دۆلەت نامى: مېكسىكا قوشما ئىشتاتلىرى
مۇستەقىللىق كۈنى: 16-سېنتەبىر (1810-يىلى))
دۆلەت رەھبەرلىرى: زۇڭتۇڭ فىلىپ كالدېرون خىنوجوسا، 2006-يىلى 7-ئايدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ، شۇ يىلى 12 –ئايدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.
تەبىئىي جۇغراپىيەسى: يەر كۆلىمى 1 مىليون 960 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى 3-چوڭ دۆلەت، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت. شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىغا، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ غەربىي شىمال بۆلىكىگە جايلاشقان، جەنۇبىي، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى قۇرۇقلۇق قاتنىشىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇپ، «قۇرۇقلۇقتىكى كۆۋرۈك» دېگەن نامى بار. شىمالدا ئامېرىكا، جەنۇبتا گۋاتېمالا ۋە بېلىز بىلەن چېگرىلىنىدۇ، شەرقىدە مېكسىكا قولتۇقى ۋە كارىب دېڭىزى، غەربىي جەنۇبىدا تىنچ ئوكيان بار. دېڭىز قىرغىقى ئۇزۇنلۇقى 11 مىڭ 122 كىلومېتىر. بۇنىڭ ئىچىدە، تىنچ ئوكيان دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7828 كىلومېتىر، مېكسىكا قولتۇقى، كارىب دېڭىزى قىرغىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3294 كىلومېتىر كېلىدۇ. 3 مىليون كۋادرات كىلومېتىرلىق مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونى ۋە 358 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق ماتېرىك سۇپىسى بار.
مېكسىكىنىڭ كىلىماتى مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان. دېڭىز قىرغاقلىرى ۋە شەرقىي جەنۇب قىسمىدىكى تۈزلەڭلىكلەر تروپىك بەلۋاغ كىلىماتىغا تەۋە بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 25 سېلسىيە گىرادۇستىن 27 سېلسىيە گىرادۇسقىچە؛ مېكسىكا ئېگىزلىكىنىڭ ھاۋاسى يىلبويى ئىللىق، تاغ ئارىسىدىكى تۈزلەڭلىكلەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى 24 سېلسىيە گىرادۇس، ئېگىزرەك جايلارنىڭ 17 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا. غەربى شىمالىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق ھاۋا كىلىماتىغا تەۋە. كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ قۇرغاقچىلىق پەسلى بىلەن يامغۇرلۇق پەسلىلا بولۇپ، يىللىق ئومۇمىي ھۆل-يېغىن مىقدارىنىڭ %75ى يامغۇر پەسلىگە مەركەزلەشكەن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى غەربىي شىمال قىسىملىرىنىڭ 250 مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ، ئىچكى قىسىم رايونلىرىنىڭ 750-1000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، مېكسىكا قولتۇقى قىرغاقلىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنىڭ ھۆل-يېغىن مىقدارى 1000-2000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. مېكسىكىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ئېگىزلىك بولغانلىقتىن، قىشتا سوغۇق قاتتىق بولمايدۇ، يازدىمۇ پىژغىرىم ئىسسىق بولمايدۇ. تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ياشىرىپ تۇرىدۇ، «ئېگىزلىكتىكى مەرۋايىت» دېگەن گۈزەل نامى بار.
نوپۇسى: بىر يۈز 3 مىليون 200 مىڭ، ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە ئامېرىكا ۋە بىرازىلىيەدىن قالسىلا 3-ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھىندى-ياۋروپا ئارىلاش قانلىقلىرى %90نى ئىگىلەيدۇ، قالغانلىرى ئىندىئانلار. ئاھالىنىڭ زور كۆپچىلىكى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. مېكسىكىنىڭ ھۆكۈمەت تىلى ئىسپان تىلى بولۇپ، مېكسىكىلىقلار بۈركۈتنى دۆلەتنىڭ سىمۋولى، دەپ قارايدۇ
پايتەختى: مېكسىكا، يەر كۆلىمى 1525 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 22 مىليون(2005-يىلدىكى ستاتىستىكا)، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2240 مېتىر. 5-ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 12 سېلسىيە گىرادۇستىن 26 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 6 سېلسىيە گىرادۇستىن 19 سېلسىيە گىرادۇسقىچە.
مەمۇرىي رايونلارغا بۆلۈنۈشى: 31 ئىشتات ۋە بىر فېدېراتسىيە رايونى(مېكسىكا شەھىرى)غا بۆلۈنىدۇ، ئىشتات قارمىقىدا شەھەر (بازار)دىن 2394ى بار، ئۇلارنىڭ ئاستىدا كەنت بار.
قىسقىچە تارىخى: مېكسىكا ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئىندىئانلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى، دۇنياغا داڭلىق مايا مەدەنىيىتى، ئولمېك مەدەنىيىتى، تولتېك مەدەنىيىتى ۋە ئازتېك مەدەنىيىتىنى مېكسىكىدىكى ئىندىئانلار بەرپا قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى مېكسىكا شەھىرىنىڭ شىمالىدا قۇرۇلغان قۇياش ۋە ئاي پىرامىدالىرى بۇ پارلاق مەدەنىيەتنىڭ ۋەكىلى.
1519-يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى مېكسىكىغا تاجاۋۇز قىلغان، 1521-يىلى مېكسىكا ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان، 1522-يىلى مېكسىكا شەھىرىدە ئىسپانىيە باش ۋالىي رايونى قۇرۇلغان. 1810-يىلى 16-سېنتەبىر مۇستەقىللىق ئۇرۇشى پارتلىغان(1811-يىلى 1-ئايدا ئۇرۇش مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان). مېكسىكا 1821-يىلى 24-ئاۋغۇست مۇستەقىللىق جاكارلىغان، كېيىنكى يىلى 5-ئايدا «مېكسىكا خانلىقى» قۇرۇلغان. 1823-يىلى 2-دېكابىر مېكسىكا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. 1824-يىلى 10-ئايدا فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەت رەسمىي قۇرۇلغان.1846-يىلى ئامېرىكا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان. 1848-يىلى 2-ئايدا مېكسىكا ئامېرىكا بىلەن سۈلھى شەرتنامىسى ئىمزالاشقان، مېكسىكا شىمالىي قىسمىدىكى 2 مىليون 300 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىنىنى ئامېرىكىغا كېسىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1867-يىلى فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئىسپانىيە تاجاۋۇزچىلىرى مېكسىكىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1910-يىلى بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابى پارتلىغان، شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى قوراللىق قوزغىلاڭ باشلانغان، 1911-يىلى دىياس ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغان. 1914-، 1916-يىللىرى ئامېرىكا قوشۇن ئەۋەتىپ مېكسىكىغا تاجاۋۇز قىلغان، ئىككى دۆلەت بىر مەزگىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن. 1917-يىلى بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ دېموكراتىك ئاساسىي قانۇنى ئېلان قىلىنىپ، دۆلەت نامى «مېكسىكا قوشما ئىشتاتلىرى»، دەپ ئېلان قىلىنغان.
مەنبە؛خەلق گېزىتى تورى
http://uyghur.people.com.cn/165019/15141173.html