|
|
|
|
جۇڭگونىڭ 99 داڭلىق ماركىسى 2010-يىللىق دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىق ماركىلار قاتارىغا كىردى .
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ1-ئاينىڭ 6-كۈنى كۇئالالومپۇردىن يوللىغان تېلگىراممىسى(مۇخبىر جاۋ شېڭ [align=justify]يۈ) :"دۇنيا داڭلىق ماركا قۇرۇلتىيى 7-نوۋەتلىك يىللىق يىغىنى"6-ئايدا كۇئالالومپۇردا "2010-يىللىق دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك داڭلىق ماركا"نى ئېلان قىلدى.جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائەتچىلىكى، جۇڭگو نېفىتچىلىكى،جوڭگو قاتناش قۇرۇلۇش گۇرۇھى،شېنخۇا گۇرۇھى،خەيئېر گۇرۇھى،جوڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى،چاڭجىياڭ ئوقەتچىلىكى،خوڭخەي پەن- تېخنىكا گۇرۇھى قاتارلىق 99 كارخانا داڭلىق ماركا تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى.
بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو ئىچكىرى ئۆلكىدىن جەمئىي86 داڭلىق ماركا كارخانىسى تاللاندى.جۇڭگو شىياڭگاڭدىن 5 داڭلىق كارخانا،جوڭگو تەيۋەندىن 8 داڭلىق كارخانا تاللاندى.بۇ تاللانغان داڭلىق ماركىلىق كارخانىلارنىڭ يىللىق تىجارەت كىرىمى 100مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ.
جۇڭگو ئىقتىسادى سودا مەبلىغى سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى،دۇنيا داڭلىق ماركىلار قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى جوۋ جىياڭ شەن جۈن تونۇشتۇرۇپمۇنداق دېدى: دۇنيا داڭلىق ماركىلار قۇرۇلتىيى داڭلىق كارخانىلىرىنىڭ2010 -يىلىدىكى ئىپادىسىنى كۆپ تەرەپلىك كۆزىتىش ئارقىلىق داڭلىق ماركا كارخانىلارنى تاللاپ چىقتۇق،نۇقتىلىق قوللانغان ئۆلچىمىمىز : دۇنيا ئىقتىسادى تەرەققىياتىدىكى تۆھپىسى،كەسىپ ساھەسىدىكى تەسىرى،ئاممىنىڭ قەلبىدىكى ئىناۋىتى،تىجارەت باشقۇرۇشتىكى يېڭىلىق يارىتىش كۈچى،بازار پايدىسدىكى ئېشىشچانلىقى،داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىدىكى يۇقىرى كۆتۈرۈشچانلىقى،ئاخبارات ۋاستىسىدىكى ئىپادىسى،جەمئىيەتتىكى ئىناۋىتى قاتارلىقلار بار.
جۇڭگو سودىگەرلەر ئاپپاراتى دۇنيا داڭلىق ماركا تەشكىلاتى،جۇڭگو –ئامېرىكا ئىقتىسادى سودا مەبلىغى سودىگەرلەر جەمئىيىتى،ياۋروپا-ئامېرىكا-ئاسىيا سودا –سانائەت ھەمكارلىق تەشكىلاتى ،ئىناقلىق ساغلاملىق جەمئىيتى يەرشارى ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىرلىشىپ رىياسەتچىلىك قىلغان"2010-يىللىق دۇنيا داڭلىق ماركا قۇرۇلتىيى 7-نوۋەتلىك يىللىق يىغىنى"نىڭ ئاساسىي مەقسىتى "دۇنيا داڭلىق تاۋار ماركىلىرىنى جۇڭگوغا مەبلەغ سالغۇزۇپ،جۇڭگونىڭ شەھەرلىشىشى ۋە كارخانىلىشىشىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش"،يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى بولسا "يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپكە ئېرىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش."
مىسرانىم تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن گۈلبىكە تەرجىمىسى.
مەنبە: http://finance.people.com.cn/GB/13671025.html
|
|
|
|
|
|