|
|
|
|
نىكاھ .
ئۇيغۇرلارنىڭ توي مۇراسىم ئادىتى ئادەتتە قۇدا چۈشمەك ، چاي ئىچۈرۈش ، مەسلىھەت چاي ، توي مۇراسىمى ، تۇغقانلارنى يوقلاش (قېيىن ئاتا – قېيىن ئانىسىنى يوقلاش) ، تۇغقانلار جەم بولۇش (قۇدىلار ئۆز ئارا زىياپەت بېرىپ تەبرىكلەش) قاتارلىق ئالتە باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ . قائىدە – يوسۇنلار كۆپ بولۇپ ، بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ . شەھەرلەردىكى توي مۇراسىمى ئادىتى ، بولۇپمۇ يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بېرى ، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ ، قائىدە – يۇسۇنلار ئاددىيلىشىپ ، ۋاقىت قىسقارتىلدى . ئىلگىرى توي ، توي ئىگىسىنىڭ قوروسى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلەتتى ، قوروسى كىچىكلىرى قوشنىلىرىنىڭ ئۆيى ۋە ئائىلە سايمانلىرىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتەتتى . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ، يېمەك – ئىچمەك ، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدىلەشكەن ئاشخانا ، رېستۇرانلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى . ئەنئەنىۋى قائىدە بويىچە ئۈچ كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان توي ھازىر بىر كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى .
نىكاھ .
يىگىت ئولتۇرىشى.
قىز كۆچۈرۈش.
قىز كەلدى
يۈز ئاچقۇ.
بەخىت تىلەش.بۇلار نىمىدىگەن بەخىتلىك ھە؟.
مەنبەسى: http://www.dostluk.cn/showart_madaniyat.asp?art_id=472
|
|
|
|
|
|