مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kapsiz

بىر دەم جىن-ئالۋاستىلارنىڭ پارىڭىغا چۈشەم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 2616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97738
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 2064 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 08:25:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 20قەۋەت  uzak-yol كە 2011-01-23 05:33 PMئەۋەتىلدى  :
بۇرۇن بىزنىڭ مەھەللىدە ،بالىلار يەنە بىر مەھەللىدىكى ھاشىم باخشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ .كۇندە  مۇشۇنداق جىن توغۇرلۇق ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ كىلىدىكەن.بىر كۇنى ھاشىم باخشى ئۇلارغا مۇنداق بىر ھېكايە سوزلەپ بېرىپتۇ،؛ ئۇ ھېكايىسىنى  م ۇنداق باشلاپتۇ؛- مۇندىن ئوننەچچە يىللار بۇرۇن  ئەترەتنىڭ  كونا تۈگمىنىگە قارايدىغان چاغلىرىم ئىدى،،بىر كۇنى ئىش يۇق   ھاۋا تازىمۇ ئىسىق،ئىسسىقا چىدىماي تۈگمەننىڭ قىشىدىكى  كونا قارياغاچنىڭ ئاسىتىغا پالاز سىلىپلا ئۇيغۇغا كىتىپتىمەن،ئۇخلاۋاتىمەن ئەمما مەيدەم  شۇنچىلىك ئېغىر،بىرسى قوپ دېگەندەك قىلدى شۇنداق كوزۇمنى ئاچسام. چاچلىرى  سورۇلۇپ تۇرغان.قاق پىشانىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر جۈپ  كۆزى بار،شۇنداق بەتبەشرە بىر نەرسە مەيدەمگە مىنىۋاپتۇ،
نەپەس ئالالماي قالدىم.قارىسام ئۇ ئالۋاستى ئۇزۇن تىرناقلىق قوللىرى بىلەن كانىيىمنى بوغۇۋاپتۇ،ۋاقىرسام ئاۋازىممۇ چىقمىدى،مىڭ تەستە كۈچۈمنى يىغىپ بىر قولۇم بىلەن جىننىڭ چېچىنى تۇتۇپ،يەنە بىر قولۇمدا يانچۇقۇمدىن قەلەمتۇراشنى ئېلىپ،چېچىنى شارت قىلىپلام كېسىۋالدىم.شۇزامان جىن قاتتىق چېقىرغىنىچە،ئۈستۈمدىن چۈشۈپ كەتتى.مەن يۈگۈرگۈنىمچە تۈگمەنگە كىرىپ قۇرئاننى ئالدىمدە چاچنى قۇرئاننىڭ ئارىسىغا قىستۇردۇم.جىن شۇ ھامان ماڭا يالۋۇرۇشقا باشلىدى:-ھەي ھاشىم چېچىمنى قايتۇرۇپ بەر؟
-سەن نېمىدەپ ماڭا چېقىلىسەن؟
-سەن بىز تاماق يەۋاتساق ئۈسىتىمىزگىلا كىلىپ يېتىۋالدىڭ.شۇ ئاچچىغىمدا سېنى بوغقانتىم.ئەمدى ھەرگىز ساڭا چېقلمايمەن چېچېمنى قايتۇرۇپ بەر.-دىدى.
نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بار مەن چاچنى قايتۇرمىدىم.ئەگەر قايتۇرغان بولسام بۇ كەمگىچە ئامان قالماستىم.ئۇ چاچ ھازىمۇ بار؛؛..-ھاشىم باخشى ھېكايىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ.قۇرئان ئارىسىغا قىستۇرۇغلۇق چاچنى كورسىتىپتۇ.:-كوردۇڭلارمۇ مانا مۇشۇ چاچ  شۇ جىننىڭ چېچى.يەر يۇزى تەكشى ئەمەس.ئەگەردە سىلەرگىمۇ مۇشۇ ئەھۋال ئۇچراپ قالسا مەندەك قىلىڭلار.
.......


بېشىنى ئوقۇپ خېلى قورقۇنۇشلۇق ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان،كىم بىلسۇن ئاخىرى يۇمۇر كەنغۇ...

تېلىق تۇرۇپ قويايلا دېدىڭىزغۇ ئادەمنى...

بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر

<ئەكبەرئوغلا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16400
يازما سانى: 1074
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10523
تۆھپە نۇمۇرى: 418
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 10:41:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5-قەۋەت (atir) نىڭ يازمىسىغا

يا  ...ئەتىر  ماۋۇ ئىنكاسىڭىز كەپتۇ  جۇمۇ .... خالىد يەنە  بىر پەشۋا يىدىمۇ نىمە؟
  يەنە بىر چىشى چۈشۈپ كىتىدىغان  بولدىدە ...

ئەكبەر...ئۇيغۇرئوغلانى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 2565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17875
تۆھپە نۇمۇرى: 568
توردا: 3891 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 10:51:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىننىڭ دۈمبىسى يوقكەن جۇمۇ ........جىنغا ئۇچراپ قالساڭلار دۈمبىسىنى تۇتۇپ بېقىڭلار ، ياكى ئۇنى ئارقاڭغا ئۆرۈل دەپ بېقىڭلار......

http://blog.sina.com.cn/esma88

yaxax bizdin kuraxni talap kil

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23351
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6870
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 1741 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 11:12:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن بىرمەھەللىدە  قاسىم دەپ بىر كەمبەغەل باركەن بۇ بىچارىنىڭ بويىندا قوش مۇشتەك پوقېغى باكەن.بۇبىچارە نامراتلىقىغا قوشۇپ،بۇ ئېغىر يۇكنىمۇ كوتىرىپ يۇرۇيدىكەن.ئۇنىڭ خوشنىسى قادىر دەپ باي بولۇپ،ئۇنىڭمۇ پوقېغى باركەن،ئۇنىڭ بۇ پوقېغىمۇ بايىنى بىئارام قىلسىمۇ،ئامل يوقتە،چىداپ يۇرۇيدىكەن.شۇنداق توموز ياز كۇنلىرىنىڭ بىرىدە قاسىم گاداي ئېتىزدىن كېلىۋىتىپ.ئوزىنى سەل ھارغاندەك ھېس قىپتۇ ۋە مەھەللە بېشىدىكى كونا قارياغاچنىڭ ئاسىتىغا موكلا چۇشۇپ ،ئۇيقۇغا تېگىپتۇ،
شۇ چاغ قارياغاچنىڭ تۆپىدە ئويناپ يۇرگەن جىننىڭ بالىلىرى قارىسا.بىر ئادەم  يەردە ياتقان.ئۇلار،چۈشۈپ قارىسا ئۇنىڭ بوينىدا غەلىتە بىر نەرسە تۇرغان،جىن بالىلىرى پوقاققا قىزىقىپ.ئاستا ئاجرىتىپ ئىلىپ.قارياغاچنىڭ تۆپىسىدە.بىر-بىرگە ئىتىپ ئويناشقا باشلاپتۇ.شۇ ئەسنادا قاسىم  ئويغانسا.بوينى يەڭگىل تۇرغان.سىلىسا پوقاق يوق.شۇ خوشاللىغىدا لاي-لى-لايغا توۋلاپ كىتىپ بارسا.ھېلىقى قادىرباي ئۇچراپ ھەيرانلىقتا سوراپتۇ؛_ھوي قاسىم پوقېغىڭ قېنى؟
-ۋاي   باي  ئاكا خۇدانىڭ رەھىمى كەلدىمۇ بىلمىدىم.ئېتىزدىن قايتىپ.مەھەللە بىشىدىكى كونا  قارياغاچنىڭ تۇۋىدە ئۇخلىغىنىمنى بىلىمەن.ئويغانسام يوق.-دەپتۇ قاسىم. بۇنى  ئاڭلىغان باي مەنمۇ بېرىپ يىتىپ باقمامدىم .دەپ خىيال قىلىپ،ئالدىراپ-سالدىراپ بارغىنچە،قاسىم ياتقان يەرگە كىلىپ.ئۇخلىغان بولۇپ يىتىۋاپتۇ.  شۇ ئەسنادا جىننىڭ  ئاپىسى كىلىپ قارىسا،بالىلىرى دەرەختە بىر نەرسە ئويناپ يۇرگەن.سورىسا بالىلىرى يەردىكى ئادەمنىڭ بويىنىدىن ئالغانلىغىنى دەپتۇ،
--قويۇڭلار بالىلىرىم.ئادەم دېگەن ئەسىكى نەرسە،ئالغان نەرسېنى جايىغا قويۇپ قويۇڭلار،،-دەپتۇ ئانا جىن،بۇنى ئاڭلىغان بالىلىرى ئويناپ يۇرگەن پوقاقنى  پەسكە چۈشۈپ.قادىر باينىڭ بوينىغا چاپلاپ قويۇپتۇ.قادىر باي  قارىسا بوينى  بەكلا ئېغىرلىشىپ كەتكەن،پوقېغى بولسا يوغان كاۋىدەك يوغان تۇرغۇدەك.ۋاي ئاللا-كاللا
دەپ قاقشىغان باي پوقېغىنى ھارۋىغا سىلىپ ئوزى ماڭغىنچە ئويىگە قايىتىپتۇ

قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلېغىنى كورسىتىدۇ.................

سەن ئەڭ بەخىتلىك

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3940
يازما سانى: 5037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80161
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 1411 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 11:26:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

4-قەۋەت (خالىد) نىڭ يازمىسىغا

كۈلدۈرۈپ ئۈچۆيەمنى ئۈزۋالدىڭغۇ سەت جىن. [s:159] ھېلى بىكا يېرىم كىچىدە ئۆيۈڭگە بېرىپ كانىيىڭنى بۇغمىسام [s:156]

ئەقلىمىزنى ئىشلەتسەك بىز ئەڭ ئەقىللىق مىللەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 2565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17875
تۆھپە نۇمۇرى: 568
توردا: 3891 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 11:30:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك قىزىق ئىكەنسىلەر بالىلار ......چاقچاقنىمۇ شۇنداق قىلامسىلەر بەزىللىرىدىن قورقۇپ قالدىكەن كىشى .....

http://blog.sina.com.cn/esma88

شاكىراپ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16333
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8887
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 383 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2014-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 11:45:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىلەر شىنجاڭنىڭ تىلسىمات دىگەن كىنو سىنى كۆگەنمۇ ئاخسۇ ئاۋاتتا ئىشلىگەن
يەنە قاراكۆل جاڭگىلىدا    مىنىڭ بىر ئورمان پونكىتىدا ئىشلەيدىغان دوستۇممۇ
رول ئالغان

ناۋادا سەن بىر ئولجا بولساڭ مەن ھەر ۋاقىت سىنى ئوۋلاشقا تەييار

ئىزدەنگۈچى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 807
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4550
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 8640 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 11:52:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كېچىگىمدىن تارتىپ يۇرەكلىك بولۇشنى ئارزو قىلاتتىم ، ھەم شۇنداق بولۇشقا تىرىشاتتىم . دۇنيادا جىن بار دىگەن گەپكىمۇ ئىشەنمەيتىم .
  دوسلىرىم جىن بار دىگەن دىگەن يەرلەرگە باراتتىم . مەقسىتىم ئۇلارنىڭ گېپىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش . بىرقانچە موللا دوسلىرىم بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مەن بىلەن مۇنازىرە ئېلىپ باراتتى . مەن ئۇلار تەسۋىرلىگەن ئەسكى ئۆي ، جىن ئۇۋىلىرىغا بېرىپ ئۇخلاپمۇ كەلدىم ، لېكىن جىننى كۆرمىدىم .
  ئەمدى شۇنى ھىس قىلدىمكى جىن ھەقىقەتەن بار ئىكەن ، جىنلار باشقىلار تەسۋىرلىگەندەك ئەسكى دەرەخ، ئەسكى ئۆيلەردە ئەمەس بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئىچىگە كىرىۋاپتۇ .

يول ئاچقۇچىلارغا مەنسۈپ ، غەلىبە ئىزدەنگۈچىلەرگە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 2616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97738
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 2064 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 11:53:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 16قەۋەت  hasrat528 كە 2011-01-23 03:48 PMئەۋەتىلدى  :
ھا ھا ھا ```پەيزى گەپلەرگە چۇشۇپ كىتىپسىلەرغۇ؟ مەن بۇنداق تىمىلارغا بەك ئامراق...قاتاردىن قالماي مەنمۇ دەپ باقاي ھە```
مىنىڭ تۇلۇق ئورتا 2-يىللىقتا ئوقۇيدىغان ۋاقىتلىرىم ئىدى،ئۈيۈم بىلەن مەكتەپنىڭ ئارلىقى خېلى يىراق بولغاچقا مەن مەكتەپنىڭ ياتىقىدا ياتاتتىم،مەكتىپنىڭ ياتىقىنىڭ سىلىنغان ئورنىنى تازا تىنىچ ئەمەس دەپ ئاڭلىغاچقا كەچ بولسىلا ھەممىمىزنى قۇرقۇنۇچ باساتتى  ،2-قەۋەت قىزلارنىڭ 3-قەۋەت ئوغۇللارنىڭ ياتىقى ئىدى .كەچ 11 دىن ئاشقاندىلا بىز دائىم ئېگىز پاشنىلىق ئاياقنىڭ تاراقشىغان ئاۋازىنى ئاڭلايتۇقتە،ھىچكىم ئاۋاز چىقىرىشقا پىتىنالمايتۇق.چۇنكى مەكتەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىشىنى چەكلىگەچكە ھىچكىم كىيمەيتى. بىر كۈنى كەچلىگى ئاشقازىنىم قاتتىق ئاغرىپ ئويغۇنۇپ كەتتىم ۋە سائەتكە قارىدىم،سائەت نەق 12 بولغانىدى، يۇرىكىم قارتلا قىپ قالدى .يىنىمدىكى كارۋاتنىڭ غىچىرلىغىنىنى ئاڭلاپ دوستۇمنىڭ ئويغاق ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۇردۇمدە،قورقۇنۇچۇمنى بىسىش ئۈچۇن ئۇنىڭ بىلەن ئۇنى بۇنى دىيىشىپ ياتتىم .تۇيۇقسىز ھىلىقى ئاۋاز يەنە ئاڭلاندى:
-تاق ،تاق ،تاق...
شۇنداق رېتىملىك ھەم قۇرقۇنۇچلۇق ئاۋازدىن دوستۇم ئىككىمىز قېتىپلا قالدۇق،خۇددى چوڭقۇرراق نەپەس ئالسام مىنى كىلىپ يەۋىتىدىغاندەك،ئاران نەپەس ئالدىم .ئاۋاز باشتا بىزنىڭ ياتاققا يىقىنلاشتىيۇ ،كىيىن يەنە يىراقلاپ كەتتى.مەن بۇنىڭدىن ئۇ ئېگىز پاشنىلىق ئاياقنىڭ ئۈستۇنكى قەۋەتكە چىقىپ كەتكىنىنى پەملىدىم...
ئەتىسى ئوغۇللار ياتاقىدا ياتىدىغان بىر ساۋەقدىشىم مەكتەپكە كەلمىدى ،بالىلاردىن ئۇقسام ئۇنى كىچە جىن بوغۇپتۇمىش ،ئۇ جىق ئايەت ئوقۇپ ئاندىن قۇتۇلۇپتۇمىش ،بىراق شۇ چاغدىلا يۇز-كۆزىگە ئۇششاق نەرسىلەر چىقىپ كېتىپ مەكتەپكە كەلمىگەنمىش.....
.......


بۇنى مەنمۇ ئاڭلىغان،لېكىن مەن ئاڭلىغان بىلەن قارمۇ قارشى چىقتى...

مەن ئاڭلىغىنىمدا،بىر قىز كەچلىك مۇزاكىرىگە چىقماي ياتاقتا يالغۇز ياتىدىكەن...
مۇزاكىرە ۋاقتىدا ياتاق بىناسىنىڭ ئىشىكلىرىنى،توكلىرىنى ئۆچۈر ۋېتىدىكەن...
قىزچاق مىجەزى يوق،ئارام ئېلىۋاتسا بىرىنچى قەۋەتتىن ئۆتۈكنىڭ ماڭغان ئاۋازى ئاڭلىنىدىكەن،قىز چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ،ئۆتۈكنىڭ ئاۋازى بارا-بارا يېقىنلاپ كېلىپتۇ،ئىككىنچى قەۋەتتىن ئالدىرماي چىقىپتۇ..تاق...تاق..تاق...تاق

قىزنىڭ يۈرىگى قېپىدىن ئېتىلىپ چىقىپ كەتكۈدەك بوپ كېتىپتۇ،قىز  بولغان ئەھۋالنىڭ ھەممىنى قورققۇپ تۇرۇپ خاتىرىسىگە يېزىپ مېڭىپتۇ. ئۆتۈك بار-بارا قىزنىڭ ياتىقى تەرەپكە قاراپ يېقىنلىشىپتۇ.
قىز يېزىشنى توختاتماپتۇ.ئۆتۈك ئاستا قەدەملەر بىلەن قىزنىڭ ياتىقىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپ،ئىشىك ئاستا غىچىرلىغان ئاۋاز بىلەن ئېچىلىپتۇ.

ساۋاقداشلىرى مۇزاكىرىدىن چۈشۈپ،ياتاققا كىرىپ قارىسا قىز يەردە يۈرىكى يېرىلىپ كەتكەن ھالەتتە ياتقۇدەك.
قولىدا خاتىرىسى باركەن...

خاتىرىدە؛بىر ئۆتۈك ئاۋازىنىڭ ئۆزىنىڭ ياتىقىغا يېقىنلاپ كەلگەنلىكىنى بەك قورققۇپ كەتكەنلىكىنى،ئاخىرىدە ئىشىك ئېچىلغانلىقىنى،قورققۇپ ئارقىغا قارىسا بىر جۈپ قىزىل ئۆتۈكنىڭ ئىشىك تۈۋىدە تۇرغانلىقىنى يېزىپ توختايدىكەن...

بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر
turk娃娃 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 11:57:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش