[align=justify]
يۈزمىڭ قېتىم تېرىلگەن مۈشۈك ئۇكىڭىزغا ئېيتىپ بېرىڭ
[align=justify]
[align=justify]
[align=justify]
بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىر مۆشۈك بولغانىكەن ، يۈزمىڭ يىلمۇ ياشىيالايدىكەن ، ئۇ مۆشۈك يۈزمىڭ قېتىممۇ ئۆلۈپ يۈزمىڭ قېتىمۇ تېرىلگەن ناھايىتى قاۋۇل ھەم ناھايىنى چىرايلىق تاغىل مۆشۈككەن . بۇ مۆشۈكنىڭ ئېگىلىرىنىڭ ھەممىسى مۆشۈك ئۆلگەندە تولۇمۇ قايغۇرۇپ ،ياش تۆكىدىكەن. بىراق مۆشۈك بىر قېتىممۇ يىغلىمىغانىكەن.
[align=justify]
[align=justify]
مۆشۈكنىڭ پادىشاھنىڭ مۆشۈكى بولغان ۋاقىتلىرى ئىكەن ، پادىشاھ بۇ مۆشۈككە بەكلا ئامراق كەنۇ ،بۇ مۆشۈك پادىشاھنى ياخشى كۆرمەيدىكەن. پادىشاھ جەڭ قىلىشقا ناھايىتى ئۇستا بولۇپ ،ناھايىتى كۆپ جەڭ قىلىدىكەن . ھەرقېتىم پادىشاھ مۆشۈكنىمۇ جەڭ مەيدانىغا ئاپىرىدىكەن. بىر قېتىم ،جەڭ مەيدانىدا مۆشۈككە ئوق تېگىپ ئۆلۈپ قاپتۇ . پادىشاھ جەڭ مەيدانىدىلا مۆشۈكنى قۇچاقلىغىنىچە ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ . پادىشاھ ئوردىغا قايتىپ بېرىپ مۆشۈكنى ئوردىنىڭ ھويلىسىغا كۆمۈپ قويۇپتۇ . [align=justify]
[align=justify]
[align=justify]
[align=justify]مۆشۈكنىڭ ماتىروسنىڭ مۆشۈكى بولغان ۋاقىتلىرى ئىكەن، ماتىروس مۆشۈككە قەۋەتلا ئامراقكەن ،لىكىن مۆشۈك دېڭىزغا بەك ئۆچكەن. ماتىروس دائىم مۆشۈكنى ئېلىپ دېڭىز-ئوكيانلارغا ساياھەتكە چىقىدىكەن. بىركۈنى مۆشۈك ،پاراخۇتتىن سۇغا چۈشۈپ كېتىپتۇ ، ماتىروس بېلىق تورىدا مۆشۈكنى قۇتقۇزۇپتۇ ،لىكىن مۆشۈك ئاللىقاچان تۇنجۇقۇپ قالغانىكەن . كۆڭلى يېرىم بولغان ماتىروس ھۆل بولۇپ كەتكەن مۆشۈكنى قۇچاغلاپ ھۆرەپ يىغلاپتۇ ۋە يىراقتىكى پورتنىڭ يېنىدىكى باغچىغا مۆشۈكنى كۆمۈپ قويۇپتۇ. [align=justify] [align=justify]
[align=justify]
[align=justify]
مۆشۈكنىڭ سېھرىگەرنىڭ مۆشۈكى بولغان ۋاقىتلىرى ئىكەن ، سېھرىگەر بۇ مۆشۈككە بەك ئامراق ئىكەن ، لىكىن مۆشۈكنىڭ سېھرىگەر بىلەن خوشى يوقكەن . سېھرىگەر ھەردائىم ،مۆشۈكنى قاپنىڭ ئىچىگە سېلىپ قاپنى پىچاقتا كېسىپ ئىككى پارچە قىلىپ ، ئارقىدىن يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ سېھرىگەرلىك قىلىدىكەن . بىراق بىر كۈنى سېھرىگەر خاتالىشىپ مۆشۈكنى راستىنلا كېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ . سېھرىگەر ئىككى پارچە بولۇپ كەتكەن مۆشۈكنى كۆرۈپ كۆڭلى يېرىم بولۇپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ . سېھرىگەر مۆشۈكنى كەپىسىنىڭ ئارقىغا كۆمۈپ قويۇپتۇ. [align=justify]
[align=justify]
[align=justify]
مۆشۈكنىڭ ئوغرىنىڭ مۆشۈكى بولغان ۋاقىتلىرى ئىكەن . مۆشۈك ئۇ ئوغرىغا بەك ئۆچكەن . ・ئوغرى بولسا ھەركۈنى كەچتە مۆشۈكنى ئېلىپ خەقنىڭ ئۆيىگە ئوغۇرلۇققا كىرىدىكەن . ئوغرى پەقەت ئىت بار ئۆيگىلام ئوغۇرلۇققا كىرىدىكەن ،چۈنكى ئىت مۆشۈككە خىرىس قىلىپ تۇرغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوغۇرلۇققا كىرىدىكەن . بىركۈنى مۆشۈكنى ئىت چىشلىۋېلىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ . ئوغرىنىڭ كۆڭلى بەكلا يېرىم بولۇپ مۆشۈكنى باغرىغا بېسىپ كېچىدە ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ ۋە كىچىك كەپىسىنىڭ يېنىغا كۆمۈپ قويۇپتۇ[align=justify]
[align=justify]
[align=justify]
[align=justify]
[align=justify]
مۆشۈكنىڭ يالغۇز موماينىڭ مۆشۈكى بولغان ۋاقىتلىرى ئىكەن . موماي مۆشۈكنى بەكلا ياخشى كۆرىدىكەن ، بىراق مۆشۈكنىڭ موماي بىلەن خوشى يوقكەن . موماي بولسا ھەركۈنى مۆشۈكنى قۇچاقلىغىنىچە دېرىزىدىن سىرىتقا قاراپ ئولتۇردىكەن. مۆشۈكمۇ ھەركۈنى موماينىڭ قۇچىغىدا ئولتۇرۇپ ئۇخلايدىكەن .كۈنلەر ئۆتۈپ ئايلار ئۆتۈپ يللار ئۆتۈپ ، مۆشۈك موماي بىلەن بىللە قېرىشقا باشلاپتۇ ۋە ئەڭ ئاخرىدا مومايدىن بۇرۇن ئاخىرەتكە سەپەرقىپتۇ. موماي مۆشۈكنى قوچاقلاپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ ۋە ھويلىسىدىكى دەرەخنىڭ ئاستىغا مۆشۈكىنى كۆمۈپ قويۇپتۇ. [align=justify]
[align=justify]
[align=justify]
مۆشۈكنىڭ بىر كىچىك قىزچاقنىڭ ئامراق مۆشۈكى بولغان ۋاقىتلىرى ئىكەن. مۆشۈك كىچىك بالىغا بەكلا ئۆچكەن . قىزچاق بولسا ئۇخلىغاندامۆشۈكنى قۇچاقلاپ ئۇخلاپ، ئوينىغاندا مۆشۈكنى دۈمبىسىدە كۆتۈرۋېلىپ بىللە ئوينايدىكەن . كۆڭلى يېرىم بولغاندىمۇ مۆشۈكنى يېنىدىن ئايرىمايدىكەن . بىركۈنى قىزچاقنىڭ كىيىمىنىڭ بەلبېغىغا مۆشۈكنىڭ بېشى كىرىپ قېلىپ مۆشۈك تىنالماي ئۆلۈپ قاپتۇ . قىزچاقمۇ مۆشۈكنىڭ بۇرۇنقى ئېگىلرىىگە ئوخشاش مۆشۈكنى قۇچاقلىغىنىچە ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ ۋە مۆشىۈكنى دەرەخنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ قويۇپتۇ . مۆشۈك مانا مۇشۇنداق ئۆلۈپ تېرىلىپ ،يەنە ئۆلۈپ يەنە تېرىلىپ يۈزمىڭ قېتىممۇ ياشاپتۇ . مۆشۈككە نىسپەتەن ئۆلۈش دىگەن ھىچقانداق قورقۇنۇشلۇق ئىش ئەمەسكەن . [align=justify]
[align=justify]
[align=justify]
[align=justify]
[align=justify]
[align=justify] مۆشۈكنىڭ ئېگىسى يوق تالا مۆشۈكى بولغان ۋاقىتلىرى ئىكەن ، بۇ قېتىم ئۇ ئاخىرى ئۆزى-ئۆزىگە ئىگە بولىدىغان ۋاقتى كەپتۇ .ئۇ ئۆزىگە بەكلا ئامراقكەن ،ھەرۋاقىت ئۆزىنى ئويلايدىكەن . بۇچىرايلىق مۆشۈكنى كۆرگەن چىشى مۆشۈكلەرمۇ بۇ مۆشۈكنىڭ مەلىكىسى بولۇشنى ئويلايدىكەن . [align=justify]
[align=justify]
[align=justify]
ئۇلار ھەركۈنى ئۇ مۆشۈككە ، چوڭ بېلىق ، ياخشى چاشقان دىگەندەك ھەرخىل ئوزۇقلۇقلارنى مۆشۈككە ھەدىيە قىلىپ كۆڭلىنى ئىپادىلەيدىكەن .بىراق مۆشۈك بولسا <مەن دىگەن يۈزمىڭ قېتىممۇ ئۆلۈپ تېرىلگەن >دەپ ئۆزىدىن باشقا ھىچكىمنى ياراتمايدىكەن. [align=justify]
[align=justify]
[align=justify]
[align=justify]
[align=justify]
[align=justify]
بىر كۈنى مۆشۈكنىڭ ئالدىغا ناھايىتى چىرايلىق بىر ئاق مۆشۈك ئۇچراپتۇ ، مۆشۈك ئاق مۆشۈكنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا چوڭچىلىق بىلەن دەپتۇ -<مەن يۈزمىڭ قېتىممۇ ئۆلۈپ تېرىلگەن مۆشۈك بولىمەن> ئاق مۆشۈك بولسا <ھە> دەپلا قويۇپتۇ . بۇنىڭ بىلەن مۆشۈكنىڭ ئاچچىقى كەپتۇ ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى بەكلا چوڭ بىلىدىكەن . مۆشۈك ھەركۈنى ئاق مۆشۈككە كۆڭلىنى ئىزھار قىلىدىكەن بىراق ئاق مۈشۈك ئۇنىڭغا بەكلا سوغۇك مۇئامىلە قىلىدىكەن . كۈنلەر ئۆتۈپ ئايلار ئۆتۈپ مۆشۈكمۇ باشقىلارنى ياخشى كۆرۈشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بارا-بارا ھىس قىپتۇ ۋەبۇرۇنقىدەك ئۆزىنىلا ئويلىمايدىغان بوپتۇ ئاخىرى ئاق مۆشۈكنىمۇ ئەمرىگە ئاپتۇ . [align=justify]
[align=justify]
[align=justify]
[align=justify]
[align=justify]
[align=justify]ئاق مۆشۈك نۇرغۇن ئوماق ئاسلانلارنى تۇغۇپتۇ ،مۆشۈك بەكلا خوش بوپتۇ ، ئۇ ئاق مۆشۈك ۋە ،بالىلىرىنى ئۆزىدىنمۇ ياخشى كۆرىدىغان ، ئۆزىدىنمۇ ياخشى ئاسرايدىغان بوپتۇ . [align=justify]
[align=justify]
[align=justify]
ئاسلانچاقلارمۇ چوڭ بولۇپ ،تەرەپ-تەرەپلەرگە كېتىپ قاپتۇ . ئاخىرى مۆشۈك بىلەن ئاق مۆشۈك ئىككىسى يالغۇز قاپتۇ . مۆشۈك بولسا بالىلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆسۈپ يېتىلگىنىدىن خوش ئىكەن. ئىككى مۆشۈكنىڭمۇ يېشى بىريەرگە بېرىپ قاپتۇ ، لىكىن مۆشۈك بولسا ئاق مۆشۈكنى بۇرۇنقىدەكلا ياخشى كۆرىدىكەن . ئاق مۆشۈك بىلەنلا ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرغىچە ياشاشنى ئۈمۈدقىلىدىكەن . [align=justify]
[align=justify] [align=justify]
[align=justify]بىركۈنى ئاق مۆشۈك تاغىل مۆشۈكنىڭ يېنىدا تىنىچ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىپتۇ ، كۆڭلى يېرىم بولغان تاغىل مۆشۈك بولسا يۈزمىڭ قېتىممۇ يىغلاپتۇ ، ئەتىگىنىمۇ ، كېچىسىمۇ ئاق مۆشۈكنى قۇچاقلىغىنىچە يىغلاپتۇ . بىركۈنى چۈشتە مۆشۈك يىغىسىدىن توختاپ قاپتۇ ، چۈنكى مۈشۈكمۇ ئۇئالەمگە كۆزيۇمغانىكەن.
[align=justify] [align=justify]
[align=justify] [align=justify]
مۆشۈك شۇنڭدىن كىيىن قايتا تېرىلمەپتۇ.
مەنبە : ياپۇنىيە بالىلار چۆچىكى <مىلىيون قېتىم تېرىلگەن مۆشۈك> تىن ئازىراق ئۆزگەرتىلدى
[align=justify]