مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1207|ئىنكاس: 15

مېنى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكۈزگەن نەرسە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 536
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9300
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 2287 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 01:33:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نىمە مېنى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكۈزدى



شاڭخەي دېڭىز تېرانسىپورتى ئېنىستوتىدىن كوڭ شۇ

ناھيىتى يىراق، بىر چەت يېزىدىكى دىخاننىڭ بالىسى بولغان مەن ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغانلىقىمنى ئاڭلىغاندا، خوشلۇقتىن بۆكۈمنى ئاسمانغا ئاتقانئىدىم .خۇداغا رەھمەت، گەرچە بۇ پۇرسەتنى ئۇنىڭ مۇنداقلا بەرمىگەنلىكىنى بىلسەممۇ. دادامنىڭ خۇشاللىقى مېنىڭ خۇشاللىقىمغا تېخىمۇ ئوت تۇتاشتۇرۋەتتى. شۇ كۈنلەردە ئۇ نەگىلا بارسا، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئەل-ئاغىنىلىرى، ئۇرۇغ-تۇققانلار، قوشنىلار ۋە مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئۇنى مۇبارەكلەپ ئاغىزلىرى يۇمۇلماي قالاتتى. ئۇ نېمشلا قىلسۇن ، چىرايىدا ئاپتاپتەك كۈلكە ئويناپ ،بوم ئاۋازى بىلەن بىرە ناخشىغا غىڭشىغىنىچە قىلاتتى. بۇ خۇددى ئۇمۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانغا ئوخشاپ قالغانتى. بىراق، مەن دادامنىڭ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى تۈزۈك مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەنلىكىنى بىلەتتىم.
شۇڭلاشقىمۇ ئۇ مېنىڭ ئوقۇشۇمغا بەكمۇ كۆڭۈل بۆلەتتى، ۋە يەنە شۇڭلاشقىمۇ مېنىڭ جاپا ئېتىزىدىن قۇتۇلغىنىمنى ئاڭلاپ بەكلا خۇش بۇلۇپ كەتكەنئىدى.
باشلانغۇچنىڭ تۆتىنچى سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان يىلى، مېنىڭ ئوقۇشۇم دېگۈدەك ياخشى ئەمەس ئىدى. ئەتە يازلىق تەتىل باشلىنىدۇ دېگەن كۈنى كەچلىكى،دادام مەندىن ئوقۇشۇمنىڭ قانداقراق كېتىپ بارغانلىقىنى سوراپ قالدى . مەن خوش ياقمىغاندەك، شۇ ، بوپ قويىدۇ دەپ قويدۇم. دادام باشقا بىر نەرسە دېمىدىيۇ، چارلاشقان شالاڭ چاچلىرىنى بارماقلىرى بىلەن چىڭ تۇتقىنىچە خېلى ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتى.
بىراق ، ئەتىسى ناھايىتى ئەتتىگەن تاتلىق ئۇيقۇمدىن ئويغۇتۇلدۇم ۋە دادامنىڭ ئېتىز -ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەمدە بۇلۇشقا چاقىرىلدىم. شۇ كۈندىن باشلاپ ، ھەر كۈنى تاڭ سۈزۈلمەستە ئونۇمدىن تۇرۇپ ئېتىزغا چىقسام، كەچلىكى قاراڭغۇ چۈشۈپ يۇلتۇزلار چىمىرلاشقا باشلىغاندا ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. دادام مېنىڭ قىلالىشىمچە ئېغىر ھەم پاسكىنا ئىشلارغا بۇيرۇيىتتى. قىغ قويۇپ ئوغۇتلاش، يەر ئاغدۇرۇش، ئاغدۇرۇلغان يەرنى تەكشىلەش، ئوتاش ۋە باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىسنى قىلدۇق .
ئاجايىپ ئىش ، ھەر بىر كۈن ماڭا ئاز دېگەندىمۇ 48 سائەتتەك، بۇ تەتىل تۈگىمەيدىغاندەك، ۋاقىت بەكلا ئۇزۇراپ كەتكەندەك بىلنەتتى. تەتىل ئاياقلىشىۋاتقان بىر كۈنى ئەينەككە قاراپ چۆچۈپ كەتتىم. ئەينەكتە قارۋاش چىرايىنى كىر-مەينەت باسقان 20ياشلاردىن ئاشقان بىرسى چۆچىگەن كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ تۇراتتى.
تەتىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئۆيدىكىلەر كەچلىك تاماققا ئولتۇرغاندا دادام ماڭا، ئەتىدىن باشلاپ بىر ياخشى ياردەمچىمدىن ئايرىلىپ قالىدىغىنمغا كۆڭلۈم يېرىم بۇلىۋاتىدۇ دېدى. -
- بىراق مەن خېلى خۇشال  دادا - مەن تىلىمنىڭ ئۇچچىدىكى گەپنى دېۋەتتىم.
- ھە ، بۇ گېپىڭدىن قارىغاندا ئېتىز ئىشلىرىنى ياقتۇرمايدىكەنسەندە ؟
-ياقتۇرماسلىق؟ ياق ، ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە ، ئۆچ كۆرىمە . ئۇ ئشلار كېچىكلا بىر بالىنى چوڭ ئادەم قىلىپ قويىدىكەن، چوڭ ئادەمنى بولسا قېرىتىپ ئاخىرى قەبرىگە ئۇزۇتۇپ قويىدىكەن.دېخانچىلىق دېگەن بەك جاپالىقكەن.
- دېخانلارنىڭ ئېغىر ئىشلارنى قىلىپ جاپا-مۇشاقەت تارتىپ ياشاپمۇ يەنە جەمىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىن ئورۇن ئېلىشى بۇ بىر ئەمەلىيەت . بىراق ، مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆزۈڭنىڭ نىمە ھەم كىم ئىكەنلىكىڭدىن خىجىل بولما، ھەرگىز نۇمۇس ھېس قىلما. ئادەم قانداق ئائىلىدە تۇغۇلۇشنى ئۆزى تاللىيالمايدۇ. ئەمما، باشقىچە ئېيىتقاندا، يېڭى پارلاق كەلگۈسىنى تاللاي دېسەڭ بۇ سەن ئۈچۈن مۇمكىن. ئىنىق ئېيىتقاندا، بىرلا يول بىلىم ئېلىش. سېنىڭ ئوقۇشۇڭنىڭ ناچار بولىشىغا ھېچقانداق بانا-سەۋەبىڭ يوق. ئەكسىچە، ئۆزۈڭگە ئىشەن، ئوغۇل بالا ئەركەكتەك بول! شۇندىلا ياخشى، ياخشىراق ھەتتا ئەڭ ياخشى قىلالايسەن، قىلىشىڭ كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلالمىساڭ، ئۆمرۈڭ بويى ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشلىرنى ئوبدان قىلالايدىغانلىقىڭ ماڭا ئايان .(ساڭا ئوبدان كەتمەندىن بىرنى ياسىتىپ قويىمەن. )بىر 12ياشلىق بالا ئۈچۈن ئېيىتقاندا، بۇ گەپلەر بەلكىم ئازراق چۈشنىكسىزدۇ. بىراق مەن ھەممىنى چۈشەندىم. بەلكىم، شۇ تەتىلدە قىلغان ئىشلار ئەقلىمنى ئۇلغايىتقان بولسا كېرەك.
مەكتەپكە قايىتقاندىن كېيىن مەن قاتتىق تىرىشىپ ئۆگەندىم. نەتىجىدە ئۆگىنىشتە تىزلا ئالغا باستىم ۋە ناھىيە بۇيىچە ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتتۈم. ئاخىرى، ھازىرقى مەكتىپىمگە ئۆتتۈم.
مەن زادى نىمىشقا ئالىي مەكتەپكە بارالدىم؟ مېنى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكۈزگەن-ئەشۇ يازلىق تەتىل بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ۋە ياكى دادامنىڭ ئىلھاملاندۇرۇپ ئېيىتقان سۆزلىرى ۋە ياكى باشقىلار ...

ئېنگلىزچە <<ئوقۇشلۇق>> تىن دوستۇم تەرجىمىسى


بەرگىن سېنى سۆيگەنلەرگە تەبەسسۇم، دۈشمىنىڭگە قالدۇر ئاھۇ-ھەسرەتنى.   قايرىپ قويۇپ ھەرخىل سەۋەب،قىسمەتنى، بېغىشلىغىن دوسىتلىرىڭغا قەلبىڭنى. _ بىرۇن

ئاللاھتىن ھەممى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23302
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11882
تۆھپە نۇمۇرى: 320
توردا: 1280 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2012-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 02:29:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئۇسۇل ياخشى ئىكەن ،مېنىڭ بالامۇ مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمايدۇ .ئەتىگگدىن كەچكىچە قېتىق ساتقۇزايمىكىن

ئادەمنىڭ روھى چۇشسە ئۇنىڭ ئېتىمۇ چاپالمايدۇ......چىڭگزخان

ئېنگىلىزتىلى ئۈ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22920
يازما سانى: 915
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3718
تۆھپە نۇمۇرى: 661
توردا: 2041 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 02:32:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەرجىمە قىپسىز.بولسا تىخىمۇ بوشاشماي،كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغايسىز.

ئېنگىلىزتىلى ئۈگىنەمسىز؟www.tilhumar.biz

ئىنسان_ ھامان ئۆ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24665
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9000
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1856 سائەت
تىزىم: 2011-1-1
ئاخىرقى: 2013-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 02:41:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئۇسۇل ياخشى ئىكەن ، سىناپ باقسا بۇلغۇدەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12280
يازما سانى: 2124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28993
تۆھپە نۇمۇرى: 756
توردا: 3438 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 02:46:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەرجىمە قىلىپ سىز  ..ئالىي مەكتەپتىكى ۋاختىم بۇلغان بۇلسا ئۆگۇنۋالاكەنمە..

باشتا كۇلگەن نوچى ئەمەس، ئاخىرغىچە كۇلگەن نۇچى
گۈلىستا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 02:46:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23142
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6433
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 819 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2011-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 03:06:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەرجىمە قىلىپ سىز  ..ئالىي مەكتەپتىكى ۋاختىم بۇلغان بۇلسا ئۆگۇنۋالاكەنمە..

كۆ ڭۇل  كۆڭۇلدن  ،     سۇ  ئىچەر

سەبىر قىلاي،شۈكرى.ئۇف

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 6235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29074
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 2072 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 03:06:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا مۇشۇنداق جانغا ئەسقاتقۇدەك تەرجىمىلەرنى ھەر ۋاقىت تەرجىمە قىلىپ تۇرغايسىلەر .. [s:166]  [s:166]

ئارزۇيۇم ئاددي ھەم بۈيۈك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14234
يازما سانى: 1706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12358
تۆھپە نۇمۇرى: 382
توردا: 2177 سائەت
تىزىم: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 03:10:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولىدىغان ئۇسۇلكەن جۇما  !!!!!!!!! [s:166]

قولۇمداقەلەم   ،  يۈرەكتە ئەلەم !يۈتمىسۇن غورور،تەۋرىسۇن ئالەم !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4262
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8423 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 05:31:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز، داۋاملىق ياخشى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش