مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1504|ئىنكاس: 8

موزدوزلۇقنىڭ يېڭى باھارى(ھەسەل ھەرىسى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 2560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28807
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6325 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-14 12:03:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئەنئەنىۋىي موزدوزچىلىقنىڭ يېڭى باھارى
      جەمئىيەتكە نەزەر سالسام، ھازىر مەخسۇس ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلدا ئاياغ تىكىدىغان  موزدوز ئۇستاملارغا بۇيرۇتۇپ ئاياغ تىككۈزۈپ كېيىدىغان كىشىلەر كۆپۈيۈپ كېتىپتۇ.چۈنكى: ‹‹ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار››دېگەندەك،كىشىلەر رېزىنكە ياكى باشقا ئارلاشما توقۇلما ماتىرياللاردىن تىكىلگەن ئاياغلارنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن چېغى،ماركا قوغلۇشۇپ زاۋۇت ئايىغى كېيىش شامىلى ھازىر سەل پەسىيىپ،يەرلىك موزدوزلار قولدا تىككەن ماتىرياللىرى ساپ ئاياغنى كېيىش ‹‹شامىلى››ئۆرلەپ قالغانىدى.لېكىن بۇنداق جاپا تارتىپ قولدا ئاياغ تىكىدىغان موزدوزلارنى تاپماق ئانچە ئاسان ئەمەس.مەن مۇشۇ خىل‹‹شامال››نىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن يانۋارنىڭ باشلىرىدا  شايار ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئەنئەنىۋىي موزدوزچىلىق ھۈنىرى بىلەن شوغۇللۇنۇپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم پىشىقەدەم ۋە ياش موزدوز ئۇستاملارنى زىيارەت قىلدىىم.  
   ھەقىقەتەن ئۇ موزدوز ئۇستاملارنىڭ  ئاپتوماتىك ،زامانىۋىي  ئىلغار ئاياغ تىكىش ئۈسكۈنلىرى يوق بولۇپ،پەقەت ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلدا قول ئارقىلىقلا ئاياغ تىكىدىكەن.تىككەندىمۇ ئىنتايىن ئەستائىدىللىق بىلەن بىر قۇلىدا يىڭنىنى،بىرقۇلىدا بىگىزنى تۇتۇپ ،ئېرىنمەي،زېرىكمەي تەلەپكە لايىق تىكىدىكەن.مەن يېڭى مەھەللە بازار يەكشەنبە بازار كەنت 6-مەھەللىدىكى ئاكا-ئۇكا موزدوز ھاسان تاش بىلەن ھۈسەن تاشنىڭ ئائىلىسىگە بارغىنىمدا ،ئۇ ئىككىسى دۇكان ئۆيىدە  پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاياغ تىكىۋاتاتتى.
   ــ ۋاي،ئۆيىمىزگە مۇخبىرنىڭ قەدىمى يېتىپ قاپتىغۇ....؟دېدى ئۇلار مەن بىلەن كۆرۈشكەچ.
  ــ سىلەرنى موزدوزلۇق قىلىپ بەك بېيىپ كەتتى دەپ ئاڭلىدىم،شۇڭا زىيارەت قىلىپ كېلىشىم ــ دېدىم چاقچاق ئارلاش.
   ـــ ھا.ھا.ھا...،بۇ گەپلىرىڭىزغۇ ئانچە يالغانمۇ ئەمەس،لېكىن ئاتا-بوۋىمىزدىن قالغان مىراس ھۈنەرنى تاشلىۋەتمىدۇق.بېيىپ كەتمىسەكمۇ،كەچكىچە دۈمچۈيۈپ ئولتۇرۇپ ئەجىر-ئەمگەك قىلغىنىمىزغا چۇشلۇق خېلى ئوبدان تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىمىز.
    مەن مۇشۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ موزدوزلۇق مەشغۇلاتىنى بىر تەرەپتىن تېلېكامېرادا سۆرەتكە ئېلىپ،يەنە بىر تەرەپتىن ئەھۋال ئىگىلىدىم.  بۇلارغا ئاياغ بۇيرۇتقان خېرىدارلارنىڭمۇ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. ھاسان تاش ماڭا مۇنداق دېدى:موزدوزلۇق كەسپى بىزگە ئۈچ ئەۋلات مىراس كەسىپ بولۇپ،30نەچچە يىلدىن بۇيان دېھقانچىلىققا بىرلەشتۈرۈپ قىلىپ كېلىۋاتىمىز.تىكىۋاتقان ئاياغلىرىمىزغا ساپ كالا تېرىسىدىن ئىشلەنگەن خۇرۇم ۋە چەم ئىشلىتىدىغان بولغاچقا زىيانسىز.بۇ ھۈنەرنى بالىللىرىمىزغىمۇ ئۈگەتتۇق.ياز كۈنلىرى ساياھەت قىلغاچ يۇرت ئايلىنىپ يۈرۈپ،يېڭى ئاياغ نۇسخىللىرىنى كۆرۈپ تۇرىمىز.  
     بىر كەمدە ئىككى ئايال كىرىپ كەلدى.ئۇلار بۇ يەرگە قوشنا بولغان توقسۇ ناھىيەسىدىن كەلگەنىدى.ئۇلار بۇيرۇتقان قىشتا ئاياغنىڭ ئىچىگە كېيىدىغان خۇرۇم پايپاقنى قولىغا ئېلىپ ھەم كېيىپ بېقىپ ئىنتايىن رازى بولۇپ كېتىشتى.خېرىدار ئاسىيەم غاپپار ماڭا :ـ مەن توقسۇ ناھىيەسىدىن كەلدىم.بۇ ئۇستامغا ئاياغ بۇيرۇتقان ئىدىم.بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەر داۋاملىق مۇشۇ ئۇستامغا ئاياغ تىكتۈرۈپ كېيىمىز.ئاياغلىرىنىڭ تىكىلىشى پۇختا ھەم سۈپۈتلىك.مۇشۇ قولدا تىككەن ئاياغ كىيگەچكىمۇ،پۇتۇم ئاغىرىمايدۇ.ئائىلىمىزدە رىماتىزىم كېسىلى بارلار يوق.بۇمۇ مۇشۇ ئاكا-ئۇكا ئۇستاملارنىڭ ھۈنىرىنىڭ خاسىيىتىغۇ دەيمەن ــ دېدى.
بۇ ئاكا-ئۇكا موزدوز  ئاتا-بوۋىللىرىدىن مىراس قالغان بۇ تەۋەرۈك  كەسىپنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان  بىرلىكتە داۋاملاشتۇرۇپ،يىلدا مۇشۇ كەسىپتىنلا 50مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قوشۇمچە كىرىم قىلىپ كېلىۋېتىپتۇ.
   مەن شايار بازىرىنىڭ ‹‹ئېگەرچى كوچا››مەھەللىسىدىكى ياش موزدوز ئوسمان ھاشىمنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن،ئۇنىڭ ناھىيە بزىرىنىڭ ‹‹جەنۇبىي مەركىزىي سودا بازىرى››دىكى موزدوزچىلىق دۇكىنىغا بارغىنىمدا ئۇمۇ باشقا بىر قانچە موزدوزلار بىلەن بىرگە ئالدىراش ئاياغ تىكىۋاتقان ئىكەن.
ــ بىزمۇ تېلېۋۇزۇرغا چىقىمىزمۇ نىمە؟ــ دەپ چاقچاق قىلدى ئوسمانجان مېنىڭ بىلەن كۆرۈشكەچ.
ــ شۇنداق،تېلېۋۇزۇرغا سىلەردەك تىرىشچان قول ھۈنەر ئۇستىللىرىنى چىقارمىساق كىمنى چىقىرىمىز؟دېدىم مەنمۇ جۋابەن.مۇشۇ تەرىقىدە تەپسىلى ئەھۋاللاشتۇق.
ئوسمانجان ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلدا موزدوزچىلىق قىلىۋاتقىلى 22يىل بولۇپتۇ.ئىلگىرى بۇ ھۈنەرنى ئائىلىسىدە قىلىدىغان بولۇپ،خېرىدارلىرى كۆپەيگەنچە يېتىشىپ بولالماي،2008-يىلى ئاپرىلدا 30مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ،ناھىيە بازىرىدا ‹‹زاكاس ئاياغ تىكىش دۇكىنى›› ئاچقان ۋە موزدوزچىلىق ھۈنىرىنى بىلىدىغان 5-6ياشنى ئىش ھەققى بېرىپ تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن.
    ئوسمان ھاشىم چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:ــ مەن بۇ ھۈنەرنى 1985-يىلدىن1989-يىلغىچە تۆت يىل ئۆگەندىم.شۇنىڭدىن بۇيان بۇ ھۈنەرنى ساپ ماتىريال ئىشلىتىپ ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلدا قىلىۋاتىمەن.ھازىر بىر قانچە كەسىپداشلار بىلەن بىرلىكتە ھۈنەر قىلىۋاتىمىز.خېرىدارلىرىمىزمۇ كۆپ،سودىمىزمۇ ياخشى.بۇ ھۈنەرنى داۋاملىق قىلىمەن.
    ئوسمان ھاشىمنىڭ ۋە ئۇنىڭ دۇكىنىدا ئىشلەيدىغان موزدوزلارنىڭ كۈنلىرى  زاكاس ئاياغ تىكىش بىلەن  بەك ئالدىراش ،جاپالىق ئۆتسىمۇ،خېرىدارلارنىڭ رازىمەنلىكىنى ئاڭلىغاندا ھاردۇقى چىقىپ قالىدۇ،.ئۇنىڭ ئۈستىگە،بۇ دۇكاننىڭ يىللىق كىرىمى 150مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان بولغاچقا،  ئۇلار جاپالىق ئەجىرىنىڭ،جۈملىدىن بۇ خاسىيەتلىك ھۈنەرنىڭ قەنتىنىمۇ خېلى ئوبدان چاقىدۇ.
     ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلدا موزدوزچىلىق قىلىشنىڭ سۈرئىتى سەل ئاستا ،جاپالىق بولغىنى بىلەن،قول ئارقىلىق مەخسۇس ئاياغ تىكىشكە ئىشلىتىلىدىغان پاختا يىپتا تىكىلىدۇ ۋە رېزىنكە مەھسۇلات ئىشلىتىلمەستىن ،ساپ كالا تېرىسىدىن ئىشلەنگەن ماتىريال ئىشلىتىلىدۇ.شۇڭا چىداملىق، سۈپەتلىك ۋە زىيانسىز.ھازىر بۇ خىل قولدا تىكىلىدىغان ساپ ماتىرياللىق خۇرۇم ئاياغلار خېرىدارلار قىزىقىپ سېتىۋالىدىغان تەبىئىي مەھسۇلات ھەمدە ئالاھىدە سوۋغاتلىق بويۇم بولۇپ قالدى.بۇ موزدوز ئۇستاملارنىڭ تىككەن ئاياغلىرى  شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىچە،ھەتتا چەتئەللەرگىچە ئېلىپ كېتىلىۋاتىدۇ.شايارناھىيەسىدە ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلدا ئاياغ تىكىدىغان موزدوزلاردىن بىر قانچىسىلا بولغاچقا،ئەنئەنىۋىي موزدوزچىلىقنىڭ يېڭى باھارى يېتىپ كەلگەن بۇ مەزگىل، بۇ ئەنئەنىۋىي موزدوزچىلىق ھۈنىرىنىڭ ۋارىسلىرىنى بەكلا ئالدىراش قىلىۋەتتى.
  مەنبە:ئۆزۈم.

  
  

ئادەم بولماق تەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10438
يازما سانى: 924
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18329
تۆھپە نۇمۇرى: 413
توردا: 1661 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2011-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-14 12:37:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر بارغانسىرى قولدا تىكىلگەن ئاياغلار كۆپەيدى، مەنمۇ بىر تىككۈرۈپ باقاي دىگەن خىيال بار ئىدى، ئۆتكەندە دادام ئاپامغا بىر مەيسە تىككۈزۈپ بەرگەن ئىدى، شۇنداق چىرايلىق، يۇمشاق، مىنىڭمۇ كەيگۈم كەپ كەتكەن،

بۇگۈن ماڭمىسىڭىز ،ئەتە يۈگۈرەيسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20073
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5998
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3404 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-14 12:48:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈرۈمچىدە بار مىدۇ ؟؟؟
بولسا بىزمۇ توي تۆكۈنلۈك ،ئۆيلۈك دىگەندەك بىرەردىن تىكتۈرىۋالساق بوپتىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2595
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10462
تۆھپە نۇمۇرى: 493
توردا: 3150 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2013-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-14 01:44:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەتلىك مولدۇز بۇۋام بىر ئۆمۈر رۇستەككە ئېڭىشىپ يىڭنە بىلەن بىگىزنى قولىدىن چۈشۈرمەي ھالال مېھنىتى بىلەن نۇرغۇن كشلەرنى رازى قىلغان. شۇ مولدۇزلۇق ھۈنىرى بىلەن 5 بالىنى قاتارغا قوشۇپتىكەن.

غۇلجا شەھەر چۇغلۇق يىزا-ئېگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى

بىر مىللەتتە ساپ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3333
يازما سانى: 659
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 20238
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 5209 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2013-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-14 02:16:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ گەپنى بىرسىدىن ئاڭلاپ ھەم ئۇ  تىكتۇرۇپ كىيگەن ئايىقىنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ ئاياق تىكتۇرۇپ كىيگىم كەلگەن ئىدى، لىكىن بىزنىڭ بۇ يەردىن ئۇنداق ئۇيغۇر مۇزدۇزلارنى تاپالمىدىم.

بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بولغاندىلا شۇ مىللەتنىڭ كەلگۇسىدە ئۆمىد بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5936
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8200
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1099 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2013-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-14 02:40:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن مۇنداق بىر   رىۋايەتنى ئاڭلىغانمەن.
مەلۇم بىر يۇرتتا بىر  ئۆتۈك  تىكىدىغان  موزدوز  ئۇستام  بار   بولۇپ، تىككەن
  ئۆتۈكلىرىنىڭ  پۇختىلىقى ، كۆركەملىكى  بىلەن  داڭ  چىقارغان. شۇ  ئۇستامنىڭ  تىككەن  ئۆتۈكىدىن  بىرنى  سېتىۋالسىڭىز  بەلكىم  
7-8 ئون  يىل  كىيىدىكەنسىز. شۇنداق  قىلىپ  شۇ يۇرتتىكى  خىرىدارلار  
ھەممەيلەن  بىردىن  كىيىۋىلىپ  7-8  يىل قايتا  ئۆتۈك  سېتىۋالمىغاچقا  
ئۆتۈكلىرى  سېتىلماي  ئاچ  قالغان.  
شۇنىڭ  بىلەن  بۇ  ئۇستام  ۋارىسلىرىغا  ئۆتۈك  تىككەندە  چوقۇم    كىيىنكى  
مۇلازىمەتكە بوشلۇق  قالدۇرۇشنى ئېيتىقان.  بۇ بىر  رىۋايەت  خالاس  سۈپىتى  
پۇختا كۆركەم بولسا ھەر قانداق  خېرىدارنىڭ ئالغۇسى  كېلىدۇ  ئەمەسمۇ؟


تەۋرەنمەس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16723
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9464
تۆھپە نۇمۇرى: 446
توردا: 3852 سائەت
تىزىم: 2010-11-7
ئاخىرقى: 2013-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-15 02:16:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت ظذمصد كە 2011-01-15 02:10 AMئەۋەتىلدى :
بولسا موزدوز ظؤستاملار تصخنصكصسصنص ياخشصلاپ ، تةلصإصمصزگة ظاساسةن تصكصپ بةرگةن بولسا ، بصزنصثمؤ جصث ظاياقلارنص ظوتتةك كةيگصمصز بار .........


جىڭ قىلىپ تىكىپ بىرىشىغۇ تىكىپ بىرىدۇ . لىكىن سۈپىتىنى كۆرسىڭىز كەيگىڭىز كەلمەي قالارمىكى ......
مەن بىرەيلەننىڭ تىكتۈرگەن ئاياغ كەيگىنىنى كۆرگەن . ماڭسا تاراق تاراق قىلىپ ئاۋاز چىقىپ ماڭىدۇ نىمىس گىنىراللىرىدەك .......

بولىۋەرسە ئىتقا  كۆر ، باش ئارسىلان ،
بولۇر ئىتلار ھەممە ئارسلانسىمان .
ئەگەر بولسا ئىت ئۇ ئارسلانغا باش ،
بولۇر ئارسىلانلار ھەم ئىتتەك ھامان .

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 2560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28807
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6325 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-19 08:02:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت  motewar كە 2011-01-15 02:16 AMئەۋەتىلدى  :


جىڭ قىلىپ تىكىپ بىرىشىغۇ تىكىپ بىرىدۇ . لىكىن سۈپىتىنى كۆرسىڭىز كەيگىڭىز كەلمەي قالارمىكى ......
مەن بىرەيلەننىڭ تىكتۈرگەن ئاياغ كەيگىنىنى كۆرگەن . ماڭسا تاراق تاراق قىلىپ ئاۋاز چىقىپ ماڭىدۇ نىمىس گىنىراللىرىدەك .......
كېيىپ ماڭسا پەشنىسى غىچىرلايدىغان ئاياغ ئالاھىدە ئاياغ بولۇپ،مەخسۇس بۇيرۇتسا شۇنداق تىكىپ بېرىدىكەن.ئۇ خىل ئاياغنى بۇرۇن كىيىدىغانلار كۆپ ئىكەندۇق.ھازىر ئۇنداق‹‹پاراڭ سالىدىغان››ئاياغنى كىيىدىغانلار ئاساسەن يوق.سىز شۇنداق ئالاھىدە تىكىلگەن ئاياغنى كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ يا؟

ئادەم بولماق تەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73977
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3037
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-1-26
ئاخىرقى: 2012-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 06:24:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
说的好,一定回复~












www.hs0371.com

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش