مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1318|ئىنكاس: 15

ئاش بەرگەنگە مۇش بېرىپتۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12398
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32452
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-22 04:25:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئىشتىن چۈشۈپ كېلىپ، قورانىڭ ئالدىدا مەن بىلەن دېمەتلىك كېلىدىغان بىر خوشنام بىلەن ئۇچرۇشۇپ قالدىم،قارىسام ئۇچىسىدا قارىلىق كىيىم تۇرىدۇ، ،كۆڭلۈم باشقىچە بولۇپ، ‹‹قارىلىق بوپ قاپسىز؟››-دەپ سورۇدۇم، خوشنام:
 -  بىر دوستۇمنىڭ ئىنىسىنى ئاغىينىسى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرىۋېتىپتىكەن،شۇ دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ پەتىلەپ كەلدىم،-دېدى.
   - نەچچە ياشلاردا بار ئىدى  دوستىڭىزنىڭ ئىنىسى؟بالىلىرى بارمىتى؟- دەپ سورۇدۇم.

-34 ياشلاردا ،ئىككى بالىسى بار ئىدى، بىچارە بالىلىرى يېتىم بولۇپ قالدى،بار دىشۋارچىلىق بالىلىرى بىلەن بىچارە ئايالىغا بولىدۇ-دە،- دېدى خوشنام.

- توۋا ،ياشلا بالىكەنتۇق، نېمىشقا ئۆلتۈرىۋەتكەندۇ؟-دەپ سورۇدۇم.

   - ئۆزىنىڭ پۇلى ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقىپتۇ رەھمەتلىكنىڭ ، ھازىرغۇ  كىشىلەرگە ياخشىلىق قىىلدىغان جاھان ئەمەسكەن،بۇ رەھمەتىلىك ئاۋاتلىق بىر ئاغىينىسىگە 10000يۈئەن بېرىپ تۇرۇپتىكەن،ئۈچ يىلنىڭياقى ‹‹مانا بېرەي، ئەتە بېرەي، تاختا قوياي، نوغۇچ قوياي......››بىلەن بەرگىلى ئۇنىماپتۇ ئۇ پۇلنى ،نەچچە قېتىم كىرا تۆلەپ ئاۋاتقا بېرىپتۇ رەھمەتلىك پۇلنى سۈيلەپ ، بۇ قېتىم بۇ بالىغا پۇل بەك جىددىي لازىم بولۇپ قېلىپ،بىر ئاغىينىسىنى بىللە ئېلىپ كىرا قىلىپ ئاۋاتقا بېرىپتۇۋە پۇل ئالغۇچىنىڭ قېشىغا بېرىپ پۇلنى يەنە سۈيلەپتۇ ، پۇلنى ئالغۇچى:
   -پۇل تاپقاندا بېرىمەن دېدىمغۇ؟ نېمانداق كۆزۈمگە كىرىۋالىسەن؟قېنى مېنىڭ سەندىن ‹‹پۇل ئالدىم ››دەيدىغان ھۆججىتىمنى چىقىرە،‹‹پۇل ئالمىدىم ››دېسەم،قانداق قىلالايتتىڭ؟-دەپ پۇل ئىگىسىدىن بەكراق چوڭ سۆزلەپتۇ.پۇل بەرگۈچى ‹‹يېقىن ئاغىينەم بولغاندىكىن ››دەپ ،ھۆججەت ئېلىۋالماپتىكەن،شۇنىڭ بىلەن پۇل بەرگۈچى :
  -پۇلنى ئالىدىغان ۋاقتىڭدا يالۋۇرۇپ، كۈچۈكلىنىپ قىلمىغىنىڭ قالمىدى،پۇلنى ئېلىپ بولۇپلا ،چوڭ سۆزلەيسەنغۇ ‹‹مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك››دېگەندەك.خۇدالىق ئالەم ماۋۇ، يالغان سۆزلىسەڭ ئۆزۈڭگە يانىدۇ،-دەپتۇ، ئۇ بىرنىمە دەپ ،بۇ بىرنىمە دەپ ئىككىسى ئۇرۇشۇپ قاپتۇ.باشقىلار ئاجرىتىپ قويۇپتۇ، ئىككىسى يەنە گەپ تالاشقىلى تۇرۇپتۇ، پۇل ئالغۇچى بەكراق ھەددىدىن ئېشىپ، ئاغىينىلىرىگە تېلىفون قىپتۇ،ئاغىينىىلرىمۇ كېلىپلا ئىشنىڭ ئاق -قارىسىنى سۈرۈشتۈرمەيلا پۇل بەرگۈچى بىلەن بىرگە بارغان ئىككەيلەننى ئۇرۇپ كېتىپتۇ،پۇل بېرىپ تۇرۇپ،يەنە ھارام تاياق يەۋالغىنىغا ئاچچىقى كەلگەن پۇل بەرگۈچى باشقىلارنىڭ قولدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپلا،پۇل بېرىپ تۇرغان ھېلىقى نامەرتنى ئاستىغا بېسىۋېىلپ ئۇرغىلى باشلاپتۇ،قالغانلار ئۇنى تارتىپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ بولغۇچە ئارىلىقتا ،ھېلىقى پۇل ئالغان مۇناپىق يېنىدىن پىچىقىنى ئېلىپلا ،پۇل بەرگۈچىگە تىقىۋېتىپتۇ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ بولغۇچە ،قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي بىچارە بالا ئۆلۈپ كېتىپتۇ .ياخشىلىق قىلىپ پۇل بېرىپ تۇرۇپ، ئاخىرىدا پۇلىنى ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، پۇل بېرىپ تۇرغان شۇ مۇناپىق ئاغىينىسىنىڭ قولى بىلەن ئۆلۈپ كېتىپتۇ مانا ،‹‹ئاش بەرگەنگە مۇش بېرىپتۇ››دېگەن شۇ -دە.....-دەپ ئېچىنىشلىق ئۇھ تارتىپ ئۇلۇغ -كىچىك تىندى  خوشنام.بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئىچىم ئاچچىققا تولۇپ، ھېلىقى پۇل ئالغۇچىنى ئىچىمدە نەچچىنى تىللىۋەتتىم.بىچارە ئۆلۈپ كەتكۈچىگە شۇنداق ئىچىم ئاغرىپ كەتتى،‹‹ پۇل يوق ›› دەپلا بېرىپ تۇرمىغان بولسا  شۇ پۇلنى ،بۇ كۈنمۇ بولمايدىكەندۇق ،دەپ ئۆزەمچە ئېچىندىم.
   پۇلنى ئېلىڭ بىر، ‹‹پۇلۇمنى بېرىۋەتكەن بولساڭ ››دەپ ئالدىغا بارسا، ئۆلتۈرۈپ قويۇڭ بىر......شۇمۇ ئىنسان قىلىدىغان ئىشمۇ؟....
   بىرنەچچە ئاينىڭ ئالدىدا بىر ساۋاقدىشىم شۇنداق قاخشاپ ئولتۇرىتى،ئو ساۋاقدىشىممۇ بىرئ اغىينىسى يالۋۇرۇپ كەلسە، 5000يۈئەننى بېرىپ تۇرۇپتۇ، ئىككى يىل ئۆتۈپتۇ، ئۇ پۇلنى بەرمەپتۇ،بىرنەچچە قېتىم سۈيلەپ بېقىپتۇ، بىر قېتىم يەنە شۇ پۇلنى سۈيلەپ تېلىفون قىىلشىغا، ئۇ ئاغىينىسى تېلېفوننى ئېرىگە تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ، ئېرى ساۋاقدىشىمنى ئېغىزغا ئالغۇسىز شۇنداق رەسۋا تىللاربىلەن تىللاپ تويغۇزىۋېتىپتۇ، ساۋاقدىشىم بۇ ئەرنىڭ ئاغزىدىن چىققان رەسۋا تىللارنىڭ دەستىدىن نېمە دېيىشنى بىلمەي،خاپىلىقلىرىنى كۆز يېشىدىن چىقىرىپتۇ.ساۋاقدىشىم تېلىفوندا سۆزلىشىۋاتقاندا ئېرىمۇ يېنىدا بار ئىكەندۇق،ئېرى:
  -‹‹ ۋاي ئادىچىم ئۇنداق قىينىلىپ قاپتۇ يەي،بۇنداق قىينىلىپ قاپتۇ يەي››دەيسەن، مانا ئوبدان بولدىمۇ؟- دەپ تاپا -تەنە قىپتۇ.
  جاھاندا شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى ،بېشىغا كۈن چۈشكەندا، ھاجىتىنى راۋا قىلىدىغان كىشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ كۈچۈكلىنىپ، يالۋۇرۇپ قىلمىغانلىرى قالمايدۇ، بولۇپمۇ پۇل سوراشقا كەلگەندە ئاغزىدىن تاتلىق گەپ دېگەننى ياغدۇرىۋېتىدۇ، ھاجىتىدىن چىقىپلا بولدىڭىزمۇ ،بولدى ،ئىككى قولىنى كۈيىگە مىلەپلا ،يۈزىگە سۇۋايدۇ.....
  مېنىڭ مۇشۇنداق ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان،نامەرت كىشىلەرگە شۇنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ‹‹ ئەي ئىنسانلار ، نومۇس دېگەن نەرسىمۇ بولسۇن سىلەردە، كىشىلەردىكى مېھرى -مۇھاببەت ،كۆيۈنۈش، ئىنسانپەرۋەرلىك، ئادىمىيلىك يەتكۈزىدىغان يۈرىكىگە دەز كەتكۈزمەڭلار،كىشىلەر سىلەرگە ئوخشاش ‹‹ئاش بەرگەنگە مۇش بېرىدىغان››‹‹ ۋاپاغا جاپا قىلدىغان ›› ئادىمىيلىك خىسلەتتىن مەھرۇم كىشىلەرنىڭ دەستىدىن بىر -بىرىگە گۇمانىي كۆزدە قاراپ، ياخشىلىق قىلدىغان،ساخاۋەت تۆكىلىدىغان  قوللىرىنى يانچۇقىغا، مېھرى -مۇھاببەتلىك، كۆيۈمچان يۈرىكىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىگە بېكىتىۋالمىسۇن......
  ئاش بەرگەنگە مۇش بەرمەي،ئاش بەرگەنگە ھېچ بولمىسا سوغۇق سۇ بولسىمۇ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار،...

 مەنبە : ئاڭلىغانلىرىم
 

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

دىلنىڭ سىر دىشى -

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 183
يازما سانى: 3084
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13078
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 1073 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-22 05:23:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا بۇرۇن بىر ئادەممۇ بىز دىن 10000يۇۋەن پۇل سوراپ  بەرمەي دادام ،سوتتقا ئىككى يىل قاتىراپ بەك تەستە پۇلىنى قايتۇرۇپ ئالدۇق .........
ھازىر جاھاندا ئىشەنگىلى بۇلىدىغان نەرسە ئاز قالدى زادى. [s:20]  [s:4]

1›مەن يىقلىپ كەتتىم ،بۇرنۇمدىن قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ ،لىكىن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ،قان توختايدىغاندەك ئەمەس ،مەن يەنىلا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن .
2›ئەمدى تىرىشمىسام نەپىرەتتىن ئۆلۈپ كىتىشىم مۇمكىن.
سەھرا ئو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-22 05:27:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-22 05:29:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى كىشلەردە ۋاپا-ئىنساپ يوق دىيەرلىك.

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-22 05:35:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماتېما قايتا يوللاندىمۇ؟

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3428
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27289
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8340 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-22 05:38:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي توۋا...راستلا ھازىر خەققە ياخشىلىق قىلىدىغان زامان ئەمەس جۇمۇ؟ [s:24]

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

ئۈمىدۋار بول ئاي !

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 675
يازما سانى: 1268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13739
تۆھپە نۇمۇرى: 771
توردا: 1330 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-22 07:30:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك دېگەن شۇ- دە...... [s:18]

گۈزەللىك ئۈستىگە پاكلىق قوشۇلسا ، قەنت ئۈستىگە ھەسەل سۈركىگەندەك بولىدۇ .

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1595
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10862
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2209 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-22 07:57:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى زاماندا   بۇنداق ئىشلارنى نۇرمال ئىش دىسە بۇلامىكىن  [s:10]


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

بۇگۇن ماڭسىڭىز ئەتە يۇگرەيسىز.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1986
يازما سانى: 1943
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16421
تۆھپە نۇمۇرى: 424
توردا: 2523 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-22 08:13:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى زاماندا   بۇنداق ئىشلارنى نۇرمال ئىش دىسە بۇلامىكىن  
-----بۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:مىسرانىم مۇنبىرى ,تەپسىلىي ئادىرسى:https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=3236-----


توغرا ئىيتىسىز  كىشلەر شۇنداق بولۇپ قالدى

تامغان تامچة تاش

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 599
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11725
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 10144 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2014-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-22 08:21:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ يېقىن ئاغىينەمگە1500يۈئەن بىرىپ 2يىل بولدى ھازىرغىچە ئالالماي يۈرىمەن!

ئىتتىپاقلىق كۈچ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش