ئۈتكەندە خارۋارد توغرىلىق ئازراق مەلۇمات بەرگەن ئىدىم. دەپ ئۈتكىنىمدەك خارۋاردا ھازىر ئۇقۇۋاتقان ئۈچ ئۇيغۇر بار بۇلۇپ، بۇنىڭ بىرى «ۋاشىنگتوندا توي» دىگەن تىمىدا توي خاتىرىسىنى بەرگەن ئىلنىگار ، بىرى قەيسەر مىجىت ( قەيسەر مىجىتنىڭ بىلىۋال تورىدا مەخسۇس سەھىپىسى بار) . يەنە بىرى قۇدرەت ياقۇپ. قۇدرەتنىڭ ئەسلى ئىسمى ئىمامى ھەسەن ياقۇپ بۇلۇپ كىيىن قۇدرەتكە ئۈزگەرتكەن.
قۇدرەتنىڭ ئەڭ ئالاھىدە يىرى شۇكى، ئۇ خارۋاردقا ئاسپىرانىت ئۈچۈن ئەمەس بەلكى تولۇق كۇرس ئۈچۈن ئوقۇشقا كىرگەن. شۇنداقلائۇيغۇرلاردىن ھازىرغىچە خارۋاردتا تولۇق كۇرس ئوقۇشى ئوقۇغان تۇنجى ئوقۇغۇچى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنىڭ ئەھمىيتى ناھايتى چوڭ. قۇدرەت بىلەن ئامرىكىغا كەلگەندىن كىيىن ئۇزۈن ئۈتمەيلا تۇنۇشۇپ يىقىن دوستلاردىن
بولۇپ كەتتۇق. تەتىلدە خارۋاردقا بېرىپ ياتىقىدا يېتىپ، خاۋارد باغچىسىدا سەيلە قىلىپ كىچە كۈندۈز پارىڭىمىز تۈگىمەي تاڭ ئېتىپ كەتتى. كەلگۇسىگە نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇ ئارمانلارنى قىلىشتۇق.نىيۇركنىڭ ئەرزان باھالىق مىھمانخانىلىرىدا يېتىپ كۈچلۇك قۇدرەت-تۇرسۇن ھەمكارلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدۇق. يىڭى غەلىبە، يىڭى نەتىجە، پارلاق كەلگۈسى، مۈجىزىلەر بۇ
بەلباغدىن ئاپىرىدە بۇلغۇسى.
قۇدرەت بىلەن بىللە بولۇش جەريانىدا ھىس قىلدىمكى قۇدرەتنىڭ گۈزەل كەلگۇسى تېخى ئالدىدا ئىكەن. غەلىبە مەڭگۇ ئىرادە، جاسارەتلىك ئادەملەرگە ھەمرا ئىكەن.ئۇ 2001-يىلى ئۈرۈمچىدە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ چىڭخۇا ياكى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا كىرىش ئارزۇسى ئوتتەك كۈچلۈك بۇلۇپ، لېكىن ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدا مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرالماي ئۇ مەكتەپكە ئۈتەلمەي قالغان. قاتتىق ئازاپلانغان. باشقا داڭلىق مەكتەپلەرگە بېرىشقا كۆڭلى ئۇنىمىغان. ئۇ ئۈزى ئۈتكەن مەكتەپكە بارمىغاندا، ئەھۋالنى چۈشەنمەيدىغان غەيۋەتچىلەر ئۇنى ئالى مەكتەپكە ئۈتەلمىدى دەپ مەسخىرە قىلىپ يۈرگەن. كىچىگىدىنلا تەڭ تۇشلار، مەكتەپ، جەميەتتە ھەممىنىڭ ئالدى بۇلۇپ باشقىلارنى ئۈزىگە ھەۋەس قىدۇرۇپ كەلگەن ئادەم بىردىنلا ھەممە ئادەمنىڭ مەسخىرە قىلىش ئۇبىكتىغا ئايلىنىپ قالغان. ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق بۇلغان. قىز دوستى تاشلاپ كىتىپ قالغان. دوستلار يىغلاپ، دۈشمەنلەر قاقاخلاپ كۈلگەن. ئۈرۈمچىدە يەتتە بال بۇران چىقىپ سەككىزبال يامغۇر ياققان. ئەنە شۇنداق شارائىتتا قۇدرەت ئۈز
ھاياتىدىكى ئەڭ قاپ يۈرەك تەۋەككۈل قارارنى چىقارغان:
«مەن خارۋاردتا ئوقۇيمەن!!!، چوقۇم قۇدرەتلىك ئادەم بۇلىمەن!!!».
ئۇ مۇشۇ قارارنى چىقىرىش بىلەن تەڭلا يەنە ئۈز ئىسمىنى قۇدرەتكە ئۈزگەرتىشنى قارار قىلغان. لېكىن ئاتا-ئانىسى قارشى چىققانلىغى ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن كىلىشىپ ئۇ خارۋاردقا ئۈتكەندىن تارتىپ ئىسمىنى قۇدرەتكە ئۈزگەرتسە بۇلىدىغانغا دىيىشكەن.
قۇدرەت توغرىلىق كىيىنچە مەخسۇس توختىلىپ ماتىريىال يېزىش پىلانىم بۇلغاچقا بۇ يەردە تەپسىلى يېزىلمايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر مەزگىللىك مۇشەققەتلىق سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ 2004-يىلى بىراقلا ئامرىكىنىڭ 13 ئۇنۋېرسىتىتىدىن ئوقۇشقا كىرىش ئۇختۇرۇشنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋە شۇنىڭ ئىچىدىن ۋاشىنگىتون ئەتراپىدىكى ئەڭ ئەرزان بىر مەكتەپنى تاللاپ ئوقۇشقا كىرگەن. ئوقۇشقا كىرىپلا زور تىرىشچانلىق بىلەن ئوقۇپ ناھايتى تىزلا پىروفىسسورلارغا تۇنۇلغان. ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى بۇلغان. SAT ئىمتاھانى (ئامرىكىنىڭ ئالى مەكتەپ ئىمتاھانى ) بىرىپ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى نۇمۇر ئالغان. پروفىسسورنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسغا قاتنىشىپ يېڭى كۈز قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۇلارنى ھەيران قالدۇرغان. ئىككىنچى مەۋسۇمىدە داڭلىق پىرافىسسورنىڭ ئۈزىنىڭ شەخسەن كۈرسىتىشى بىلەن 8 مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىپ Harvard, MIT قاتارلىق 6 مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغان.بۇنىڭ ئىچىدىن ئۇ ئۈزىنىڭ ئارزۇسى بۇلغان ئامرىكىنىڭ 7 نەپەر زۇڭتۇڭى ئوقۇپ چىققان خارۋاردنى تاللاپ ئوقۇشقاكىرگەن. خارۋارد ئۇنىڭغا 4 يىللىق ئوقۇش مۇكاپاتىنى بىراقلا بەرگەن. (يىلىغا 47 مىڭ دوللار) . شۇنداق قىلىپ 2005-يىلى 8-ئايدا ا ئۇ خارۋارد ھاياتىنى باشلىغان. ئۇ ھازىر خارۋاردنىڭ ئەركە ئوقۇغۇچىسى.مەكتەپنىڭ نۇرغۇنلىغان پائالىيەتلىرىدە ئۇنىڭ سىماسىنى، جاراڭلىق كۈلكىسىنى ئاڭلاپ تۇرغىلى بۇلىدۇ. ئۇمۇ ھەرخىل ئوقۇغۇچىلار پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ تۇرىدۇ.
ئۇيغۇرلاردىكى بۇ چوڭ تەۋەككۈلچىنىڭ ئىش ئىزلىرى سىزنى قايىل قىلىشىغا پېقىر كىپىل. 3-4 يىل بۇرۇن جۇڭگۇدا «خارۋارد قىزى» دەپ بىر خەنزۇ قىز توغرىلىق يېزىلغان كىتاپ زور داغدۇغا قوزغاپ نەچچە مىليۇن پارچە سېتىلدى. لېكىن خارۋاردتا قۇدرەتنىڭ ئىناۋىتى ۋە نامى ئۇ قىزدىن چوڭ. قۇدرەت ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەربىيسى توغرىلىق مەخسۇس ماتىرىيال يېزىپ چىقىشقا ئەرزىيدۇ.
قۇدرەت-تۇرسۇن كۇۋالنىت بېغى ئەقلىيە سۈزى:
دۇنيانى ساراڭلار يارىتىدۇ. غەلىبە تەۋەككۈلچىلەرگە مەنسۇپ.
قۇدرەت خارۋارد كۈتۈپخانىسىدا. بۇ كۈتۈپخانىدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرچە كىتاپلارمۇ بار ئىكەن. شۇندا دىسە ئىشەنمىسەم، ئۇ ماڭا كاتالوگ تىزىملىگىدىن كۈرسىتىپ قويدى. قارىسام ئانا يورت دىگەن كىتاپمۇ تۇرىدۇ.
دۇنياغا داڭلىق ئۇنۋېرسىتىت مۇنداق بۇلىدىكەن.
خارۋاردتىكى بايرامدا ئۇ ئۇيغۇرچە ناخشا ئوقۇماقتا. ئۇ گىتارنىمۇ بەك ياخشى چالىدۇ.
دالا مەشىقى. بىر پائالىيەتتە ئۇلارنى ئىنسى جىن يوق بىر تاققا تاشلاپ قويغان. تەلەپ شۇ يەردە تاماق تېپىپ يەپ، تاغدا يېتىپ قوپۇپ 7 كۈن ياشاش كىرەك.
چېنىقىش زالىدا
خارۋاردتىكى بىر زال. جېك بىلەن قۇدرەت. مەن ئاياق بىلەن 176-177 cmئەتراپىدا كىلىمەن. پەرەز قىلىپ بېقىڭلار، قۇدرەتنىڭ بويى قانچىلىك كىلىدىكەن .
جېك بىلەن قۇدرەت
جۇڭگولۇق مەكتەپداشلىرى بىلەن بىللە
ئۇستازى بىلەن بىللە
مەنبە:ئابىدە بلوگى،
http://abeda.blogbus.com/logs/64060615.html