ياپونىيىدىكى "قېينانا-كىلىن مەكتىپى"
[align=justify]
قېينانا بىلەن كىلىن ئوتتۇرسىدا يىشىلمەس بىر تۈگۈن بولماي قالمايدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى،ھەرئىككىلا تەرەپ ئوغلى ياكى ئېرىنى ئۆزىگە قارىتىۋالغانلىقى ۋە ئۆزىگە مايىللىقىنى كۆرسىتىپ قويۇش مەقسىتىدە ئاستىرتتىن كۈچ سىنىشىدۇ.ئەگەر ئەر بىر تەرەپكە ئېغىپ كېتىدىغاندەك بولسا،قارشى تەرەپ خورلۇق ھېس قىلىپ قالىدۇ.قېينانا بىلەن كېلىن ئوتتۇرسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇشۇنداق "بەسلىشىش"ھەر ئىككىلا تەرەپنى ئىشەنچ ۋە بەخىتتىن مەھرۇم قىلماي قالمايدۇ.
ئاڭلىغان بولغىيدىڭىز،ياپونىيىنىڭ ھەربىر مەمۇرىي رايونلىرىدا "قېينانا-كېلىن مەكتىپى"بولۇپ،ھەق ئېلىنمايدۇ،بولغۇسى كېلىن ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ ئوقۇشقا كىرەلەيدۇ،بۇنىڭدا،بولغۇسى كېلىن بولغۇسى قېينانىسىنى بىللە ئېلىپ كېلىپ دەرس ئاڭلاش بىردىنبىر شەرت قىلىنىدۇ."قېينانا-كېلىن مەكتىپى"نىڭ ھەر قارارىنىڭ ۋاقتى بىر ئاي بولۇپ،جەمئىي تۆت قېتىم دەرس ئۆتۈلىدۇ.ھەر قېتىملىق دەرس ۋاقتى ئىككى سائەت بولىدۇ.گۇۋاھنامىسى بار ئايال پىسخىكا مۇتەخەسسىسلىرى دەرس ئۆتىدۇ.
بىرىنچى دەرس:ئورۇن ئالماشتۇرۇپ مۇلاھىزە قىلدۇرۇش
مۇئەللىمە دەرس ئۆتكەندە ،ئاياللارنىڭ پىسخىك نۇقتىسىدىن قېينانا بىلەن كېلىن ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنىڭ مەنبەسىنى تەھلىل قىلىدۇھەم بۇنىڭ ئومومىي ئەھۋال ئىكەنلىكىنى،ھەرقايسى ئەللەردە ئوخشاشلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.دائىم ئورۇن ئالماشتۇرۇپ مۇلاھىزە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ،ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى ھەرگىز باشقىلارغا تاڭماي،ئۆزىنى ارشى تەرەپنىڭ ئورنىغا قويۇپ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى تەكىتلەيدۇ.
مىسال ئۈچۈن ئېيتساق،كېلىن بولغان ئىكەنسىز،"مېنى قېينانام تۇغمىغان،نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇ ماڭا ئۆز ئانامدەك مۇئامىلە قىلمايدۇ "دەيدىغان تار نەزەردىن خالىي بولۇپ،قېينانىڭىزغا ئۆز ئانىڭىزغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇشىڭىز كېرەك.قېينانا بولغۇچىغا كەلسەك،"مەنمۇ شۇنچە يىللار كېلىن بولۇپ،قېينانا بولالىدىم"دەيدىغان كونىلىقنى تاشلاپ، كېلىنىنى ئۆز بالىسىدەكلا كۆرۈشى زۆزۈر.ئەنە شۇ زۆرۈرىيەت پۈتسە،قېينانا-كېلىن ئوتتۇرىسىدا چاتاق چىقمايدۇ.
ئىككىنچى دەرس:مىننەتدار بولۇشنى ئۆگۈنىۋېلىش
مۇئەللىمە تولۇق تەييارلىق كۆرگەنۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە كۇرسانتنى تاللاپ،ئۇنى دەرسخانىدا ئۆز كەچمىشلىرىنى نۇقتىلىق سۆزلەش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ.كۇسانتلارنىڭ بىۋاستە كەچمىشلىرى ۋە مۇئەللىمەنىڭ مېغىزلىق بايانلىرىدىن كېلىن بولغۇچىلار قېينانىنىڭ ئوغلىنى تولىمۇ جاپادا تەربىيىلەپ ئادەم قىقلغانلىقىنى ھېس قىلسا،قېينانا بولغۇچىلارمۇ خەقنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ گۈلدەك چىرايلىق كېلىننى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرىشىنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.
پەقەت ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۆزئارا تەشەككۈر ئېيتىشىپ،بىر -بىرىدىن مىننەتدار بولۇپتۇرغاندىلا،ھەممە ئىشتا كەڭ قورساق بولۇپ،ئۆزئارا ماسلىشىپ ئەپ ئۆتكىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچى دەرس:چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش
بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە يېخىمۇ ئەپ ئۆتۈش ئۈچۈن،بۇ قېتىمقى دەرس ئاساسەن قېينانا بىلەن كېلىن ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.دەرسنىڭ ئاساس مەزمۇنى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئېتىقادى،كەسپىي،قىزىقىشى شۇنىڭدەك يېمەك-ئىچمەك،يېتىپ-قپپۇش جەھەتتىكى ئادەتلىرى،كىيىنىش،ياسىنىش جەھەتتىكى ئىنتىلىشلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
تۆتىنچى دەرس:ئۆي ئىشلىرى ئەمەلىيىتى
ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە،كېلىن ۋە قېينانا بولغۇچىلار قەقلىدى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ.ئۇلار نەق مەيداندا،ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئۇچرايدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ماھارىتىنى ئۆگىنىدۇ.زىددىيەتكە يولۇققان ياكى سۈركۈلۈشۈپ قالغانلاردا قانداق قىلىپ"يامان تەرەپنى ياخشى تەرەپكە تارتىش"تاكتىكىسىنى ئىگىلەيدۇ.
مەسىلەن،كېلىن بولغۇچى ھەممىلا ئىشتا بەسلىشىدىغان قېينانىسى ئالدىدا قانداق تاتلىق گەپلەرنى قىلىشى كېرەك؛قېينانىسىنىڭ بالىلارغا بولغان تەربىيىسى،شورپا قاينىتىش تېخنىكىسى،ئائىلە باشقۇرۇشىنىڭ ئۆزىگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى ماختاش.
ئەگەر قېينانا بولغۇچى ياخشى نىيەت بىلەن باشقۇرماقچى بولۇپ،ئىشنى ئۆزىنىڭ دىتىغا ياققۇدەك قىلىشنى ئۈمىد قىلسا،كېلىن بولغۇچى "كۈچ دائىرىسى"نى ئايرىۋېلىپ ئىشلىسە بولىدۇ.مەسىلەن،بالىنىڭ كىيىمىنى قېينانىسىنىڭ دىگىنىدەك قاتلاپ قويۇش،تاماقنى كېلىن ئېتىدىغان بولسا،كېلىن ئۆز ئۇسۇلى بويىچە ئىتىش.
قېينانا ئوغلى بىلەن كېلىننى تەڭ كۆرمەي،ئوغلىغا بەكرەك غەمخورلۇق قىلسا،كېلىن بۇنى نورمال ئەھۋالغۇ،ئادىتى شۇنداق دەپ چۈشەنسە،ناھايىتى توغرا ئويلىغان بولىدۇ.
ھەبىبۇللا ئېلىياس(ت)
مەنبەسى:"ھاياتلىق"ژورنىلى 2008-يىللىق 2-سان 59-بەت(ئومومىي 21-سان)