ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت gulen كە 2011-01-08 09:59 AMئەۋەتىلدى :
"جۇڭگو تىبابەتچىلىكى بىلەن ئەرەب ۋە گرېك تىبابەتچىلىكىنىڭ ئۇتۇقلىرى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئىبىن سىنا سەسەرلىرىگە ۋە ئەرەب تىبابەتچىلىكىنىڭ داۋاملىق راۋاجلىنىشىغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن."
ئىبىن سىنانىڭ "تېبابەت قانۇنى" ناملىق ئەسىرى نەشىر قىلىندى، بۇندىن باشقا "ئىبىن سىنا ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى" دېگەن كىتابلارمۇ چىقتى، ھىچ كىم مۇشۇ كۈنگىچە ئاپتۇردەك قاراشقا كەلمىگەن. ئاپتۇر بۇ قاراشنى نېمىگە ئاساسەن دېگەن بولغىيدى؟
ئاپتۇرنىڭ "فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستىمىسى" ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇپ ، ئۇنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەرگە بىر تەرەپلىمە باھابېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم . ھەتتا ئارىستوتىل، ئىبنى سىنا ، فارابىلارغا ماركىسىزىملىق نۇقتىنەزەر بىلەن باھا بېرىشى ، ئۇ كىشىنىڭ ئەسەرلىرىگە بولغان قىزغىنلىقىمنى تۆۋەنلىتىۋەتتى . بىراۋنىڭ داڭقىغا قاراپلا ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى قاراقۇيۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش ، قۇبۇل قىلىش ھاماقەتلىكتۇر ...