مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1491|ئىنكاس: 20

مەملىكەتلىك مائارىپ ئىسلاھاتى لايىھىسى ئې [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

جەننەت+دوزاخ = ھايات

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1477
يازما سانى: 1954
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 201567
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 3387 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-14 10:05:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەملىكەتلىك مائارىپ ئىسلاھاتى سىناق نۇقتا لايىھىسى ئېلان قىلىندى

كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق مەكتەپ تاللاش مەسلىسى ھەل قىلىنىدۇ

 


جۇڭگۇ خەۋەرلىرى تورى 2011-يىلى1-ئاينىڭ 13-كۈنى تېلىگىراممىسى

مەرگىزى خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ‹‹ مەملىكەتلىك مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سىناق نۇقتىسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش ›› نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە 1-ئاينىڭ 12-كۈنى جۇڭگۇ ھۆكۈمەت تورىدا تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلدى .

بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سىناق نۇقتىسىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنگەن بولۇپ ، مەخسۇس تۈردىكى ئىسلاھات نۇقتىسى ، مۇھىم ساھەلەردىكى ئۇنۋېرسال ئىسلاھات نۇقتىسى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مائارىپىنىڭ بىر تۇتاش ئۇنۋېرسال ئىسلاھات نۇقتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

مەخسۇس تۈردىكى ئىسلاھات 10 چوڭ سىناق ۋەزىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت .

ئاساسى مائارىپتىكى 3 تۈرلۈك ئىسلاھات ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، مەجبۇرىي مائارىپنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاپشۇرۇق يۈكىنى يەڭگىللىتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .

ئالى مائارىپتىكى 3 تۈرلۈك ئىسلاھات ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەش ئەندىزىسىنى ئىسلاھ قىلىش ، ئالى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ تەسىس قىلىش ئەندىزىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە زامانىۋىلاشقان ئۇنۋېرسىتېت تۈزۈمى ئورنىتىشتىن ئىبارەت .

قالغان 4 تۈرلۈك ئىسلاھات بولسا كەسپى مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى ئىسلاھ قىلىش،خەلق ئىگىلىكىدىكى مائارىپ تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۈكەممەللەشتۈرۈش ۋە مائارىپ سېلىنما مىخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت .

مۇھىم ساھەلەردىكى ئۇنۋېرسال ئىسلاھات نۇقتىسى ئاساسى مائارىپ ئۇنۋېرسال ئىسلاھات سىناق نۇقتىسى، كەسپى مائارىپ ئۇنۋېرسال ئىسلاھات سىناق نۇقتىسى، ئالى مائارىپ ئۇنۋېرسال ئىسلاھات سىناق نۇقتىسى ۋە خەلق ئىگىلىكىدىكى مائارىپ ئۇنۋېرسال ئىسلاھات سىناق نۇقتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مائارىپىنىڭ بىر تۇتاش ئۇنۋېرسال ئىسلاھات سىناق نۇقتىسى مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇش،ھۆكۈمەت بىلەن مەكتەپلەرنى ئايرىۋېتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، باشقۇرۇش بىلەن قۇرۇشنى ئايرىۋېتىشنى ئەمىلىلەشتۈرۈش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ .

ھەر دەرىجىلىك ھەر تۈرلۈك مائارىپنىڭ ماس ھالدىكى تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرىدۇ .

شەھەر-يېزا، رايۇنلارنىڭ مائارىپىنى بىر تۇتاش ماس تەرەققى قىلدۇرىدۇ .

دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە ۋە يەرلىكنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن ئوقۇتۇش تۈزۈلمىسىنى بىر تۇتاش تۈزىدۇ .

ئوقۇتقۇچىلار ئىشتاتى ۋە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش كۆلىمى قاتارلىق ئاساسى ئۆلچەملەرنى بىر تۇتاش بېكىتىدۇ .

ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپقا مەبلەغ سېلىشىنى ئاساس قىلغان ھالدا كۆپ خىل يوللار بىلەن مائارىپ مەبلىغى جۇغلاش، مائارىپ سېلىنمىسىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە مىخانىزىمىنى تۇرغۇزىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۇرىدۇ .

مەملىكەتلىك مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئىسلاھات سىناق نۇقتا ۋەزىپىسى ھەر دەرىجىلىك ھەر تۈرلۈك مائارىپنىڭ مۇھىم ساھەلىرى ۋە ھالقىلىرىنى قاپلايدۇ-دەپ كۆرسەتتى .

بۇ مەسئۇل ئەرباپ يەنە ئىسلاھات سىناق نۇقتا خىزمىتى تۆۋەندىكى 4 تەرەپتىن يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ-دەپ كۆرسەتتى .

1-   ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ .

مائارىپ ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلى، دەرسلىك ئوقۇتۇش ماتىرياللىرى،ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاپشۇرۇق يۈكىنى يەڭگىللىتىش ھەمدە ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىرلەر ئۈستىدە ئىزدىلىنىدۇ .

2-   ئوقۇتۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ .

ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشتا ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ھۇقۇقى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ،كەسپى مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ئىسلاھ قىلىنىدۇ . خەلق ئىگىلىكىدىكى مائارىپ تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلىنىپ جۇڭگۇ-چەتئەل ھەمكارلىقىدىكى ئوقۇتۇش سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ .

3-    باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ .

زور كۈچ بىلەن ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ تۈزۈلمە مىخانىزىمىنى تۇرغۇزۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش تېزلىتىلىپ، مەجبۇرىي مائارىپنىڭ ماس تەرەققىياتى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىلىدۇ . كۆپ خىل يوللار بىلەن مەكتەپ تاللاش مەسلىسى ھەل قىلىنىدۇ .

ئالى مائارىپنىڭ باشقۇرۇش شەكلى ئىسلاھاتى چۇڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى ئۇنۋېرسىتېت تۈزۈمى تۇرغۇزىلىدۇ .

4-    مائارىپ كاپالەت مىخانىزىمىدا يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ .

زور كۈچ بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى مۈكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرىلىشى كۈچەيتىلىدۇ . مائارىپ سېلىنما مىخانىزىمى مۈكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مائارىپ كاپالەت سەۋىيىسى ئۆستۈرىلىدۇ . مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ .

بۇ مەسئۇل ئەرباپ يەنە پارتىيە مەرگىزى كومىتىتى ۋە مەرگىزى خەلق ھۆكۈمىتى 2010-يىلى 7-ئايدا يېڭى ئەسىردىكى بىرىنجى قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مائارىپ خىزمىتى يىغىنى چاقىرىپ، ‹‹ دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئۇزۇن مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات لايىھە پىرۇگىراممىسى (2020-2010) ›› نى تارقاتتى . كەلگۈسى 10 يىلدىكى مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ جۇڭگۇنىڭ مائارىپتىكى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىدىن مائارىپتىكى كۈچلۈك دۆلەت بولۇشتىكى يېڭى سەپىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيىتتى .

      مىسرانىم تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن خەنجەر تەرجىمە قىلدى .

      مەنبە : http://news.qq.com/a/20110113/000261.htm

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
ئۇيغۇرۇم007 + 300 ئەھمىيەتلىك تىما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 300   باھا خاتىرىسى

سەمىمىيلىك ئىنساندىكى ئېسىل خىسلەتتۇر !  ئىللەت تۈزەلمىگۈچە ،مىللەت تۈزەلمەس!   ھەقىقەت ئېگىلىدۇ ، سۇنمايدۇ !   تىلى ياتنىڭ دىلى يات !     تور دۇنياسى

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2564
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21732
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9937 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-14 10:37:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە مائارىپتا زور ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش زۈرۈر . نوقۇل ھالدا ئىنتاھاننى قوغلاشماي ، نەتىجىنى ئاساس قىلماي ئەمەلىي ئىقتىدارنى ئاساس قىلىش .

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

بىر مىللەتتە ساپ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3333
يازما سانى: 1137
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 19860
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 5347 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-14 10:52:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىلىتىش دېگەن گەپ خېلى بۇرۇنلا بار ئىدى، ئەمما بۇ تۇزۇم مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىدىن پاتماي، مەكتەپكە كېرەلمىگەچكە يەنە بۇرۇنقى پەدىگە بىر سائەتلىك دەرسكە چوقۇم بىر قىتىملىق تاپشۇرۇق بىرىش، تاپشۇرۇقنىڭ تۈرلىرى مەشىق كىتاپ، مەشىق دەپتەر، بۆلەكلەر بويىچە سىناق سۇئالى بولىشى كېرەك بولۇپ كىلىۋاتىدۇ.
ئىمتاھان مائارىپى ئاز-تولا ئىسلاھات قىلىنىپ، باشلانغۇچنىڭ چارەكلىك ئىمتاھانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى، ئەپسۇس بۇ مەۋسۇمدە ئۇ ئىمتاھان يەنە باش كۆتۇرۇپ چىقتى، تېخى مەكتەپلەر ئارا ئالمىشىپ ئىلىشى قىزىق.............

بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بولغاندىلا شۇ مىللەتنىڭ كەلگۇسىدە ئۆمىد بار.

يىگىتنىڭ سۆزى قە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17718
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11160
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 5046 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-15 12:07:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكىن دەپتىمەن ..
بىزگە بۇ ئسلاھات ئاقمايدۇ .. بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ قوشتىللىق مائارىپىمىز بار ...

يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ، يىگىتنىڭ سۆزى قەسەم

ئىتقادىم ئىككى ئ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23855
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7408
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 3020 سائەت
تىزىم: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-15 12:11:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالامغا ئىچىم ئاغرىيدۇ ..قوش تىل دەپ تاپشۇرۇق كوپ بېسىم ئېغىر...

مىھرىبان اللە گۇناھلىرىمىزنى مەخپىرەت قىلغايلا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3154
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11623
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2013-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-15 12:17:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلگە ھەقىقى ئاشسا بولاتتىغۇ !

ياخشى دوست-بىباھا گۆھەر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11525
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2271 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-15 01:37:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىي مائارىپقا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش كېرەك، بىزنىڭ ئۇنىۋېرستىتتا  مۇدىر بولغان كىشىنىڭ بىلىمى يوق تۇرۇپ   پىروفىسسور، دوكتور ئاشتىلارنى  ئالدىدا  تىك تۇرغىزىۋېتىدۇ،   ئەمەلىيەت دەرىسى تەسىس قىلىشقا يول قويمايدۇ.   دالا  دەرىسى تەستىقلانمايدۇ.   ئوقۇغۇچىلار  ئەمەلىي بىلىم كەمچىل،  ساپا كەم.     ئىشىنىمىزكى  ئاپتونوم رايونىمىز مەركەزنىڭ مائارىپ ئىسلاھات ھۆججىتىنىڭ روھىنى  يەرلىك  مىللىي مائارىپ ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ،    ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى توغرا ئىشلىتىپ،  قانۇنلۇق ھالدا مىللىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇىدۇ.

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ». « سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولالماس قالغان كۆڭۈلنى». « لەيلىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك»

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13872
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10441
تۆھپە نۇمۇرى: 660
توردا: 1361 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-15 09:35:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە مائارىپتا زور ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش زۈرۈر . نوقۇل ھالدا ئىنتاھاننى قوغلاشماي ، نەتىجىنى ئاساس قىلماي ئەمەلىي ئىقتىدارنى ئاساس قىلىش  [s:166]  [s:122]  [s:166]  [s:128]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 2245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31325
تۆھپە نۇمۇرى: 2856
توردا: 4242 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-15 10:33:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆججەت شەكىلىدە چۈشسىمۇ يەرلىكتىلەرنىڭ ئىجرا قىلمىقى بەك تەس....

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

كۈلۈشنى ئۇنتىما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11754
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8706
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 4411 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-15 12:36:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يىلى يەنى 2011-يىلى 6- ئايدا يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تۇنجى قاراردا تەربىيلەنگەن ئوقۇغۇچىلىرى ئالى مەكتەپكە قاتنىشىدۇ.
بۇ يىللىق ئىمتاھاننىڭ ئىمتاھان شەكلىدە، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش شەكلىدىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆزگۈرۈش بولىدىكەن.
ئالىي مەكتەپ ئىمتھان نومۇرى تەڭ بولۇپ قالغان شەرت ئاستىدا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئېلىنغان ھەرپەنلەرنىڭ سەۋىيە ئىمتاھانىدىكى نەتىجىسى ئاساس قىلىنىپ قۇبۇل قىلىنىدىكەن.
يەنە ئالاھىدە كەسىپكە ئىمتاھان  بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزى بىرىدىغان كەسىپ ئىمتاھانىدىن باشقا ئاساسلىق 3 پەندىنلا ئىمتاھانغا قاتنىشىدۇ.

كۆرەلمەسلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق،بىرەر ئىش قىلىشقا باغلىسا بەلنى، تۈمەن بۆھتانىمىز باردۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش