مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1173|ئىنكاس: 8

كومپيۇتېرىمنىڭ تور سۈرئىتنىڭ بەك ئاستا بۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاتا-ئانا  رازى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2504
يازما سانى: 989
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11766
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 03:24:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تور سۈرئىتى ئاستا بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى بىر نەچچە خىل  

.1تورنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە                              
سىز ئۇلىماقچى بولغان تور بىكىتىدىكى مۇلازىمىتىرنىڭ تور كەڭلىكى يېتىشمىگەن ياكى يۈكى ئارتىپ كەتكەن بولىدۇ. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئىنتايىن ئاسان، يەنى باشقا ۋاقىتتا تورغا چىقىپ ياكى باشقا تور بېكەتلىرىگە چىقىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
 .2تور سىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلە

شۇنى بىلىمىزكى، قوش ئوراملىق سىم تۆت جۈپ سىمنىڭ قاتتىق ئۆلچەم بويىچە زىچ ھالدا بىر-بىرىگە ماسلاشتۇرۇپ ئورىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. بۇنىڭدا ئارىلىشىش كاشىلىسىنى ۋە شاۋقۇننىڭ تەسىرىن ئازايتقىلى بولىدۇ. ئەگەر بۇ سىملار ئۆلچەم بويىچە چېتىلمىسا، تور سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىدۇ. ئۇندىن باشقا، تور كارتىسىنىڭ سۈپىتىمۇ تور تېزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى تور لىنىيە سىمى ۋە تور كارتىسىنىڭ سۈپىتىگە كاكاپالەتلىك قىلىش ۋە تور لىنىيە سىمىنى ئۆلچەم بويىچە ئۇرۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

3.توردا كونتۇر بولغانلىقتىن تور سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىش

 تورنىڭ ئۇچىرىشىدىغان تۈگۈنلىرى كۆپ بولمىسا ھەم تورنىڭ قۇرۇلمىسى بەك مۇرەككەپ بولمىسا، بۇنداق ئەھۋال ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. بىراق، بىر ئاز مۇرەككەپرەك توردا ئارتۇقچە زاپاس لىنىيە قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن مۇشۇنداق لىنىيىلەرگە چېتىلىپ قالسا، توردا كونتۇر يۈز بېرىپ، تور سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىدۇ. مەسىلەن، تور سىمى تور مەركىزىدىن بىرىنچى نومۇرلۇق ككومپيۇتېرخانىغا ئۇلانغان، ئاندىن بىرىنچى نومۇرلۇق كومپيۇتېرخانىغا ئۇلانغان بولسا، ئادەتتە ئېھتىيات يۈزىسىدىن تور مەركىزىدىن ئىككىنچى نومۇرلۇق كومپيۇتېرخانىغا بىۋاستە يەنە بىر زاپاس لىنىيە تارتىپ قويۇلىدۇ. ئەگەر نۇنداق بىر نەچچە لىنىيە بىرلا ۋاقىتتا چېتىلىپ قالسا، توردا قونتۇر يۈز بېرىدۇ-دە، تور سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىدۇ، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى تور تور لىنىيە سىمىغا ئېنىق بەلگە سېلىش، زاپاس لىنىيىنىڭ .ورنىنى خاتىرىلەپ قويۇش بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن كاشىلا يۈز بەرگەندە، ئادەتتە بۆلەكلەر بويىچە ئايرىپ تەكشۈرۈش چىرىسى قوللىنىلىدۇ.

.4 
تور ئۈسكىنىلىرىنىڭ قاتتىق دېتال كاشىلىسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان تور ئاستىلاپ كېتىش

ئېنىقسىز ئۈسكىنىنى بايقاش  ئۈچۈن توردا دائىم سىگنال يوللىنىپ تۇرىدۇ، بۇ ئېنىقسىز ئۈسكۈنىلەرنى بايقاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىراق، توردىكى كومپيۇتېر سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بۇنداق سىگنال تېزلىكتە ئېشىپ بارىدۇ، ئەگەر سىگنال بولىقىنىڭ سانى 30% تىن ئېشىپ كەتسە، تورنىڭ يەتكۈزۈش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجەدە ئاستىلايدۇ، ھەتتا تور پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر بۇنداق ئەھۋالدىن گۇمانلانساق، ئاۋۋال سىم توپلاشتۇرغۇچ ياكى كوكممۇتاتورنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقساق بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئۈسكۈنىلەردە كاشىلا بولمىسا، سىم توپلاشتۇرغۇچ ياكى كوممۇتاتورنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقساق بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئۈسكۈنىلەردە كاشىلا بولمىسا، سىم  توپلاشتۇرغۇچ ياكى كوكممۇتاتورنىڭ توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىپ تۇرۇپ،   DOS ھالەتتە  ping بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، شۇ توردىكى بارلىق كومپيۇتېرلارنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ باقساق بولىدۇ. كاشىلا كۆرۈلگەن كومپيۇتېرنى تاپقاندىن كىيىن، ئۇنىڭ تور كارتىسىنى ئالماشتۇرۇۋەتسەك كاشىلا ئوڭلىنىدۇ. تور كارتىسى، سىم توپلاشتۇرغۇچ ياكى كوممۇتاتور تاو ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىچىدە كاشىلا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۈسكۈنىلەردۇر.

.5 توردىكى مەلۇم ئېغىزنىڭ توسالغۇسىدىن بولغان تور سۈرئىتى ئاستىلاش

ئەمەلىيەتتە روتېرنىڭ ئىنتېرنېت تور ئېغىزى، دائىرىلىك تور ئېغىزى، سىم توپلاشتۇرغۇچ ئېغىزى، كوكممۇتاتور ئېغىزى ۋە مۇلازىمېتىرنىڭ تور كارتىسى ئېغىزلىرىنىڭ ھەممىسى توردا توسالغۇ شەكىلللەندۇرىشى مۇمكىن. تور سۈرئىتى ئاستىلاپ قالسا، بىز تور ئېقىمىنىڭ يۇقىرى مەزگىلىدە تور باشقۇرغۇچى دېتالار ئارقىلىق سىم توپلاشتۇرغۇچ، قوممۇتاتور، مۇلازىمېرىر ئېغىزلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئېقىم ئەھۋالىنى تەكىشۈرۈپ باقساق  بولىدۇ، ياكى Net stat بۇيرىقى ئارقىلىق ھەرقايسى ئېغىزلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ئېقىم ئەھۋالىنى ستاتىستىكىلىساق، شۇ ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات ئېقىم مىقداتىدا توسالغۇ شەكىللەندۈرگەن ئۈسكۈنىنى تاپساقمۇ بولىدۇ، ئاندىن ئەھۋالغا قاتاپ بىز ماس كېلىدىغان چاتىنى قوللىنىپ ھەل قىلىمىز. ئادەتتە مۇلازىمېتىرنىڭ تور كارتىسىنى 100M ياكى 1000M لىققا ئالماشتۇرۇش، تور كارتىسىنى كۆپەيتىش، VLAN غا كۆپرەك بۆلۈش، روتېرنىڭ تەڭشىكىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

.6
قۇرۇت ۋىرۇسىنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان تور سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقى

ئېلىكتىرونلۇق خەت يوللانمىسى ئارقىلىق تاقىلىدىغان قۇرۇت ۋىرۇسىنىڭ تور سۈرئىتىگە بولغان تەسىرىنى بارغانسېرى ئېغىر بولماقتا. بۇنداق ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئابۇنىچىلار تورغا چىقسىلا، بۇ ۋىرۇس توردىكى باشقا كومپيۇتېرلارغا توختىماستىن پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتىدۇ. ۋىرۇس يۇقۇملانغان ئابۇنىچىنىڭ ئالاقىلىشىش دەپتىرىدىكى ئادىرېسلار بويىچە كومپيۇتېردىن خالىغان بىر ھۆججەتنى قوشۇمچە ماتېرىيال قىلىپ ئەۋەتىپ تۇرىدۇ. نەچچە مىڭلىغان پوچتا يوللانمىسى يوللىنىشنى كۈتۈپ سەپ بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇندىن باشقا . يەنە قايتۇرۇلغان نۇرغۇن پوچتا يوللانمىسى توپ- توپى بىلەن يىغىلىپ مۇلازىمېتىرغا توپلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە تايانچ تور بېكىتىدە قىستاڭچىلىق يۈز بېرىپ،تور سۈرئىتى ئاستىلايدۇ، ھەتتا دائىرىلىك تور پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇڭا بىز چوقۇم ۋىرۇس تازىلاش دېتالىنى قاچىلاپ، ۋاقتىدا دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ تۇرۇشىمىز،سىستېما ياماقلىرىنى ۋاقتىدا چۈشۈرۈپ قاچىلىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە زۆرۈر بولمىغان ئېغىزلارنى ئېتىۋېتىشىمىز كېرەك.

.7
ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش تېمىنىڭ زىيادە ئىشلىتىلىشىدىن كىلىپ چىققان تور ئاستىلاش

ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش تېمىنىڭ زىيادە ئىشلىتىلىشىمۇ تور سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا ئارتۇقلىرىنى ئۆرۈپ ،ئىقتىدارى ياخشىراق بىرنى قالدۇرۇپ قويۇش كېرەك.

.8
سىستېما بايلىقى يېتىشمەسلىكتىن بولغان تور سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقى


سىز بەلكىم ئارقا سۇپىدا ئىجرا قىلىنىدىغان پروگراممىلارنى بەك كۆپ يۈكلىۋەتكەن بولۇشىڭىز مۇمكىن، يۈكلەيدىغان پروگراممىلارنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇڭ ياكى ئىشلەتمەيدىغان پروگراممىلار ۋە ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ.

   ئۇندىن باشقا، كەڭ بەلۋاغلىق توىڭىزنى ئەلالاشتۇرۇپ، تور سۈرئىتىڭىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇڭ.

ئەلالاشتۇرۇشتىن بۇرۇن pingبۇيرۇقى ئارقىلىق تورنىڭ مۇناسىۋەتلىك پارامېتىلىرىنى ئىگىلىۋېلىڭ ياكى TCP Optimizer دىگەندەك يۇمشاق دېتاللار بىلەن تور سۈرئىتىنى ئۆلچىۋېلىڭ.

ئاندىن تىزىملىك جەدىۋەلنى ئەلالاشتۇرۇڭ ( تاساددىبىىي ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالدىن زاپاس ساقلىۋېلىڭ ). ئۆزگەرتسەك بولىدىغان كۇنۇپكا قىممەتلىرى تۆۋەندىكىچە:

MaxMT ئەڭ چوڭ يوللاش بىرلىكىنى بېكىتىدۇ. DefaultRcv Windows ۋە DefaultTTL ئارقىلىق يوللاش بىرلىكىنىڭ ئاستىلاتقۇچ رايونىنىڭ قىممىتى ۋە TCP/IP تارماق گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆمرىنى بېكىتكىلى بولىدۇ. DNS نىڭ سۈرۈششتۈرۈشتىكى ئالدىنلىق   دەرىجىسىنى بېكىتىش ئارقىلىق TCP/IP ئىشلىتىلىدىغان RAM نىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈگىلى بولىدۇ.  TCP/IP ئىشلىتىلىدىغان ئاستىلاتقۇچنىڭ قىممىتىنى ئاشۇررۇش ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتنىڭ يوللىنىش سۈرئىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

قالدۇرۇپ قويۇلىدىغان تور كەڭلىكىنى بىكار قىلىش، ئاۋۋال باشقۇرغۇچى سالاھىيىتى بىلەن كومپيۇتېرغا كىرىپ،gpedit.mscدېگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ، گۇرۇپپا ئىستىراتېگىيىسىغا كىرىڭ. ئاندىن تەرتىپ بويىچە كومپيۇتېر تەڭشىكىنىڭ باشقۇرۇش قېلىپىدىكى توردىن QoS سانلىق مەلۇمات بولىقىنى تەڭشەش پروگراممىسىغا كىرىپ، ئوڭ تەرەپتىكى قالرۇرۇپ قويۇلىدىغان تور كەولىكىنى چەكلەشنى تاللىغاندىن كىيىن، ئوڭ چىكىپ خاسلىقنى تاللىساق، ئۇنىڭ خاسلىق كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.. بۇنىڭدىن بىز چەكلىدىنىغان تور كەڭلىكىنىڭ مۇناسىپ قىممىتىنى 0 گە ئۆزگەرتىپ قويساقلا بولىدۇ



مەنبە؛ تور بىلىملىرى

نە ھاجىتى ئەمدى كۇتۇشنىڭ. ئارزۇ قىلغۇدەك كىم بار كۇتۇشكە.    كۆڭۇل بۆلۇپ بولمىغىن مالال، كۆنۇكقۇ مەن تەنخا ئۆتۇشكە....> زاھىر123

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1311
يازما سانى: 2538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17589
تۆھپە نۇمۇرى: 1167
توردا: 14790 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 10:39:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىدەك قىلىدۇ تەپسىلى كۆرۈپ چىقاي

شوخزىبا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23502
يازما سانى: 1178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9261
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2013-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 11:18:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت مەن دەل بۇشۇ مەسىلە توغرۇلۇق ئويلىنىپ يۇرگەن،   دائىم  بازار كۇنى تور سۇرئىتى بەك ئاستىلاپ كىتىپ شۇنداق ئىچىمنى پۇشۇراتتى .  رەھمەت سىزگە . [s:166]

كۇلگەنلەر كۇلىۋەمەيدۇ،يىغلىغانلار يىغلاۋەرمەيدۇ . بۇدىگەن ئۆتنە جاھان .

Love is Suicide

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3590
يازما سانى: 833
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22425
تۆھپە نۇمۇرى: 976
توردا: 3880 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 12:13:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ئاستىدىكى ئۇسۇلنى باشقا تورلاردىن كۆرگەن ئىدىم ، ئەمما مېنىڭ پەنسانارىمدا تەلەپ قىلغان بويىچە مەشخۇلار قىلىش مۇمكىن بولمىدى .
شۇنداقتىمۇ تېمىڭىزنى ساقلىۋالدىم ، ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز

ئۇيغۇرلار سالونى باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. تەپسىلاتىنى سالونىمىزدىن كۆرۈڭ. سالون ئۈندىدار نومۇرى: uyghurz

غەيۋەتخور كىشى، ئەڭ پەس كىشىدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4402
يازما سانى: 2976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 76348
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 6789 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 12:15:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تور سۈرئىتىم ئاستىلاپ قالغاندا پايدىلىنارمەن....مۇشۇنداق پايدىلىق تىمىلار بولسا يوللاپ تۇرۇڭ.بىز كۆرۈپ تۇرايلى.

ئىزىڭدىن ئۈنگەن تىكەن، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىنى يارا قىلۇر.

ھەر ۋاقىت ھۇشيار

باش رەسىمى نىقابلانغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24343
يازما سانى: 1259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8708
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 1408 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2013-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 01:25:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
يولۋاس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10438
يازما سانى: 1642
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18329
تۆھپە نۇمۇرى: 413
توردا: 1661 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2011-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 02:30:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بىلىمىدىن بىر نى بىلىۋالدۇق~ تىما ئىگىسىگە رەھمەت~

بۇگۈن ماڭمىسىڭىز ،ئەتە يۈگۈرەيسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 2565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17875
تۆھپە نۇمۇرى: 568
توردا: 3891 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 09:51:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:166] ياخشى تىما يوللاپسىز تەشەككۈر ....!!!!!

http://blog.sina.com.cn/esma88

جەننەت+دوزاخ = ھايات

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1477
يازما سانى: 1954
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 201567
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 3387 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 10:17:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىدا تور سۈرئىتى توغرىسىدا خېلى تەپسىلى بايانلار بار ئىكەن .

سەمىمىيلىك ئىنساندىكى ئېسىل خىسلەتتۇر !  ئىللەت تۈزەلمىگۈچە ،مىللەت تۈزەلمەس!   ھەقىقەت ئېگىلىدۇ ، سۇنمايدۇ !   تىلى ياتنىڭ دىلى يات !     تور دۇنياسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش