مۇنبەرداشلارغا بىردىن.....
(ھەممىڭلاغا يوق جۇمۇ،يەنە.)
[align=justify]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇنبەرداشلار سىلەرگە،
ئازراق چاخچاق ئېپ كەلدىم،ئېغىر كەتمەس سىلەرگە.
ئېغىر كەتسە ئېيتىڭلار، ساقلاپ يۈرمەي ئاداۋەت،
پۇرسەت يا بار،ياكى يوق، كەچۈرۇڭلار دىيەرگە.
تونۇشمايمىز تەپسىلى، چۈشۈنۈشكە كۈيەرگە .
ئەۋۋىلىسى ھۆكۈمران،ئۆزى مەغرۇر شاھ سۆلەت،
گەپ قىلىشتىن تارتىنىپ، ئاران كەلدى بۇ جۈرئەت.
پىكىرى بەك ئورۇنلۇق، گاھى خۇددى ئوتاندەك،
ئېغىر كەتسە چاقچىغىم، چىقىرىۋەتمەس مۇنبەردىن،
باشقۇرغۇچى ئەمەسمۇ، سۈرى بولار بەھەيۋەت.
كۆرۇنمەيدۇ مۇسلىنە، نىمە بولدى بىلمىدۇق،
(كۆرۈنمىسە كۆرۈنمەس،بىزمۇ ئىزلەپ يۈرمىدۇق).
چوڭ بولسمۇ يەنىلا، بۇ مۇنبەرنىڭ گۈلىغۇ؟
كىملا بولسا جاۋابى،- ياق كۆرمىدۇق،كۆرمىدۇق،
ئەسلى گۇناھ بىزدە بار، ئىزلەپ ئېلان بەرمىدۇق.
قېنىكىن خوك ئەپەندى، بۇ مۇنبەردە بارمىكىن،
تىما،ئىنكاس پايدىسى، كالا بېقىشتىن ئازمىكىن؟
ئاڭا خويمۇ ياراشتى، بۇ مۇنبەرنىڭ بانكىسى،
ئاتۇشلۇقمۇ بىلمىدۇق، ياكى ئاڭا يارمىكىن؟
ياراتمايدۇ بىزلەرنى ئىچى ئازراق تارمىكىن؟
سالام ئوتياق ئەپەندى تاپتىڭىزمۇ (لاتىنى )؟
ئۇنچە كۆپلەپ ئاھ ئۇرماڭ، بىزمۇ ئىزلەپ باقىلى.
نەقلەپ قويۇڭ شىم- كەستيۇم، سۆيۈنچە دەپ بېرىشكە،
(جۇل-جۇل پەش)لىك يۈرمىسۇن،تۈزۈۋالسۇن ياقىنى،
يېڭى لەقەم تاپارسىز ، تاتىلاۋەرمەي چاقىنى...
ئارىف ئوچار بارمۇ سىز؟، سالام سىزگە مۇنبەرداش،
تونۇشمايمىز ۋە لىكىن، بىلسىڭىز بىز يۇرۇتداش،
يۇرتىڭىزغا كەلمەپسىز، شۇنچە ئۇزۇن بولسىمۇ ،
چىقىپ قالار بىرەر ئاي، ئانا يۇرتنى كۆرگىلى،
ئويلاپ قويۇڭ چوڭلارنى، دەپ قالمىسۇن؛خەپ بەڭباش!
يەنە كۆپلەپ يازالماي، (زۇلپىقار) غا، (پالۋان) غا،
(كۆڭلۈم) يېرىم (كۈزۈم) ياش،ماسلىشالماي(زامان) غا،
(ئىلھام) ئازراق كەپقالدى،(زەپەر) قۇچماق تەس ئىكەن،
(ئۈمۇت گۈلى) بولسىلا، (دەرمان) چىقار (ئارمان ) غا،
كېلەر قېتىم ئەپ كېلەي، (شاتئاي)، (ئەكبەر ئوغلان) غا...
مەنبە؛ قەلىمىم