مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2633|ئىنكاس: 22

ئەزەربەيجان ھەققىدە چۈشەنچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 2619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97717
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 2062 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 08:34:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


  دۆلەت نامى: ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى

  مۇھىم بايراملىرى: مۇستەقىللىق كۈنى: 8-ئاينىڭ 30-كۈنى (1991-يىلى)

  دۆلەت رەھبەرلىرى: زۇڭتۇڭ ئىلھام ئەلىيېف، 2003-يىلى 10-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان، 2008-يىلى 10-ئايدا قايتا سايلانغان.

  تەبىئىي جۇغراپىيەسى: ئاسىيا قىتئەسى بىلەن ياۋروپا قىتئەسى چېگرىلىنىدىغان جايدىكى تاشقى كاۋكازنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان، كۆلىمى 86 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر. شەرقىدە كاسپى دېڭىزى بار، جەنۇبتا ئىران ۋە تۈركىيە بىلەن، شىمالدا رۇسىيە بىلەن، غەربتە گىرۇزىيە ۋە ئەرمىنىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئوتتۇرا ئاراس ئويمانلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەرمىنىيە بىلەن ئىراننىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ قالغان ناخىچېۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ۋە ناگورنو قاراباخ ئاپتونوم ئوبلاستى تاشقى زېمىنلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەزەربەيجاننىڭ %50تىن كۆپ زېمىنى تاغلىق بولۇپ، شىمالىدا چوڭ كاۋكاز تاغ تىزمىلىرى، جەنۇبىدا كىچىك كاۋكاز تاغ تىزمىلىرى بار. ئاساسىي دەريا ئېقىنلىرىدىن كۇرا دەرياسى ۋە ئاراس دەرياسى بار. كىلىماتى كۆپ ئۆزگىرىشچان بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

  پايتەختى باكۇ مەملىكەتنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى، شۇنداقلا كاسپى دېڭىزىدىكى ئەڭ چوڭ پورت. بۇ شەھەر ئاپشېرۇن ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، نېفىت سانائەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ، «نېفىت شەھىرى» دېگەن نامى بار. 10 مەمۇرىي رايون ۋە 46 شەھەر-بازاردىن تەركىب تاپقان، يەر كۆلىمى 2200 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 1 مىليون 828 مىڭ 800. 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 4 سېلسىيە گىرادۇس، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 27.3 سېلسىيە گىرادۇس.





  نوپۇسى: 8 مىليون 246 مىڭ (2003-يىل 10-ئايدىكى ئىستاتىستىكا). ئاساسلىق مىللەتلەردىن ئەزەربەيجانلار(%77.3نى ئىگىلەيدۇ)، ئەرمەنلەر(%5.6نى ئىگىلەيدۇ) ۋە رۇسلار(%5.2نى ئىگىلەيدۇ) بار. ئاھالىلەر، ئاساسلىقى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ھۆكۈمەت تىلى ئەزەربەيجان تىلى(ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ جەنۇبىي تۈركىي تىللار تارمىقىغا تەۋە)، رۇس تىلى ئورتاق قوللىنىلىدۇ.

  مىلادى 3-ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە پېرسىيە، ئەرەب خەلىپىلىكى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان. 9-ئەسىردىن 16-ئەسىرگىچە شىرۋان فېئودال دۆلىتى قۇرۇلغان. 11-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە ئەزەربەيجان مىللىتى شەكىللەنگەن. 11-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە سالجۇقىيلار، تاتارلار، تېمۈرىيلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. 16-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە ئىران سەفەۋىيلەر سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1813-يىلى ۋە 1928-يىلى ئەزەربەيجاننىڭ شىمالىي قىسمى رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان. 1917-يىلى 11-ئايدا سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان. 1918-يىلى يازدا ئەنگلىيە ۋە تۈركىيەنىڭ قوراللىق مۇداخىلىسىگە ئۇچرىغان، كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ياردىمىدە سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1920-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەزەربەيجان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان، 1922-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى تاشقى كاۋكاز سوۋېت فېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇلغان، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 30- كۈنى مۇشۇ فېدېراتسىيەنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا كىرگەن. 1936-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت بولغان. 1991-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى دۆلەت نامىنى ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن. شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان، ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.

مەنبە؛خەلق گېزىتى تورى
http://uyghur.people.com.cn/165019/15141188.html

بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1740
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10562
تۆھپە نۇمۇرى: 674
توردا: 5235 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 09:01:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېخىمۇ تەرەققى قىلسۇن قېرىنداش ئازەربەيجان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1087
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7344
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1781 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 09:07:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۆلەتتىكى قاراخانلىلار يېزىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلەرسىزمۇ؟

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

شاكىراپ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16333
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8887
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 383 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2014-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 09:13:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇمۇ مۇسۇلمان دۆلىتىكەندە

ناۋادا سەن بىر ئولجا بولساڭ مەن ھەر ۋاقىت سىنى ئوۋلاشقا تەييار

ھەر بىر كۈن ئىنس

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9112
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 7002 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 09:15:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزەربەيجان ھەققىدە قىممەتلىك مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇق . ئىراندىكى ئازەرلەرمۇ مۇشۇلاردىنمىدۇ ؟!

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19780
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7179
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 4046 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 09:33:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزەر تۇرۇك  مىللىتى ،ئەزەر  تۇركى ئىراندا 20 مىليون دىن ئاشىدۇ، نىجات ئەخمىدى بىلەن زۇڭتۇڭلۇق تالاشقان  ئىرانلىق مۇسايىۋ  ئەزەر تۇركى،،ئەرمىنىيە رۇسىيەنىڭ كۇشكۇرتىشى بىلەن نارگۇ-قارا باغ زىمىنى بىسۋالدى،،ئەزەر تۇركى قۇرال كۇچى ئىشلىۋىتىمىز دەپ تەھدىت قىلىۋاتىدۇ،،،  ئاتا تۇرۇك دۇلىتى تۇركىيە  تۇرۇك مىللىتى ھەم تۇرۇك مىللىتىگە ھەر گىز ساتقىنلىق  قىلمايدۇ،،،ياشىسۇن تۇرۇك مىللىتى، ياشىسۇن ئۇيغۇر [s:132]  [s:132]  [s:132]  [s:132]

غۇرۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19780
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7179
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 4046 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 09:36:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ 5 تۇرۇك مىللىتى   دۆلىتى ھەققىدە  تىما  يوللانسا  دىگەن  ئۇمۇددە،،

غۇرۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 205
يازما سانى: 786
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10782
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 2328 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 09:38:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  sakei كە 2011-01-05 09:36 PMئەۋەتىلدى  :
مۇشۇ 5 تۇرۇك مىللىتى   دۆلىتى ھەققىدە  تىما  يوللانسا  دىگەن  ئۇمۇددە،،
يەتتىدۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19780
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7179
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 4046 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 10:44:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قازاقسىتان،  قىرغىزسىتان ئۇزبەگسىتان،تۇرۇكمەن سىتان  ئەزەربەيجان،تۇركىيە ،،ھە 6تۇرۇك  مىللىتى،،تاجىك سىتان  تۇرۇك  ئەمەس پارىس

غۇرۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1036
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11265
تۆھپە نۇمۇرى: 665
توردا: 8099 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 10:51:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزەربەيجان باي دۆلەت.....مىنىڭ بىلىشىمچە بەكراق روسلىشىپ كەتكەن....بىر قانچە ئەزەرى تونىشۇمنىڭ دىيىشىچە سوۋىتتىن يېڭى ئايرىلغاندا خەلىق روزا تۇتۇپتىكەنمىش ئەمما ھاراقنىڭ ھاراملىقىنى بىلمىگەچكە ھاراقتا ئىپتار قىلاركەنمىش.......ھازىرقى ئەھۋالى خېلىلا ياخشىكەن بۇ قېرېنداشلىرىمىزنىڭ....

ئەتە ئۆلۈپ كىتىمەن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش