مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4364|ئىنكاس: 40

ئۆزبېكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 2619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97717
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 2062 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 11:53:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئۆزبېكلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ، تەسىرى كۈچلۈك، نوپۇسى ئەڭ كۆپ  قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئومۇمىي ئاھالىسى 26 مىليوندىن ئارتۇق. ئۆزبېكلەر ئاساسلىقى ئۆزبېكىستان( 20 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ ، ئۆزبېكىستان ئاھالىسىنىڭ 80 پىرسەنتتىن كۆپرەك قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ) ، قازاقىستان ( 400مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ ، قازاقىستان ئاھالىسىنىڭ .3 2 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ) ، قىرغىزىستان ( 976 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ ، قىرغىزىستان ئاھالىسىنىڭ .6 14 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ )، تاجىكىستان ( 1 مىليون 706 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ ، تاجىكىستان ئاھالىسىنىڭ .5 26 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ) ، تۈركمەنىستان(  874 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ ، تۈركمەنىستان ئاھالىسىنىڭ .2 9 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ)، ئافغانىستان ( 2 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ ، ئافغانىستان ئاھالىسىنىڭ 10 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ) قاتارلىق دۆلەتلەردە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. قالغان بىرقىسمى تۈركىيە ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ، ئامېرىكا ، روسىيە ، ئىران ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردە ئولتۇراقلاشقان. ئېلىمىزدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ نوپۇسى 12 مىڭ 400 دىن ئارتۇق بولۇپ ، ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا ، ئۈرۈمچى ، چۆچەك ، مورى ، قەشقەر ، يەكەن ، قاغىلىق قاتارلىق ناھىيە ، شەھەرلىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان - 1987 . يىل 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسىدە دانەنگو ئۆزبېك مىللىي يېزىسى قۇرۇلغان.
     ئۆزبېكلەرنىڭ ئۆز تىل - يېزىقى بار . ئۆزبېك تىلى __ ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈرك تىللىرى ئائىلىسىنىڭ غەربىي ھون تىل تارمىقىغا كىرىدۇ. تىل ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن ئۇيغۇر تىلى بىلەن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئۆزبېكلەر يېزىق ئالاقە ئىشلىرىدا لاتىن ھەرپى ئاساسىدىكى ئۆزبېك يېزىقىنى قوللىنىدۇ، ئېلىمىزدىكى ئۆزبېكلەر ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىدۇ. دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ئۆزبېكلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي مەزھىپىگە كىرىدۇ.
     ئۆزبېكلەردە ئەنئەنىۋى ئىجتىمائىي ئەخلاق - قائىدىلەرنىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ ، ئۇلار ئائىلىنى مۇقەددەس ئىجتىمائىي بىرلىك ھېسابلايدۇ . ئاتا __ ئائىلىنىڭ باشلىقى بولۇپ ، پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ۋە جەمئىيەتتە بىرەر مەۋقەگە ئىگە بولۇشىغا ، ئائىلە قۇرۇشىغا مەسئۇل بولىدۇ. ئۆزبېك ئائىلىلىرىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى يەنە كىچىكلەرنىڭ چوڭلارنى ھۆرمەتلىشى ، ئىتائەت قىلىشى ، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا - ئانىلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى ، بويسۇنۇشى ئەڭ ئاساسلىق ئەخلاق ئۆلچىمى دەپ قارىلىدۇ.
     ئۆزبېكلەرنىڭ توي مۇراسىملىرى ئۆزگىچە قائىدە - يوسۇنلار بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىگىت بىلەن قىز توي قىلىشقا پۈتۈشكەندىن كېيىن ، ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە «ساۋچى » ( ئەلچى) ئەۋەتىپ ، قىز تەرەپ ئاتا - ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ تولۇق پۈتۈشكەندىن كېيىن توي باشلىنىدۇ. توي مەرىكىسى ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ- 1 : كۈنى قىز تەرەپتە نىكاھ ( توي ) مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ 2 - كۈنى يىگىت تەرەپ قىز تەرەپنى تەكلىپ قىلىپ جاۋابەن مەرىكە ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالىدۇ ، بۇ __ «چىللاش» دەپ ئاتىلىدۇ ؛ 3 - كۈنى يىگىت تەرەپ يېڭى كېلىننى ئېلىپ ، كېلىننىڭ ئاتا - ئانىسى ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى تەرەپكە سالامغا بارىدۇ. بۇ __ «يۈز ئاچقۇ» دەپ ئاتىلىدۇ . توي مەرىكىسى بولۇۋاتقان كۈنى ، نىكاھتىن كېيىن قىزنى يۆتكەش ۋاقتىدا ، قىز تەرەپ بىلەن يىگىت تەرەپ بىر - بىرىگە جاۋابەن «يار - يار» ئېيتىشىدۇ. بۇ گويا ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىنى تونۇشتۇرۇشى ، مەنىۋى جەھەتتىن بەسلىشىشىگە ئوخشىشىدۇ ، يەنى قىز تەرەپ قىزنىڭ خىسلەتلىرى ، نازاكىتى ، مىجەز - خۇلقلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، ئۇنى ماختايدۇ. يىگىت تەرەپ بولسا يىگىتنى مەدھىيىلەپ ، ئۇنىڭ ھەممە پەزىلەتلىرى بىلەن ماھارىتىنى بېيىت ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرىدۇ.
     ئۆزبېكلەر ئۆزىگە خاس مىللىي كىيىم - كېچەك ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇپ، بۇ جەھەتتە تا ھازىرغىچە مىللىي خاسلىقىنى ساقلاپ ۋە ئۇنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە.
     «سىم» __ ئېتەكلىرىگە جىيەك تۇتۇلغان ئۇزۇن كىيىم بولۇپ ، ئوڭ پەشلىك ، تۈز ياقىلىق بولۇپ تۈگمىسى بولمايدۇ ، ئۆزبېكلەر ئۇنى يەنە « تون » دەپمۇ ئاتايدۇ ،  تون ئۈستىگە گۈللۈك رەختلەردىن تەييارلانغان پوتا باغلىنىدۇ.
     «تۇس دوپپا» __ يەنى بادام دوپپا. تۆت قىرلىق ، ئاق بادام شەكلى چۈشۈرۈلگەن باش كىيىم . تۇس دوپپا پەس ۋە قىرلىق قىلىپ تەييارلىنىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، « تاشكەنت دوپپا » ، « خۇنابە » دەپ ئاتىلىدىغان ھەرخىل باش كىيىملەر بولۇپ ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى بىرلا خىل قارا ياكى بېغىر رەڭلىك مەخمەل ، دۇخاۋا بىلەن تىكىلىدۇ .  ئۆزبېكلەرنىڭ دوپپا كىيىشتە باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشمايدىغان يېرى ، ئۇلار دوپپىنىڭ ئالدى ئىككى قىرىنى چېكىسىگە توغرىلاپ كىيىدۇ.
     ئۆزبېك خوتۇن - قىزلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەتلەستىن تەييارلانغان يارىشىملىق ، نەپىس كىيىم - كېچەكلىرى ئارقىلىق ، ھەرخىل مىللىي خاسلىقىنى ساقلاپ ۋە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن . بولۇپمۇ پۈرمە كۆڭلەك ، كەشتىلىك پىنجەك قاتارلىق كىيىملەرنى كىيىشنى تا ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. قول ھۆنەرگە ماھىر ئۆزبېك ئاياللىرى دائىم دوپپىسى ئۈستىدىن چۆرىلىرىگە شاپتۇل چېچىكى كەشتىلەنگەن نېپىز رومال سېلىۋالىدۇ.
     ئۆزبېكلەر ئۈجمە ، كېۋەز ئۆستۈرۈشكە ماھىرلىقى ، بوياش ، توقۇش جەھەتلەردىكى ئۇستىلىقى  بىلەن ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داڭق چىقىرىپ كەلمەكتە . ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆزبېك ئەتلىسى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ ، ئۆزىنىڭ توقۇلۇش جەھەتتىكى سىپتىلىقى ، رەڭ جەھەتتىكى كۆركەم - نەپىسلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر.
     ئۆزبېك تائاملىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ. بۇنىڭ ئىچىدە « پېچەن » ( پەرۋەردە ) ، « شىرمان نان » قاتارلىق يېمەكلىكلەر ؛ رىشالە ، پەتاسى ، پەشمەك قاتارلىق تاتلىق يېمەكلىكلەر ؛ قوۋۇرداق ، ئاش ( پولۇ ) ، نارىن چۆپ ، كاۋاپ ، دۈملىمە ، دۇرمەن قاتارلىق تائاملار ۋە مەستاۋا ، ماش كىچىر، ئۈگرە قاتارلىق يەڭگىل تائاملار بار.

مەنبە؛جۇڭگو مىللەتلەر ژورنىلى
سەلتەنەت تورى
http://www.seltenet.com


بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر

تەۋرەنمەس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16723
يازما سانى: 756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9476
تۆھپە نۇمۇرى: 446
توردا: 3858 سائەت
تىزىم: 2010-11-7
ئاخىرقى: 2014-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 02:25:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلىتىمىزدىكى ئۆزبىكلەنىڭ سانىنى خاتا يىزىپ قويدىڭىزمۇ يا ؟
قايسى بىر ژورنالدا 100مىڭ دىگەندەك كۆرىۋاتاتتىم ، يا مەن خاتا كۆرۈپ قالدىممۇ؟

بولىۋەرسە ئىتقا  كۆر ، باش ئارسىلان ،
بولۇر ئىتلار ھەممە ئارسلانسىمان .
ئەگەر بولسا ئىت ئۇ ئارسلانغا باش ،
بولۇر ئارسىلانلار ھەم ئىتتەك ھامان .

مەن ساڭا ساراڭ ب

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12524
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11255
تۆھپە نۇمۇرى: 612
توردا: 2070 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2014-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 04:10:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەستاۋا  دەپ  بىر  ئاشخانىدا  كۆرۇۋېدىم   قانداق  تاماق ئۇ

شئېرنى  چۈشەنمەيسىز  ئەمما ھېس قىلالايسىز ،،شېئېر  ھەممە  ئادەم چۈشىنەلەيدىغان سەنئەت ئەمەس .

ئارزۇيۇم ئاددي ھەم بۈيۈك

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14234
يازما سانى: 1706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12358
تۆھپە نۇمۇرى: 382
توردا: 2177 سائەت
تىزىم: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 08:31:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[quote]ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  0998attella كە 2011-01-13 03:59 AMئەۋەتىلدى  :
يەنە شۇ ئۆز بىك توغۇرلۇق تىما...........زىرىكتىم......... [s:176]  [s:135]  [s:156]  [s:156]  [s:156]  [s:164]  [s:176]

ۋوي بۇرادەر !!! ئۆزلىرىگە قايدا تېما كىرەكتى ؟؟    مەندە ئېمرىكىنىڭ باتتى ، يوللاپ بەسەم شۇنىلا كۆرەملىيا !
تۆۋە !!!   خەقنىڭ تېمىسىنى ياراتمىغىدەك كىم بولغىيتىلە سىلى   ؟؟؟؟    ئۆزبىك بولسا بولمامدىكەن !  ماندا دىسەم سەنمۇ ئۆزبىكمۇ دەپ تۇرۇۋالمىسىلا يەنە !!!

قولۇمداقەلەم   ،  يۈرەكتە ئەلەم !يۈتمىسۇن غورور،تەۋرىسۇن ئالەم !

كۆزۈڭنى ئاچ ،ئۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19684
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8504
تۆھپە نۇمۇرى: 613
توردا: 6914 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 10:49:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزبىكلەر ناخشا مۇزىكىغا يامان خەق جۇمۇ؟ قاتاردىكى مۇسابىقىدىمۇ گۇرۇپپىدىن چىقىپ بولدى.بىزنىڭ كوماندا قاتاردىن 2 توپ يەپ ......ھەي يەنىلا ئۇمىد يوق

دۇست كۇلدۇرۇپ ئېيتار.دۈشمەن يىغلىتىپ ئېيتار .

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15689
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 10:52:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت،ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز............توينىڭ 3-كۈنى يۈزئاچىدۇ دەيدىيا؟شۇ كۈنگىچە ئاچمايدىكەندە!

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6403
يازما سانى: 1344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12155
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 4588 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 11:06:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز  بىلەن ئوخشاپكىتىدىكەن  

مىنىڭ  يەڭگەممۇ ئۆزبەك  لىكىن  ھىچ ئۇقمىدىم  بىزدىن پەرقلىنىدىغان يىرىنى
يا ئۇيغۇرلار ئىلىدە تۇرۇپ  ئۇيغۇر بىلەن توي قىلىپ ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەنمۇ .
كىملىكىنى  كۆرمىسە ،ئۆزى مەن ئۆزبەك  دىمىسە  ھىچكىم بىلمەيدۇ

ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۇرچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2366
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9014
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3401 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 12:11:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

8-قەۋەت (melody) نىڭ يازمىسىغا

بىزگە ئەڭ يېقىن مىللەت ئەمەسمۇ بۇ ! بىز بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىدۇ !
شۇڭا مەن ئۆزبىكىستاننىڭ كىنولىرىغا بەك ئامراق ! چۈنكى ئۇلارنىڭ كىنولىرى بىز ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رىئاللىقىغا يېقىن كېلىدۇ ! چۈنكى بىز ئۇلار بىلەن يېقىن ! ئىشقىلىپ بىز بىلەن مەدىنىيىتى تامامەن ئوخشاش بولمىغان يەرلەرنىڭ كىنولىرىنى كۆرگەندىن جىق ياخشى !

مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com

غەيۋەتخور كىشى، ئەڭ پەس كىشىدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4402
يازما سانى: 2976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 76348
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 6789 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 12:58:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزبىك مىللىتى بىلەن يەنە بىر تەپسىلى تۇنۇشۋالغىنىمدىن خۇشالمەن.

ئىزىڭدىن ئۈنگەن تىكەن، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىنى يارا قىلۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25005
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6768
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 1833 سائەت
تىزىم: 2011-1-4
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 01:13:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە شۇ ئۆز بىك توغۇرلۇق تىما...........زىرىكتىم..  


ۋوي بۇرادەر !!! ئۆزلىرىگە قايدا تېما كىرەكتى ؟؟    مەندە ئېمرىكىنىڭ باتتى ، يوللاپ بەسەم شۇنىلا كۆرەملىيا !  

باشقۇرغۇچى خەنجەر ئەپەندى مەن يۇقارقى ئىنكاسقا قارىتا يازغانتىم .ئەپسۇس ئنكاسىمنى بۇغۇزلاپ تاشلاپسىز ،تەپسىلى كۆرەپرەك ئۆچۈرەسىز ھە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش