|
|
|
|
مىللى مەدەنىيەتلىرىمىزنى قوغداپ قالايلى !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى. ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشىپ مىللى مەدەنىيتىمىزنىڭ بىر قىسمى بولغان كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالساق. ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىۋاتقىلى بىزگە تىخى بىرەر يۇز يىل بولدى . مۇشۇ يىزىقتا يىزىلغان ئەسەرلەر شۇنچە كۆپ .چاغاتاي ئۇيغۇر يىزىقىنى بىزنىڭ ئەجدادىمىز 5-6 يۇز يىلدىن كۆپرەك قوللانغان .بۇ يىزىقتا يىزىلغان ئەسەرلەر ناھايىتى كۆپ .بىراق كۆپ قىسمى ھازىرغىچە بىز بىلەن يۇز كۆرۇشەلمىدى ، بىر قىسىم ئەسەرلەر ئاپاق غوجا ۋە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە كۆيدۇرۇپ تاشلاندى. بىراق ئىلىم -مەرىپەت سۆيەر ئەجدادلىرىمىز نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ساقلاپ قالغان. ساقلىنىپ قالغان ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى تىخىچە بىز بىلەن يۇز كۆرۇشەلمىدى. بىر قىسىم كىشىلەر بۇ ئەسەرلەرنى دىننى مەزمۇندىكى كىتاپ دەپ ئەتىۋارلاپ كىلىۋاتىدۇ.بۇمۇ توغرا بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە دىگۇدەك بىشىدا ئاۋۋال خۇداغا ئاندىن پەيغەمبەر چاھارىيالارغا ھەمدۇ سانا ئوقۇۋىتىپ ئاندىن باشلىنىدۇ، ئۇلاردا دىننى مەزمۇنمۇ بار ھەم بۇ ئەسەرلەر ناھايىتى مۇھىم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. ئاتا-بوۋىلىرىمىز جان تىكىپ ساقلىغان ۋە يىزىپ چىققان بىباھا كۆھەرلەر بىزنىڭ قولىمىزدا نابۇت بولۇپ كەتمىسۇن. كىلاسسىك ئەسەرلەرنى قۇتقۇزۇپ قىلىش ھەر بىر ۋىجدانلىق ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتى.
يەنە بىرقىسىم دوسلار قايسى كۇنى مەن يوللىغان سەپەللىيادىن پارچىنى ئوقۇپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يىزىقىغا تەرجىمە قىلماپسىلەر دىدىڭلار. بۇغۇ توغرا گەپ بىراق بۇ ئەسەرلەر ئەرەپ،پارىس، ئوردۇ تىلىرىدا يىزىلغان بولغاچقا بىز ئۇ تىللارنى پىششىق بىلمەيمىز ھەم بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلساق قاپىيە ۋەزىن تۇراق، رىتىم جەھەتلەردە بۇزۇلۇپ كىتىپ ئەسەرنىڭ ئەدەبى قىممىتى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ.بۇلاق يۇرنىلىدىكىلەرنىڭمۇ تەلىپى، ئەسەرنىڭ ئەسلىنى ساقلاپ قىلىش .شۇڭا بىزمۇ شۇنداق نەشىرگە تەييارلىدۇق شۇڭا توغرا چۇشىنىڭلار.ئالدىرىماي تەپسىلى ئوقۇساڭلار ئاساسەن دىگۇدەك چۇشىنەلەيسىلەر.
ئەگەر چاغاتاي ئۇيغۇر يىزىقىدىكى ئەسەرلەرنى راۋان ئوقۇيالايدىغان دوسلار بولسا خالىساڭلار بىز بىلەن بىرلىكتە مۇشۇ خىلدىكى ئەسەرلەرنى يىغىپ توپلاپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يىزىقى بىلەن تىرانسىپىكىتسىيە قىلىپ ئۆز ئەسلى بويىچە نەشىرگە تەييارلىساق. بولۇپمۇ مۇنبەردىكى ئوقۇمۇشلۇق موللا دوسلار كۆپرەك ياردەم بەرسەڭلار. ئۆيىڭلاردا مۇشۇنداق ئەسەرلەر بولسا بىز بىلەن ئالاقىلاشساڭلار ،مەن مۇۋاپىق ھەق بىرىپ بولسىمۇ چوقۇم ئىلىپ كىلىمەن. بولسا ھەممىمىز تەڭ كۈچ چىقىرىپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ قان تەرىنى قوغداپ قالايلى.
خالايدىغىنىڭلار مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار مىنىڭ تىلىفۇن نومۇرۇم.: 15599700589 خوتەندىكى دوسلار مىنى خوتەن پىداگوگىكا ئالى تىخنىكومى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتى 2008-يىللىق-2-سىنىپتىن ئىزدەڭلار. ئىسمىم رۇزىمەمەت غۇجەخمەت .
مەنبە: ئۆزۇم.
|
|
|
|
|
|