2010 -يىلى 11- ئاينىڭ 15- كۈنى، كېنىيەدە ئېچىلغان ب د ت مائارىپ، پەن- مەدەنىيەت بىرلەشمىسى غەيرى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھۆكۈمەتلەر ئارا بىرلەشمىسى ھەيئەتلەر يېغىنىنىڭ 5- يېغىنىدا، جۇڭگو شىنجاڭ < ئۇيغۇر مەشرەپ > ى 2010- يىللىق دۇنيا < جىددىي قوغدىلىدىغان غەيرى مەدەنىيەت مىراسلىرى تېىزىملىكى > گە كىرگۈزۈلگەن.
ئۇيغۇر مەشرەپلىرى شىنجاڭدىن ب د ت نىڭ غەيرى مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگەن تۇنجى تۈر ئىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى شىنجاڭدىكى 13 ئاساسلىق مىللەت مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىچىدە، قىرغىزلارنىڭ < ماناس > ئىپوسى ب د ت نىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگەندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ <ئون ئىككى مۇقامى > مۇ ب د ت نىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگەن. بۇ قېتىم ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ب د ت نىڭ غەيرى مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرىشى -ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت مىراسلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ب د ت مائارىپ، پەن- مەدەنىيەت مىراسلىرى باشقارمىسىنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرىشى بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيتى ئۈچۈنلا ئەمەس، دۇنيا مەدەنىيتى ئۈچۈنمۇ زور تۆھپە قوشقانلىق ھېسابلىنىدۇ.
مەشرەپ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ھەرقايسى رايونلاردا ئوخشمىغان شەكىلدە ئوتتۇرغا چىقىىدۇ. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق، تەربىيە، مەدەنىيەت تارقىتىشىتىكى سەھنىسى. مەشرەپ ئەسلىدە مۇقام، خەلق ناخشىسى، ناخشا_ ئۇسۇل، سېرىك، دىرامما، چېلىشىش، مەدداھلىق قاتارلىق نۇرغۇنلىغان سەنئەت مەزمۇنلىرى بىلەن بېيىغان، ئەمما دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئەسلىدىكى تەربىيەلەش ۋە ماھارەت سەھنىسى بولۇشتكە رولىنى ئاستا- ئاستا يوقىتىپ، كۆڭۈل ئېچىش، سەنئەت خاراكتىرلىك رولىلا قالغان. ئەسلىدىكى تەسىرى ۋە رولى ئاجىزلىشىشقا باشلىغان ۋە ئەسلىدىكى 130 تۈردىن 30 نەچچە تۈرى قالغان، مەشرەپنى جىددىي قۇتقۇزۇش مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئاپتۇنۇم رايونلوق مەدەنىيەت نازارىتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىشى، قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاساسىدا ، ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 31 قىسىم ( سان ) سۈرەتكە ئالغان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئىلتىماس قىلغان. ئىشىنىمىزكى ئەجدادلىرىمىز ياراتقان ئەقلىي مۈلۈك بۈگۈن ۋە كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىدا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ ۋە مىڭ يىللار داۋام ئەتكۈسى!
<مەشرەپ> ناملىق ئۇسۇل مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسى 4- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئۇسۇل مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە جۇڭگو بويىچە بىرىنچى بولغان.
بۇ شەرەپ مەشرەپنى جۇڭگۇدىكى خېلى كۆپ ئاھالىگە تونۇتتى، ھەمدە بۇ شەرەپنىڭ تۆھپىسى بىلەن مەشرەپ ناملىق ناخشىنىڭ ئورۇنلىغۇچىسى ئابدۇللا ئابدۇرىھىم 2011-يىللىق يېڭى يىللىق باھار بايرىمىلىق چاغان سەنئەت كېچىلىكىدە تەكلىپ قىلىنغان. پۈتكۈل جۇڭگۇ بويىچە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك مىلىيارد كېشىلىك كۆرۈرمىنى بار چاغانلىق كېچىلىكتە < مەشرەپ > ناملىق نومۇر ئورۇنلىنىدۇ.
گەرچە ئاز بىر قىسىم كىشىلەر سەنئەتكار مىللەت تەرەققىي قىلمايدۇ، زاماننىڭ ئارقىدا قالىدۇ دېگەندەك سەپسەتىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، سەنئەت مىللەتنىڭ ئەقلىي مۈلكى، ئەجدادلارنىڭ بىزگە قالدۇرغان مىراسى، ئۇنى توغرا يوسۇندا قوبۇل قىلىپ ۋە ۋارسىلىق قىلىش بىز ئەۋلادلارنىڭ تارىخىي بۇرچىمىز، ئەكىسچە ئۇنى قارىلاش، ۋاز كېچىش، ئۇنتۇش ____ ئەجدادلارغا قىلىنغان ھاقارەت ۋە نومۇس.
مەنبە :
http://bbs.iyaxin.com/forum.php?mod=viewthread&tid=91823
http://news.qq.com/a/20101118/001483.htm
زىيالىي تەرجىمىسى . ئۆز تەرجىمەم