مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10331|ئىنكاس: 352

تىز!!سىلەرگە چاقچاق(مەلىكە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3425
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27260
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8323 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-24 04:15:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام دوسلار.....قانداقراق ئەھۋالىڭلار؟كۈندە مۇنبەردە ساق-سالامەت تۇرساڭلارمۇ ئەھۋالىڭلارنى سوراپ قۇياي،پاتىنىت ھوقۇقى ئالمىغان بولساممۇ خىلى قوشاقچى بوپ قالغان ئىدىم مۇنبەردە،لىكىنزە ئىشنىڭ جىقلىقىدىن،باشقا تىما بىلەن بولۇپ كىتىپ قوشاق يازمىغىلى خىلى كۈنلەر بولۇپ قاپتۇ،دىسەم-دىمىسەم سىغىنىپمۇ كەتمىدىڭلار مىنىڭ قوشاقلىرىمنى،مۇنبەردە مەندىن بۆلەك قوشاقچىلار جىق بولغاندىن كىيىن،شۇڭا مەنمۇ شىئىر يازاي،دەپ يىزىپ باقسام تاڭنۇر مەن بىلەن ئۇرشۇپ ئارام بەرمىدى،پاتىنتىمغا دەخلى -تەرۇز قىلدى،دەپ مىسرانغا چىقىپتىكەن،شۇڭا يەنە بۇ كەسپىمنى تىپىۋالدىم. ھەممىسى چاقچاق پاراڭ-ھە؟[s:6]

قارىسام نىمىشقىكىن مۇنبەرنىڭ كەيپىياتى سەل سۇسلاپ قاپتۇ،يا مەن شۇنداق ھىس قىلدىممۇ؟بۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلى،بىردەم -يىرىمدەم مۇڭدۇشۇپ كۈلۈشۈپ ئولتۇرساق ۋاقتىڭلار باردۇ-ھە؟ [s:24]

ئەمىسا قوشاقنى باشلاپ قۇياي،قالغىنىنى سىلەر چۈشۈرسىلەر جۇمۇ؟ھە راست،بىر ئىشنى دەۋالاي،مەن قىنى؟مەن يوققۇ؟دەپ ئىنكاس يىزىشنىڭ ئورنىغا تۆت چاسا قىلىپ قاپىيدەش كەلگەن قوشاقتىن بىرنى يىزىپ قۇيساڭلا باشلاپ كىتىمىز-ھە؟[s:20]

ئۈچ....ئىككى...بىر.....باشلاندى!

توغرۇل ئاكىغا:

سالام سىزگە توغرۇلكا،
سىز مۇنبەردە بارمۇ-يوق؟
قوشاق يازدىم بىشىدا،
بىزگە جاۋاب بارمۇ-يوق؟

(توغرۇلكا،بەك ئالدىراشمۇ سىز مۇشۇ كۈنلەردە،ھىچ بىر قارىڭىزنى كۆرسەتمەيسىز،مۇنبەر ئۈچۈن تىنىمسىز ئىشلەپ جاپا چەكتىڭىز-ھە؟[s:2] )

مۇسلىنە ھەدىگە:
مۇسلىنەدە مۇنبەردە،
ساۋاق بىرىپ يۇرىيدۇ،
ھەر تىمىسى بەك ئۆتكۈر،
بىزگە تەلىم بىرىدۇ.

كىلىڭ ھەدە بىرلىكتە،
قۇشاق تۇقۇپ باقايلى،
يا ۋاقتىڭىز تەگمەسمۇ؟
قىنى كۈتۈپ باقايلى.

(ھەر بىر تىمىڭىز شۇنچىلىك ئۆتكۈر،ئاممىباپ،كۈچلۈك تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار،رەھمەت سىزگە[s:2] )

كۈنقىز غا:
كۈنقىز ئوماق دوستىمىز،
نىمە قىلىپ يۇرىيسىز؟
ئارقا بەتكە كىرۋىلىپ،
تىما مارلاپ يۈرەمسىز؟

(قىنى سىز -ھە؟ مەكىلىڭە،قوشاق يازىمىز.....قالغان تىمىنى مىسران تەستىقلىسۇن،سىز بىز بىلەن بىردەم ئوينىڭە[s:6] )

كەترەن گە:
مۇنبەرلەرنى كىزىپسىز،
بىزنى كۆرمەي يۇرىپسىز،
مەندىن قوشاقلار كەتتى،
قىنى جۋاب يازمامسىز؟

(كەترەن،نەلەردە يۇرىيسىز؟ما تىما ھازىرلا قىزىپ كىتىدۇ،ھىلى سىزنى تاپالماي قالماي،تىز كىلىڭە[s:14] )

شاتئاي غا:
شاتئاي تىنماي ۋىچىرلاپ،
كىزەر ھەركۈن مىسراننى،
قوشاق كەتتى كۆرمىدى،
مەن بىلىمەن بۇ قىزنى.

(دىسەم دىمىسەم ما قوشاقنى ھەممىنىڭ كەينىدە قىلىپ ئاندىن كۆرىدۇ[s:17] )

ئەلشىر گە:
بۇرۇن ھەركۈن كىزەتتى،
مۇنبەرلەردە سەيلى قىپ،
ئەمدى يوقاپلا كەتتى،
مىسرانىمغا باشلىق بوپ.

(ھەي،باشقۇرغۇچى بولسا ئاشۇنداق ئالدىراش بولۇپ كىتەمدىكەن؟بۇ ياققا كىرىپ تىز قۇشاق يىزىڭ-ھە؟سىزنى ساقلاتىمەن ئەمىسە[s:24] )

ئەركەم گە:
ئۇششۇق ئەركەم قىنى سىز،
يەنە نىمە قىلىسىز؟
مەن بىلەنلا سوقۇشۇپ،
ئۇرۇشاي دەپ ئويلامسىز؟

(ھەي ئەركەم،قىنى سىز-ھە؟ كىلىڭە ئەمدى ماۋۇ يەردە بىردەم قىزىرشىمىز[s:6] )

كەچمىشىم گە:
كەچمىشىم دەپ ئىسمىڭىز،
تارىخىمنى ئەسلەتتى،
بەكلا مۇڭلۇق شىئىرڭىز،
ماڭا يارنى ئەسلەتتى.

(شىئىرلىرىڭىزنى ياقتۇرىمەن،ھەقىچان ماڭا ئوخشاش قوشاقمۇ توقۇپ قۇيىسىز،كىلىڭە،بىللە بىردەم قوشاق تۇقۇيمىز[s:2] )

قەھۋە گە:
قەھۋە ئىكەن ئىسمىڭىز،
مۇنبەردە ساز گىپىڭىز،
ھەر ئىنكاستا كۆرىمەن،
تىما يازماس ئۆزىڭىز.

(سىزنىڭ تىمىڭىزنى پەقەتلا كۆرمىدىم جۇمۇ؟ئىنكاسنى بەك جىق يىزىپ كەتمىسىڭىزمۇ كۆرۈپ قالىمەن سىزنى،شۇڭا قوشاقتىلا دەۋالاي دىدىم گىپىمنى[s:2] )

سىگىنال غا:
ئەسلى ئىسىم ساراينى،
تاتقۇزۇپلا قۇيدۇقمۇ؟
بەلگە بولۇپ مۇنبەردە،
سىگىنال چىلىپ يۇردۇقمۇ؟

(چاقچاق-ھە؟ بۇنداق دىسە كۆڭلىڭىزگە كىلىپ قالمىسۇن يەنە ئاران تۇرغاندا،بۇ ئىسىممۇ ياخشىكەن[s:29] )

ئۇيغۇر تىكىن گە:
ئۇيغۇر تىكىن مۇنبەردە،
بەكمۇ ئۇزۇن تۇراتتى،
نىمە بولدى ئەمدى يوق،
خىلى ياخشى تۇراتتى.

(ھوي ئۇيغۇر تىكىن، قىنى سىز؟ ئۇنداق قىلماي مۇنبەرگە كىرىپ تۇرۇنە-ھە؟ما قوشاققا جاۋاب يازمىسىڭىز..ھە...قالغىنىنى دىمەي جۇما[s:24] )

تاڭنۇرغا:
شىئىر يىزىپ ھەركۈنى،
زىرىكمەيسىز نىمىشقا؟
شىئىرنىڭمۇ خۇمارى،
راس بار ئىكەن،شۇنداقما؟

(ھەر كۈنى بىر يىڭى شىئىرىڭىزنى كۆرمىسەم ئىچىم سىقىلىپ قالىدىغان بولدى ھازىر،يالغۇز مەنلا ئەمە ھەقىچان،قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن تاڭنۇر[s:2] )

كۆكنۇر غا:
كۆكنۇر سىزمۇ قوشاقچى،
كىلىڭ قوشاق يازايلى،
ئەزالارنى خۇش قىلىپ،
قىزىتايلى مۇنبەرنى.

(سىزنى ئۇزاق بولدى كۆرمىگىلى ئىشلىرىڭىز بەكلا ئالدىراشمۇ يە؟[s:10] )

سەمانى غا:
شىئىر _قوشاق ھەركۈنى،
يوللايتتىڭىز توختىماي،
ئىيتىڭ سىزگە نىم بولدى؟
بولدى ئەمدى سورىماي.

(سەمانى، سىز جىملا بولىۋالدىغان بولدىڭىز مۇشۇ ئاي-مۇشۇ كۈنلەردە،مانداق قىزىتىپ تۇرايلى مۇنبەرنى-ھە؟[s:6] )

ئەل قىزى غا:
توينى قىلىپ ئۇھ دەپلا،
خاتىرجەم بوپ يۇردۇقمۇ؟
توي قىلىڭلار دەپ قۇيۇپ،
دو تۇتقۇزۇپ كەتتىقمۇ؟
(سىزنىڭ ئۇ گىپىڭىز ئىسىمدە جۇمۇ تىخى،خەپ ئاز قالدىغۇ ماڭىمۇ[s:24] )

تۇمۇچۇققا:
تۇمۇچۇقتەك ئاۋازى،
ياڭرار ھەممە باغلاردا
ھە دىسىلا دىيىشەر،
مۇنبەردىكى ئىنكاستا.

(سىزنىڭ مۇنازىرە قىلغان ئىنكاسلىرىڭىزنى كۆرۈپ چىقىمەن،شۇڭا دەپ قۇيدۇم جۇمۇ؟[s:6] )

ئەمىسە مۇشۇنچىلىك يىزىپ تۇراي،قالغىنىنى سىزلەرگە قۇيۇپ قۇيدۇم-ھە؟

__مەلىكەدىن


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
دىلسىرى + 30 1652757470ئاۋۇسى رەخمەتلىك بۇلۇپ كەتتى م
nur65 + 50 مۇنەر قىزغىنلىقىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەھمىيە
kaqmixim + 1 1483922460مانا كەتتى

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 81   باھا خاتىرىسى

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

ئۇنتۇپ كەت يۈرىك

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37
يازما سانى: 2306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17804
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 4574 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-24 04:35:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بار ئېدىمغۇ مۇنبەردە ،
ئارقا بەتتە تەھرىردە .
سىلەر ئۈچۈ خىزمەت قىپ ،
مىسرانىمنىڭ غىمىدە .

تېمىلارنى دوسلارنىڭ،
تەستىقلىسۇن كۈنقىزخان.
يىزىڭ  دوستۇم تېمىلار ،
بەھرى ئالسۇن ھەممە جان .

پىكىر قىلىۋاتىمەن دېمەك مەۋجۇتمەن!! خەيىر-خوش جېنىم سېنىڭ بەختىڭ مېنىڭمۇ بەختىم!!

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-24 04:41:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 ماباشلىقنى قاراڭلار،

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3425
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27260
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8323 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-24 04:45:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1(kun^kiz)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

تىما تەستىقلاش ئىشى،
خىلى تەسمۇ ئۇيەردە؟
چارچىغانسىز ھە؟دوستۇم؟
بىردەم ئويناڭ بۇيەردە.

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

ھەققانىيەت بولغ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2342
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9716
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 285 سائەت
تىزىم: 2010-6-9
ئاخىرقى: 2014-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-24 04:45:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوشاق قېتىپ مۇنبەرگە
دائىم كېلىپ يۈرىسىز
قوشاقلىرىڭىز ئۆتكۈركەن
ئويغا سېلىپ يۈرىيسىز

ھەققانىيەت بولغاندىلا دۇنيا گۈزەل بولىدۇ.

كۆزۈڭنى يۇم،كۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2228
يازما سانى: 885
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 24291
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 6606 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-24 04:47:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇجۇن ما تاتلىق قىزنىڭ  قوشاقلىرىنى،ھى ھى،تىمىمۇ يازغانتىم نەچچە تال .كۆرمەپسىزدە تاتلىق،ئۇنداق قىلماي ماراپ قويۇڭ دەيمەن.

ئاق توشقىنىم يۈگرەيدۇ،
ئۇزۇن ئىكەن قۇلىقى.
ماڭا بەكمۇ ياقىدۇ،
مەلىكەمنىڭ قوشىقى.

ئۆرۈكۈمما ئۆرۈكۈم.
بەكمۇ تاتلىق ئۆرۈكۈم.
مەلىكەمنى كۆرمىسەم.
چىدىمايدۇ يۈرۈكۈم.
ھى ھى.قاملاشمىغان قوشاقلار سىزگىمۇ كەتتى مانا ئەمىسە.

" مەن قايتىلانمايمەن،ئۆمرۈم يىڭىلانمايدۇ،پەقەت قايتىلىنىدىغىنى باھار، يىڭىلىدىغىنى ئارمان!"

ياردەم مەزمۇنى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 622
يازما سانى: 3152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18450
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 10677 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-24 04:47:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز  ئەممازە مىنى ئۇنتۇپ قاپسىزدە دوستۇم بىزدە مىدال بولمىغانلىقى ئۇچۇن  [s:18]

ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-م

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3425
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27260
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8323 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-24 04:47:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2(zapar)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

بەكلا چاققان زەپەرجان،
ئىنكاس يىزىش تۈزەشكە،
كۈنقىز قوشاق يازغۇچە،
ئوخشىتىپتۇ بىر پەستە.

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

بۇگۈن نىمىلەرگە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 342
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9347
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2011-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-24 04:48:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە مىنىڭ ئىسمىم چىقماپتۇغۇ  [s:21]

كەلگەندە قەدىرلە كەتسە ئۆكۈنمە

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3425
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27260
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8323 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-24 04:49:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5(قەھۋە)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

مەنمۇ سىزگە چىدىماي،
يۈگۈرىمەن توختىماي،
قىنى يازغان تىمىڭىز،
مەنمۇ ئوقۇي توختىماي.

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش