 |
 |
 |
 |
پويىزدا
پويىزدىن چۈشۈشتىن بۇرۇن بىر ئايال بالىسىغا: بالام، ئەگەر پويىز خادىملىرى بىلەت تەكشۈرۈپ كېلىپ، نەچچە ياشقا كىردىڭ دېسە، بەش ياشقا كىردىم دېگىن،- دېدى تاپىلاپ. بىلەت تەكشۈرگۈچى خادىملار كېلىپ بالىدىن سورىدى.
نەچچە ياشقا كىردىڭ؟ بەش ياشقا. بۇيۇڭ شۇنچە چوڭ تۇرۇپ ئاران بەش ياشقا كىردىڭمۇ؟
پويىزدىن چۈشسەملا يەتتە ياشقا كېرىمەن،- دېدى بالا راسىت گەپ قىلىپ.
گۇندىپاينىڭ چارىسى
بىر كىشى گۇندىپاي بۇلۇشنى تەلەپ قىلپ تۇرىۋاپتۇ. بۇ يەردىكىلەر ئاسان تەڭ كەلگىلى بولمايدىغان جىنايەتچىلەر، بۇلارنى باشقۇرۇپ كېتەلەمسەن؟ سوراپتۇ تۈرمە باشلىقى.
چاتاق يوق، - دەپتۇ ھېلىقى كىشى،- ئەگەر ئۇلار گېپىمنى ئاڭلىمىسا بۇ يەردىن ھەممىسىنى قوغلىۋىتىمەن.
ئىشەنمەسلىك
كېتىر مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندە دادىسى ئۇنىڭدىن سورىدى: بالام، يېڭى مۇئەللىمىڭ قانداقراقكەن؟
بولىدىغاندەك قىلىدۇ،- دېدى كېتىر،- بىراق مەن ئۇنىڭغا ئانچە ئىشەنىچ قىلالمىدىم، ئۇ دەسلەپ ئۈچنى قوشسا ئالتە بۇلىدۇ،- دېدى، كىيىن ئىككىگە تۆتنى قوشسا ئالتە بۇلىدۇ دەۋاتىدۇ.
ئىككى مۇزىكانت
ئامىركىلىق ئىككى مۇزىكانت قىزغىن پاراڭغا چۈشتى،- مەن بىرىنچى قېتىم ئۇيۇن قۇيۇپلا ناھايتى زور مۇۋاپىقيەتكە ئىرىشتىم،- دېدى بىر مۇزىكانت ماختىنىپ،- مەن ئىرىشكەن گۈل بىلەن ئايالىم بىر گۈل ماگزىنى ئاچالايدۇ. مەن سەندىن قېلىشمايمەن،- دېدى يەنە بىر مۇزىكانت،- مەن بىرىنچى قېتىم ئۇيۇن قۇيۇپ ناھايتى ئادىل باھاغا ئېرىشتىم، تاماشبىنلار ماڭا بىر بىنا تەقدىم قىلۋەتتى. بۇ مۇمكىن ئەمەس،- دىدى ئالدىنقىسى،- مەن ساڭا ئۇلارنىڭ بىر بىنا تەقدىم قىلغانلىقىغا زادىلا ئىشەنمەيمەن. راستىنلا شۇنداق بۇلىدۇ،- دىدى كىيىنكىسى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ماڭا بىردىن خىش تەقدىم قىلدى دە .
ئەركە بالا
ناھايىتى ئەركە ئۆسكەن بىر بالا تۇنجى قېتىم مەكتەپكە بېرىپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئانىسى ئۇنىڭدىن سورىدى: بالام مەكتەپ قانداقراقكەن؟ يىغلىدىڭمۇ؟ يىغلىمىدىم،- دىدى بالا،- بىراق مۇئەللىم يىغلىدى.
دوختۇرخانىدا
چىرايلىق بىر قىز دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى- دە، سېستىراغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئايالدىن ئەدەپ بىلەن سورىدى: مەن كىرىپ شۈكسۇننى كۈرۈپ چىقسام بۇلامدۇ؟ ئەلۋەتتە بۇلىدۇ، مۇنداق سوراپ باقاي، ئۆزىڭىز كىم بۇلىسىز؟ مەن ئۇنىڭ سىڭلىسى بۇلىمەن،- جاۋاب بەردى قىز . سىزنى كۆرگىنىمگە ناھايتى خوشالمەن دېدى ئايال،- مەن شۈكسۇننىڭ ئانسى بولىمەن.
بالىسى ئۈچۈن
دوختۇر بېتنىڭ ئوغلى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، دادىسىنىڭ ئىشلىرغا ياردەملىشىپتۇ. بىر قېتىم بېت دوختۇر ئوغلىنى كېسەل كۆرۈشكە قۇيۇپ ئۆزى دەم ئالغىلى كىتىپتۇ، دەم ئېلىشتىن قايتىپ كېلىپ ئوغلىدىن بىرەر ئىش يۈز بەرگەن بەرمىگەنلىكىنى سوراپتۇ. دادا،- دەپتۇ ئوغلى،- ھېلىقى قىز ئىسىڭىزدىمۇ، سىز ئۇنى 20 يىل داۋالىغان ئىدىڭىز، مەن بىر قېتىم داۋالاپ ساقايتىۋەتتىم. بېت دوختۇر مۈرىسىنى قىسىپ قۇيۇپ دېدى: دەرۋەقە، ئۇنىڭ كىسلى سېنىڭ پۈتۈن ئوقۇش راسخۇتىڭنى قامداپ كەلگەن ئىدى، مەن يەنە تېخى ئۇ داۋالىنىشقا تۆلىگەن پۇلغا ساڭا ئىككى ماشنا ئېلىپ بەرمەكچىدىم.
ئوت كەتكەندە
مىھمانخانغا تۇيۇقسىز ئوت كەتتى، مىھمانلارنىڭ ھەممىسى سىرىتقا قاراپ قېچىشتى، ئۇلاردىن ئىككىسى كوچىدا تۇرۇپ پاراڭلىشىپ قالدى: قېچىپ چىقىشتىن بۇرۇن،- دىدى بىرسى، مەن بىر ياتاققا كىرسەم بىر مۇنچە پۇل تۇرۇپتۇ، ئۇ پۇل بەرىبىر ئوتتا كۈيۈپ كىتەتتى، شۇڭا مەن ئۇ پۇلنى ئېلىۋالدىم. مىنىڭ كىملىكىمنى بىلەمسىز سورىدى يەنە بىرسى. بىلمەيمەن. مەن دىگەن ساقچى. ھە،- دەپ ۋارقىردى ئالدىنقى كىشى، مىنىڭ كىملىكىمنى سىز بىلمەمسىز؟ بىلمەيمەن. مەن دىگەن يازغۇچى، دائىم تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلار توغرۇلۇق ھېكايە تۇقۇپ چىقىدىغان ئادەممەن.
ناخشا
بىر ئادەم ئۆزىنى ناخشىچى دەپ يۈرىدىكەن، لىكىن ناخشىنى ياخشى ئېيتالمايدىكەن. ئۇنىڭ ئىككى بالىسى دائىم ئۇخلىغلى ئۇنمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىلىرغا ناخشا ئېيتىپ بېرىپ ئۇخلاتماقچى بوپتۇ. بىرىنچى ئاخشىمى دادىسى ناخشا ئېيتىپ ئۇلارنى زىرىكتۈرۈپ قۇيۇپتۇ. ئەتىسى بالىلىرى مۇنداق مەسلىھەتكە كەپتۇ: دادىمىز ناخشا ئېيىتقان ھامان دەرھال يالغاندىن ئۇخلىۋالايلى، شۇنداق قىلساق دادىمىز ناخشىسىنى دەرھال توختىتىدۇ.
يۇمۇرلار خەزىنىسىدىن ئىلىندى
|
 |
 |
 |
 |
|