋەسكە ، قوي ئۇنى ئۇنۇت.

ۋەتىنىڭ ئۇلۇغدۇر ئانا قۇشۇلۇپ،
يۇرۇت ئۇلۇغ ئانىدىن ئۆسۈپ ئۇلغۇيۇپ.
ۋەتەننى ، يۇرتۇمنى سۆيىمەن دىسەڭ،
ئانىدىن باشلىغىن ، باشقىنى قويۇپ.

دۇنياغا مىھمان بىز جاھان بىر قەسىر،
ھەزەر قىل نەپسىدىن بولما بەتبەشىر.
ھارامنىڭ سولىچىدىن گۇم بۇلار ئادەم،
ھالاللىق شەرىپى ياشار مىڭ قەسىر.

قۇياشنىڭ نۇرىدىن بۇ دۇنيا يورۇق،
يامغۇرنىڭ تامچىدىن يەر-زىمىن سۇلۇق.
ئەي ئەۋلاد، ئىستىقبال ئىزدەيمەن دىسەڭ،
مەرىپەت بەھرىدىن سۇ ئىچكىن تۇلۇق.

بر سۆزنى ئىسىڭدە چىڭ ساقلا ئوغۇل،
كىشىگە كەڭ قورساق ،لىللا، سېخى بول.
مۇھتاجلىق ھاياتنىڭ سىىرى شۇدۇركى:
ئۆز-ئارا سۇ بىرىپ پاكىزلىنار قول.

بوۋىلار كۆپ ھېكمەت ئېيىتقان دىلىدىن،
مەرىپەت شارابى ئاققان تىلىدىن.
پاراسەت ئۇرۇقى چېچىلىپ ھەر يان،
چېچەكلەر ئېچىلغان ئۈنگەن يىرىدىن.

ساقلانسا كۆڭۈلدە ئارتۇقچە گۇمان،
گۇمانخور قەلىبنى قاپلار ئىس - تۇمان.
ئۆتەرمىش بىر ئۆمۈر ئازاپ ئىچىدە،
گۇماننىڭ ئازابى ھەممىدىن يامان.

ھەسەتتىن چىدىماي زەھەر تىلىمىز،
ھەسەتتىن سۆكىمىز، ھەسەت قىلىمىز.
بۇ ئىللەت تەكتىدە سەۋەپ بار ئىكەن:
ئەسلىدە بۇزۇلغان ئىكەن قېنىمىز...


بۈگۈنچە مۇشۇنچىلىك يىزىپ تۇراي، ئەگەر تورداشلارغا ياققان بولسا ، داۋامىنى يوللاشقا ھەر زامان تەييارمەن............ 


   2011-يىل1-ئاينىڭ23 -كۈنى


<شاتۇت>


سىز ماڭا كۈلۈپ قاراڭ ،مەنمۇ سىزگە كۈلۈپ قاراي شۇندىلا دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايسىز!!!
Tair بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 04:24:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55732
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 05:14:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلۋەتتە يارىدى،،،،، ئاپتۇرنىڭ ئەسەرلىرى ئىنتايىن ئېسىل... مەن رومان، تارىخى رومانلىرىنى ئوقۇغان.... لېكىن شېئىرلىرىنى ئەمدى ئوقۇۋاتىمەن....
تېمىڭىزغا رەھمەت،،،،

غەيۋەتخور كىشى، ئەڭ پەس كىشىدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4402
يازما سانى: 2976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 76348
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 6789 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 06:27:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇللا ئاكىنىڭ بارلىق يازمىلىرنى ياقتۇرۇپ كۆرىمەن.،،،،ئابدۇللا ئاكىغا سالامەتلىك ھەم ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.

ئىزىڭدىن ئۈنگەن تىكەن، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىنى يارا قىلۇر.

ھاياتقا ئۈمۈد بى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27297
يازما سانى: 1191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9450
تۆھپە نۇمۇرى: 446
توردا: 1665 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 07:12:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (XATUT507) نىڭ يازمىسىغا

ھەقىقەتەن مەزمۇنى چوڭقۇر رۇبائىيلاردە ... رەھمەت ! ...

نېمىلەرنى ئويلا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20578
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16069
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2013-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 10:35:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلۋەتتە يارىدى،،،،، ھەقىقەتەن مەزمۇنى چوڭقۇر رۇبائىيلاردە ... رەھمەت

. ئادەمگەئالدىراپ بەرمىگىن باھا، كىيگىنى زەر گۆھەر بولسىمۇتاۋا. چۇنكى ئۇ ئادەم ئالەمدىن سىرلىق، بىلمەك تەس كىم ناپاك ،كىملەربىبا ھا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش