مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8318|ئىنكاس: 105

كورلا شەھىرى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5811
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4889
تۆھپە نۇمۇرى: 990
توردا: 15468 سائەت
تىزىم: 2010-8-7
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 12:27:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كورلا نامى ھەققىدە


ﻛﻮﺭﻻ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻜﯩﮕﻪ ، ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﭼﯧﺘﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ . ﻣﯩﻨﮕﻮﻧﯩﯔ 28 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﻧﻰ 1930 - ﻳﯩﻠﻰ ﻧﺎﻫﯩﻴﻪ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺍﺷﻪﻫﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ . 1979 - ﻳﯩﻠﻰ ﻛﻮﺭﻻ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ، ﻛﻮﺭﻻ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﻰ 1983 - ﻳﯩﻠﻰ ﻛﻮﺭﻻ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﯞﯦﺘﯩﻠﺪﻯ .
ﻛﻮﺭﻻ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﺑﺎﺭ :
ﻛﯚﻧﭽﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﺌﻪﮔﯩﻢ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭙﻼ ﺋﺎﻗﺘﺎﻍ ﻳﺎﻗﯩﻼﭖ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﺋﺎﻗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺋﯧﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯛﭖ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻛﻮﺭﻻ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﻳﯧﻴﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭼﻮﯓ - ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﯚﻟﭽﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺟﺎﻱ "ﻛﻮﻳﻼ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻳﯩﻠﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﻳﻮﻝ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﻗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯚﻟﻠﻪﺭ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺑﯩﻨﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺩﯦﻤﻪﻙ ، ﻛﻮﺭﻻ "ﻛﻮﻳﻼ" ﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ ، ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ "ﻛﯚﻟﭽﻪﻙ" ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . "ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ" ﺩﺍ : "ﻛﻮﻳﻼ" -- ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ("ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ " 3 - ﺗﻮﻡ 59 - ﺑﻪﺕ) . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ "ﻛﻮﻳﻼ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ "ﻛﯚﻟﭽﻪﻙ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ "ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﻛﻮﺭﻻ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﻛﯚﻧﭽﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﺌﻪﮔﯩﻢ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﯩﻐﯩﻼ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ "ﻛﻮﻳﻼ" (ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ) ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ

كورلا شەھىرى تەڭرى تېغىنىڭ تارمىقى بولغان خورا تېغىنىڭ ئېتىكىگە، تارىم ئويمالىقىنىڭ شەرقىي شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي قىسمى باغراش ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي قىسمى لوپنۇر ناھىيىسى بىلەن، غەربىي قىسمى بۈگۈر ناھىيىسى، شىمالىي قىسمى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى، خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 110 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 92 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى 7449.7 كۋادرات كىلومېتىر. كورلا شەھىرىگە 10 يېزا، 6 مەھەىللە باشقارمىسى، 56 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. شەھەر تەۋەسىدە تارىم نېفىتلىكىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش، ئېچىش قوماندانلىق شىتابى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش باشقارمىسى، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ يېزا ئىگىلىك 2 - شىسى قاتارلىق ئورۇنلار بار. شەھەر رايونى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقى 464 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 295 مىڭ 700، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 30.74% نى، خەنزۇلار 65.51% نى، باشقا مىللەتلەر 3.75% نى تەشكىل قىلىدۇ. كورلا غەربىي خەن دەۋرىدە چىدىر دۆلىتى دەپ ئاتىلىپ غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە تەۋە بولغان. شەرقى خەن دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا كىنگىت دۆلىتى قوشۇۋالغان. سۈي، تاڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە غەربىي تۈركلەرگە، يۈەتن سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق دىۋان ۋازارىتىگە تەۋە بولغان. چىن سۇلالىسى دەۋرىدە قاراشەھەر خان ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگونىڭ 6 - يىلى (1917 - يىلى) كورلا ئامبال ياردەمچىسى قويۇلغان. تەۋەلىك جەھەتتە قاراشەھەر ۋىلايىتىگە قارىغان. مىنگونىڭ 19 - يىلى ( 1930 - يىلى) باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئۆزگەرتىلىپ قاراشەھەر مەمۇرىي رايونىغا قارىغان. مىنگونىڭ 28 - يىلى (1939 - يىلى) ناھىيە بولغان، تەۋەلىك جەھەتتە قاراشەھەر مەمۇرىي نازارەت ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاراشەھەر ۋالىي مەھكىمىسىگە، كورلا مەمۇرىي مەھكىمىسىگە، بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارىغان. 1979 - يىلى كورلا شەھىرى تەسىس قىلىندى. 1984 - يىلى كورلا ناھىيىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، كورلا شەھىرىگە قوشۇۋېتىلدى. ھازىر كورلا شەھىرى - بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئورگىنى تۇرۇشلۇق جاي. يېرىنىڭ شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، يەلپۈگۈچسىمان قىيپاش بوستانلىق شەكىللەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تاغلىق 17.8% نى، تاغ ئالدىكى چۆللۈكلەر 11.4% نى، قۇملۇق 17.6% نى، بوستانلىق 53.2% نى تەشكىل قىلىدۇ. كۈنچى دەرياسى بىردىنبىر چوڭ دەريا بولۇپ، يىللىق ئېقىم مىقدارى 1 مىليارد 210 مىڭ كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 439 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋاناتلاردىن سۇر بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگۇز، قىرغاۋۇل، ياۋا توشقان قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈكلەردىن قومۇش، لوپنۇر كەندىرى، چۈچۈكبۇيا، يولغۇن، توغراق، چاكاندا قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، ساپال توپىسى، ھاك تاش، دولومىت تاش، مەرمەر تاش، گەج قاتارلىقلار بار. كورلا شەھىرىنىڭ ئىقلىمى ئىسسىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى قۇرغاۇق كىلىماتىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4℃، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 40℃ قا چىقىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا - 28.1℃ قا چۈشىدۇ. يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 80.7 كۈن 30℃ دىن يۇقىرى ئىسسىق بولىدۇ. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2990.0 سائەت. 10℃ نىڭ يىغىلىما تېمپېراتۇرىسى 4273℃. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 51.1 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2788.2 مىللىمېتىر. بۇ شەھەر يېڭىدىن گۈللەنگەن سانائەت شەھىرى. ھازىر توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، قەغەزچىلىك، ماشىنسازلىق، ئېلېكترون، كۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى. قۇرۇلۇقش ماتېرىياللىرى، خىمىيە سانائىتى، تېرە - خۇرۇمچىلىق قاتارلىق كەسىپىلەر ئاساس قىلىنغان سانائەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىمۇ بىرقەدەر كۆرۈنەرلىك ئۈستۈنلۈكى بار. ھازىر 19 مىڭ گېكتار (285 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 93 مىڭ 300 گېكتار (1 مىليون 400 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر، 44 مىڭ 500 گېكتار (668 مىڭ مو) ئورمانلىق، 348 مىڭ 700 گېكتار (5 مىليون 230 مىڭ مو) ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، نەشپۈت، كۆكتات قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە كورلا نەشپۈتىنىڭ پوستى نېپىز، ئىچى يۇمشاق، چۈرۈك، سۇلۇق، تاتلىق بولۇپ، ئىچكى - تاشقى بازارلاردا داڭقى بار. چارۋىلاردىن كالا، قوي، چوشقا، ئېشەكنى ئاساس قىلىدۇ. كورلا شەھىرىنىڭ ئاساس مۇئەسسسەسەلىرى بىرقەدەر ياخشى. 314 -، 218 - دۆلەت تاشيولى شەھەر تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. شەھەر - يېزا تاشيوللىرى ھەممە يەرگە تۇتىشىپ كەتكەن؛ بىۋاسىتە ئۈرۈمچى، شىئەنگە بارىدىغان تۆمۈريول، بىۋاسىتە بېيجىڭ، جىنەنگە ئۇچىدىغان ھاۋا لىنىيىسى بار بولۇپ، تاشيول، تۆمۈريول، ئاىئاتسىيە، توروبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ستېرېئولۇق قاتناش ترانسپورتى تورى شەكىللەندى. 32 مىڭ پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تېلېفون تورىغا تۇتاشتۇرۇلدى، سىمسىز چاقىرغۇ، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئاپپاراتلىرى كەڭ قوللىنىلماقتا. مەدەنىي يادىكارلىقلاردىن باشئەگىم، ئۈزگەن قەدىمكى شەھىرى، نوۋرېچى قەدىمكى شەھىرى، ئەللىك كەتمەن شەھىرى، چەرچى تۆپىلىكى ۋە قەدىمكى ساپال بۇيۇملار قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن باغراش كۆلى سۇ چىقىرىش پونكىتى مەنزىرىلىك رايونى، نېلۇپەر كۆلى، قۇياش ئارىلى قاتارلىقلار بار.



