بىر سائەتلىك تەنتەربىيە دەرسى(ھېكايە)
مەخمۇتچان ئەخەت
دەرىسكە كىرىش قوڭغۇرىغى چېلىندى.مەكتەپ ئىچى تىمتاسلىققا چۆمدى.بۈگۈن مېنىڭ مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيانقى ئىككىنچى سائەتلىك تەنتەربىيە دەرسىم ئىدى.بۇ سائەتلىك دەرىستە5-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرغا تىكتاك توپ دەرسى ئۆتۈلەتتى.مەن ئوقۇغۇچىلارنى رەتلىك ئىككى قاتار قىلىپ تىكتاك توپ مەيدانىغا ئەكەلدىم.ئوقۇغۇچىلارغا بىر قاتار بەدەن قىزىتىش ھەركىتى ئىشلىتىپ،بۈگۈن تىكتاك توپ دەرسى ئۆتىلىدىغانلىغىنى ئېيتىۋىدىم،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى خوشاللىقتىن سەكرەپ كېتىشتى.مەن ئوقۇغۇچىلارغا تىكتاك ئويناشنىڭ قائىدىلىرنى بىر-ئىككى قېتىم ئۆگىتىپ قويۇۋىدىم،ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى تېزلا ئۆگىنىۋالدى.مەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ناھايىتى قىزغىن تىكتاك توپ ئويناۋاتاتتىم،تۇيۇقسىز مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قوپال ئاۋازدا:<<مەخمۇتچان،بۇياققا كېلىڭ!>>دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.مەن بۇرۇلۇپ قارىسام،مەكتەپ مۇدىرى ئىككى پۇتىنى سىركولدەك ئاچقىنىچە قولىنى كەينىگە قىلىپ تۇرۇپتۇ.مەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق قوپال ئاۋازدا چاقىرغانلىغىنى بىلەلمەي،ئالدىغا يۈگۈرۈپ باردىم.مەكتەپ مۇدىرى سېمىز قوسىقىدا توختىمىغان ئىشتىنىنى ئىككى قولى بىلەن ئىگىز كۆتۈرۈپ قويغاندىن كېيىن ماڭا زەردە بىلەن:
_ ئەتە شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن مەكتىپىمىزنىڭ<<ئىككى ئاساسەن>>خىزمىتىنى تەكشۈرگىلى ئادەم كېلىدىغان تۇرسا،سىزنىڭ ھېچنىمىدىن خەۋىرىڭىز يوقتەك بالىلارغا تىكتاك توپ دەرسى ئۆتكىنىڭىز نىمىسى؟دەرھال دەرسىڭىزنى توختىتىڭ،مەكتەپ ھاجەتخانىسى گەندە بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ.ھەممە بالىلارنى ھەرھال گەندە تارتىشقا ئورۇنلاشتۇرۇڭ،_دېدى قوللىرنى شىلتىپ تۇرۇپ.
مەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ كۈتۈلمىگەن بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن سەل تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدىم.ئوقۇغۇچىلارمۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ،تىكتاك توپ ئويناشتىن توختاپ قالدى.مەن ئاخىر چىداپ تۇرالماي مەكتەپ مۇدىرىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ:
_ ئالدىقى سائەتلىك تەنتەربىيە دەرسىدە بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ پۇتبول مەيدانىغا چىم ياتقۇزۇپ چىقسۇن،دېدىڭىز،ئەمدى بۇ سائەتلىك دەرىستە بۇ ئىشنى ئورۇنلاشتۇردىڭىز،بۇ مەكتەپتە زادى تەنتەربىيە دەرسى ئۆتۈلەمدۇ-يوق؟_دېسىم مەنمۇ زەردە بىلەن.
مەكتەپ مۇدىرى كۈتۈلمىگەن بۇ سۇئالدىن قاتتىق تىرىكتى بولغاي،قوشۇمىسىنى تۈرۈپ تۇرۇپ:
_ سىزنىڭ خەۋىرىڭىز يوق ئوخشايدۇ-ھە،مەكتىپىمىزدە تەنتەربىيە دەرسى ئاساسەن ئۆتۈلمەيدۇ.تەنتەربىيە دەرسى ئۆتۈلىدىغان ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاشقا دائىر ئەمگەكلەرگە سالىمىز،_دېدى.
_ تەنتەربىيە دەرسىمۇ باشقا دەرىسلەرگە ئوخشاش موھىم دەرىس.سىز بىر مەكتەپ مۇدىرى تۇرۇقلۇق نىمىشقا ئوقۇتۇش تەرتىپىنى بۇنداق قالايمىقانلاشتۇرۇسىز؟_ دېدىم مەن يەنە.مېنىڭ بۇ گېپىم مەكتەپ مۇدىرىنى تېخىمۇ تىرىكتۈردى بولغاي،مەكتەپ مۇدىرى تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ:
_ سىز مېنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشۇمغا قارشى چىقماقچىمۇ؟ئۇقۇپ قويۇڭ،بۇ مەكتەپتە سىزنىڭ دېگىنىڭىز ھېساپ ئەمەس،مېنىڭ دېگىنىم ھېساپ.مەن مەكتەپ مۇدىرى بولغاندىن بۇيان ھېچكىممۇ مېنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشۇمغا قارشى چىقىپ باققان ئەمەس.سىز بۇ مەكتەپكە كەلگىلى بىرنەچچە كۈن بولا-بولمايلا مېنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشۇمغا قارشى مۇقام توۋلىغىلى تۇرشىڭىز قانداق بولغىنى؟!ئەگەر شۇنداق باشقۇرۇشقا بويسۇنماي،ئۆز مەيلىڭىزچە ئىش قىلماقچى بولسىڭىز،يىللىق سىناپ تەكشۈرۈش،ئىش-ئۈنۈم مائاشىڭىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئويلۇشۇپ كۆرسەك بولغىدەك،_دېدى-دە،قولىنى ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىغا سالغىنىچە ئىتتىك قەدەم ئېلىپ ئىشخانىسىغا قاراپ مېڭىپ كەتتى.ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىشتىن بىر نىمىنى چۈشەنگەندەك بولدى-دە،ئىختىيارسىز قوللىرىدىكى تىكتاك توپ پالىقىنى قويۇپ،ھاجەتخانا تەرەپكە يول ئالدى.مەنمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ شۇ ياققا قاراپ ماڭدىم.
مەنبە:<<شىنجاڭ مائارىپى>>ژورنىلى