|
|
|
|
قوچقار سوقۇشتۇرۇش – ئۇيغۇر خەلق ئاممىسى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، ئەنئەنىۋى ئۇيۇن، دائىم دىگۈدەك خوشاللىق كۈنلىرىدە، يىغىلىش سورۇنلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
«تۈركى تىللار دىۋانى» دا قوچقار سوقۇشتۇرۇش «زاق-زاق، جاق-جاق ھەممىسىلا قوچقارلارنى ئۈسۈشۈشكە ئۈندىگەندە ئېيتىلىدىغان ئىملىق سۆزلەر»، «ئۇنىڭ قوچقارنى بېقىپ كۆندۈرىشى، ئۈسۈشۈشكە سېلىشتۇر» دەپ خاتىرىلەنگەن. مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قوچقار سوقۇشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. قوچقار سوقۇشتۇرۇشقا ئامىراق كىشى ئادەتتە كۆرۈنۈشى ھەيۋەت، كۈچلۈك، مۈڭگۈزلۈك، سوقۇشۇشقا ماھىر قوچقارنى زېھنى بىلەن بېقىپ، كۆندۈرىدۇ. قوچقار سوقۇشتۇرغاندا باشقۇرغۇچى ئىككى قوچقارنى سورۇنغا ئەكىرىپ ھەم ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان ھەرىكەتلەنى قىلىپ، بىر قېتىملىق قوچقارلارنىڭ سوقۇشۇشىنى باشلايدۇ، ئۇلار بىر-بىرىگە ئېتىلىپ كىلىپ ئۆسۈشىدۇ. ھەر قېتىم ئۆسۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ھەر ئىككى قوچقار يەنە ئارقىغا بىر نەچچە مېتىر شوخشۇپ يەنە ئالدىغا يۈگۈرۈپ كىلىپ شىددەت بىلەن ئۈسۈشىدۇ. بۇ خىل ئۈسۈشۈش بىر قانچە قېتىم بولغاندىن كېيىن، بۇنىڭ ئىچىدە بىرسى بەرداشلىق بېرەلمەي ئارقىغا شوخشۇيدۇ ياكى ئالغا ئېتىلمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەڭگەن-يېڭىلگەن ئايرىلىدۇ. قوچقارلاردا بىر غەلىتە ئادەت بولۇپ، سوقۇشۇۋاتقان قوچقارلارنىڭ ئارىدا بىرسى شوخشۇپ ئارقىغا يانسىلا، يەڭگەن قوچقارمۇ ھەرگىز قوغلىمايدۇ. شۈكلەپ قالىدۇ. قايتا سوقۇشمايدۇ. ئادەتتە ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ مەيدان يەڭسىلا، مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. بەزىدە مۇسابىقىدە شاللىۋىتىش ئۇسۇلى بويىچە ئىككى قوچقار تاللىنىپ، سوقۇشۇشقا سېلىنىپ، يەڭگەن تەرەپ مۇكاپاتلىنىدۇ. قوچقار سوقۇشتۇرۇش پائالىيىتى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا كۆپرەك ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ چوڭ-كىچىك، ياش-قېرى ھەممىسىنىڭلا بۇ ئۇيۇنغا ھەۋىسى بار.
مەنبەسى___________ دوستلۇق تورى.
http://www.dostluk.cn/showart_madaniyat.asp?art_id=476
|
|
|
|
|
|