جەنۇبى شىنجاڭدىكى 2جى چوڭ مەسجىد


ئىتىپاق سودا بازىرى

بۇستان سودا بازىرى

شەھەر ئىچى مەنزىرىسى

شەھەر ئىچى مەنزىرىسى

خەلىق مەيدانى

كۈنچى دەرياسى

كۈنچى دەرياسى

ئاققۇ كۈلى(دەريا ئەمەس)

لوپنۇر مەنزىرىسى

باش ئەگىمدىكى تاھىر زۈھرە قەبرىسى


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
زۇلقەر + 500 كۆپ  تەششەككۈر   ...

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 500   باھا خاتىرىسى

ھەرتاڭنىڭ، بىر كېچىسى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 2858
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5764
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9897 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 12:56:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ  ئاققۇ كۆلى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

مەن ھاياتنىڭ جىنازىسىدا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 236
يازما سانى: 532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 54871
تۆھپە نۇمۇرى: 378
توردا: 3468 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 12:57:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزۈم  كورلىلىق   تۇرۇپ كورلا ھەققىدە  بىلمەيدىغىنىم كۆپ ئىكەن  ....تېما  ئىگىسىگە تەشەككۈر  ...

ئۆلۈمدىن باشقا ھەممىسى يالغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1039
يازما سانى: 1244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13876
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 723 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 01:03:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ ھەقىقەتەن قول قويدۇم گۈزەللىكىگە.......

يىيىش ئۈچۈن ياشىماي،ياشاش ئۈچۈن يەڭ====چۇنكى ھايۋانلار يىيىش ئۈچۈن ياشايدۇ----

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24431
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6119
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2011-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 01:08:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز گە كۆپ رەھمەت !يۇرتىمىز كورلا ھەقىقەتەن بەكلا گۈزەل !بەكلا جەلىپكار !!مەن كورلا شەھىرىمىزنىڭ مەنزىرلىرىدىن يەنە بىر نەچچىنى يوللاي دىسەم ئىنكاس شەكلىدە يوللىغىلى بولمامدۇ نىمە؟؟؟

Abroy بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 01:09:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
گۈلىستا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 01:11:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5811
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4889
تۆھپە نۇمۇرى: 990
توردا: 15468 سائەت
تىزىم: 2010-8-7
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 01:15:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  ☆NIGARA☆ كە 2011-01-06 01:08 AMئەۋەتىلدى  :
سىز گە كۆپ رەھمەت !يۇرتىمىز كورلا ھەقىقەتەن بەكلا گۈزەل !بەكلا جەلىپكار !!مەن كورلا شەھىرىمىزنىڭ مەنزىرلىرىدىن يەنە بىر نەچچىنى يوللاي دىسەم ئىنكاس شەكلىدە يوللىغىلى بولمامدۇ نىمە؟؟؟
بۇلىدۇ ئاستىدىكى ئىنكاس يىزىش دىگەن يەردىن كىرىپ يۇللىسىڭىز بۇلىدۇ

ھەرتاڭنىڭ، بىر كېچىسى بار
گۈلىستا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 01:23:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

مەن پەقەت ئاپئاق

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12338
يازما سانى: 814
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10175
تۆھپە نۇمۇرى: 413
توردا: 601 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2014-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 01:26:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:ياخشىمۇ سىزلەر؟
كورلا شەھىرى ئىنتايىن گۈزەل جاي.مەن ئاللاھ خالىسا بىر ساياھەت قىلىپ كەلمىسەم.

دوستلۇقتىن تاپىدۇ قۇدرەت يەر _جاھان، دوستلۇقتىن نىجاتلىق تاپىدۇ ئىنسان، دوستلۇقتىن لاۋۇلدار يۈرەكتە گۈلخان، شۇڭلاشقا دوستلۇققا سادىقمەن ھامان.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش