جۇڭگۇ بىلەن ئامېرىكا 45 مىليارت ئامېرىكا دوللىرىلىق توختام ئىمزالىدى
جۇڭگۇ ئامېرىكىدىن 200 دانە ئايرۇپىلان سېتىۋالدى
خەلق تورى خەۋىرى
جۇڭگۇ دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋنىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشىغا ئەگىشىپ ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ۋە كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق يېڭى بىر پەللىگە ئۆرلىدى .
ھەممىدىن خەۋەردار ئامېرىكىلق بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار مۇنداق دىدى : جۇڭگۇ بىلەن ئامېرىكا قىممىتى 45 مىليارت ئامېرىكا دوللىرىلىق توختام ئىمزالىدى .بۇنىڭ ئىچىدە 200 دانە بوئىن ماركىلىق ئايرۇپىلان بار . يۇقىرىقى زاكاس توختامى نەچچە ئاي ئىلگىرى ئىمزالانغان تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
ئامېرىكا پېرىزدىنتى ئوباما تۈنۈگۈن ئاقسارايدا كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ رەئىس خۇجىنتاۋنىڭ ئامېرىكىغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى .
ئۇندىن كېيىن خۇجىنتاۋ بىلەن ئوباما ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگۇ-ئامېرىكا سودا ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ يىغىلىشىغا قاتناشتى .
ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە جۇڭگۇ تەرەپ سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى لىيەنشاڭ گورۇھى ، خەيئېر گورۇھى ، ۋەنشاڭ گورۇھى ۋە جۇڭگۇ مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان .
ئامېرىكا تەرەپ سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى بولسا مىكرو سوفىت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىتىفۇ.بارمو ، گاۋشىڭ گورۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئەيدى.بۇلانكىفىن ، ھەممىباپ ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېفىرى.يىمىرتې ۋە بوئىن شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېم.مەيكنان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان .
خۇجىنتاۋ مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتونغا بېرىپ شۇ كۈنى ئاخشىمى ئامېرىكا پېرىزدېىنتى ئوبامانىڭ مەخسۇس ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان خۇسۇسى زىياپەتكە قاتناشتى.
شۇ يەر ۋاقتى 18-كۈنى رەئىس خۇجىنتاۋ ئىككىنجى نۆۋەتلىك جۇڭگۇ-ئامېرىكا پاكىز ئېنىرگىيە مەنبەسى مۇھاكىمە مۇنبىرىگە قاتنىشىپ ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن پاكىز ئېنىرگىيە مەنبەسى ساھەسىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى .
بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن جۇڭگۇ سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ چاۋلۈ باشچىلىقىدىكى جۇڭگۇ سودا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۆمىكىدىلەر خىيۇستوندا ئامېرىكا تەرەپ بىلەن 6 تۈرلۈك سودا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى .
مىسرانىم تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن خەنجەر تەرجىمە قىلدى .
مەنبە :
http://news.qq.com/a/20110120/000209.htm