3_بۇرۇن قىزلار بىرەرسى گەپ قىلسا خىجىل بولۇپ قىزىرىپ گىپىنى تاپالمايدىكەن،ئۇنداق قىزلارنى باشقىلار ھەقىقي شەرمىي-ھايالىق قىز ئىكەن،دەپ تەرىپلەيدىكەن.
ھازىرقى قىزلار قانچە شوخ،گەپدان بولسا بەك جانلىق،ئوچۇق-يۇرۇق قىز بوپتۇ،دەپ تەرىپلەيدىكەن.
4_بۇرۇن يىگىتلەر ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەيدىكەن،ھەم قولىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئائىلىسىنى گۈلدەك باقاتتىكەن.
ھازىرقى يىگىتلەر بولسا (قىسمەنلەرگە قارىتىلغان) ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلسىمۇ يەنىلا ئاتا-ئانىسىغا يۆلىنىپ خىزمەت كۈتۈپ ياتىدىكەن.
5_بۇرۇن بىرەرسىنىڭ قىزى ياكى كىلىنى تاماق ئىتىشنى بىلمىسە شۇ قىزنىڭ ئانىسى خىجىل بولۇپ يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كىتەتتىكەن.
ھازىرقى قىزلار تاماق ئىتىشنى بىلمىسە ئانىلىرى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ<<بەك ئەتىۋارلىق چوڭ قىلغان>>دەپ پەخىرلىنىپ يۇرۇيدىكەن.
6_بۇرۇن قىزلار ھەممە يەرلىرىنى يىپىپ دىگۈدەك يۇرەتتىكەن،بىرەرسى سەل ئوچۇق كىيىنىپ قالسا توۋا،سەپ ھەممە ھەيران بولاتتىكەن.
ھازىر بىرەرسى بولۇپمۇ يازدا سەل ئۇزۇن كىيىنىۋالسا<<نىمانچە مەتۇ >>دەپ ھەيران قالىدىكەن.
7_بۇرۇن قىزلىرىمىز تىرناقلىرىغا خىنە،قاشلىرىغا ئوسما قۇيۇپ چىرايلىق يۇرەتتىكەن.
ھازىر بولسا قولىغا خىنە،قىشىغا ئوسما قۇيۇۋالغانلارنى مەسخىرە قىلىپ<<سەھرالىقتەك توۋا >>دەپ قۇيۇشلىرى باركەن.
8_بۇرۇن ئەرلەر ھاراق ئىچىپ تاماكا چەكسە كىشلەر بىلىپ قىلىپ توۋا،دەيتتىكەن.
ھازىر ئەرلەر تاماكا چەكمەي، ھاراق ئىچمەي يۈرسە ئوغۇلبالچىلىقى يوقكەن دەپ ھەيران قالىدىكەن.
9_بۇرۇن تاماقلارنى ئىسراپ قىلىپ تۆكىۋەتسە باشقىلار نەپرەتلىنىپ شۇ كىشىگە ئۆچ بولۇپ قالاتتىكەن.
ھازىر بىرەرسى ئىسراپ بوپ كەتمىسۇن دەپ ئۆيلىرىگە ئىلىپ كەتسە <<پىخسىق >> دەپ مەسخىرە قىلىدىكەن.
10_بۇرۇن كىشلەر يامان ئىللەتلەرنى مۇشۇنداق ئىيتىپ بەرسە راست دەيسىز دەپ قوللاپ قايىل بولاتتىكەن.
ھازىر يامان ئىللەتلەرنى ئىيتىپ بەرسە<<ئۆزىنى بىلمەي باشقىلارغا ئىش ئۆگۈتىدىكەن>> دەپ شۇ كىشىنى چۆكۈرۋىتىشتىن يانمايدىكەن.
11_بۇرۇن........................... ئىكەنتۇق.
ھازىر..................................ئىكەن.
مەنبەسى: قەلىمىم مەلىكەدىن.