مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 674|ئىنكاس: 6

سىز ئائىلە يىغىنى ئېچىپ باققانمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22232
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4204
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2011-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-7 04:29:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ئائىلە يىغىنى ئېچىپ باققانمۇ؟

  بىز دائىم يىغىنغا قاتنىشىپ تۇرىمىز،كىچىكىمىزدەيەسلىدە، مەكتەپتە سىنىپ يىغىنى، مەكتەپ يىغىنى ئېچىلىپ تۇرىدۇ.ئالى مەكتەپتىمۇ شۇنداق.خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن بولسا ئىدارىدە يىغىن.يېزا كەنىتلەردىمۇ يىغىن .قىسقىسى جەمىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە تۇرلۇك يىغىنلار ئېچىلىپ تۇرىدۇ. كىچىكلەردىن تارتىپ چوڭلارغىچە،ئاددى پۇقرالاردىن تارتىپ دۆلەت رەھبەرلىرىگىچە تۈرلۈك يىغىنلارغا داخىل بۇلۇپ تۇرىدۇ.يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالمىساممۇ بولار،بۇنى سىلەر ئەمەس كىچىك بالىلارمۇ بىلىدۇ.

  دىمەكچى بولغۇنۇم،ئائىلە يىغىنى ئېچىش زۈرۈرمۇ يوق؟ بىر دۆلەت ،بىر جەمىيەتنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قائىدە -قانۇنلىرى،تۈزۈملىرى بولىدۇ .بىر ئائىلىنىڭمۇ ئەلۋەتتە ئۆزىگە چۈشلۈق ئائىلە ئەزالىرى بويسۇنۇشقا تىگىشلىك قائىدە -قانۇنلىرى بولىدۇ،شۇڭا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سۆز ھەركىتى مۇشۇ قېلىپقا چۈشتىمۇ يوق،ئۇ ئېرىشكەن ياكى يوقاتقان نەرسىلەرنىڭ سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى زادى قانداق؟ كىملەر ئائىلىدىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى،كىملەر مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىدى؟ بۇلارنى بىلىش بىلەن بىرگە ئائىلە تەرەقىياتى ،پەرزەنتلەرنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە پىلان تۈزۈش ،قول تۇتۇپ ئىشلەش ۋە ئاخىرقى نەتىجە ئەھۋالى ھەققىدە ئائىلە يىغىنى ئېچىش مىنىڭچە زۈرۈر. بۇنداق دىسەم بەزىلەر باشقا يىغىنلار ئاز كېلىپ قالغاندەك ئەمدى ئائىلىدىمۇ يىغىن ئاچامدۇق؟ دەپ سورىشى مۇمكىن. ئائىلىمۇ كىچىك بىر جەمىيەت ،شۇڭا ئائىلىنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئائىلە يىغىنى ئېچىش ئارتۇق ئىش بولمىسا كېرەك.

  ئۇنداقتا ،ئائىلە يىغىنىنى قانداق ئېچىش كېرەك؟ ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق،نۇرغۇن ئائىلىلەردە      چوڭلارنىڭ داۋالىنىش مەسىلىسى، بالىلارنىڭ ئوقۇش ،خىزمەت ،توي ئىشى قاتارلىقلاردا ئائىلىدىكىلەر بىر يەرگە جەم بۇلۇپ با مەسلىھەت ئىش قىلىدىغان  ئەھۋاللارنى ئۇچرۇتۇپ تۇرىمىز. بۇمۇ ماھىيەتتە بىر ئائىلە يىغىنىدۇر.
ئۆزەمنىڭ ئائىلىسىنى مىسال ئالسام ، بىزنىڭ كىچىك ئائىلىدە ئايدا بىر قېتىم كىچىك ،يىلدا بىر قېتىم چوڭ ئائىلە يىغىنى ئېچىلىدۇ. يولدۇشۇم،باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزىم ۋە مەن ھەر قانداق ئىشنى مەسلىھەتلىشىپ قىلىمىز، خىزمەت ۋە ئۆگۈنۈش جەھەتتە ئۇچرىغان مەسىللەردە پىكىرلىشىمىز ، قىلىۋاتقان ئىشىمىزدىن ئايدا بىر خۇلاسە چىقىرىمىز. يىلدا بىر چوڭ يىغىن ئېچىپ(چوڭ دىگىنىم ئەتراپلىق دىمەكچى) بىز ئۈچىمىز  مۇشۇ بىر يىلدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىللىرىمىزنى،ساقلانغان مەسىللىرىمىزنى،ئائىلە ئۈچۈن ئوينىغان رولىمىزنى،قايسى ئىشنى ياخشى قىلىپ ،قايسى ئىشنى ياخشى قىلالمىغانلىقىمىزنى سۆزلەيمىز .شۇ ئاساستا،نەتىجىسى ئەڭ ياخشىنى تاللاپ ئائىلىمىزنىڭ نەمۇنچىسى قىلىپ سايلاپ چىقىمىز. بۇ قارىماققا بىر كىچىك بالىنىڭ ئىشىدەك كۈرۈنگىنى بىلەن ،ئەمىلىيەتتە ئەھمىيىتى چوڭ ئىز. بۇلۇپمۇ پەرزەنتلەرگە كۆرسىتىدىغان ئىجابى تەسىرى چوڭ.

  مەن مۇشۇنچىلىك سۆزلەي، بۇ ھەقتە مەن بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايدىغانلار ياكى باشقىچە پىكىردە بولىدىغانلار قېنى مۇنازىرىگە مەرھەمەت!

ئەسكەرتىش: مەن پەقەت ئائىلە يىغىنى ئۈستىدە توختالدىم،ئىنكاس يازغاندا تېمىدىن چەتنەپ كەتمەڭ.

  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8391
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5727
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2011-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-7 06:04:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئائىلە يىغىنىنى چوقۇم ئىچىشقا تىگىشلىك.

بىراق مۇشۇ كۈنلەردە مەن ئەڭ سەسكەنگەن يىغىن ،ئەمەلگە ئاشماس قۇرۇق ۋەدىنى تولا بەرگەن،ئۆزى مىڭلىغان ئون مىڭلىغان شۇئارلارنى توۋلاپ تۇرۇپ، تۇلۇم چاشقان كەبى بوردىلىۋاتقان، قىسقىسى تۇمۇزدا ئادەمنى مۇزلىتىدىغان قىلىقلىرى .

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5534
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 116072
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 6785 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-7 06:05:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ناھايىتى ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىكەن . مۇشۇنداق يىغىلىش ئارقىلىق ھەممە مەسىللىنى ھەل قىلساق نىمە دىگەن ياخشى.

يۈرۈگۈم نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇقتۇرغىن!

كۆڭۈللەر ئاللاھ

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4314
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10999
تۆھپە نۇمۇرى: 413
توردا: 1384 سائەت
تىزىم: 2010-7-19
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-7 06:24:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زورۇر دەپ قارايمەن .
بىزغۈ يىغىن ئاچمايتۇق ؛
ئاپام قىززىق ئايالدە،ئاپام دادامنىڭ گىزىت ئىلىشىغا قەتئىي قارشى ئىدى ،شۇڭا ماڭا پۇل جىقراق كەتكەندە بىراقلا ھىسابلايتىدە ،
-قارىسا  گەپ قىلمىسام ئۆينى ئەخلەتكە تۇشقۇزۇپ نەگە قايلىسا ماي پۇرايدىغان قەغەزنى بىشىغا يىغىۋالغان ،ما قىزى تىخى نەگە قايلىسا قەغەز ،ئاچچىقىم كەلسە  ھەممىسىگە ئۆت قويۋىتىمەن -دەپ گىزىتتىن باشلاپ بىر باشلىغىنى تۇرسا ئۆتكەن يىلدىكى دادامنىڭ كەچ كەلگەن  ،مىنىڭ ئۈگنىش قىلمىغىنىدىن تارتىپ سۆزلەيتى .
-ما  ئۆيدە دادىلرى گىزىتتىن باشقا  نەرسىگە پۇل خەجلىمەيدۇ ،سىلە نىمانداق قىز  بالاھە ؟  پۇل  يەتەملا  يە ؟-دەپ تاس قالىتى 10 يىل ئىلگىركى پۇلنىڭ ھىسابىنى قىلغىلى ، شۇنۈڭ بىلەن دادام بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئانامنى چۇشەنمەيدىغانلىقى بىر تىلغا ئىلىنىپ ئانامنىڭ جاپاسى سۆزلىنەتتى ،دادام قىززىقچىدە
-خوتۇن ، كىيىم كەيگىڭلا كەپ قاپتۇ  دە ،ھىرىپ قالدىڭلا  چاي ئىچىڭلا  -دەپ چاي سۇنىتى ،ۋاي  بولدى  شۇنۈڭ بىلەن ئىغىز دىگەن پىلمۇتنى بىكا كويغىدەك ئىچىلىپ كىتەتتى .
ئاخىرى دادام
-پۇل سىلىدە،ھىچكىم ئىلىۋالماپتۇ ،مىڭلا بالا بىلەن چىقىپ خەجلەپ چىرىڭلار ،ھىلى دۇككاننى تاقايدۇ -دەپ يولغا سالاتتى ،شۇۈڭ بىلەن دادام يىغىن ئىچىپ دادام ۋە مىنىڭ جاپا چىكىۋاتقانلىقىمىزنى لىكىن ئانامنىڭ بىزگە ياخشى خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى دەپ ماڭا نەسىھەت قىلاتتى .يىغىن ئاخىرلىشاتتى ،ئانام  ئىككى  كۈن ھىجىيىپ يۇرىتى

غەم قىلما بەندەم غەمخانەڭ مەن دەپتىكەن ئاللا ،تەۋەككۈل دەرياسىغا سالغىن كىمە ،گاھ لەيلە گاھ چۆكە غەم يىمە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24999
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2028
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2011-1-4
ئاخىرقى: 2011-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-7 08:58:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىر پىسخولوگنىڭ بۇ ھەقتە توختالغىنىنى ۋە ئائىلە يىغىنىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، ئائىلە يىغىنى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. نورمالدا ئەر _ خوتۇنلار ئولتۇرۇپ تەپسىلىي  مۇڭدىشىپ كەتمەيدۇ، بۇ پۇرسەتتە ھەم ئەر _ خوتۇن بىر بىرىنىڭ دەردىنى تىڭشاپ بىرلىكتە مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى ھەم بالىلارنى ئۆيدىكى ئىشلار ھەققىدە پىكىر قاتناشتۇرغۇزۇپ، ئۇلاردا ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

چاياننىڭ چېقىشى دۈشمەنلىكىدىن ئەمەس، تەبىئىتىدىن!

بەخىتلىكمەن....

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7651
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5342
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 3655 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-7 10:24:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاكام ئىككىمىز باشلانغۇچ،تۇلۇقسىزدا  ئۇقىغان چاغلاردا ھەر چارشەنبە كەچ ئائىلە يىغىنى ئېچلاتتى ، دادام مەكتەپتىكى ئۇقۇشىمىز، ئىشلگەن تاپشۇرۇق، ئىلىنغان ئىمتھان ھەممە ھەممىنى تەكشۈرۈپ ئىنىقلايتتى ،بىز مۇشۇ چارشەنبە كۈنىدىن بەك قورقايتتۇق.ئاپام ئارسىمىزغا كىرىپ بىزگە يان باساتتى. دادام ئۈگنىشتە بىزنى  قاتتىق تۇتاتتى. ھازىر چۇڭ بولۇپ توي قىلىپ كەتتۇق.ئەمدى بىزمۇ كەلگۈسى كۈنلەردە بالىلىرىمىزغا ئاچامىز.

يادىڭدىمۇ ئېيتچۇ سەن تۇغۇلغاندا، ھەممە كۈلگەنكەن سەنلا يىغلغان. شۇنداق ياشىغىنكى كېتەر چىغىڭدا، ھەممەيلەن يىغلسۇن سەن ماڭغىن خەندان.

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 883
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9290
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 7199 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-7 11:58:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس. ئائىلە جەمىيەتنىڭ ھۆجەيرىسى،ئائىلە ساغلام بولسا ،جەمىيەت مۇقىم بولىدۇ.ھازىرقى كۆپ قىسىم  ئۇيغۇر ئائىلىلىرى تۆت كېشىلىك ئائىلىلەردۇر ،ئاتا-ئانىدىن باشقا يەنە ئىككى بالا بار . ئاتا-ئانا بولغۇچى  ئائىلىنىڭ ساغلام تەرەقىياتى ئۈچۈن ،ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك ئورنى ۋە سالاھىيىتىگە خاس ئەخلاق ساپا يېىلدۇرۇشى كېرەك .سەن ئۆزەڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرۇچنى ئادا قىلماي ،ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئەخلاق ساپاسىنى  ھازىرلىماي تۇرۇپ،بالىلارغا يېغىن ئاچساڭ ،ئۇ يېغىننىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ.چۈنكى سەن بالىلارنىڭ ئۈلگىسى  .ئەگەر سەن ئائىلىدە نوپۇزىڭنى تىكلىيەلىگەن بولساڭ ،ئۇنداقتا سېنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزىڭنىڭ ئۆزى يىغىننىڭ قارارىدۇر .ئۇنداقتا يېغىن ئىچىشنىڭ تېخىممۇ ھاجىتى قالمايدۇ،پەقەت ئىشلارنى ئەر-ئايال مەسلىھەتلىپ قىلسىلا بولدى. مېنىڭچە ،«جەمەت» يىغىنىنى قەرەللىك ئېچىش  شۇ جەمەتنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئىنتايىن موھىم رول ئوينايدۇ .بۇ يېغىنغا شۇ «جەمەت»نىڭ چوڭلىرى رېياسەتچىلىك قىلىشى كېرەك.

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش