ئون ئۈچ ... ئون ئۈچ ...
مۇشۇ مەلىكە يېڭىدىن ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ 4ـ دوختۇرخانغا ئىشقا چىقىپتۇ .ئىشقا چىققان تۇنجى كۈنى قارىسا دوختۇرخانىنىڭ ھويلىسىدىكى قۇدۇقنىڭ ئەتراپىغا بىر نەچچە ساراڭلار ئولىشىۋېلىپ ھە دەپ :
ـ ئون ئۈچ ... ئون ئۈچ ... ، . دەپ توۋلاۋاتقۇدەك .بۇنى كۆرگەن مەلىكە كۈرۈپ باقاي دەپ ئۇيلىسىمۇ بېرىشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ .ئەتىگەندە كۈرۈۋالاي دىسە ئىشقا چىقىپ بولغىچە ساراڭلار كىلىپ بۇلىدىكەن ،تاماق ۋاقتىدا كۈرەي دىسە بىرى كەتسە بىرى كىلىپ ئادەم ئۈزۈلمەيدىكەن . بىر ھەپتە ئۆتكەندە چىدىماي< زادى بىر كۈرۈپ باقاي > دەپ قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىشىغا بىر نەچچە ساراڭلار كۈتۈرۈپلا ھەش پەش دىگۈچە قۇدۇققا تاشلىۋېتىپتۇ ، ئاندىن :
ـ ئون تۆت ...، ئون تۆت ...، دەپ توۋلاشقا باشلاپتۇ ...
قارىسام مۇنبەردە تۇرىسىز ، ئەسلى سۇ يوق قۇرۇق قۇدۇق ئوخشايدۇ ھە ؟
يۇرتۋاز ھاجەتخانا
ئىدرىسجان دوستى بىلەن ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە چىقىپ ھاجەتخانىنى تاپالماي قىينىلىپ ئاران تېپىپتۇ دە (بىلىسىلەرغۇ ئۈرۈمچىدە ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ قىسلىقىنى )كىرىپ قارىسا بىر تەرەپكە <ئو >يەنە بىر تەرەپكە <ق> ھەرپى يېزىقلىقكەن ،ئاچچىقىدا :
ـ قاراڭلار ما ئۈرۈمچىلىك ئاقسا يۇرتۋازلارنى ، ھاجەتخانىغىمۇ ئۈرۈمچىلىك ،قەشقەرلىك دەپ يېزىپ قويغىنىنى ،ھە بوپتۇ ،قەشقەرنىڭكىگە كىرىلى دەپ <ق > يېزىقلىق ھاجەتخانىغا كىرىشىگە بىر نەچچە ئاياللار قورقۇپ كىتىپ ۋارقىراپ كىتىپتۇ .بۇ ۋاقىتتا ئىدرىسجان :
ـ خانلىرىم ،ۋارقىراشمىسىلا بىز مۇ قەشقەرلىك !
مىسرانىمغا باشلىق بۇلىۋالدى
ئەل قىزى ئەل ئۈچۈن راسا جاپا چىكىپ تۈۋەنگە چۈشۈپ خىزمەت قىلىش جەريانىغا چەت بىر يېزىغا كىلىپ قاپتۇ دە .ئۇ يېزىغا كىلىپ قارىسا قويلار بۇرۇنقىدىن ئازلاپ كەتكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر دىھقاندىن :
بۇرۇن بۇ يېزىدا قويلار بەك كۆپ ئىدى ، ھازىر بىرىمۇ كۆرۈمەيدىغۇ دىسە ،ھېلىقى دېھقان :
ـ بۆرە يەپ كەتتى .دەپتۇ . ئەل قىزى :
ـ ئۇنداقتا بۆرە كۈرۈنمەيدىغۇ ؟
ـ قويلار تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن بۆرىلەرنىڭ ھەممىسى مىسرانىم مۇنبىرى ئېچىلپتۇ دەپ ئاڭلاپ مىسرانىمغا باشلىق بۇلىۋالدى .
(باشقۇرغۇچىلاردىن دىققەت قىلىڭلار جۇمۇ )
ھۇرۇنلىق
دىلسىرى ئەزەلدىن ھۇرۇن بولغاچقا ئەتىگىنى يۈزىنىمۇ يۇمايدىكەندە پەقەت ھېيىت بايرام كەلسىلا ئانىسىنىڭ زورى بىلەن قۇلىنىڭ خېنە قويغان تىرناقلىرىنى ،يۈزىنى يۇيسا پەقەت بۇرنى بىلەن پىشانىسىنىلا ئېرىنچەكلىك بىلەن سۇ تەككۈزۈپ قۇيىدىكەن .،شۇڭا خېلى ئۇزۇنغىچە ياتلىق بۇلالماپتۇ . بىر كۈنى ئەتىگەندىلا ئاپىسى :
ــ قىزىم بۈگۈن ساڭا ئەلچى كىلىدۇ بۇ قېتىم يەنە سىنىڭ ھۇرۇنلىقىڭنى بىلىپ قالسا يېنىپ كىتىدۇ شۇڭا يۇيۇنۇپ كىيىم ئالماشتۇرىۋالدىن .دىسە ،
ــ بولدى قىلە ئاپا ناۋادا ئۇلار كەلمەي قالسا ئاۋارە بۇلۇپ يۇيۇنغىنىم بىكار بۇلۇپ كەتمەمدۇ ؟ .
(ئاڭلىسام ھېيىتنىڭ بولغاندىن بېرى ھازىرغىچە يۈز ـ قۇلىغا سۇ تىگىپ باقماپتۇ ، دەپ قۇيماڭلار جۇمۇ ،بىكار يەنە ئەلچىلەر ئاڭلاپ قالمىسۇن )
شاتئاي سەت بولغاچقا يېڭىدىن ناھايتى باي ،تولىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىدىغان بىر ئەرگە سىڭلىسىنىڭ سۈرىتىنى ئەۋەتىپ توي قىلىۋاپتىكەن ،ئاچكۆز ئاپىسى خاتىرجەم بۇلالماي بىر ھەپتىدىن كىيىن قېيىن قۇدىسىنىڭ ئۆيىگە يوقلىغىلى بېرىپتۇ .بۇ ساختىلىقنى بىلەلمىگەن قۇدىلار كىلىنىمىز مۇشۇ دەپ يۈرىۋېرپتىكەن ئەسلى .شۇڭا ئاپىسى بېرىپ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن قايتىماقچى بولغاندا چىشى قۇدا چايخانىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ تۇرۇپ قاپتۇ .پاراڭلىشىپ كەچ بولغاندا تۇيۇقسىز توك توختاپ قاپتىكەن ،كىلىن بىلەن قېيىن ئانا شامنى مەن ئەكىرەي دىسە ، مەن ئەكىرەي دىيىشىپ ئارىدىن بىرى چىقىپ كىتپتۇ .بۇ ۋاقىتتا شاتئاينىڭ ئاپىسى ھەقىچان قۇدام مىنى قىزىم بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىۋالسۇن دەپ ئۆزى چىكەتتى دەپ ئويلاپ :
ــ قىزىم قېيىن ئاپاڭ يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سومكامغا بىر نەچچە پارچە گۆش سېلىۋەتكىنە بايام قۇدامدىن نۇمۇس قىلىپ يىيەلمىدىم دەپتۇ . <<قىزى >> گەپ قىلمىغاندىن كىيىن يەنە تەكرارلىماقچى بۇلۇپ تۇرىشىغا قىزى شامنى يامدۇرۇپ كىىرپتۇ .قاتتىق خىجىل بولغان ئاپا نۇمۇس قىلىپ قۇدىسىغا :
ــ ۋاي قۇدام ، ئادەم قېرىسا كىسەل دىگەن چاپلىشىپلا ۋالىدىكەن دىسە ، مۇشۇ ئىككى يىلدىن بېرى قاراڭغۇ چۈشسىلا ئۇخلايمەن ،ئۇخلىساملا قالايمىقان جۆيلىيمەن ،بايام ئۇخلاپ قاپتىمەن ،قالايمىقان گەپ قىلغان بولسام كۆڭۈللىرىگە ئالمىسىلا جۇمۇ ! . دەپتۇ .بۇ ۋاقىتتا قۇدىسى :
ــ گەرچە مەن سىلىدىن ئىككى ياش كىچىك بولساممۇ ، مۇشۇ قېرىلىق كىسىلى مەندىمۇ بار ،قاراڭغۇ چۈشسىلا ئىككى قۇلىقىم ھېشنىمىنى ئاڭلىيالمايدۇ .(سەل ئېشىپ كەتكەن بولسا كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ ،بۇ چاقچاق !)
مەنبەسى : ئۇچقۇن تور خاتىرىسى (ئاپتور ئىسمىنى تاپالمىدىم ، يۇقىرقى يۇمۇرلارنى ياقتۇرغان بولساڭلار تۈۋەندىكىسى ئۇچقۇن تور خاتىرىسىنىڭ ئاددېرسى زىيارەت قىلىڭلار ياخشى ماقالىلەر باركەن .)
http://uqkun8.blogbus.com/logs/ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-27 09:23 PM