مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 669|ئىنكاس: 1

ئۇيغۇرلاردىكى سارغايدى مەشرىپى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12625
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8487
تۆھپە نۇمۇرى: 439
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2014-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 03:17:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلاردىكى سارغايدى مەشرىپى                             

                                  تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس  

  مەدەنىيەت گەرچە تەرەققىيات، يۈكسىلىش، ئىلغارلىق... دېگەنگە ئوخشاش ئىجابىي ئاتالغۇلارغا ئوڭ تاناسىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەممە ئادەمگە چۈشىنىشلىك ئىزگۈ ئاتالغۇ بولسىمۇ، لېكىن ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەزمۇنلارنىڭ تولىمۇ موللۇقى بىلەن مەۋھۇملۇققا ئىگە. شۇڭا ھەر بىر دۆلەت، ھەر بىر مىللەت ئۆز مەدەنىيىتىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇنى ئاز بولمىغان ئايرىم كونكرېت مەزمۇنلار ئارقىلىق روشەن ئېنىقلىققا ئىگە قىلىدۇ. خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قاراپ باقىدىغان بولساق، مۇقام، مەشرەپ، نورۇز، تېبابەت... دېگەنگە ئوخشاش بىباھا گۆھەرلەرنىڭ نۇر چېچىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز.     ھەممىگە ئايانكى، ئەسىرلەرنى ئەسىرلەرگە، ئەجدادلارنى ئەۋلادلارغا ئۇلاپ كەلگەن نورۇز بىلەن مەشرەپ، تارىخنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى رېئاللىقتىمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتمىغانلىقى، جۈملىدىن ئاممىۋىلىقىنىڭ كۈچلۈكلۈكى بىلەن ئۆز ئەۋزەللىكلىرىنى ھېلىھەم نامايان قىلىپ كەلمەكتە. مەن ئاشۇلارغا يانداشقان ھالدا، تۆۋەندە پەقەت نورۇز ئايىمىدىلا ئوينىلىدىغان «سارغايدى مەشرىپى» ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.    «سارغايدى مەشرىپى» تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، يۈرۈشلەشكەن ئۇسسۇل ھەرىكىتى بىلەن ئاھاڭ مېلودىيىسىنىڭ تەبىئىيلىككە يېقىنلىقى، مەزمۇنىنىڭ مول، شەكلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئۆزىگە خاس ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن «دولان مەشرىپى» نىڭ ئالاھىدە بىر تۈرى بولۇپ، سەنئەتخۇمار دولان خەلقىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ھاياتىغا كىرىپ كەلگەن ئۇزاق تارىخىي جەريانلار داۋامىدا، تەدرىجىي ھالدا نورۇز بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، دولان مەشرىپىنىڭ باشقا تۈرلىرى باشقا پائالىيەت، باشقا سورۇنلاردا ئورۇندالسا، «سارغايدى مەشرىپى» مەخسۇس نورۇز ئايىمىدا يىلدا بىرلا قېتىم ئورۇندىلىنىدىغان كاتتا مەشرەپكە ئايلانغان.    «سارغايدى مەشرىپى» دە ئەل ئىچىدىكى بارلىق پائالىيەتلەر، جۈملىدىن ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش، سارغايدى ئويۇنى، بۇقا - قوچقار ۋە خوراز سوقۇشتۇرۇش، ۋايىزلىق قاتارلىق خىلمۇ خىل ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەر مەشرەپنىڭ مەزمۇنى قىلىنىپ كەلگەن. دولان ئەلنەغمىچىلىرى ئىچىدىكى پېشقەدەملەرنىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا «سارغايدى مەشرىپى» ئۆتكۈزۈلسە، خۇددى ھازىرقى كۈندە كاتتا تەنھەرىكەت يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلگەندە ھەر قايسى كوماندىلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەيۋەت بىلەن مەيدانغا كىرىپ كەلگەنگە ئوخشاش، «سارغايدى مەشرىپى» ئۆتكۈزۇلىدىغان يۇرتقا ئەتراپتىكى قوشنا يۇرتلاردىن كېلىدىغانلارمۇ، يۇرت ئاقساقاللىرىنى ئېسىل ئارغىماقلارغا مىنگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن نەغمىچىلەر «جولا مۇقامى» غا توۋلاپ، ئۇسسۇلچىلار ئۇسسۇل بىلەن، بەيگىچىلەر ۋە ئوغلاقچىلار ئاتلىرى بىلەن، ھايۋانات سوقۇشتۇرغۇچىلار بۇقا - قوچقار خورازلىرى بىلەن، ۋايىز - مەدداھلار ساپايىلىرى بىلەن داغدۇغىلىق يېتىپ كېلىدىغان ئادەتلەر بولغان.    شۇنىمۇ قەيت قىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، ئادەتتە دولان مەشرەپلىرى بىر ئائىلە، بىر جەمەت ياكى بىر يۇرتنى بىرلىك قىلغان ئاساستا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇنداق مەشرەپلەر ئۇزاق تارىختىن بۇيان تەدرىجىي قېلىپلىشىپ قالغان مۇقام توۋلاپ نەغمە قىلىش، تۆت ئۆزگىرىشلىك يۈرۈشلەشكەن ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى تاماملاش، دەرە (پوتا) ئويناش، بىر - بىرىگە چاي تۇتۇپ بېيىت - قوشاق ئېيتىشىش، قىزىقچىدىن بىرنى قەستەن گۇناھكار قىلىپ جازالاپ، مەشرەپ ئويۇنلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈش قاتارلىق تەرتىپلەر بويىچە داۋاملىشىدۇ. ئەمما نورۇز ئايىمىگە بىرلەشتۈرۈپ يىلدا بىرلا قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «سارغايدى مەشرىپى» مەيلى مەزمۇن، مەيلى شەكىل جەھەتتىن بولسۇن، باشتا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمدەك، باشقا مەشرەپلەردە بولمىغان كۆپ خىل ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، بۇ مەنادىن ئېيتقاندا ئۇنى «خەلق مەدەنىيىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال يەرمەنكىسى» دېيىش مۇمكىن.     يەنە بىر نۇقتا شۇكى، قاتنىشىدىغان ئادەم سانىنىڭ كۆپلۈكى، داغدۇغىسىنىڭ چوڭلۇقى، پائالىيەت تۈرىنىڭ موللىقى ۋە يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان نورۇز ئايىمىدىلا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىدىن باشقا، «سارغايدى مەشرىپى»نىڭ يەنە بىر ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى - ئۇنىڭ رىقابەت خاراكتېرىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدە بولۇپ، يۇرت - يۇرتلاردىن كەلگەن نەغمىچىلەر ئاۋازىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ جاراڭلىقىلىقى بىلەن بەسلەشسە، ئۇسسۇلچىلار ئۇسۇل ماھارىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن بەسلىشىدۇ. بەيگىچىلەر ۋە ئوغلاقچىلار ئاتلىرىنىڭ يۈگرەكلىكىنى كۆز - كۆز قىلىشسا، ھايۋانات سوقۇشتۇرغۇچىلار بۇقا، قوچقار ۋە خورازلىرىنىڭ نوچىلىقى بىلەن ماختىنىدۇ. مەشرەپتىكى بارلىق پائالىيەتلەر ئارىسىدا رىقابەت ئەڭ كەسكىن بولىدىغىنى يەنىلا «سارغايدى» ئويۇنى بولۇپ، ئېگىزلىكى 10 مېتىردىن ئاشىدىغان «سارغايدى» مومىسىغا چىقىپ ئۇچقاندا، بىر يۇرتنىڭ ماھىرى ئاق كىيىم كىيسە، يەنە بىر يۇرتنىڭ ماھىرى قارا كىيىم كىيىدۇ. نەچچە ئون مىنۇت، ھەتتا نەچچە سائەت داۋاملىشىدىغان ئاشۇ ئۇچۇش جەريانىدا، قايسى يۇرت ماھىرىنىڭ بېشى قېيىپ، سارغايدىدىن چۈشۈشنى بالدۇر تەلەپ قىلسا، شۇ يۇرت ئۇتتۇرغان ھېسابلىنىدۇ. ئۇتقان ماھىرلار يەنە باشقا يۇرتنىڭ ماھىرىلىرى بىلەن تاكى رىقابەتچىسى قالمىغىچە مۇسابىقىلىشىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇتۇپ چىققان ماھىر قايسى يۇرتتىن بولسا، كېلەر قېتىمقى «سارغايدى مەشرىپى» نى ئۆتكۈزۈش شەرىپى شۇ يۇرتقا مەنسۇپ بولىدۇ. «سارغايدى مەشرىپى»دېگەن ئىسىممۇ ئەنە شۇ ئادەتتىن كېلىپ چىققان.     يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ھەر قېتىملىق «سارغايدى مەشرىپى» دە كېلەر قېتىملىق مەشرەپ ئۆتكۈزۈش نۆۋىتىنى تالىشىش رىقابىتى تولىمۇ كەسكىن بولىدىغان بولغاچقا، بىر يۇرتقا ۋاكالىتەن «سارغايدى»غا چىقىپ ئۇچۇپ، بارلىق رىقابەتچىلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، نۆۋەتنى ئۆز يۇرتىغا ئېلىپ بېرەلىگەن ماھىرلارنى شۇ يۇرت ئاقساقىلى يۇرت خەلقىگە ۋاكالىتەن نەق مەيداندىلابەلۋاغ، ئوغلاق، قوي... قاتارلىق ماددىي نەرسىلەر بىلەن مۇكاپاتلاشمۇ بىر ئادەتكە ئايلانغان. ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىگە قارىغاندا، 1952- يىلى مەكىت ناھىيىسىنىڭ ھازىرقى يانتاق يېزىسى تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق «سارغايدى مەشرىپى» دە، قاسىم ئىسىملىك بىر يىگىت ھەممە رىقابەتچىلىرىنى ئۇتۇپ چىققاندا، شۇ يۇرتنىڭ ئاقساقىلى نەق مەيداندا بار بولغان بىر قىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ رازىلىقىنى ئالغاندىن كېيىن، تويلۇقنى ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ، نەق مەيداندىلا نىكاھ ----.    «سارغايدى مەشرىپى» دە رىقابەت كەسكىن بولىدىغان 2- تۈر مەشرەپتىكى تۆت ئۆزگىرىشلىك دولان ئۇسسۇلىنىڭ ئاخىرىدىكى «سىرىلما» قىسىمى بولۇپ، پۇت - قول ھەرىكىتىنى ئۇدارغا ماسلاشتۇرۇپ، بىر ئىزىدا تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتماي تېز چۆرگىلەشتە قايسى ماھىر رىقابەتچىلىرىنى شاللىۋېتىپ ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرەلىسە، شۇ ئۇتقان ھېسابلىنىپ مۇكاپاتلانغان.     «سارغايدى مەشرىپى» نىڭ كۈن تەرتىپىمۇ نورۇز ئايىمىنىڭ باشقا تۈرلۈك پائالىيەتلىرى بىلەن تەبىئىي ھالدا جىپسىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، يۇرت - يۇرتلاردىن «جۇلا مۇقامى» غا توۋلاپ كەلگەن نەغمىچىلەرنىڭ بىر - بىرلەپ قوشۇلۇشى بىلەن باشقا ھېچقانداق مەشرەپ تۈرىدە كۆرۈلمەيدىغان ئاجايىپ ھەيۋەتلىك غەغمىچىلەر قوشۇنى شەكىللىنىپ، نەچچە يۈزلىگەن داپ، قالۇن، راۋاب، غىجەك ۋە نەچچە يۈز خىللانغان نەغمىچىنىڭ بەسلىشىپ قىلغان نەغمىسى بىلەن، يۇرت ئاسمىنىنى لەرزىگە كەلتۈرۈپ مەشرەپ باشلانغان. باشقا ئادەتتىكى مەشرەپلەردە تۆت ئۆزگىرىشلىك دولان ئۇسۇلى بەش مىنۇتتىن 10 مىنۇتقىچە داۋاملاشسا، «سارغايدى مەشرىپى» دە ئۇسسۇلچى ماھىرلارنىڭ ئۆز ئارا بەسلىشىشى بىلەن، بىر مەيدان مەشرەپ 30-40 مىنۇتقا، بەزىدە ھەتتا بىر - ئىككى سائەتكە يەتكەن. شۇڭا مەشرەپ ۋاقىتىنىڭ زىيادە ئۇزىراپ كېتىپ، نورۇز پائالىيەتلىرىگە ۋاقىت يېتىشمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش  ئۈچۈن، «سارغايدى مەشرىپى» دە باشقا ئادەتتىكى مەشرەپلەرنىڭ كۈنتەرتىپىدە كەم بولسا بولمايدىغان دەرە ئويناش، چاي تۇتۇپ بېيىت - قوشاق ئېيتىشىش ۋە قىزىقچىدىن بىرنى قەستەن گۇناھكار قىلىپ جازالاش قاتارلىق مەشرەپ ئويۇنلىرى ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرۇلغان.    ئۇدا بىر نەچچە مەيدان مەشرەپ ئوينالغاندىن كېيىن، كۈنتەرتىپ بويىچە ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى، چېلىشىش، بۇقا - قوچقار ۋە خوراز سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش... قاتارلىق نورۇز پائالىيەتلىرى داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ھەر بىر تۈردە ئۇتۇپ چىققانلارغا ئايرىم ئىنئاملار بېرىلگەن. ئەڭ ئاخىرىدا «سارغايدى ئويۇنى» ئوينالغان.    «ئابى ئېشى» ئىچىش، «سارغايدى مەشرىپى» نى باشقا ئادەتتىكى مەشرەپلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان يەنە بىر خاسلىق بولۇپ، گەرچە باشقا مەشرەپ تۈرلىرىدىمۇ ساھىبخان ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ داستىخان سالىدىغان ئادەتلەر بولسىمۇ، لېكىن نورۇز بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن «سارغايدى مەشرىپى» دە، مەشرەپ ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشكەن يۇرت، باشقا يۇرتلاردىن كېلىدىغان سانسىز ئىشتىراكچىلار سىغقۇدەك كاتتا سورۇن تەييارلاپ نەچچە يەرگە داشقازانلارنى ئېسىپ، نەچچە ئون كالا، نەچچە يۈز قويلارنى سويۇپ، نەچچە مىڭ ئادەمگە يەتكۈدەك تاماق تەييارلىغان. بۇ خىل تاماق «ئابى ئېشى» دەپ ئاتىلىپ، كىمنىڭ قاچان قورسىقى ئاچسا شۇ چاغدا قازان بېشىغا كېلىپ، «ئابى ئېشى» ئىچىپ كېتىشكەن.    يۇقىرىقىلاردىن شۇنى ئېنىق ھېس قىلىش مۇمكىنكى، بىرىنچىدىن نورۇز بىلەن «سارغايدى مەشرىپى» گويا «بىر تەن بىر جان» غا ئايلىنىپ ھەم نورۇز ئايىمىنىڭ ھەم مەشرەپنىڭ زىلزىلىسىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرگەن بولسا، ئىككىنچىدىن ئەل ئىچى سەنئىتىدىكى نورمال رىقابەت ئېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاۋام ئارىسىدا ھەر قايسى پائالىيەت تۈرلىرى بويىچە بىر تۈركۈم يۇقىرى ماھارەتلىك كەسىپ ئەھىللىرىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ بۈگۈنكى ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىمىز ئۈچۈنمۇ پۇختا ئاساس سېلىپ بەرگەن.    ئىشىنىمىزكى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە - ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى، كەسپىي ئورگان ۋە كەسپىي خادىملارنىڭ بىر نىيەتتە كۆيۈنۈپ پەرۋىش قىلىشى ئارقىسىدا، نورۇز ئايىمىنىڭ ئەڭ ئەڭ ئۆزگىچە خۇش پۇراق گۈللىرىنىڭ بىرى بولغان «سارغايدى مەشرىپى» يەنىمۇ ھۆسنىگە تولۇپ، تېخىمۇ پورەكلەپ ئېچىلغۇسى.   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12625
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8487
تۆھپە نۇمۇرى: 439
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2014-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 09:56:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتۇرنىڭ ئىسمى يېزىلغان تىمىغا مەنبەنى ئەسكەرتىشنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن؟
چوقۇم ئەسكەرتىش كېرەك بولسا بۇ ماقالىنى خاتىرەمدىن كۆچۈرۈپ يوللۇدۇم. بۇ ماقالىنى تەمىنلەپ بەرگۈچى ھازىرچە مەخپى...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش