مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 743|ئىنكاس: 5

ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ ساياھەتچىلىكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4262
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8423 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 05:15:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ ساياھەتچىلىكى

ناھىيىمىزنىڭ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، سۈيى ئەلۋەك، خەلقى ئىشچان، كۆپ مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان، يېزا ئىگلىكنى ئاساس قىلغان، ساياھەتچىلىكمۇ كۈنسايىن تېزلىشىۋاتقان ناھىيە.

ناھىيىمىزنىڭ 1980-يىللاردىن كېيىن، ئۆزىمىزنىڭ ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك شارائىتى ۋە قەدىمىيلىكى بىلەن داڭ چىقارغان قىرمىش ئاتام ساياھەتچىلىكى تۇمۇر چوققا ساياھەتچىلىكى رايۇنىنى قۇرىدى.

 1) قىرمىش ئاتام مازىرى تەبىئىي ئىكولوگىيىلىك ساياھەت رايۇنىنىڭ قۇرۇلۇشى ناھىيىمىزنىڭ ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك رايۇنلىرى ئىچىدىكى ئاساسلىق ساياھەت بازىسىغا ئايلاندۇردى. ناھىيىمىزگە ساياھەتچىلىكككە كېلىدىغانلارنى ئىقتىسادى كىرىمى يىلدىن – يىلغا ئاشتى، قىرمىش ئاتام ساياھەت رايۇنى ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى، شۇنداقلا ساياھەتكە كەلگەنلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەبىئىي مەنزىرىسى بىلەن ساياھەتكە كىلىدىغان ئادەم سانى كۆپ بولغان ئاپتونۇم رايۇن بويىچە 4A دەرىجىلىك ساياھەت رايۇنى بۇلۇپ قۇرۇلدى.

2) تۆمۈر چوققا ساياھەتچىلىك رايۇنى: ــ تۇمۇر چوققا ساياھەتچىلىك رايۇنى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ئېتىكىگە جايلاشقان بۇلۇپ، تاغلاق چارۋىچىلىق فىرمىسىنىڭ تۈزلەڭلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ناھىيە مەركىزى بىلەن بولغان ئارلىقى 74 كىلومېتىر كىلىدۇ. 80-يىللاردىن كېيىن، بۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىكى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، چەتئەل ساياھەتچىلىرىنىمۇ ئۆزىگە جەلىب قىلدى.

ئونسۇ ناھىيىسى تاغلاق چارۋىچىلىق فىرمىسىدىكى نۇشقا يايلىقى

بۇنىڭ بىلەن بىر قەدەر نامىرات بولغان بۇ تاغلىق رايۇننىڭ 3- كەسپى تېز تەرەققى قىلىپ، قاتناش، يىمەك – ئىچمەك، مىھمانخانا بىرگەۋدىلەشكەن ئېچىۋىتىلگەن ساياھەت بازىسىنى شەكىللەندۈرىدى. تاغلاق چارۋىچىلىق فىرمىسىدىكى دېھقان چارۋىچىلار ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى (يارلىك مەھسۇلاتلىرىنى) ساياھەتچىلەرگە سېتىپ، ئۆز بايلىقىدىن ئۇنۈملۈك پايدىلىنىپ، شەخسى كىرىمنى يىلدىن – يىلغا ئاشۇردى.

2008- يىلى ئاپتونۇم رايۇننىڭ يول قۇرۇلۇشى ياخشىلاش خىراجىتى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جام بازىرىدىن تاغلاق فىرمىسىنىڭ ساياھەت بازىرىغىچە بولغان ئارلىقتىكىق يولنى ياخشىلاپ، بۇ يولنىڭ بېشىدا بۇ يول ئۇمۇميۈزلۈك ئاسفلىتلاشقان يولغا ئايلىنىپ، ساياھەتچىلارنىڭ قاتناشتا غەم قىلدىغان قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

3) چوڭ جىلغا ساياھەتچىلىك رايۇنى ــــ چوڭ جىلغا ساياھەتچىلىك رايۇنى تېغى يېقىنقى يىللاردا بايقالغان ۋە مەبلەغ سېلىنىپ ئېچىلغان رايۇن بۇلۇپ «داشىياگو» دېگەن ئىسىم بىلەن ۋىلايەت تەۋەسىدە داڭلىق بولغان ساياھەتچىلىك نۇقتىسىغا ئايلانماقتا. بۇ رايۇن تاغلاق چارۋىچىلىق فىرمىسى بىلەن بۆزدۆڭ چارۋىچىلىق فىرمىسىنىڭ چىگرىسىغا جايلاشقان بۇلۇپ، ئاجايىپ – غارايىپ تاش ئۆڭكۈر، تاش مۇنار، تاش قاپارتما ۋە ھەيۋەتلىك سۈرلۈك جىلغا مەنزىرىسى بىلەن ساياھەتچىلەرنى جەلىب قىلىدۇ. بۇ رايۇننىڭ ناھىيە مەركىزى بىلەن ئارلىقى 54 كىلومېتىر كىلىدۇ. يوللىرى پۈتۈنلەي ئاسفالىتلاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا ساياھەتچىلىك نۇقتىلىرىدىن يەنە بۆزدۆڭدىكى چوڭ قوزىباي ۋە كىچىك قوزىباي ساياھەتچىلىك رايۇنى، تاغلاقتىكى چوڭ تىرەڭ ، كىچىك تىرەڭ ساياھەتچىلىك رايۇنى، تۇمشۇقتىكى تىلمىش مازار ساياھەتچىلىك نۇقتىسى، ئونسۇ بازىرىنىڭ شەرقى شىمالى قىسىمىغا جايلاشقان يار باغ ساياھەتچىلىك نۇقتىسى قاتارلىقلار. ئونسۇ بازىرىنىڭ شىمالى، يار ئۈستىگە جايلاشقان ئۇزۇنلۇقى 6 كىلومېتىر، كەڭلىكى 2 كىلومېتىرغا سوزۇلغان قەدىمى قەبرىستانلىق مەنزىرلىرى، شۇنداقلا ئاجايىپ – غارايىپ يارداڭلىق مەنزىرلىرى تەڭرىتاغ كىنو سېتودىيىسى تەرپىدىن ئىشلەنگەن نۇرغۇن كىنو فىلىملەردە ئۆزنىڭ ئاجايىپ ھەيۋەتلىك مەنزىرلىرى ئارقىلىق مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا داڭلىق بۇلۇپ كەلمەكتە.

مەنبە: «ئونسۇ تەزكىرىسى، ئونسۇ تارىخ تەزكىر ماتېرىياللىرى، بۈگۈنكى شىنجاڭ» دىگەن كىتابلاردىن ئېلىندى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
دىلسار + 100

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15689
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 07:39:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ بەلەن يەركەن،بىر بېرىپ باقساق بۇلىدىكەن................... [s:166]

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21965
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6044
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2014-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 07:50:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئۇنسولۇق مەنزرسى ھەققەتەن ياخشى  [s:122]

ئۇيغۇر ئوغلانى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11677
يازما سانى: 984
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13061
تۆھپە نۇمۇرى: 492
توردا: 6475 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2013-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 12:52:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرمىش ئاتام مازىرى دىگەننى ئاڭلاپتىكەنمەن ،لىكىن باشقىسىنى ئاڭلىمىغانكەنمەن ،قەشقەردىمۇ ئۇنداق مەنزىرە ساياھەت ئورۇنلىرى ،كۆپ،ھىيتىكاھ جامەسى، ئاپپاق خوجا مازىرى،يۇسۇپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى ،مەھمۇد قەشقىرى مەقبەرىسى،كونىشەھەر قەدىمىي ئىمارەت ساياھەت رايۇنى  ...ئىشقىلىپ جىق ،يىقىندا تېخى مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ساياھەت شەھرىنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى...

ياشاش ھەر بىر نەپەس بەدىلىگە ھىساب بىرىشتۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4262
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8423 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 08:53:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئونسۇغا كىلىشىڭلارنى قىزغىن قارىشى ئالىمەن

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23579
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4000
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2011-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-18 07:18:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز، رەسىمىنى يوللىۋەتكەن بولسىڭىزچۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش