بىرچالمىدا ئىككى پاختەك سۇقۇش
ئەپەندىم: ئۇچ يىللىق توي خاتىرە كۈنمىزنى خاتىرلەش ئۈچۈن، سىزگە مەرۋايىتى مارجان سوۋغا قىلايمۇ ياكى بىرلىكتە ياپونيەگە ساياھەتكە بارايلىمۇ؟
خانىمى: مېنىڭچە ئۇدۇل ياپونيەگە بارايلى، ئۇيەرنىڭ مەرۋايىت مارجانلىرى ناھايىتى ئەرزان.
يۈزى چۈشۈش
مەلۇم بىر ئەرەپ ئۇقۇغۇچى دادىسىغا ئېلىكتىرونلۇق يوللانما ئەۋەتىپتۇ‹‹ دادا، بېرلىن ناھايىتى ياخشى جاي ئىكەن، بۇيەرنىڭ ئادەملرىمۇ ناھايىتى دوستانە ئىكەن. شۇغىنسى، مەن مەكتەپكە كىرگەندىن بۇيان باشقىلار مېتىرودا ئولتۇرسا مەن بېنىز ماركىلق ماشنامنى ھەيدەپ يۇرسەم سەل ئوڭايسىزلىندىكەنمەن ››
دادىسى بالىسىغا مۇنداق دەپ جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ:‹‹ بالام ساڭا 200مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى ئەۋەتتىم. مېنىڭ يۈزۈمنى چۈشۈرمەي دەرھال مېترودىن بىرنى سېتىۋالغىن››
سۇئال سوراشتىن ساقلانماق
[align=justify]
دۆلەت ئىچىدە شۆرەت قازانغان بىر بوتانىكا پىروفسورى بىلەن ياردەمچى ئۇقۇتقۇچى بىرتۈرلۈك ئۆسۈملۈكنىڭ يېڭى سورتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتاتتى.
بىركۇنى ياردەمچى ئۇقۇتقۇچى پىروفسوردىن سوردى:
-ئەگەر سىز دالىدا پىراكتىكا دەرىسى ئۇتۇۋېتىپ ، ئۆزىڭىز بىلمەيدىغان ئۆسۈملۈككە يۇلۇقۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟
-ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سوراپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەممنىڭ ئالدىدا مېڭىپ بىلمەيدىغان ئۆسۈملۈكلەر ئۇچىراپ قالسا بىرنىمۇ قويماي دەسسۋىتىمەن.
ۋەدەڭلەرگە ئەمەل قىلىڭلار
مىليونىرنىڭ خۇتۇنى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئەللىك مىڭ دوللارنى بەلگىلەنگەن جايغا ئەپكىلىپ بەرمىسە، ئېرىنى ئۆلتۇرۋتىدىغانلىق توغرۇلۇق بىر پارچە تەھدىت خېتى تاپشۇرۋاپتۇ. خانىم شۇئان بىر لىپاپىنى بەلگىلەنگەن جايغا قۇيۇپ قۇيۇپتۇ بۇلاڭچىلار لىپاپنى ئېچىپ قارسا پۇل ئەمەس ، بەلكى‹‹ ۋەدەڭلەرگە ئەمەل قىلشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن›› دېگەن خەت يېزىلغان باغاقچە چىقىپتۇ.
ئاپتوموبىل مودېلى
ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسنى ئايلىنۋاتاتتى، كىشنى تولىمۇ جەلىپ قىلىدىغان ئاپتوموبىل مودېللىرنى كۆرۇپ خوتۇنى ئاستاغىنە ئېرىگە مۇنداق دېدى:
-ئەتىگىچە مەنمۇ ئاپتوموبىل مودېلى بولايمىكىن.
_ئۇنداقتا تىراكتۇرلارغىمۇ مەخسۇس مەيداننىڭ ھازىرلانغان-ھازىرلانمىغانلىقىغا قارايسەن-دە،_ دېدى ئېرى ئەستايدىللىق بىلەن.
مەنبە: تەرمىلەر ژورنىلى