مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1128|ئىنكاس: 7

چېچەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 2619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97717
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 2062 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 10:22:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  چېچەنلەر روسىيە فېدېراتسىيىسىگە تەۋە چېچېنىيە جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، نوپۇسى 1 مىليوندىن ئاشىدۇ. چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتى روسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى شىمالىي كاۋكاز رايونىغا جايلاشقان. چېچېنىيە جۇمھۇرىيىتىدە چېچەنلەردىن باشقا ئىنگۇش ھەم رۇسلار بار. چېچەنلەرنىڭ ئاز بىرقىسمى داغىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان.

  چېچەنلەرگە ئائىت ئەڭ بۇرۇنقى تارىخىي يازما ماتىرىياللار مىلادىيە 7 _ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قالدۇرۇلغان. چېچەنلەر شىمالىي كاۋكاز ئەتراپىدا ياشىغۇچى ئەڭ قەدىمكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن پەيدىنپەي بىر مىللەت بولۇپ ئۇيۇشقان. «چېچەن» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئارغۇن دەرياسى بويىدىكى «چوڭ چېچەن» دېگەن كەنتنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن، كېيىن ئاستا _ ئاستا چېچەن مىللىتىنىڭ نامى بولۇپ قالغان.

  چېچەنلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ كاۋكاز تىپىغا كىرىدۇ، كاۋكاز تىللىرى سىستېمىسى داغىستان تىلى گۇرۇپپىسىنىڭ ناخ تىل تارمىقىغا تەۋە چېچەن تىلىنىڭ 7خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. چېچەنلەرنىڭ ئەسلىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار ئىدى، كېيىن سىلاۋيان يېزىقىغا ئۆزگەرتكەن. چېچەنلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

  چېچەنلەر قارا چاچ، بۇغداي ئۆڭ كېلىدۇ، كۆپىنچىسى قويۇق ساقال قويىدۇ، بوۋايلىرى ئۇزۇن ساقال قويىدۇ. قوي تېرىسىدىن ئىشلەنگەن تۇماق كىيىدۇ. چېچەنلەرنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا كەڭ يەلكىلىك پىلاش كىيىدۇ؛ ئاياللىرى بېلى تار كەلگەن تىك ياقىلىق كۆڭلەك ياكى كەڭ ئېتەكلىك يوپكا كىيىدۇ، مەيدىسىگە كۈمۈشتىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاشنى، ھالقا ئېسىشنى، ئۈزۈك سېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چېچەنلەر ئائىلىسىگە، دىنىغا ئىنتايىن سادىق. چېچەنلەر بۈگۈنگىچە قەبىلە باشلىقى تۈزۈمى ۋە ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئوخشاش بىر ئۇرۇقتىكىلەر بىر _ بىرىنى ئاكا _ ئۇكا، ئاچا _ سىڭىل دەپ قارايدۇ.

  چېچەنلەر ئىنتايىن مېھماندوست مىللەت. بۇ ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئۆرپ _ ئادەتلىرىنىڭ بىرى. كەلگەن مېھماننى قەبىلە باشلىقى ئۆزى كۈتۈۋالىدۇ، مېھمان ئۆيگە كىرسىلا ئۇنىڭ دوست ياكى يات بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قەبىلە باشلىقى ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ.

  چېچەنلەر تارىختىن بۇيان سىرتقى كۈچلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئىچىدە ئۆتكەن مىللەت. بۇخىل «قارشىلىق كۈرىشى» 13 _ ئەسىردىن تا بۈگۈنگە قەدەر چېچېنىيە زېمىنىدا داۋام قىلىپ كەلمەكتە... ئۇزاق مەزگىللىك قانلىق كۈرەشلەر چېچەنلەرنىڭ باتۇر، باش ئەگمەس، قىزىققان، قىساسكارلىق ئېڭى كۈچلۈك مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغان. مەشھۇر يازغۇچى لىف. تولىستويمۇ چېچەنلەرنى «ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان ئەزىمەتلەر» دەپ تەرىپلىگەن.

  13 _ ئەسىردە، چېچەنلەر موڭغۇل ئىستىلاچىلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، 14 _ ئەسىردە بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تېمور خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغان. 17 - 18 ئەسىرلەردە چېچەنلەر پارس، ئوسمان، چارروسىيە قاتارلىق خاندانلىقلارنىڭ تالىشىدىغان ئوبىيېكتى بولۇپ قالغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، چېچەنلەر 200 يىلدىن كۆپرەك قانلىق كۈرەشنى باشتىن كەچۈرگەن. 19- ئەسىردە، چارروسىيە ھاكىمىيىتى كاۋكاز ئۇرۇشى ئارقىلىق چېچېنىيىنى ئۆز ئىمپېرىيە خەرىتىسىگە قوشۇۋالغان. 1922- يىلى چېچېنىيە ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغان. 1934- يىلى چېچېنىيە قوشنىدېشى ئىنگۇش بىلەن قوشۇلۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ روسىيەگە قاراشلىق چېچېنىيە _ ئىنگۇش جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان.

  1991 _ يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىش ھالىتىگە ئۆتكەن مەزگىلدە، سىرىتقى كۈچلەرنىڭ «قول تىقىشى» ئاستىدا چېچەنلەرنىڭ روسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان قارشىلىق كۈرىشى كۈچەيگەن. دەل مۇشۇ پەيىتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيە گېنىرالى چېچېنىيىلىك دۇدايېف، قورال كۈچى ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىپ سايلام ئۆتكۈزۈپ، مۇستەقىللىق جاكارلىغان. لېكىن، چېچېنىيىلىكلەرنىڭ بۇ مۇستەقىللىق كۈرىشى روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، خەلقنىڭ تىنچ _ خاتىرجەم تۇرمۇشقا بولغان گۈزەل ئىستەكلىرى رېئاللىققا ئايلىنالمىغان... بۈگۈنكى كۈندە، بۇخىل «قارشى چىقىش، باستۇرۇش» ھەرىكەتلىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىززىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، «چېچىنىيە كىرىزىسى» ھەممە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئېقىم مەسىلىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.

  چېچېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ناھايىتى «ئەۋزەل» ۋە مۇھىم. ئۇ روسىيە بىلەن جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ نېفىت تۇرۇبىسىنى، تۆمۈر يوللىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، چېچەنلەرنىڭ، ئەتراپىدىكى ئىنگۇش، داغىستان، شىمالىي ئوسسېتىيە، ئابغازىيە ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق مۇسۇلمان ئاھالىسى كۆپ جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇق. بۇرۇن چېچېنىيىنىڭ «سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سىرتقى كاۋكازنى تۇتاشتۇرغۇچى ھاياتلىق لىنىيىسى» دەيدىغان نامى بار ئىدى.

  چېچەنلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى پەلەمپەيسىمان بولۇپ، تاش، ياغاچتىن قوپۇرۇلىدۇ؛ تۈز ئۆگزىلىك، كۆپ قەۋەتلىك كېلىدۇ. چېچەنلەرنىڭ تۈزلەڭلىك رايوندا ياشىغۇچى ئاھالىلىرى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا بۇغداي، قوناق، ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلارنى تېرىيدۇ، ھەمدە مېۋە _ چېۋە يېتىشتۈرىدۇ؛ تاغلىق رايوندا ياشىغۇچى ئاھالىلىرى ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي، ئۆچكە قاتارلىق چارۋا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كىگىز بېسىش، خۇرۇم ئىشلەش، خۇمدانچىلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا، نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ھازىرقى زامان سانائىتىمۇ بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. چېچېنىيە نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلىرى مول رايون.

  چېچەنلەر كۆممىقوناق تالقىنى ياكى قازان نېنى ۋە باشقا ئۇن غىزالىرىنى ئاساسلىق ئىستېمال قىلىدۇ؛ كاۋاپ، سۈزمە، قۇرۇت قاتارلىقلارنى، چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

  چېچەنلەرنىڭ ھېيىت _ ئايەم، توي _ تۆكۈن، ئۆلۈم _ يېتىم ئادەتلىرى ۋە پەرھىزلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان باشقا مىللەتلەرنىڭكى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

  چېچەنلەرنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى مول بولۇپ، ئەل ئارىسىدا داستان، قوشاق، ھېكايە، چۆچەك، رىۋايەت، مەسەل قاتارلىقلار كەڭ تارقالغان، بولۇپمۇ چېچەنلەرنىڭ قەھرىمانلىق داستانى __ «نارىت» ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە.

  ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

  پايدىلانمىلار:

  «دۇنيا مىللەتلىرى»، شىنجاڭ ياشلار _ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1996 _ يىل نەشرى، 515 _ ،516 _ بەتلەر.

  يالقۇن روزى: «تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999 _ يىل نەشرى،100 _ ،101 _ ،102 _ بەتلەر.

ئېلىنغان مەنبە؛خەلق گېزىتى تورى
http://uyghur.people.com.cn/165019/12788035.html

بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2595
يازما سانى: 567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10489
تۆھپە نۇمۇرى: 493
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 10:29:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چېچەنلەرنىڭ باتۇر، باش ئەگمەس، قىزىققان، قىساسكارلىق ئېڭى كۈچلۈك مىللەت بولۇشىغا تۇشلۇق،مۇشۇ كەمگىچە دۆلىتى بولمىدى... دىمەك مۇستەقىل بولۇپ دۆلەت قۇرماق ئاسان ئەمەس.

غۇلجا شەھەر چۇغلۇق يىزا-ئېگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 10:42:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىملىك بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىدە  [s:166]

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

ئىنسانغا ۋە تىنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24162
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7484
تۆھپە نۇمۇرى: 313
توردا: 751 سائەت
تىزىم: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2011-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 10:51:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇپۇسى ئاز مىللەت قۇراللىق كۆرەش قىلسا تۈگەپ كىتىدىغان ئىش بولسا مۇشۇ مىللەت تۈگەپ كەتسە بولاتتى .... ،

بىراق مىللەت يىمشاق قوللۇق بىلەن تەڭ باستۈرۈلسا بەك تىز تۈگىشىپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ  ......... !!!!!!!!!!

بۇنىڭغا ھازىرمۇ ياشاۋاتقان بەزى بەخىتسىز مىللەتنىڭ پاجئەلىك تۈرمۇشى گۈۋاھ بولالايدۇ  ................ ؟؟؟؟؟؟؟

ياردەم مەزمۇنى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18765
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6240
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2011-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 11:08:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىچەن .دىگەننى ئۇيغۇرچە گە تەرجىمە قىلساق .شاش رۇچى ئۇرغۇپ تۇردىغان چىچەن ئەقىللىق دىگەن مەنا غۇ دەيمەن

كۈنۈپ قالىمىز ئازىراق گەپككە كۈنەلمەيمىز ئازىرىاق گەپككە تۇۋا دەيمۇ مۇخاببەتكە

ناتىرىي خىلور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3169
يازما سانى: 1800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17255
تۆھپە نۇمۇرى: 891
توردا: 6081 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 11:49:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي توۋا دېمىسە بىكار ، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى بەكلا موھىم دىسە ..... مۇشۇ ئارقىلىق خېلى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىكەن ئەسلى .....

بۇ ئەلنى بىز قۇل قىلالمىغۇدەكمىز `  چۈكى ئۇلار قۇل قىلغۇچىلاردۇر .     - ئىسكەندەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12280
يازما سانى: 2124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28993
تۆھپە نۇمۇرى: 756
توردا: 3438 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-14 12:13:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇي كەپسىز جان رەخمەت سىز گە

باشتا كۇلگەن نوچى ئەمەس، ئاخىرغىچە كۇلگەن نۇچى

باھانىنىڭ &a

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20708
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6242
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1229 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2011-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-14 12:52:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نوپوسى بىر مىلىيۇنغىمۇ يەتمەيدىكەن بۇلارنىڭ . ئورۇس چوشقىلىرىنىڭ ئانا مانىسىنى كۆزىگە كۆرسىتىۋاتىدۇ-دە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش