ئاۋسترالىيە دېگەن سۆز «جەنۇبتىكى چوڭ قۇرۇقلۇق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ياۋروپالىقلار 17-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقنى بايقىغاندا، بۇ قۇرۇقلۇقنى جەنۇبىي قۇتۇپقا بىۋاسىتە تۇتىشىدۇ، دەپ خاتا چۈشىنىپ قالغان ھەم بۇ قۇرۇقلۇققا «ئاۋسترالىيە» دەپ ئىسىم قويغان، ئاۋسترالىيە دېگەن بۇ ئىسىم لاتىنچە terraaustralis (جەنۇبىي زېمىن) دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن.
دۆلەت بايرىمى: 26-يانۋار (1788-يىلى)
دۆلەت گۈلى: سېرىق گۈللۈك ئاكاتسىيە
دۆلەتنىڭ ئاساسلىق سىياسىتى: ۋالىي كۇنتىن برايس (Quentin Bryce)، 2008-يىلى 4-ئايدا ئاۋسترالىيەنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل، زۇڭلى جۇلىيا گىللارد، 2010-يىلى 9-ئايدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.
جۇغراپىيەلىك مۇھىتى: جەنۇبىي تىنچ ئوكيان بىلەن ھىندى ئوكياننىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاۋسترالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە تاسمانىيە ئارىلى قاتارلىق ئاراللاردىن تەشكىللەنگەن. شەرقتە تىنچ ئوكيان مارجان دېڭىزى ۋە تاسمانىيە دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ، غەربى، شىمالى، جەنۇبىدا تىنچ ئوكيان ۋە ئۇنىڭ چېتىدىكى دېڭىزلار بار، دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 36 مىڭ 700 كىلومېتىر. يەر كۆلىمى 7 مىليون 692 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئوكيانىيەنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئىگىلەيدۇ، تۆت ئەتراپىنى سۇ قورشاپ تۇرىدۇ. قۇملۇق ۋە يېرىم قۇملۇق پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %35ىنى ئىگىلەيدۇ. پۈتۈن مەملىكەت شەرقىي قىسمىدىكى تاغلىق، ئوتتۇرا قىسىمدىكى تۈزلەڭلىك ۋە غەربىي قىسىمدىكى ئېگىزلىكتىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا بۆلۈنىدۇ. مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا كوسىيۇسكو چوققىسى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2230 مېتىر، ئەڭ ئۇزۇن دەريا موربىن دەرياسى بولۇپ، 3490 چاقىرىم كېلىدۇ. ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئېرل كۆلى ئاۋسترالىيەنىڭ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى بولۇپ، كۆل يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 12 مېتىر تۆۋەن. شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىز بويى رايونىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مارجان خادا تېشى ــ چوڭ توسما خادا تېشى بار. شىمالىي قىسمى تروپىك بەلباغقا، كۆپ قىسىم جايى مۆتىدىل بەلباغقا تەۋە. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى شىمالىي قىسمىنىڭ 27 سېلسىيە گىرادۇس، جەنۇبىي قىسمىنىڭ 14 سېلسىيە گىرادۇس كېلىدۇ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرى قۇرغاق، يامغۇر ئاز، يىللىق ھۆل ـ يېغىن مىقدارى 200 مىللىلىتىرغا يەتمەيدۇ، شەرقىي قىسىم تاغلىق رايونلىرىدىكى ھۆل ـ يېغىن مىقدارى 500 ـ1200 مىللىلىتىرغا يېتىدۇ.
نوپۇسى 22 مىليون 66 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيەلىك ۋە ئىرېلاندىيەلىكلەرنىڭ ئەۋلادلىرى %74نى، ئاسىيالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى %5نى، يەرلىك ئاھالە %2.2نى، باشقا مىللەتلەر %18.8نى ئىگىلەيدۇ، ئىنگلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ، كۆپ سانلىق ئاھالە خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيەدە ئاسىيالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى تېز كۆپىيىۋېتىپتۇ.2049-يىلىغا بارغاندا، ئاۋسترالىيە نوپۇسىنىڭ 35 مىليونغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
پايتەختى: كانبېررا، نوپۇسى تەخمىنەن 310 مىڭ(2000-يىلى 6-ئايدىكى سان)، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 20 سېلسىيە گىرادۇس. قىسقىچە تارىخى: يەرلىكلەر ئاۋسترالىيەنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئاھالىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەنگلىيەلىك كاپىتان جامىس كۇك 1770-يىلى ئاۋسترالىيەنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغاقلىرىغا يېتىپ بېرىپ، ئەنگلىيەنىڭ بۇ زېمىننى ئىگىلىگەنلىكىنى جاكارلىغان. ئەنگلىيە ئاۋسترالىيەگە سۈرگۈن قىلغان تۇنجى تۈركۈم جىنايەتچى 1788-يىلى 26-يانۋار سىدنېي قولتۇقىغا كەلگەن، ئەنگلىيەنىڭ ئاۋسترالىيەدە مۇستەملىكە رايون قۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن باشلانغان، كېيىن بۇ كۈن ئاۋسترالىيەنىڭ دۆلەت بايرىمى قىلىپ بېكىتىلگەن. ئەنگلىيە پارلامېنتى 1900-يىلى 7-ئايدا «ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ۋە «برىتانىيە دومىنىئون نىزامى»نى ماقۇللىغان. ئاۋسترالىيەنىڭ ھەر قايسى مۇستەملىكە جايلىرى 1901-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىشتات قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيەسىنى تەشكىللىگەن. ئاۋسترالىيە 1931-يىلى ئەنگلىيە فېدېراتسىيەسىدىكى مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ قالغان. ئەنگلىيە پارلامېنتى 1986-يىلى «ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەت قانۇنى»نى ماقۇللىغان، بۇنىڭ بىلەن ئاۋسترالىيە تولۇق قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقۇقى ۋە ئەدلىيەلىك ئاخىرقى سوت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.
مەنبە؛خەلق گېزىتى تورى
http://uyghur.people.com.cn/165019/15140726.html