ئاجايىپ سەزگۈ
يېتىلىۋاتقان ئەزا
توپۇق ئۇيۇنى "توپۇق" ئۇيۇنى-شەرتى ئېغىر، مەسئۇلىيەتچانلىغى كۈچلۈك،مۇددىتى ئۇزۇن،ئەر-ئايال،قېرى-ياش ھەممىگە تەڭ ئۇمۇملاشقان ئۇيۇن. بۇ ئۇيۇنمۇ دوستلۇقنىڭ ئۇزاق سىناقلاردىن ئۈتەلەيدىغان،ئۇنتۇلماس،ساداقەتمەن بۇلۇشنى سىنايدىغان ئۇيۇن بۇلۇپ،قوي ياكى ئۆچكىنىڭ ئارقا پۇت سېنىدىن چىقىدۇ.ئۇنىڭ ئالاھىدىلىگى مۇستەھكەم ئۇيۇللۇققا ئىگە بۇلۇپ،گۆش بىلەن توپۇق سۈڭىگى ئارىسىدىكى ئۇيۇللۇققا سىمىۋول قىلىنغان. "توپۇق" ئۇيۇنىنىڭ ئوينىلىشى توپۇق ئوينىغۇچى ئككى كىشى بىر يەردە تۇرغان بولسۇن ياكى يىراق يەردە بولسۇن،ئۆزلىرىنىڭ دوستلۇق سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن،بىرى يەنە بىرىگە پاكىزلانغان توپۇقنى تىشىپ يىپ ئۆتكۈزۈپ بىرىدۇ.توپۇقنى قۇبۇل قىلغان دوستى ئۇنى ئېلىپ ياندا ساقلايدۇ. توپۇق بەرگۈچى خالىغان مەزگىلدە تۇيۇقسىز توپۇقنى سۇرايدۇ.توپۇق ئالغۇچى دەرھال توپۇقنى يېنىدىن چىقىرىپ بىرىشى لازىم، شۇندىلا ئۇ ئۇتقان بۇلۇدۇ.( ئۇنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قېلىشقا،باشقا يەردە ساقلاشقا بولمايدۇ.چۇقۇم ئۆز يېنىدا بۇلۇشى كىرەك) شۇ چاغدا توپۇق بەرگۈچىقوي،كالا،ھەتتا تۈگە سۇيۇپ چاي(مەشرەپ) بىرىپ،دوستىنىڭ ساداقىتىگە رەھمەت ئېيتىدۇ.مۇبادا دىگەن ۋاقتىدا توپۇقنى چىقىرىپ بىرەلمىسە،توپۇق ئالغۇچى ئۇتتۇرغان بۇلۇپ، ئۇتقۇچى تەرەپكە مەشرەپ چاي بىرىدۇ. ئۇيغۇر خەلىق ئۇيۇنلىرى دىن يوللۇغۇچى كىچىك موللا-زەيدىن. بۇ ئۇيۇنىڭ چاتاق يىرى، بەزىلەر قېرىشقاندەك ئادەمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن ۋاقىتلاردا بۇلۇپمۇ مونچىغا چۈشكەن ياكى كوللۇكتىپ سۇ ئۈزۈشكە بارغان ۋاقىتلاردا،چۇقۇم يېنىدا يوق دەپ پەرەز قىلغان ۋاقىتلاردا توپۇق سۇرايدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بۇلۇدۇ.
پاش قىلىش
ئادەتتىكى ئەزا
ئوت يۇرتى ئوغلان
تىرىشچان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